مېدىتاسيون، يوگا ۋە گىپنوز قاتارلىقلارنىڭ ھۆكمى

مېدىتاسيون، يوگا ۋە گىپنوز قاتارلىقلارنىڭ ھۆكمى

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز، پسىخولوگىيەلىك داۋالاشتا دەرد – ئەلەمنى يەڭگىللىتىش، ئاغرىقنى پەسەيتىش، تۇنجۇققان ھېس – تۇيغۇلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش ۋە نەپس بىلەن ئۇيغۇنلىشىش دېگەندەك مەقسەتلەردە مېدىتاسيون، يوگا ۋە گىپنوز قاتارلىق ئىشلار ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. بۇلارنىڭ ھۆكمى نېمە؟ ئەقىدىمىزگە بىۋاسىتە تەسىرى بارمۇ؟ بۇ ئىشلارغا قاتنىشىش توغرىمۇ، خاتامۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ!

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

مېدىتاسيون ياكى مېدىتەيشىن (Meditation) ئومۇمەن زېھنىي سەگەكلىك (Mindfulness)، دىققەتنى يىغىش (Concentration)، چارچاشنى يەڭگىللىتىپ ئاڭنى چېنىقتۇرۇش قاتارلىق مەقسەتلەردە چوڭقۇر ئويلىنىش ۋە پىكىر يۈرگۈزۈش گىمناستىكىسىدىن ئىبارەت دېيىشكە بولىدۇ. ئايرىم ئىلمىي تەتقىقاتلار مېدىتاسيون (چوڭقۇر ئويلىنىش) گىمناستىكىسىنىڭ دەرد – ئەلەم، ئىچ سىقىلىش ۋە ئاغرىقنى يەڭگىللىتىشتەك بەزىبىر پايدىلىرىنىڭ بارلىقىغا ئىشارە قىلسىمۇ، بەزىبىر تەتقىقاتلار بۇ تۈرلۈك ئۇسۇللارنىڭ يەنىلا دورا، تەنتەربىيە ۋە باشقا داۋالاش ئۇسۇللىرىدىن ئالاھىدە ئەۋزەل دەيدىغان پاكىتنىڭ يوقلۇقىنى، ھەتتا چارچاش ۋە باشقا تۈرلۈك زىيانلىق يان تەسىرلىرىنىڭمۇ بارلىقىنى تەكىتلەيدۇ. مېدىتاسيون (چوڭقۇر ئويلىنىش) ئۆز ئىچىدە مانترا (Mantra)(1)، مايندفۇلنېس (Mindfulness)، يوگا (Yoga)، تەيجى ( Tai Chi) ۋە يەل گۇمپىسى (Qi Gong) قاتارلىقلارغا ئايرىلىدۇ.

مېدىتاسيون تۈرلىرىنىڭ ھەربىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا پەلسەپەسى، ئۇسۇل – قائىدىلىرى بولۇپ، ئومۇمەن مېدىتاسيون بىلەن شۇغۇللانغۇچى زېھنىگە مەلۇم بىرنەرسىنى كەلتۈرۈپ، پۈتۈن دىققىتىنى شۇنىڭغا مەركەزلەشتۈرگەن ۋاقتىدا كۆزى تەسەۋۋۇرىدىكى سۈرەتتىن باشقا ئەتراپتىكى ھېچقانداق نەرسىنى كۆرمەيدىغان ھالغا كېلىدۇ. بۇنى جىمجىت، يورۇقلۇق ۋە ئىسسىقلىق ناھايىتى نورمال ۋە تەبىئىي مۇھىتتا، ھاۋاسى ساپ جايدا تىك ئولتۇرۇپ رىتىملىق ھالدا چوڭقۇر ۋە ئاستا نەپەس ئېلىش بىلەن قىلىدۇ(2).

لېكىن بۇنىڭ شەرئىي ھۆكمىگە كەلسەك، چوڭقۇر ئويلىنىش دېگىنىمىز تەپەككۇر قىلىش ۋە پىكىر يۈرگۈزۈشتىن ئىبارەت بولۇپ، چوڭقۇر ئويلىنىشنىڭ ئۆزى توغرا بىر ئىش بولسىمۇ، بىراق بۇنىڭدا مەسىلە كۇفۇر ۋە شىرك ئېتىقادقا بېرىپ تاقىلىدۇ. چۈنكى، مېدىتاسيون تۈرىدىكى چوڭقۇر ئويلىنىش ۋە تەپەككۇر قىلىش مەلۇم ۋاقىت، مەلۇم ھالەتتە ئېلىپ بېرىلىدىغان بۇتپەرەستلەرنىڭ دىنىي ئىبادىتىگە چېتىلىدۇ.

قانداق دېگەندە، براخمانىزم بىلەن بۇددىزم ئېتىقادىدا چوڭقۇر ئويلىنىش تەلەپ قىلىنىدىغان يوگا قاتارى چېنىقىشلار ئارقىلىق دۇنياۋى بولغان جىمى نەرسىلەردىن يالىڭاچلىنىپ خۇدا (ياكى جاھانشۇمۇل روھ) بىلەن بىرلەشكىلى بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن روھلار ئارام تاپىدۇ ۋە تەپەككۇر ئۇسۇلى تەرەققىي قىلغان بولىدۇ. مانا بۇلار ئازغۇنلۇق ۋە كۇفۇر ئېتىقادتۇر. مەزكۇر دىنلاردا يوگا گىمناستىكىسى بىرخىل ئىبادەت شەكلى بولۇپ، ئۇ پەقەت چوڭقۇر ئويلىنىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ. مەسىلەن، سەھىھ ھەدىسلەردە سەجدە قىلىش چەكلەنگەن كۈن چىقىۋاتقان ۋاقىتتا قۇياشقا سەككىز ئەزا بىلەن سەجدە قىلىش ياكى سالام بېرىش، مەلۇم ئىبارىلەرنى خۇددى زىكىر قىلغاندەك تەكرارلاۋېرىش، مەلۇم تەرىقىدە 10 خىل ئولتۇرۇش ۋەھاكازالار . يوگانى ھېلىقى شىرك ۋە بۇتپەرەس «زىكىر»، «سەجدە – سالام» ۋە شۇ قاتارى «ئەمەللەر»دىن تازىلاپ ئېلىپ بېرىش بولسا ئۆزىگە تالىق قائىدە ۋە تەرتىپكە زىت كېلىپ، چوڭقۇر ئويلىنىشنىڭ پەلسەپەسىگە خىلاپ بولىدۇ ۋە گۇرۇ (Guru) ياكى براخمانلار نەزەرىدىكى مېدىتاسيون (چوڭقۇر ئويلىنىش) بولماي قالىدۇ – دە، ئۇنىڭدىن كۆزلەنگەن «ئۈنۈم» ھاسىل بولمايدۇ، شۇغۇللانغۇچى پەقەتلا بەزىبىر بىمەنە ھەرىكەتلەر بىلەن مەشغۇل بولغۇچى بولىدۇ، خالاس.

بۇ خىل چېنىقىش ئۇسۇلى ئاشۇنداق ئازغۇنلۇق ۋە خۇراپاتلىق ئۈستىگە قۇرۇلغانىكەن، مۇسۇلمان كىشى ئۇنىڭ بىلەن شۇغۇللانسا قەتئىي بولمايدۇ. ھەتتا ئۇنىڭدىكى كۇفۇر ئىبارىلەر ئورنىغا قۇرئان ئوقۇسىمۇ، ئىسلامچە زىكىر قىلسىمۇ توغرا بولمايدۇ. چۈنكى، بۇ چوشقا گۆشىنى پاكلىغىلى بولمىغىنىدەك مۇمكىن بولمايدىغان ئىش.

مۇسۇلمانلار پەقەت ئەركىن – ئازادە ئويلىنىش، تەپەككۇر ۋە ئانالىز قىلىش ئارقىلىق زېھنىنى، ئەقلىنى چېنىقتۇرۇشى كېرەك. كۆڭۈللىرىنى قۇرئان ئوقۇش، ئاللاھنى ياد ئېتىش، ھالال كىرىم قىلىش ۋە بىر – بىرىگە ھەقنى تەۋسىيە قىلىش ئارقىلىقلا ئارام تاپقۇزىدۇ.

گىپنوز (Hypnosis): بەزىبىر تېخنىكىلارنى قوللىنىش ئارقىلىق سېزىملارنى غىدىقلاش ئارقىلىق ئىنساندا پەيدا بولىدىغان ئىدىيەدىكى بىر خىل تىنچ ۋە ئۆزىنى قويۇۋەتكەن، ئاڭ غۇۋالىشىدىغان پسىخىكىلىق ھالەت بولۇپ، بۇ ئەھۋالدىكى ئىنسان ئۇخلىمىغان، ئەمما ئۇخلىغاندەك يېرىم ئۇيقۇ ھالەتتە باشقىلارنىڭ بەرگەن بۇيرۇق – ئىشارەتلەرىگە ئاڭسىز ئىنكاسچان ھالىتىنىڭ پەيدا بولۇشىنى كۆرسىتىدۇ. گىپنوزلانغۇچى گىپنوز ئۇستىسىنىڭ ئىشارىسى ۋە كۆرسەتمىسىگە بويسۇنۇپ، ماس ھالدا ئىنكاس قايتۇرىدۇ(3).

ئىلگىرىكى دەۋرلەردە گىپنوز سېھىر ۋە باشقا ھارام ئۇسۇللاردا ئېلىپ بېرىلىدىغان بولسىمۇ، ھازىرقى دەۋردە ئادەتتىكى ئەھۋالدا داۋالىنىشنى رەت قىلغان بىمارنى داۋالىنىشنى قوبۇل قىلدۇرۇپ، بۇرۇنقى سەلبىيلىكىدىن ياندۇرۇشتەك پايدىسى بار ئىلمىي داۋالاش ئۇسۇلىغا ئايلانغان. بۇ خىل داۋالاش ئىلمىي ئۇسۇل بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆزىگە يارىشا ئۇسۇل – قائىدىلىرى، شۇنداقلا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى بار.

ھەر مەسلەك – كەسپتە ياخشى كەسپ ئەھلىلىرىنىڭ بولغىنىدەك ئىنتايىن ئاز ساندا بولسىمۇ ناچار تەبىئەتلىك كەسپ ئەھلىلىرىنىڭ بولۇشىنىمۇ ئىنكار قىلىش مۇمكىن ئەمەس. يېقىنقى يىللاردىن بېرى تېلېۋىزور ۋە تۈرلۈك تاراتقۇ ۋاسىتىلىرىدە گىپنوز «ماھارىتى» كۆز – كۆز قىلىنىشقا، ھەۋەس قىلغۇچىلار نوقۇل مۇشۇ ھەقتە ئىزدىنىپ، گىپنوز ئىلمىنى خۇددى سېھىرگەرلىكنىڭ بىر تۈرىگە ئايلاندۇرۇپ قويدى. گىپنوز قىلىنغۇچى ئۆز ئىرادىسىدىن مەھرۇم بىر ھالەتتە قارشى تەرەپنىڭ پۈتۈن بۇيرۇقلىرىغا تامامەن بويسۇنۇش ئىچىدە بولىدىغان، سۈيىئىستېمال ئوڭايلىقى شەكىللەنگەن بولىدۇ – دە ئايرىم پسىخىكىسى بۇزۇق دوختۇر ياكى پسىخولوگلار گىپنوزدا بەزىبىر بولمىغۇر ئىشلارنى سادىر قىلىپ، كىشى ياكى كىشىلەرگە زىيانكەشلىك قىلغان ئەھۋاللار كۆرۈلگەن، شۇڭا، بەزى ئالىملار گىپنوزنىڭ ھەددىن زىيادە خېيىم – خەتىرىنى كۆزدە تۇتۇپ «ھارام» دەپ پەتۋامۇ بەردى. دېمەك، گىپنوز زۆرۈرىيىتى تۇغۇلغانلىقى كەسپىي دوختۇر تەرىپىدىن بىلدۈرۈلسە، ئىشەنچلىك دوختۇر/پسىخولوگلارنىڭ قانۇنلۇق كېسەل كۆرۈش ئورۇنلىرىدا شەرئەن مەھرەم/نامەھرەم مەسلىلىرىگە مۇتلەق رىئايە قىلغان ئاساستا گىپنوز بىلەن داۋالاشقا قاتنىشىش جائىزدۇر.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب/ ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1444 – جەمادىيەلئەۋۋەل 25 / م. 2022. 12. 19


1. مانترا سانسىكرىتچە ھەجە/بوغۇم ياكى شېئىرلەر مەنىسىدىكى مانتىرا دېگەن سۆزدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، مانترا مېدىتاسيونى بىرەر بوغۇم سۆز ياكى شېئىرنى توغرا تەلەپپۇز قىلىش ۋە قايتا – قايتا تەكرارلاۋېرىش ئارقىلىق كىشىنى مەۋجۇد ھالىتىدىن يىراقلاشتۇرۇپ، زېھنىي جەھەتتىن خاتا تۇيغۇغا كىرگۈزىدۇ ۋە خىيالىي ھالغا كەلتۈرۈپ قويىدۇ.
2. Meditation Programs for Psychological Stress and Well-being: A Systematic Review and Meta-analysis, JAMA Intern Med. 2014 Mar; 174(3): 357-368.
3. پاول برىيمېر: «گىپنوز قىلىش»، 5 – 16 – بەتلەر، ئەرەبچە نەشرى، ھىلال كۇتۇبخانىسى، قاھىرە. م. 2010.

Please follow and like us: