ساجىيە مەدرىسەسى

«ساجىيە مەدرىسەسى» مىلادى 926 – يىلى سۇلتان ساتۇق بۇغراخان (مۇسۇلمانچە ئىسمى ئابدۇلكەرىم) تەرىپىدىن قۇرۇلغان مەدرىسە بولۇپ، ئۇ يەنە سۇلتان ساتۇق بۇغراخان مەدرىسەسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

مەدرىسە: ئىسلام دىنى بويىچە بىلىم تەھسىل قىلىدىغان ئالىي مەكتەپ، بىلىم يۇرتى دېگەن مەنىدە بولسا، ساجىيە دېگەن سۆزنىڭ ئەسلى: ساچىيەر بولۇپ، «ساچ» قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىدا چېچىش، يېيىش، دېگەن مەنىدە بولغاچقا، ساجىيە مەدرىسەسى: ئىلىم – پەن نۇرىنى چاچىدىغان ئالىي مەكتەپ دېگەن بولىدۇ.

مىلادى 926 – يىلى قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ ئۈچىنچى ئەۋلاد پادىشاھى سۇلتان ساتۇق بۇغراخان سامانىيلار خانلىقىنىڭ شاھزادىسى، ئىسلام دەۋەتچىسى يېتۈك ئالىم ئەبۇ نەسر سامانىينىڭ دەۋەت قىلىشى بىلەن تۇنجى بولۇپ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلدى ھەمدە ئۇزۇن ئۆتمەي ئىسلام دىنىنى دۆلەت دىنى قىلىپ بىكىتتى. شۇنىڭدىن باشلاپ قاراخانىيلار دەۋرىدىكى تۈركىي مىللەتلەر ئىسلامىيەت دەۋرىگە قەدەم قويدى. ئىلگىرى – ئاخىر بولۇپ ئىسلام دىنىغا كىرگەن كەنت، مەھەللىلەردە مەسجىد قىلىنىپ، مەسجىدنىڭ يېنىغىلا مەكتەپ (مەدرىسە) بىنا قىلىناتتى، شۇنىڭ بىلەن ئىسلام مەدەنىيىتى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە سىڭىپ كىرىپ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تېخىمۇ بېيىتتى. بۇ مەزگىلدە قەشقەر قايتىدىن مەدەنىيەت مەركىزىگە ئايلاندى.

سۇلتان ساتۇق بۇغراخان ئىسلام نۇرىنى چاقنىتىپ ئىلىم تارقىتىش مەقسىتىدە ئۇستازى ئەبۇ نەسر سامانىينىڭ تەشەببۇسى بىلەن تۇنجى بولۇپ قەشقەر ئاتۇشتىكى مەشھەدتە «مەدرىسەئى ساجىيە»نى ئاچقان. بۇ مەدرىستە دىنىي بىلىملەر، ئاسترونومىيە، تەبىئەتشۇناسلىق، تىل – ئەدەبىيات ۋە ھېساب دەرسلىرى ئوقۇتۇلۇپلا قالماي يەنە ئارستوتىل، فارابىي، خارەزمىي قاتارلىقلارنىڭ پەلسەپىلىرى ۋە شەرق كلاسسىكلىرىدىن ئابدۇراخمان جامىي، نەۋائىي، شەيخ سەئدىي قاتارلىقلارنىڭ ئەسەرلىرىمۇ قوشۇپ ئوقۇتۇلغان، ھەر يىلى ھەممە ئىقلىملاردىن مىڭلاپ ئوقۇغۇچىلار كېلىپ ئىلىم تەھسىل قىلغان.

ساجىيە مەدرىسەسىدە ئوبۇل ھەسەن سەيىر ھاتەم، سەيىر جالالىدىن باغدادىي، جامالىدىن كاشىغەرىي قاتارلىقلار دەرس ئۆتكەن بولۇپ بۇ مەدرىستە ئوقۇغانلاردىن نۇرغۇنلىغان مەشھۇر زاتلار، ئالىم، تېۋىپ، ھۈنەرۋەن، دانىشمەنلەر يېتىشىپ چىقىپ دۇنياغا تونۇلغان. مەسىلەن، بۇ مەدرىستىن دەسلەپتە يېتىشىپ چىققانلاردىن ئەللامە راشىدىن كاشىغەرىي، ئۆز دەۋرىنىڭ ئاتاقلىق مۇدەررىسى ۋە تارىخچىسى ئابدۇغاپپار ئىبنى ھۈسەيىن كاشىغەرىي، جەرراھ ئىمامىدىن كاشىغەرىي، مەھمۇد كاشىغەرىي، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، مەھمۇد كاشىغەرىينىڭ ئۇستازى ھۈسەيىن خەلەف كاشىغەرىي قاتارلىقلار بار. بۇلاردىن بەزىلىرى بۇ مەدرىستە ئۇزۇن يىل مۇدەررسلىك قىلغان.

كېيىنكى دەۋردە ئوقۇغان ۋە يېتىشىپ چىققان ئالىملاردىن شائىر، تارىخچى، جامائەت ئەربابى، مەھمۇد ھېكىم بەگ، سالىھ داموللا ھاجىم (بۈگۈنكى دەۋردىكى بۈيۈك دىنىي زات، ئۇستازىمىز مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىمنىڭ ئاتىسى)، شائىر ۋە ئۆتكۈر مەسخىرىچى ئەمەت داموللام، جاھالەتكە قارشى پىداكار جەڭچى ئابدۇقادىر داموللام، مەۋلىۋى داموللا ھاجىم، خەلق شائىرى، مەنبەشۇناس ئەبۇبەكرى زەلىلى، شائىر مۇھەممەد يۈسۈپ تۈركىي، جامائەت ئەربابى ئابدۇراخمان يۈسۈپ قاتارلىقلار بار.

ساجىيە مەدرىسەسى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىنكى تۇنجى بىلىم يۇرتى بولغاچقا، بۇ مەدرىس ئەينى دەۋردىن باشلاپلا دىنىمىزنىڭ تارقىلىشىدىكى ئەڭ ئاساسلىق ئامىللارنىڭ بىرى بولۇپ كەلگەن ھەم كېيىنكى دەۋرلەرگە كەلگەندە قەشقەردىمۇ تارماق مەدرىسىلىرى قۇرۇلۇپ نۇرغۇنلىغان ئىلىم ئەھلىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىپ، ئۇيغۇر مائارىپچىلىق ھەرىكىتىنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە ئۇل سالغان. تارىختىن باشلاپلا ساجىيە جاھالەتنى قوغلاپ، كىشىلەر قەلبىنى ئىلىم نۇرلىرى بىلەن يورىتىپ كەلگەچكە، گەرچە قەدىمكى ساجىيەنىڭ ئىزلىرى يوقالغان بولسىمۇ، ئىسمى دىللاردا يادلىنىپ تىللاردا تارقىلىپ كەلمەكتە ھەم ساجىيە نامىدا ھەرخىل تىل تەربىيىلەش مەكتەپلىرىمۇ ئېچىلماقتا.

بۈگۈنكى كۈندە ئۇستاز، دوكتور ئابدۇلئەزىز ئەينى دەۋردىكى بىلىم بۇلىقى بولغان ساجىيە مەدرىسەسىنىڭ سىماسىنى تور دۇنياسىدا قايتا نامايان قىلىپ ئىلىم سۆيەر خەلىقىمىزنىڭ مەنىۋى جەھەتتىكى تەشنالىقىنى قاندۇرۇش ۋە دىنى ئىز باسارلارنى تەربىيەلەپ، ئەجدادلىرىمىزنىڭ قولىدىن قولىغا ئۆتۈپ كېلىۋاتقان ساجىيە مەدرىسەسىنىڭ ئىلىم مەشئىلىنى ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىۋاتىدۇ.

دوكتورنىڭ خەلقىمىزگە بولغان بۇ جانكۆيەرلىكىنى كۆرۈپ، ئۆزىمىزدىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن قىسقىچە بولسىمۇ ساجىيە مەدرىسەسىنى تونۇشتۇرۇش، مۇشۇ ئارقىلىق دوكتورنى روھى جەھەتتىن ئازراق بولسىمۇ قوللاش مەقسىتىدە بۇ يازمىنى تەييارلىدۇق.

كۆكلەم.

2011 – يىل 5 – ئاينىڭ 24 – كۈنى.

ئەزىزانە قەشقەر.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز