شەيخ ئەبۇبەكرى ئاخۇن خەلپىتىم كاشغەرى

(1311-1374ھ)

( 1893-1954م)

 

شەيخنىڭ ئىسمى ئەبۇبەكرى ھافىز موللا بولۇپ، ھىجىرىيە 1311-يىلى قەشقەر شەھرىگە قاراشلىق خانئېرىق دېگەن يۇرتتا تۇغۇلغان. قەشقەر شەھرىدە ئۆسۈپ يېتىلىپ، شۇ يەردە ئوقۇغان. شەيخنىڭ دادىسى قەشقەر شەھىرىدە ئولتۇراقلاشقان ئەخلاق – پەزىلەتلىك، ئىلىم سۆيەر كىشى بولۇپ، شۇ يەردە قوي سودىسى قىلاتتى.

ئەبۇبەكرى ئائىلىدىكى سەككىز پەرزەنت ئىچىدىكى يالغۇز ئوغۇل بولۇپ، بالىلارنىڭ ئەڭ كىچىكى ئىدى. دادىسى ئۇنى كىچىكىدىنلا ناھايىتى ياخشى تەربىيىلەپ، ئۇنى قۇرئان يادىلىتىش ئۈچۈن قارىيخانىغا ئەكىلىپ بەرگەنىدى. كېيىنچە ئۇ قۇرئاننى تولۇق يادىلاپ بولمايلا شەرىئەت ئىلىملىرىنى ئوقۇشقا كىرىشىپ كەتكەن ۋە ھىجىرىيىنىڭ 1336-يىلى ئوقۇشنى تاماملاپ قەشقەر شەھرىنىڭ شەرقىدىكى قەدىمىي مەھەللە توقامدىكى بىر مەدرىسكە مۇدەررىس بولۇپ تەيىنلەنگەن. كېيىنچە ئىمام – خاتىبلىق ۋە مەھكىمە شەرئىيدە مەمۇرى خىزمەتلەرنى قىلغان.

ئۇ دائىم يېمەك-ئىچمەك، خەلق تۇرمۇشىغا لازىملىق ماللار بازىرىنى ئايلىنىپ پۇقرالار ئۈچۈن، شەرىئەت ۋە ئىلىم مەرىپەت ئۈچۈن ئۆزىنىڭ قولىدىن كېلىشىچە خىزمەت قىلاتتى.

شەيخ ئەبۇبەكرى ئاخۇن خەلپىتىم ھىجىرىيە 1374-يىلى قەشقەردە ۋاپات بولۇپ، شۇيەرگە دەپنە قىلىنغان.

ئاللا ياتقان يىرىنى جەننەتتىن قىلغاي! ئامىن.

ئەدىب ئۇستاز مۇھەممەت قاسىم ئەمىننىڭ «الإعلام لبعض رجالات تركستان» ناملىق كىتابىدىن «ساجىيە ئىسلام بىلىملىرى تورى» تەرجىمە قىلدى.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ.