ئىككى جايدا ئۆيى بار كىشى نامازنى قەسىر قىلامدۇ؟

ئىككى جايدا ئۆيى بار كىشى نامازنى قەسىر قىلامدۇ؟

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، بىزنىڭ يېزا بىلەن ناھىيە بازىرىنىڭ ئارىلىقى 100 كېلومېتىردىن ئاشىدىغان بولۇپ، مۇساپىسى نامازنى قەسىر قىلىپ (قىسقارتىپ) ئوقۇش شەرتىگە چۈشىدۇ. مەن ئىلگىرى مۇشۇ تەلەپ بويىچە نامازنى قەسىر قىلىپ ئوقۇيتتىم. بىراق، ئىككى يىل بولدى، مەن ناھىيە بازىرىدىن ئۆي سېتىۋالدىم. ھەم شۇ كۈندىن باشلاپ ھەر ئىككى جايدا نامازنى تولۇق ئوقۇدۇم. بىراق، بەزى بۇرادەرلىرىم: «سىزنىڭ يېزىدا تۇرىدىغان ۋاقتىڭىز كۆپ بولغاچقا، يېزىدا تولۇق ئوقۇيسىز، ناھىيە بازىرىغا كىرگەندە قەسىر قىلىپ ئوقۇيسىز» دەپ، مېنى ئىككىلەندۈرۈپ قويدى. مەن قانداق قىلسام بولىدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

مەزكۇر ئەھۋالدا ئىككى ئۆي ئارىلىقى 85 كىلومىتېردىن ئاشقان بولغاچقا، ئارىلىقتا يولغا چىققان ۋاقتىڭىزدا قەسىر قىلىپ ئوقۇيسىز. ھەر ئىككى ئۆيدە تۇرغىنىڭىزدا نامازنى تولۇق ئوقۇيسىز. چۈنكى، سىز ئۆيىڭىز بار جايغا بېرىش بىلەنلا، سەپەر ھۆكمى ئاخىرلاشقان بولۇپ، سەپەردە قەسىر قىلىش رۇخسىتىدىن پايدىلىنالمايسىز. بىرسىدە مەيلى ئاز تۇرۇڭ، مەيلى ئۇزۇن تۇرۇڭ ئوخشاش.

ئەتاﺋ ئىبنى ئەبى راباھ ئېيتىدۇ: مەن ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن:

— ئەرەفاتقا بارغىنىمدا قەسىر ئوقۇمدىمەن؟ — دەپ سورىسام، ئۇ:

— ياق، لېكىن جۇددەگە، ئۇسفانغا ۋە تائىفقا(1) بارغىنىڭدا قەسىر ئوقۇيسەن. ئائىلەڭ ياكى مال – ۋارانلىرىڭ بار يەرگە كەلگىنىڭدە، ئاندىن تولۇق ئوقۇغىن، — دېدى.(2)

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1433، 9 – رامازان / م. 2012، 29 – ئىيۇل

«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 2 – توم، 29 – نومۇرلۇق پەتۋا.

—————
1. ئىمام مالىك: مەككە بىلەن تائىف، جۇددە ۋە ئۇسفان قاتارلىق جايلارنىڭ ئارىلىقى 4 بەرىد (يەنى، 85 كىلومېتىر ئەتراپىدا) كېلىدۇ، دېگەن. قاراڭ: نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 4/274.
2. ئەبۇلئابباس: «مۇسنەدۇل ئىمامىششافئىي»، (525)؛ بەيھەقىي: «ئەسسۈنەنۇل كۇبرا»، (5282)؛ «ئىبنى ئەبى شەيبە»، (8140). «ئابدۇرراززاق»، (4297).

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ