Dozaxni_saqlighuchi_perishtiler

دوزاخنى ساقلىغۇچى پەرىشتىلەر  

دوزاختا بەك يوغان ۋە قاۋۇل پەرىشتىلەر تۇرىدىغان بولۇپ، ئۇلار دوزاخنى ساقلىغۇچى پەرىشتىلەردۇر.

ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ سانى قانچە؟

ئۇلارنىڭ چوڭى كىم؟

دوزاخنى ساقلىغۇچى پەرىشتىلەر بەك يوغان بولۇپ، ئۇلار ئاللاھ تائالا بۇيرۇغان ئىشلارغا ئاسىيلىق قىلمايدۇ، بۇيرۇلغان ئىشلارنى بەجا كەلتۈرىدۇ. ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿ئۇ پەرىشتىلەر ئاللاھ تائالانىڭ بۇيرۇقىدىن چىقمايدۇ، نېمىگە بۇيرۇلسا شۇنى ئىجرا قىلىدۇ﴾(66/«تەھرىم»: 6).

دوزاخنى ساقلىغۇچى پەرىشتىلەرنىڭ سانى

دوزاخقا مۇئەككەل قىلىنغان، دوزاخنى ساقلىغۇچى پەرىشتىلەرنىڭ ھەجمى ۋە كۈچ – قۇۋۋىتىنى بىز بۇ ئەقلىمىز بىلەن بىلەلمەيدىغان ئىشلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر. ئۇلارنىڭ سانى ئون توققۇز بولۇپ، بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇ: ﴿ئۇنى مەن سەقەرگە (يەنى دوزاخقا) سالىمەن. سەقەرنىڭ نېمىلىكىنى قانداق بىلەلەيسەن؟ ئۇ ھېچ نەرسىنى قالدۇرمايدۇ، قويمايدۇ (بەلكى كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ). ئۇ (چوڭلۇقىدىن) ئىنسانلارنىڭ (كۆزلىرىگە يىراق مۇساپىلەردىن) كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭغا 19 پەرىشتە مۇئەككەلدۇر. بىز دوزاخ مۇئەككەللىرىنى پەقەت پەرىشتىلەردىن قىلدۇق﴾(74/«مۇددەسسىر»: 26 — 31).

ئاشۇ پەرىشتىلەر ئۇلار دوزاخنى ساقلىغۇچى پەرىشتىلەردۇر. ئاللاھ تائالا دېدىكى: ﴿دوزاختىكىلەر دوزاخقا مۇئەككەل پەرىشتىلەرگە: «سىلەر پەرۋەردىگارىڭلارغا دۇئا قىلىڭلار، ئۇ بىزدىن بىر كۈنلۈك ئازابنى يېنىكلەتسە ئىكەن» دەيدۇ﴾(40/«غافىر»: 49).

دوزاخنى ساقلىغۇچى پەرىشتىلەرنىڭ ۋەزىپىلىرى

دوزاخنى ساقلىغۇچى پەرىشتىلەرنىڭ ۋەزىپىلىرى بار بولۇپ، ئۇلار دوزاخ ئەھلىنى ئازابلاشقا، ئوت يېقىشقا ۋە ئوتنىڭ يالقۇنىنى كۈچەيتىشكە مەسئۇلدۇر. ئۇلار دوزاخ ئەھلى رەھىم قىلىشنى تەلەپ قىلسىمۇ، ئۇلارغا رەھىم قىلمايدىغان قاتتىق قولدۇر. چۈنكى، ئاللاھ تائالا ئۇلارنى يارىتىپ، قاتتىق قوللۇق ۋە قاتتىق غەزەپلىنىشنى ئۇلارنىڭ تەبىئىتى قىلدى. ئۇلار باغرى قاتتىق، بەدەنلىرى چىڭ ۋە بەك كۈچلۈك بولۇپ، قەلبلىرىدە رەھىم قىلىش يوقتۇر، چۈنكى ئۇلار ئازابلاش ئۈچۈن يارىتىلغان.

مىنھال ئىبنى ئەمىر: «ئەگەر ئاللاھ تائالا: ﴿ئۇنى تۇتۇڭلار، ئۇنىڭغا تاقاق سېلىڭلار﴾(69/«ھاققە»: 30) دېسە، ئۇنىڭ يېنىغا يەتمىش مىڭ پەرىشتە كېلىدۇ. ئۇلاردىن بىر پەرىشتە ئىككى قولىنى ئېچىپ، يەتمىش مىڭ ئادەمنى دوزاخقا تاشلايدۇ» دېگەن(1).

ئاللاھ تائالا دوزاخ ئەھلى دوزاخقا كىرگەن چاغدا، دوزاخنى ساقلىغۇچى پەرىشتىلەر قىلىدىغان ئىشنى سۈپەتلەپ ئېيتىدۇ: ﴿كافىرلار جەھەننەمگە توپ – توپ بولۇپ ھەيدىلىدۇ، ئۇلار جەھەننەمگە يېتىپ كەلگەندە، جەھەننەمنىڭ دەرۋازىلىرى ئېچىلىدۇ، جەھەننەمنى باشقۇرغۇچى پەرىشتىلەر ئۇلارغا: «ئاراڭلاردىن سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ئايەتلىرىنى سىلەرگە ئوقۇپ بېرىدىغان، بۈگۈنكى ئۇچرىشىشنىڭ بارلىقىدىن ئاگاھلاندۇرىدىغان ئەنبىيائلەر كەلمىگەنمۇ؟» دەيدۇ. ئۇلار: «شۇنداق (ئەنبىيائلەر كەلگەن ئاگاھلاندۇرغان)، لېكىن ئازابقا دۇچار بولۇش ھۆكمى (كۇفرى ۋە قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن) كافىرلارغا تېگىشلىك بولدى» دەيدۇ﴾(39/«زۇمەر»: 71).

دوزاخنى ساقلىغۇچى پەرىشتىلەرنىڭ چوڭى

دوزاخنى ساقلىغۇچى پەرىشتىلەرنىڭ چوڭى ۋە ئۇلارنىڭ رەئىسى بۈيۈك پەرىشتە مالىكتۇر. ئاللاھ تائالا ئۇنى زىكىر قىلىپ ئېيتىدۇ: ﴿ئۇلار (يەنى كۇففارلار) (دوزاخقا مۇئەككەل پەرىشتىگە): «ئى مالىك! پەرۋەردىگارىڭ بىزگە ئۆلۈم ھۆكۈم قىلسۇن» دەپ توۋلايدۇ. مالىك: «سىلەر ئازابتا چوقۇم قالىسىلەر» دەيدۇ﴾(43/«زۇخرۇف»: 77).

نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كۆرگەن ئۇزۇن چۈشىنىڭ جەريانىدا ئازابنىڭ تۈرلىرىنى زىكىر قىلىپ ئېيتىدۇ: «… بىز يۈرۈپ كۆرۈنۈشى سەن كۆرگەن ئەڭ قەبىھ ئادەم شەكىلدە بولغان بىر ئادەمنىڭ قېشىغا كەلدۇق، ئۇنىڭ قېشىدا ئوت بار بولۇپ، ئۇ ئوتقا ئوتۇن سېلىپ قالاپ ئوتنىڭ ئەتراپىدا مېڭىپ يۈرەتتى، مەن ئىككىيلەنگە:

— سۇبھانەللاھ! بۇ نېمە؟ — دەپ سورىسام، ئۇلار:

— يۈر، يۈر، — دېدى».

نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ھەدىسنىڭ ئاخىرىدا: «ئوتنىڭ ئەتراپىدا ئايلىنىپ مېڭىۋاتقان كۆرۈمسىز ئادەم بولسا جەھەننەمنى ساقلىغۇچى مالىكتۇر» دېگەن(2).

ئاخىرىدا دەيمىزكى: بۇ دوزاخنى ساقلىغۇچى پەرىشتىلەرنىڭ سۈپىتى ۋە ۋەزىپىلىرى بولۇپ، ئاللاھ تائالا بۇلارنى بىزنى دوزاختىن ئاگاھلاندۇرۇش ۋە قورقۇتۇش ئۈچۈن بايان قىلىپ بەردى. ئاللاھتىن بىزنى ئۆز رەھمىتى ۋە كەرەمى بىلەن دوزاختىن ساقلىشىنى سورايمىز. ئامىن.

چاقىرىق

﴿ئى مۇئمىنلەر! ئۆزۈڭلەرنى ۋە بالىچاقاڭلارنى دوزاختىن ساقلاڭلار﴾(66/«تەھرىم»: 6).

دوزاخنىڭ دەرۋازىلىرى
ئاللاھ تائالا بىزنى ئاگاھلاندۇرۇش ۋە قورقۇتۇش ئۈچۈن دوزاخنى، ئۇنىڭ دەرۋازىلىرىنى ۋە تاقاقلىرىنى سۈپەتلەپ بەردى.

ئۇنداقتا دوزاخنىڭ دەرۋازىلىرىنىڭ سانى قانچە؟

ئۇ دەرۋازىلەر ئوچۇقمۇ ياكى تاقاقمۇ؟

ئۇ دەرۋازىلەر دوزاخنىڭ چۆرىسىدىمۇ ياكى بىر – بىرىنىڭ ئۈستىدىمۇ؟

خۇددى جەننەتنىڭ جەننەت ئەھلى ئۇنىڭدىن ئۆزئارا ئىختىلاپ قىلىشمىغان ۋە غەزەپلەنمىگەن، يۈزلىرى ئون تۆت كۈنلۈك تولۇن ئايدەك نۇرلۇق، خۇشال – خورام ھالەتتە كىرىدىغان دەرۋازىلىرى بولغىنىدەك، دوزاخ ئەھلىمۇ دوزاخقا ئۇنىڭ دەرۋازىلىرىدىن كىرىدۇ. لېكىن، ھومايغان چىرايلار ۋە زۇلمەت باسقان قەلبلەر بىلەن، بىر – بىرىنى كۇفرىغا نىسبەت بەرگەن، بىر – بىرىگە لەنەت قىلغان ھالەتتە كىرىدۇ. ئۇلار دوزاخنىڭ دەرۋازىلىرىدىن كۆيۈپ تۇرغان ھالەتتە قاتتىق ئىتتىرىلىدۇ.

دوزاخنىڭ دەرۋازىلىرىنىڭ سانى

دوزاخنىڭ يەتتە دەرۋازىسى بولۇپ، دوزاخ ئەھلى بۇ دەرۋازىلەردىن كىرىدۇ. بۇنداق بولۇشى دوزاخقا كىرىدىغانلارنىڭ بەك كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈندۇر. ھەربىر دەرۋازىدىن كىرىدىغان مۇئەييەن بىر بۆلۈك ئادەم بولىدۇ. ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿شۈبھىسىزكى، دوزاخ ئۇلار (يەنى ئىبلىس ۋە ئۇنىڭ تەۋەلىرى) نىڭ ھەممىسىگە ۋەدە قىلىنغان جايدۇر. جەھەننەمنىڭ يەتتە دەرۋازىسى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەربىرىدىن كىرىدىغان مۇئەييەن بىر بۆلۈك (ئادەم) بار﴾(15/«ھىجىر»: 43، 44).

كافىرلار دوزاخقا كەلگەن چاغدا، دوزاخنىڭ دەرۋازىلىرى ئېچىلىدۇ، ئاندىن ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قېلىش ئۈچۈن كىرىدۇ. ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇ: ﴿كافىرلار جەھەننەمگە توپ – توپ بولۇپ ھەيدىلىدۇ، ئۇلار جەھەننەمگە يېتىپ كەلگەندە، جەھەننەمنىڭ دەرۋازىلىرى ئېچىلىدۇ، جەھەننەمنى باشقۇرغۇچى پەرىشتىلەر ئۇلارغا: «ئاراڭلاردىن سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ئايەتلىرىنى سىلەرگە ئوقۇپ بېرىدىغان، بۈگۈنكى ئۇچرىشىشنىڭ بارلىقىدىن ئاگاھلاندۇرىدىغان ئەنبىيائلەر كەلمىگەنمۇ؟» دەيدۇ. ئۇلار: «شۇنداق (ئەنبىيائلەر كەلگەن، بىزنى ئاگاھلاندۇرغان)، لېكىن ئازابقا دۇچار بولۇش ھۆكمى (كۇفرى ۋە قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن) كافىرلارغا تېگىشلىك بولدى» دەيدۇ. (ئۇلارغا) «جەھەننەمنىڭ دەرۋازىلىرىدىن كىرىڭلار، جەھەننەمدە مەڭگۈ قېلىڭلار، مۇتەكەببىرلەرنىڭ جايى نېمىدېگەن يامان!» دېيىلىدۇ﴾(39/«زۇمەر»: 71، 72).

دوزاخنىڭ دەرۋازىلىرى بىر – بىرىنىڭ ئۈستىدىدۇر

دوزاخنىڭ دەرۋازىلىرى قەۋەتلىك بولۇپ، بىر – بىرىنىڭ ئۈستىدىدۇر. ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئېيتىدۇ: «جەھەننەمنىڭ دەرۋازىلىرى يەتتە بولۇپ، ئۇلار بىر – بىرىنىڭ ئۈستىدىدۇر. بىرىنچى دەرۋازا توشىدۇ، ئاندىن ئىككىنچى دەرۋازا توشىدۇ، ئاندىن ئۈچىنچى دەرۋازا توشىدۇ. ئاندىن ھەممىسى توشىدۇ».(3)

ئىبنى جۇرەيج ئېيتىدۇ: «دوزاخنىڭ يەتتە دەرۋازىسى بولۇپ: ئۇنىڭ بىرىنچىسى جەھەننەم، ئاندىن لەزا، ئاندىن ھۇتەمە، ئاندىن سەئىر، ئاندىن سەقەر، ئاندىن جەھىم، ئاندىن ھاۋىيەدۇر».(4)

دوزاخنىڭ دەرۋازىلىرى تاقاقتۇر

گۇناھكارلارنى قاتتىق جازالاش ئۈچۈن، دوزاخنىڭ دەرۋازىلىرى تاقىلىدۇ. ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلار بەتبەختلەردۇر. ئۇلار دوزاخقا سولىنىدۇ﴾(90/«بەلەد»: 19، 20). بۇ تۈردىكى ئىنسانلار بولسا نامەئى ئەئمالى سول تەرىپىدىن بېرىلىدىغان سول قول ئىگىلىرى بولۇپ، ئۇلار ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە مەقسەت قىلغان ئىنسانلاردۇر: ﴿نامەئى ئەئمالى سول تەرىپىدىن بېرىلگەنلەر) (دوزىخىيلەردۇر). بەدبەختلەر قانداق ئادەملەر؟ ئۇلار (بەدەننىڭ تۆشۈكلىرىگە كىرىپ كېتىدىغان ئاتەشلىك شامالنىڭ، زىيادە ھارارەتلىك قايناقسۇنىڭ ۋە قارا تۈتۈندىن بولغان سالقىنمۇ ئەمەس، كۆركەممۇ ئەمەس سايىنىڭ ئىچىدە بولىدۇ﴾(56/«ۋاقىئە»: 41 — 44).

شۇنداق، قىيامەت كۈنى گۇناھكارلار دوزاخقا كىرگەندىن كېيىن، دوزاخنىڭ دەرۋازىلىرى تاقىلىدۇ، ئازاب ئۇلارنى قورشايدۇ. ئۇلار قاچالمايدۇ.

ئەمما، (قىيامەتتىن بۇرۇن) دۇنيادا بولسا دوزاخنىڭ دەرۋازىلىرى ئوچۇق بولۇپ، رامازاندا تاقىلىدۇ. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «رامازان ئېيى كىرسە، ئاسماننىڭ دەرۋازىلىرى ئېچىلىپ جەھەننەمنىڭ دەرۋازىلىرى تاقىلىدۇ، شەيتانلار باغلىنىدۇ» دېگەن(5).

ھەربىر دەرۋازا مەلۇم بىر ئەمەلنىڭ ئەھلى ئۈچۈندۇر

جەننەتنىڭ ھەربىر دەرۋازىسىدىن مەلۇم بىر ئەمەلنىڭ ئەھلى كىرىدۇ. جىھاد قىلغانلار جىھاد دەرۋازىسىدىن، روزا تۇتقانلار روزا دەرۋازىسىدىن كىرىدۇ. شۇنىڭدەك بەزى ئەھلى ئىلىملەرنىڭ زىكىر قىلىشىچە، دوزاخنىڭ ھەربىر دەرۋازىسىدىن مەلۇم بىر قىلمىشنى سادىر قىلغۇچىلار كىرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، گۇناھكارلارنى گۇناھتىن قول ئۈزۈپ، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش مەقسىتىدە، رامازاندا دوزاخنىڭ دەرۋازىلىرى تاقىلىدۇ.

ھېساب

دوزاخنىڭ دەرۋازىلىرى دوزاخ ئەھلى كىرىپ بولغاندىن كېيىن تاقىلىدۇ، ئۇلار قاتتىق ئىسسىقنىڭ، غەم – قايغۇنىڭ ۋە ئازابنىڭ ئىچىدە بولىدۇ. ئى ئاللاھ! بىزنى دوزاختىن ساقلىغىن.

دوزاخنىڭ يېقىلغۇسى
دوزاخ دائىم يېنىپ تۇرىدىغان بولۇپ، ئوتى پەسىيىپ قالمايدۇ. ئۇنىڭ يېقىلغۇسىمۇ دائىمدۇر ۋە دوزاخ ئەھلىنىڭ ئازابىمۇ مۇقىمدۇر. ئۇلار ياردەم تەلەپ قىلىدۇ، لېكىن ئۇ يەردە ياردەم بەرگۈچى يوق. ئۇلار ئۈچۈن ئاللاھ تائالانىڭ تەرىپىدىن باشقا ئۇنىڭ ئازابىدىن قاچىدىغان جاي يوقتۇر. ئۇلار دۇنيادىكى ۋاقتىدا دوزاخنىڭ بارلىقىغا ئىشەنمىگەن ۋە ئۇنى ئىنكار قىلغان ئىدى. شۇنداق بولغانىكەن، بۈگۈن ئۇلار قانداقمۇ قاچالىسۇن ياكى ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلالىسۇن. دوزاخ ئۇلارنىڭ قايتىدىغان جايىدۇر، ئۇ نېمىدېگەن يامان جاي!

ئۇنداقتا دوزاخنىڭ يېقىلغۇسى نېمە؟

بۇتلارنىڭ دوزاخقا كىرىشىدىكى ھېكمەت نېمە؟

دوزاخ قاتتىق ھارارەتلىك ۋە دائىم يالقۇنجاپ تۇرىدىغان بولسىمۇ، ئۇنىڭدىكى يىلان، چايان ۋە قاتتىق قاراڭغۇلۇقلار بىلەن بىرگە ئۇنىڭ ھەر ۋاقىت يالقۇنجاپ تۇرۇشى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا بىر يېقىلغۇ بولۇشى زۆرۈردۇر.

دوزاخنىڭ يېقىلغۇسى

تاشلار ۋە كافىرلار دوزاخنىڭ يېقىلغۇسىدۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇ: ﴿ئى مۇئمىنلەر! ئۆزۈڭلەرنى ۋە بالىچاقاڭلارنى ئىنسان ۋە تاشلار يېقىلغۇ بولىدىغان، رەھىم قىلمايدىغان قاتتىق قول پەرىشتىلەر مۇئەككەل بولغان دوزاختىن ساقلاڭلار﴾(66/«تەھرىم»: 6)، ﴿كافىرلار ئۈچۈن تەييارلانغان، ئىنسان ۋە تاشلار يېقىلغۇ بولغان دوزاختىن ساقلىنىڭلار﴾(2/«بەقەرە»: 24).

بۇ ئايەتلەردىكى قاتتىق قورقۇتۇش ھەربىر كىشىگە مەخپىي ئەمەستۇر. چۈنكى، بۇ دوزاخ ئاشۇ كافىرلار بىلەن قىزىيدۇ، ئۇلار بولسا ئازابلىنىدۇ ۋە كۆيىدۇ. ئۇلار كۆيۈپلا تۇرغانىكەن، ئوت يالقۇنجاپ يېنىپ تۇرىدۇ. بۇ تاشلار دوزاخنىڭ ئىچىدىكى قارا گۈڭگۈرتتىن بولغان تاشلاردۇر(6) ۋە ئۇنىڭدىن باشقا كۆيدۈرگۈچى تاشلاردىن تەركىپ تاپقاندۇر.

دوزاخنىڭ يېقىلغۇلىرىدىن يەنە ئاللاھنى قويۇپ ئىبادەت قىلىنغان ئىلاھلاردۇر. ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇ: ﴿(ئى مۇشرىكلەر!) ھەقىقەتەن سىلەر ئاللاھنى قويۇپ ئىبادەت قىلغان نەرسەڭلار بىلەن دوزاخقا يېقىلغۇ بولىسىلەر، سىلەر دوزاخقا كىرىسىلەر. ئەگەر سىلەر ئىبادەت قىلىۋاتقان بۇتلار ئىلاھلار بولىدىغان بولسا، دوزاخقا كىرمىگەن بولاتتى (ئىبادەت قىلغۇچى ۋە ئىبادەت قىلىنغۇچىلارنىڭ) ھەممىسى دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ. ئۇلار دوزاختا ھەمىشە پەرياد چېكىدۇ، (ئازابنىڭ قاتتىقلىقىدىن) ئۇلار دوزاختا ھېچ نەرسىنى ئاڭلىمايدۇ﴾(21/«ئەنبىياﺋ»: 98 — 100).

بۇ ئايەتنىڭ مەنىسى «ئاللاھ تائالانىڭ غەيرىگە ئىبادەت قىلغان ئى كافىرلار! قىيامەت كۈنى سىلەر دوزاختا بولىسىلەر، دوزاخ سىلەر بىلەن ۋە سىلەر ئىبادەت قىلغان بۇتلار، تاشلار ۋە ئۇنىڭدىن باشقا نەرسىلەر بىلەن قىزىيدۇ، سىلەر دوزاخنىڭ يېقىلغۇسى بولىسىلەر، سىلەر بۇتلىرىڭلار بىلەن دوزاخقا كېلىسىلەر» دېگەنلىكتۇر.

بۇتلار ئەقلى يوق جانسىز ۋە گۇناھى يوق نەرسىلەر تۇرسا، نېمە ئۈچۈن دوزاخقا كىرىدۇ؟

ئاللاھ تائالا بۇ بۇتلارنى ئازابلاش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۇلارنى ئىلاھ قىلىۋالغان ئىنسانلارنىڭ يالغانچىلىقىنى بايان قىلىش، بۇ ئارقىلىق بۇ ئىنسانلارنىڭ ئۇلۇغلىغان ۋە مەنپەئەت يەتكۈزۈشىنى ئۈمىد قىلغان ئىلاھلىرىنىڭ ئاقىۋىتىنى كۆرۈشى ئۈچۈن دوزاخقا كىرگۈزىدۇ. بۇ بۇتلار ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلغان ئىنسانلار بىلەن دوزاختا بىللە بولغان چاغدا، ئۇلارنىڭ ئازابى ۋە ھەسرىتى تېخىمۇ زىيادە بولىدۇ.

كافىرلار دۇنيادا ئىبادەت قىلغان نەرسىلەرنىڭ قاتارىدىن يەنە مەريەم ئوغلى ئىيسا ئەلەيھىسسالام بار ۋە پەرىشتىلەرمۇ بار، ئۇنداقتا ئۇلارمۇ دوزاختا ئازابلىنامدۇ؟

كافىرلار ئاللاھنى قويۇپ ئىبادەت قىلغان ئەۋلىيا ۋە سالىھلەردىن ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئىيسا ئەلەيھىسسالام ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئۇزەير ئەلەيھىسسالام، پەرىشتىلەر ۋە ئۇلارغا ئوخشاشلار بار، ئۇلار دوزاختا ئازابلانمايدۇ ۋە دوزاخقا كىرمەيدۇ. چۈنكى، ئاللاھ: ﴿(ئى مۇشرىكلەر!) ھەقىقەتەن سىلەر ئاللاھنى قويۇپ ئىبادەت قىلغان نەرسەڭلار بىلەن دوزاخقا يېقىلغۇ بولىسىلەر، سىلەر دوزاخقا كىرىسىلەر﴾(21/«ئەنبىياﺋ»: 98) دېگەندىن كېيىن يەنە دېگەنكى: ﴿بىز تەرەپتىن بېرىلگەن بەخت – سائادەتكە تېگىشلىك بولغانلار (يەنى تائەت – ئىبادەتكە تەۋپىق بېرىلىپ توغرا يولدا ئىبادەت قىلغان سائادەتمەن بەندىلەر) دوزاختىن يىراق قىلىنىدۇ. ئۇلار دوزاخنىڭ شەپىسىنى ئاڭلىمايدۇ، كۆڭلى تارتقان نازۇنېئمەتلەر ئىچىدە مەڭگۈ قالىدۇ﴾(21/«ئەنبىياﺋ»: 101، 102).

مانا بۇ دوزاخنىڭ يېقىلغۇسىدۇر. ئاللاھ تائالا بىزنى دوزاختىن ساقلىسۇن.

ئادا – جۇدا بولۇش

ئەگىشىلگەن ئىلاھلار ئەگەشكۈچىلىرىدىن ئادا – جۇدا بولىدۇ. شۇڭا، كىمكى ئاللاھنىڭ غەيرىگە ئېسىلسا، نائۇمىد قايتىدۇ ۋە زىيان تارتىدۇ.

دوزاخنىڭ قاتتىق قىزىق ۋە قاتتىق سوغۇقلۇقى
ئاللاھ تائالا مەخلۇقاتنى ئۆزىگە ئىتائەت قىلىشقا بۇيرۇدى ۋە ئۆزىگە مۇخالىپەتچىلىك قىلىشتىن ئاگاھلاندۇردى. ئىتائەت قىلغۇچىلارنى جەننەتكە كىرگۈزىدىغانلىقى بىلەن ۋەدە قىلدى، ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنى بولسا دوزاخقا كىرگۈزىدىغانلىقى بىلەن ئاگاھلاندۇردى ۋە دوزاخنىڭ قاتتىق قىزىيدىغانلىقىنى ۋە قەئرىنىڭ ئىنتايىن چوڭقۇرلۇقىنى سۈپەتلەپ بەردى.

ئۇنداقتا دوزاخنىڭ سۈپىتى نېمە؟

دوزاخنىڭ سايىسى نېمە؟

دۇنيانىڭ ئوتى ئاخىرەتنىڭ ئوتىغا نىسبەتەن قانچىلىك؟

ئاللاھ تائالا دۇنيانىڭ ئوتىنى ئاخىرەتنىڭ ئوتىنى ئەسلىتىدىغان ئىبرەت قىلغان بولۇپ، بۇ ھەقتە: ﴿سىلەر ياندۇرۇۋاتقان ئوتنى دەپ بېقىڭلارچۇ؟ ئۇنىڭ دەرىخىنى (يەنى مۇرخۇ، ئۇبار ناملىق بىرىنىڭ شېخىنى بىرىگە سۈركىسە ھۆل تۇرۇپلا ئوت ئالىدىغان دەرەخنى) سىلەر ئۆستۈردۈڭلارمۇ ياكى بىز ئۆستۈردۇقمۇ؟ ئۇنى بىز ئىبرەت ۋە يولۇچىلار پايدىلىنىدىغان نەرسە قىلدۇق﴾(56/«ۋاقىئە»: 71 — 73) دېگەن.

نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— ئادەم بالىلىرى يېقىۋاتقان سىلەرنىڭ بۇ ئوتۇڭلار جەھەننەمنىڭ قىزىقىنىڭ يەتمىش پارچىسىدىن بىر پارچىدۇر، — دېدى. ئەسھابلەر:

— ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئۇ (دۇنيا ئوتى دوزىخىيلەرنى ئازابلاشقا) كۇپايە قىلاتتى، ئى رەسۇلۇللاھ! — دېگەنىدى، ئۇ زات:

— ھەقىقەتەن، ئۇ ئۇنىڭدىن ئاتمىش توققۇز ھەسسە ئارتۇق قىلىنغاندۇر، ھەربىرى دۇنيا ئوتىنىڭ قىزىقلىقىغا باراۋەردۇر، — دېدى»(7).

نامەئى ئەئمالى سول تەرىپىدىن بېرىلىدىغانلار بەدبەختلەر

ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿بەدبەختلەر (يەنى نامەئى ئەئمالى سول تەرىپىدىن بېرىلگەن دوزىخىيلەردۇر). بەدبەختلەر قانداق ئادەملەر؟ ئۇلار (بەدەننىڭ تۆشۈكلىرىگە كىرىپ كېتىدىغان) ئاتەشلىك شامالنىڭ، زىيادە ھارارەتلىك قايناقسۇنىڭ ۋە قارا تۈتۈندىن بولغان سالقىنمۇ ئەمەس، كۆركەممۇ ئەمەس سايىنىڭ ئىچىدە بولىدۇ﴾(56/«ۋاقىئە»: 41 — 44).

بۇ بەدبەختلەر دوزىخىيلەر بولۇپ، ئۇلار دۇنيادا ھەقتىن يۈز ئۆرۈگەن ئىنسانلاردۇر. ئۇلارغا نامەئى ئەئمالى سول تەرىپىدىن بېرىلىدۇ ۋە ئۇلار مەھشەر كۈنى سول تەرەپتە تۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ ھالىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى قانداق بىلەلەيسەن؟!

شەك – شۈبھىسىزكى، ئۇلار تېرىنىڭ تۆشۈكلىرىگە ئۆتۈپ كېتىدىغان قاتتىق ئىسسىقتا بولىدۇ. ئۇلار ھارارەتلىك قايناقسۇدىن ئىچىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ ئۈستىدە قارا تۈتۈندىن بولغان سالقىنمۇ ئەمەس، كۆركەممۇ ئەمەس سايە بولىدۇ.

يەنە بىر ئايەتتە ئاللاھ تائالا دوزاخنىڭ ھەيۋىتىنى بايان قىلىپ ئېيتىدۇكى: ﴿تارازىسى يېنىك كەلگەن (يەنى يامانلىقلىرى ياخشىلىقلىرىنى بېسىپ كەتكەن، يا ياخشىلىقى بولمىغان) ئادەمگە كەلسەك، ئۇنىڭ جايى ھاۋىيە بولىدۇ. ھاۋىيەنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى سەن قانداق بىلەلەيسەن؟ ھاۋىيە قىزىق ئوتتۇر﴾(101/«قارىئە»: 8 — 11).

شۇنداق، ھاۋىيەنى، ئۇنىڭ ھارارىتىنى ۋە ئازابىنى بىز قانداق بىلەلەيمىز؟! ئۇ قاتتىق يالقۇنجاپ تۇرغان ئوتتۇر. زالىم، گۇناھكارلار قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن بۇ ئوتقا چۈشىدۇ. ئۇلار دۇنيادا ئېزىپ شەيتاننىڭ كەينىگە كىرگەنلىكى ئۈچۈن، قىيامەت كۈنى دوزاخقا كىرىدۇ.

دوزاخنىڭ سايىسى

دوزاخنىڭ سايىسى سالقىنمۇ ئەمەس، كۆركەممۇ ئەمەس بولۇپ، قارا تۈتۈندىن بولغان سايىدۇر. ئاللاھ تائالا بۇ سايىنى زىكىر قىلىپ ئېيتىدۇكى: ﴿(ئۇلارغا دوزاخ مۇئەككەللىرى) «سىلەر (دۇنيادىكى چېغىڭلاردا) ئىنكار قىلغان (دوزاخ) ئازابىغا بېرىڭلار، ئۈچ شاخلىق سايىگە بېرىڭلار» (دەيدۇ). ئۇ سايە (جەھەننەمنىڭ تۈتۈنى بولۇپ كىشىنى) سەگىدەتمەيدۇ، (جەھەننەمنىڭ) يالقۇنىنىمۇ توسمايدۇ. ئۇ يالقۇن قەسىردەك (چوڭ) ئۇچقۇنلارنى چىقىرىدۇ. ئۇ ئۇچقۇنلار قارا – سېرىق تۆگىلەرگە ئوخشايدۇ﴾(77/«مۇرسەلات»: 30 — 33).

دائىم يېنىپ تۇرغۇچىدۇر

دوزاخنىڭ ئوتى زامانلارنىڭ ئۇزىرىشى ۋە كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۆچۈپ قالمايدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا: ﴿(ئۇلارغا ئېيتىمىزكى) «تېتىڭلار! سىلەرگە پەقەت ئازابنىلا زىيادە قىلىمىز»﴾(78/«نەبەﺋ»: 30) دېگەن. دوزاخ ھەر كۈنى قىزىپ تۇرىدۇ.

ئەمر ئىبنى ئەبەسە ئەسسۇلەمىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئېيتىدۇ: «مەن جاھىلىيەتتىكى چېغىمدا ئىنسانلار بۇتلارغا چوقۇنغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنى گۇمراھلىقتا، ھېچ نەرسىنى چۈشەنمەيدۇ، دەپ ئويلايتتىم. كۈنلەرنىڭ بىرىدە، مەككەلىك بىر ئادەمنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىپ، ھەق خەبەرلەرنى جاكارلىغانلىقىنى ئاڭلىدىم ـ دە، دەرھال ئۇلىغىمغا مىنىپ ئۇنىڭ يېنىغا باردىم. ئۇ چاغدا قەۋمى ئۇنىڭغا قوپال مۇئامىلە قىلغاچقا، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يوشۇرۇن دەۋەت قىلىۋاتقانىكەن. مەن ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئۇ زاتنىڭ قېشىغا خۇپيانە كىرىپ:

— سىلى قانداق ئادەم؟ — دېدىم.

— مەن نەبىيمەن، — دېدى.

— نەبىي دېگەن نېمە ئۇ؟

— ئاللاھ مېنى ئەۋەتتى.

— سىلىنى نېمىلەرنى قىلىشقا ئەۋەتتى؟

— مېنى سىلە – رەھىم قىلىشقا، بۇتلارنى چېقىپ تاشلاشقا ۋە ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شىرك كەلتۈرمەي، ئاللاھنى بىر دەپ بىلىشكە ئەۋەتتى».

ھەدىسنىڭ جەريانىدا ئەمر دېدىكى:

— ماڭا ناماز ھەققىدە دەپ بەرسىلە، — دېسەم،

— ناماز بامداتنى ئوقۇغىن، ئۇنىڭدىن كېيىن تاكى كۈن نەيزە بويى ئۆرلىمىگۈچە ناماز ئوقۇمىغىن. كۈن بولسا شەيتاننىڭ ئىككى مۈڭگۈزى ئارىسىدىن چىقىدۇ. بۇ ۋاقىتتا كافىرلار كۈنگە باش ئۇرىدۇ. ئاندىن كېيىن ناماز ئوقۇغىن، چۈنكى ناماز ۋاقتىدا رەھمەت پەرىشتىلىرى ھازىر بولىدۇ. نەيزىنىڭ سايىسى يوقىغان چاغدا ناماز ئوقۇشنى توختاتقىن. چۈنكى، بۇ ۋاقىتتا دوزاخ قىزىتىلىدۇ. سايە چۈشۈپ كۈن قايرىلغاندىن كېيىن ناماز ئوقۇغىن، چۈنكى تاكى ناماز ئەسىرنى ئوقۇغىچە ناماز ۋاقتىدا رەھمەت پەرىشتىلىرى ھازىر بولىدۇ. ئاندىن كېيىن تاكى كۈن ئولتۇرغۇچىلىك ناماز ئوقۇمىغىن. چۈنكى، كۈن شەيتاننىڭ ئىككى مۈڭگۈزى ئارىسىدا پاتىدۇ. بۇ ۋاقىتتا كافىرلار كۈنگە باش ئۇرىدۇ، — دېدى»(8).

قىيامەت كۈنى دوزاخ ئەھلى دوزاخقا يۈزلەنگەندە، دوزاخ يەنە قىزىتىلىدۇ. ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇ: ﴿دوزاخ قىزىتىلغان چاغدا﴾(81/«تەكۋىر»: 12).

ئىسسىقنىڭ قاتتىقلىقى جەھەننەمنىڭ تەپتىدىندﯗﺭ

دۇنيادا بەزىدە ھاۋانىڭ قاتتىق ئىسسىپ كېتىشى جەھەننەمنىڭ بىر نەپەس ئالغانلىقىدىن بولىدۇ. دۇنيادىكى بۇ ئىسسىقتا بەزىدە ئىسسىق ئۆتۈپ كەتكەنلىك سەۋەبتىن بىر قىسىم ئىنسانلار ئۆلۈپ كېتىدۇ، بىر قىسىم ئىنسانلار ئاغرىپ قالىدۇ. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېيتتىكى: «ئەگەﺭ ئىسسىق قاتتىق بولۇﭖ كەتسە، ناماﺯ (پېشىن) نى ئىسسىقنىڭ تەپتى يانغۇچە كېچىكتۈرۈڭلار! چۈنكى، ئىسسىقنىڭ قاتتىقلىقى جەھەننەمنىڭ تەپتىدىندﯗﺭ. ﺩﻭﺯﺍﺥ ئوتى ﺭﻩببىگە شىكايەﺕ قىلىپ: ‹ئى ﺭﻩببىم! (شۇنداق چىڭقىلىپ كەتتىمكى) ئەﺯﺍلىرىم بىر – بىرىگە كىرىشپ كەتتى› ﺩېۋىدﻯ. ئاللاھ ئۇنىڭغا ئىككى نەپەس ئېلىۋېلىشقا، يەنى قىشتا بىر نەپەﺱ، ياﺯﺩﺍ بىر نەپەﺱ (ئېلىۋېلىشىغا) ﺭﯗخسەﺕ قىلدﻯ. ئۇ دەل سىلەﺭ كۆﺭﯛﯞﺍتقاﻥ پىژغىرىم ئىسسىق بىلەﻥ قەھرىتان سوغۇقتۇر»(9).

ئاللاھتىن بىزگە رەھىم قىلىشىنى ۋە دوزاختىن ساقلىشىنى سورايمىز.

ئامانلىق

ناماز دوزاختىن ئامانلىقتۇر، شۇڭا دوزاخ قاتتىق قىزىتىلىدىغان چاغدا، ناماز ئوقۇمىغىن.

دوزاخنىڭ چوڭلۇقى ۋە چوڭقۇرلۇقى
دوزاخنىڭ ھەجمى چوڭدۇر. لېكىن، ئۇ دوزاخ ئەھلى بىلەن بەك تار بولۇپ كېتىدۇ. ئۇلار دوزاخنىڭ بۇلۇڭلىرىدا قىستىلىشىپ كېتىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەربىرىنىڭ بەدىنى شۇنچىلىك يوغىناپ كېتىدۇكى، ھەتتا دوزاختا ھەربىرىنىڭ ئېغىز چىشى ئوھۇد تېغىدەك بولۇپ كېتىدۇ. ئىككى مۈرىسىنىڭ ئارىلىقى ئۈچ كۈنلۈك مۇساپىدەك بولۇپ كېتىدۇ.

ئۇنداقتا دوزاخنىڭ ھەجمى ۋە چوڭلۇقى قانچىلىك؟

ئۇنىڭ چوڭقۇرلۇقى قانچىلىك؟

دوزاخقا كىرگەنلەردىن بىرەرسى كېيىن ئۇنىڭدىن چىقامدۇ؟

﴿ئۇ كۈندە بىز جەھەننەمگە: «توشتۇڭمۇ؟» دەيمىز، جەھەننەم: «يەنە بارمۇ» دەيدۇ﴾(50/«قاف»: 30). بۇ ئايەتتە ئاللاھ تائالا دوزاخنىڭ ھالىنى، ئازابىنى ۋە ئۇ دوزاخنىڭ ئۆزىگە كىرگەنلەرنى ئازابلاشقا بەك تەشنا ئىكەنلىكىنى سۈپەتلەپ بەردى.

ئۇ بەك چوڭ بولۇپ، بۇ ھەقتە نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «قىيامەت كۈنى جەھەننەم يەتمىش مىڭ چۇلۋۇرى بار ھالەتتە (مەھشەرگە) كەلتۈرۈلىدۇ. ھەربىر چۇلۋۇرنى تارتىدىغان يەتمىش مىڭ پەرىشتە بولىدۇ» دېگەن(10).

سەن دوزاختىن ئىبارەت بۇ چوڭ مەخلۇقنى خىيال قىلىپ باققىن. بۇ شۇنداق مەخلۇقكى، بۇ مەخلۇقنى ناھايىتى كۆپ ۋە كۈچلۈك پەرىشتىلەر تارتىدۇ، بۇ پەرىشتىلەرنىڭ كۈچ – قۇۋۋىتىنىڭ قانچىلىكلىكىنى پەقەت ئاللاھ تائالالا بىلىدۇ.

دوزاخنىڭ قەئرى

دوزاخ بەك قاراڭغۇ ۋە قەئرى (تېگى) بەك چوڭقۇر بولۇپ، بۇ ھەقتە نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئەگەر بىر تاش جەھەننەمگە تاشلانسا، تېگىگە چۈشكىچە يەتمىش يىل غۇلىغان بولاتتى» دېگەن(11).

دوزاخنىڭ قەۋەتلىرى

دوزاخ ئۆزىنىڭ قاتتىق قىزىقىدا ۋە ئاللاھ تائالا ئۇنىڭدىكىلەر ئۈچۈن تەييارلىغان ئازابتا ھەرخىل بولىدۇ. ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇ: ﴿مۇناپىقلار چوقۇم دوزاخنىڭ ئەڭ ئاستىنقى قەۋىتىگە (يەنى قەئرىگە) تاشلىنىدۇ، ئۇلارغا ھەرگىزمۇ (ئازابتىن قۇتقۇزىدىغان) مەدەتكار تاپالمايسەن﴾(4/«نىساﺋ»: 145).

«جەھەننەمىيلەر» كىملەر؟ ئۇلار دوزاخقا كىرگەندىن كېيىن، دوزاختىن چىقامدۇ؟

شۇنداق، ئۇلار ئاللاھ تائالانىڭ بىرلىكىگە ئىشەنگەن، ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شىرك كەلتۈرمىگەن قەۋملەردۇر. لېكىن، ئۇلار گۇناھ – مەئسىيەتلىرىنىڭ سەۋەبى بىلەن دوزاخقا كىرگەن بولۇپ، دوزاختا ئاللاھ تائالا خاھلىغان مۇددەتكىچە ئازابلىنىدۇ، ئاندىن دوزاختىن چىقىدۇ. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېيتتىكى: «ئاللاھ مۇئمىنلەردىن كۆپ ئىنسانلارنى ئازابلاپ بولغاندىن كېيىن دوزاختىن چىقىرىدۇ. ئاللاھ ئۇلارنى مۇشرىكلەر بىلەن دوزاخقا كىرگۈزگەن چاغدا، مۇشرىكلەر: ‹سىلەر دۇنيادىكى ۋاقىتتا ئۆزۈڭلەرنى ئەۋلىيائلەر دەپ ئويلايتتىڭلار، نېمە ئۈچۈن سىلەر بىز بىلەن دوزاختا بىللە؟› دەيدۇ. ئاللاھ مۇشرىكلەرنىڭ بۇ سۆزىنى ئاڭلىغان چاغدا، شاپائەتكە رۇخسەت قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا پەرىشتىلەر، ئەنبىيائلەر شاپائەت قىلغىلى تۇرىدۇ، ئاخىرى ئۇلار ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن دوزاختىن چىقىدۇ. ئۇلار دوزاختىن چىقىرىلغان ۋاقىتتا، مۇشرىكلەر: ‹كاشكى بىزمۇ ئۇلارغا ئوخشاش بولغان بولساقچۇ! بىزگىمۇ شاپائەت يېتىپ، دوزاختىن چىقىرىلىدىكەنمىز!› دەيدۇ. بۇ ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿كافىرلار (قىيامەتنىڭ دەھشىتىنى كۆرگەندە، دۇنيادىكى چېغىمىزدا) مۇسۇلمان بولغان بولساقچۇ، دەپ ئارمان قىلىدۇ﴾(15/«ھىجىر»: 2) دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىدۇر. ئۇلارنىڭ يۈزلىرى قارا بولغانلىقى ئۈچۈن، جەننەتتە ‹جەھەننەمىيلەر› دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇلار: ‹پەرۋەردىگارىمىز! بىزدىن بۇ نامنى يوق قىلغىن› دەيدۇ. ئاللاھ ئۇلارنى بۇيرۇيدۇ، ئۇلار جەننەتتىكى بىر ئۆستەڭدە يۇيۇنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلاردىن بۇ نام يوق بولىدۇ»(12).

نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە ئېيتتىكى: «… ئاخىرى ئاللاھ بەندىلىرى ئوتتۇرىدا ھۆكۈم قىلىپ بولۇپ، دوزاخ ئەھلى ئىچىدىن ‹لا ئىلاھە ئىللەللاھ / بىر ئاللاھتىن باشقا ھەق مەبۇد يوقتۇر› دەپ گۇۋاھلىق بەرگەنلەردىن خاھلىغان كىشىلەرنى دوزاختىن چىقارماقچى بولسا، پەرىشتىلەرنى ئۇلارنى ئېلىپ چىقىشقا بۇيرۇيدۇ. پەرىشتىلەر ئۇلارنى پېشانىلىرىدىكى سەجدە ئىزلىرىدىن تونۇيدۇ. ئاللاھ دوزاخقا ئادەم بالىسىدىكى سەجدىنىڭ ئىزىنى كۆيدۈرۈشىنى ھارام قىلىۋەتكەن بولۇپ، شۇنداق قىلىپ پەرىشتىلەر ئۇلارنى كۆيۈپ قارىداپ كەتكەن ھالەتتە ئېلىپ چىقسا، ئۇلارنىڭ ئۈستى – بېشىغا ‹ھاياتلىق سۈيى› دەپ ئاتىلىدىغان سۇ قۇيۇلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئەزالىرى، خۇددى كەلكۈننىڭ لاتقىلىرىدا ئۇرۇق ئۈنۈپ چىققاندەك، تېز ئۈنۈپ چىقىدۇ»(13).

نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇلارنىڭ ئىسمىنىڭ «جەھەننەمىيلەر» بولىدىغانلىقىدىن خەبەر بېرىپ: «نۇرغۇن كىشىلەر مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ شاپائىتى بىلەن دوزاختىن چىقىپ، جەننەتكە كىرىدۇ، ئۇلار ‹جەھەننەمىيلەر› دەپ ئاتىلىدۇ» دېگەن(14).

ھەسرەت

دوزاختىكى كافىرلار تەۋھىد ئەھلىنىڭ دوزاختىن چىققانلىقىنى كۆرگىنىدە ھەسرىتى ئاشىدۇ.

دوزاخ ئەھلىنىڭ ئازابلىنىشتا پەرقلىنىدىغانلىقى
دوزاخ كۆپ قەۋەتلىك بولۇپ، بىر قەۋىتىدىكى ئازاب باشقىسىدىن قاتتىقراق بولغانلىقى ئۈچۈن، دوزاخ ئەھلىمۇ ئازابلىنىشتا پەرقلىق بولىدۇ. بۇ ئاللاھ تائالانىڭ ئىنسانلار ئارىسىدا ئادىل بولغانلىقىنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

ئۇنداقتا بۇ پەرق نېمە؟

كافىرلارمۇ ئازابلىنىشتا پەرقلىق بولامدۇ؟

ئۇلارنىڭ قايسىسى ئەڭ قاتتىق؟ قايسىسى ئەڭ يەڭگىل ئازابلىنىدۇ؟

﴿ئۇلار قىلغان – ئەتكەنلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ نامەئى ئەئمالىغا خاتىرىلەنگەنلىكىنى كۆرىدۇ، پەرۋەردىگارىڭ ھېچ ئادەمگە زۇلۇم قىلمايدۇ﴾(18/«كەھف»: 49). ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە ئېيتقاندەك، خالايىقلارنى قىلىم – ئېتىملىرىنىڭ مىقدارىغا قارىتا مۇكاپاتلايدۇ.

شۇنداق، ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ قىلىم – ئېتىملىرىنى بىرمۇبىر خاتىرىلەپ قويىدۇ، ئاندىن شۇنىڭغا قارىتا جازا ياكى مۇكاپات بېرىدۇ. كىمكى قىلغىنىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆرسە، ئاللاھقا ھەمد ئېيتسۇن. كىمكى قىلغىنىنى باشقىچە كۆرسە، پەقەت ئۆزىنىلا ئەيىبلىسۇن. «دوزاخ ئەھلى ئازابلىنىشتا پەرقلىق بولىدۇ» دېگەننىڭ دەلىلى نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنۇ سۆزىدۇر: «ھەقىقەتەن، دوزاخ ئەھلىنىڭ ئىچىدە ئەڭ يەڭگىل ئازابلىنىدىغىنى ئۇنىڭ ئوتتىن ئىككى كەشى بار بىر كىشى بولۇپ، بۇ ئىككى ئاياغدىن ئۇنىڭ مېڭىسى قاينايدۇ. ئازابنىڭ پۈتۈن قىسىملىرى بىلەن ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئوتتا تىزىغىچە، ئازابنىڭ پۈتۈن قىسىملىرى بىلەن ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئوتتا رىدالىرىغىچە، ئازابنىڭ پۈتۈن قىسىملىرى بىلەن ئۇلارنىڭ بەزىلىرى بويۇنلىرىغىچە بولىدۇ. بەزىلىرى ئوتتا پۈتۈنلەي چۆكۈپ كەتكەن بولىدۇ»(15).

ئاسىي مۇسۇلمانلار ئازابلىنىشتا بىر – بىرىدىن پەرقلىنىدۇ

ئاللاھنىڭ بىرلىكىگە ئىشەنگەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئىچىدىكى ئاسىي – گۇناھكارلار قىلمىشلىرىغا قارىتا دوزاختا ئازابلىنىدۇ. چوڭ گۇناھ ئۆتكۈزگەنلەرنىڭ ئازابلىنىشى كىچىك گۇناھ ئۆتكۈزگەنلەرنىڭ ئازابلىنىشىغا ئوخشىمايدۇ. ئۇلارنىڭ بەزىسىدىن بىر قىسىم ياخشى ئەمەللىرىنىڭ سەۋەبى بىلەن ياكى ئاللاھ تائالا خاھلىغان باشقا سەۋەبلەر بىلەن ئازاب يەڭگىللىتىلىدۇ.

كۇففارلارمۇ خىلمۇخىل تۈر ۋە مەرتىبىدە بولىدۇ

كۇففارلار كۇفرىنىڭ مىقدارىدا پەرقلىق بولىدۇ. مۇسۇلمانلار بىلەن تىنچلىقتا ياشاپ تۇرۇپ كافىر بولغان ۋە ئاللاھقا شىرك كەلتۈرگەن، لېكىن ئادەم ئۆلتۈرمىگەن، ئوغرىلىق قىلمىغان، پەقەت ئۇلۇغ ئاللاھقا كۇفرىلىق قىلغان، ئەنبىيائلەرنى يالغانغا چىقارغان، شەھۋەتلىرىگە ئەگەشكەن ۋە شەيتانغا ئىتائەت قىلغان كافىرنىڭ جازاسى ھەددىدىن ئاشقان، ئاسىيلىق قىلغان، باشقىلارغا ئەزىيەت بەرگەن، ئەنبىيائلەر بىلەن ئۇرۇش قىلغان، مۇسۇلمانلارغا خىيانەت قىلغان، زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلغان ۋە ئىنسانلارنىڭ يۈز – ئابرۇيىنى تۆككەن كافىرنىڭ جازاسىدىن يەڭگىلدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەبۇ تالىبنىڭ جازاسى ئەڭ يەڭگىل بولىدۇ. ئۇنىڭ ئىككى پۇتىنىڭ ئاستىغا ئىككى چوغ قويۇلىدۇ، بۇنىڭدىن ئۇنىڭ مېڭىسى قاينايدۇ.

دوزاخ ئەھلىنىڭ ئەڭ يەڭگىل ئازابلىنىدىغىنى

نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دوزاخ ئەھلىنىڭ ئىچىدە ئەڭ يەڭگىل ئازابلىنىدىغىنىدىن خەبەر بېرىپ، ئۇنىڭ ھالىنى سۈپەتلەپ بەردى ۋە بىرقانچە ھەدىسلەردە ئۇ ئەڭ يەڭگىل ئازابلىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئۆزىنى ئەڭ قاتتىق ئازابتا دەپ ئويلايدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بەردى.

نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ھەقىقەتەن، دوزاخ ئەھلىنىڭ ئىچىدە ئەڭ يەڭگىل ئازابلىنىدىغىنى ئۇنىڭ ئوتتىن ئىككى كەشى ۋە بوغقۇچى بار بىر كىشى بولۇپ، بۇ ئىككى ئاياغنىڭ قىزىقلىقىدىن ئۇنىڭ مېڭىسى قازان قاينىغاندەك قاينايدۇ» دېگەن(16).

ئابباس ئىبنى ئابدۇلمۇتتەلىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ئۇ زاتنىڭ كافىر ھالەتتە ئۆلۈپ كەتكەن تاغىسى ئەبۇ تالىب ھەققىدە سوراپ: «ئى رەسۇلۇللاھ! تاغىلىرى ئەبۇ تالىبقا قانداق پايدا يەتكۈزدىلە؟ ئۇ سىلىنى قوغداپ سىلى ئۈچۈن ئاچچىقلىناتتى» دېگەندە، نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئۇ ئوشۇققا كېلىدىغان تېيىز ئوتتا، ناۋادا مەن بولمىغان بولسام دوزاخنىڭ ئەڭ ئاستىدا بولغان بولاتتى»(17) دېگەن.

كافىرلارنىڭ ياخشى ئەمەللىرى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا قوبۇل قىلىنمايدىغان تۇرسا، بۇ ئەمەللەر نېمە ئۈچۈن ئۇلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ ۋە ئۇلاردىن ئازابنى يەڭگىللىتىدۇ؟

ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەمەللەرنىڭ قوبۇل بولۇشىنىڭ شەرتى مۇسۇلمان بولۇشتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاللاھ تائالا: ﴿كىمكى ئىسلام (دىنىدىن) غەيرىي دىننى تىلەيدىكەن، ھەرگىز ئۇ (يەنى ئۇنىڭ دىنى) قوبۇل قىلىنمايدۇ، ئۇ ئاخىرەتتە زىيان تارتقۇچىدۇر﴾(3/«ئال ئىمران»: 85) دېگەن.

كافىرلارنىڭ ياخشى ئەمەللىرى ئۇلارنىڭ دوزاختىن چىقىشىغا قارىتا ئۇلارغا مەنپەئەت قىلمايدۇ ۋە قوبۇل قىلىنمايدۇ، لېكىن ئۇلاردىن ئازابنى يەڭگىللىتىدۇ. بۇ نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تاغىسى ئەبۇ تالىبنىڭ ھالىغا ئوخشاشتۇر. ئۇ نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى قوغدىغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭدىن ئازاب يەڭگىللىتىلىدۇ. ئەمما، ئۇ ئاللاھنىڭ بىرلىكىگە ئىشەنمەي، شىرك كەلتۈرۈپ، بۇتقا ئىبادەت قىلغانلىقى ئۈچۈن دوزاختىن قۇتۇلۇپ جەننەتكە كىرەلمەيدۇ. ئۇنىڭ ئازابى ئەڭ يەڭگىل ئازابتۇر. ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇ: ﴿كىمكى ئاللاھقا شىرك كەلتۈرىدىكەن (يەنى ئاللاھتىن غەيرىيگە ئىلاھ دەپ ئېتىقاد قىلىدىكەن)، ئاللاھ ئۇنىڭغا جەننەتنى ھارام قىلىدۇ، ئۇنىڭ جايى دوزاخ بولىدۇ، زالىملارغا ھېچبىر مەدەتكار (يەنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلدۇرغۇچى) بولمايدۇ﴾(5/«مائىدە»: 72).

دوزاخ ئەھلىنىڭ پۇشايمىنى

دۇنيا ئاخىرەتكە نىسبەتەن بىر كىشى دېڭىزغا بارمىقىنى كىرگۈزۈپ چىقارغانچىلىكلا بىرنەرسىدۇر. ئەگەر كۇفرىلىق قىلغۇچىلار ئازابنى كۆرسە، دۇنيانىڭ لەززەتلىرىنى ئۇنتۇپ كېتىدۇ، پۇشايمان قىلىدۇ ۋە كۇفرىلىق قىلغانلىقلىرى ۋە ئېزىپ كەتكەنلىكلىرى ئۈچۈن ھەسرەت چېكىدۇ. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېيتتىكى: «ئاللاھ تائالا ئەڭ يېنىك ئازاب قىلىنىدىغان دەۋزىخىي كىشىگە: ‹ناۋادا يەر يۈزىدىكى بارلىق نەرسە سېنىڭ بولغان بولسا، ئۇنى تۆلەم بېرىش بەدىلىگە ئازابتىن خالاس بولۇشنى خاھلامتىڭ؟› دېسە، ئۇ: ‹ھەئە› دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ:

‹سەن ئاتاڭ ئادەمنىڭ سۇلبىدىكى چېغىڭدا مەن سەندىن بۇنىڭدىنمۇ ئاسان نەرسىنى، يەنى ماڭا شىرك كەلتۈرمەسلىكنى سورىسام، سەن ئۇنىماستىن، ماڭا شىرك كەلتۈرگەن ئىدىڭ› دەيدۇ»(18).

ئادىللىق

كافىرلارنىڭ ھەممىسى كۇفرى بىلەن سۈپەتلەنسىمۇ، قىيامەت كۈنى ئۇلار قىلمىشلىرىغا قارىتا پەرقلىق جازالىنىدۇ.

دوكتور مۇھەممەد ئەلئەرىيفىي

ئۇ دۇنيا

(«قۇرئان» ۋە سەھىھ ھەدىسلەر ئاساسىدا كىچىك قىيامەت ۋە چوڭ قىيامەتنىڭ ھادىسەلىرى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلار)

ئەرەبچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى:

مۇھەممەد بارات


1. ئىبنى كەسىر: «تەفسىرۇ ئىبنى كەسىر»، 14/120.
2. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (7047)؛ مۇسلىم (2275).
3. تەبەرىي: «تەفسىرۇ تەبەرىي»، (21310).
4. تەبەرىي: «تەفسىرۇ تەبەرىي»، (21314).
5. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (3277)؛ مۇسلىم (1079).
6. تەبەرىي: «تەفسىرۇ تەبەرىي»، (509).
7. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (3265)؛ مۇسلىم (2843).
8. مۇسلىم (832).
9. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (536، 537)؛ مۇسلىم (617).
10. مۇسلىم (2842).
11. ئىبنى ھىببان (7468). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «سەھىھ لىغەيرىھى» دېگەن.
12. ئىبنى ھىببان (7432). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «سەھىھ» دېگەن.
13. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (7437)؛ مۇسلىم (182).
14. بۇخارىي (6566).
15. ھاكىم (8734). ھاكىم ۋە زەھەبىيلەر «سەھىھ» دېگەن.
16. مۇسلىم (213).
17. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (3883)؛ مۇسلىم (209).
18. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (6557)؛ مۇسلىم (2805).