سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز، ئۆتكەندە بىر ئاكىمىز بىلەن بىر مەسجىدكە كىرىپ سومكىمىزنى مەسجىدنىڭ ئوڭ تەرەپ تام يېنىغا قويۇپ، ناماز ئوقۇدۇق. ئوقۇپ بولۇپ قارىساق، باشقىلار بىز سومكىنى ئالىدىغان يەرنىڭ ئۇدۇلىدا نامازغا تۇرۇۋاپتۇ. ئارىلىقى 10 مېتىردىن ئاشاتتى. مەن باشقىلاردىن سورىسام، قەتئىي ئۆتۈشكە بولمايدۇ، دېدى. ھېلىقى ئاكىمىز سومكىمىزنى ئېلىۋالساق بولىدۇ، لېكىن ئىختىلاپ قىلماي، ئېلىۋالمايلى. رەسۇلۇللاھنىڭ ناماز ئوقۇيدىغان جايىنىڭ ئالدىدىن بىر قوي ئۆتكىدەك ئارىلىق بار ئىدى، دېدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئالدىدىكى ئۇ ئورۇن نامازخاننىڭ ئالدىدىن ئۆتۈشكە بولىدىغانلىقىنى ئىپادىلەمدۇ ياكى ئۇنداق ئەمەسمۇ؟ يەنە بىر سوئال: مەن بىر ئىمامغا ئىقتىدا قىلغان بولسام، ئالدىمدىكىلەر ئىمام بىلەن نامىزىنى تۈگىتىپ بولغان بولسا، مەن كام نامىزىمنى ئوقۇۋاتقان ھالەتتە بىراۋ مېنىڭ ئالدىمدىن ئۆتسە بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!
ناماز ئوقۇۋاتقان ئادەمنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈش دۇرۇس ئەمەس، چۈنكى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇنى چەكلىگەن.
ئۆمەر ئىبنى ئۇبەيدۇللاھنىڭ ئازادگەردىسى ئەبۇننەزر بۇسر ئىبنى سەئىدتىن خەۋەر بەردىكى: «ﺯﻩﻳﺪ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﺧﺎﻟﯩﺪ ﺭﻩﺯﯨﻴﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻧﮭﯘ مېنى ﺋﻪﺑﯘ ﺟﯘﮪﻪﻳﻢ ﺭﻩﺯﯨﻴﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻧﮭﯘﺩﯨﻦ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘۋاتقان كىشىنىڭ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻦ ﺋﯚتكۈچى ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻣﺪﯨﻦ نېمە ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺳﻮﺭﺍﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﻪﯞﻩتكەنىدى، ﺋﻪﺑﯘ ﺟﯘﮪﻪﻳﻢ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دېدىكى: ‹ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ: ”ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘۋاتقان كىشىنىڭ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﯜﭼﻰ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﮔﯘﻧﺎﮪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺴﻪ ﺋﯩﺪﻯ، ﻗﯩﺮﯨﻖ تۇرغىنى ﺋﻪﯞﺯﻩﻝ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ“› دېگەن» ﺋﻪﺑﯘننەزر: «ئۇ (ﺑﯘﺳﺮ) ‹ﻗﯩﺮﯨﻖ ﻛﯜﻥ› (دېدىمۇ) ﻳﺎكى ‹(ﻗﯩﺮﯨﻖ) ﺋﺎي› (دېدىمۇ) ۋەﻳﺎﻛﻰ ‹(ﻗﯩﺮﯨﻖ) يىل› دېدىمۇ، ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﻤﻪﻥ» دېگەن(1).
ئۆز ئالدىغا ياكى ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇماقچى بولغان كىشى ئالدىدىن ئادەمزات ئۆتۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن، دالدا بولغۇدەك، مەسىلەن، ئورۇندۇق، سومكا، ئاياغ ۋە تاياققا ئوخشاش بىرەر نەرسىنى ئالدىغا قويۇشى ياكى تۈۋرۈكنى دالدا قىلىپ نامازغا تۇرۇشى سۈننەتتۇر.
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «بىرەر نەرسىنى دالدا قىلماي ناماز ئوقۇمىغىن»(2) دېگەن. يەنە: «بىرىڭلار ناماز ئوقۇسا بىرەر نەرسىنى دالدا قىلىپ ئوقۇسۇن، ئۇنىڭغا يېقىن تۇرسۇن» دېگەن(3).
بۇنداق ئەھۋالدا دالدىنىڭ ئارقىسىدىن ئۆتسە بولىدۇ. بۇنىڭ نامازغا تەسىرى بولمايدۇ.
ئەبۇ جۇھەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «پەيغەمبەر ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ بىز بىلەن ﺑﻪﺗﮭﺎﺋ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺟﺎﻳﺪﺍ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﻧﻪﻳﺰە ﺗﯩﻜﻠﻪﭖ ﻗﻮﻳﯘﭖ، ناماز ﭘﯧﺸﯩﻨﻨﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺭﻩﻛﺌﻪﺕ، ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺭﻩﻛﺌﻪﺕ ﺋﻮﻗﯘﺩﻯ، ﻧﻪﻳﺰﯨﻨﯩﯔ ﺋﯘ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﯞﻩ ﺋﯧﺸﻪﻛﻠﻪﺭ ﺋﯚﺗﯜﭖ تۇراتتى» دېگەن(4).
ئىمامنىڭ ياكى يالغۇز ناماز ئوقۇغان كىشىنىڭ ئالدىدا دالدا بولمىغان ئەھۋالدا سەجدىگاھىدىن ياكى ئۇنىڭدىنمۇ يىراقتىن ئۆتسە بۇنىڭ نامازغا تەسىرى بولمايدۇ. ئەمما، جامائەت بولۇپ ناماز ئوقۇغاندا ئېھتىياج كۆرۈلسە ئىقتىدا قىلغۇچىنىڭ ئالدىدىن، سەپلەرنىڭ ئارىلىقلىرىدىن ئۆتسە بولىدۇ. بۇنىڭ نامازغا تەسىرى بولمايدۇ.
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما: «ﻣﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻣﺎﺩﺍ ﺋﯧﺸﻪﻛﻜﻪ ﻣﯩﻨﯩﭗ ﻣﯩﻨﺎﺩﺍ ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻣﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺳﯜﺗﺮﻩ ﻳﻮﻕ ﮪﺎﻟﺪﺍ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺟﺎﻳﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﺪﯨﻢ، ﺑﯘ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺑﺎﻻﻏﻪﺗﻜﻪ ﻳﯧﺘﻪﻱ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﭼﺎﻏﻠﯩﺮﯨﻢ ﺋﯩﺪﻯ، ﻣﻪﻥ ﺑﻪﺯﻯ ﺳﻪپلەرنىڭ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﯜﭖ، مادا ﺋﯧﺸﯩﻜﯩﻤﻨﻰ ﺋﻮﺗﻼﺷﻘﺎ ﻗﻮﻳﯘﯞﯦﺘﯩﭗ ﺳﻪﭘﻜﻪ ﻛﯩﺮﺩﯨﻢ، ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﮪﯧﭽﻜﯩﻢ ﺑﯩﺮﻧﻪﺭﺳﻪ ﺩﯦﻤﯩﺪﻯ» دېگەن(5).
ناماز ئوقۇغۇچى بىلەن توساقنىڭ ئارىلىقىنىڭ قانچىلىك بولۇشى كېرەكلىكى توغرىسىدا بىر ھەدىستە سەھل ئىبنى سەئد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻣﻨﯩﯔ نامازگاھى(دەسسەپ تۇرغان جايى) ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﺳﺠﯩﺪﻧﯩﯔ ﻗﯩﺒﻠﻪ ﺗﯧﻤﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﻮﻱ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﯜﺩﻩﻙ ﺋﯩﺪﻯ» دېگەن(6).
ئالىملار ئۈچ گەزدىن تۆۋەن ئارىلىق بولسا تەسىرى بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئۈچ گەز بىر يېرىم مېتىرغا يېقىن كېلىدۇ.
يەنە بىر ھەدىستە ناﻓﯩﺌ رىۋايەت قىلىدۇكى: «ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼﮪ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﺋﯚﻣﻪﺭ ﺭﻩﺯﯨﻴﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻧﮭﯘﻣﺎ ﻛﻪئبەگە ﻛﯩﺮﺳﻪ، ئىشىكنى قىلىپ ئۇدۇل مېڭىپ، ھەتتا ﺗﺎمغا ﺋﯜﭺ ﮔﻪﺯﭼﻪ يېقىنلىشىپ بېرىپ، ﺑﯩﻼﻝ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ‹پەيغەمبەر ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ ﻣﯘﺷﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻥ› ﺩﻩﭖ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺋﻮﺭﯗندا ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﻳﺘﺘﻰ. ئۇ (يەنە): ‹ﻛﻪئبەنىڭ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺧﺎھلىغاﻥ ﺟﺎﻳﺪﺍ ناماز ﺋﻮﻗﯘﺳﺎق بولىۋېرىدۇ› دېگەن»(7).
ئالىملار بۇ ھەدىسنى سۈترە (توساق) بىلەن ناماز ئوقۇغۇچىنىڭ ئالدىدىن ئۆتكەن كىشىنىڭ ئارىلىقى ئۈچ گەزدىن يىراق بولسا تەسىرى بولمايدىغانلىقىغا دەلىل قىلىپ كۆرسەتكەن.
ئادەتتە بىز مەسجىدلەردە جامائەت بولۇپ نامازنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن مەسجىدتىن چىقماقچى بولغىنىمىزدا كەينى سەپلەردىكى نامازغا تولۇق ئۈلگۈرەلمىگەنلەرنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈشكە توغرا كېلىپ قالىدۇ. بۇ مەسىلىگە كۈندە دېگۈدەك ئۇچراپ تۇرىمىز.
بۇ ئەھۋالدا، نامازغا تولۇق ئۈلگۈرەلمىگەنلىكتىن نامىزىنى تولۇقلاپ ئوقۇۋاتقان كىشى سۈترە بار تەرەپكە يۆتكىلىشى ياكى بىرەر نەرسىنى سۈترە قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشى كېرەك ئەمەس. دالدىلىنىش ئۈچۈن بىر قەدەم ئالسا ياكى ئازغىنە ھەرىكەت قىلسا مەيلى.
لېكىن كۆپ ھەرىكەت قىلماي نامىزىنى تۇرغان جايىدا داۋاملاشتۇرىدۇ. چۈنكى، ئۇ ئىمامغا ئىقتىدا قىلغاندا ئىمامىنىڭ دالدىسى ھېساب بولغان، كېيىن نامازنى يالغۇز تاماملىغاندىمۇ نامازغا تۇرغان چاغدىكى ئىمامىنىڭ ئالدىدىكى سۈترە تاكى ئۇ نامىزىنى تۈگىتىپ بولغۇچە كۈچكە ئىگە. ئىمامنىڭ دالدىسى سالام بېرىش بىلەن ئاياغلاشقان بولسىمۇ، نامىزىنى تاماملىماقچى بولغان نامازخاننىڭ نامازدا تۇرۇپ سۈترە تەييارلىشى تەلەپ قىلىنمايدۇ. سۈترە نامازدىن بۇرۇن تەييارلىنىدۇ. ساھابە كىراملاردىنمۇ نامازغا تولۇق ئۈلگۈرەلمىگەنلىكتىن نامىزىنى تولۇقلاپ ئوقۇۋاتقان كىشىنىڭ سۈترە قىلغانلىقى نەقىل قىلىنمىغان. لېكىن، بۇ ئەھۋالدا سەجدە قىلىدىغان جايغا قەدەر بولغان ئارىلىقتىن ئۆتمەكچى بولغانلارنى توسىدۇ. بۇ ئارىلىقتىن ئۆتكەنلەر گۇناھكار بولىدۇ(8).
بولۇپمۇ نامازدا مېڭىش ياكى كۆپ ھەرىكەت قىلىش نامازنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىشىگە سەۋەب بولۇشى مۇمكىن، بۇ ئالدىدىن بىرىنىڭ ئۆتكىنىدىنمۇ ئېغىر ئىش. شۇڭا، نامازدا تۇرۇپ دالدىغا يۆتكىلىش چەكلىنىدۇ. تۇرغان جايىدىن مىدىرلىماي بىرەر ھەرىكەت بىلەن ئالدىغا بىرنەرسە قويسا مەيلى، بولىدۇ. قويىدىغان بىرنەرسە بولمىسا، ئالدىدىن بىرسى ئۆتمەكچى بولسا، ئۇنى تەسبىھ ئېيتىش ياكى ئىشارەت قىلىش بىلەن توسىدۇ(9).
ئۆتمەكچى بولغان كىشىمۇ نامازخاننىڭ سەجدىگاهىنىڭ ئالدىدىن ئۆتسە بولىدۇ. بىراق، سەجدە قىلىدىغان جاي بىلەن نامازخاننىڭ ئارىلىقىدىن ئۆتسە بولمايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ كۈتۈپ تۇرسا ياكى باشقا جايدىن ئۆتسە بولىدۇ.
ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ھ. 1440، 8 – جامادىيەلئەۋۋەل / م. 2019، 9 – ئاپرېل
1. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (510). «مۇسلىم»، (507). «قىرىق»نىڭ كۈن ياكى ئاي، ياكى يىل ئىكەنلىكى راۋىي تەرىپىدىن نائېنىق رىۋايەت قىلىنغان بولۇپ، ئىبنى ماجەنىڭ بىر رىۋايەتىدە «يۈز يىل» دەپ كەلگەن. بەززارنىڭ رىۋايەتىدە «قىرىق يىل» دەپ كەلگەن. لېكىن، قىرىق ياكى يۈز دەپ بېكىتىشنىڭ مەلۇم سەۋەبى بارمۇ – يوق؟ بۇ تۈرلۈك بېكىتىشلەرنىڭ ئاستىدىكى سىرلارنى بىر ئاللاھ ئۆزى بىلۇر. قاراڭ: ئەينىي: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 4/294.
2. «ئىبنى خۇزەيمە»، (800). ئالبانىيمۇ «سەھىھ» دېگەن.
3. «ئىبنى خۇزەيمە»، (840). ئىمام نەۋەۋىي، ئالبانىيلارمۇ «سەھىھ» دېگەن.
4. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (495). «مۇسلىم»، (503).
5. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (861). «مۇسلىم»، (504).
6. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (496). «مۇسلىم»، (508).
7. «بۇخارىي»، (506).
8. ئەلغەرناتىي، «ئەتتاجۇ ۋەلئىكلىل»، 1/433؛ «فتاوى ابن رشد»، 2/904؛ئىبنى ئابىدىن: «راددۇل مۇھتار»، 1/638؛ «لقاء الباب المفتوح»، 30/232.
9. نەۋەۋىي: «شەرھۇ سەھىھى مۇسلىم»، 4/223.