151 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئەتراپىمىزدا بەزى قوشكېزەكلەر بار ئىكەن، بېشى ئايرىلغان، ئەمما تېنى ئايرىلمىغان ھالەتتە تۇغۇلغان، ئۇلارنىڭ نىكاھ ۋە باشقا ئىشلىرىدا ئادەتتىكى ئىنسانلارغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىنامدۇ ياكى باشقىچە ھۆكمى بارمۇ؟ مەسىلەن، بېشىدىن باشقا يېرى ئايرىلمىغان (ئوپېراتسىيە قىلىپ ئايرىۋېتىشمۇ مۇمكىن بولمايدىغان) قوشكېزەك قىزلار بىر ئەرگە ياتلىق بولالامدۇ؟ ياكى قوشكېزەك ئاچا-سىڭىل ھېسابلىنىپ نىكاھلىنىشى چەكلىنەمدۇ؟ ئەگەر بۇ خىل قوشكېزەكلەر ئەركىشى بولغان تەقدىردە، ئۇلارنىڭ نىكاھ ۋە مىراس ئىشلىرى قانداق بىرتەرەپ قىلىنىدۇ؟ بىر ئادەم سۈپىتىدىمۇ ياكى ئىككىمۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. نىكاھ بىر شەرئىي توختام بولۇپ، شەرت ۋە ئەركانلىرى (يەنى: رازىلىق، گۇۋاھچىلار، ۋەلىي ۋە مەھر قاتارلىقلار) تولۇق بولسا، توغرا بولىدۇ. تۇتاش قوشكېزەكنىڭ ھەربىرىنىڭ روھىي ۋە ئىرادە مۇستەقىللىق ئەھۋالىغا ۋە جىسمىنىڭ تۇتاشلىق دەرىجىسىگە قاراش لازىم، ئەگەر ھەربىرى ھۆكمەن ئايرىم شەخس دەپ قارالغان ئەھۋالدا، نىكاھ توغرا بولىدۇ. چۈنكى، قوشكېزەكنىڭ ھەربىرىنىڭ شەھۋىتىنى ھالال يول يەنى نىكاھ بىلەن قاندۇرۇش ئىنسانىي ۋە شەرئىي ھەققىدۇر. ھېچكىم قوشكېزەكلەرنى بۇ ھەقتىن مەھرۇم قىلالمايدۇ ھەم ئۇلارنىڭ بۇ ئىشتا گۇناھىمۇ يوق. تەننىڭ تۇتاشلىقى توختامنى ناتوغرا قىلىۋېتەلمەيدۇ. شۇڭلاشقا ھەربىر تېنى تۇتاش قوشكېزەكنىڭ تەن تۇتاشلىق ئەھۋالىغا قاراپ تەپسىلىي ۋە ئايرىم ھۆكۈم بېكىتىلىدۇ.
ئەمما، ئەر – خوتۇنلۇق مۇناسىۋەتنى قانداق ئېلىپ بېرىش بولسا شەخسىي تازىلىق قىلىش، ھاجەت قىلىش ۋە يۇيۇنۇشتەك تۇرمۇشقا ئالاقىدار ئىشلار بولۇپ، بۇ ئىشلار شەرىئەتنىڭ «زەرەر يوقىتىلىدۇ»، «زۆرۈرىيەت چەكلەنگەننى مۇباھ قىلىدۇ» ۋە «ئىككى زىياننىڭ بىرىدىن ساقلانغىلى بولمىسا ئەڭ يەڭگىلى تارتىش ئارقىلىق ئېغىرىدىن ساقلىنىش كېرەك» دېگەندەك ئومۇم ۋە كۇللىي قائىدىلىرىگە بويسۇنىدۇ. شۇڭا، قوشكېزەكنىڭ نىكاھلانغىنى ئەر – خوتۇن بىللە بولغاندا قوشكېزىكى مۇمكىنقەدەر ئەۋرەتكە قاراشتىن ساقلىنىشى كېرەك بولىدۇ.
تۇتاش قوشكېزەكنىڭ نىكاھلىنىشى مەسىلىسىدە فۇقاھائلىرىمىز قەدىمدىن تارتىپ توختالغان بولۇپ، قەدىم فىقھ كىتابلىرىدا «كىندىكىنىڭ ئاستى بىر ئايالدەك، ئۈستى ئىككى ئايالدەك يارىتىلغان بىر ئايال ھەققىدە ئىستىنجا قىلىپ، ئىككى يۈزىنى، تۆت قولىنى ۋە ئىككى پۇتىنى يۇيىدۇ، ئىككى باشقا مەسھ قىلىدۇ، نىكاھ قىلىنىپ، جىما قىلىنىدۇ. مۇبادا بۇ ئايالنىڭ ئورنىدا ئەر كىشى بولسا ياكى ھەربىرى ئەزالىرى تولۇق، لېكىن تېنى تۇتاش ئىككى ئەر ياكى ئىككى ئايال ياكى بىرى ئەر، بىرى ئايال بولسىمۇ ھەربىرى توي قىلسا بولىدۇ، مۇمكىنقەدەر ئېچىلىپ قالماسلىققا تىرىشىدۇ» دەيدۇ. فۇقەھائلىرىمىز يەنە تۇتاش قوشكېزەكلەرنىڭ ھەج، ناماز، روزا، ئېمىتىش، قىساس ۋە دىيەت… قاتارلىق ئەھكاملىرى ھەققىدىمۇ توختالغاندۇر. قاراڭ: شەمسۇددىن ئەلھەتتاب: «مەۋاھىبۇل جەلىل»، 1/280؛ ئەلبۇجەيرەمىي: «ھاشىيە ئەلە ئەتتۇھفە»، 9/423. ھازىرقى زاماندىمۇ فۇقاھائلاردىن ۋە مىسىر «دارۇل ئىفتاﺋ» قاتارلىق پەتۋا مۇئەسسەسەلىرىدىن تېنى تۇتاش قوشكېزەكلەر توي قىلسا بولىدىغانلىقى ھەققىدە پەتۋالار بېرىلگەندۇر. ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب.
152 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! سالامەت تۇرۇپلىمۇ؟ مەن بىر يۈك ماشىنا شوپۇرى شەھەرلەر ئارىسى ماڭىمەن، كۆپىنچە ۋاقىتتا ئىستانبۇل ئىچى ئاناتولىيە تەرەپتە ياكى سىلىۋرى ۋە چەركەزكۆي تەرەپلەردە ئىشلەيمەن. بۇ ئىشتا ئىشلەيدىغان ئۇيغۇر قېرىنداشلاردىنمۇ خېلى بار، كۆپ ۋاقىتلاردا نامازنى قەسىر قىلىش ۋە جەملەش مەسىلىلىرىنى ئېنىق بىلەلمەي قالىمىز، سەپەر مۇساپىسىنىڭ باشلىنىشىنى بەزىلىرىمىز ساپاكۆيدىن باشلىسا، بەزىلىرىمىز پەندىك تەرەپتىن، يەنە بەزىلىرىمىز ئىستانبۇل بوغۇزىدىن ۋە يەنە ئۆيىدىن باشلاپ ھېسابلايدىغانلارمۇ بار، ھەتتا قەسىر قىلمايدىغان قېرىنداشلارمۇ بار. شۇڭا، بەزىلىرىمىزنىڭ ھېسابىدا قەسىر بولسا بەزىلىرىمىزنىڭكىدە بولمايدىغان ئەھۋاللار بولىدىكەن.
(ئىستانبۇل دىن يىراقراق نەچچە شەھەر ئاتلايدىغان جايلارغا بارساق ئېنىق بىلگىلى بولغان بىلەن ئىستانبۇلدەك ئىككى تەرىپى سەپەر مۇساپىسىدىن ئاشىدىغان چوڭ شەھەردە قانداق قىلىشنى بىلەلمەي قالىدىكەنمىز)
تۈركىيە دىيانەتنىڭمۇ بىرنەچچە خىل پەتۋاسى بار ئىكەن. قايسىنى تۇتۇشنى بىلەلمىدۇق، بىلىشىمچە شوپۇر قېرىنداشلار ئاساسەن ساپاكۆي، باشاقشەھەر، زەيتۇنبۇرنۇ، ئەسەنيۇرت، سېلىم پاشا، سۇلتانبەيلى تەرەپلەردە ئولتۇرىدۇ. مۇشۇ رايونلارنىڭ قەسىر مۇساپىسىنىڭ قەيەردىن باشلانسا توغرا بولىدىغانلىقىنى تەپسىلىيرەك ۋە ئېنىقراق قىلىپ دەپ بەرگەن بولسىلا. (مەسىلەن: پالانى يەرنىڭ پالانى يەرلىرىدىن باشلاپ سەپەر مۇساپىسىنى ھېسابلىساق بولىدۇ دېگەندەك) ئاللاھ رازى بولسۇن.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق ئەلھەمدۇلىللاھ. 133 – سوئالنىڭ جاۋابىدا كۆرسىتىلگىنىدەك: سەپەرنىڭ مۇساپىسى كۆپچىلىك ئالىملار تەرىپىدىن 85 كىلومېتىر قىلىپ بېكىتىلگەن بولۇپ، سەپەر بولۇشى ئۈچۈن مۇشۇ مۇساپىنى بېسىش نىيىتىدە تۇرۇۋاتقان شەھەر بىنالىرىدىن ئايرىلغان بولۇشى شەرت قىلىنغان. بۇ ئارىلىق ئۆيدىن ھېسابلانمايدۇ، بەلكى تۇرۇۋاتقان كەنت ياكى رايون سىرتىغا چىققاندىن باشلاپ، يەنە بىر شەھەر ياكى رايون سىرتىغا بارغۇچە بولغان ئارىلىق ھېسابلىنىدۇ. يەنى ئىككى شەھەر ئارىلىقى 85 كىلومېتىردىن ئېشىشى لازىم. بۇ شەرتلەرگە ئاساسەن، ئىستانبۇل ياكى قاھىرە، ياكى توكيوغا ئوخشاش چوڭ شەھەرلەر ئىچىدە 85 كىلومېتىردىن كۆپ يول يۈرسىمۇ بۇ سەپەر ھېسابلانمايدۇ. چۈنكى بۇ ئىشلىرىنى پۈتتۈرۈش ئۈچۈن شەھەر ئىچىدە ئايلىنىپ يۈرۈش بولۇپ، شەرىئەتتىمۇ، ئۆرپىمىزدىمۇ سەپەر ئەمەستۇر. شۇڭلاشقا تۇرۇۋاتقان شەھەردىن قوشنا شەھەرلەرگە سەپەر قىلغاندا، شەھەر بىنالىرى تۇتۇشۇپ كەتكەن بولسا، ئىككىسى ياكى ھەممىسى بىر شەھەر ھۆكمىدە بولۇپ، گەرچە 85 كىلومېتىردىن كۆپ يول يۈرسىمۇ بۇ سەپەر ھېسابلانمايدۇ. نەتىجىدە ناماز قەسىر قىلىنمايدۇ ۋە جەملەنمەيدۇ، رامازاندا ئېغىز ئېچىش رۇخسىتى بېرىلمەيدۇ. ئايال كىشىگە مەھرەم تەلەپ قىلىنمايدۇ. ئەمما، ئۆز شەھرىدىن چىققاندا شەھەر بىنالىرى ئۈزۈلۈپ قالغان تەقدىردە، ئاندىن 85 كىلومېتىر مۇساپىگە يۈرۈش سەپەر بولىدۇ. قەسىر قىلىپ ئوقۇشمۇ يۇقىرىقى ئۆلچەم ئاساسىدا بولىدۇ.
يۇقىرىقى جاۋابتىن مەلۇم بولىدۇكى، ساپاكۆي، باشاقشەھەر، زەيتۇنبۇرنۇ، ئەسەنيۇرت، سېلىم پاشا، سۇلتانبەيلى تەرەپلەردىن 85 كىلومېتىر ۋە ئۇنىڭدىن ئارتۇق مۇساپىگە يولغا چىققان قېرىنداشلار ئىستانبۇل شەھەر سىرتىغا چىققاندا يەنى شەھەر بىنالىرى ئۈزۈلۈپ، شەھەرنىڭ بىر چېكى دەپ قارالغان يەردىن قەسىرنى ۋە جەملەشنى باشلاپ، تاكى ئىستانبۇل شەھرىگە قايتىپ كىرگۈچە قەسىر قىلىپ، جەملەشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. شەھەر دائىرىسىگە كىرگەندە ئۆيىگە يېتىپ بارمىسىمۇ نامازنى تولۇق ئوقۇيدۇ. ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب.
153 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئوبدان تۇرۇۋاتاملا؟ يوگا ۋە مېدىتاسيوننى جائىز ئەمەس دەپ ئوقۇدۇم. ئۇنداقتا «سۇفىي مېدىتاسيونى» دەپ ئاتالغان مۇراقەبە جائىز بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق ئەلھەمدۇلىللاھ. تەسەۋۋۇفتىكى مۇراقەبە / كۆزىتىش ۋە نازارەت قىلىش نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: « ئېھسان دېگەن ئاللاھقا خۇددى ئۇنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتقاندەك ئىبادەت قىلىشىڭ، گەرچە سەن ئۇنى كۆرمىسەڭمۇ، ئۇ سېنى كۆرۈپ تۇرىدۇ» دېگەن سۆزىگە ئاساسلىنىدىغان بولۇپ، تەسەۋۋۇف ئىستىلاھىدا: سالىك پىر ئۇستازىدىن ئالغان روھىي ئىرشادنى ئۆزلەشتۈرۈش نىيىتىدە ئۆزىنى مەلۇم مۇددەت دۇنيا مەشغۇلاتلىرىدىن نېرى تۇتۇپ، ئۆزىدىكى ئاڭ نۇقتىلىرىغا دىققىتىنى يىغىپ چوڭقۇر ئويلىنىش ۋە پىكىر يۈرگۈزۈش گىمناستىكىسى قىلىشنى يەنى تەئەممۇل ۋە تەپەككۇر قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. ئىمام رەببانىي ۋە شەيخ ئالائىددىن ئەلئەتتار قاتارلىق تەسەۋۋۇف پېشۋالىرى ئېيتقاندەك، بۇ تەپەككۇر ئۇنىڭ ئاللاھنى تونۇشىغا ۋە ئاللاھقا يېقىنلىشىشىغا يول ئېچىپ بېرىدۇ. قەلبى ئاكتىپلىشىدۇ ۋە ئويغىنىدۇ. قەلبى ئويغانسا، تۈرلۈك ئوي – خىياللار بېسىقىپ، مۈگدەك باسىدۇ. نەپس ئۈستۈن ئالەمگە يۈزلىنىدۇ. نەپس ئۆزىنى ئۇنۇتىدۇ. بۇ ھالەتتە ئۇ چۈش ۋە پەردە ئارقىلىرىنى كۆرەلەيدۇ. بۇ خىل مۇراقەبە مەقامى ئارقىلىق بەندە ئاللاھنىڭ خەلىپىسىلىك مەقامىغا يېتەلەيدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن يوگا قائىدىلىرىنى ۋە ئولتۇرۇشلىرىنى قىلىشى كېرەك ئەمەس. دېمەك بۇ يوگا ۋە بۇتپەرەسلىك ۋە كۇفۇر قىلمىشلار بىلەن ھېچ ئالاقىسىز.
ئۇنداق بولغانىكەن، يۇقىرىقى تەسەۋۋۇف مۇراقەبەسىنى مېدىتاسيون دەپ ئاتىسۇن ياكى ئاتىمىسۇن، ئۇنىڭغا كۇفۇر ۋە شىرك ئېتىقاد، مەلۇم شەكىلدە ۋە ئۇسۇلدا ئولتۇرۇپ ئادا قىلىشتەك براخمانىزم بىلەن بۇددىزم قائىدە – تەرتىپلىرى ئارىلاشسا، ئۇنىڭ ھۆكمى يوگا مېدىتاسيونىغا ئوخشاش كۇفۇر ۋە ئازغۇنلۇق بولىدۇ. پەقەت ئارىلاشمىسا ئاندىن يوگا بىلەن ئالاقىسىز تەسەۋۋۇف مۇراقەبەسىدىن ئىبارەت مۇباھ ئىش بولىدۇ. ئەگەر بۇنداق بولغىنىدا نەتىجىدە بۇ يوگا مېدىتاسيونى قائىدە – تەرتىپ ۋە پرىنسىپلىرىغا زىت بولىدۇ- دە ئۇنى «سۇفىي مېدىتاسيونى» دەپ ئاتىۋېلىش ئۇنى يوگا مېدىتاسيونى بىلەن چېتىپ قويۇشقا ۋە خاتا چۈشىنىشكە سەۋەب بولىدۇ. شۇڭا، ئۇنى ئۆز ئىسمى بىلەن «مۇراقەبە» دەپ ئاتاش كېرەك. ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب.

