دوزاخ ئاللاھ تائالا ئۇنى ياراتقاندىن باشلاپ، داۋاملىق كۆيۈپ، يالقۇنجاپ تۇرۇۋاتىدۇ. دوزاخ دوزاخ ئەھلىگە غەزەپلەنگەنلىكتىن يېرىلىپ كېتىشكە تاس قالىدۇ. قىيامەت كۈنى ئاللاھ تائالا ئىلگىرىكىلەردىن ۋە كېيىنكىلەردىن ھېساب ئالغان چاغدا، دوزاخقا يېقىلغۇ بولىدىغان بىرمۇنچە ئىنسانلار كەلتۈرۈلىدۇ، ئۇلار باشقىلاردىن ئىلگىرى دوزاخقا تاشلىنىدۇ.
ئۇنداقتا ئۇلار كىملەر؟
ئۇلارنىڭ گۇناھى نېمە؟
ئەمەللەرنىڭ قوبۇل بولۇشىنىڭ ئەسلى شەرتى ئاشۇ ئەمەلدە ئاللاھقا ئىخلاس قىلىش، شەرىئەتكە ئەگىشىش ۋە ئەمەلنىڭ رىيادىن ۋە بىدئەتتىن خالىي بولۇشىدۇر. ئەگەر ئىنسان ئەمەللىرىدە رىيادىن ۋە بىدئەتتىن يىراق بولسا، نىجات تاپىدۇ.
رىۋايەت قىلىنىشىچە، شۇفەي ئەلئەسبەھىي دېدىكى: «مەن مەدىنە مەسجىدىگە كىردىم، مەسجىدتە بىر ئادەمنىڭ ئەتراپىغا بىرمۇنچە ئىنسانلار ئولىشىۋاپتۇ، مەن:
— بۇ كىم؟ — دەپ سورىسام، ئۇلار:
— ئەبۇ ھۇرەيرە، — دېدى.
مەن ئۇنىڭغا يېقىنلىشىپ، ئۇنىڭ ئالدىدا ئولتۇردۇم، ئۇ كىشىلەرگە سۆزلەپ بېرىۋاتاتتى. ئۇ سۆزىنى تۈگىتىپ، ئايرىم قالغان چاغدا، ئۇنىڭغا:
— سىلىدىن ھەقنى سورايمەنكى، مەن سىلىدىن سىلى نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ئاڭلاپ چۈشەنگەن ۋە بىلىۋالغان قانداقلىكى بىر ھەدىسنى سورىسام، دەپ بەرسىلە، — دېگەنىدىم، ئەبۇ ھۇرەيرە:
— مەن ساڭا، نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ماڭا سۆزلەپ بەرگەندە، مەن چۈشەنگەن ۋە بىلىۋالغان بىر ھەدىسنى سۆزلەپ بېرىمەن، — دېدى. ئاندىن يىغلاپ سالدى. ئۇ بىرئاز تۇرۇۋالدى، ئۇنىڭدىن كېيىن ئەسلىگە كېلىپ:
— مەن ساڭا نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ماڭا سۆزلەپ بەرگەن بىر ھەدىسنى سۆزلەپ ېىرىمەن، ئۇ چاغدا مەن ئۇ زات بىلەن بۇ ئۆيدە ئىدۇق، ئىككىمىزدىن باشقا ھېچكىم يوق ئىدى، — دېدى. ئاندىن يەنە يىغلاپ كەتتى. ئۇ بىرئاز تۇرۇۋالدى، ئۇنىڭدىن كېيىن ئەسلىگە كەلدى ۋە يۈزىنى سىلىۋېتىپ:
— مەن ساڭا نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ماڭا سۆزلەپ بەرگەن بىر ھەدىسنى سۆزلەپ بېرىمەن، ئۇ چاغدا مەن ئۇ زات بىلەن بۇ ئۆيدە ئىدۇق، ئىككىمىزدىن باشقا ھېچكىم يوق ئىدى، — دېدى. ئاندىن يەنە قاتتىق يىغلاپ نالە – پەرياد قىلىپ سالدى ۋە يان تەرىپىگە سەل سىڭايان بولۇپ، ھوشىدىن كېتىشكە تاس قالدى. ئاندىن ئۇ ئەسلىگە كەلدى ۋە دېدىكى:
— نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ماڭا مۇنداق سۆزلەپ بەرگەن ئىدى: ‹ھەقىقەتەن، ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنى بولغاندا، بەندىلىرىنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم قىلىش ئۈچۈن چۈشىدۇ. ھەممە ئۈممەتلەر تىزلىنىپ ئولتۇرىدۇ. ئاللاھ تائالا چاقىرىدىغان تۇنجى ئىنسانلار ”قۇرئان“نى يادلىغان كىشى، ئاللاھ يولىدا ئۆلتۈرۈلگەن كىشى ۋە مال – دۇنياسى كۆپ بولغان كىشىدۇر. ئاللاھ تائالا ”قۇرئان“ ئوقۇغان كىشىگە:
— مەن رەسۇلۇم سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە نازىل قىلغان نەرسىنى ساڭا ئۆگەتمىدىممۇ؟! — دەيدۇ. ئۇ:
— شۇنداق، ئى رەببىم! — دەيدۇ. ئاللاھ:
— مېنىڭ ئۆگەتكەنلىرىمگە قانداق ئەمەل قىلدىڭ؟ — دەيدۇ. ئۇ:
— مەن كېچە – كۈندۈز ھەرۋاقىت ”قۇرئان“ ئوقۇغان ئىدىم، — دەيدۇ. ئاللاھ تەبارەكە ۋەتائالا:
— سەن يالغان ئېيتتىڭ، — دەيدۇ.
پەرىشتىلەرمۇ:
— يالغان ئېيتتىڭ، — دەيدۇ ۋە ئاللاھ:
— بەلكى سەن پالانى قارىيكەن، دەپ قالسۇن دېگەننى كۆزلىگەن ئىدىڭ، ئۇ سۆز دېيىلىپ بولدى، — دەيدۇ.
ئاندىن ئاللاھ بۇيرۇيدۇ، ئۇ يۈزىچە سۆرىلىپ دوزاخقا تاشلىنىدۇ.
ۋە مال – دۇنيانىڭ ئىگىسى كەلتۈرۈلىدۇ. ئاللاھ ئۇنىڭغا:
— مەن ساڭا رىزقىڭنى كەڭرى قىلمىدىممۇ؟ ھەتتاكى سېنى بىرەرسىگە موھتاج بولىدىغان دەرىجىدە تاشلاپ قويمىدىم، — دەيدۇ. ئۇ:
— شۇنداق، ئى رەببىم! — دەيدۇ.
— ساڭا ئاتا قىلغانلىرىمغا قارىتا نېمىلەرنى قىلدىڭ؟
— مەن سىلە – رەھىم ۋە سەدىقە قىلغان ئىدىم.
— سەن يالغان ئېيتتىڭ.
پەرىشتىلەرمۇ:
— يالغان ئېيتتىڭ، — دەيدۇ ۋە ئاللاھ:
— بەلكى سەن پالانى بەك سېخىيكەن دېيىلىشنى كۆزلىگەن ئىدىڭ، بۇ سۆز دېيىلىپ بولدى، — دەيدۇ.
ئاندىن ئاللاھ بۇيرۇيدۇ، ئۇ يۈزىچە سۆرىلىپ دوزاخقا تاشلىنىدۇ.
ۋە ئاللاھ يولىدا ئۆلتۈرۈلگەن كىشى كەلتۈرۈلۈپ، ئۇنىڭغا:
— نېمە ھەققىدە ئۆلتۈرۈلگەن ئىدىڭ، — دېيىلىدۇ. ئۇ:
— مەن سېنىڭ يولۇڭدا جىھاد قىلىشقا بۇيرۇلغان ئىدىم، مەن تاكى ئۆلتۈرۈلگۈچە ئۇرۇش قىلدىم، — دەيدۇ.
— سەن يالغان ئېيتتىڭ.
پەرىشتىلەرمۇ:
— يالغان ئېيتتىڭ، — دەيدۇ ۋە ئاللاھ:
— بەلكى سەن پالانى بەك باتۇركەن، دېيىلىشنى كۆزلىگەن ئىدىڭ، بۇ سۆز دېيىلىپ بولدى، — دەيدۇ.
ئاندىن ئاللاھ بۇيرۇيدۇ، ئۇ يۈزىچە سۆرىلىپ، دوزاخقا تاشلىنىدۇ›.
ئەبۇ ھۇرەيرە دېدى: ئاندىن نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مېنىڭ تىزىمغا ئۇرۇپ تۇرۇپ: ‹ئى ئەبۇ ھۇرەيرە! ئاشۇ ئۈچ تۈرلۈك كىشى قىيامەت كۈنى دوزاخ ئوتى تۇنجى تۇتاشتۇرۇلىدىغان ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتلىرىدۇر› دېدى»(1).
بۇ ھەدىسنىڭ مەنىسى، شۇفەي ئەلئەسبەھىي دېگەن كىشى ئەبۇ ھۇرەيرەدىن بىۋاسىتە نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ئاڭلىغان بىر ھەدىسنى سۆزلەپ بېرىشىنى سورىغان. شۇنىڭ بىلەن ئەبۇ ھۇرەيرە نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ئاڭلىغان بىر ھەدىسنى ئەسلىگەن. بۇ ئەمەللىرىدە ئىخلاس قىلمىغان ئىنسانلار ئۈچۈن تەھدىت كەلگەن ۋە ئۇلارنىڭ قىيامەت كۈنى دوزاخنىڭ تۇنجى يېقىلغۇسى بولىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان ھەدىس ئىدى. ئەبۇ ھۇرەيرە ئۆزىگە قارىتا نىيىتى ۋە ئىخلاسىدىن قورقۇپ، نەچچە قېتىم يىغلاپ قاتتىق ئىسەدەپ كەتكەن. ئاندىن سەل سىڭايان بولۇپ، ھوشىدىن كېتىشكە تاس قالغان. ئۇنىڭدىن كېيىن ھوشىغا كېلىپ، «مەن نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ئاڭلىغان بىر ھەدىسنى ساڭا سۆزلەپ بېرىمەن» دېگەن.
بۇ ھەدىس نىيەتنىڭ ئۇلۇغلۇقىغا ۋە ئەمەللەردە ئاللاھ تائالا ئۈچۈن ئىخلاس قىلىشنىڭ بەك مۇھىملىقىغا دالالەت قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بەندىگە ھەر ۋاقىت نىيىتىنى رۇسلاپ تۇرۇشى ۋە نەپسىدىن ھېساب ئېلىپ تۇرۇشى ۋاجىب بولىدۇ.
يورۇتما
ئىخلاسمەن كىشى يامان ئەمەللىرىنى يوشۇرغاندەك، ياخشى ئەمەللىرىنىمۇ يوشۇرىدىغان كىشىدۇر.
سادىر قىلغۇچىسىغا دوزاخ ۋەدە قىلىغان گۇناھلار
ئاللاھ تائالا ئەنبىيائلەرنى بېشارەت بەرگۈچى ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ئەۋەتتى. پەيغەمبەر ھاۋايى – ھەۋىسى بىلەن سۆزلىمەيدۇ. ئۇنىڭ سۆزلىگەنلىرى ئۇنىڭغا ئاللاھ تەرىپىدىن قىلىنغان ۋەھيىدۇر. گۇناھلار تۈرلۈك بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئاللاھ تائالانىڭ ھەققىگە ئالاقىدار ۋە بەندىلەرنىڭ ھەقلىرىگە ئالاقىدار گۇناھلار بار. ھەممە نەرسە چوڭ – كىچىك ھەممىنى ئايرىپ قويماي يېزىپ ماڭغان كىتابقا خاتىرىلەنگەندۇر. بۇ يەردە بىر تۈرلۈك گۇناھلار بولۇپ، نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇلارنىڭ بەك خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنى قىلغۇچىلارنىڭ ئەھۋالىنىڭ بەك يامان بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بەردى.
ئۇنداقتا بۇ گۇناھلار قايسىلار؟
ئۇنى قىلغۇچىلار كىملەر؟
نېمە ئۈچۈن بۇ گۇناھلار باشقىلىرىدىن خەتەرلىك بولىدۇ؟
رەببىمىز ئاللاھ مەخپىي سىرلارنىڭ ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. ئۇ زات ھۆكۈم قىلىشتا ئەڭ ئادىل ۋە تالاش – تارتىش قىلغانلارنىڭ ئارىسىنى ئايرىشتا ئەڭ ئالىمدۇر. ئەڭ تېز ھېساب ئالغۇچىدۇر ۋە ئەڭ ئادىل ھۆكۈم قىلغۇچىدۇر. قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇلغان بولسىمۇ، كىشىلەر ئارىسىدا كەڭ تارقىلىپ كەتكەن گۇناھلارنىڭ قاتارىدىن:
1) ناھەق ھۆكۈم قىلغۇچىلار
ئاللاھ تائالا شەرىئەتنى ئىنسانلارنىڭ ئادىللىقنى بەرپا قىلىشى ئۈچۈن چۈشۈردى ۋە بەندىلىرىنى ئادىل بولۇشقا بۇيرۇدى. ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇ: ﴿ئاللاھ ھەقىقەتەن (كىشىلەر ئارىسىدا) ئادىل بولۇشقا، (جىمى خەلققە) ياخشىلىق قىلىشقا، خىش – ئەقرىبالارغا سىلە – رەھىم قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، قەبىھ (سۆز – ھەرىكەتلەر) دىن، يامان ئىشلاردىن ۋە زۇلۇم قىلىشتىن توسىدۇ. نەسىھەتنى قوبۇل قىلسۇن دەپ، ئاللاھ سىلەرگە پەند – نەسىھەت قىلىدۇ﴾(16/«نەھل»: 90).
كىمكى ئايرىش ۋە ھۆكۈم چىقىرىش ئىشلىرىغا ئىگە قىلىنغان بولسا، ئاندىن ھۆكۈمدە باشقىلارغا زۇلۇم قىلغان بولسا ياكى پارا ۋە باشقىلارنىڭ ھەقلىرىنى يېگەن بولسا، دوزاخقا لايىق بولۇر.
نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «قازىيلار ئۈچ تۈرلۈك بولۇپ، بىرسى جەننەتتە، ئىككىسى دوزاختا بولىدۇ. جەننەتتە بولىدىغىنى ھەقنى بىلىپ، ھەق بىلەن ھۆكۈم قىلغان كىشىدۇر. ھەقنى بىلىپ، ناھەق ھۆكۈم قىلغان كىشى دوزاختا ۋە كىشىلەرگە بىلىمسىزلىك بىلەن ھۆكۈم قىلغان كىشىمۇ دوزاختىدۇر» دېگەن(2).
2) نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ نامىدىن ھەدىس توقۇش
ھەدىسلەرنى توقۇپ چىقىپ، ئۇنى نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە نىسبەت بېرىش ئەڭ چوڭ گۇناھلاردىندۇر. ئەگەر ھەدىس توقۇماقچى بولغانلار ئۈچۈن ساھە ئېچىپ قويۇلغان بولسا، شەرىئەت ئەھكاملىرى قالايمىقانلىشىپ، دىننىڭ ئىشلىرى بۇزۇلۇپ كەتكەن بولاتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن، نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆزىنىڭ نامىدىن ھەدىس توقۇغانلارنى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇپ: «ماڭا يالغاننى چاپلىماڭلار! ماڭا يالغاننى چاپلىغان كىشى جەھەننەمگە كىرگەﻱ!» دېگەن(3).
3) ناھەق ئادەم ئۆلتۈرگۈچى
ئادەم ئۆلتۈرۈش چوڭ گۇناھتۇر. قىيامەت كۈنى ئىنسانلار ئارىسىدا تۇنجى بولۇپ ھۆكۈم چىقىرىلىدىغان ئىش قانلار بارىسىدا بولىدۇ. ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿كىمكى بىر مۇئمىننى قەستەن ئۆلتۈرىدىكەن، ئۇنىڭ جازاسى جەھەننەم بولىدۇ، ئۇ جەھەننەمدە مەڭگۈ قالىدۇ، ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ۋە لەنىتىگە دۇچار بولىدۇ. ئاللاھ ئۇنىڭغا (ئاخىرەتتە) قاتتىق ئازاب تەييارلايدۇ﴾(4/«نىساﺋ»: 93).
ھەدىستە كېلىشىچە: «ئەگەر ئىنس – جىنلار ھەممىسى بىر مۇئمىننى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن ھەمكارلاشقان بولسا، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى دوزاخقا يۈزىچە تاشلىغان بولاتتى. ھەقىقەتەن، ئاللاھ قاتىلغا ۋە ئۇنى بۇيرۇغۇچىغا جەننەتنى ھارام قىلدى»(4).
4) ئۆسۈم يېگۈچىلەر
ئىسلام دىنى ھاياتلىقنىڭ دىنىي، ئىجىتمائىي، ئىقتىسادىي ۋە باشقا ھەممە تەرەپلىرىنى رەتكە سېلىش ئۈچۈن كەلگەن دىن بولۇپ، ئۆسۈم يېيىشنى ھارام قىلغانلىقى بۇنىڭ قاتارىدىندۇر. ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇ: ﴿ئاللاھ سودا – سېتىقنى ھالال قىلدى، جازانىنى، (بەدەلسىز بولغانلىقى، شەخسكە ۋە جەمئىيەتكە زىيانلىق بولغانلىقى ئۈچۈن) ھارام قىلدى. كىمكى پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ۋەز – نەسىھەت كەلگەندىن كېيىن (يەنى جازانە مەنئى قىلىنغاندىن كېيىن ئۇنىڭدىن) يانسا، بۇرۇن ئالغىنى ئۆزىنىڭ بولىدۇ، ئۇنىڭ ئىشى ئاللاھقا تاپشۇرۇلىدۇ (يەنى ئاللاھ خاھلىسا ئۇنى كەچۈرىدۇ، خاھلىسا جازالايدۇ). قايتا جازانە قىلغانلار ئەھلى دوزاخ بولۇپ، دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ﴾(2/«بەقەرە»: 275).
نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:
— ھالاكەتكە ئاپارغۇچى يەتتە تۈرلۈك ئېغىر گۇناھتىن ساقلىنىڭلار! — دېگەندە، ئەسھابلەر:
— ئى رەسۇلۇللاھ، ئۇلار قايسىلار؟! — دەپ سورىغان ئىدى، ئۇ زات:
— ئاللاھقا شىرك كەلتۈرۈش، سېھىر قىلىش، ئاللاھ ئۆلتۈرۈشنى ھارام قىلغان ئادەمنى ناھەق ئۆلتۈرۈش، ئۆسۈم يېيىش، يېتىمنىڭ مېلىنى يەۋېلىش، (جەڭگە) يۈرۈش كۈنىدە قېچىش ۋە يامان ئىشتىن بىخەۋەر مۇئمىنە ئاياللارغا بوھتان چاپلاش، — دېدى(5).
5) باشقىلارنىڭ مال – مۈلكىنى ناھەق يەۋېلىش
باشقىلارنىڭ ماللىرىنى ناھەق يوللار بىلەن يەۋېلىش ئۇنى قىلغان كىشى دوزاخقا كىرىشكە لايىق بولىدىغان چوڭ زۇلۇمنىڭ قاتارىدىندۇر. ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿ئى مۇئمىنلەر! بىر – بىرىڭلارنىڭ ماللىرىنى (ئوغرىلىق، خىيانەت قىلىش، بۇلاش، جازانىخورلۇق، قىمار ئويناش قاتارلىق) ناھەق يول بىلەن يەۋالماڭلار، ئىككى تەرەپ رازى بولۇشۇپ قىلىشقان سودا – سېتىق ئارقىلىق ئېرىشىلگەن نەرسە بۇنىڭدىن مۇستەسنا. سىلەر ئۆزۈڭلەرنى (يەنى بىر – بىرىڭلارنى) ئۆلتۈرمەڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرگە ناھايىتى مېھرىباندۇر. كىمكى چەكتىن ئېشىپ ۋە زۇلۇم قىلىپ ئۇنى (يەنە ئاللاھ چەكلىگەن ئىشلارنى) قىلىدىكەن، ئۇنى دوزاخقا كىرگۈزىمىز، بۇ ئاللاھقا ئاساندۇر﴾(4/«نىساﺋ»: 29، 30).
6) زالىملارغا مايىل بولۇش
زۇلۇمنىڭ ئاقىۋىتى بەك خەتەرلىكتۇر. ئاللاھ تائالا زۇلۇمنى ئۆزىگە ھارام قىلدى ۋە مەخلۇقاتلىرى ئارىسىدىمۇ بىر – بىرىگە زۇلۇم قىلىشنى ھارام قىلدى. باشقىلارنىڭ رىزىقلىرىغا، يۈز – ئابرۇيلىرىغا ۋە ۋەزىپىلىرىگە زۇلۇم قىلىش ھارامدۇر. زالىملارغا ياردەم بېرىش ۋە ئۇلارغا مايىل بولۇش بولسا گۇناھ ۋە دۈشمەنلىككە ھەمكارلاشقانلىق بولىدۇ. ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇ: ﴿زالىملارغا مايىل بولماڭلار، (مايىل بولساڭلار) دوزاخ ئازابىغا قالىسىلەر، سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا (دوزاختىن قۇتۇلدۇرىدىغان) ھېچ ياردەمچى يوقتۇر، ئاندىن كېيىن ھېچ ياردەمگە ئېرىشەلمەيسىلەر﴾(11/«ھۇد»: 113).
يەنى زالىملارغا ياردەم قىلماڭلار، ئۇلارغا تايانماڭلار، ئۇلار ئارقىلىق ئىززەت تېپىشنى ئويلىماڭلار ۋە ئۇلارنىڭ يولىنى ياخشى سانىماڭلار. ئەگەر بۇنداق قىلساڭلار، بۇ سىلەرنىڭ ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىغا رازى بولغانلىقىڭلارنى بىلدۈرىدۇ. ئەگەر شۇنداق قىلساڭلار، دوزاخ ئازابىغا دۇچار بولىسىلەر ۋە سىلەرنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلدۇرىدىغان ھېچ ياردەمچى تاپالمايسىلەر.
7) ھايۋاننى قىيناش
نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «بىر ئايال بىر مۈشۈكنى ئۆلگىچە قاماپ قويغانلىقى ئۈچۈن دوزاختا ئازابلانغان، سولاپ قويغاندىن كېيىن يا ئۇنىڭغا يېمەك – سۇ بەرمىگەن، يا يەردىكى ھاشاراتلارنى يېيىشى ئۈچۈن قويۇۋەتمىگەن» دېگەن(6).
دېمەك، بۇ ئايال مۈشۈكنى سولاپ قويۇپ، تاماقمۇ بەرمەي، زېمىننىڭ ھاشاراتلىرىدىنمۇ يېگىلى قويمىغان ئىدى.
8) يېرىم يالىڭاچ ئاياللار ۋە باشقىلارنى ئۇرىدىغان ئادەملەر
چاكىنا كىيىملەرنى كىيىش ۋە ئەۋرەتلەرنى ياپماسلىق بۇزۇقچىلىقنىڭ تارقىلىشىغا ئېلىپ بارىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاللاھ تائالا ئەۋرەتلەرنى يېپىشقا ۋە ئىپپەتلىك بولۇشقا بۇيرۇغان.
نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يېرىم – يالىڭاچ كىيىنگەن ئاياللارنىڭ دوزىخىي بولىدىغانلىقى ۋە باشقىلارغا ئەزىيەت يەتكۈزۈپ، ئۇلارنى تاياق ۋە قامچىلار بىلەن ئۇرىدىغان زالىملارنىڭمۇ دوزىخىي بولىدىغانلىقىدىن خەبەر بېرىپ ئېيتتىكى: «ئىككى تۈرلۈك دوزىخىي ئادەملەر باركى، ئۇلارنى تېخى كۆرۈپ باقمىدىم: بىرى، قوللىرىدىكى كالىنىڭ قۇيرۇقىدەك قامچىلار بىلەن كىشىلەرنى ئۇرىدىغان ئادەملەر. يەنە بىرى، يېرىم – يالىڭاچ كىيىنگەن، ئۆزلىرىمۇ ئېزىپ، باشقىلارنىمۇ ئازدۇرىدىغان، باشلىرى تۆگىنىڭ سىڭايان لوككىسىدەك ئاياللار بولۇپ، ئۇلار جەننەتكە كىرەلمەيدۇ. جەننەتنىڭ ھىدىنىمۇ پۇرىيالمايدۇ. ھالبۇكى، جەننەتنىڭ ھىدى مۇنچىلىك – مۇنچىلىك يىراق مۇساپىدىنمۇ پۇراپ تۇرىدۇ»(7).
بۇ ھەدىستە تىلغا ئېلىنغان باشقىلارنى ئۇرۇش بولسا باشقىلارنى ناھەق ئۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ. ئەمما، خاتالىق ئۆتكۈزگەنلەرنى جازالاش ئۈچۈن ئۇرۇش ۋە شەرئىي جازانى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن ئۇرۇش دېگەندەك ھەقلىق ئۇرۇشلار بولسا چەكلەنمەيدۇ. خۇددى ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە ئېيتقاندەك: ﴿زىنا قىلغۇچى ئايال ۋە زىنا قىلغۇچى ئەرنىڭ ھەربىرىنى يۈز دەررىدىن ئۇرۇڭلار﴾(24/«نۇر»: 2).
9) ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش
بىر جاننى ناھەق ئۆلتۈرۈش ئەڭ چوڭ گۇناھلارنىڭ قاتارىدىندۇر. ھەتتاكى بىر ئىنسان ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان بولسا، ئۆزىنى قايسى شەكىلدە ئۆلتۈرۈۋالغان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، چوڭ گۇناھ قىلغان بولىدۇ. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېيتتىكى: «كىمكى ئۆزىنى تاغدىن تاشلاپ ئۆلۈۋالىدىكەن، ئۇ جەھەننەم ئوتىدادۇر، ئۇنىڭغا مەڭگۈ قالغۇچى، مەڭگۈ قالدۇرۇلغۇچى بولۇپ، تائەبەدكىچە تاشلىنىدۇ، كىمكى زەھەر ئوتلاپ ئۆلۈۋالغان بولسا، زەھىرى قولىدا بولىدۇ، ئۇنى جەھەننەم ئوتىدا مەڭگۈ قالغۇچى، مەڭگۈ قالدۇرۇلغۇچى بولۇپ، تائەبەدكىچە ئوتلايدۇ، كىمكى ئۆزىگە تىغ تىقىپ ئۆزىنى ئۆلتۈرىدىكەن، تىغى قولىدا بولىدۇ، ئۇ تىغ جەھەننەم ئوتىدا مەڭگۈ قالغۇچى، مەڭگۈ قالدۇرۇلغۇچى بولۇپ، تائەبەدكىچە ئۇنىڭغا تىقىلىدۇ»(8).
10) ئىلىم تەلەپ قىلىشتا ئىخلاس قىلماسلىق
ئىخلاس قىلىش ۋە سۈننەتكە ئەگىشىش ئەمەللەرنىڭ قوبۇل بولۇشىنىڭ ئەسل شەرتىدۇر. ئىلىم تەلەپ قىلىش ئەڭ ئەۋزەل سالىھ ئەمەللەرنىڭ قاتارىدىن بولۇپ، ئۇ ئەنبىيائلەرنىڭ قالدۇرغان مىراسى ۋە مۇئمىنلەرنىڭ توغرا يولدا مېڭىشىنىڭ ئاساسىدۇر. ئىلىم ئىخلاس قىلىش ۋە نىيەتنىڭ دۇرۇس بولۇشى بىلەن زىيادە بولىدۇ. كىمكى رىيا قىلسا ۋە نام – ئابرۇي تېپىشنى ئويلىغان بولسا، زىيان تارتىدۇ. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىمكى ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن تەلەپ قىلىنىدىغان ئىلىمنى دۇنيالىق بىرەر غەرەز ئۈچۈن ئۆگەنسە، قىيامەت كۈنى جەننەتنىڭ ھىدىنىمۇ پۇرىيالمايدۇ» دېگەن(9).
11) ئالتۇن – كۈمۈش قاچىلاردا بىرنەرسە ئىچىش
ئاللاھ تائالا بىزگە پاك نەرسىلەرنى مۇباھ قىلدى ۋە زېمىندىكى ھەممە نەرسىلەرنى بىز ئۈچۈن ياراتتى. ئالتۇن – كۈمۈش قاچىلاردىن باشقا ھەرقانداق قاچىلاردىن ئىچىملىك ئىچىش دۇرۇس بولىدۇ. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئالتۇن – كۈمۈش قاچىدا ئىچكەن ئادەم ئەمەلىيەتتە قورسىقىغا دوزاخ ئوتىنى گۈپۈلدىتىپ ئىچىۋاتقان بولىدۇ» دېگەن(10).
12) كىبىر
كىبىر — مەغرۇرلىنىش، باشقىلارنى ھاقارەتلەش، كۆزگە ئىلماسلىق ۋە زاڭلىق قىلىشنى كۆرسىتىدۇ.
كىبىر نۇرغۇن ئىنسانلارنى باشقىلارنىڭ ھەقلىرىنى ئېتىراپ قىلىشىدىن توستى. مۇئمىنلەرگە ئەزىيەت بېرىشكە، ئۇلاردىن ئۆزرە سورىماسلىققا ۋە سىلە – رەھىم قىلماسلىققا ئېلىپ باردى. يەنە بەزىدە كىبىر ئىنساننى ئومۇمىي مۇسۇلمانلار ۋە كەمبەغەللەر بىلەن قىستىلىشىپ قېلىشتىن قېچىپ، مەسجىدتە جامائەت بىلەن ناماز ئوقۇشنى تەرك ئېتىشىگە ئېلىپ باردى.
نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاللاھ ئەززە ۋەجەللەدىن سۆزلەپ بەرگەن بىر ھەدىس قۇدسىيدا ئېيتىدۇ: «كىبىر ۋە ئۇلۇغلۇق مېنىڭ خاس سۈپەتلىرىم بولۇپ، كىمكى ئۇنىڭدىن بىرىنى مەندىن تالىشىدىكەن، ئۇنى دوزاخقا تاشلايمەن. كىمكى ماڭا بىر غېرىچ يېقىنلاشسا، مەن ئۇنىڭغا بىر گەز يېقىنلىشىمەن، كىمكى ماڭا بىر گەز يېقىنلاشسا، مەن ئۇنىڭغا بىر غۇلاچ يېقىنلىشىمەن، كىمكى ماڭا مېڭىپ كەلسە، مەن ئۇنىڭغا يۈگۈرۈپ كېلىمەن. كىمكى ماڭا يۈگۈرۈپ كەلسە، مەن ئۇنىڭغا تېخىمۇ تېز بارىمەن. كىمكى مېنى ئىچىدە ياد ئەتسە، مەنمۇ ئۇنى ئىچىمدە ياد ئېتىمەن. كىمكى مېنى بىر جامائەت بار يەردە ياد ئەتسە، مەن ئۇنى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپرەك ۋە ياخشىراق جامائەت بار يەردە ياد ئېتىمەن»(11).
ھەقىقەت
﴿ كىمكى ياخشى ئىش قىلىدىكەن، پايدىسى ئۆزىگىدۇر، كىمكى يامان ئىش قىلىدىكەن زىيىنىمۇ ئۆزىگىدۇر﴾(41/«فۇسسىلەت»: 46).
دوزاختىن ئەڭ ئاخىرىدا نىجات تاپىدىغان ئىنسان
نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قىيامەت كۈنىدىكى بولىدىغان ئىشلاردىن خەبەر بەردى. مۇئمىن ئادەم بۇ ھەدىسلەرنى ئوقۇسا، ئەمەللەرنى كۆپ قىلىدۇ ۋە يامان ئىشلارنى تەرك ئېتىدۇ. بۇنىڭ قاتارىدىن نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ دوزاختىن ئەڭ ئاخىرىدا نىجات تېپىپ، جەننەتكە كىرىدىغان ئادەم ھەققىدە بەرگەن خەبىرىدۇر.
ئۇنداقتا ئۇ كىشى توغرۇلۇق كەلگەن خەبەر قايسى؟
ئۇ دوزاختىن قانداق نىجات تاپىدۇ؟
ئۇنىڭ جەننەتتە ئېرىشىدىغان نېئمىتى نېمە؟
نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆزىنىڭ ھاۋايى – ھەۋىسى بىلەن سۆزلىمەيدۇ. ئەسھابلەر ئۇ زاتتىن سوئال سوراپ تۇراتتى، ئۇ زات بولسا بۇ سوئاللارغا جاۋاب بېرەتتى. بۇ سوئاللارنىڭ قاتارىدىن ئەسھابلەرنىڭ ئۇ زاتتىن مۇئمىنلەرنىڭ جەننەتتە پەرۋەردىگارىنى كۆرىدىغانلىقى ھەققىدە سورىغان سوئالىدۇر. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلدىكى: «كىشىلەر:
— يا رەسۇلەللاھ! قىيامەت كۈنى رەببىمىزنى كۆرەمدۇق؟ — دەپ سورىۋىدى، رەسۇلۇللاھ:
— تولۇن ئاينى بۇلۇتسىز ئاسماندا كۆرۈشتىن گۇمانلىنامسىلەر؟ — دېدى. ئۇلار:
— گۇمانلانمايمىز يا رەسۇلەللاھ! — دېيىشتى. رەسۇلۇللاھ:
— بۇلۇتسىز ئاسماندا كۈننى كۆرۈشتىن گۇمانلىنامسىلەر؟ — دەپ سورىۋىدى، ئۇلار:
— ياق، — دېيىشتى. رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېدى:
— رەببىڭلارنى قىيامەت كۈنى ئاشۇنداق ئېنىق كۆرۈسىلەر. ئاللاھ خالايىقنى توپلاپ: ‹كىم نېمىگە ئىبادەت قىلغان بولسا، شۇنىڭغا ئەگەشسۇن› دەيدۇ. قۇياشقا ئىبادەت قىلغانلار قۇياشقا، ئايغا ئىبادەت قىلغانلار ئايغا، بۇتلارغا ئىبادەت قىلغانلار بۇتلارغا ئەگىشىپ ماڭىدۇ، مۇشۇ ئۈممەتلا ئارىسىدىكى مۇناپىقلىرى بىلەن بىللە قالىدۇ. بۇ چاغدا ئاللاھ ئۇلارنىڭ قېشىغا ئۇلار تونۇمايدىغان سۈرەتتە كېلىپ: ‹مەن سىلەرنىڭ رەببىڭلار بولىمەن› دېسە، ئۇلار: ‹سېنىڭ شەررىڭدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئاللاھتىن پاناھلىق تىلەيمىز، تاكى رەببىمىز بىزنىڭ ئالدىمىزغا كەلگەنگە قەدەر مۇشۇ جايىمىزدا تۇرىمىز، رەببىمىز كەلسە ئۇنى بىز تونۇيمىز› دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئۇلارغا ئۇلار تونۇيدىغان سۈرەتتە كېلىپ: ‹مەن سىلەرنىڭ رەببىڭلار› دېسە، ئۇلار ئاللاھنى تونۇپ: ‹سەن بىزنىڭ رەببىمىز› دەپ ئاللاھقا ئەگىشىپ مېڭىشىدۇ. دوزاخنىڭ كۆۋرۈكى سېلىنىدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم (سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ):
— شۇنداق قىلىپ ئەنبىيائلەرنىڭ ئارىسىدىن ئۈممىتىنى ئېلىپ ئەڭ ئالدىدا سىرات كۆۋرۈكىدىن ئۆتىدىغان كىشى مەن بولىمەن. ئەنبىيائلەرنىڭ دۇئالىرى: ‹ئى ئاللاھ! ئامان قىلغىن! ئامان قىلغىن!› دېگەندىن ئىبارەت بولىدۇ. دوزاختا سەئداننىڭ تىكىنىدەك قارماقلار بار، سىلەر سەئداننىڭ تىكىنىنى كۆرمىگەنمىدىڭلار؟ — دېگەنىدى، ساھابەلەر:
— ھەئە كۆرگەن، — دېيىشتى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دېدى:
— لېكىن، ئۇنىڭ نەقەدەر چوڭلۇقىنى ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ. قارماقلار كىشىلەرنى قىلمىشلىرىغا قاراپ قاماپ ئالىدۇ، ئۇلاردىن قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن ھالاك قىلىنىدىغانلىرى، يەنە ئۇلاردىن قىچىنىڭ دانىسىدەك چېچىۋېتىلگەندىن كېيىن، ئاندىن قۇتۇلىدىغانلىرىمۇ بولىدۇ. ئاخىرى ئاللاھ تائالا بەندىلىرى ئوتتۇرىدا ھۆكۈم قىلىپ بولۇپ، دوزاخ ئەھلى ئىچىدىن ‹لا ئىلاھە ئىللەللاھ / بىر ئاللاھتىن باشقا ھەق مەبۇد يوقتۇر› دەپ گۇۋاھلىق بەرگەنلەردىن خاھلىغان كىشىلەرنى دوزاختىن چىقارماقچى بولسا، پەرىشتىلەرنى ئۇلارنى ئېلىپ چىقىشقا بۇيرۇيدۇ. پەرىشتىلەر ئۇلارنى پېشانىلىرىدىكى سەجدە ئىزلىرىدىن تونۇيدۇ. ئاللاھ دوزاخقا ئادەم بالىسىدىكى سەجدىنىڭ ئىزىنى كۆيدۈرۈشىنى ھارام قىلىۋەتكەن بولۇپ، شۇنداق قىلىپ پەرىشتىلەر ئۇلارنى كۆيۈپ قارىداپ كەتكەن ھالەتتە ئېلىپ چىقسا، ئۇلارنىڭ ئۈستى – بېشىغا ‹ھاياتلىق سۈيى› دەپ ئاتىلىدىغان سۇ قۇيۇلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئەزالىرى، خۇددى كەلكۈننىڭ لاتقىلىرىدا ئۇرۇق ئۈنۈپ چىققاندەك، تېز ئۈنۈپ چىقىدۇ، ئۇ چاغدا جەننەت بىلەن دوزاخنىڭ ئارىسىدا دوزاخ تەرەپكە يۈزلىنىپ تۇرغان بىر ئادەم قېلىپ: ‹ئى رەببىم! دوزاخنىڭ شامىلى دېمىمنى سىقىۋەتتى، يالقۇنى مېنى كۆيدۈرۈۋەتتى، شۇڭا يۈزۈمنى دوزاختىن بۇراپ قويساڭ› دەپ دۇئا قىلىۋېرىدۇ، ئاللاھ ئۇنىڭغا: ‹بۇ تەلىۋىڭ ئورۇندالسا، بەلكىم باشقىنى سورارسەن؟› دېسە، ئۇ ئادەم: ‹ياق! ھەققى – ھۆرمىتىڭ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ھەرگىزمۇ باشقىنى سورىمايمەن› دەپ، ئاللاھقا نۇرغۇن ۋەدە – قەسەملەرنى بېرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ يۈزىنى باشقا تەرەپكە بۇراپ قويىدۇ، ئاندىن كېيىن ئۇ: ‹ئى رەببىم! مېنى جەننەتنىڭ دەرۋازىسىغا يېقىنلاشتۇرۇپ قويساڭ!› دەيدۇ، ئاللاھ: ‹ھەرگىزمۇ باشقىنى سورىمايمەن، دەپ تۇرۇۋالغان ئەمەسمىدىڭ؟ ۋاي ئىسىت ساڭا ئادەم بالىسى! سەن نېمە دېگەن سۆزىدە تۇرماس ھە!› دېسە، ئۇ دۇئا قىلىۋېرىدۇ، ئاللاھ ئۇنىڭغا: ‹ساڭا بۇ تەلىۋىڭنى ئورۇنداپ بەرسەم، بەلكىم باشقىنى سورارسەن؟› دېسە، ئۇ ئادەم: ‹ياق! ھەققى – ھۆرمىتىڭ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ھەرگىزمۇ باشقىنى سورىمايمەن› دەپ، باشقىنى سورىمايدىغانلىقىغا ئاللاھقا نۇرغۇن ۋەدە – قەسەملەرنى بېرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئۇنى جەننەتنىڭ دەرۋازىسىغا يېقىنلاشتۇرۇپ قويىدۇ، ئۇ ئۇنىڭدىكى نېئمەتلەرنى كۆرۈپ خېلى ۋاقىتقىچە چىداپ جىم تۇرىدۇ. ئاندىن: ‹ئى رەببىم! مېنى جەننەتكە كىرگۈزگىن› دەيدۇ. ئاللاھ: ‹ھەرگىزمۇ باشقىنى سورىمايمەن دەپ تۇرۇۋالغان ئەمەسمىدىڭ؟ ۋاي ئىسىت ساڭا ئادەم بالىسى! سەن نېمە دېگەن سۆزىدە تۇرماس ھە!› دېسە، ئۇ: ‹ئى رەببىم! مېنى سېنىڭ ئەڭ شەقىي بەندەڭ قىلمىغايسەن› دەپ دۇئا قىلىۋەرسە، ئاخىرى ئاللاھ ئۇنىڭ ھالىدىن كۈلۈپ كېتىدۇ، ئۇنىڭدىن كۈلگىنىدە ئۇنىڭغا جەننەتكە كىرىشكە ئىجازەت قىلىنىدۇ، ئۇنىڭغا كىرگىنىدە، ئۇنىڭغا: ‹ماۋۇنىڭدىن ئارزۇ قىلغىن› دېيىلىدۇ، ئۇ ئارزۇ قىلىدۇ، ئاندىن ئۇنىڭغا: ‹ماۋۇنىڭدىن ئارزۇ قىلغىن› دېيىلىدۇ، ئۇ ئارزۇ قىلىدۇ، ئاخىرى ئۇنىڭ ئارزۇ – ئارمانلىرى تۈگەپ قالغاندا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا: بۇ (ئېيتقان ھەممە ئارزۇ – ئارمانلىرىڭ) سېنىڭ بولسۇن، يەنە ئۇنىڭ بىلەن بىر ھەسسىسى بىللە بولسۇن› دەيدۇ». ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «مۇشۇ ئادەم جەننەت ئەھلىنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا كىرىدىغىنىدۇر» دېدى(12).
دوزاخقا كىرىپ، ئاندىن يەنە دوزاختىن چىقىدىغان ئىنسانلار
نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېيتتىكى: «كىمدەكىم قەلبىدﻩ ياخشىلىقتىن ئاﺭپا چاغلىق بولغاﻥ ھالەتتە ‹لا الە الا اللە / بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوقتۇر› ﺩېگەنلا بولسا ﺩﻭﺯﺍختىن چىقىپ كېتىدﯗ؛ كىمكى قەلبىدﻩ ياخشىلىقتىن بۇغدﺍي چاغلىق بولغاﻥ ھالەتتە ‹لا الە الا اللە / بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوقتۇر› ﺩېگەنلا بولسا ﺩﻭﺯﺍختىن چىقىپ كېتىدﯗ؛ كىمكى قەلبىدﻩ ياخشىلىقتىن زەررە چاغلىق بولغاﻥ ھالەتتە ‹لا الە الا اللە / بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوقتۇر› ﺩېگەنلا بولسا ﺩﻭﺯﺍختىن چىقىپ كېتىدۇ»(13).
بۇ ھەدىسنىڭ مەنىسى، ئاللاھ تائالا رەھمىتى ۋە كەرەمى بىلەن ئاللاھنى بىر دەپ تونۇغان بەندىلەرنى دوزاختىن چىقىرىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭ قەلبىدىكى ئىمان بۇغدايچىلىك، ئارپىچىلىك ۋە قۇناقچىلىك بولسىمۇ، دوزاختىن چىقىدۇ.
ئاللاھتىن بىزنى دوزاختىن ساقلىشىنى ۋە بىزنى نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ شاپائىتىدىن مەھرۇم قىلماسلىقىنى سورايمىز. ئامىن.
دوزاختا مەڭگۈ قالىدىغانلار
دوزاختىن چىقماي ۋە يوقاپ كەتمەي دوزاختا مەڭگۈ قالىدىغان دوزاخ ئەھلى بولسا كۇففارلار ۋە مۇشرىكلەردۇر. ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿كافىرلار دوزاخ ئازابىغا دۇچار بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ئۆلۈپ (ئارام تېپىپ قالماسلىقى ئۈچۈن) جانلىرى ئېلىنمايدۇ، ئۇلاردىن ئازابمۇ يېنىكلىتىلمەيدۇ، كۇفرىدا ھەددىدىن ئاشقان ھەر ئىنساننى ئەنە شۇنداق جازالايمىز﴾(35/«فاتىر»: 36)، ﴿كافىرلار ۋە بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلار ئەھلى دوزاختۇر، ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ﴾(2/«بەقەرە»: 39).
ئىشىنىش
بەندىنىڭ ئاللاھنىڭ قۇدرىتىگە ئىشىنىشى ۋە مەغفىرىتى ۋە رەھمىتىنىڭ كەڭلىكىنى بىلىشى ئۇنىڭ ئاللاھقا يېلىنىپ، كۆپ دۇئا قىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.
جەننەت ئەھلى بىلەن دوزاخ ئەھلى ئارىسىدىكى چاقىرىشلار
مۇئمىنلەر جەننەتكە كىرىپ، جەننەتنىڭ نېئمەتلىرىنىڭ ئىچىدە قارار تېپىپ، جەننەتنىڭ شاراپلىرىدىن ۋە ھەسەللىرىدىن ئىچىپ ۋە جەننەتتە ئاللاھنىڭ جامالىغا قارىغان چاغدا ۋە دوزاخ ئەھلىمۇ دوزاخقا كىرىپ، دوزاختا ئازابلىنىپ، دوزاخنىڭ ئاچچىق زەققۇم (ئىچىملىك) لىرىدىن ئىچكەن چاغدا جەننەت ئەھلى بىلەن دوزاخ ئەھلىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۆزئارا چاقىرىشلار ۋە سۆھبەتلەر بولىدۇ.
ئۇنداقتا بۇ سۆھبەتلەر نېمە؟
ھەربىر گۇرۇھنىڭ ئەھۋالى قانداق بولىدۇ؟
بۇ سۆھبەتلەر قانداق ئاخىرلىشىدۇ؟
ئاللاھ تائالا مۇئمىنلەرگە ئۇلار ئۈچۈن جەننەتتە كۆڭۈللىرى تارتقان، كۆزلىرى كۆرۈپ ھۇزۇرلىنىدىغان ۋە كۆڭۈللىرىدە نېمىنى ئويلىسا شۇ بولىدىغان نېئمەتلەرنىڭ بارلىقى بىلەن ۋەدە قىلدى. جەننەتتە ئۇلارغا ئاتا قىلىنىدىغان نېئمەتنىڭ كاتتا بولىدىغانلىقىنىڭ جۈملىسىدىن، ئۇلارنىڭ دۇنيادا ئۇلارنى مەسخىرە قىلغان، نادانلىققا نىسبەت بەرگەن ۋە تۈرلۈك ئەزىيەتلەرنى بەرگەن ئىنسانلارنى دوزاختا كۆرۈپ كۆڭۈللىرىنىڭ تەسكىن تېپىشىدۇر. دېمەك، ئاخىرەتتە جەننەت ئەھلى دوزاخ ئەھلىنىڭ ئازابىنى كۆرىدۇ ۋە ئۇلار بىلەن ئۇلارنى خار قىلىش ئۈچۈن سۆزلىشىدۇ.
بىرىنچى نىدا
بۇ جەننەت ئەھلى جەننەتتىكى نېئمەتلەرنى تېتىپ ۋە ئاللاھ ئۇلارغا ۋەدە قىلغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، دوزاخ ئەھلىگە قىلىدىغان نىدادۇر. دېمەك، جەننەت ھەقتۇر، دوزاخ ھەقتۇر، نېئمەت ۋە ئازاب ھەقتۇر. جەننەتتىكىلەر ئۆزئارا بىر – بىرىدىن دۇنيادىكى چاغدا جەننەت ۋە دوزاخنى ئىنكار قىلىدىغان ۋە يامان ئىشلاردىن ئۆزىنى تارتماي، ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا قىزىقماي خاتىرجەم تۇرمۇشتا ياشىغان ئىنسانلارنىڭ ھالى ھەققىدە سورىشىدۇ.
جەننەت ئەھلى دوزاخ ئەھلىگە نىدا قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿ئەھلى دوزاخقا: «بىز پەرۋەردىگارىمىز بىزگە ۋەدە قىلغان نەرسىنى ھەق تاپتۇق، سىلەرمۇ پەرۋەردىگارىڭلار ۋەدە قىلغان نەرسىنى ھەق تاپتىڭلارمۇ؟» دەپ توۋلايدۇ. ئۇلار: «ھەئە» دەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر جاكارچى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا (مۇنداق دەپ) جاكارلايدۇ: «زالىملارغا ئاللاھنىڭ لەنىتى بولسۇن. زالىملار كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ داغدام يولىدىن توسىدۇ، ئۇنىڭ ئەگرى بولۇشىنى تىلەيدۇ ھەمدە ئۇلار ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدۇ﴾(7/«ئەئراف»: 44، 45). دوزاخ ئەھلى ئۆزئارا لەنەت قىلىپ ۋارقىرايدۇ، لېكىن ئۇلارغا بۇ لەنەت قىلىشىش مەنپەئەت قىلمايدۇ.
ئىككىنچى نىدا
بۇ ئەئراف ئەھلىنىڭ جەننەت ئەھلىگە قىلىدىغان نىداسىدۇر. ئەئراف ئەھلى ياخشى ئەمەللىرى بىلەن قىلمىشلىرى باراۋەر بولۇپ قالغانلار بولۇپ، جەننەت بىلەن دوزاخنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرىدۇ، جەننەتكىمۇ ، دوزاخقىمۇ كىرمەيدۇ.
ئەئراف ئەھلى جەننەت ئەھلىنى ئۇلارنىڭ نۇرانىلىكى ۋە گۈزەللىكىگە قاراپ تونۇيدۇ. دوزاخ ئەھلىنى بولسا ئۇلارنىڭ قاپقارا سۈپەتلىرىگە قاراپ تونۇيدۇ. ئەئراف ئەھلى جەننەت ئەھلىنى چاقىرغان، ئۇلارغا سالام قىلغان ھالدا نىدا قىلىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا ئېيتقانكى: ﴿ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىر توسما بولىدۇ. توسمىنىڭ ئۈستىدە (ئەئرافتا) ئەھلى جەننەت ۋە ئەھلى دوزاخنى ئۇلارنىڭ سىماسىدىن تونۇيدىغان ئادەملەر (يەنى ئەھلى ئەئراف) بولىدۇ، ئۇلار ئەھلى جەننەتكە: «سىلەرگە ئامانلىق تىلەيمىز›› دەپ توۋلايدۇ. ئۇلار جەننەتكە كىرمىگەن، (ئەمما) كىرىش ئۈمىدىدە تۇرغانلاردۇر﴾(7/«ئەئراف»: 46).
ئۈچىنچى نىدا
بۇ ئەئراف ئەھلىنىڭ دوزاخ ئەھلىگە قىلىدىغان نىداسىدۇر. ئەئراف ئەھلى دوزاخ ئەھلىگە قاراپ، ئۇلارنىڭ تارتىۋاتقان ئازابىنى، ھەسرەت چېكىۋاتقانلىقلىرىنى، قانلىرىنىڭ ئېقىپ، تېرىلىرىنىڭ ئېرىپ كەتكەنلىكىنى ۋە قاتتىق ۋارقىراۋاتقانلىقلىرىنى كۆرگەندىن كېيىن، پەرۋەردىگارىغا ئۆزلىرىنى ئاشۇ زالىملار بىلەن قىلىپ قويماسلىقى ئۈچۈن دۇئا قىلىدۇ.
ئاندىن ئەئراف ئەھلى دوزاخ ئەھلىگە مالامەت قىلىپ: «سىلەرنىڭ يامان ئىشلارنى قىلىش ئۈچۈن يىغىلغانلىقىڭلار ۋە ماللىرىڭلار، مەنسەپلىرىڭلار بىلەن تەكەببۇرلۇق قىلغانلىقىڭلار سىلەرگە نېمىگە ئەسقاتتى؟ نېمىگە مەنپەئەت قىلدى؟ مانا ھازىر سىلەر دوزاخنىڭ ئازابىدا بىر يەرگە يىغىلىپسىلەر» دەيدۇ.
ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇ: ﴿ئۇلارنىڭ كۆزلىرى ئەھلى دوزاخ تەرەپكە بۇرۇلغاندا: «ئى پەرۋەردىگارىمىز! بىزنى زالىم قەۋم بىلەن بىللە قىلمىغىن» دەيدۇ. ئەئرافتىكىلەر (يەنى ياخشىلىقلىرى بىلەن يامانلىقلىرى تەڭ بولۇپ قالغان، جەننەتتىمۇ ئەمەس، دوزاختىمۇ ئەمەس كىشىلەر) سىماسىدىن تونۇيدىغان (دوزىخىي) ئادەملەرگە: «توپلىغان پۇل – ماللىرىڭلار ۋە تەكەببۇرلۇقۇڭلار سىلەرگە نېمىگە ئەسقاتتى؟» دەپ توۋلايدۇ. (ئەئرافتىكىلەر دوزىخىيلەرگە مۇئمىنلەرنىڭ پېقىرلىرىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ) سىلەر ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ، دەپ قەسەم قىلغان كىشىلەر مۇشۇلارمۇ؟ (مانا بۇلارغا) جەننەتكە كىرىڭلار، سىلەرگە (كەلگۈسىدىن) غەم قىلىش، (كەتكەنگە) قايغۇرۇش يوقتۇر (دېيىلدى دەيدۇ)﴾(7/«ئەئراف»: 47 — 49).
تۆتىنچى نىدا
بۇ ھەسرەت نىداسى بولۇپ، دوزاخ ئەھلىنىڭ قاتتىق ھارارەتلىك قايناقسۇدىن ئىچىپ، زەققۇمدىن بىر يۇتۇمدىن، بىر يۇتۇمدىن ئىچىپ، ئېچىنىشلىق يىغلىغان ھالدا قىلىدىغان نىداسىدۇر. ئۇلار جەننەت ئەھلىگە سۇ ۋە ياخشى رىزىق سوراپ نىدا قىلىدۇ. جەننەت ئەھلى ئۇلارغا: «سىلەر خار بولۇڭلار، چۈنكى سىلەر دىننى ئويۇن – تاماشاغا ۋە ھاياتنىڭ مىزانىغا ئايلاندۇرۇۋالغان، ئاخىرەتنى ئىنكار قىلغان ۋە ئاللاھقا مۇلاقات بولۇشنى ئۇنۇتقان ئىدىڭلار، بۈگۈن سىلەر زىيان تارتقۇچى قەۋمسىلەر» دەپ جاۋاب قايتۇرىدۇ.
﴿ئەھلى دوزاخ ئەھلى جەننەتكە: «سۇدىن ياكى ئاللاھ سىلەرگە بەرگەن ئىچىدىغان نەرسىلەردىن بىزگە بىرئاز قۇيۇپ بەرسەڭلار!» دەپ توۋلايدۇ، ئەھلى جەننەت ئۇلارغا (جاۋابەن): «ئاللاھ ئۇلارنى كافىرلارغا ھارام قىلغان» دەيدۇ. كافىرلار دىنلىرىنى مەسخىرە ۋە ئويۇنچۇق قىلىۋالدى، ئۇلارنى دۇنيا تىرىكچىلىكى ئالدىدى، ئۇلارنىڭ بۈگۈنكى كۈنگە مۇلاقات بولۇشنى ئۇنتۇغانلىقلىرى ۋە بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلىقلىرىغا ئوخشاش، بىز بۈگۈن ئۇلارنى ئۇنتۇيمىز (يەنى ئۇلارنى دوزاختا قالدۇرىمىز)﴾(7/«ئەئراف»: 50، 51).
يەنە بىر قاراشتا مۇنداق دېيىلگەن: «بۇ سۆھبەتلەر جەننەت ئەھلى پىلسىراتتىن ئۆتۈپ، دوزاختىن نىجات تاپقاندىن كېيىن بولىدۇ، ئۇلار بۇ ۋاقىتتا دوزاخ ئەھلىگە بۇرۇلۇپ، ئۇلار بىلەن سۆزلىشىدۇ».
ئاللاھتىن بىزنى ئازغۇنلۇق ۋە فىتنەلەردىن ساقلىشىنى ۋە بىزنىڭ گۇناھلىرىمىزنى مەغفىرەت قىلىشىنى ۋە بىزگە رەھىم قىلىشىنى سورايمىز. ئامىن.
ئۈمىد
﴿ئەھلى دوزاخ ئەھلى جەننەتكە: «سۇدىن ياكى ئاللاھ سىلەرگە بەرگەن ئىچىدىغان نەرسىلەردىن بىزگە بىرئاز قۇيۇپ بەرسەڭلار!» دەپ توۋلايدۇ، ئەھلى جەننەت ئۇلارغا (جاۋابەن): «ئاللاھ ئۇلارنى كافىرلارغا ھارام قىلغان» دەيدۇ﴾(7/«ئەئراف»: 50).
ئى ئاللاھ! بىزگە رەھىم قىلغىن.
قىيامەت كۈنى ئىبلىسنىڭ بارارجايى
ئىبلىس ئازغۇنلۇقنىڭ بېشى، سالىھلەرنىڭ دۈشمىنى ۋە گۇناھكارلارنىڭ ياردەمچىسىدۇر. كىمكى ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلسا ھالاك بولىدۇ. ئۇنىڭغا ئاسىيلىق قىلسا نىجات تاپىدۇ.
ئۇنداقتا شەيتان كىم؟
ئۇنىڭ ۋەقەلىكى قانداق؟
قىيامەت كۈنىدىكى شەيتاننىڭ نۇتقى قانداق؟
ئۇ ئەگەشكۈچىلىرىگە نېمە دەيدۇ؟
شەيتان دېگەن ئىسىم «قۇرئان»دا 88 قېتىم تەكرارلانغان. بۇنداق بولۇشى ئۇنىڭ خەتىرىنى بىلدۈرۈش، ئىنسانلارغا بولغان ئۆچمەنلىكىنى بايان قىلىش، ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىشتىن ئاگاھلاندۇرۇش ۋە ئۇنىڭ سۇيىقەستلىرىنى بىتچىت قىلىش ئۈچۈندۇر.
قىيامەت كۈنى شەيتاننىڭ ئەھۋالى بەك خاراب بولىدۇ. ئاللاھ بىزگە شەيتاننىڭ ھىيلە – مىكىرلىرىدىن خەبەر بەردى ۋە بىزگە ئۇنى دۈشمەن تۇتۇشنى بۇيرۇپ مۇنداق دېدى: ﴿شەيتان ھەقىقەتەن سىلەرگە دۈشمەندۇر، ئۇنى دۈشمەن تۇتۇڭلار، شەيتان ئۆزىنىڭ تەۋەلىرىنى ئەھلى دوزاختىن بولۇشقا چاقىرىدۇ﴾(35/«فاتىر»: 6).
ئەنبىيائلەرمۇ ئەۋلادلىرىغا بۇ ھەقتە ۋەسىيەت قىلغان. يەئقۇب ئەلەيھىسسالام ئوغلى يۈسۈف ئەلەيھىسسالامغا: ﴿شەيتان ئىنسانغا ھەقىقەتەن ئاشكارا دۈشمەندۇر﴾(12/«يۈسۈف»: 5) دېگەن.
شەيتاننىڭ ۋەقەلىكىنىڭ بېشى
شەيتان جىننىڭ جۈملىسىدىندۇر. جىن ئىنساندىن ئىلگىرى زېمىندا بار ئىدى. ئۇلار زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ قان تۆكتى. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئۇلارغا پەرىشتىلەر قوشۇنىنى ئەۋەتتى. پەرىشتىلەر ئۇلارنى ئۇرۇپ، دېڭىزلارنىڭ ئاراللىرىغا ھەيدىۋەتتى ۋە ئىبلىسنى ئەسىر ئالدى. ئىبلىس تەقۋالىق ئىزھار قىلىپ، پەرىشتىلەر بىلەن بىللە ئىبادەت قىلدى.
ئاللاھ تائالا پەرىشتىلەرنى ۋە ئىبلىسنى ئادەم ئەلەيھىسسالامغا سەجدە قىلىشقا بۇيرۇغان چاغدا، پەرىشتىلەرنىڭ ھەممىسى سەجدە قىلدى، پەقەت ئىبلىسلا تەكەببۇرلۇق قىلىپ، سەجدە قىلىشتىن باش تارتتى ۋە: ﴿سەن لايدىن ياراتقانغا سەجدە قىلامدىمەن؟﴾(17/«ئىسراﺋ»: 61) دېدى.
شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا ئىبلىسكە لەنەت قىلدى ۋە ئۇنى رەھمىتىدىن قوغلىدى. ئىبلىس بولسا قىلغان خاتالىقىغا تەۋبە – ئىستىغفار ئېيتىپ، رەببىدىن گۇناھىنى كەچۈرۈشىنى تىلىمىدى. بەلكى ئادەم ئەلەيھىسسالامغا ۋە ئۇنىڭ بالىلىرىغا ئۆچمەنلىك قىلدى ۋە ئىنسانلارغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، ئۇلارنى ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشتىن يىراق قىلىش ئۈچۈن تەھدىت سېلىشقا باشلىدى. ئاللاھ تائالا بۇنى بايان قىلىپ ئېيتىدۇ: ﴿شۈبھىسىزكى بىز سىلەرنى ياراتتۇق، ئاندىن سىلەرنى شەكىلگە كىرگۈزدۇق، ئاندىن پەرىشتىلەرگە: «سىلەر ئادەمگە (ھۆرمەت بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن) سەجدە قىلىڭلار» دېدۇق، ئىبلىستىن باشقىسى سەجدە قىلدى. ئۇ سەجدە قىلغۇچىلاردىن بولمىدى. ئاللاھ (ئىبلىسقا): «سېنى سەجدە قىلىشقا بۇيرۇغان چېغىمدا نېمىشقا سەجدە قىلمىدىڭ؟» دېدى. ئىبلىس: «مەن ئۇنىڭدىن ئارتۇق، مېنى ئوتتىن، ئۇنى لايدىن ياراتتىڭ» دېدى. ئاللاھ (ئىبلىسقا) ئېيتتى: «سەن بۇ يەردىن (يەنى جەننەتتىن) چۈشۈپ كەت، بۇ يەردىن ئۆزۈڭنى چوڭ تۇتۇشۇڭغا بولمايدۇ، يوقال، سەن ھەقىقەتەن پەسكەشلەردىنسەن». ئىبلىس: «ماڭا كىشىلەر قايتا تىرىلدۈرۈلىدىغان كۈنگىچە (يەنى قىيامەت كۈنىگىچە) مۆھلەت بەرگىن» دېدى. ئاللاھ: «ساڭا مۆھلەت بېرىلىدۇ›› دېدى. ئىبلىس ئېيتتى: «سېنىڭ مېنى ئازدۇرغانلىقىڭدىن ئۇلار (يەنى ئادەم ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادىغا ۋەسۋەسە قىلىش) ئۈچۈن چوقۇم سېنىڭ توغرا يولۇڭ ئۈستىدە ئولتۇرىمەن. ئاندىن ئۇلارغا چوقۇم ئالدىدىن، ئارقىسىدىن، ئوڭىدىن، سولىدىن ھۇجۇم قىلىمەن، ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكىنىڭ (نېئمىتىڭگە) شۈكۈر قىلغۇچىلار ئەمەسلىكىنى كۆرىسەن». ئاللاھ ئېيتتى: «جەننەتتىن ئەيىبلەنگەن ۋە (رەھمىتىمدىن) مەھرۇم قىلىنغان ھالدا چىق، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ساڭا ئەگەشكەنلەرنى قوشۇپ، ھەممىڭلار بىلەن چوقۇم جەھەننەمنى تولدۇرىمەن﴾(7/«ئەئراف»: 11 — 18).
دېمەك، ئىبلىس ئادەم ئەلەيھىسسالامغا ھىيلە قىلىپ، ئۇ ۋە ئايالى ھەۋۋانىڭ جەننەتتىن چىقىرىلىشىغا سەۋەبچى بولدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ بالىلىرىنىڭ جەننەتتىن چىقىرىلىشىغا سەۋەبچى بولدى. ئۇ داۋاملىق كۈچىنىڭ يېتىشىچە، ئىنسانلارغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ ئازدۇرۇپ كەلمەكتە.
شەيتاننى دۈشمەن تۇتۇشىمىز
شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاللاھ تائالا بىزگە شەيتاننى دۈشمەن تۇتۇشىمىزنى ۋە ئۇنىڭغا قارشى ئىش قىلىشىمىزنى ۋاجىب قىلدى ۋە بىزنى شەيتانغا ئىتائەت قىلىشتىن ئاگاھلاندۇردى. ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇ: ﴿شەيتان ھەقىقەتەن سىلەرگە دۈشمەندۇر، ئۇنى دۈشمەن تۇتۇڭلار﴾(35/«فاتىر»: 6)، ﴿سىلەرگە (پەيغەمبەرلىرىم ئارقىلىق): «ئى ئادەم بالىلىرى! شەيتانغا چوقۇنماڭلار، ئۇ ھەقىقەتەن سىلەرگە ئاشكارا دۈشمەندۇر، ماڭىلا ئىبادەت قىلىڭلار، بۇ توغرا يولدۇر» دەپ تەۋسىيە قىلمىدىممۇ؟﴾(36/«ياسىن»: 60، 61).
شەيتاننى يارىتىشتىكى ھېكمەت
ياخشىلىق ۋە يامانلىق ھەممىسىنى ئاللاھ ياراتقان بولۇپ، ئاللاھ بۇ ئىككى يولنى ئىنسانلارغا بايان قىلىپ بەردى. ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇ: ﴿روھ بىلەن ۋە ئۇنى چىرايلىق قىلىپ ياراتقان، ئۇنىڭغا ياخشى – يامانلىقنى بىلدۈرگەن زات بىلەن قەسەمكى، روھىنى پاك قىلغان ئادەم چوقۇم مۇرادىغا يېتىدۇ. نەپسىنى (كۇفرى ۋە پىسقى – فۇجۇر بىلەن) كەمسىتكەن ئادەم چوقۇم نائۈمىد بولىدۇ﴾(91/«شەمس»: 7 — 10)، ﴿كىمكى (كۇفرىدا، گۇناھتا) چېكىدىن ئاشىدىكەن، دۇنيا تىرىكچىلىكىنى (ئاخىرەتتىن) ئارتۇق كۆرىدىكەن، ئۇنىڭ جايى ھەقىقەتەن جەھەننەم بولىدۇ. پەرۋەردىگارىنىڭ ئالدىدا (سوراققا تارتىلىشتىن) قورقىدىغان، ئۆزىنى نەپسى خاھىشىغا بېرىلىشتىن (يەنى ھارام قىلىنغان نەرسىلەردىن) چەكلىگەن ئادەمگە كەلسەك، ھەقىقەتەن ئۇنىڭ جايى جەننەت بولىدۇ﴾(79/«نازىئات»: 37 — 41).
ئىبلىسمۇ ئىنسانلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۇلارنى ئازدۇرىدىغانلىقىنى جاكارلاپ، رەببىگە دېگەن ئىدى: ﴿«ماڭا ئېيتىپ بەرگىنە، سەن مەندىن ئۈستۈن قىلغان ئادەم مۇشۇمۇ؟ ئەگەر ماڭا قىيامەتكىچە مۆھلەت بېرىدىغان بولساڭ، ئۇنىڭ ئەۋلادىنىڭ ئازغىنىسىدىن باشقىسىنى (ئازدۇرۇپ) تۈپ يىلتىزىدىن قۇرۇتۇۋېتىمەن (يەنى ئۇلارنى خاھلىغانچە يېتىلەيمەن)»﴾(17/«ئىسراﺋ»: 62).
بۇ ئايەتتىن خۇددى شەيتاننىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى چۈشىنىمىز: «سەن ھۆرمەتلەپ، بىزنى سەجدە قىلىشىمىزغا بۇيرۇغان بۇ ئىنسان چوقۇم زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ ۋە ناھەق قان تۆكىدۇ. ئى رەببىم! ماڭا مۆھلەت بەرگىن، مەن ئۇلارغا ۋەسۋەسە قىلىپ، بۇ نۇقتىنى ئىسپاتلايمەن».
ئاللاھ تائالانىڭ ئىبلىسنىڭ تەلىپىنى قوبۇل قىلماي، ئۇنى دەرھال دوزاخقا تاشلىۋېتىشىمۇ مۇمكىن ئىدى. لېكىن، ئاللاھنىڭ ھېكمىتى ئىنسانلارنىڭ ئىمانىنى سىناش ئۈچۈن، شەيتاننى دەرھال دوزاخقا تاشلىماسلىقنى تەقەززا قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئىبلىسقا مۆھلەت بەردى. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا دېگەنكى: ﴿شەيتان سىلەرنى پېقىرلىقتىن قورقىتىدۇ، يامان ئىشلارغا (يەنى بېخىللىققا، زاكات بەرمەسلىككە) بۇيرۇيدۇ. ئاللاھ سىلەرگە ئۆز مەغفىرىتىنى ۋە پەزلىنى ۋەدە قىلىدۇ. ئاللاھنىڭ مەرھەمىتى كەڭدۇر، ئۇ ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر﴾(2/«بەقەرە»: 268).
ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلىرىگە رەھمەت قىلغانلىقى
ئاللاھ تائالانىڭ سېخىيلىقىنىڭ جۈملىسىدىن، ئۇ زاتنىڭ رەھمىتى كەڭرىدۇر، ناھايىتى مەغفىرەت قىلغۇچى ۋە مەرھەمەتلىكتۇر. ئۇ زات تەۋبە قىلغۇچىلارنى ۋە ئۆزى تەرەپكە قايتقۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ. ئەگەر شەيتان ئىنسانغا يۈز قېتىم ۋەسۋەسە قىلسىمۇ، بىر ياخشى ئەمەل ئۇ خاتالىقلارنىڭ ھەممىسىنى يۇيۇۋېتىدۇ. ئاللاھ تائالا ھەرقانداق كىشىنى ئاگاھلاندۇرماستىن ئازابلىمايدۇ. ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿پەيغەمبەر ئەۋەتمەي تۇرۇپ (ھېچ ئادەمنى) جازالىغىنىمىز يوق﴾(17/«ئىسراﺋ»: 15).
شەيتاننىڭ قەدەملىرى
شەيتان ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلىرىنى ئازدۇرۇش ئۈچۈن، تەدرىجىي ھەرىكەت قىلىدۇ. ئۇلارغا بىر گۇناھ ئىشنى قىلسا، يەنە ئۇنىڭدىنمۇ چوڭراق گۇناھنى قىلىشى ئۈچۈن ۋەسۋەسە قىلىدۇ. ئاخىرىدا ئاقىۋىتى دوزاخ بولىدىغان ئاللاھقا شىرك كەلتۈرۈش گۇناھىغا ئېلىپ بارىدۇ. ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿شەيتاننىڭ يوللىرىغا ئەگەشمەڭلار، چۈنكى شەيتان سىلەرگە ئوچۇق دۈشمەندۇر﴾(2/«بەقەرە»: 168)، ﴿ئى مۇئمىنلەر! شەيتاننىڭ كەينىگە كىرمەڭلار، كىمكى شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىدىكەن، شەيتان ئۇنى قەبىھ (سۆز – ھەرىكەتلەر) گە، يامان ئىشلارغا بۇيرۇيدۇ﴾(24/«نۇر»: 21).
پەرۋەردىگارىمىز ئاللاھ تائالانىڭ كالامىدىنمۇ ئوچۇق بايان بارمۇ؟ شۇنداق بولسىمۇ يەنە نۇرغۇن ئىنسانلار شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ، ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىدۇ.
ئىبلىسنىڭ كۇرسىسى
نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزگە خەبەر بەردىكى، ئىبلىس كۇرسىسىنى سۇنىڭ ئۈستىگە قويىدۇ. ئاندىن شەيتانلاردىن بولغان قوشۇنلىرىنى ئىنسانلارنى ئازدۇرۇش ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا فىتنە تۇغدۇرۇش ئۈچۈن ئەۋەتىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ قوماندانلىق مەركىزىدە تۇرۇپ، ياردەمچىلىرىنى باشقۇرىدۇ. ئۇ ئەڭ كۆپ فىتنە تۇغدۇرغان شەيتاننى ئۆزىگە ئەڭ يېقىن قىلىدۇ ۋە چوڭ فىتنەلەرنى ۋۇجۇدقا چىقارغانلارنى مۇكاپاتلايدۇ.
ئۇلارنىڭ بىرى كېلىپ:
— مەن مۇنداق، مۇنداق ئىشلارنى قىلدىم، — دەيدۇ، ئىبلىس ئۇنىڭغا:
— سەن ھېچ ئىش قىلماپسەن، — دەيدۇ. ئاندىن يەنە بىرسى كېلىپ:
— مەن مۇنداق، مۇنداق ئىشلارنى قىلدىم، — دەيدۇ، ئىبلىس ئۇنىڭغىمۇ:
— سەن ھېچ ئىش قىلماپسەن، — دەيدۇ. ئاندىن يەنە بىرسى كېلىپ:
— مەن ئۇنى بوش قويۇۋەتمىدىم، ئاخىرى ئۇنى ئايالىدىن ئايرىۋەتتىم، — دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىبلىس ئۇنى ئۆزىگە يېقىن قىلىدۇ ۋە:
— سەن ياخشى قىپسەن، — دەيدۇ(14).
دېمەك، ئىنسان بارلىق خۇسۇمەت، ئىختىلاپ ۋە غەزەپلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئەسلىسى شەيتاندىن بولىدىغانلىقىنى بىلىشى، ئاللاھقا سىغىنىپ، ئۇنىڭ شەررىدىن پاناھلىق تىلىشى ۋە ئۇنىڭ ھىيلىسىدىن ھەزەر ئەيلىشى كېرەك.
شەيتاننىڭ قوشۇنى
شەيتانغا ۋە ئۇنىڭ قوشۇنىغا ئەگىشىش ئاقىۋەتتە دوزاخقا ئېلىپ بارىدۇ. ئاللاھ تائالا شەيتان ھەققىدە ئېيتىدۇ: ﴿شەيتان ھەقىقەتەن سىلەرگە دۈشمەندۇر، ئۇنى دۈشمەن تۇتۇڭلار، شەيتان ئۆزىنىڭ تەۋەلىرىنى ئەھلى دوزاختىن بولۇشقا چاقىرىدۇ﴾(35/«فاتىر»: 6)، ﴿ئۇلار شەيتاننىڭ قوشۇنىدۇر، بىلىڭلاركى، شەيتاننىڭ قوشۇنى زىيان تارتقۇچىلاردۇر﴾(58/«مۇجادەلە»: 19).
ئىبلىس ئوتتىن يارىتىلغان تۇرسا، دوزاختا قانداق ئازابلىنىدۇ؟
شەيتان ئەسلىدە ئوتتىن يارىتىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ھازىر ئوت ئەمەس. خۇددى ئىنسان لايدىن يارىتىلغان بولسىمۇ، ھازىر لاي بولمىغاندەك. ئىنسان لاي بىلەن ئازابلىنىشى مۇمكىن بولىدۇ. ئەگەر ئىنسان لايغا پېتىپ كەتسە، تۇنجۇقۇپ ئۆلۈپ قالىدۇ، ئەگەر لاي بىلەن ئۇرۇلسا، ئاغرىقىنى تارتىدۇ. بەزىدە قۇرۇق لاي بىلەن ئۇرۇلسا ئۆلۈپ قېلىشى مۇمكىن.(15)
نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ناماز ئوقۇۋاتاتتى. شەيتان ئۇ زاتقا ئەزىيەت يەتكۈزۈش ئۈچۈن يېنىغا كەلدى. ئۇ زات:
— ئاللاھقا سىغىنىپ، سەندىن پاناھلىق تىلەيمەن، — دېدى. ئاندىن:
— ئاللاھنىڭ لەنىتى بىلەن ساڭا لەنەت قىلىمەن، — دەپ ئۈچ قېتىم دېدى ۋە خۇددى بىرنەرسىنى ئالغاندەك قولىنى يايدى. ئۇ زات نامازدىن پارىغ بولغان چاغدا، ئەسھابلەر:
— ئى رەسۇلۇللاھ! نامازدا بىرنەرسە دېگەنلىكلىرىنى ئاڭلىدۇق، بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇنداق دېگەنلىكلىرىنى ئاڭلىمىغان ئىدۇق ۋە قوللىرىنى يايغانلىقلىرىنى كۆردۇق، — دېگەنىدى، ئۇ زات دېدى:
— ئاللاھنىڭ دۈشمىنى ئىبلىس يۈزۈمگە تاشلاش ئۈچۈن بىر پارچە چوغنى ئېلىپ كەلگەنىدى، مەن: ‹ئاللاھقا سىغىنىپ سەندىن پاناھلىق تىلەيمەن، ئاللاھقا سىغىنىپ سەندىن پاناھلىق تىلەيمەن، ئاللاھقا سىغىنىپ سەندىن پاناھلىق تىلەيمەن› دېدىم. ئاندىن: ‹ئاللاھنىڭ تولۇق لەنىتى بىلەن ساڭا لەنەت قىلىمەن، ئاللاھنىڭ تولۇق لەنىتى بىلەن ساڭا لەنەت قىلىمەن، ئاللاھنىڭ تولۇق لەنىتى بىلەن ساڭا لەنەت قىلىمەن› دېدىم، ئۇ كەينىگە چېكىنمىدى.
ئاندىن نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنى قولى بىلەن تۇتۇپ تۇنجۇقتۇردى. ئۇ زات دېدى:
— ھەتتاكى قولۇمنىڭ ئۈستىدە، ئۇنىڭ تىلىنىڭ سوغۇقلۇقىنى ھېس قىلدىم. ئەگەر قېرىندىشىم سۇلايماننىڭ دۇئاسى بولمىغان بولسا، كىشىلەرنىڭ ئۇنى كۆرۈشى ئۈچۈن، باغلاقلىق ھالەتتە تۇرغان بولاتتى».(16)
بۇنىڭدىن شۇ نەرسە ئېنىق بولىدۇكى، جىن ۋە شەيتانلار ھازىر ئوت ئەمەستۇر. ئەگەر ئۇلار ھازىر ئوت بولغان بولسا ئىدى، نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قولىدا شەيتاننىڭ تىلىنىڭ سوغۇقلۇقىنى ھېس قىلمىغان بولاتتى. شۇنىڭدەك ئۇ ھازىر ئوت بولغان بولسا ئىدى، نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كىشىلەرنىڭ كۆرۈشى ئۈچۈن، ئۇنى مەسجىدنىڭ تۈۋرۈكىگە قانداقمۇ باغلىسۇن؟ نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ھەقىقەتەن، شەيتان ئىنساننىڭ قان تومۇرلىرىدا ئاقىدۇ»([17]) دېگەن. ئەگەر شەيتان ھازىر ئوت بولغان بولسا، شەيتان ئىنساننىڭ ئىچىدە بولغاچقا، ئىنسان كۆيۈپ كەتسە بولاتتى.
شەيتاننىڭ نۇتقى
ئىش پۈتۈپ دۇنيا ئاخىرلاشقان، تارازا تىكلەنگەن، نامەئى ئەئماللەر تارقىتىلىپ، ئوڭ قول ئىگىلىرىمۇ، سول قول ئىگىلىرىمۇ نامەئى ئەئماللىرىنى ئالغان، پەرۋەردىگارىمىز خالايىقلارنىڭ ئارىسىنى ئايرىش ئۈچۈن كەلگەن، ھەربىر ئادەم نامەئى ئەئمالىدىكى ئەمەلگە قارىتا نەتىجىگە ئېرىشكەن ۋە جەننەت ئەھلى جەننەتكە، دوزاخ ئەھلى دوزاخقا ئايرىلغان چاغدا، شەيتان ئورنىدىن تۇرۇپ، دوزاخ ئەھلىگە نۇتۇق سۆزلەيدۇ. ئۇ نېمە دەيدۇ؟
ئاللاھ تائالا بۇنى بايان قىلىپ ئېيتىدۇ: ﴿ئىش پۈتكەندە (يەنى ھېساب تۈگەپ، جەننەتىيلەر بىلەن دوزىخىيلەر ئايرىلىپ بولغاندا)، شەيتان: «ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرگە (ئىتائەت قىلغۇچىنى مۇكاپاتلاش، ئاسىيلىق قىلغۇچىنى جازالاشتىن ئىبارەت) راست ۋەدىنى قىلغان ئىدى، (ۋەدىسىگە ۋاپا قىلدى). مەن سىلەرگە (ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلدۈرۈش، ساۋاب، جازا دېگەنلەر يوق، دەپ يالغان) ۋەدە قىلغان ئىدىم، (ۋەدەمگە) خىلاپلىق قىلدىم، سىلەرگە مېنىڭ (كۇفرىغا، گۇناھقا زورلىغۇدەك) ھۆكۈمرانلىقىم بولغىنى يوق، مەن سىلەرنى پەقەت (گۇمراھلىققا) دەۋەت قىلدىم، سىلەر (دەۋىتىمنى) قوبۇل قىلدىڭلار، شۇنىڭ ئۈچۈن مېنى ئەيىبلىمەڭلار، ئۆزۈڭلەرنى ئەيىبلەڭلار، مەن سىلەرگە ياردەم بېرىپ سىلەرنى قۇتقۇزالمايمەن، سىلەرمۇ ماڭا ياردەم بېرىپ مېنى قۇتقۇزالمايسىلەر، مەن سىلەرنىڭ بۇرۇن مېنى ئاللاھقا (ئىبادەتتە) شىرك قىلغانلىقىڭلارنى ئېتىراپ قىلمايمەن، شۈبھىسىزكى، زالىملار چوقۇم قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ» دەيدۇ﴾(14/«ئىبراھىم»: 22).
شۇنداق، شەيتان ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەرگە: «مېنى ئەيىبلىمەڭلار» دەيدۇ، بۇ ئەجەبلىنەرلىك ئىشتۇر. ئۇنداقتا ئۇلار كىمنى ئەيىبلىشى كېرەك؟ ئۇلارنى يامان ئىشلارغا چاقىرغان كىم؟ ناھەق قان تۆكۈشكە كۈشكۈرتكەن كىم؟ ئۇلارغا ھارامنى زىننەتلىگەن ۋە ئۇلارنى گۇناھ – مەئسىيەتلەرگە قىزىقتۇرغان كىم؟ بۇنىڭ جاۋابى: «ئۆزۈڭلەرنى ئەيىبلەڭلار» دېگەندىن ئىبارەتتۇر.
ئاندىن شەيتاننىڭ بۇ نۇتقىدا دوزاخ ئەھلىگە ھەسرەت ۋە ئەلەمنى زىيادە قىلىدىغان، شەيتاننىڭ ھەقىقىتى ئايان بولىدىغان ۋە شەيتان ئۆز ئەگەشكۈچىلىرىدىن ئادا – جۇدا بولىدىغان بىر كۆرۈنۈش بار.
شەيتان ئۇلارغا: «مەن سىلەرنىڭ بۇرۇن مېنى (ئىبادەتتە) ئاللاھقا شىرك قىلغانلىقىڭلارنى ئېتىراپ قىلمايمەن» دەيدۇ. يەنى سىلەرنىڭ ماڭا ئىتائەت قىلغانلىقىڭلارنى ئېتىراپ قىلمايمەن، بۈگۈن سىلەرگە پەقەت ياخشى ئەمەللىرىڭلارلا ئەسقاتىدۇ.
ئاندىن شەيتان ئۇلارغا نەتىجىدىن خەبەر بېرىپ: «شۈبھىسىزكى، زالىملار چوقۇم قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ» دەيدۇ.
خىتاب مۇشۇنداق ئاخىرلىشىدۇ. بۇ كافىرلارنىڭ باشلىقى ۋە گۇناھكارلارنىڭ قوماندانى بولغان شەيتاننىڭ ئەھۋالىدۇر.
خىيانەت
ئىبلىس ئۆز ئەگەشكۈچىلىرىگە ۋاپاسىز بولغاچقا، ئۇلارغا لەنەت قىلىدۇ ۋە ئۇلاردىن ئادا – جۇدا بولىدۇ.
دوكتور مۇھەممەد ئەلئەرىيفىي
ئۇ دۇنيا
(«قۇرئان» ۋە سەھىھ ھەدىسلەر ئاساسىدا كىچىك قىيامەت ۋە چوڭ قىيامەتنىڭ ھادىسەلىرى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلار)
ئەرەبچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى:
مۇھەممەد بارات
1. ئىبنى خۇزەيمە (2482). ئالبانىي: («سەھىھۇلجامىئ»، 1713) «سەھىھ» دېگەن.
2. ئەبۇ داۋۇد (3573). ئالبانىي: («سەھىھۇلجامىئ»، 4446) «سەھىھ» دېگەن.
3. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (106)؛ مۇسلىم (1).
4. ئەسبەھانىي: «ئەتتەرغىب ۋەتتەرھىب»، (2330).
5. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (2766)؛ مۇسلىم (89).
6. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (3482)؛ مۇسلىم (2242).
7. مۇسلىم (2128).
8. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (5778)؛ مۇسلىم (109).
9. ئەبۇ داۋۇد (3664). ئالبانىي: («سەھىھۇلجامىئ»، 6159) «سەھىھ» دېگەن.
10. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (5634)؛ مۇسلىم (2065).
11. ئىبنى ھىببان (328). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «سەھىھ» دېگەن.
12. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (6573)؛ مۇسلىم (182).
13. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (44)؛ مۇسلىم (193).
14. مۇسلىم (2813).
15. ئەينەكمۇ توپىدىن ياسىلىدۇ. لېكىن ئۇ ياسىلىپ بولغاندىن كېيىن، توپا ئەمەس، پۈتۈنلەي باشقا بىرنەرسىگە ئايلىنىدۇ. ئەگەر ئەينەكنى توپىغا ئۇرساق ياكى توپىغا ئارىلاشتۇرساق، ئۇ توپىدىن ياسالغان بولسىمۇ سۇنۇپ كېتىدۇ. شۇنىڭدەك شەيتان ئەسلىدە ئوتتىن يارىتىلغان بولسىمۇ، قىيامەت كۈنى دوزاختا ئازابلىنىدۇ. چۈنكى، ئۇ ھازىر ئوت ئەمەس، جىسمى بار ۋە ئاغزىدا شۆلگىيى بار مەخلۇقتۇر.
16. مۇسلىم (542)؛ نەسائىي: «ئەسسۇنەنۇلكۇبرا»، (11375)؛ ئىبنى ھىببان (2350). بۇ ھەدىسنى بىرقانچە رىۋايەتلەرنى بىرلەشتۈرۈپ كەلتۈردۈم.
17. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (2038)؛ مۇسلىم (2175).

