ئىمام ھەسەن بەننا

ئىمام ھەسەن بەننا

(ھ. 1324 – 1368 / م. 1906 – 1949)

 

تۇغۇلۇشى ۋە ئۆسۈپ يېتىلىشى

ھەسەن بەننانىڭ تولۇق ئىسمى ھەسەن ئەھمەد ئابدۇرراھمان بەننا بولۇپ، 1906 – يىلى ئۆكتەبىرنىڭ 14 – كۈنى مىسىرنىڭ بەھىيرە ئۆلكىسى مەھمۇدىيە شەھىرىدە ئوتتۇرھال دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ ئائىلىسى بەھىيرە ئۆلكىسى مەھمۇدىيە شەھىرىدىكى فۇۋۋە ناھىيىسى ئىدفىنا يېزىسىدا تېرىقچىلىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىناتتى.

ئۇنىڭ بوۋىسى ئابدۇرراھمان تۇرمۇشى تۆۋەن دېھقان ئىدى. دادىسى شەيخ ئەھمەد ئانىسىنىڭ ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېرىقچىلىق ئىشلىرىدىن قول ئۈزۈپ، مەھەللىسىدىكى قارىيخانىغا كىرىپ «قۇرئان كەرىم» يادلىغان ۋە تەجۋىد قائىدىلىرىنى ئۆگەنگەن. ئاندىن ئىسكەندەرىيە شەھىرىدىكى ئىبراھىم پاشا مەسجىدىدە شەرىئەت بىلىملىرىنى ئوقۇغان. ئوقۇش ئارىلىقىدا قوشۇمچە سائەت رېمۇنت قىلىش دۇكىنىغا شاگىرتلىققا كىرىپ بۇ كەسىپنى پۇختا ئىگىلىگەن. شۇنىڭدىن كېيىن سائەت رېمۇنت قىلىش ۋە باشقا تىجارەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. شۇ سەۋەبتىن ئۇ «سائەتچى» دېگەن نام بىلەن تونۇلغان.

شەيخ ئەھمەد ھەدىسشۇناس بولۇش ئۈچۈن ئۆزىنى يېتىلدۈرگەن ۋە بۇ ساھەدە يېتىشىپ چىققان. ھەدىسشۇناسلىق ساھەسىدە نەتىجە يارىتىپ بىرقانچە ئەسەر يېزىپ قالدۇرغان. «ئىمام ئەھمەدنىڭ مۇسنەد ناملىق كىتابىنى رەتلەشتىكى ئاللاھنىڭ ئىلھامى» ناملىق ئەسەر ئەنە شۇ نەتىجىلەرنىڭ بىرى. مانا مۇشۇ كىشىنىڭ تەربىيەسىدە ھەسەن بەننا يېتىشىپ چىققان ۋە دادىسىنىڭ كۆپلىگەن خاراكتېرىنى ئۆزلەشتۈرگەن. شۇنداقلا دادىسىنىڭ قولىدا سائەت رېمۇنت قىلىش ۋە كىتاب مۇقاۋىلاش ھۈنىرىنى ئۆگەنگەن.

ھايات سەپىرىنىڭ باشلىنىشى

ھەسەن بەننا ئوقۇشنى مەھمۇدىيەدىكى قارىيخانىدىن باشلىغان، بىرقانچە قارىيخانىدا يۆتكىلىپ ئوقۇغان. قارىيخانىدا ئۆتكۈزگەن مۇددەت ئانچە ئۇزۇن بولمىغانلىقتىن، بۇ جەرياندا «قۇرئان كەرىم»نى تولۇق يادا ئېلىپ بولالمىغان. چۈنكى، ئۇ قارىيخانىلاردىن زېرىكىپ، ئۇ يەردە ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرالمىغان. شۇ سەۋەبتىن، دادىسىنىڭ نارازىلىقىغا قارىماي تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە كىرگەن. دادىسى ئۇنىڭ تولۇق قارىي بولۇشىنى كۆزلەيتتى. ھەسەن بەننا «قۇرئان كەرىم»نى ئۆيدە يادلاپ تۈگىتىشكە ۋەدە بەرگەندىن كېيىن ئاندىن دادىسى ئۇنىڭ تولۇقسىزدا ئوقۇشىغا قوشۇلغان.

تولۇقسىز مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن دەمەنھۇر شەھىرىدىكى بىرىنچى دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپىگە كىرگەن. 1923 – يىلى قاھىرەدىكى دارىلئۇلۇم فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن، 1927 – يىلى ئوقۇشنى تاماملىغان. ئۇ دارىلئۇلۇمغا ئوقۇشقا كىرگەن مەزگىل فاكۇلتېتنىڭ دەرس پروگراممىلىرى تازا ئۆزگىرىۋاتقان دەۋرگە توغرا كەلگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن تىل – ئەدەبىيات، شەرىئەت، جۇغراپىيە ۋە تارىخ بىلەن بىرگە بىئولوگىيە پەنلىرى، قانۇن – تۈزۈم ۋە سىياسىي ئىقتىساد دېگەندەك دەرسلەرنى ئۆگەنگەن.

ھەسەن بەننانىڭ يۇقىرىقى ساھەلەرگە تەۋە كىتابلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چوڭ كۇتۇبخانىسى بار ئىدى. ئۇنىڭدىن سىرت، مىسىردا نەشر قىلىنىۋاتقان «مۇقتەتاف (ئۈزۈندە)»، «فەتھ»، «مەنار» ۋە باشقا نەشرى ئەپكارلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 14 تۈرلۈك ژۇرناللارغا مۇشتەرى ئىدى. ئۇنىڭ كۇتۇبخانىسى ھازىرغا قەدەر ئوغلى سەيفۇلئىسلامنىڭ ئىلكىدە ساقلانماقتا.

ھەسەن بەننا ئىسمائىلىييە ۋىلايىتىدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپتە 19 يىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلغاندىن كېيىن، قاھىرە شەھىرىگە يۆتكىلىشنى ئويلىغان. 1946 – يىلى ئوقۇتقۇچىلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا سورىغاندا، ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرىگە بېرىلىدىغان بەشىنچى دەرىجىدىكى كادىرلىق مەنسىپىگە ئۆرلىگەن ئىدى. بۇ خىزمىتىدىن ئىستىپا بەرگەندىن كېيىن «مۇسۇلمان قېرىنداشلار كۈندىلىك گېزىتى»دە خىزمەت قىلغان. ئاندىن مۇستەقىل كىرىم مەنبەسى يارىتىش ئۈچۈن، 1947 – يىلدىن باشلاپ «شىھاب» (ئۇچقۇن) ناملىق ئايلىق ژۇرنالنى نەشر قىلغان. بىراق بۇ ژۇرنال 1948 – يىلى 12 – ئاينىڭ 8 – كۈنى «مۇسۇلمان قېرىنداشلار جامائىتى»نىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى بىلەن توختاپ قالغان.

ھەسەن بەننانىڭ ھاياتىدىن ئۈزۈندە

ھەسەن بەننا بىرقانچە دىنىي ئۇستاز ۋە ئالىملارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. ئۇلار قاتارىدا دادىسى شەيخ ئەھمەد، مەھمۇدىيەدىكى رەشاد مەدرىسەسى ۋە «ئىسئاد ژۇرنىلى»نىڭ ئىگىسى شەيخ مۇھەممەد زەھران، «جاۋاھىرۇل قۇرئان» ناملىق تەفسىرنىڭ ئاپتورى شەيخ تەنتاۋىي جەۋھەرىي قاتارلىقلار بار. تەنتاۋىي جەۋھەرىي مۇسۇلمان قېرىنداشلار جامائىتى بىرىنچى قېتىم نەشر قىلغان ژۇرنالنىڭ باش مۇھەررىرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن.

ھەسەن بەننا 1927 – يىلى دارىلئۇلۇم فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئىسمائىلىييە شەھىرىدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلغان. كېيىنكى يىلى يەنى 1928 – يىلى «مۇسۇلمان قېرىنداشلار جامائىتى»نى قۇرۇپ چىققان. لېكىن، ئۇ تەشكىلاتنى قۇرۇشتىن ئىلگىرى «مەنىۋى ئەخلاق جامائىتى»، مەھمۇدىيەدىكى «ھارام ئىشلارنى چەكلەش جامائىتى» ۋە دەمەنھۇر شەھىرىدىكى «تەسەۋۋۇف ھەسافىي سۇلۇكى» دېگەندەك بىرقانچە دىنىي جامائەت ۋە ئىجتىمائىي ئۇيۇشمىلاردا پائالىيەت ئېلىپ بارغان. شۇنداقلا 1927 – يىلى مۇسۇلمان ياشلار تەشكىلاتىنى قۇرۇشقا قاتناشقان ۋە بۇ تەشكىلاتقا ئەزا بولغان.

ھەسەن بەننا ئۆزى قۇرۇپ چىققان «مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى» تەرەققىي قىلىپ، جەمئىيەتنىڭ تۈرلۈك قاتلاملىرىغا كەڭرى تارىغان، 40 – يىللارنىڭ ئاخىرىدا مىسىردىكى ئەڭ كۈچلۈك سىستېمىلىق سىياسىي ئىجتىمائىي كۈچكە ئايلانغان. شۇنداقلا كۆپلىگەن ئەرەب ۋە ئىسلام ئەللىرىدە تارماق شۆبىلىرى ئېچىلغان.

ھەسەن بەننا ھەردائىم جامائىتىنى سىياسىي پارتىيە ئەمەس، ئىسلاھات مەزمۇنلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆزىگە جەم قىلغان، ساپ، سۈزۈك توغرا ئىسلامغا قايتىشقا ۋە ئىسلامنى ھايات پىرىنسىپى قىلىپ بەلگىلەشكە ھەرىكەت قىلىدىغان ئىدىيە، دەپ تەكىتلەيتتى.

ئۇنىڭ ئىسلاھات مېتودى تەربىيە ئۇسۇلىغا، نىشانلىنىۋاتقان ئۆزگەرتىش (ئىسلاھات) ئېلىپ بېرىش ھەرىكىتىدە تەدرىجىي يول تۇتۇشقا تايىنىدۇ. بۇ ئىسلاھات مېتودى مۇسۇلمان شەخس، مۇسۇلمان ئائىلە، ئاندىن مۇسۇلمان جەمئىيەت، ئاندىن مۇسۇلمان دۆلەت، ئاندىن ئىسلام خەلىفەلىكىنى شەكىللەندۈرۈشكە، ئاخىرىدا بارلىق ئىنسانلارنى توغرا يولغا يېتەكلەش ئۈچۈن دۇنياغا ئۇستازلىق قىلىش باسقۇچىغا يېتىشنى نىشانلايدۇ.

ھەسەن بەننا 1928 – يىلدىن تارتىپ 1949 – يىلغىچە بولغان 20 يىل جەريانىدا «مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى»نى يېتەكلەپ ماڭىدۇ. «ۋەفد پارتىيەسى» ۋە «سەئد پارتىيەسى» بىلەن بىرقانچە سىياسىي كۈرەشلەرگە قاتنىشىدۇ، بىراق تەشكىلاتنىڭ ئاساسلىق كۈچىنى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ھالقىلىق باسقۇچقا يەتكەن مىسىرنىڭ ۋەتەن مەسىلىسىگە قارىتىدۇ. شۇ ۋاقىتتا مۇستەملىكىچى ئەنگىلىيە ۋەتەننىڭ تەلىپىگە ماقۇل بولغانغا قەدەر ئەنگلىيىگە بېسىم قىلىش ئۈچۈن مىسىرنى فوندستېرلىڭ پۇل بىرلىكىدىن چىقىپ كېتىشكە چاقىرىدۇ. مۇشۇ مەقسەتلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قېرىنداشلار بىرقانچە قېتىم قۇرۇلتاي ئاچىدۇ ۋە ۋەتەننىڭ ھەققىنى تەلەپ قىلىپ نامايىش ئۆتكۈزىدۇ. شۇنداقلا سۇۋەيش قانىلى رايونىدا ئەنگىلىيە ئوفىتسېرلىرى ۋە ئەسكەرلىرىنىڭ بىرقانچىسىنى مەخپىي ئۇجۇقتۇرىدۇ.

پەلەستىن مەسىلىسى

ھەسەن بەننا پەلەستىن مەسىلىسىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئۇنى بارلىق ئىسلام دۇنياسىنىڭ مەسىلىسى دەپ قارايدۇ. ئۇ داۋاملىق «ئەنگىلىيەلىكلەر بىلەن يەھۇدىيلار ئىنقىلاب، كۈچ كۆرسىتىش ۋە قان تىلىدىن باشقا بىر تىلنى چۈشەنمەيدۇ» دەپ تەكىتلەيدىغان ئىدى. ئۇ غەرب دۇنياسى بىلەن يەھۇدىيلارنىڭ تىل بىرىكتۈرۈپ ئىسلام دۇنياسىغا قارشى ئىتتىپاق ئورناتقانلىقىنى ھېس قىلغانىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇ 1947 – يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىن پەلەستىننى پارچىلاش توغرۇلۇق چىققان قارارنى رەت قىلىپ، پەلەستىن زېمىنىنىڭ ئەرەب مۇسۇلمان زېمىنلىق ھالىتىنى ساقلاپ قېلىشى ئۈچۈن، پەلەستىن زېمىنىدا جىھاد قىلىشقا بارلىق مۇسۇلمانلارنى چاقىرغان، بولۇپمۇ «مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى»غا ئالاھىدە چاقىرىق قىلغان.

ئۇ بۇ توغرىدا: «قىيامەت كۈنى بولغانغا قەدەر پۈتۈن پەلەستىن زېمىنىنىڭ ئەرەب مۇسۇلمان زېمىنى ھالىتىدە ساقلىنىپ قېلىشى ئۈچۈن مۇسۇلمان قېرىنداشلار جانلىرىنى ۋە ماللىرىنى تەقدىم قىلىدۇ» دەيدۇ. 1948 – يىلى 6 – ماي كۈنى مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلما ھەيئىتى مۇستەملىكىچى يەھۇدىيلارغا قارشى مۇقەددەس جىھادنى ئېلان قىلىدىغان بىر قارارنى چىقارغان. ھەسەن بەننا 1948 – يىلدىكى ئۇرۇشتا مۇسۇلمان قېرىنداشلار مۇجاھىدلىرىدىن پىدائىيلارنى ئەۋەتكەن. مانا مۇشۇ مەسىلە 1948 – يىلى مىسىر ھۆكۈمىتىنىڭ «مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى»نى ئەمەلدىن قالدۇرۇۋېتىشى ئۈچۈن قارار تەستىقلىشىنىڭ سەۋەبلىرىنىڭ بىرىدۇر. نەتىجىدە بۇ قارار «مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى» بىلەن نۇقراشىي رەھبەرلىكىدىكى ھۆكۈمەت ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىشىگە سەۋەب بولغان.

مۇسۇلمانلارنى ئىككى ئەسىردىن بۇيان مەشغۇل قىلىۋاتقان ۋە بېشىنى قاتۇرۇۋاتقان ئويغىنىش مەسىلىسىدە ھەسەن بەننانىڭ جانلىق توغرا قاراشلىرى ۋە ئۆتكۈر نەزەرىيەلىرى بار ئىدى. ھەسەن بەننا ئويغىنىش مەسىلىسىنى بىر تەرەپتىن ياۋروپاغا مۇستەملىكە بولۇش ۋە تەۋە بولۇشتىن ئازاد بولۇشقا؛ يەنە بىر تەرەپتىن، مۇسۇلمانلار قولغا كەلتۈرۈشكە تېگىشلىك بولغان ئىلمىي تەرەققىياتقا باغلىغان ئىدى.

ھەسەن بەننا بۇ توغرىدا: «ئەگەر بىز چەتئەلنىڭ ئارىلىشىۋېلىشىدىن ۋە دەخلى – تەرۇز قىلىشىدىن ئۆزىمىزنى ئازاد قىلمىساق ئەھۋالىمىز ياخشىلانمايدۇ ۋە ئىچكى جەھەتتىكى ئىسلاھات پىلانىمىز ئىشقا ئاشمايدۇ» دېگەنىدى.

ئۇ يەنە: «ئىسلام ئۈممىتى ئىلىم – پەنسىز ئويغىنالمايدۇ، تەرەققىي قىلالمايدۇ، كافىرلار ئىلىم – پەننىڭ ياردىمى بىلەن بىزگە خوجايىن بولغان» دېگەن.

ئۇ مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆرپ – ئادەت، ئىستىل ۋە يۈرۈش – تۇرۇشتا ياۋروپاغا تەۋە بولۇپ قېلىشى مۇسۇلمانلارنىڭ مۇستەقىللىق ۋە ئويغىنىش ھەرىكەتلىرىگە توسالغۇ بولۇپ قالىدۇ، دەپ قارايتتى. ئۇ بۇ توغرىدا: «ياۋروپادىن قۇتۇلۇشىمىز كېرەك دەپ، پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن جار سېلىپ ۋە ياۋروپانىڭ مۇستەملىكىچىلىكىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ تۇرۇپ، شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ياۋروپانىڭ ئۆرپ – ئادەتلىرىنى ئۇلۇغ بىلىپ، ئادەتلىرىگە كۆنۈپ ۋە تاۋار – ماللىرىنى يەرلىك مەھسۇلاتلىرىمىزدىن ئارتۇق كۆرىشىمىز زىتلىق پەيدا قىلمامدۇ؟!» دېگەن.

ھەسەن بەننا ئاياللار مەسىلىسىنى ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنىڭ ئەڭ مۇھىمى دەپ قارايتتى، شۇڭا، «مۇسۇلمان خانىملار» نامى بىلەن مەخسۇس بىر قىسىم بەرپا قىلغان. ئۇ: «ئىسلام دىنى ئاياللارغا ئۇلارنىڭ شەخسىي، مەدەنىي ۋە سىياسىي ھوقۇقىنى تولۇق بەرگەن» دەپ كۆپ قېتىم تەكرارلىغان، ھەق – ھوقۇقنى جارى قىلدۇرغاندا رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك قائىدە – ئۆلچەملەرنى تۈزگەن.

ھەسەن بەننا ياۋروپا ئوتتۇرا ئەسىردە تونۇغان مەنىدىكى «ئىلاھىي ھۆكۈم» — دىنىي ھۆكۈمەت تۈزۈمىنى يولغا قويۇشقا پەقەت چاقىرىق قىلغان ئەمەس. بەلكى كېڭەش (پارلامېنت)، ئەركىنلىك، ئادالەت ۋە باراۋەرلىك ئاساسىدىكى ئىسلامىي ھۆكۈمەت تۈزۈمىنى يولغا قويۇشقا چاقىرىق قىلغان. خەلق باشقۇرۇشىدىكى قانۇن – تۈزۈملۈك ھۆكۈمەت سىستېمىسىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئېنىق ئىپادىلىگەن ۋە ئۇنى دۇنيادا مەۋجۇد بولۇۋاتقان قانۇن – تۈزۈملەر ئىچىدە ئىسلامغا ئەڭ يېقىن تۈزۈم دەپ ئېتىبارغا ئالغان.

ئەسەرلىرى

ھەسەن بەننانىڭ كىچىك ھەجىملىك ئەسەرلىرى «مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى»نىڭ ئومۇمىي ئىدىيەسى ۋە مېتودىنى تونۇشنىڭ ئاساسلىق مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ «دەۋەت ۋە دەۋەتچىنىڭ تەزكىرىسى» ناملىق بىرقانچە قېتىم بېسىلغان كىتابى بار بولسىمۇ، بىراق بۇ كىتاب ئۇنىڭ ھايات باسقۇچلىرىنىڭ ھەممىسىنى تولۇق تەسۋىرلەپ بېرەلمەيدۇ، بۇ كىتاب ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ 1942 – يىلىغىچە بولغان ئارىلىقنىلا تەسۋىرلەپ بېرىدۇ.

ئۇنىڭ قىسقا ھەجىملىك ماقالىلىرى ۋە تەتقىقاتلىرى خېلى كۆپ بولۇپ، ھەممىسى ئوتتۇزىنچى ۋە قىرىقىنچى يىللاردا چىقىدىغان مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنىڭ گېزىت ۋە ژۇرناللىرىدا نەشر قىلىنغان. ئۇنىڭغا قوشۇمچە ئۇنىڭ «ئاللاھقا دەۋەت قىلىش» تېمىلىق بىرىنچى ماقالىسى ئىسلام ئازادلىق ژۇرنىلىدا بېسىلغان.

ئالبانىينىڭ ھەسەن بەننا توغرىسىدىكى قاراشلىرى

ھەدىسشۇناس ئالىم ناسىرۇددىن ئالبانىي ھەسەن بەننا ھەققىدە مۇنداق دېگەن: «مۇسۇلمان قېرىنداشلار ژۇرنىلى قاھىرەدە چىقىدىغان چاغدا، ئۇستاز شەيخ سەييىد سابىق مەزكۇر ژۇرنالدا ‹سۈننەتنى چۈشنىش› دېگەن تېما ئاستىدا ماقالە ئېلان قىلىدىغان ئىدى. ئۇنىڭ بۇ ماقالىلىرى كېيىنچە بىزنىڭ ئىسلام فىقھىسىنى «قۇرئان كەرىم» ۋە ھەدىس شەرىپ ئاساسىدا چۈشىنىدىغان مېتودىمىز بويىچە ماڭىدىغان مۇسۇلمانلار پايدىلىنىدىغان كىتابقا ئايلىنىپ ‹فىقھىسۈننە› (يەنى سۈننەتنى چۈشىنىش) دېگەن تېما ئاستىدا كىتاب بولۇپ چىقتى. بۇ ماقالىلەر كىتاب بولۇپ بېسىلىشتىن ئىلگىرى مەن بۇ ماقالىلەرنى كۆرۈۋاتقىنىمدا، بىرقانچە مۇلاھىزىلىرىمنى مەزكۇر ژۇرنالغا ئەۋەتىپ، نەشر قىلىنىشنى تەلەپ قىلغانىدىم. ئۇلار ماقالەمنى نەشر قىلىشتىن سىرت ماڭا ھەسەن بەننادىن رىغبەتلەندۈرۈش مەكتۇبى كەلگەنىدى».

ئۇ يەنە: «ھەسەن بەننا يازغان مەكتۇبنىڭ يوقىلىپ كەتكىنىگە بەك ئەپسۇسلىنىمەن، نەدە قالغاندۇ، بىلمىدىم. بىز داۋاملىق ھەسەن بەننا ھەققىدە سۆز قىلغىنىمىزدا قېرىنداشلىرىم ۋە بارلىق مۇسۇلمانلار ئالدىدا شۇنى دەيمىزكى، ئەگەر ھەسەن بەننانىڭ مۇسۇلمان ياشلارنى كىنوخانا، ئويۇنخانا ۋە قەھۋەخانىدىن تارتىپ چىقىرىپ، ئۇلارنى ئۇيۇشتۇرۇپ بىر دەۋەت ۋە بىر ئىدىيەگە بىرلەشتۈرگەنلىكىدىن باشقا ئارتۇقچىلىقى بولمىغان تەقدىردىمۇ، پەزىلەت، شەرەپ ۋە ئارتۇقچىلىق جەھەتتە بۇلار ھەسەن بەنناغا يېتىپ ئاشىدۇ. بىز بۇ گېپىمىزنى چىن قەلبىمىزدىن دەۋاتىمىز، رىيا قىلىپ ياكى خۇشامەت قىلىپ دەپ قويمىدۇق» دېگەن ئىدى.

 

مەنبە: http://islamstory.com/ar

تەرجىمىدە: سالاھىدىن

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ