ئاللاھ تائالا دوزاخ ئەھلىنىڭ تامىقى ۋە ئىچىملىكىنى زىكىر قىلدى، بۇمۇ ئۇلار چېكىدىغان ئازابنىڭ تۈرلىرىدىندۇر.
دوزاخ ئەھلىنىڭ ئىچىملىكلىرى
ئۇنداقتا بۇ ئىچىملىكلەر قايسىلار؟
ئۇلارنى ئىسىملىرى بىلەن زىكىر قىلىشنىڭ پايدىسى نېمە؟
ئۇلار بۇ ئىچىملىكلەرنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئىچەمدۇ؟
بەندىنىڭ بىرنەرسىنى تەپسىلىي بىلىشى بەندىنىڭ ئۇ نەرسىگە چوڭقۇر ئىمان ئېيتىشىغا تۈرتكە بولىدۇ. ئاللاھ بىزگە دىنىمىزنى تەپسىلىي بايان قىلىپ بەردى ۋە تەقۋادارلارنىڭ ئالىدىغان مۇكاپاتىنى، ئاللاھنىڭ دىنىدىن يۈز ئۆرۈگەنلەرنىڭ تارتىدىغان ئازابىنى سۈپەتلەپ بەردى. بۇلارنىڭ قاتارىدىن: ئاللاھ بىزگە دوزاخ ئەھلى ئىچىدىغان تۆت خىل ئىچىملىكنى زىكىر قىلدى. ئۇلار تۆۋەندىكىچە:
ھەمىم (الحميم)
بۇ دوزاخنىڭ ئوتى بىلەن قاينىغان قايناقسۇ بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرى ئېرىپ كېتىدۇ ۋە ئۈچەيلىرى پارە – پارە قىلىنىپ، تېرىلىرى ئېقىپ كېتىدۇ. ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿(مۇنداق تەقۋادارلار) دوزاختا مەڭگۈ قالىدىغان، قايناقسۇ بىلەن سۇغىرىلىپ (قىزىقلىقىدىن) ئۈچەيلىرى پارە – پارە قىلىنىدىغانلار بىلەن ئوخشاشمۇ؟﴾(47/«مۇھەممەد»: 15).
غەسساق (الغساق)
بۇ قاتتىق سوغۇقلىقىدىن، تەمىنى تېتىپ بېقىشقىمۇ تاقەت قىلالمايدىغان قاتتىق سوغۇق ئىچىملىكتۇر. ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿بۇ (كۆيدۈرگۈچى) قايناقسۇ ۋە غەسساقتۇر، ئۇلار بۇنى تېتىسۇن﴾(38/«ساد»: 57).
قان – يىرىڭ (الصديد)
بۇ كافىرنىڭ گۆشى ۋە تېرىسىدىن ئاققان قان – يىرىڭدۇر. ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿ئۇنىڭ ئالدىدا جەھەننەم تۇرىدۇ، جەھەننەمدە ئۇ يىرىڭ ئارىلاش سۇ بىلەن سۇغىرىلىدۇ. (ئۇنىڭ ئاچچىقلىقىدىن) ئۇنى يۇتۇملاپ ئىچىپ تەسلىكتە يۇتىدۇ، ئۆلۈم ئۇنى قورشىۋالىدۇ. لېكىن، ئۇ ھەرگىز ئۆلمەيدۇ، شۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ﴾(14/«ئىبراھىم»: 16، 17).
مەدەن ئېرىتمىسىگە ئوخشاش سۇ (ماء كالمهل)
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن «مُھْل» توغرۇلۇق سورالغاندا: «ياغنىڭ دۇغى كەبى قۇيۇق دۇغدۇر» دېگەن. ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇ: ﴿بىز ھەقىقەتەن كافىرلار ئۈچۈن تۈتۈن پەردىلىرى ئۇلارنى ئورىۋالىدىغان ئوتنى تەييارلىدۇق، ئۇلار (تەشنالىقتىن) سۇ تەلەپ قىلسا، ئۇلارغا مەدەن ئېرىتمىسىگە ئوخشاش، يۈزلەرنى كۆيدۈرۈۋېتىدىغان (ناھايىتى قىزىق) دۇغ بېرىلىدۇ، بۇ نېمىدېگەن يامان شاراب! جەھەننەم نېمىدېگەن يامان جاي!﴾(18/«كەھف»: 29)
باشقا ئىچىملىكلەر
«قۇرئان»دا دوزاخ ئەھلى ئىچىدىغان باشقا تۈردىكى ئىچىملىكلەرنىڭ تۈرلىرىمۇ زىكىر قىلىنغان. ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿بۇ (ھەقىقەتتۇر)، كافىرلارنىڭ (ئاخىرەتتە بولىدىغان جايى) ھەقىقەتەن ئەڭ يامان جايدۇر. ئۇ جەھەننەمدۇر، ئۇلار جەھەننەمگە كىرىدۇ، ئۇ نېمىدېگەن يامان جاي! بۇ (كۆيدۈرگۈچى) قىزىق سۇدۇر، قان – يىرىڭدۇر، ئۇلار بۇنى تېتىسۇن. يەنە (ئۇلارغا) مۇشۇ خىلدىكى باشقا تۈرلۈك ئازابلار بار﴾(38/«ساد»: 55).
دېمەك، دوزاخ ئەھلى بۇ ئىچىملىكلەرنى مەجبۇرىي ئىچىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا دوزاخ ئەھلى مەجبۇرىي ئىچىدىغان، ئاللاھ بىزگە زىكىر قىلمىغان نۇرغۇن ئىچىملىكلەر بار.
دوزاخ ئەھلى بۇ ئىچىملىكلەرنى مەجبۇرلانغان ھالدا ئىچىدۇ
بۇ تۈرلۈك ئىچىملىكلەرنى دوزاخ ئەھلى بىر يۇتۇم، بىر يۇتۇمدىن مەجبۇرىي ئىچىدۇ. ئۇنىڭ تەمىنىڭ بەك ئاچچىق، پۇرىقىنىڭ سېسىق ۋە بەك قىزىق بولغانلىقى ئۈچۈن، يۇتالماي قېلىشقا تاس قالىدۇ، ئىچىپ بولغاندىن كېيىن ئۈچەيلىرىنى پارە – پارە قىلىۋېتىدۇ.
بۇ تۈردىكى كۆيدۈرگۈچى ئىچىملىكلەرنى ئىچسە نېمە ئۈچۈن ئۆلمەيدۇ؟
ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەمەلنىڭ قوبۇل بولۇشىنىڭ شەرتى مۇسۇلمان بولۇشتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇ: ﴿كىمكى ئىسلام (دىنىدىن) غەيرىي دىننى تىلەيدىكەن، ھەرگىز ئۇ (يەنى ئۇنىڭ دىنى) قوبۇل قىلىنمايدۇ، ئۇ ئاخىرەتتە زىيان تارتقۇچىدۇر﴾(3/«ئال ئىمران»: 85).
كافىرنى ئازاب قورشىۋالىدۇ، بۇ ئازابلارنىڭ ھەرقاندىقىدىن كېيىن ئۆلۈم كېلىدۇ. لېكىن ئۇ ئۆلمەيدۇ، بەلكى دوزاختا ۋە ئازابتا مەڭگۈ قالىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇنىڭغا يەنە ئىلگىرىكىدىنمۇ قاتتىق ئازاب بار.
ھاراقكەش يىرىڭ ئىچىدۇ
يەمەننىڭ جەيشان دېگەن يېرىدىن بىر ئادەم كېلىپ، نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ئۆزلىرىنىڭ زېمىنىدا ئىچىدىغان مىزەر دەپ ئاتىلىدىغان، قوناقتىن ياسىلىدىغان بىر ئىچىملىك توغرىسىدا سورىدى. ئۇ زات:
— ئۇ مەست قىلامدۇ؟ — دېگەنىدى، ئۇ:
— شۇنداق، — دېدى. ئۇ زات دېدى:
— مەست قىلىدىغان ھەرقانداق نەرسە ھارامدۇر. ھەقىقەتەن ئاللاھ مەست قىلىدىغان نەرسىنى ئىچكەن ئادەمنى تىينەتۇلخەبال بىلەن سۇغىرىدىغانلىقىنى ئەھدە قىلدى.
ئەسھابلەر:
— ئى رەسۇلۇللاھ! تىينەتۇلخەبال دېگەن نېمە؟ — دېگەنىدى، ئۇ زات:
— دوزاخ ئەھلىنىڭ تەرى ياكى قان – يىرىڭلىرىدۇر، — دېدى»(1).
ئاللاھتىن بىزنى بەخت – سائادەت ۋە ئاۋات ئۆيلەرنىڭ ئىچىدە، جەننەتنىڭ ئۆستەڭلىرى، ھەسەللىرى ۋە سۈتلىرى بىلەن سۇغىرىشىنى سورايمىز ۋە بىزنى دوزاختىن ۋە دوزاخنىڭ ئاچچىق ئىچىملىكلىرىدىن ساقلىشىنى سورايمىز، ئامىن.
ھاراق
كىمكى دۇنيادا ھاراق ئىچسە، دوزاختا تىينەتۇلخەبالدىن ئىچىدۇ.
دوزاخ ئەھلىنىڭ تامىقى
دوزاخ ئەھلى ئۈچەيلەرنى ئېرىتىۋېتىدىغان قايناقسۇ ۋە قاتتىق سوغۇق سۇلارنى ئىچكەندەك، ئوتتىن بولغان تاماقلارنى يۇتىدۇ.
ئۇنداقتا بۇ قانداق تاماق؟
بۇ تاماقنى ئۇلار قانداق يەيدۇ؟
ئۇنىڭ ئىسمى نېمە؟
دوزاخ ئەھلى ۋارقىرايدۇ ۋە ئازابلىنىدۇ، يىغلايدۇ ۋە ياردەم تىلەيدۇ، ئاچ ۋە ئۇسسۇز قالىدۇ. لېكىن، ئۇلارغا ئۇلارنىڭ ھەسرىتى ۋە ئازابىنى تېخىمۇ زىيادە قىلىدىغان نەرسە بىلەن ياردەم بېرىلىدۇ.
1) زەرىئ (ضريع)
بۇ تىكەننىڭ بىر تۈرى بولۇپ، بەك ئاچچىق بولغانلىقتىن ئۇنى ھايۋانلارمۇ يېمەيدۇ. ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿ئۇلار ئۈچۈن زەرىئدىن (يەنى بەتبۇي، ئاچچىق تىكەندىن) باشقا يېمەكلىك بولمايدۇ. زەرىئ كىشىنى سەمرىتمەيدۇ، ئاچلىقنى پەسەيتمەيدۇ﴾(88/«غاشىيە»: 6، 7).
ئۇلار تاماق تەلەپ قىلسا، ئۇلارغا زەرىئ كەلتۈرۈلىدۇ. بۇ بەتبۇي، ئاچچىق تىكەنگە ئوخشاش بىر ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئاچلىقنى پەسەيتەلمەيدۇ ۋە كىشىنى سەمرىتمەيدۇ. ئاللاھ تائالا بىزگە بۇ زەرىئنى «ھېچقانداق ياخشىلىق ۋە پايدىسى يوق، ئۇ كىشىنى سەمرىتمەيدۇ ۋە ئاچلىقنى پەسەيتەلمەيدۇ» دەپ تونۇشتۇردى.
2) غىسلىن (غِسْلِيْن)
بۇ ئۇلارنىڭ گۆشلىرىدىن ئاققان قان – يىرىڭدۇر. ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇ: ﴿بۈگۈن ئۇنىڭغا بۇ يەردە (ئۇنىڭدىن ئازابنى كۆتۈرۈۋېتىدىغان) دوست يوقتۇر. ئۇنىڭغا يىرىڭدىن باشقا تاماق يوقتۇر. ئۇنى پەقەت ئازغان ئادەملەرلا (يەنى كافىرلارلا) يەيدۇ﴾(3/«ئال ئىمران»: 35 — 37).
كافىر قىيامەت كۈنى ئۆزىنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلدۇرىدىغان ئۇرۇق – تۇغقان ۋە دوستنى تاپالمايدۇ. ئۇ كۈندە ھەربىر ئىنسان ئۆزىنىڭ ئەھۋالى بىلەنلا بولىدۇ. كافىر دوزاختا ئۆزىگە دوزاخ ئەھلىنىڭ تېرىلىرىدىن ئاققان قان – يىرىڭدىن باشقا تاماق تاپالمايدۇ. دوزاخ ئەھلى دۇنيادا ھارامنى يېگىنىگە ئوخشاش دوزاختا بۇ ئاچچىق تاماقلارنى يەيدۇ.
ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿شۈبھىسىزكى، بىزنىڭ دەرگاھىمىزدا (ئۇلارغا) ئېغىر ئىشكەللەر ۋە (كۆيدۈرگۈچى) دوزاخ بار. (زەققۇم، زەرىئتىن ئىبارەت) گالدىن ئۆتمەيدىغان تاماق ۋە قاتتىق ئازاب بار﴾(73/«مۇززەممىل»: 12، 13).
بۇ ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان گالدىن ئۆتمەيدىغان تاماق بولسا ئېغىزلارنى يارىلاندۇرىدۇ ۋە گالدىن يا ئۆتمەي، يا چىقماي تۇرۇپ قالىدۇ. بۇ ئازاب ئۇلارنى خار قىلىش ئۈچۈن پۇت – قوللىرىغا سېلىنغان ئىشكەللەر بىلەن بىرگە بولىدۇ.
3) زەققۇم (الزقوم)
بۇ دوزاخنىڭ تېگىدىن ئۈنۈپ چىقىدىغان بەتبۇي بىر دەرەخنىڭ مېۋىسى بولۇپ، بۇ دەرەخنىڭ مېۋىسى بەك ئاچچىقتۇر. دوزاخ ئەھلى بۇنى مەجبۇرىي يەيدۇ. دوزاخ ئەھلى بۇنى يېسە، ئۇنىڭدىن ھېچقانداق لەززەت تاپالمايدۇ ۋە بەدەنلىرى مەنپەئەت ئالالمايدۇ. بۇ پەقەت ئۇلار ئازابلىنىدىغان ئازابتۇر.
ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇ: ﴿زەققۇم دەرىخى ھەقىقەتەن گۇناھكارلارنىڭ تامىقىدۇر. ئۇ ئېرىتىلگەن مىستەك (قىزىق) دۇر، ئۇ قورساقلاردا قايناقسۇدەك قاينايدۇ. (دوزاخقا مۇئەككەل پەرىشتىلەرگە) «ئۇنى تۇتۇپ سۆرەپ دوزاخنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئېلىپ بېرىڭلار، ئاندىن ئۇنىڭ بېشىغا قايناقسۇ قۇيۇپ ئازابلاڭلار» دېيىلىدۇ. (ئۇنىڭغا خارلاش ۋە مەسخىرە قىلىش يۈزىسىدىن) «(بۇ ئازابنى) تېتىغىن، سەن ھەقىقەتەن ئىززەتلىك ئۇلۇغ زات ئىدىڭ. بۇ (ئازاب) ھەقىقەتەن (ھايات ۋاقتىڭلاردا) سىلەر شەكلەنگەن نەرسىدۇر» دېيىلىدۇ﴾(44/«دۇخان»: 43 — 50). ئاللاھ تائالا دۇنيادا ئازغۇنلارغا تەھدىت قىلىپ: ﴿ئاندىن سىلەر، ئى قايتا تىرىلدۈرۈشنى ئىنكار قىلغۇچى گۇمراھلار! چوقۇم زەققۇم دەرىخىدىن يەيسىلەر﴾(44/«دۇخان»: 51، 52) دېگەن.
يەنى ئى ھىدايەتتىن چەتنەپ كەتكەن ئازغۇنلار، ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلدۈرۈشنى ۋە ئاللاھنىڭ ئەمەللەردىن ھېساب ئالىدىغانلىقىنى يالغانغا چىقارغۇچىلار! سىلەر قىيامەت كۈنى دوزاخنىڭ قەئرىدىن ئۈنۈپ چىققان زەققۇم دەرىخىدىن يەيسىلەر. ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿شۈبھىسىزكى، ئۇ جەھەننەمنىڭ قەئرىدە ئۆسىدىغان دەرەختۇر. ئۇنىڭ مېۋىسى گويا شەيتانلارنىڭ باشلىرىغا ئوخشايدۇ. ئۇلار شۈبھىسىز شۇ مېۋىلەردىن يەيدۇ، ئۇنىڭ بىلەن قورساقلىرىنى تويغۇزىدۇ﴾(37/«ساففات»: 64 — 66).
بۇ دەرەخنىڭ مېۋىسىنىڭ كۆرۈنۈشى بەك سەت بولغانلىقى ئۈچۈن، شەيتانلارنىڭ باشلىرىغا ئوخشايدۇ.
ئىنسانلار شەيتانلارنىڭ باشلىرىنى كۆرمىگەن تۇرسا، ئاللاھ تائالا نېمە ئۈچۈن زەققۇم دەرىخىنىڭ مېۋىلىرىنى شەيتانلارنىڭ باشلىرىغا ئوخشىتىدۇ؟
ئىنسانلار شەيتانلارنىڭ كۆرۈنۈشىنىڭ يىرگىنىشلىك، باشلىرىنىڭ قەبىھ ۋە يۈزلىرىنىڭ بەك سەت ئىكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلىشىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاللاھ تائالا زەققۇم دەرىخىنى شەيتانلارنىڭ باشلىرىغا ئوخشىتىش ئارقىلىق، بۇ دەرەخنىڭ ئىسمىنى ئاڭلىغۇچىلارغا ئۇنى قەبىھ كۆرسىتىشنى ئىرادە قىلغاندۇر.
زەققۇم دەرىخنىڭ يىرگىنىشلىك ئىكەنلىكى
نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ دەرەخنىڭ يىرگىنىشلىك ئىكەنلىكىنى تەسۋىرلەپ بەردى. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ﴿ئى مۇئمىنلەر! ئاللاھقا لايىق رەۋىشتە تەقۋادارلىق قىلىڭلار، پەقەت مۇسۇلمانلىق ھالىتىڭلار بىلەنلا ۋاپات بولۇڭلار﴾(3/«ئال ئىمران»: 102) دېگەن ئايەتنى تىلاۋەت قىلىپ بولۇپ: «جېنىم ئىلكىدە بولغان زات بىلەن قەسەمكى، زەققۇم دەرىخنىڭ بىر تامچىسى زېمىننىڭ دېڭىزلىرىغا تېمىپ كەتسە، ئەلبەتتە بۇلغىنىپ كەتكەن بولاتتى» دېدى. يەنە بىر رىۋايەتتە: «… پۈتۈن دۇنيا ئەھلىگە ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى ئاستىن – ئۈستۈن قىلىۋەتكەن بولاتتى، ئۇنداقتا بۇ دەرەخ يېمىكى بولغان كىشىنىڭ ھالى قانداق بولار!» (2) دەپ كەلگەن.
ئاللاھتىن بىزگە جەننەتنى، ئۇنىڭ مېۋىلىرىنى، نېئمەتلىرىنى ۋە قۇشلىرىنى ئاتا قىلىشىنى سورايمىز. شۇنداقلا بىزنى دوزاختىن ۋە ئۇنىڭدىكى ئاچچىق دەرەختىن، قاتتىق ھارارەتلىك قايناقسۇلىرىدىن ساقلىشىنى سورايمىز.
ھال
دوزاخ ئەھلى يەيدۇ ۋە ئىچىدۇ. لېكىن، ئۇ نېمىدىگەن يامان تاماق ۋە يامان ئىچىملىك!
دوزاخ ئەھلىنىڭ كىيىملىرى ۋە كۆرپىلىرى
دوزاخ ئەھلى كىيىم كىيىدۇ، يەيدۇ، ئىچىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ كۆرپە – يوتقانلىرى بولىدۇ. لېكىن، ئۇلارنىڭ كىيىمى، يەيدىغىنى، ئىچىدىغىنى ۋە كۆرپىلىرى ئوتتىن بولىدۇ. بۇمۇ ئۇلارغا ئازابتۇر.
ئۇنداقتا بۇ كىيىمنىڭ تۈرى نېمە؟
ئۇلار ئۇنى قانداق كىيىدۇ؟
ئۇلارنىڭ كۆرپە – يوتقانلىرى قانداق بولىدۇ؟
ھەقتائالا خەبەر بەردىكى، دوزاخ ئەھلى ئۈچۈن ئوتتىن زىبۇزىننەتلەر بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ئاستىدىمۇ ئوت، ئۈستىدىمۇ ئوت بولىدۇ. ئاللاھ تائالا ئېيتتىكى: ﴿كافىرلارغا ئوتتىن كىيىملەر پىچىلىدۇ، ئۇلارنىڭ باشلىرى ئۈستىدىن يۇقىرى ھارارەتلىك قايناقسۇ قۇيۇلىدۇ﴾(22/«ھەج»: 19).
كىيىملەر ئۇلارنىڭ بەدەنلىرىگە قارىتا پىچىلىدۇ. ئۇلارنىڭ باشلىرى ئۈستىدىن يۇقىرى ھارارەتلىك قايناقسۇ قۇيۇلىدۇ. بۇ قايناقسۇ ئۇلارنىڭ يۈزلىرى ۋە بەدەنلىرىنى كۆيدۈرۈپ، ئۈچەيلىرىنى ئېرىتىۋېتىدۇ.
ئۇلارنىڭ كىيىملىرى پەرقلىق بولىدۇ
نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «قىيامەت كۈنى، قۇياش ئىنسانلارغا بىر مىل مىقدارىچە يېقىنلاشتۇرۇلىدۇ. ئىنسانلار قىلغان ئەمەللىرىگە قاراپ تەرلەيدۇ. بەزىلەر ئوشۇقىغىچە، بەزىلەر تىزىغىچە، بەزىلەر بېلىگىچە، يەنە بەزىلەر ئاغزىغىچە تەرلەيدۇ» دېگەن(3).
يەنە دېگەنكى: «ئۈممىتىمدە تۆت تۈرلۈك جاھىلىيەت قالدۇقى بار بولۇپ، ئۇلار بۇ ئىشلارنى تاشلىيالمايدۇ. ئۇلار: ئۆز نەسىبىدىن پەخىرلىنىش، باشقىلارنىڭ نەسەبلىرىنى قارىلاش، يۇلتۇزلاردىن يامغۇر تىلەش ۋە مېيىتكە ۋارقىراپ يىغا – زار قىلىش. ئەگەر ۋارقىراپ يىغا – زار قىلغان ئايال ئۆلۈشتىن ئىلگىرى تەۋبە قىلمىسا، قىيامەت كۈنى ئۇ قارامايدىن كىيىم كىيگەن ۋە بەدەننى قىچىشقاق قىلىۋېتىدىغان يېپىنچا ئارتقان ھالدا ئورنىدىن تۇرىدۇ»(4).
دوزاخ ئەھلىنىڭ يوتقان – كۆرپىلىرى
دوزاخ ئەھلىنىڭ ئاستىدىمۇ ئوت ۋە ئۈستىدىمۇ ئوت بولىدۇ. ئاللاھ تائالا ﴿دوزاختا ئۇلارنىڭ ئاستىغا سالىدىغان كۆرپىسىمۇ ئوتتىن، ئۈستىگە يېپىنىدىغان يوتقىنىمۇ ئوتتىن بولىدۇ، زالىملارغا مۇشۇنداق جازا بېرىمىز﴾(7/«ئەئراف»: 41) دېگەن.
يەنى ئۇلار ئوتنى كۆرپە قىلىدۇ ۋە ئوتتىن بولغان يوتقانلارنى يېپىنىدۇ. ئى پەرۋەردىگارىمىز ئاللاھ تائالا! بىزگە رەھمىتىڭ بىلەن رەھمەت قىلغىن.
ئاللاھ تائالا يەنە: ﴿ئۇلارنى ئۈستىدىنمۇ قاتمۇقات ئوت، ئاستىدىنمۇ قاتمۇقات ئوت ئورىۋالىدۇ﴾(39/«زۇمەر»: 16) دېگەن.
يەنى دوزاخ ئەھلىنىڭ ئۈستىدە سايىلەردەك قاتمۇقات ئوت، ئاستىدىمۇ قاتمۇقات ئوت بولىدۇ. بۇ ئوت ئۇلارنى ھەر تەرەپتىن قورشايدۇ.
قىيامەت كۈنىدىكى كافىرلارنىڭ ئەھۋالى سۆزلەنگەن قىسسىلەر
پەرۋەردىگارىمىز ئاللاھ ئىنسانلارنى قىيامەت كۈنىدىن قورقۇتۇش، بۇ ئارقىلىق ئاقىللارنىڭ ئىبرەت ئېلىپ، كۇفرىدىن ۋە گۇناھ – مەئسىيەتلەردىن يېنىشلىرى ۋە ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشلىرى ئۈچۈن، قىيامەت كۈنىدىكى كافىرلارنىڭ ئەھۋالىنى سۆزلەپ بەردى.
ئاللاھتىن بىزگە مەرھەمەت قىلىشىنى ۋە بىزنى غەزىپىدىن، ئازابىدىن ساقلىشىنى سورايمىز. ئامىن.
ھەقىقەت
بەندىلەرنىڭ دۇنيادىكى ئەمەللىرى ئۇلارنىڭ ئاخىرەتتىكى جازا ۋە مۇكاپاتىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان بولغاچقا، مېيىتكە ۋارقىراپ يىغا – زار قىلغان ئايال ئوتتىن كىيىم كىيىدۇ.
دوزاخ ئەھلىنىڭ شەكىللىرى ۋە قەبىھلىكى ھەققىدە
دوزاخ ئەھلىنىڭ شەكىللىرى بەك قەبىھ بولىدۇ. كۆرۈنۈشلىرى قاپقارا بولىدۇ. ئۇ قاپقارا، پۇشايمان قىلغان يۈزلەردۇر، كۆيۈپ كەتكەن تېرىلەردۇر ۋە زايە بولۇپ كەتكەن ئەمەللەردۇر.
ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ دوزاختىكى شەكىللىرى قانداق بولىدۇ؟
بۇ شەكىللەرنىڭ ھەجمىدە ئۆزگىرىش بولامدۇ؟
بۇنىڭدىكى ھېكمەت نېمە؟
دوزاخ ئەھلى دۇنيادىكى ۋاقتىدا يالغان ئېيتقانلىقلىرى، ئاللاھنىڭ دىنىدىن يۈز ئۆرۈگەنلىكلىرى، قارشى چىققانلىقلىرى، شىرك كەلتۈرگەنلىكلىرى، ئەنبىيائلىرىنى يالغانغا چىقارغانلىقلىرى ۋە كىتابلىرىغا كۇفرىلىق قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن ئازابلىنىشقا لايىق بولغانلاردۇر.
دوزىخىيلەرنىڭ شەكىللىرى
ئۇلار دوزاخقا بەك قورقۇنچلۇق سۈرەتتە كىرىدىغان بولۇپ، ئۇنى پەقەت شۇنى ياراتقان زات ئاللاھ تائالالا بىلەلەيدۇ. ئۇلارنىڭ ئازابىنىڭ تېخىمۇ بەك زىيادە بولۇپ، تېرىلىرىنىڭ بەك كۆيۈشى ئۈچۈن بەدەنلىرى بەك يوغىناپ كېتىدۇ. ئەبۇ نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كافىرنىڭ ئىككى مۈرىسىنىڭ ئارىسى تېز ماڭغان يولۇچى باسىدىغان ئۈچ كۈنلۈك مۇساپىدەكتۇر» دېگەن(5). يەنە: «كافىرنىڭ ئېزىق چىشى ياكى قوزۇق چىشى ئوھۇد تېغىدەك. تېرىسىنىڭ قېلىنلىقى ئۈچ كۈنلۈك مۇساپىدەكتۇر» دېگەن(6). يەنە: «ھەقىقەتەن، كافىرنىڭ تېرىسىنىڭ قېلىنلىقى قىرىق ئىككى گەز. ئېزىق چىشى ئوھۇد تېغىدەك. ئۇنىڭ دوزاختىكى ئولتۇرىدىغان جايى مەككە بىلەن مەدىنەنىڭ ئارىلىقىدەكتۇر» دېگەن(7).
ئۇلارنىڭ رەڭلىرى
ئۇلارنىڭ رەڭلىرى قاپقارا بولىدۇ، دوزاخنىڭ كۆيدۈرۈشى ئۇلارغا بۇ قارىلىقنى تېخىمۇ زىيادە قىلىدۇ. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿ئۇلارنىڭ يۈزلىرىنى ئوت كۆيدۈرىدۇ، كالپۇكلىرى قورۇلۇپ، چىشلىرى ئېچىلىپ (بەتچىراي) بولۇپ قالىدۇ﴾(23/«مۇئمىنۇن»: 104) دېگەن سۆزى ھەققىدە: «ئوت ئۇنى كاۋاپ قىلىۋېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، ئۇنىڭ ئۈستۈنكى كالپۇكى قورۇلۇپ، بېشىنىڭ يېرىمىغىچە كېلىپ قالىدۇ. ئاستىنقى كالپۇكى ساڭگىلاپ كىندىكىگىچە چۈشىدۇ» دېگەن(8).
دېمەك، مۇئمىن بۇ ئازابنىڭ قاتتىقلىقىنى بىلسە، بۇ بىلىش ئۇنى ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشقا ۋە ئاللاھقا ئاسىي بولىدىغان ئىشلاردىن يىراق بولۇشقا ئېلىپ بارىدۇ. پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئازابى چوقۇم بولغۇچىدۇر، ئۇ ئازابنى دەفئ قىلغۇچى يوقتۇر.
پۇشايمان
دوزىخىيلەر كۆرۈنۈشلىرىنىڭ قەبىھلىكىدىن ھەسرىتى ئېغىرلايدۇ، ئۇلار بىر – بىرىگە قاراش بىلەن تېخىمۇ زىيادە ئازابلىنىدۇ.
ئازابنىڭ باشقا تۈرلىرى
ئاللاھ تائالانىڭ ئىنسانلارغا رەھمەت قىلغانلىقى، ئۇلارغا ھۆججەت تۇرغۇزغانلىقى ۋە ئۆزرە ئېيتقۇچىلاردىن ئۆزرىلەرنى ئۈزگەنلىكىنىڭ جۈملىسىدىن، ئاللاھ تائالا ئۇلارغا ئازابنىڭ تۈرلىرىنى ۋە نېئمەتنىڭ تۈرلىرىنى تەپسىلىي بايان قىلىپ بەردى. ئۇلارنى جەننەتكە قىزىقتۇردى ۋە دوزاختىن ئاگاھلاندۇردى.
پەرۋەردىگارىمىز ئاللاھنىڭ رەھمىتى غەزىپىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتكەن، ئەپۇ قىلىشى ئازابلىشىغا غالىب كەلگەن بولسىمۇ، يەنە ئاللاھنىڭ ئازابى قاتتىقتۇر. بەندىلەرنى قورقۇتۇش ۋە ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن، ئۇلارغا ئازابنىڭ تۈرلىرىنى تەپسىلىي بايان قىلىپ بەرگەنلىكى بۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر.
ئۇنداقتا دوزاختىكى ئازابنىڭ تۈرلىرى قايسىلار؟
ئۇنىڭ تۈرلىرىنىڭ تەپسىلىي بايان قىلىنىشىدىكى ھېكمەت نېمە؟
دوزاخ ئەھلىنىڭ بۇ ئازاب بىلەن ئەھۋالى قانداق بولىدۇ؟
دوزاختا ئازابلىنىدىغانلار ئۈچۈن ئوتتا كۆيىدىغانلىقىدىن باشقا، يەنە تۈرلۈك ئازابلار بولىدۇ. ئاللاھ بۇنى كىتابىدا بايان قىلىپ بەردى. بۇنىڭ جۈملىسىدىن:
1) تۆمۈر بولقىلار بىلەن ئۇرۇش
ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿كافىرلارغا ئوتتىن كىيىملەر پىچىلىدۇ، ئۇلارنىڭ باشلىرى ئۈستىدىن يۇقىرى ھارارەتلىك قايناقسۇ قۇيۇلىدۇ. ئۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئىچ – باغرى ۋە تېرىلىرى ئېرىتىلىدۇ. ئۇلار تۆمۈر توقماقلار بىلەن ئۇرۇلىدۇ﴾(22/«ھەج»: 19 — 21).
دېمەك، كافىرلار قامچىلار بىلەن ۋە قىزىتىلغان تۆمۈردىن بولغان بولقىلار بىلەن ئۇرۇلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئەزالىرى كۇكۇم – تالقان بولۇپ كېتىدۇ. ئاندىن يەنە ئەسلىگە قايتۇرۇلىدۇ ۋە يەنە ئۇرۇلىدۇ.
2) ئۇلارنىڭ تېرىلىرى پىشىپ تۈگىگەن چاغدا، باشقىسىغا ئالماشتۇرۇلىدۇ
دوزاخ دوزىخىيلەرنىڭ تېرىلىرىنى كۆيدۈرىدۇ. تېرە كۆيۈكنىڭ ئەلىمىنى ھېس قىلىدىغان ئورۇن بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ داۋاملىق ئازابلىنىپ تۇرۇشىنى كۆزلەپ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ كۆيۈپ كەتكەن تېرىلىرىنىڭ ئورنىغا باشقا تېرىلەرنى ئالماشتۇرىدۇ. ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇ: ﴿شۈبھىسىزكى، بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلارنى دوزاخقا كىرگۈزىمىز، ئۇلارنىڭ تېرىلىرى پىشىپ تۈگىگەن چاغدا ئازابنى تېتىتىش ئۈچۈن ئورنىغا باشقا تېرە يەڭگۈشلەيمىز. ئاللاھ تائالا ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر﴾(4/«نىساﺋ»: 56).
بۇ ئايەت «قۇرئان»دىكى ئىلمىي مۇئجىزىلەرنىڭ قاتارىدىن سانىلىدۇ. يېڭى زامان ئىلىم – پەن شۇنى ئىسپاتلىدىكى، تېرە نۇرغۇن سەزگۈر نېرىپلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقى ئۈچۈن، بىردىنبىر ئاغرىقنى ھېس قىلىدىغان ئەزادۇر. ئەگەر تېرە ئۈچىنچى دەرىجىدە ياكى ئۇنىڭدىن ئۈستۈن دەرىجىدە كۆيۈپ كەتسە، سەزگۈر نېرىپلار بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، ۋەزىپىسى توختاپ قالىدۇ. مانا بۇ «قۇرئان» كەرىم «تېرىنىڭ پىشىپ تۈگەپ كېتىشى» دېگەن ھەقىقەتتۇر. ئۇنداقتا تېرە پىشىپ تۈگەپ كەتسە، داۋاملىق ئازابلاشنىڭ پايدىسى بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، پىشىپ تۈگەپ كەتكەن تېرىنىڭ ئورنىغا، باشقا ساق تېرىنى ئالماشتۇرۇش لازىم بولىدۇ.
3) ئۇلارنى باغلاش
ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿شۈبھىسىزكى، بىزنىڭ دەرگاھىمىزدا (ئۇلارغا) ئېغىر ئىشكەللەر ۋە (كۆيدۈرگۈچى) دوزاخ بار. (زەققۇم، زەرىئدىن ئىبارەت) گالدىن ئۆتمەيدىغان تاماق ۋە قاتتىق ئازاب بار﴾(73/«مۇززەممىل»: 12، 13).
يەنى بىزنىڭ دەرگاھىمىزدا ئاشۇ كافىرلارغا، ئۇلارنى خار قىلىش ئۈچۈن، پۇتلىرىغا سېلىنىدىغان ئېغىر ئىشكەللەر بار ۋە كۆيدۈرگۈچى دوزاخ بار. ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇ: ﴿ئۇ چاغدا (يەنى دوزاخقا كىرگەندە) ئۇلارنىڭ بويۇنلىرىدا تاقاقلار ۋە زەنجىرلەر بولىدۇ، ئۇلار قايناقسۇغا سۆرەپ كىرىلىدۇ، ئاندىن ئوتتا كۆيدۈرۈلىدۇ﴾(40/«غافىر»: 71، 72).
4) دوزاختا سۆرەش
ئەلەملىك ئازابنىڭ تۈرلىرىدىن يەنە كافىرلارنى دوزاختا يۈزلىرىچە سۆرەش بار. ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇ: ﴿گۇناھكارلار ھەقىقەتەن (دۇنيادا) گۇمراھلىقتىدۇر، (ئاخىرەتتە) دوزاختىدۇر. ئۇلار دوزاختا دۈم ياتقۇزۇلۇپ سۆرىلىدىغان كۈندە، (ئۇلارغا) «دوزاخنىڭ ئازابىنى تېتىڭلار» (دېيىلىدۇ)﴾(54/«قەمەر»: 47، 48).
ئۇلارنىڭ دوزاختا پۇت – قوللىرى ئىشكەللەرگە باغلىنىپ سۆرەلگەن ۋاقىتتا، دەرد – ئەلەملىرى تېخىمۇ زىيادە بولىدۇ. ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿ئاللاھ تائالانىڭ ئايەتلىرى ئۈستىدە جاڭجاللىشىۋاتقانلارنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇلار قانداقمۇ (ھىدايەتتىن گۇمراھلىققا) بۇرۇلۇپ كېتىدۇ؟ ئۇلار كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) ئىنكار قىلدى، پەيغەمبەرلىرىمىزگە بىز نازىل قىلغان مۇئجىزىلەرنى ئىنكار قىلدى. ئۇلار ئۇزاققا قالماي (ئىنكار قىلغانلىقلىرىنىڭ ئاقىۋىتىنى) بىلىدۇ. ئۇ چاغدا (يەنى دوزاخقا كىرگەندە) ئۇلارنىڭ بويۇنلىرىدا تاقاقلار ۋە زەنجىرلەر بولىدۇ، ئۇلار قايناقسۇغا سۆرەپ كىرىلىدۇ، ئاندىن ئوتتا كۆيدۈرۈلىدۇ﴾(40/«غافىر»: 69 — 72).
5) قايناقسۇ بىلەن ئېرىتىش
ئازابنىڭ تۈرلىرىدىن يەنە ئۇلارنىڭ باشلىرىغا قاتتىق ھارارەتلىك قايناقسۇ قۇيۇلىدۇ. قايناقسۇ قاتتىق ھارارەتلىك بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئىچ – باغرى ئېرىپ كېتىدۇ. ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇ: ﴿كافىرلارغا ئوتتىن كىيىملەر پىچىلىدۇ، ئۇلارنىڭ باشلىرى ئۈستىدىن يۇقىرى ھارارەتلىك قايناقسۇ قۇيۇلىدۇ. ئۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئىچ – باغرى ۋە تېرىلىرى ئېرىتىلىدۇ﴾(22/«ھەج»: 19، 20).
6) ئوتنىڭ ھارارىتى بىلەن يۈزلەرنىڭ كۆيۈشى
ئىنساننىڭ ئەڭ ھۆرمەتلىك ئەزاسى ئۇنىڭ يۈزىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم باشقىلارنىڭ يۈزىگە ئۇرۇشتىن توسقان. ئاخىرەتتە دوزاخ ئەھلىنىڭ قاتتىق خار بولۇشى ئۈچۈن، ئوتنىڭ تەپتى ئەڭ ئاۋۋال ئۇلارنىڭ يۈزلىرىنى كۆيدۈرىدۇ. ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿ئۇلارنىڭ يۈزلىرىنى ئوت كۆيدۈرىدۇ، كالپۇكلىرى قورۇلۇپ، چىشلىرى ئېچىلىپ (بەتچىراي) بولۇپ قالىدۇ﴾(23/«مۇئمىنۇن»: 104).
شۇنداق، ئوت ئۇلارنىڭ يۈزلىرىنى كۆيدۈرۈپ پىشۇرۇۋېتىدۇ، كالپۇكلىرى قورۇلۇپ، چىرايلىرى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ ۋە يۈزىچە دوزاخقا تاشلىنىدۇ.
ئاللاھ تائالا يەنە ئېيتىدۇ: ﴿يامان ئىش قىلغانلار دوزاخقا يۈزى بىلەن تاشلىنىدۇ، سىلەر پەقەت قىلمىشىڭلارغا يارىشا جازالىنىسىلەر﴾(27/«نەمل»: 90)، ﴿ئۇلارنىڭ كۆڭلىكى قارامايدىن بولىدۇ، ئوت ئۇلارنىڭ يۈزلىرىنى ئورىۋالىدۇ﴾(14/«ئىبراھىم»: 50)، ﴿قىيامەت كۈنى قاتتىق ئازابنى يۈزى بىلەن مۇداپىئە قىلىدىغان ئادەم (ئازابقا دۇچار بولمايدىغان ئادەم بىلەن ئوخشاشمۇ؟) زالىملارغا (يەنى كافىرلارغا): «قىلغان گۇناھىڭلارنىڭ جازاسىنى تېتىڭلار» (دېيىلىدۇ)﴾(39/«زۇمەر»: 24).
ئۇلار بۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە قىيامەت كۈنى قارىغۇ، گاس ۋە گاچا ھالەتتە ھەشر قىلىنىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇ: ﴿قىيامەت كۈنى ئۇلارنى دۈم ياتقۇزۇپ (سۆرەلگەن) كور، گاچا، گاس ھالدا يىغىمىز، ئۇلارنىڭ جايى جەھەننەم بولىدۇ، (جەھەننەمنىڭ) ئوتى پەسلەپ قالسا، ئۇلارغا (ئوتنى) تېخىمۇ يالقۇنجىتىمىز﴾(17/«ئىسراﺋ»: 97).
7) دوزاخ ئەھلى دوزاخنىڭ ئەڭ ئۈستىگە چىقىدۇ ۋە چۈشىدۇ
دوزاخ ئەھلى جەھەننەمدە ئوتتىن بولغان تاغنىڭ ئۈستىگە چىقىشقا زورلىنىدۇ. ئاندىن ئۈستىدىن دوزاخنىڭ ئەڭ ئاستىغا چۈشىدۇ. بۇ ئازابنىڭ تۈرلىرىدىن بىرىدۇر. ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇ: ﴿ئۇنىڭغا قاتتىق ئازابىمنى تېتىتىمەن﴾(73/«مۇززەممىل»: 17).
8) يۈزلەر قارىيىپ كېتىدۇ
ئاللاھ تائالا ئاخىرەتتە دوزاخ ئەھلىنىڭ يۈزلىرىنى قارا قىلىۋېتىدۇ. ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿شۇ كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) بەزى يۈزلەر (يەنى مۇئمىنلەرنىڭ يۈزلىرى) ئاقىرىدۇ، بەزى يۈزلەر (يەنى كۇففارلارنىڭ يۈزلىرى) قارىيىدۇ. يۈزى قارايغانلارغا (پەرىشتىلەر ئېيتىدۇكى) «ئىمان ئېيتقىنىڭلاردىن كېيىن كافىر بولدۇڭلارمۇ؟ كافىر بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن ئازابنى تېتىڭلار﴾(3/«ئال ئىمران»: 106).
بۇ قارىلىق، خۇددى ئۇلارنىڭ يۈزلىرىگە كېچىنىڭ قاراڭغۇلۇقى چۈشكەندەك، قاپقارا بولۇپ كېتىشتۇر. ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿(دۇنيادا) يامان ئىشلارنى قىلغۇچىلار (بىر يامانلىقنى قىلسا، قىلغان يامانلىقىغا) ئوخشاش (يەنى شۇنىڭغا لايىق) جازاغا ئۇچرايدۇ، ئۇلار خارلىققا دۇچار بولىدۇ، ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلدۇرغۇچى زادى بولمايدۇ، ئۇلارنىڭ يۈزلىرى گويا قاراڭغۇ كېچىنىڭ پارچىسى بىلەن ئورالغاندەك قارىيىپ كېتىدۇ، ئۇلار ئەھلى دوزاخ بولۇپ، دوزاختا مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر﴾(10/«يۇنۇس»: 27).
9) دوزاخ كافىرلارنى قورشايدۇ
يەنى ئوت ئۇلارنى ئۈستىدىن ۋە ئاستىدىن قورشايدۇ. ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿ئۇ كۈندە ئازاب ئۇلارنى ئۈستىلىرىدىن، ئاياغلىرىنىڭ ئاستىدىن ئورىۋالىدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا: «(دۇنيادا قىلغان ئەمەللىرىڭلارنىڭ) جازاسىنى تېتىڭلار» دەيدۇ﴾(29/«ئەنكەبۇت»: 55). يەنى ئازاب ئۇلارنى ئۈستىلىرىدىن، پۇتلىرىنىڭ ئاستىلىرىدىن، ئوڭ ۋە سول تەرەپلىرىدىن قورشايدۇ. ئۇلارنى ئەيىبلەش ئۈچۈن: «سىلەرنى بۇ ھالەتكە يەتكۈزگەن قىلمىشلىرىڭلارنىڭ جازاسىنى تېتىڭلار» دېيىلىدۇ. ئاللاھ تائالا يەنە بىر ئايەتتە ئېيتىدۇ: ﴿ئۇلارنى ئۈستىدىنمۇ قاتمۇقات ئوت، ئاستىدىنمۇ قاتمۇقات ئوت ئورىۋالىدۇ، شۇ (قاتتىق ئازاب) بىلەن ئاللاھ بەندىلىرىنى قورقىتىدۇ». ئى بەندىلىرىم! (ئازابىمدىن) قورقۇڭلار﴾(39/«زۇمەر»: 16)، ﴿ئۇلار سەندىن ئازابنىڭ تېز كېلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ، شەك – شۈبھىسىزكى، جەھەننەم (قىيامەت كۈنى) كافىرلارنى قورشاپ تۇرغۇچىدۇر﴾(29/«ئەنكەبۇت»: 54).
10) ئوت تاملار
دوزاخنىڭ ئوت تاملىرى بولۇپ، كافىرلار ئۇنىڭدىن چىقىپ كېتەلمەيدۇ. ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇ: ﴿بىز ھەقىقەتەن كافىرلار ئۈچۈن تۈتۈن پەردىلىرى ئۇلارنى ئورىۋالىدىغان ئوتنى تەييارلىدۇق، ئۇلار (تەشنالىقتىن) سۇ تەلەپ قىلسا، ئۇلارغا مەدەن ئېرىتمىسىگە ئوخشاش، يۈزلەرنى كۆيدۈرۈۋېتىدىغان (ناھايىتى قىزىق) سۇ بېرىلىدۇ، بۇ نېمىدېگەن يامان شاراب! جەھەننەم نېمىدېگەن يامان جاي!﴾(18/«كەھف»: 29).
11) ئوت يۈرەكلەرگە يېتىپ بارىدۇ
دوزاخ ئەھلىنىڭ بەدەنلىرى دوزاختا بەك يوغىناپ كېتىدۇ. شۇنداق بولسىمۇ، ئوت ئۇلارنىڭ بەدەنلىرىنىڭ ھەممە جايلىرىغا كىرىدۇ، ھەتتا يۈرەكلىرىگە يېتىپ بارىدۇ. ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇ: ﴿ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، ئۇ چوقۇم ھۆتەمەگە تاشلىنىدۇ. ھۆتەمەنىڭ نېمىلىكىنى قانداق بىلەلەيسەن؟ ئۇ ئاللاھنىڭ ياندۇرغان ئوتىدۇركى، (ئۇنىڭ ئەلىمى) يۈرەكلەرگە يېتىپ بارىدۇ﴾(104/«ھۇمەزە»: 4 — 7)، ﴿ئۇنى مەن سەقەرگە (يەنى دوزاخقا) سالىمەن. سەقەرنىڭ نېمىلىكىنى قانداق بىلەلەيسەن؟ ئۇ ھېچ نەرسىنى قالدۇرمايدۇ، قويمايدۇ (بەلكى كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ). ئۇ (چوڭلۇقىدىن) ئىنسانلارنىڭ (كۆزلىرىگە يىراق مۇساپىلەردىن) كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ﴾(74/«مۇددەسسىر»: 26 — 29).
﴿ئۇ ھېچ نەرسىنى قالدۇرمايدۇ، قويمايدۇ﴾: «ئوت ئىنساننىڭ ئۇستىخىنىنى، گۆشىنى ۋە يىلىكىنى كۆيدۈرىدۇ» دېگەنلىكتۇر. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇنىڭغا بىرئاز ئىشارەت قىلىپ ئېيتىدۇ: «كىمكى ئۆزىنى تاغدىن تاشلاپ ئۆلۈۋالىدىكەن، ئۇ جەھەننەم ئوتىدادۇر، ئۇنىڭغا مەڭگۈ قالغۇچى، مەڭگۈ قالدۇرۇلغۇچى بولۇپ، تائەبەدكىچە تاشلىنىدۇ، كىمكى زەھەر ئوتلاپ ئۆلۈۋالغان بولسا، زەھىرى قولىدا بولىدۇ، ئۇنى جەھەننەم ئوتىدا مەڭگۈ قالغۇچى، مەڭگۈ قالدۇرۇلغۇچى بولۇپ، تائەبەدكىچە ئوتلايدۇ، كىمكى ئۆزىگە تىغ تىقىپ ئۆزىنى ئۆلتۈرىدىكەن، تىغى قولىدا بولىدۇ، ئۇ تىغ جەھەننەم ئوتىدا مەڭگۈ قالغۇچى، مەڭگۈ قالدۇرۇلغۇچى بولۇپ، تائەبەدكىچە ئۇنىڭغا تىقىلىدۇ»(9).
12) ئۇلارنىڭ ھەسرەت – نادامىتى
كافىرلار دوزاخنى كۆرگەن چاغدا، قىلمىشلىرىغا قاتتىق پۇشايمان قىلىدۇ، لېكىن بۇ پۇشايماننىڭ پايدىسى بولمايدۇ. ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇ: ﴿ئەگەر ھەربىر زۇلۇم قىلغان ئادەم (يەنى كافىر) يەر يۈزىدىكى ھەممە نەرسىگە مالىك بولىدىغان بولسا (ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن)، ئەلبەتتە (ئۇنىڭ ھەممىسىنى) فىدىيە قىلىپ بېرىۋېتەتتى، ئۇلار ئازابنى كۆرگەن چاغدا نادامىتىنى يوشۇرۇن تۇتىدۇ (يەنى دۇنيادىكى قىلمىشلىرىغا ئىچىدە پۇشايمان قىلىدۇ). ئۇلارنىڭ (يەنى خالايىقنىڭ) ئارىسىدا ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ، ئۇلارغا زۇلۇم قىلىنمايدۇ﴾(10/«يۇنۇس»: 54).
نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېيتتىكى: «كافىر قىيامەت كۈنى كەلتۈرۈلۈپ ئۇنىڭغا: ‹ئېيتىپ باقە! ئەگەر پۈتۈن زېمىنغا لىق كېلىدىغان ئالتۇنۇڭ بولىدىغان بولسا، ئۇنى تۆلەپ ئازابتىن خالاس بولۇشنى خالامتىڭ؟› دېيىلسە، ئۇ: ‹ھەئە› دەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا: ‹سەندىن بۇنىڭدىنمۇ ئاسىنى تەلەپ قىلىنغان ئىدى› دېيىلىدۇ»(10).
يەنى سەندىن ئاللاھقا ئىمان ئېيتىش ۋە ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شىرك كەلتۈرمەسلىك تەلەپ قىلىنغانىدى، بۇ ساڭا بەك ئاسان ئىدى، لېكىن سەن يالغانغا چىقاردىڭ ۋە يۈز ئۆرۈدۈڭ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۈگۈن سەندىن فىدىيە قوبۇل قىلىنمايدۇ.
13) دوزاختا ئۈچەيلەرنىڭ سۆرۈلۈشى
بۇ بەدنىيەت، رىياكارنىڭ جازاسى بولۇپ، ئۇ رىياكارلىقى بىلەن باشقىلارنى ياخشىلىققا بۇيرۇيدىغان، لېكىن ئۆزى قىلمايدىغان، باشقىلارنى يامان ئىشلاردىن توسىدىغان، لېكىن ئۆزى قىلىدىغان، بىپەرۋا ئادەمدۇر.
نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېيتتىكى: «قىيامەت كۈنى بىر ئادەم ئېلىپ كېلىنىپ دوزاخقا تاشلىنىپ، ئۇنىڭدا ئۈچەيلىرى ئىچىدىن ئېتىلىپ چىقىدۇ. ئۇ يارغۇنچاققا قاتقان ئېشەكتەك چۆرگىلەيدۇ. ئەھلى دوزاخ ئۇنى چۆرىدەپ: ”ئى پالانى! (دۇنيادا) سەن بىزنى ياخشى ئىشقا بۇيرۇپ، بىزنى يامان ئىشتىن توساۋاتاتتىڭغۇ؟ ساڭا نېمە بولدى؟“ دەپ سورىسا، ئۇ: ”مەن سىلەرنى ياخشى ئىشقا بۇيرۇپ تۇرۇپ، ئۇنى ئۆزۈم قىلمايتتىم. سىلەرنى يامان ئىشتىن توساتتىم، ئەمما ئۆزۈم قىلاتتىم“ دەيدۇ»(11). يەنە: «مەن ئەمر ئىبنى ئامىر ئىبنى لۇھەي ئەلخۇزائىينىڭ دوزاختا ئۈچىيىنى سۆرەپ يۈرگەنلىكىنى كۆردۈم. ئۇ سائىبەلەرنى بۇتلارغا ئاتاپ قويۇپ بەرگەن تۇنجى كىشى ئىدى» دېگەن(12).
«سائىبە» بۇتلارغا يېقىنلىشىش ئۈچۈن، ھايۋاننىڭ ئىشلىتىلمەي، يۈك ئارتىلماي ۋە ئۆزى خاھلىغان جايغا بارالايدىغان قىلىپ، ئۆز مەيلىگە قويۇپ بېرىلىشىنى كۆرسىتىدۇ. ئەمر ئىبنى لۇھەي بۇ شىرك بىدئەتنى پەيدا قىلغان تۇنجى كىشى بولۇپ، ئىنسانلار ئۇ پەيدا قىلغان بۇ بىدئەتكە ئەگەشكەن ئىدى.
14) ئىبادەت قىلىنغان بۇتلار ئىبادەت قىلغۇچىلارغا يېقىن قىلىنىدۇ
كافىرلار ۋە مۇشرىكلەر ئاللاھنى قويۇپ ئىبادەت قىلغان ئىلاھلىرىنى ئۇلۇغلىغان ۋە قوغدىغان ئىدى ۋە بۇ يولدا جانلىرىنى، ماللىرىنى قۇربان قىلغان ئىدى. شۇنداقلا ئىلاھلىرىنى مەنپەئەت يەتكۈزەلەيدۇ ۋە زەرەر يەتكۈزەلەيدۇ، دەپ ئېتىقاد قىلغانىدى. قىيامەت كۈنىدە ئاللاھ ئۇلارنى خار قىلىش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ھەممە ئىلاھلىرىنى دوزاخقا تاشلايدۇ. ئۇ ئىلاھلار ئۆزلىرىنى ئازابتىن قۇتقۇزالمايدىغان تۇرسا، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلغانلارنى قانداق قۇتقۇزالايدۇ؟!
ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿(ئى مۇشرىكلەر!) ھەقىقەتەن سىلەر ئاللاھنى قويۇپ ئىبادەت قىلغان نەرسەڭلار بىلەن دوزاخقا يېقىلغۇ بولىسىلەر، سىلەر دوزاخقا كىرىسىلەر. ئەگەر سىلەر ئىبادەت قىلىۋاتقان بۇتلار ئىلاھلار بولىدىغان بولسا، دوزاخقا كىرمىگەن بولاتتى (ئىبادەت قىلغۇچى ۋە ئىبادەت قىلىنغۇچىلارنىڭ) ھەممىسى دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ﴾(21/«ئەنبىياﺋ»: 98، 99).
شۇنداق، ئىبادەت قىلغۇچى ئىبادەت قىلغان ئىلاھىنى دوزاختا كۆرىدۇ. ئىنسان ئۆزىنىڭ ئازابلىنىشىغا سەۋەبچى بولغان نەرسە بىلەن دوزاختا بىللە بولسا، ئۇنىڭ دەرد – ھەسرىتى تېخىمۇ زىيادە بولىدۇ.
15) ئۇلارنىڭ ۋارقىراشلىرى ۋە دۇئالىرى
دوزاختا دوزاخ ئەھلى قاتتىق ۋارقىرايدۇ ۋە دوزاختىن چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلىپ، پەرۋەردىگارىغا دۇئا قىلىدۇ. ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿ئۇلار دوزاختا: «پەرۋەردىگارىمىز! بىزنى چىقىرىۋەتسەڭ (دۇنيادىكى ۋاقىتتا) قىلغان ئەمەللىرىمىزدىن باشقا ئەمەللەرنى قىلساق» دەپ يالۋۇرۇپ توۋلايدۇ. (ئاللاھ ئېيتىدۇ) «سىلەرگە ئۆمرۈڭلارنى ئۇزۇن قىلىپ، ۋەز – نەسىھەت ئالىدىغان ئادەم ۋەز – نەسىھەت ئالالىغۇدەك ۋاقىت بەرمىدىممۇ؟ سىلەرگە ئاگاھلاندۇرغۇچى (يەنى نەبىي) كەلدىغۇ، ئەمدى ئازابنى تېتىڭلار، زالىملارغا ھېچقانداق ياردەم بەرگۈچى يوق﴾(35/«فاتىر»: 37).
سۇبھانەللاھ! سىلەر بۇتلارغا ئىبادەت قىلىپ، ئەنبىيائلەرنى يالغانغا چىقارغان ۋاقتىڭلاردا، بۇ يىغاڭلار نەدە قالغان ئىدى؟! سىلەر زىنا قىلغان ۋە ھاراق ئىچكەن ۋاقتىڭلاردا بۇ يىغاڭلار نەدە قالغان ئىدى؟! سىلەر ھارامنى يېگەن، ئاتا – ئاناڭلارنى قاقشاتقان ۋاقتىڭلاردا بۇ يىغاڭلار نەدە قالغان ئىدى؟!
16) ئۇلارنىڭ ئېتىراپلىرى
ئۇلار ئازابنى ئەينەن كۆرگەن چاغدا، ئۆزلىرىنىڭ ئېزىپ كەتكەنلىكلىرى ۋە كافىر بولغانلىقلىرىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿ئۇلار: «ئەگەر بىز (پەيغەمبەرنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلىغان ياكى چۈشەنگەن بولساق، ئەھلى دوزاخ قاتارىدا بولماس ئىدۇق» دەيدۇ. ئۇلار گۇناھىنى تونۇيدۇ، ئەھلى دوزاخ ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن يىراق بولسۇن!﴾(67/«مۇلك»: 10، 11)، ﴿ئۇلار ئېيتىدۇ: «پەرۋەردىگارىمىز! بەتبەختلىكىمىز ئۈستىمىزدىن غالىب كېلىپ گۇمراھ قەۋم بولۇپ قالغان ئىدۇق. پەرۋەردىگارىمىز! بىزنى دوزاختىن چىقارغىن (ئاندىن دۇنياغا قايتۇرغىن)، ئەگەر بىز (شۇنىڭدىن كېيىن) يەنە گۇناھ قىلساق، بىز ھەقىقەتەن زالىم بولۇپ قالىمىز»﴾(23/«مۇئمىنۇن»: 106، 107). لېكىن، ئۇلارنىڭ دۇئاسى ھەرگىزمۇ ئىجابەت قىلىنمايدۇ ۋە ئۇلارغا: ﴿ئاللاھ ئېيتىدۇ: «جەھەننەمدە خار ھالدا قېلىڭلار، (ئۈستۈڭلاردىن ئازابنىڭ كۆتۈرۈلۈپ كېتىشى ھەققىدە) ماڭا سۆز ئاچماڭلار﴾(23/«مۇئمىنۇن»: 108) دېيىلىدۇ.
17) ئۇلار دوزاخقا مۇئەككەل پەرىشتىلەردىن رەھىم قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ
دوزاخ ئەھلى ئاللاھنىڭ ئۆزلىرىنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىشىدىن ئۈمىدسىزلەنگەندىن كېيىن، دوزاخقا مۇئەككەل پەرىشتىلەرگە نىدا قىلىشقا باشلايدۇ. ئۇلاردىن ئاللاھنىڭ ئازابنى يەڭگىللىتىشى ئۈچۈن شاپائەتچى بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇ: ﴿دوزاختىكىلەر دوزاخقا مۇئەككەل پەرىشتىلەرگە: «سىلەر پەرۋەردىگارىڭلارغا دۇئا قىلىڭلار، ئۇ بىزدىن بىر كۈنلۈك ئازابنى يېنىكلەتسە ئىكەن» دەيدۇ. ئۇلار (يەنى دوزاخقا مۇئەككەل پەرىشتىلەر): «پەيغەمبىرىڭلار سىلەرگە روشەن مۇئجىزىلەرنى ئېلىپ كەلمىگەنمىدى؟» دەيدۇ. ئۇلار (يەنى كۇففارلار): «ھەئە، ئېلىپ كەلگەن ئىدى» دەيدۇ. ئۇلار (يەنى پەرىشتىلەر): «سىلەر دۇئا قىلىڭلار، (لېكىن) كافىرلارنىڭ دۇئاسى پايدىسىزدۇر» دەيدۇ﴾(40/«غافىر»: 49، 50).
18) ئۇلار ئۆلۈمنى تىلەيدۇ
ئۇلار ئۆزلىرىدىن ئازابنىڭ يەڭگىللىشىدىن ئۈمىدىنى ئۈزگەندىن كېيىن، ئارام تېپىشى ئۈچۈن ئۆلۈمنى تىلەيدۇ. ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇ: ﴿ئۇلار (يەنى كۇففارلار) (دوزاخقا مۇئەككەل پەرىشتىگە): «ئى مالىك! پەرۋەردىگارىڭ بىزگە ئۆلۈم ھۆكۈم قىلسۇن» دەپ توۋلايدۇ. مالىك: «سىلەر ئازابتا چوقۇم قالىسىلەر» دەيدۇ﴾(43/«زۇخرۇف»: 77). ئۇلارغا: ﴿دوزاخقا كىرىڭلار، (ئازابقا) مەيلى سەۋر قىلىڭلار، مەيلى سەۋر قىلماڭلار، بەرىبىر سىلەرگە ئوخشاش (چۈنكى سىلەر دوزاختا مەڭگۈ قالىسىلەر)، سىلەر پەقەت قىلمىشىڭلارنىڭ جازاسىنى تارتىسىلەر» (دېيىلىدۇ)﴾(52/«تۇر»: 16).
19) ئۇلار ھەرىكەت قىلالمايدىغان تار بىر ئورۇنغا تاشلىنىدۇ
ئاللاھ تائالا دوزاخ ھەققىدە ئېيتىدۇ: ﴿دوزاخ ئۇلارنى يىراقتىن كۆرگەن چاغدا، ئۇلار دوزاخنىڭ غەزەپتىن قاينىغان ۋە (ئېشەكتەك) ھاڭرىغان ئاۋازىنى ئاڭلايدۇ. ئۇلار زەنجىر بىلەن باغلانغان ھالدا دوزاخنىڭ تار يېرىگە تاشلانغان چاغدا، بۇ يەردە ئۇلار (ئۆزلىرىنىڭ) ئۆلۈمىنى تىلەيدۇ. (ئۇلارغا) بۈگۈن سىلەر بىر ئۆلۈمنى ئەمەس، تالاي ئۆلۈملەرنى تىلەڭلار (دېيىلىدۇ)﴾(25/«فۇرقان»: 12 — 14). يەنى ئۇلار دوزاخنىڭ تار بىر يېرىگە قوللىرى بويۇنلىرىغا ئىشكەللەر بىلەن باغلانغان ھالدا تاشلانغان چاغدا، ئازابتىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن ئۆلۈمنى تىلەپ توۋلايدۇ. ئۇلارغا ئۇلارنى ئەيىبلەپ ۋە كايىغان ھالدا: «سىلەر بىر ئۆلۈمنى ئەمەس، تالاي ئۆلۈملەرنى تىلەڭلار، سىلەر ھەرگىزمۇ ئازابتىن قۇتۇلىدىغان جاينى تاپالمايسىلەر» دېيىلىدۇ.
20) ئۇلارنىڭ يىغا، نالە – پەريادلىرى
ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿بەتبەختلەرگە كەلسەك، ئۇلار دوزاخقا كىرىدۇ، ئۇلار دوزاختا (ئېشەك ھاڭرىغاندەك) توۋلاپ نالە – پەرياد چېكىدۇ﴾(11/«ھۇد»: 106).
نەسىھەت
«يېرىم خورما چاغلىق نەرسە بىلەن بولسىمۇ دوزاختىن ساقلىنىڭلار»
ئاياللار جەننەت ئەھلىنىڭمۇ، دوزاخ ئەھلىنىڭمۇ كۆپچىلىكىدۇر
ھەدىسلەر شۇنىڭغا دالالەت قىلدىكى، ئاياللار جەننەتتە ئەرلەردىن كۆپ بولغىنىدەك، دوزاختىمۇ ئەرلەردىن كۆپتۇر.
ئۇنداقتا بۇ قانداقسىگە شۇنداق بولىدۇ؟
بۇنىڭ دەلىلى نېمە؟
بۇنىڭدىكى ھېكمەت نېمە؟
ئاللاھ تائالا ئەرلەر بىلەن ئاياللارنىڭ ئارىسىنى ھەممە تەرەپلەردە باراۋەر قىلدى، پەقەت ئەرلىك ۋە ئاياللىق تەبىئىتى بۇ ئىككى جىنسنىڭ ئارىسىنى پەرقلەندۈرۈشنى تەقەززا قىلىدىغان ئاز بىر قىسىم تەرەپلەردە باراۋەر قىلمىدى.
ئەرلەر بىلەن ئاياللارنىڭ ئارىسىدىكى ئورتاق تەرەپلەر ئۇ ئىككى جىنسنىڭ ئارىسىدىكى ئورتاق بولمىغان تەرەپلەردىن كۆپرەكتۇر. بۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسىگە بەش ۋاقىت ناماز ئوقۇش، رامازان ئېيىدا روزا تۇتۇش، ماللىرىدىن زاكات بېرىش ۋە ھەرەمگە بېرىپ ھەج قىلىش پەرز بولىدۇ ۋە يەنە بۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسىگە زىنا قىلىش، يالغان گەپ قىلىش ۋە ھاراق ئىچىش ھارام بولىدۇ.
ئاللاھ تائالا يەنە مۇئمىن ئەر ۋە مۇئمىن ئاياللارغا جەننەتلەرگە كىرگۈزىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلدى.
جەننەتتە ئەرلەر كۆپمۇ ياكى ئاياللارمۇ؟
ئەسھابلەر ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھۇزۇرىدا بۇ ھەقتە مۇنازىرە قىلىشقانىدى، ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دېدى: «ئەبۇلقاسىم سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېيتمىغانمۇ: ‹جەننەتكە كىرىدىغان تۇنجى جامائەتنىڭ سۈرىتى ئاي تولغان كېچىسىدىكى تولۇن ئاينىڭ سۈرىتىدە بولىدۇ. ئۇلار جەننەتتە تۈكۈرۈشمەيدۇ، مىشقىرىشمايدۇ ۋە تەرەت قىلىشمايدۇ. جەننەتتە ئۇلارنىڭ قاچىسى ئالتۇندىن، تاغاقلىرى ئالتۇن بىلەن كۈمۈشتىن، ئىسرىقدانلىرىدىكى يېقىلغۇلىرى ئۇد ھىندى، تەرلىرى مۇشك بولىدۇ. ئۇلارنىڭ (جەننەتتىكى ئەرلەرنىڭ) ھەربىرىنىڭ گۈزەللىكىدىن پاچاقلىرىنىڭ يىلىكى سىرتىدىن كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان ئىككىدىن (ھۆر پەرى) ئايالى بولىدۇ›»(13).
بۇ ھەدىستە شۇ نەرسە ئېنىقكى، جەننەتتە ئاياللار ئەرلەردىن كۆپرەكتۇر، جەننەت ئاياللىرىنىڭ سانى ئەرلەرنىڭ سانىنىڭ بىر ھەسسىسىدەك ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپرەكتۇر.
سالىھ ئاياللارنىڭ جەننەتكە كىرگەندىكى نېئمەتلىرى شەھلا كۆزلۈك ھۆرلەر نېئمىتىدىنمۇ كاتتا بولىدىغانلىقى ھەققىدىكى بايانلار كېيىنچە سۆزلىنىدۇ.
بۇ يەردە زىكىر قىلىنغان ئاياللارنىڭ جەننەت ئەھلىنىڭ كۆپرەكى بولىدىغانلىقى ھەققىدىكى بايانلار بىلەن «ئى ئاياللار جامائەسى! سەﺩىقە قىلىڭلاﺭ، چۈنكى مەﻥ سىلەﺭنىڭ ﺩﻭﺯﺍﺥ ئەھلىنىڭ كۆپچىلىكى ئىكەنلىكىڭلاﺭنى كۆردۈم»(14) دېگەن ھەدىسنى قانداق چۈشىنىمىز؟
دۇنيادا ئەسلىدىلا ئاياللارنىڭ سانى ئەرلەرنىڭ سانىدىن كۆپرەكتۇر. ھەدىستە «قىيامەت ئالامەتلىرىدىن بىرى، ئەللىك ئايالغا بىر ئەر ئىگە بولغانغا قەدەر ئەرلەرنىڭ كېتىپ، ئاياللارنىڭ قېلىشىدۇر» دەپ كەلگەن(15). ھازىرقى دەۋرىمىزدە، ئاياللارنىڭ نىسبىتى ۋە قىز بوۋاقلارنىڭ تۇغۇلۇشى تېز سۈرئەتتە ئېشىۋاتىدۇ. ھەتتاكى بەزى دۆلەتلەردە ئەرلەرنىڭ نىسبىتى تۆۋەنلەپ، بىر ئەرنىڭ باراۋېرىدە بەش ئايال بولىدىغان ھالەت شەكىللەندى. بۇ ئارقىلىق ئاياللارنىڭ سانى ئەرلەرنىڭ سانىدىن كۆپ بولدى. دېمەك، قىيامەت كۈنى دۇنيادىكى ئەرلەرنىڭ يېرىمى جەننەتكە كىرىپ، ئاياللارنىڭمۇ يېرىمى جەننەتكە كىرسە، يەنە ئاياللارنىڭ سانى ئارتۇق بولىدۇ، چۈنكى دۇنيادا ئاياللارنىڭ سانى كۆپرەكتۇر. شۇنىڭدەك دۇنيادىكى ئەرلەرنىڭ تۆتتىن بىرى دوزاخقا كىرىپ، ئاياللارنىڭمۇ تۆتتىن بىرى دوزاخقا كىرسە، يەنە دوزاختا ئاياللارنىڭ سانى كۆپرەك بولىدۇ، چۈنكى دۇنيادا ئاياللار كۆپرەكتۇر.
بۇنىڭغا بىنائەن، «ﺩﻭﺯﺍﺥ ئەھلىنىڭ كۆپچىلىكى ئاياللاردۇر» دېگەن ھەدىستىن ئايال زاتىنى سۆككەنلىك ياكى كەمسىتكەنلىك ۋەياكى «ئاياللار ئەرلەرگە قارىغاندا كۆپ گۇناھ – مەئسىيەت قىلىدۇ» دېگەن مەنا چىقمايدۇ.
چۈشىنىش
كىمكى ئايەت – ھەدىسلەرگە قارايدىغان بولسا، ئاياللارنىڭ دوزاخ ئەھلىنىڭ كۆپچىلىكى بولۇشتىن بۇرۇن جەننەت ئەھلىنىڭمۇ كۆپچىلىكى ئىكەنلىكىنى كۆرىدۇ.
دوزاخ ئەھلىنىڭ جاڭجاللىشىشى
دۇنيادىكى ۋاقتىدا ھەددىدىن ئاشقان ۋە گۇناھ ئىشلارنى قىلغان دوزاخ ئەھلى دۇنيادا بىر سەپتە تۇرغان ۋە ئۈلپەتلەشكەنلەر بولسىمۇ، لېكىن گۇناھ – مەئسىيەت ئۆتكۈزۈشتە ئۆزئارا ھەمكارلاشقانلار ئىدى.
ئۇنداقتا قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ ئەھۋالى قانداق بولىدۇ؟
ئۇلارنىڭ دوستلۇقى نەدە بولىدۇ؟
ئۇلار ئۆزئارا جاڭجاللىشامدۇ؟
ھەددىدىن ئېشىش، گۇناھ ئۆتكۈزۈش ۋە باشقىلارغا دۈشمەنلىك قىلىشنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغان ھەرقانداق دوستلۇق قىيامەت كۈنى ئاداۋەت، مەھرۇم بولۇش، ھەسرەت چېكىش ۋە زىيان تارتىشقا ئايلىنىپ كېتىدۇ. ئۇلار دۇنيادا بىر – بىرىنى ياخشى كۆرۈپ، دوستلىشىپ ئۆتكەن بولسىمۇ، قىيامەت كۈنى بىر – بىرىگە دۈشمەن بولىدۇ.
ئاسىيلارنىڭ ئاخىرەتتە بىر – بىرىگە لەنەت قىلىشىدىغانلىقى
ئاللاھ تائالا شۇ چاغدىكى ھالەتنى سۈپەتلەپ ئېيتىدۇ: ﴿ئاندىن قىيامەت كۈنى بەزىڭلارنى بەزىڭلار ئىنكار قىلىسىلەر، بەزىڭلارغا بەزىڭلار لەنەت ئوقۇيسىلەر (يەنى قىيامەت كۈنى مەزكۇر دوستلۇق دۈشمەنلىككە ئايلىنىدۇ، ئەگەشتۈرگۈچىلەر ئەگەشكۈچىلەردىن ئادا – جۇدا بولىدۇ، ئەگەشكۈچىلەر ئەگەشتۈرگۈچىلەرگە لەنەت ئوقۇيدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ دۇنيادىكى دوستلۇقى ئاللاھ ئۈچۈن بولغان ئەمەس)، سىلەرنىڭ جايىڭلار دوزاخ بولىدۇ، سىلەرنى (دوزاختىن قۇتۇلدۇرىدىغان) ھېچقانداق ياردەمچى بولمايدۇ﴾(29/«ئەنكەبۇت»: 25).
شۇنداق، ئۇلار ئاخىرەتتە بىر – بىرىگە لەنەت قىلىشىدۇ. ئەگەر بىر ئاسىي – گۇناھكار ئۆزى بىلەن تانسىخانىلاردا ۋە باشقا فىسقى – فۇجۇر جايلىرىدا بىللە بولغان بىر دوستىنى كۆرسە، ئۇنىڭ ئۆزىنى گۇناھ – مەئسىيەتكە قىزىقتۇرغانلىقىنى ئەسلەپ، ئۇنىڭغا لەنەت قىلىدۇ ۋە تىللايدۇ. ئۇنىڭ دوستىمۇ ئۇنىڭغا ئوخشاش رەددىيە بېرىدۇ.
يولباشچىلار ۋە سەردارلار
ئىنسانلار خاراكتېرلىرىنىڭ قۇۋۋىتىدە ۋە ئىقتىدارلىرىدا پەرقلىق بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە باشقىلارغا يولباشچىلىق قىلالايدىغان خاراكتېرى كۈچلۈك ئىنسانلار بار، ئۇلار ئەگەشتۈرگۈچىلەردۇر. يەنە باشقىلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان، باشقىلار قايسى تەرەپكە باشلىسا، شۇ تەرەپكە ماڭىدىغان خاراكتېرى ئاجىز ئىنسانلار بار، ئۇلار ئەگەشكۈچىلەردۇر. قىيامەت كۈنى ئەگەشكۈچىلەر ئەگەشتۈرگۈچىلەرگە لەنەت ئوقۇيدۇ ۋە مالامەت قىلىدۇ. ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿ئۇلار (يەنى خالايىقلار) نىڭ ھەممىسى (قىيامەت كۈنى قەبرلىرىدىن) چىقىپ، ئاللاھقا مۇلاقات بولىدۇ، ئاجىزلىرى (يەنى ئەگەشكۈچىلىرى) مۇتەكەببىرلىرىگە (يەنى ئەگەشتۈرگۈچىلىرىگە): «شۈبھىسىزكى، بىز سىلەرنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىڭلار ئىدۇق، سىلەر بىزگە بولۇۋاتقان ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ئازراق دەپئى قىلالامسىلەر؟» دەيدۇ. ئۇلار: «ئاللاھ بىزنى ھىدايەت قىلغان بولسا ئىدى، بىز ئەلبەتتە سىلەرنى ھىدايەت قىلاتتۇق، بىز مەيلى نالە – پەرياد قىلايلى، مەيلى سەۋر قىلايلى، بەرىبىر ئوخشاش، بىزگە ھېچقانداق قاچىدىغان جاي يوق» دەيدۇ﴾(14/«ئىبراھىم»: 21).
يامانلىقلارنىڭ بېشى، ئازغۇنلۇقنىڭ ئاچقۇچى ۋە ئەسكىلىكلەرنىڭ يولباشچىسى بولغان ئىنسانلار ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىدىن يىراق بولغاي!
ئاللاھ تائالا يەنە ئېيتىدۇ: ﴿ئۇ چاغدا ئۇلار دوزاختا ئۆزئارا مۇنازىرىلىشىدۇ، ئاجىز (ئەگەشكۈچىلەر) ھاكاۋۇر (ئەگەشتۈرگۈچىلىرىگە): «شۈبھىسىزكى، بىز سىلەرگە ئەگەشكەن ئىدۇق، بىزدىن دوزاخ ئازابىدىن بىر قىسىمىنى ئېلىپ تاشلىيالامسىلەر؟» دەيدۇ. ھاكاۋۇر (ئەگەشتۈرگۈچىلىرى): «شۈبھىسىزكى، بىز ھەممىمىز دوزاختىمىز، ئاللاھ ھەقىقەتەن بەندىلەرنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقاردى» دەيدۇ﴾(40/«غافىر»: 47، 48)، ﴿دوزاختا ئۇلارنىڭ يۈزلىرى تۈرۈلۈپ كېتىدىغان كۈندە، ئۇلار: «كاشكى بىز ئاللاھقا ئىتائەت قىلغان بولساقچۇ! پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلغان بولساقچۇ!» دەيدۇ. ئۇلار: «پەرۋەردىگارىمىز! بىز ھەقىقەتەن باشلىقلىرىمىزغا، كاتتىلىرىمىزغا ئىتائەت قىلدۇق، ئۇلار بىزنى توغرا يولدىن ئازدۇردى، پەرۋەردىگارىمىز! ئۇلارغا ئازابنى ئىككى ھەسسە بەرگىن ۋە ئۇلارغا قاتتىق لەنەت قىلغىن» دەيدۇ﴾(33/«ئەھزاب»: 67، 68).
مانا بۇ ئازغۇنلۇقنىڭ يولىدۇر. ئۇلار باشلىقلىرىغا ۋە كاتتىلىرىغا ئىتائەت قىلدى. ئۇ باشلىقلىرى ئۇلارنىڭ دىنىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ زىنا قىلىشنى چىرايلىق كۆرسەتكەنىدى، ئۇلار زىنا قىلدى. باشقىلارغا زۇلۇم قىلىشنى ۋە باشقىلارنىڭ ھەقلىرىنى يېيىشنى چىرايلىق كۆرسەتكەنىدى، ئۇلار بۇ ئىشلارنى قىلدى. باشلىقلىرى ئۇلارنى ئاتا – ئانىلىرىغا ياخشىلىق قىلىشتىن، بالىلىرىنى ياخشى تەربىيەلەشتىن، ناماز ئوقۇشتىن ۋە روزا تۇتۇشتىن يۈز ئۆرۈتكەنىدى، ئۇلار ئىتائەت قىلدى. قىيامەت كۈنى سىرلار ئېچىلىدۇ، پەردىلەر يىرتىپ تاشلىنىدۇ. ئەگەشكۈچىلەر ئەگەشتۈرگۈچىلەرنى تىللايدۇ ۋە بەددۇئا قىلىدۇ، لېكىن پۇشايمان ۋە مالامەت كار قىلمايدۇ.
نىھايەت
ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن بولمىغان ھەرقانداق دوستلۇق قىيامەت كۈنى دۈشمەنلىككە ئايلىنىدۇ.
دوكتور مۇھەممەد ئەلئەرىيفىي
ئۇ دۇنيا
(«قۇرئان» ۋە سەھىھ ھەدىسلەر ئاساسىدا كىچىك قىيامەت ۋە چوڭ قىيامەتنىڭ ھادىسەلىرى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلار)
ئەرەبچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى:
مۇھەممەد بارات
1. مۇسلىم (2002).
2. ھاكىم (3158). ھاكىم ۋە زەھەبىيلەر «سەھىھ» دېگەن.
3. مۇسلىم (2845).
4. مۇسلىم (934).
5. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (6551)؛ مۇسلىم (2852).
6. مۇسلىم (2851).
7. تىرمىزىي (2577). ئالبانىي: («سەھىھۇلجامىئ»، 2114) «سەھىھ» دېگەن.
8. تىرمىزىي (2587). ئالبانىي: («سەھىھۇتتىرمىزىي»، 2587) «زەئىف» دېگەن.
9. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (5778)؛ مۇسلىم (109).
10. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (6538)؛ مۇسلىم (2805).
11. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (3267)؛ مۇسلىم (2989).
12. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (3521)؛ مۇسلىم (2856).
13. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (3245)؛ مۇسلىم (2834).
14. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (304)؛ مۇسلىم (79).
15. مۇسلىم (2671) — ت.

