تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نامازنى قەسرى قىلىپ ئوقۇشى

تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نامازنى قەسرى قىلىپ ئوقۇشى

سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئۇستاز! تۈركىيەدە ۋەتەندىن ئايرىلغىلى تۆت – بەش يىل بولغان بەزى قېرىنداشلىرىمىز بار ئىكەن، ئۇلار: «ۋەتەنگە كىرىپ كېتىمىز، بۇ يەردە (مۇقىم) تۇرمايمىز، بۇ يەردە (مۇقىم) تۇرۇش نىيىتىمىزمۇ يوق، شۇڭا نامازنى قەسرى قىلىپ ئوقۇساقمۇ، تولۇق ئوقۇساقمۇ بولىدۇ» دەيدىكەن. ئۇلارنىڭ بۇ قارىشى توغرىمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت – سالاملار بولسۇن.

ئالدى بىلەن ئالىملار ئوتتۇرىسىدا نامازنى قەسرى قىلىشتا ئاساسەن كۆزقاراش ئوخشىماسلىقى بولمىغان بەزى نۇقتىلارنى تەكىتلەپ، ئۇندىن كېيىن تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ نامازنى قەسرى قىلىپ ئوقۇشى توغرىسىدا توختىلايلى.

1. بارلىق ئالىملارنىڭ بىردەك قارىشىدا، سەپەردىكى كىشى پېشىن، ئەسىر ۋە خۇپتەن قاتارلىق تۆت رەكەتلىك پەرز نامازلارنى قەسرى قىلىپ (قىسقارتىپ) ئىككى رەكەتتىن ئوقۇيدۇ. ئەمما بامدات، شام نامازلىرى قەسرى قىلىنمايدۇ. جانابى ئاللاھ بۇ ھۆكۈمنى «قۇرئان كەرىم»دە ئېنىق بايان قىلغان. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ كۆپلىگەن ھەدىسلەردە سۆزلىرى ئارقىلىق بايان قىلغان ۋە ئىش – ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق ئەمەلىي تەتبىقلىغان.

ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «سەپەر نامىزى ئىككى رەكەت، جۈمە نامىزىمۇ ئىككى رەكەت. بۇ سىلەرنىڭ پەيغەمبىرىڭلار سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئېيتقىنىغا بىنائەن كەم قويماي تولۇق ئادا قىلىشتۇر» (1).

2. ئەگەر سەپەردىكى كىشى تۆت رەكەتلىك پېشىن، ئەسىر ۋە خۇپتەن قاتارلىق پەرز نامازلارنى قەسرى قىلماي تولۇق ئوقۇسا، سۈننەتكە خىلاپلىق قىلغان بولىدۇ. چۈنكى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سەپەردە تۆت رەكەتلىك پەرز نامازلارنى ئىككى رەكەتتىن ئارتۇق ئوقۇمايتتى.

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: «مەن سەپەردە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ھەمرا بولغان ئىدىم، ئۇ تۆت رەكەتلىك پېشىن، ئەسىر ۋە خۇپتەن قاتارلىق پەرز نامازلارنى ئىككى رەكەتتىن ئارتۇق ئوقۇمايتتى، ئەبۇ بەكىر، ئۆمەر ۋە ئوسمانلارغىمۇ ھەمراھ بولغان ئىدىم، ئۇلارمۇ شۇنداق قىلاتتى، ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولغاي!»(2).

3. سەپەرگە چىققان كىشى يۇرت تەۋەلىكىدىن ئايرىلىشقا قاراپ يۈزلەنگەندىن باشلاپ سەپەردىكى كىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ ۋە نامازنى قەسرى قىلىپ ئوقۇيدۇ. ساھابىلەر ئادەتتە كەنت سىرتىدىكى كەپىلەرنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ: «مۇشۇ كەپىلەردىن ئۆتسەكلا نامازنى قەسرى قىلىپ ئوقۇشنى باشلايمىز» دېگەن(3).

4. كۆچۈپ ياكى ھىجرەت قىلىپ بىر يۇرتقا يەرلەشكەن تەقدىردە، شۇ يۇرتقا مۇقىملاشقاندىن تارتىپ نامازلارنى قەسرى قىلماي تولۇق ئوقۇيدۇ. ئارىلىقتا ئەسلى يۇرتىغا قىسقا مۇددەتلىك بېرىپ قالسىمۇ قەسرى قىلىپ ئوقۇيدۇ. چۈنكى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھىجرەتتىن كېيىن مەككە ئاھالىسىگە ئىمام بولغاندا ئىككى رەكەت ئوقۇپ بولۇپ ئۇلارغا: «سىلەر نامىزىڭلارنى تولۇقلىۋېلىڭلار، چۈنكى بىز سەپەر ئۈستىدىكى كىشىلەرمىز» دېگەن(4).

مەزكۇر ھەدىس ساھابە كىراملارنىڭ ئىش – ئىزلىرى بىلەن قوشۇپ يۇقىرىقى ھۆكۈمنى تەكىتلەيدۇ. ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مىنادا ئىمامغا ئىقتىدا قىلىپ ناماز ئوقۇغىنىدا تۆت رەكەت، يالغۇز ئوقۇغىنىدا ئىككى رەكەت ئوقۇيتتى. يەنە بىر رىۋايەتتە كېلىشىچە، ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ئابدۇللاھ ئىبنى سەفۋاننىڭ كېسىلىنى كۆرگىلى كەلگەندە، جامائەتكە ئىمام بولۇپ ئىككى رەكەت ئوقۇپ سالام بەرگەندىن كېيىن ئارقىدىكى جامائەت ئورنىدىن تۇرۇپ تولۇقلاپ ئوقۇغان(5).

5. بارلىق ئالىملار سەپەر ئۈستىدىكى كىشى بىلەن مۇقىم كىشىنىڭ بىرى يەنە بىرىگە ئىقتىدا قىلسا ياكى ئىمام بولسا بولىدىغانلىقىدا بىردەك قاراشتا.

6.    ئەگەر سەپەر ئۈستىدىكى كىشى مۇقىم كىشىگە ئىقتىدا قىلغان بولسا تولۇق ئوقۇيدۇ. چۈنكى ئۇ، ئىمامىغا ئەگىشىشى لازىم. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئىمام ئىقتىدا قىلىنىش ئۈچۈن ئىمام قىلىنغان، شۇڭا ئىماملىرىڭلارغا مۇخالىپەتچىلىك قىلماڭلار»(6). ناۋادا سەپەردىكى كىشى مۇقىم كىشىگە ئىمام بولسا ئىككى رەكەت ئوقۇپلا سالام بېرىدۇ. (ئارقىدىكى) مۇقىم كىشى سالام بەرمەيلا ئورنىدىن تۇرۇپ، قېپقالغان ئىككى رەكەتنى ئوقۇپ ئاندىن سالام بېرىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ قېپقالغان نامىزىنى تاماملاش مەجبۇرىيىتى بار.

سەپەردىكى ئىمامنىڭ: «نامىزىڭلارنى تولۇقلىۋېلىڭلار، چۈنكى بىز سەپەر ئۈستىدىكى كىشىلەرمىز» دەپ قويۇشى مۇستەھەپ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن مۇشۇنداق دېگەنلىكى كەلگەن(7).

7. بىر يۇرتقا بېرىپ (مۇقىم) تۇرۇش مەقسىتى يوق، بۈگۈن كېتىمەن، ئەتە كېتىمەن، دەپ تۇرغان كىشى قانچە ئۇزۇن تۇرۇپ كېتىشىدىن قەتئىينەزەر سەپەر ئۈستىدىكى كىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بىر يۇرتقا بېرىپ تۇيۇقسىز ئاغرىپ يېتىپ قالغان، تۇتۇلۇپ قاچان قويۇپ بېرىلىشى ئېنىق بولمىغان ياكى قار، مۇز، بوران تۈپەيلى يولىنى داۋاملاشتۇرالماي قالغان كىشىمۇ شۇنداق. ئۇرۇش ھالىتىمۇ بۇنىڭغا ئوخشاش بولىدۇ. ئەسكەرلەر ئۇرۇش قىلىۋاتقان، مۇھاسىرىگە ئالغان، قورشاۋدا قالغان ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان قاچان، قەيەرگە بېرىشى ئېنىق بولمىغان ئەھۋاللاردا، سەپەر ئۈستىدە ھېسابلىنىپ گەرچە نەچچە يىل شۇ ھالەتتە بىر جايدا تۇرۇپ كەتسىمۇ قەسرى قىلىپ ئوقۇيدۇ. چۈنكى، بۇ ئەھۋاللاردا، ئۇلارنىڭ بىر مۇددەت مۇقىم تۇرۇش نىيىتى بولمىغىنىدەك، ئۇلاردا مۇقىم تۇرىدىغانلاردىكى خاتىرجەملىكمۇ بولمايدۇ. ئۇلار پەقەت توسالغۇنىڭ يوقىشىنى كۈتۈپ تۇرۇپ قالىدۇ.

8. بەدەۋىلەر ياكى چېدىر تىكىپ كۆچمەنلىك ھاياتىدا ياشايدىغانلاردىن باشقا شەھەر ۋە يېزا ئاھالىسى بولغان كىشىلەر ئادەم تۇرمايدىغان، مۇقىم تۇرۇشقا ھازىرلانمىغان چۆل – باياۋان، تاغ، جەزىرە، يايلاققا ئوخشىغان جايلاردا ياكى پاراخوت ۋە پويىزلاردا ئۇزۇنراق مۇددەت مۇقىم تۇرۇپ قالسىمۇ مۇقىم كىشى ھېسابلانمايدۇ. بۇلار نامازنى قەسرى قىلىپ ئوقۇيدۇ. چۈنكى بۇ جايلار سەپەر قىلىدىغان، مۇقىم تۇرمايدىغان جايلار، مۇقىم تۇرىدىغان جايلار بولسا شەھەر ۋە يېزا قاتارلىق ئاھالىلىك جايلاردۇر.

ئومۇمەن، قارايدىغان بولساق، بىر جايدا مۇقىم تۇرغۇچى بىلەن سەپەر ھالىتىدىكى كىشىنى ئايرىشتا ئاساس قىلىنىدىغان ئامىللار قاتارىدا بىر يۇرتتا بىر مۇددەت مۇقىم تۇرۇش نىيىتى، تۇرغان جاينىڭ مۇقىم تۇرۇشقا لايىق جاي بولۇشى، تۇرغان جايدا ئۆيلىنىشى ۋە ئۆي تۇتۇشى… ۋەھاكازالار بار.

شۇنىمۇ تىلغا ئېلىپ ئۆتۈش كېرەككى، ئالىملار كىشىنىڭ يۇرتى ياكى ماكانىنى تۆۋەندىكىدەك بىرقانچە تۈرگە ئايرىيدۇ.

1. تۇرۇشلۇق ماكان، بۇ، كىشىنىڭ بالا – چاقىلىرى بىلەن مۇقىم تۇرىدىغان جايىدۇر. تۇرۇشلۇق ماكانى ئۇ كىشىنىڭ ھىجرەت ياكى مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى ۋاز كېچىپ باشقا يۇرتقا بالا – چاقىلىرى بىلەن كۆچۈپ كېتىشى بىلەن تۇرۇشلۇق ماكانلىق سالاھىيەتتىن قېپقالىدۇ. قەشقەردىن ئۈرۈمچىگە ياكى ئانا ۋەتىنىمىزدىن ئوتتۇرا ئاسيا ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە كۆچۈپ ئولتۇراقلاشقانلار بۇنىڭ مىسالىدۇر. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەككىدىن مەدىنىگە يۆتكەلگەندىن كېيىن، مەككىگە كەلگىنىدە ئۆزىنى سەپەر ئۈستىدىكى كىشى ھېسابلاپ: «بىز سەپەردىكى كىشىمىز» دېگەنلىكىمۇ شۇنى كۆرسىتىدۇ.

2. ۋاقىتلىق ماكان. بۇ، سەپەردىكى كىشى يېتىپ كەلگەندىن كېيىن بىر مۇددەت تۇرۇشنى پىلان قىلغان جايدۇر. بۇ ھازىرقى زاماندا 15 كۈنلۈك ۋىزا بىلەن بارىدىغان، ئۈچ ئاي، ياكى ئالتە ئاي، ياكى بىر يىللىق ئىقامەت (تۇرۇش رۇخسىتى) بىلەن تۇرىدىغان جايغا ئوخشايدۇ.

3. ئۆتەڭ ماكان. ھازىرقى زامان تىلىدىكى «ترانزىت قىلىپ» ئۆتكەن جاي. بۇ، كىشى سەپىرىدە بىر ياكى بىرنەچچە كۈنلا توختاپ ئۆتىدىغان جايدۇر(8).

تۈركىيەدە ياكى ۋەتىنىمىز سىرتىدىكى قايسىبىر جايدا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋاللىرىنى يۇقىرىقى نۇقتىلارغا سېلىپ تەتبىقلىغىنىمىزدا، مەلۇم قىسمىنىڭ نامازنى قانداق ئوقۇش مەسىلىسى ئايدىڭلىشىدۇ. قالغان قىسمى تۇرۇۋاتقان جايىدا قانچىلىك تۇرۇشنى نىيەت قىلىشىغا ۋە بىز يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن بىرقانچە ئامىلغا قاراشلىق. چۈنكى، سەپەردىكى كىشى يۇرتىغا قايتىپ كەلمىگۈچە ياكى بىرەر كۆجۈم ئولتۇراق جايدا بىر مۇددەت تۇرۇشنى نىيەت قىلمىغىچە، سەپەردىكى كىشىنىڭ ھۆكمىدە بولۇۋېرىدۇ. يەنى سەپەرنىڭ ھۆكمى پەقەت مۇقىملىشىش بىلەنلا ئۆزگىرىدۇ.

ئۇنداقتا، سەپەرگە چىققان كىشى بىر جايدا قانچىلىك مۇددەت تۇرۇشنى نىيەت قىلسا نامازنى تولۇق ئوقۇيدۇ؟ بۇنىڭ ئۆلچىمى قانچىلىك؟

ئالىملار سەپەر ئۈستىدىكى كىشىنىڭ مۇقىم كىشىگە ئايلىنىشى ئۈچۈن مەلۇم مۇددەت بەلگىلىگەن بولۇپ، بۇ مۇددەتنى بېكىتىشتە ئوخشىمىغان قاراشلاردا بولغان. ئىمام ئەبۇ ھەنىيفە، ئىمام لەيس، ئىمام مۇزەنى ۋە سۇفيان سەۋرىي قاتارلىقلار: «ئاز دېگەندە 15 كۈن تۇرۇشنى كۆڭلىگە پۈكسە ئاندىن نامازنى قەسرى قىلماي ئوقۇيدۇ» دېگەن. ئىمام شافىئىي، ئىمام مالىك قاتارلىقلار: «ئاز دېگەندە 4 كۈن تۇرۇشنى نىيەت قىلسا ئاندىن قەسرى قىلماي ئوقۇيدۇ» دېگەن. ئىمام ئەھمەد ۋە داۋۇد زاھىرىي قاتارلىقلار: «4 كۈندىن ئارتۇق تۇرۇشنى نىيەت قىلسا ئاندىن قەسرى قىلماي ئوقۇيدۇ» دېگەن. بۇندىن باشقا قاراشلارمۇ بار، مەسىلەن: «12 كۈن، 18 كۈن، 19 كۈن…» دېگەندەك. ئەمما ئەڭ مەشھۇرلىرى يۇقىرىقىلاردۇر(9).

مۇددەت بەلگىلەشتە ئىلگىرىكى ئالىملار ئىتتىپاق دېيىشكە بولىدۇ. ئۇلارنىڭ دەلىللىرى مەيلى ساھابە كىراملارنىڭ سۆزلىرى ۋە ئىش ئىزلىرى جەھەتتىن بولسۇن، مەيلى ئەقلىي تەھلىل جەھەتتىن بولسۇن، كۈچلۈك ۋە ساغلام قاراشتۇر. يېقىندا بەزى نادانلار كۆتۈرۈپ چىققان «تۈركىيەدە تۆت – بەش يىل مۇقىم تۇرساقمۇ نامازنى قەسرى قىلىپ ئوقۇيمىز» دېگەن قاراشنىڭ ئاساسى يوقتۇر. ئەگەر ئاساسى بار دېگەندىمۇ، سەپەر ھالىتىگە قارىتىلغان ھەدىسلەرنى، ئۇرۇش ھالىتىدىكى ئەھۋاللارغا تەتبىقلاشتىن ياكى قاچانغىچە تۇرۇشى ئېنىق بولمىغان، بىز يۇقىرىدا 7 – نۇقتىدا بايان قىلغان ئەھۋاللارغا قارىتا كەلگەن ساھابە كىراملارنىڭ سۆزلىرى ۋە ئىش – ئىزلىرىنى مەلۇم مۇددەت تۇرۇشنى نىيەت قىلغان كىشىلەرگە تەتبىقلىۋېلىشتىن كېلىپ چىققان خاتالىقتۇر. بىز بۇ ھەقتە ئالدى بىلەن توغرا قاراشنىڭ دەلىللىرىنى بايان قىلىپ بولۇپ ئاندىن خاتا تەتبىقلانغان قاراش توغرىسىدا توختىلىمىز.

15 كۈن دېگەن مۇددەتكە كەلسەك، بۇ ئىبنى ئابباس ۋە ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلاردىن نەقىل قىلىنغان.

مەسىلەن: مۇجاھىد ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس ۋە ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلارنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان: «سەن سەپەردىن بىر يۇرتقا كەلسەڭ، كۆڭلۈڭدە ئۇ جايدا 15 كۈن تۇرۇش نىيىتىڭ بولسا، ئۇ جايدا نامازنى تولۇق ئوقۇغىن. ناۋادا قاچان بىرەر جايدا توختىشىڭنى بىلمىسەڭ، قەسرى قىلىپ ئوقۇغىن»(10).

يەنە مۇجاھىد رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما 15 كۈن تۇرۇشنى قارار قىلغىنىدا، ئۇلىغىنى ئوتلاشقا قويۇۋېتىپ نامازنى تۆت رەكەت تولۇق ئوقۇيتتى»(11).

يەنە ئىمام ئابدۇرراززاق رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى رىۋايەت قىلغان سەھىھ رىۋايەتتە ئىبنى سىرىن مۇنداق دېگەن: «ئۇبەيدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر پارس دىيارىدا تۇرۇپ ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەرگە: بىز يېڭى ئاينى كۆرگۈچە تۇرۇپ قالماقچى، دەپ خەت يازغاندا ئۇ: ئىككى رەكەتتىن ئوقۇغىن دەپ جاۋاب يازغان»(12).

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن كەلگەن يۇقىرىدىكى قاراش بىر يۇرتقا كەلگەن كىشىنىڭ قەسرى قىلماسلىقى ئۈچۈن 15 كۈن تۇرۇشنى بېكىتكەن. يەنە 12 كۈن تۇرۇشنى نىيەت قىلغان كىشىنىڭ تولۇق ئوقۇيدىغانلىقىمۇ ئۇنىڭدىن سەھىھ رىۋايەت قىلىنغان. يەنى، 12 كۈندىن ئارتۇق تۇرۇشنى نىيەت قىلغان ئەھۋالدا تولۇق ئوقۇيدۇ دېگەن.

مەسىلەن، ئىمام مالىك، ئىمام ئابدۇرراززاق، ئىمام تەبەرى ۋە ئىمام تاھاۋى رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىلەر رىۋايەت قىلغان سەھىھ رىۋايەتتە ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: «بىر جايدا (مۇقىم) تۇرۇپ قېلىشنى نىيەت قىلمىسام 12 كۈن تۇرۇپ قالغان تەقدىردىمۇ، نامازنى سەپەردىكى كىشىدەك ئوقۇيمەن»(13).

يەنە ئىمام تەبەرى رەھىمەھۇللاھ رىۋايەت قىلغان ھەسەن رىۋايەتتە ئىبنى ئەبى نۇجەيھ مۇنداق دېگەن: «مەن سالىمنى مەسجىد دەرۋازىسى ئالدىدا ئۇچرىتىپ قېلىپ، ئۇنىڭدىن:

_ ئاتاڭ ئىبنى ئۆمەر نامازنى قانداق ئوقۇيتتى؟ _ دەپ سورىسام، ئۇ:

ئۇلاقنى باغلاپ تۇرىمىز دېسە، نامازنى تولۇق ئوقۇيتتى، بۈگۈن – ئەتە ماڭىمىز دېسە، يىگىرمە كۈن قونۇپ قالسىمۇ قەسرى قىلىپ ئوقۇيتتى، دەپ جاۋاب بەردى»(14).

يەنە ئىمام تەبەرى رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى رىۋايەت قىلغان سەھىھ رىۋايەتتە نافى مۇنداق دېگەن: «ئىبنى ئۆمەر بىر جايدا تۇرۇشنى كۆڭلىگە پۈكمىسە نامازنى قەسرى قىلىپ ئوقۇيتتى»(15).

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ ۋاقىت بېكىتىشىنى تۆۋەندىكى رىۋايەتلەر بىلەن بىللە چۈشەنگىنىمىزدە، ئۇنىڭ بۇ مەسىلىدىكى قارىشى ئېنىق ئايان بولىدۇ.

سالىم مۇنداق دەيدۇ: «ئىبنى ئۆمەر مەككىدە تۇرغىنىدا ئىككى ئاي تۇرۇپ كەتسىمۇ ئىمامغا ئىقتىدا قىلمىغان ئەھۋاللاردا (نامازنى) قەسرى قىلىپ ئوقۇيتتى». دېمەك، سالىمنىڭ سۆزى بىلەن نافىنىڭ سۆزىنى بىرلەشتۈرۈپ چۈشەنگىنىمىزدە، ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ تۇرۇشنى كۆڭلىگە پۈكمىسە (نامازنى) قەسرى قىلىپ ئوقۇيدىغانلىقى، تۇرماقچى بولسا تولۇق ئوقۇيدىغانلىقى ئايان بولىدۇ. بۇنى ئىمام ئىبنى ئەبى شەيبە رەھىمەھۇللاھ كەلتۈرگەن ماۋۇ رىۋايەت ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ:

نافى رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مەككىدە تۇرغىنىدا مىناغا چىقسا نامازنى قەسرى قىلىپ ئوقۇيتتى(16).

بۇ، مەككىدە مۇقىم تۇرۇشنى كۆڭلىگە پۈككەنلىكتىن مەككىدە تولۇق ئوقۇيتتى دېگەنلىكتۇر.

يۇقىرىقى رىۋايەتلەر ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ 12 ياكى 15 كۈن تۇرماقچى بولسا نامازنى تولۇق ئوقۇيدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. مانا بۇ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن كەلگەن سەھىھ رىۋايەتلەر بولۇپ، ئۇنىڭدىن كەلگەن باشقا رىۋايەتلەر ئۇرۇش ياكى باشقا توسالغۇ سەۋەبىدىن ئۇزۇن تۇرۇپ قالغان ئەھۋالنى كۆرسىتىدۇ. ئەزەربەيجاندا ئالتە ئاي تۇرۇپ قەسرى قىلىشىمۇ قار يېغىپ كەتكەنلىك ۋە ئۇرۇش ھالىتى بولغانلىقى ئۈچۈن بولغان.

مەككىگە ھەجگە بارغان خەلىپىلەردىن ھەزرىتى ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇ مەككىدە پىشىن، ئەسىر ۋە خۇپتەن نامازلىرىنى تۆت رەكەتتىن ئوقۇپ بېرەتتى ۋە مىنا، ئەرەفاتقا چىقسا سەپەردىكى كىشىدەك ناماز ئوقۇيتتى. ھەجدىن كېيىن مىنادا تاكى مەككىگە قايتقانغا قەدەر نامازنى تولۇق ئوقۇيتتى(17).

مانا بۇ ھەزرىتى ئوسماننىڭ مەدىنىگە قايتىش نىيىتى بولسىمۇ مەككىدە بىر مۇددەت تۇرماقچى بولغاندا نامازنى تولۇق ئوقۇغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ، بىز ئەلى، ئىبنى ئۆمەر ۋە ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلاردىن نەقىل قىلغان «بىر مۇددەت تۇرماقچى بولسا تولۇق ئوقۇيدۇ» دېگەن قاراشلارغا ئوخشاش.

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دەيدۇ: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم 19 كۈن (نامازنى) قەسرى قىلىپ تۇرغان. شۇڭا، بىز 19 كۈن تۇرساق قەسرى قىلىمىز. 19 كۈندىن ئارتۇق تۇرساق تولۇق ئوقۇيمىز»(18).

ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «10 كۈن تۇرماقچى بولساڭ نامازنى تولۇق ئوقۇيسەن» دېگەن(19). 10 كۈن دەپ بېكىتىش ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن كەلگەن رىۋايەتلەردىمۇ بار.

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن كەلگەن سەھىھ رىۋايەتلەرمۇ بىر مۇددەت تۇرۇشنى كۆڭلىگە پۈكۈشنى كۆرسىتىدۇ. بەزى رىۋايەتلەردە يۇقىرىقىدەك 15 كۈن ياكى ئىمام بۇخارى «سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى»دا رىۋايەت قىلغاندەك 19 كۈن. يەنە بەزى ئاجىزراق رىۋايەتلەردە 17 كۈن ياكى 10 كۈن دەپمۇ بېكىتكەن. بۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تەبۇكتا، مەككە فەتھىسىدە، ۋىدالىشىش ھەجىدە (نامازلارنى) قەسرى قىلىپ تۇرغان كۈنلىرىگە ئاساسەن بېكىتىلگەن بېكىتىشلەر بولۇپ، قەسرى قىلىپ ئوقۇش مۇددىتىنى بېكىتىش قاچان مېڭىشىنى بىلگەنلەر ئۈچۈندۇر. ئەمما، قاچان مېڭىشىنى بىلمەي ئەتە، ئۆگۈن دەپ تۇرۇپ قالغانلار ئۈچۈن بولسا كۈن بېكىتمىگەن. بۇنىڭدىن ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ 10 كۈندىن 19 كۈنگىچە تۇرماقچى بولغان كىشىنى (نامازلارنى) قەسرى قىلىپ ئوقۇمايدۇ دەپ قارايدىغانلىقى مەلۇم بولىدۇ. ئۇنىڭ (نامازلارنى) قەسرى قىلىپ ئوقۇش مۇددىتىنى بېكىتكەن سەھىھ قاراشلىرىنى تاشلاپ قويۇپ، قاچان مېڭىشىنى بىلمىگەن ئەھۋالغا قارىتىلغان سۆزلىرىنى تۇتقا قىلىۋېلىشمۇ ئىلمىي ئۇسۇلغا خىلاپتۇر.

مالىكىي، شافىئىي ۋە ھەنبەلىي مەزھەبلەر ئىمام مۇسلىم «سەھىھۇ مۇسلىم»دا رىۋايەت قىلغان: «ھىجرەت قىلغان كىشى ھەج ئىشلىرىنى تاماملاپ بولغاندىن كېيىن مەككىدە ئۈچ كۈنلا تۇرىدۇ» دېگەن ھەدىسنى(20) 4 كۈن ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ تۇرماقچى بولسا نامازنى تولۇق ئوقۇيدىغانلىقىغا دەلىل قىلىپ مۇنداق دېگەن: «مەككە فەتھىسىدىن بۇرۇن مەككىدىن مەدىنىگە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا ھىجرەت قىلغانلار ئۈچۈن مەككىگە قايتىپ تۇرۇش ھارام قىلىنغان. كېيىن ھەج – ئۆمرە ياكى بىرەر ئىش ئۈچۈن مەككىگە بېرىپ قالسا ھەج – ئۆمرە ئىشلىرىدىن بىكار بولغاندىن كېيىن پەقەت ئۈچ كۈنلا تۇرۇشقا رۇخسەت قىلىنغان. بۇنىڭدىن ئۈچ كۈن تۇرسا مۇقىم (تۇرغۇچى)لىق ھۆكمىدە بولماي سەپەر ھالىتىدە بولىدىغانلىقى مەلۇم بولىدۇ. بۇنىڭغا بىنائەن، كىرىش ۋە چىقىش كۈنلىرىدىن باشقا تولۇق ئۈچ كۈن تۇرماقچى بولغان كىشىگە نامازنى قەسرى قىلىپ ئوقۇش ۋە رامزاندا روزا تۇتماسلىق قاتارلىق سەپەردىكىلەرگە بېرىلىدىغان رۇخسەتلەردىن بەھرىمەن بولۇش جائىز بولىدۇ. تۆت كۈن تۇرماقچى بولسا تولۇق ئوقۇيدۇ»(21).

بۇ، ھەدىستىن دەلىل كەلتۈرۈش بولۇپ، بۇلار ئەقلىي جەھەتتىن، تۆت كۈندىن ئارتۇق تۇرماقچى بولغان كىشىدە سەپەر جىددىيچىلىكى يوقاپ، مۇقىملىق خاتىرجەملىكى پەيدا بولىدىغانلىقىمۇ بۇ نىيەت بىلەن سەپەر ھالىتىدىن مۇقىملىق ھالىتىگە يۆتكىلىدىغانلىقىنى كۈچلەندۈرىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئەلۋەتتە، بۇمۇ ئۇلارنىڭ ئىجتىھادىدۇر.

ئوسمان ئىبنى ئەففان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن سەئىيد ئىبنى مۇسەييەبمۇ: «سەپەر قىلغۇچى 4 كۈن تۇرۇپ قېلىشنى نىيەت قىلسا نامازنى تولۇق ئوقۇيدۇ» دېگەن(22). ھەزرىتى ئوسماننىڭ مەككىگە بارغاندا نامازنى تولۇق ئوقۇشى ھەققىدىكى سەھىھ رىۋايەتلەرمۇ بۇنىڭغا ئۇدۇل كېلىدۇ.

كېيىنكى ئالىملاردىن ئىمام ئىبنى تەيمىيە، ئىمام ئىبنى قەييىم، ۋە شەيخ رەشىد رىزا قاتارلىقلار سەپەر ھالىتىدىن مۇقىملىق ھالىتىگە بىر جايدا بىر مۇددەت تۇرۇشنى نىيەت قىلىش بىلەن ئەمەس، جايلىشىش ياكى مۇقىم تۇرۇپ قېلىش بىلەن يۆتكىلىدۇ، دەپ قارىغان(23). بۇلار: ئۆرپ – ئادەتتە، بىر مۇددەت تۇرغان كىشى سەپەر ھالىتىدە دېيىلىدۇ، دەپ قارىغان.

لېكىن، ساھابە كىرام ۋە ئىلگىرىكى ئىماملارنىڭ مۇددەت بېكىتكەن قارىشىنى قويۇپ قويۇپ ئۆرپ – ئادەتكە ئاساسلانغاندىمۇ، بىر يۇرتتا بىر مۇددەت مۇقىم تۇرغان كىشى بەزى ئەللەرنىڭ ئادىتىدە مۇساپىر ئاتالغىنى بىلەن، باشقا ئەللەرنىڭ ئادىتىدە تۇرغۇچى بولىدۇ. مۇقىم تۇرۇۋاتقان كىشى سەپەر ھالىتىدىكى كىشى دېيىلمەيدۇ. شەيخ رەشىد رىزانىڭ بايانىدا كېلىشىچىمۇ، بىر كىشى سەپەرنى توختىتىپ ئۆي تۇتقان بولسا مۇقىملىق شەكىللىنىدۇ. شۇڭا، بۇنىڭدا ئۆرپ – ئادەتكە تايانماي، ئىلگىرىكى ئىماملاردەك ساھابە كىراملارنىڭ بېكىتىشىگە تايىنىش لازىم. (نامازلارنى) قەسرى قىلىپ ئوقۇش ھەققىدىكى ئايەتتىمۇ «سەپەرگە چىققان ۋاقتىڭلاردا كاپىرلارنىڭ ئۆزۈڭلارغا زىيان – زەخمەت يەتكۈزۈپ قويۇشىدىن قورقۇپ، نامازنى قەسرى قىلىپ (يەنى تۆت رەكەتنى ئىككى رەكەت قىلىپ) ئوقۇساڭلار سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. كاپىرلار سىلەرگە ھەقىقەتەن ئوپئوچۇق دۈشمەندۇر (ناماز ئوقۇۋاتقان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ سىلەرنى ئۆلتۈرۈۋېتىشتىن يانمايدۇ)»(24) دېيىلگەن. بىر جايدا مۇقىم تۇرۇۋاتقان كىشى ئايەت بويىچىمۇ، تىل جەھەتتىنمۇ سەپەر قىلىۋاتقان بولمايدۇ. بىراق، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بەزى جايلاردا مەلۇم مۇددەت تۇرسىمۇ يەنىلا سەپەر ھالىتىدە بولغانلىقى ئۈچۈن، رەسۇلۇللاھ تۇرغان قىسقا مۇددەتنى سەپەر ھالىتىگە چىقىرىۋېتىپ، ئۇنىڭدىن ئارتۇقىنى مۇقىملىق ھالىتى دەپ بېكىتىش كېرەك. مانا بۇ ساھابىلارنىڭ ۋە ئىلگىرىكى مۇجتەھىد ئىماملارنىڭ قارىشىدۇر. شۇڭا، مۇددەت بېكىتىش ھەر جەھەتتىن پۇختا ۋە كۈچلۈكتۇر. ساھابە كىراملارنىڭ مۇددەت بېكىتكەنلىكى بۇنىڭغا ئىسپات بولالايدۇ.

ھەممىگە ئايانكى، سەپەر ھالىتى مۇقىم تۇرۇش ھالىتىدىن خېلىلا پەرقلىق، بىر جايدا قانچىلىك مۇقىم تۇرماقچى بولسا سەپەر ھالىتىدىن مۇقىملىققا ئۆتۈش ھەققىدە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن مۇنچە كۈن دەپ بېكىتىش كەلمىگەن. تەبۇكتا 19 كۈن، مەككە فەتھىسىدە 17 كۈن، ۋىدالىشىش ھەجىدە 10 كۈن نامازنى قەسرى قىلىپ تۇرغان، مەككە فەتھىسى بىلەن تەبۇكتىكى تۇرۇش ئۇرۇش ھالىتى ئىدى. بۇ سەۋەبتىن، ساھابە كىراملار ۋە كېيىنكى مۇجتەھىد ئۆلىمالار ئىجتىھاد قىلىپ مۇددەت بېكىتكەن. ساھابە كىراملاردىن كەلگەن يۇقىرىدىكى بېكىتىشلەر ئۇلاردىن سەھىھ رىۋايەت قىلىنغان. دېمەك، كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ مۇددەت بېكىتىشى سەھىھ ھەدىسلەرگە، ساھابىلارنىڭ سۆز ۋە ئىشلىرىغا تايانغان بولىدۇ. بۇ بىر تەرەپتىن، سەپەر ئۈستىدىكى كىشى بىلەن مۇقىم كىشىنى، بىر مۇددەت خاتىرجەم تۇرۇپ تۈرلۈك شارائىتلاردىن بەھرىمەن بولۇشنى ئۆلچەم قىلىپ ئايرىشتەك ئەقىل تەقەززاسىغىمۇ ماس كېلىدۇ. بۇ قاراشلار ئىچىدە بىز ئۇيغۇرلار تۇتۇپ كېلىۋاتقان ھەنەفىي مەزھەپ قارىشى، ساھابىلاردىن سەھىھ رىۋايەت قىلىنغان قاراش بولغانلىقى ئۈچۈن، شۇنداقلا، ساھابىلاردىن سەھىھ رىۋايەت قىلىنغان 10 كۈن بىلەن 19 كۈن ئارىسىدىكى قاراشلار ئىچىدىكى ئوتتۇرا مۇددەتلىك قاراش بولغانلىقى ئۈچۈن، ئەڭ مۇۋاپىق قاراشتۇر. ئەگەر بىر كىشى 4 كۈن، ياكى 10 كۈن، ياكى 12 كۈن، ياكى 19 كۈن دېگەن ساھابىلارنىڭ سەھىھ رىۋايەتلىرى، باشقا مۇجتەھىد ئىماملارنىڭ قاراشلىرى بويىچە ئەمەل قىلسىمۇ، بولۇۋېرىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى سەلەف سالىھلارنىڭ، مۇجتەھىد ئىماملارنىڭ يولىنى تۇتقان بولىدۇ.

ئەمدى بەزىلەرنىڭ «تۈركىيەدە تۆت – بەش يىل مۇقىم تۇرساقمۇ (نامازلارنى) قەسرى قىلىپ ئوقۇيمىز» دەپ سەپەر ھالىتىدىكى ھەدىسلەرنى مۇقىم تۇرغان ئەھۋالغا خاتا تەتبىقلاش مەسىلىسىگە كېلەيلى.

قارايدىغان بولساق، ئۇلارنىڭ مەزكۇر يەكۈن ئۈچۈن ئاساسلانغان دەلىللىرىنىڭ ھەممىسى رەسۇلۇللاھ سەللەلاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋە ساھابە كىراملارنىڭ بىر جايدا ئۇزۇن تۇرۇپمۇ قەسرى قىلغانلىقى ھەققىدىكى ھەدىسلەر بولۇپ، ئىلمىي نوقتىدىن قارايدىغان بولساق، بۇ ھەدىسلەر ئۇلار دەۋالغاندەك تۈركىيەدە نەچچە ئاي ۋە نەچچە يىل تۇرۇۋاتقانلارغا چۈشمەيدۇ. چۈنكى، بۇ ھەدىسلەر ئۇرۇش ھالىتى ياكى قاچانغىچە تۇرۇشىنىڭ ئېنىق بولمىغانلىقى، تۇرۇش مۇددىتىنىڭ يىگىرمە كۈندىن قىسقا بولۇشى، مۇقىم تۇرۇش نىيىتى بولماسلىقى، تۇرماقچى بولغان جاينىڭ ئادەتتە مۇقىم تۇرۇشقا ماس ئەمەسلىكى قاتارلىق سەپەرگە چېتىشلىق بەش خىل ئەھۋال توغرىسىدا كەلگەن بولۇپ، سەپەر ھالىتىدىكى كىشىگىلا ماس كېلىدۇ.

ئالايلۇق، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تەبۇكتا نامازنى قەسرى قىلىپ 20 كۈن تۇرغانلىقى(25)، ساھابىلىرىنىڭ سۇس(26)تا 9 ئاي تۇرۇپ نامازنى قەسرى قىلىپ ئوقۇغانلىقى(27)، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ: بىز خۇراساندا جىھاد قىلىپ ئۇزۇن تۇرۇپ قالىمىز، قانداق قارايدىلا؟ دەپ سورىغان نەسر ئىبنى ئىمرانغا: يىگىرمە يىل تۇرۇپ قالساڭمۇ قەسرى قىلىپ ئىككى رەكەتتىن ئوقۇغىن دېگەنلىكى(28)، ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ شامدا ئىككى يىل تۇرۇپ قېلىپ سەپەر ھالىتىدىكى كىشىدەك ناماز ئوقۇغانلىقى(29)، ئابدۇرراھمان ئىبنى مىسۋەر ئىبنى مەخرەمەنىڭ: «بىز سەئد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن شامنىڭ بەزى كەنتلىرىدە قىرىق كېچە قونۇپ قالدۇق، بۇ كۈنلەردە سەئد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ (نامازلارنى) قەسرى قىلىپ ئوقۇيتتى، بىز قەسرى قىلماي ئوقۇيتتۇق» دېگەنلىكى(30)، ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ ئەزەربەيجاندا تۇرغاندا قار توسۇۋالغانلىقتىن ئالتە ئاي قەسرى قىلىپ ئىككى رەكەتتىن ئوقۇغانلىقى(31)، ئابدۇراھمان ئىبنى سەمۇرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ كابۇلدا ئىككى يىل نامازنى قەسرى قىلىپ، جۈمە ئوقۇمىغانلىقى(32)…

مەزكۇر ئەھۋاللار ئۇلار جىھاد ھالىتىدە بولغان، مۇقىم تۇرۇشنى نىيەت قىلمىغان، تۇرىدىغان ئۆيمۇ يوق شارائىتتا بولغان ئىشلاردۇر. بۇنداق ئەھۋاللاردا (نامازلارنى) قەسرى قىلىپ ئوقۇشتا بىز باشتا ئەسكەرتىپ ئۆتكىنىمىزدەك ئالىملار ئىتتىپاق.

بۇنى ئاللاھ تائالانىڭ: «سەپەرگە چىققان ۋاقتىڭلاردا كاپىرلارنىڭ ئۆزۈڭلارغا زىيان – زەخمەت يەتكۈزۈپ قويۇشىدىن قورقۇپ، نامازنى قەسرى قىلىپ (يەنى تۆت رەكەتنى ئىككى رەكەت قىلىپ) ئوقۇساڭلار سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. كاپىرلار سىلەرگە ھەقىقەتەن ئوپئوچۇق دۈشمەندۇر (ناماز ئوقۇۋاتقان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ سىلەرنى ئۆلتۈرۈۋېتىشتىن يانمايدۇ)»(33) دېگەن ئايىتىمۇ تەكىتلەيدۇ. سەپەر ھالىتىدىلا بولىدىكەن، تاكى مۇقىملىق ھالىتىگە يۆتكەلمىگۈچە (نامازلارنى) قەسرى قىلىپ ئوقۇيدۇ. مۇقىم تۇرسا تولۇق ئوقۇيدۇ.

ئىمام ئىبنى تەيمىيە بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: مۇھاجىرلار رەسۇلۇللاھ سەللەلاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن مەككە فەتھى بولغان يىلى مەككىدە يىگىرمە كۈنگە يېقىن تۇرۇپ قالغان. ئۇلار بۇ تۇرۇشىدا سەپەر ھالىتىدىن چىقىپ كېتىدىغان مۇقىملىقتا ئەمەس ئىدى(34).

مەككە فەتھىسىدە رەسۇلۇللاھنىڭ مەككىدە ئۆيى بولمىغاچقا، مەككە سايلىقىغا چۈشكەن. تەبۇكتىمۇ تۇرالغۇ ئۆي يوق، قانچىلىك تۇرۇش ئېنىق بولمىغان ئۇرۇش ھالىتىدە ئىدى.

ئىمام ئىبنى قەييىممۇ تەبۇكتا تۇرۇش ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: بۇ تۇرۇپ قېلىش سەپەر ھالىتى ئىدى. مەيلى بۇنىڭدىن ئۇزۇن ياكى قىسقا بولۇپ كەتسۇن، ئاشۇ جايدا مۇقىم تۇرۇپ قالماقچى ياكى جايلاشماقچى بولمىغانلىقتىن سەپەر ھالىتىدىن چىقىپ كەتمەيتتى(35).

تۆۋەندىكى رىۋايەتمۇ مۇقىم تۇرغۇچىغا خاتا تەتبىقلانغان:

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن سۇمامە:

–         سەپەر نامىزىنى قانداق ئوقۇيمىز؟ – دەپ سورىغاندا، ئىبنى ئۆمەر:

–         شام نامىزىدىن باشقا نامازنى ئىككى رەكەتتىن ئوقۇيسەن، – دەپ جاۋاب بەرگەن. ئۇ:

–         بىز زۇلمەجازدا بولغىنىمىزدىچۇ؟ – دەپ سورىۋىدى، ئىبنى ئۆمەر:

–         زۇلمەجاز دېگەن نېمە ئۇ؟ – دەپ سورىدى. سۇمامە:

–         بىز يىغىلىپ ئېلىم – سېتىم قىلىدىغان بازار، ئۇ يەردە 15 ياكى 20 كۈن تۇرۇپ قالىمىز – دېدى. ئىبنى ئۆمەر:

–     ھەي ئادەم! مەن ئەزەربەيجاندا ئىككى ياكى تۆت ئاي تۇرۇپ قالدىم. مەن ئۇلارنىڭ نامازنى ئىككى رەكەتتىن ئوقۇغانلىقىنى كۆردۈم. رەسۇلۇللاھ سەللەلاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭمۇ سەپەردە نامازنى ئىككى رەكەتتىن ئوقۇغانلىقىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم، – دەپ بولۇپ: ‹‹سىلەرگە، ئاللاھنى، ئاخىرەت كۈنىنى ئۈمىد قىلغان ۋە ئاللاھنى كۆپ ياد ئەتكەنلەرگە رەسۇلۇللاھ ياخشى ئۈلگىدۇر››(36) دېگەن ئايەتنى سەمىمگە سالدى(37).

مەزكۇر ۋەقەلىكتىمۇ سەپەردىكى ناماز ھەققىدە سورالغان ۋە ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمامۇ سەپەر ھالىتىدىكى ناماز ئۈستىدە توختالغان. زۇلمەجاز دېگەن ھەجگە ئاز قالغاندا مەككە ئەتراپىدا بولىدىغان مەۋسىملىك چوڭ بىر بازار بولۇپ، ھاجىلار ئېلىم – سېتىملىرىنى قاچان تاماملىسا مەككىگە كىرىپ كېتىشەتتى. ئېلىم – سېتىم 15 – 20 كۈن ئەتراپىدا سۈرەتتى. ئۇلار ئېلىم – سېتىملىرىنىڭ قاچان تۈگىشىنى بىلمەي، ئەتە، ئۆگۈن دەپ شۇنچىلىك تۇرۇپ قالاتتى. بۇ سەۋەبتىن، ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما سوئال سورىغۇچىغا ئەزەربەيجاندىكى ئۇرۇش ھالىتىدە، قاچان، قەيەردە بولۇشى نائېنىق بولغان جەڭچىلەرنىڭ سەپەر نامىزىنى شېپى كەلتۈرۈپ، رەسۇلۇللاھنىڭ سەپەر ھالىتىدە قەسرى قىلىپ ئوقۇغانلىقىنى دەلىل كەلتۈرۈپ جاۋاب بەرگەن. ئەلۋەتتە، سەپەر ھالىتىدە قەسرى قىلىپ ئوقۇش بىز يۇقىرىدا بايان قىلغاندەك، كۆزقاراش ئوخشىماسلىقى بولمىغان ئەھۋالدۇر. شۇڭا، بۇ رىۋايەتنىمۇ مۇقىم تۇرغانلارغا تەتبىقلاش توغرا ئەمەس.

دەلىلنى خاتا تەتبىقلىغانلار يەنە، تۈركىيەدە بىر مۇددەت تۇرىدىغانلارنىڭ نامازنى قەسرى قىلىپ ئوقۇشىغا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ، ئەبۇ بەكىر، ئوسمان قاتارلىق ساھابىلارنىڭ مىنادا نامازنى قەسرى قىلىپ ئوقۇغان([38])لىقىنىمۇ دەلىل قىلىپ كۆرسىتىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇ ئۇلار دېگەن مەزمۇنغا دەلىل بولالمايدۇ، بۇ پەقەت سەپەر ھالىتىدە نامازنى قەسرى قىلىپ ئوقۇشنى كۆرسىتىدىغان دەلىل بولىدۇ. بەلكى تېخى بۇنىڭ دەل ئەكسىچە، تۈركىيەدە بىر مۇددەت تۇرىدىغانلارنىڭ تولۇق ئوقۇيدىغانلىقىغا دەلىل بولىدۇ. چۈنكى، ھاجىلار زۇلھەججىنىڭ 8 – كۈنى مىناغا چىقىپ ئەتىسى يەنى ھارپا كۈنى ئەرافاتقا يۈرۈپ كېتىدۇ. ھېيت كۈنى مىناغا قايتىپ 2 كۈن ياكى خالىسا 3 كۈن قونۇپ مەككىگە قايتىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى سەپەر ھالىتىدۇر. مىنا، ئەرافاتلاردا مۇقىم تۇرالغۇمۇ يوق. ھەج قىلىپ باققانلار ئۇ يەرلەردىكى سەپەر جاپاسىنىڭ قانداقلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ. بىز يۇقىرىدا ئىبنى ئۆمەر، ئوسمان قاتارلىق ساھابىلارنىڭ مىنادا نامازنى قەسرى قىلىپ ئوقۇپ، مەككىدە تۇرماقچى بولغان بولسا مەككىدە تولۇق ئوقۇغانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتۇق.

ئۇندىن باشقا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋە ئەبۇ بەكىر، ئوسمان قاتارلىق ساھابىلارنىڭ سەپەردە ئىككى رەكەتتىن ئارتۇق ئوقۇمىغانلىقى ياكى نامازنىڭ ئىككى رەكەتتىن پەرز قىلىنغانلىقى، كېيىن مۇقىم تۇرغانلارغا ئىككى رەكەت قوشۇپ پەرز قىلىنىپ، سەپەر ھالىتىدە ئەسلىدىكى ئىككى رەكەتلا قالغانلىقى… ئومۇمەن، سەپەردە قەسرى قىلىپ ئوقۇش ھەققىدە كەلگەن رىۋايەتلەرنىڭ ھەممىسى، ئالىملار بىردەك قاراشتا بولغان سەپەر ھالىتىنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، بۇ رىۋايەتلەرنى مۇقىم تۇرۇپ قالغان كىشىگە تەتبىقلاش ئېغىر خاتالىق ھەمدە ئەمەلىي شارائىتنى ۋە كىشىلەرنىڭ ئەھۋالىنى توغرا دەڭسىيەلمىگەنلىكتۇر.

يىغىپ ئېيتساق، مۇقىم تۇرۇۋاتقان يېرىدىن تۈركىيەگە ۋە ياكى ھەرقانداق بىر شەھەر، كەنتكە سەپەر قىلىپ 15 كۈن ئەتراپىدا تۇرماقچى بولغان كىشى نامازنى قەسرى قىلماي تولۇق ئوقۇيدۇ. بۇ سەلەف سالىھلارنىڭ، مۇجتەھىد ئىماملىرىمىزنىڭ تاللىشىدۇر. ئەگەر ساھابىلەردىن كەلگەن 4 كۈن، ياكى 10 كۈن، ياكى 12 كۈن، ياكى 19 كۈن دېگەن سەھىھ رىۋايەتلەر، باشقا مۇجتەھىد ئىماملارنىڭ قاراشلىرى بويىچە ئەمەل قىلسىمۇ، بولۇۋېرىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاشلا سەلەف سالىھلارنىڭ، مۇجتەھىد ئىماملارنىڭ يولىنى تۇتقان بولىدۇ.

ئەگەر 15 كۈندىن ئاز تۇرۇشنى ئويلىشىپ، ئەتە – ئۆگۈن ئىچىدە قايتىمەن دەپ نىيەت قىلىپتۇ. ئەمما مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى قايتىدىغان ۋاقتى كەينىگە سۈرۈلىۋېرىپتۇ. لېكىن يەنىلا 15 كۈن ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ تۇرۇشنى نىيەت قىلماپتۇ. مۇشۇ ھالەتتە تۇرغان ۋاقتى 15 كۈندىن ئېشىپ كەتسىمۇ يەنىلا سەپەردىكى كىشىنىڭ ھۆكمىدە بولۇۋېرىدۇ.

شۇنىمۇ ئەسكەرتىپ قويۇش كېرەككى، ناماز دىننىڭ تۈۋرۈكىدۇر. بۇ مەسىلىدە ئاساسى ئاجىز، ئاسان ئىشنى تاللىۋېلىپ دىندا كەتكۈزۈپ قويۇش نامازنىڭ ئادا بولماسلىق خەۋپىنى ئاشۇرىدۇ. ناۋادا بىز نەچچە ئاي تۇرۇشى ئېنىق بولغان كىشىلەرنى سەپەر ھالىتىدىكىلەر قاتارىغا كىرگۈزىۋالغان تەقدىردە، مەسىلە (نامازلارنى) قەسرى قىلىپ ئوقۇش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، نامازلارنى جەملەپ ئوقۇش، سۈننەت نامازلارنى ئوقۇماسلىق، جۈمە ئوقۇماسلىق، رامزاندا روزا تۇتماسلىق، تاھارەت ئالغاندا پۇتلارنى قايتا يۇمايلا ئاياققا، پايپاقلارغا ئۈچ كۈن مەسىھ قىلىشلارغىمۇ بارىدۇ. دېمەك، بۇنداق تايىنى يوق قاراشلار دىننى پىيازنى سويغاندەك سويۇپ يوقىتىۋېتىشقىلا خىزمەت قىلىدۇ، خالاس.

بۇ مەسىلىدە خاتا تەشۋىقات تۈپەيلى، گاڭگىراپ قالغانلار ھەمدە نوپۇس، ئىقامەت ئېلىپ، ئۆي سېتىۋېلىپ ياكى ئىجارە ئېلىپ، ھەتتا ئۆيلىنىپ، دۇكان، شىركەت ئېچىپ تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ نامازنى يەنىلا قەسرى ئوقۇپ كېلىۋاتقانلار بار بولغاچقا، بۇنىڭ ھۆكمى ھەققىدە كۆپ سوئال چۈشتى. دەسلەپتە، بۇ مەسىلە شۇنداق ئايدىڭ، تەپسىلىي توختىلىش كېرەك ئەمەس، دەپ قارىغان بولساممۇ، سوئاللار كېلىۋەرگەچكە بۇ ھەقتە دەلىللىك، تەپسىلىيرەك توختىلىشقا توغرا كەلدى.

ئاللاھ ھەممىمىزنى ئانا ۋەتىنىمىز قوينىدا، مەھەللىمىزنىڭ مەسجىدلىرىدە، ئىززىتىمىز بىلەن ھۆر ياشىغىلى نېسىپ قىلغاي! بۇنىڭ ئۈچۈن، ئاللاھنىڭ دىنىغا ھەقىقىي ئىلىم ۋە توغرا يول ئاساسىدا ئەمەل قىلىش، جۈملىدىن، ناماز ئىبادىتىنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋە ئۇنىڭ ساھابە كىراملىرى كۆرسەتكەن بويىچە ئادا قىلىشقا تىرىشىش ئارقىلىق ئاللاھنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىشنى قولغا كەلتۈرۈش لازىم.

ۋەللاھۇ ئەئلەم.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

2018. 3. 2

————————————————————————————
1. «سنن النسائي الكبرى»، 1/183. برقم: 490. «سنن ابن ماجه»، 1/338. برقم: .1064. «صحيح ابن خزيمة»، 2/340. برقم: 1425. «سەھىھ». بۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئېيتىپ بېرىشىگە قاراشلىق بولغان ئىشلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر. شۇڭا ھەزرىتى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئۇشبۇ سۆزىمۇ «مەرفۇ» ھەدىسنىڭ ھۆكمىدە بولىدۇ.
2. سەھىھەين: «بۇخارىي»، 1102 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 689 – ھەدىس.
3. «بۇخارىي»، «باب يَقْصُرُ إِذَا خَرَجَ مِنْ مَوْضِعِهِ».
4. «ئەبۇ داۋۇد»، 1229 – ھەدىس.
5. «موطأ»، 348 -، 349 – ھەدىس.
6. «بۇخارىي»، 722 – ھەدىس. «مۇسلىم»، 414 – ھەدىس.
7. «الاختيار»، 1/270.
8. «الاختيار»، 1/270 -، 271 – بەتلەر.
9. «بداية المجتهد»، 1/121. «المجموع»، 4/274. «المغني»، 2/47. «عمدة القاري»، 7/115. «نيل الأوطار»، 3/253. «مجموع الفتاوى»، 24/48.
10. ئىمام تاھاۋىي «ھەسەن» سەنەد بىلەن رىۋايەت قىلغان. («أحكام القرآن»، للطحاوي برقم: 346. «نصب الراية»، 2/183.
11. «الحجة»، للإمام محمد بن الحسن الشيباني 1/172. «مصنف ابن أبي شيبة»، 2/208. برقم: 8217 . «نصب الراية»، 2/183).
12. «مصنف عبدالرزاق»، 2/534.
13. «الموطأ»، «باب صلاة المسافر ما لم يجمع مكثا» 1/151. «مصنف عبدالرزاق»، 2/534. «شرح معاني الآثار»، 1/420. «تهذيب الآثار»، 1/247.
14. «تهذيب الآثار»، 1/247.
15. «تهذيب الآثار»، 1/248.
16. «مصنف ابن أبي شيبة»، باب «في أهل مكة يقصرون إلى منى» 2/451.
17. «مسند أحمد»، برقم: 16800 -، 16857 – ھەدىسلەر. سەنەدى سەھىھ.
18. «بۇخارىي».
19. «المحلى»، 5/33.
20. «مۇسلىم»، 1352 – ھەدىس.
21. «المجموع»، 4/361؛ «حاشية لدسوقي»، 1/364؛ «المغني»، 2/132.
22. «المدونة الكبرى»، 1/209.
23. «مجموع الفتاوى»، 24/137؛ «زاد المعاد»، 3/561؛ «فتاوى المنار»، 3/1180.
24. «نىسا» سۈرىسى، 101 – ئايەت.
25. «ئەبۇ داۋۇد»، 1235 – ھەدىس، «سەھىھ».
26. «سۇس» ئىراندىكى بىر جاي بولۇپ، ساھابىلەر بۇ جايغا جىھاد ئۈچۈن بارغان.
27. «السنن الكبرى»، البيهقي 3/152. برقم: 5267. ئىمام نەۋەۋى «سەھىھ» دېگەن. «نصب الراية»، 2/185.
28. «مصنف ابن أبي شيبة»، باب «في المسافر يطيل المقام في المصر» 2/207. 8286 – ھەدىس.
29. «مصنف عبد الرزاق»، باب «الرجل يخرج في وقت الصلاة» برقم: 4354.
30. «مصنف عبد الرزاق»، باب «الرجل يخرج في وقت الصلاة» برقم: 4350.
31. «مصنف عبد الرزاق»، باب «الرجل يخرج في وقت الصلاة» برقم: 4339.
32. «مصنف عبد الرزاق»، باب «الرجل يخرج في وقت الصلاة» برقم: 4352.
33. «نىسا» سۈرىسى، 101 – ئايەت.
34. «مجموع الفتاوى»، 24/139.
35. «زاد المعاد»، 3/491.
36. «ئەھزاب» سۈرىسى، 21 – ئايەت.
37. «مسند أحمد» سۈرىسى، 5552 – ھەدىس. سەنەدى ھەسەن.
38. «مۇسلىم»، 1626 – ھەدىس. «مسند أحمد»، 16800 -، 16857 – ھەدىسلەر.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ.