قىز – ئاياللارنىڭ ياغلىق چىگىپ ئۇخلىشى

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! قىز – ئاياللار كەچتە ئۇخلىغاندا چوقۇم ياغلىق چىگىپ ئۇخلىشى كېرەكمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت – سالاملار بولسۇن.

نامەھرەم ئەر كىشى بولمىغان يەردە قىز – ئاياللار ئولتۇرغاندا ياكى ئۇخلىغاندا ياغلىق چىگىشى كېرەك ئەمەس.

نامەھرەم قىز – ئاياللار بار ئۆيگە كىرىشتە ئىشىكنى قېقىپ ئىجازەت سوراش ئىسلامدىكى بىر ئەدەپ – قائىدىدۇر.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: [ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئۆز ئۆيلىرىڭلاردىن باشقا ئۆيلەرگە ئۆي ئىگىسىگە خاتىرجەملىك ھېس قىلدۇرۇپ سالام بەرمىگىچە كىرمەڭلار، بۇ سىلەرگە ياخشىدۇر].([1])

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن: [روماللىرى بىلەن كۆكرەكلىرىنى ياپسۇن، زىننەتلىرىنى ئەرلىرىدىن، ئاتىلىرىدىن، يا قېيىن ئاتىلىرىدىن يا ئوغۇللىرىدىن يا ئەرلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن يا ئۆز قېرىنداشلىرىدىن يا قېرىنداشلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، يا ھەمشىرىلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن يا ئۆز ئاياللىرىدىن يا قول ئاستىدىكى قۇللاردىن، يا خوتۇنلارغا ئېھتىياجى يوق خىزمەتچىلەردىن ياكى ئاياللارنىڭ ئۇياتلىق جايلىرىنى ئۇقمايدىغان بالىلاردىن باشقىلارغا كۆرسەتمىسۇن].([2])

بۇ ئايەتتە ئايال كىشى زىننەتلىرىنى كۆرسىتىدىغانلار قاتارىدا ئايالنىڭ ئېرى بار. بەلكى زىننەتلىنىشتىن ئاساسلىق مەقسەت ئەرگە كۆرۈنۈشتۇر. ئۇنداق بولغان ئىكەن، ئەر ئايالىنىڭ ھەممە يېرىگە قارىسا بولىدۇ. ئۇخلىغاندا ياغلىق بىلەن ئۇخلىسا ئەر ئايالىنىڭ زىننىتىنى، جامالىنى قانداق كۆرىدۇ؟ يەنە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەپ بۇيرۇغان: [ئى ئىمان ئېيتقانلار! قۇللىرىڭلار، ئىچىڭلاردىكى بالاغەتكە يەتمىگەن بالىلار ناماز بامداتتىن بۇرۇن، چۈشتە ئارام ئېلىشقا كىيىمىڭلارنى سالغان چېغىڭلاردا ۋە خۇپتەندىن كېيىن مۇشۇ ئۈچ ۋاقىتتا يېنىڭلارغا كىرىشتە ئىجازەت سورىسۇن].([3])

يەنى، مۇشۇ ئۈچ ۋاقىت كىيىملەرنى سېلىپ، ئارام ئالىدىغان ۋاقىت بولغاچقا، كىچىك بالىلارنى كىرىشكە ئىجازەت سوراشقا بۇيرۇغان.

بۇنىڭدىن ئاياللارنىڭ ياغلىق ئارتماي بەلكى، تېخى ئادەتتىكى كىيىملىرىنى سېلىۋېتىپ يېتىشنىڭ جائىزلىقى چىقىپ تۇرىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا ۋاقىتلاردا كىچىك بالىلار ئىجازەتسىز كىرسىمۇ چوڭلار يەنىلا ئىجازەت بىلەن كىرىشى كېرەك.

سەھل ئىبنى سەئد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئىجازەت سوراش دېگەن كۆز ئۈچۈن يولغا قويۇلغان» دېگەن.([4])

ئەگەر بەزى ئائىلىلەردە ياكى بەزى شەھەرلەردە ئاياللار ياتقان ئۆيگە ئىجازەتسىز ئۈسۈپلا كىرىۋېرىدىغان ئادەت بولسا، نامەھرەمگە تۇيۇقسىز باشتاق كۆرۈنۈپ قالماسلىق ئۈچۈن ئېھتىيات يۈزىسىدىن ياغلىق چىگىپ يېتىشى كېرەك بولىدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

2011 – 6 – 15

————————-
([1]) «نۇر» سۈرىسى، 27 – ئايەت.
([2]) «نۇر» سۈرىسى، 31 – ئايەتنىڭ بىر قىسمى.
([3]) «نۇر» سۈرىسى، 58 – ئايەتنىڭ بىر قىسمى.
([4]) «بۇخارى»، 6241 – ھەدىس.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز