قوليازمىنىڭ ئىسمى: ئەلۋەلۇدۇششەفىق، ۋەلھافىدۇلخەلىق / الولد الشفيق والحافد الخليق / Niğdeli Kadı Ahmed Hotenî’in El-Veledü’ş-Şefik Ve’l-Hafidü’l-Halik’ı.
تۈر: ئومۇمى ئىسلام تارىخى. تەرجىمىھاللار. ئىلمى كالام. جۇغراپىيە، فىزىكا، ئاسترونومىيە ۋە ئاناتولىيە ۋە سەلجۇقىيلار دۆلىتى تارىخىدا زور قىممەتلىك فارسچە مۇختەسەر مەنبە.
ۋاراق سانى: 294 (588 بەت). (ئەمەلىيەتتە بار ۋاراق سانى 294، قوليازمىدا ۋاراق سانى: 298 يېزىلغان بولۇپ، 4 ۋاراق كەم سۈرەتكە ئېلىنغان بولۇش ئېھتىمالى بار. بىر- ئىككى بۆلۈم ئاخىرىدىكى بىرەر ۋاراق بوش، 233 – ۋاراق نومۇرى تەكرار قويۇلۇپ قالغان)
قوليازمىنىڭ سۈپىتى: بۇ ھـ 733 / م. 1333 – يىلى 48 ياشتىكى قازى ئەھمەد ئەلخوتەنىي ئەننىگىدىي تەرىپىدىن قەلەمگە ئېلىنىپ تاماملانغان ئەسەرنىڭ ھـ 741 / م. 1340 – يىلى يۈسۈف ئىبنى بەنجار ئىبنى ئالب ئارسلان ئەلھىرەقلىي ئەلئاقسارايىي قەلىمى بىلەن مۇئەللىفنىڭ نۇسخىسىدىن ھەر بەت 23 قۇردا كۆچۈرۈلگەن نۇسخىسى بولۇپ، رۇم سەلجۇقىيلار دۆلىتىنىڭ ئەمىر – ئۇمەرالىرى، شائىرلىرى، قازىلىرى، تېۋىبلىرى ۋە بۈيۈكلىرىنىڭ ئەھۋالىنى بايان قىلىدۇ. بىر مۇندەرىجە (ئەرەبچە)، مۇقەددىمە، بەش بۆلۈم ۋە خاتىمەدىن تەركىپ تاپىدۇ.
مۇقەددىمىسىدە تارىخ ئىلمىنىڭ مەشئۇرىيەتىگە دائىر 20 دەلىل ۋە تۆت بۆلۈمنىڭ مەزمۇنى ۋە قوشۇمچىلىرى؛ بىرىنچى بۆلۈمدە پەيغەمبەرلەر تارىخى، يۇنان پەيلاسوپلىرى ۋە ئىسلام ھەكىملىرى، ئەجەم پادىشاھلىرى بايان قىلىنىدۇ (1ب – 71ب)؛ ئىككىنچى بۆلۈمدە ئىسلام تارىخى (72ئا – 156ئا)؛ ئۈچىنچى بۆلۈمدە فىزىكا، ئاسترونومىيە، جۇغراپىيە بىلەن قىيامەت ۋە ئاخىرەت ئەھۋالى(157ب – 198ئا)؛ تۆتىنچى بۆلۈمدە ھەزرىتى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سىيەر، شەمائىل، ئەخلاق ۋە پەزىلەتلىرى(201ب – 256ئا)؛ بەشىنچى بۆلۈمدە ئۇسۇلۇددىن (257ب – 293ئا)؛ خاتىمەدە ئۇمدەتۇ كەلام، تەنبىھ، فەراغ قاتارلىقلار يەر ئالىدۇ (293ب – 298ئا).
باشلىنىشى: بسم الله الرحمن الرحيم. وبه الإتمام كل المرام.
الحمد لله الأول الآخر الباطن الظاهر المقتدر القاهر البديع الفاطر الرفيع القادر، مسخر البحر الزاجر والفلك الماحر، مذهب الظلام الساتر، مسلل السيف الشاهر من يد كل غاز ماهر على رأس جل فاجر كافر، الذي ثبتت أفئدة الموحدين بأقاصيص المرسلين…
ئاخىرى: وقد تم الفراغ من تأليف هذا الكتاب المشتمل على الأنواع المفصلة يوم الثالث عشر من شهر ذي الحجة آخر أيام التشريق أول أيام البيض بالتحقيق، مختتم شهوره سنة ثلاث وثلاثين وسبعمائة، داخل صفة زاوية الصدر المغفور الوجيه المشكور نظام الدين أحمد بن علي طاب مثواه وبل ثراه… على يد القاضي المذكور أولا برأه الله من الرياء والسمعة بتواتر ألطافه وأبهجه بغفر ذنوب آبائه وأسلافه، والحمد لله وحده وكفى، وصلواته على سيدنا محمد المصطفى، وعلى آله وأهل بيته وصحبه ذوي العقول والنهى، والملائكة والأنبياء والرسل وكمل العباد وما ميز المبتدأ من المنتهى.
قوليازما ساقلانغان ئورۇن:
İstanbul Süleymaniye Yazma Eserler Kütüphanesi. Fâtih no: 4018 (كونا نومۇرى: 4019)
مۇئەللىفنىڭ تولۇق ئىسمى ۋە نىسبىتى: قازى ئەھمەد ئىبنى زەينۇددىن ئەننۇشىي ئىبنى قازى جامالۇددىن مۇھەممەد ئىبنى ھەسەن ئەلخوتەنىي ئەتتۈركىستانىي ئەننىگىدىي
مۇئەللىفنىڭ بوۋىسى تۈركىستاننىڭ كاتتا ئۆلىمالىرىدىن قازى جامالۇددىن مۇھەممەد ئىبنى ھەسەن ئەلخوتەنىي ئەتتۈركىستانىي بولۇپ، نايمان خانى تايانخاننىڭ ئوغلى كۈچلۈكنىڭ ھ. 613/ م. 1217 – يىلى خوتەندىكى زۇلۇملىرى سەۋەبلىك خوتەندىن ئاناتولىيەگە ھىجرەت قىلىپ، سۇلتان غىياسۇددىن كەۋخۇسرەۋ (ئۆ ھ. 643/ م. 1245) ۋەسىيىتى بويىچە سۇلتاننىڭ ئوغۇللىرى ئىززۇددىن كەۋكاۋۇس بىلەن رۇكنۇددىن قىلىچ ئارسلاننىڭ ۋەزىرلىكىنى ۋە ئاتابېكلىكىنى قىلغان. كونياغا قازى، ئومۇم ۋەقفكە نازىر بولغان. مۇئەللىفنىڭ تاغىسى سەلجۇقىيلار ۋالىيسى بەدرۇددىن ئىبراھىم ئەلخوتەنىيدۇر. مۇئەللىفنىڭ ئاتىسى زەينۇددىن نۇشىي ھ. 698/ م. 1298 – يىلى 44 يېشىدا زەھەرلىك قېلىچ يارىسىدا ئۆلگەن ۋە ئاتىسىنىڭ مازىرى نىگدەدە بولغانلىق ۋە ئۆزىنىڭمۇ نىگدەدە تۇغۇلغانلىقى سەۋەب، نىگدەدە تۇرۇپ قالغان. ئاتىسىدىن 13 ياشتا قالغان قازى ئەھمەد نىگدەنىڭ ناھىيەلىرىدىن مالاكوپىيە (ھازىرقى نەۋشەھىرگە تەۋە دەرىنكۇيۇ) دىكى مەۋلانا كامالۇددىن ئەننىگىدىيدىن، كېيىنچە مەۋلانا نەجمۇددىن ئەلئەسفەھانىي، مەۋلانا شەرەفۇددىن ئەلمەۋسىلىي، مەۋلانا ھۇسامۇددىن، ناسىرۇددىن شىيرازىي، شەيخ شەمسۇددىن ۋە قۇتۇبۇددىن ئەلى ھىرەقلىي، رۇكنۇددىن مازاندارانىي، شەيخ زاكىرۇددىن ۋە شەيخ نىزامۇددىن ئەھمەد ئىبنى ئەلى قاتارلىق زاتلاردىن تەلىم ئالغان.
كېيىنچە قازى، ھاكىم، كاتىب، مۇسەننىف، ۋە مۇتەرجىم سۈپەتلىرى بىلەن ئەمەل تۇتقان ۋە خىزمەت قىلغان. ئۆزىنى تۈركىستانىي، ئەلخوتەنىي، ئەننىگىدىي، ئەلخوتەنىينىڭ نەۋرىسى، نۇشىينىڭ ئوغلى دەپ تەرىپلىگەن. ھ. 700/ م. 1301 – يىلى 15 ياشقا، ھ. 7002/ م. 1303 – يىلى 17 ياشقا كىرگەنلىكىنى تەكىتلىگەن قازى ئەھمەد خوتەنىي ھ. 685/ م. 1286 – يىلى تۇغۇلغان بولۇشى كېرەك.
ئايالى ھۆججەتۇل ئىسلام ئەلغەززالىينىڭ يەتتىنچى نەۋرىسى بولۇپ، چوڭ ئوغلىنىڭ ئىسمى مۇھەممەد، كىچىكىنىڭ ئىسمى كامال خاتىب ۋە ئبدۇلمۇئمىن خاتىبتۇر.
مۇسەننىفنىڭ سەلجۇقنامە ئاتلىق يەنە بىر ئەسەرى بارلىقى مەلۇم.
تەۋەللۇدى: نىگدە، ھ. 685/ م. 1286.
ۋاپاتى: ھـ 733 / م. 1333 – يىلىدىن كېيىن.
قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا / ئەلى ئەرتۇغرۇل: «تۈركىيە دىيانەت ۋەقفى ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى» (تۈركچە) «NİĞDELİ KADI AHMED» ماددىسى، ئىستانبۇل، م. 2019، 2/355، 356. https://islamansiklopedisi.org.tr/nigdeli-kadi-ahmed
Ali Ertuğrul, Niğdeli Kadı Ahmed’in el-Veledü’ş-şefîk ve’l-hâfidü’l-halîk’ı (Anadolu Selçuklularına Dair Bir Kaynak), Ankara 2015, I-II.
ئەسكەرتىش: مۇئەللىف قوليازمىسىدا ئېنىق قىلىپ: «مۇئەللىف نەھىف، ئەھمەد قازى نەبىي خوتەنىي» دەپ خوتەنگە نىسبەت بەرگەن بولسىمۇ، تۈركىيەدە تۇغۇلغان نىگدەگە نىسبەت بېرىلىپ تونۇلغاندۇر.
***
اسم المخطوطة: الولد الشفيق والحافد الخليق.
الفن: تاريخ الإسلام العام. التراجم. علم الكلام. جغرافيا، فيزياء، علم الفلك. تاريخ السلاجقة في الأناضول.
عدد الأوراق: 294 (588 صفحة). مكتوب في المخطوطة أنها 298 ورق. لكن يبدو أن هناك أربع ورقات ناقصة. مع العلم أن أواخر بعض الفصول فارغة والرقم 233 مكرر.
وصف المخطوطة: هذه النسخة كتبها المؤلف بالفارسية سنة ھـ 733 / م. 1333 وعمره 48 سنة. وقد تم نسخها سنة ھـ 741 / م. 1340. وتضمن الكتاب أحوال دولة السلاجقة في الأناضول وأمرائها وشعرائها وقضاتها وأطبائها وعظمائها في فهرست ومقدمة وخمسة فصول وخاتمة.
أولها: بسم الله الرحمن الرحيم. وبه الإتمام كل المرام.
الحمد لله الأول الآخر الباطن الظاهر المقتدر القاهر البديع الفاطر الرفيع القادر، مسخر البحر الزاجر والفلك الماحر، مذهب الظلام الساتر، مسلل السيف الشاهر من يد كل غاز ماهر، على رأس جل فاجر كافر، الذي ثبت أفئدة الموحدين بأقاصيص المرسلين…
آخرها: وقد تم الفراغ من تأليف هذا الكتاب المشتمل على الأنواع المفصلة يوم الثالث عشر من شهر ذي الحجة آخر أيام التشريق أول أيام البيض بالتحقيق، مختتم شهوره سنة ثلاث وثلاثين وسبعمائة، داخل صفة زاوية الصدر المغفور الوجيه المشكور نظام الدين أحمد بن علي طاب مثواه وبل ثراه… على يد القاضي المذكور أولا برأه الله من الرياء والسمعة بتواتر ألطافه وأبهجه بغفر ذنوب آبائه وأسلافه، والحمد لله وحده وكفى، وصلواته على سيدنا محمد المصطفى، وعلى آله وأهل بيته وصحبه ذوي العقول والنهى، والملائكة والأنبياء والرسل وكمل العباد وما ميز المبتدأ من المنتهى.
مكان المخطوطة:
İstanbul Süleymaniye Yazma Eserler Kütüphanesi. Fâtih no: 4018 (الرقم القديم: 4019)
الاسم المؤلف الكامل: القاضي أحمد بن زين الدين الأنوشي بن القاضي جمال الدين محمد بن الحسن الخُتَني التركستاني الأصل، والنكدي أو النغدي مولدا.
تاريخ الولادة: نىكدە، ھ. 685/ م. 1286.
ۋاپاتى: بعد عام ھـ 733 / م. 1333.
ملحوظة: رغم أن المؤلف نسب نفسه في المخطوطة إلى الختن من مدن تركستان الشرقية قائلا: «المؤلف النحيف القاضي أحمد نبي الخُتني» إلا أنه عرف بنسبته إلى مكان مولده النكدة في الأناضول.
انظر في ترجمة المؤلف: موسوعة الديانة التركية، مادة: «NİĞDELİ KADI AHMED»
https://islamansiklopedisi.org.tr/nigdeli-kadi-ahmed
Ali Ertuğrul, Niğdeli Kadı Ahmed’in el-Veledü’ş-şefîk ve’l-hâfidü’l-halîk’ı (Anadolu Selçuklularına Dair Bir Kaynak), Ankara 2015, I-II.
«ساجىيە»دىن دەرھال چۈشۈرۈۋېلىڭ! حمل الآن Download now
بۇ يەردىن:
«شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (11) قازى ئەھمەد ئەلخوتەنىي ئەننىگىدىي – ئەلۋەلۇدۇششەفىق، ۋەلھافدۇلخەلىق / الولد الشفيق والحافد الخليق» pdf

