سەجدىدە ۋە تەشەھھۇدتىن كېيىن ئۇيغۇرچە دۇئا قىلىش

سەجدىدە ۋە تەشەھھۇدتىن كېيىن ئۇيغۇرچە دۇئا قىلىش

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، سەجدىدە ۋە تەشەھھۇدتىن كېيىن ئۇيغۇرچە دۇئا قىلساق بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانا جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت – سالاملار بولسۇن.

مېنىڭ قانائېتىمچە ئۇيغۇرچە دۇئا قىلىشتا نامازنىڭ ئىچى بىلەن سىرتى، پەرز بىلەن ۋاجىپ ۋە نەپلە نامازلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا پەرق بولماسلىقى كېرەك.

چۈنكى، ئەجەم (ئەرەب ئەمەس) لەرنىڭ ئۆز تىلىدا ئاللاھقا دۇئا قىلىشىنى چەكلەيدىغان دەلىل يوق، چەكلەيدىغان دەلىل بولمايدىكەن، ئەسلىدىكى ھالىتىدە جائىز بولۇپ تۇرىۋېرىدۇ.

ھەركىم نامىزى دۇرۇس بولغۇدەك مىقداردا ئايەت ۋە ئەتتەھىياتۇ شۇنداقلا نامازدىكى بەزى تەكبىر قاتارلىق زىكىرلەرنى ئۆگىنىۋالسا بولىدۇ. ئەمما، دۇئا بولسا، بۇ بەندە خالىغىنىچە ئىگىسىدىن تىلەيدىغان، دائىرىسى كەڭرى ئىش بولغاچقا، سەجدىدە ۋە تەشەھھۇدتىن كېيىن ئۆز تىلى بىلەن تىلىسە بولىدۇ. شۇڭا، ئالىملار دۇئانىمۇ ئەرەبچە قىلىشنى ئۆگىنىشى كېرەك دېمەيدۇ.

بەندە نامازدا تۇرغىنىدا رەببى بىلەن مۇناجات قىلىۋاتقان ھالەتتە بولىدۇ، دۇئا قىلىش بەندە ئۆز خالىقىدىن كۆڭلىدىكى ئارزۇ – ئارمان، ئىستەكلىرىنى تىلەشتىن ئىبارەت بولغاچقا، قايسى تىلدا بولسا مەيلى بولىدۇ.

ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دە مۇنداق دېگەن: [رەببىڭلار دېدى: مەندىن تىلەڭلار، ئىجابەت قىلىمەن].(1)

يەنە مۇنداق دېگەن: [قۇللىرىم سەندىن مەن توغرۇلۇق سورىسا، ئېيتقىنكى، مەن ھەقىقەتەن ئۇلارغا يېقىنمەن، مەندىن تىلىسە دۇئا قىلغۇچىنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىمەن].(2)

بۇ ئايەتلەردە بۇيرۇلغان دۇئا ئەرەبچە ياكى ئەجەمچە ھەممە تىل، نامازنىڭ ئىچى ھەم سىرتىدىكى ھەممە دۇئالارغا قارىتا ئومۇمدۇر.

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تەشەھھۇدتا ئوقۇيدىغان ئەتتەھىيياتۇنى ئۆگىتىپ بولۇپ مۇنداق دېگەن: «ئۇندىن كېيىن ئۆزى ئەڭ ياخشى دەپ قارىغان دۇئالارنى تاللاپ دۇئا قىلسۇن».(3)

يەنى، دۇنيالىقى ياكى ئاخىرەتلىكى ئۈچۈن ئۆزى ئەڭ ياقتۇرغان دۇئالارنى قىلسۇن. ئەلۋەتتە، ئەڭ ياقتۇرىدىغان تىلەكلەرنى ھەر كىشى ئەرەب تىلىدا قىلالمايدۇ.

ئىمام ئىبنى ھەزم مۇنداق دەپ ئېنىق مۇئەييەنلەشتۈرگەن: «غەيرى ئەرەب تىلىدىكى كىشىلەر نامىزىدا ئۆز تىلى بىلەن دۇئا قىلسا بولىدۇ، لېكىن ئۆز تىلىدا قۇرئان ئوقۇسا بولمايدۇ».(4)

دېمەك، نامازدا ئايەتنى ئۇيغۇرچە ئوقۇسا بولمايدۇ. دۇئانى ئۇيغۇرچە قىلسا بولىدۇ.

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيەمۇ مۇنداق دەيدۇ: «دۇئا دېگەن ئەرەبچە ياكى غەيرى تىلدا جائىز، تىلىنى راۋان ئەرەبچە قىلىپ رۇسلايمەن دېمىسىمۇ ئاللاھ تائالا دۇئا قىلغۇچىنىڭ مۇراد – مەقسىتىنى بىلىدۇ، چۈنكى ئاللاھ تۈرلۈك تىلدا تۈرلۈك ھاجەتلەرنى ئىپادىلىگەن ئاۋازلارنىڭ مەنىلىرىنى بىلىدۇ».(5)

ھەنەفىي مەزھەپ ئالىملىرى نامازدا دۇئا قىلغاندا ئايەتلەرگە ئوخشاپ كېتىدىغان، قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە كەلگەن دۇئالارنى قىلسا بولىدۇ. ئادەتتە، كىشىلەرنىڭ گەپ – سۆزلىرىدەك دۇئالارنى قىلسا بولمايدۇ، دەپ قاراپ «مۇسلىم» دە كەلگەن: «بىزنىڭ بۇ نامىزىمىزدا كىشىلەرنىڭ گەپ – سۆزلىرى قىلىنسا بولمايدۇ، ئۇ پەقەت تەسبىھ، تەكبىر ۋە قۇرئان تىلاۋىتىدىن ئىبارەت»(6) دېگەن ھەدىسنى ئاساس قىلىدۇ.(7)

لېكىن، بۇ ھەىستە كەلگەن كىشىلەرنىڭ گەپ – سۆزلىرىدىن مەقسەت ئادەتتە، كىشىلەر بىر – بىرىگە خىتاب قىلىپ دەيدىغان گەپ – سۆزلەردۇر. ئاللاھقا خىتاب قىلىپ قىلغان دۇئا بۇ ھەدىس دائىرىسىگە كىرمەيدۇ. چۈنكى، بۇ ھەدىس نامازدا تۇرۇپ چۈشكۈرگەن بىر ساھابىگە «يەرھەمۇكەللاھ» دېگەن ساھابىگە ئېيتىلغان.

دېمەك، پەرز بولسۇن ياكى نەپلە بولسۇن ناماز ۋە نامازنىڭ سىرتىدا بەندە پەرۋەردىگارىغا دۇئا قىلسا، دۇئانىڭ باشقا شەرتلىرى تېپىلسا، ئاللاھ تائالا ئۇنى ئىجابەت قىلىدۇ ياكى ساۋابىنى ساقلاپ قويىدۇ ياكى بىر بالانى كەتكۈزۈۋېتىدۇ.

بىز مۇشۇ قاراشنى تۇتمىساق ئەرەبچە بىلمەيدىغان ياكى ئەرەبچە جايىدا تەلەپپۇز قىلالمايدىغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ خالىغان ئىستەكلىرىنى نامازدا تىلەشتىن ئىبارەت ئەڭ مۇھىم بىر ئىبادىتىنى توسۇپ قويغان بولىمىز.

ۋەللاھۇ ئەئلەم.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

2010. 9. 15

«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 67 – نومۇرلۇق پەتۋا.

————————-
1. «غافىر» سۈرىسى، 60 – ئايەت.
2.«بەقەرە» سۈرىسى، 186 – ئايەت.
3. «بۇخارىي»، 835 – ھەدىس.
4. «المحلى»، 4/159.
5. «مجموع الفتاوى»، 22/489.
6. «مۇسلىم»، 537 – ھەدىس.
7. «المبسوط»، 1/198 «تبيين الحقائق»، 1/124.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ