ھۆكۈمدار ۋە رەئىييەت مۇناسىۋەتلىرىدە

ھۆكۈمدار ۋە رەئىييەت مۇناسىۋەتلىرىدە

ھۆكۈمدار ۋە رەئىييەت مۇناسىۋەتلىرىدە

ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي

 

رەئىييەتكە يالغان ئېيتىش چوڭ گۇناھلار قاتارىدىندۇر

ھۆكۈمدارنىڭ رەئىييەتتىكى ئورنى ئاتىنىڭ بالىلار ئالدىدىكى ئورنىغا ئوخشاش بولۇپ، ئۇ ئۇلارغا ئىشىنىشى، ئۇلارغا سەمىمىي كۆيۈنۈشى، ئۇلارنى پايدىلىق ئىشلارغا باشلىشى ۋە پەرۋەردىگارىنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرىدىغان يامان ئىشلاردىن توسۇشى كېرەك. شۇنداقلا ئۇلارغا يالغان ئېيتماسلىقى، ئۇلارنى گوللاپ ئازدۇرماسلىقى لازىم.

ھارام ئىشلارنىڭ ئەڭ چوڭلىرىدىن بىرى، ھۆكۈمدارنىڭ رەئىييەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى يالغانچىلىق ۋە ئېزىقتۇرۇش ئۈستىگە قۇرۇشىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دەيدۇ: «ئۈچ تۈرلۈك كىشى بار بولۇپ، قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۇلارغا گەپ قىلمايدۇ، چىرايلىرىغا قارىمايدۇ، ئۇلارنى گۇناھلىرىدىن پاكلىمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ. ئۇلارنىڭ بىر تۈرى، زىناخور بوۋاي؛ يەنە بىر تۈرى، كاززاپ پادىشاھ؛ ئۈچىنچى تۈرى، ھاكاۋۇر يوقسۇلدۇر»(1).

چۈنكى، ياش يىگىتنىڭ زىنا قىلىپ سېلىشىغا تۈرلۈك باھانىلەر كۆرسىتىلىشى مۇمكىن؛ ئادەتتىكى بىر ئىنساننىڭ يالغان ئېيتىشىمۇ كەچۈرۈۋېتىلىشى مۇمكىن؛ مال – مۈلكى بىلەن كۆرەڭلىگەن باينىڭ ھاكاۋۇرلىقىنىڭ سەۋەبىنىمۇ توغرا چۈشەنگىلى بولۇشى مۇمكىن. لېكىن، ياشانغان بىر كىشىنىڭ زىنا قىلىشى، مەسئۇل ھۆكۈمدارنىڭ رەئىييەتكە يالغان ئېيتىشى ۋە بىر كىشىنىڭ بىرەر ماددىي سەۋەب تېپىلمىغان تەقدىردىمۇ تەكەببۇرلۇق قىلىشى ھالاكەتكە يۈزلەندۈرگۈچى چوڭ گۇناھلارنىڭ دەل ئۆزىدۇر.

ھەزرىتى مەئقىل ئىبنى يەسار رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن مۇنداق ئاڭلىغانلىقىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «ئاللاھ بىرەر خەلققە ھۆكۈمدار قىلغان كىشى قول ئاستىدىكىلەرنى ئالدىغان ھالدا ۋاپات بولسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا جەننەتنى ھارام قىلىدۇ»(2).

فاسىقلارنى سىرداش قىلىۋالماسلىق

مۇسۇلمان ھۆكۈمدارنىڭ ھەرقانچە ئۇنى قوللاپ – قۇۋۋەتلەيدىغان، ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى قوغدايدىغان بولسىمۇ، يېنىغا فاسىق سىرداشلارنى ئەكىلىۋېلىشى ھارامدۇر. چۈنكى، فاسىق سۆزى بىلەن قىلمىسىمۇ ئەمەلىي ھەرىكىتى ۋە يۈرۈش – تۇرۇشى بىلەن فىسقى – فۇجۇرنى چىرايلىق كۆرسىتىپ ئۇنىڭغا قىزىقتۇرىدۇ. فاسىق كىشى ھەقنى ئەمەس، نەپسى خاھىشىنى، مەجبۇرىيىتىنى ئەمەس مەنپەئەتىنى، خالىقنى ئەمەس، مەخلۇقنى كۆز ئالدىدا تۇتىدۇ. شۇڭلاشقا ئۇ خاتىرجەم بولۇشقا، تايىنىشقا ۋە ئىش تاپشۇرۇشقا يارىمايدۇ. چۈنكى، ئۇنى يامانلىقتىن ئەخلاقمۇ، دىنمۇ توسۇپ قالالمايدۇ. ھەقىقەتەن، پاسىققا ئۆزىنىمۇ ۋە خوتۇن – بالىلىرىنىمۇ تاپشۇرۇشقا بولمايدىغان تۇرسا، ئۇنىڭغا ھۆكۈمەت ئىشلىرى ۋە دۆلەت سىرلىرىنى قانداقمۇ تاپشۇرغىلى بولسۇن؟!

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ قانداق بىر پەيغەمبەر ئەۋەتىدىكەن ياكى بىر خەلىپە — ئىزباسار تەيىنلەيدىكەن، ئۇنىڭ ئۆپچۆرىسىدە چوقۇم ئىككى تۈرلۈك سىرداش ياردەمچىسى بولىدۇ: بىرى، ئۇنى ياخشىلىققا بۇيرۇپ، ئۇنىڭغا قىزىقتۇرىدىغان سىرداش ياردەمچىسى، يەنە بىرى، ئۇنى يامانلىققا بۇيرۇپ، ئۇنىڭغا قىزىقتۇرىدىغان سىرداش ياردەمچىسى. گۇناھتىن ساقلاپ قېلىنغان كىشى دېگەن ئاللاھ ساقلاپ قالغان كىشىدۇر» دەيدۇ(3).

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە مۇنداق دېگەن: «ئەگەر ئاللاھ بىرەر باشلىققا ياخشىلىقنى ئىرادە قىلسا، راستچىل كىشىنى ئۇنىڭ ياردەمچىسى قىلىپ بېرىدۇ. ئەگەر ئۇ بىرەر ئىشنى ئۇنتۇپ قالسا، ياردەمچىسى ئۇنى ئەسلىتىپ تۇرىدۇ. ئەگەر ئۇ ئىش ئۇنىڭ ئېسىدە بولسا، ياردەمچىسى ئۇنىڭ ئۇ ئىشنى بېجىرىشىگە ياردەم قىلىدۇ. ئەگەر ئاللاھ بىرەر باشلىققا ياخشىلىقنى ئىرادە قىلمىسا، ناچار كىشىنى ئۇنىڭ ياردەمچىسى قىلىپ بېرىدۇ. ئەگەر ئۇ بىرەر ئىشنى ئۇنتۇپ قالسا، ياردەمچىسى ئۇنى ئۇنىڭغا ئەسلەتمەيدۇ. ئەگەر ئۇ ئىش ئۇنىڭ ئېسىدە بولسا، ياردەمچىسى ئۇنىڭ ئۇ ئىشنى بېجىرىشىگە ياردەم قىلمايدۇ»(4).

كافىرلارنى سىرداش قىلىۋالماسلىق

ھۆكۈمدارلارنىڭ كافىرلارنى دوستلۇق ئىزھار قىلىدىغان، سىرلىرىنى تۆكۈپ بېرىدىغان، چارە – تەدبىر ۋە پىلانلاشتا مەسلىھەتىنى ئالىدىغان سىرداش قىلىۋېلىشى تېخىمۇ خەتەرلىك ۋە تېخىمۇ ئېغىر گۇناھتۇر. فاسىق مۇسۇلماندىنمۇ خاتىرجەم بولغىلى ياكى سىرداشلىقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدىغان تۇرسا، ئىسلامغا مۇخالىپ بولغان كافىر خاتىرجەملىكتىن ۋە كاپالەتتىن ئەلبەتتە تېخىمۇ يىراقتۇر. بۇ ھەقتە «قۇرئان كەرىم» ئاگاھلاندۇرۇپ ۋە بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئۆزۈڭلاردىن بولمىغانلارنى (يەنى مۇناپىقلارنى) سىرداش قىلىۋالماڭلار! ئۇلار سىلەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشتا بوشاڭلىق قىلىپ قالمايدۇ، ئۇلار سىلەرنىڭ مۇشەققەتتە قېلىشىڭلارنى ئارزۇ قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ دۈشمەنلىكى ئېغىزلىرىدىن مەلۇم بولۇپ تۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ دىللىرىدا يوشۇرغان دۈشمەنلىكى تېخىمۇ چوڭدۇر. شۈبھىسىزكى، ئەگەر چۈشىنىدىغان بولساڭلار، سىلەرگە نۇرغۇن ئايەتلەرنى بايان قىلدۇق﴾(3/«ئال ئىمران»: 118).

مۇسۇلمان بىر ھۆكۈمدارنىڭ مۇسۇلمانلارنى ياردەمچى، مۇشاۋىر قىلماي، مۇسۇلمانلارغا ئارقىنى قىلىۋېلىشى، كافىرلارغا ئالدىنى قىلىپ ئۇلارنى دوست ۋە سىرداش مۇشاۋىر قىلىۋېلىشى، ھەقىقەتەن، ئىنتايىن چوڭ جىنايەت ۋە ئېغىر گۇناھتۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿ئى ئىمان ئېيتقانلار! مۇئمىنلەرنى (دوست تۇتۇشنى) قويۇپ، كافىرلارنى دوست تۇتماڭلار! سىلەرنىڭ زىيىنىڭلارغا (يەنى مۇناپىق ئىكەنلىكىڭلارغا) ئاللاھنىڭ روشەن پاكىتى بولۇشىنى خاھلامسىلەر؟﴾(4/«نىساﺋ»: 144) ﴿ئى ئىمان ئېيتقانلار! مېنىڭ دۈشمىنىمنى ۋە سىلەرنىڭ دۈشمىنىڭلارنى دوست تۇتماڭلار!﴾(60/«مۇمتەھىنە»: 1)

ئىسلام دىنى كافىرلاردىن ئۇلار ماھىر بولغان دۇنياۋى ئىشلاردا ياردەم ئېلىشنى ھارام قىلمايدۇ، لېكىن مۇئمىنلەرنى قويۇپ ئۇلارنى يېقىن سىرداش قىلىۋېلىشنى ھارام قىلىدۇ. چۈنكى، بۇنداق قىلىش مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىنىڭ مەسلىھەتىگە قۇلاق سالماسلىق ۋە ئۇنىڭغا خىيانەت قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ھازىرقى دەۋردىمۇ قارايدىغان بولساق، مەلۇم بىر ئەقىدە ياكى ئىدېئولوگىيە ئاساسىدا قۇرۇلغان دۆلەتلەر شۇ ئەقىدە ياكى ئىدېئولوگىيەسىگە ۋەكىللىك قىلمايدىغانلارنىڭ ئۇ دۆلەتلەرنى باشقۇرۇشىغا ئۇنىمايدۇ. بۇنىڭ بىلەنلا بولدى قىلماي، ئۆزىگە قارشى چىققانلارنى باستۇرىدۇ ۋە ئىز قوغلاپ تۇتىدۇ. ئەلبەتتە بۇ تۈرلۈك سىرداش ئەمەلدارلار يا ئاللاھقا، يا كىتابلىرىغا، يا پەيغەمبەرلىرىگە ۋەياكى ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغان، بەلكى تېخى دىن ۋە دىندارلارنى مەسخىرە قىلىدىغان، ئىمان ۋە ئىمان ئېيتقانلارنى ياراتمايدىغان تانغۇچى ئاتېئىستلاردىن بولسا ھاراملىق دەرىجىسى تېخىمۇ ئېغىرلىشىدۇ.

ئىشەنچسىز ۋە لاياقەتسىزلەرگە ئەمەل تۇتقۇزماسلىق

ھۆكۈمدارلىقمۇ بىر ئامانەت بولۇپ، ھۆكۈمدارنىڭ فاسىق ياكى كافىرلارنى سىرداش قىلىۋالماسلىقىمۇ بۇ ئامانەتنى ساقلاشنىڭ جۈملىسىدىندۇر. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتساق، بۇ ئامانەتنى ساقلاشنىڭ جۈملىسىدىن يەنە بىرى، ئىشقا پەقەتلا ئۇنىڭغا لاياقىتى بارلارنىلا مەسئۇل قىلىشتۇر. بىر كىشىنىڭ بىرەر ئىشقا لاياقىتى بارلىقىنى ئۇنىڭدا لاياقەت ۋە دىندارلىقتىن ئىبارەت ئىككى ئامىلنىڭ جەملىنىشى ئىسپاتلايدۇ. بۇ ئىككىسى «قۇرئان»دا مەديەن شەھرىدىكى ئاقساقالنىڭ قىزىنىڭ ئىپادىلىشى بويىچە كۈچ ۋە ئەمىنلىكتۇر. ﴿سەن ئىشلىتىدىغانلارنىڭ ياخشىسى كۈچلۈك، ئىشەنچلىك بولغان كىشىدۇر﴾(28/«قەسەس»: 26). كۈچ — تەجرىبە ۋە ئىشنىڭ ئېغىر يۈكىنى كۆتۈرۈش ئىقتىدارىنى ۋە ئىش تەقەززا قىلغان نەزەرىيە ۋە ئەمەلىي جەھەتتىكى يېتەرلىك ئىلىمنى كۆرسەتسە؛ ئەمىنلىك — ئىشنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇنداشتا ئاللاھتىن قورقۇشنى كۆرسىتىدۇ. مۇسۇلمان ھۆكۈمدارنىڭ كۈچلۈك، ئەمىن كىشىلەرنى ياكى دىندار ئىختىساسلىقلارنى تاشلاپ قويۇپ، ئىشقا قابىلىيەتسىزلەرنى ياكى يېقىنلىق، تۇغقانچىلىق، قۇدا – باجىلىق، دوستلۇق ياكى قوشنىدارچىلىقتەك مۇناسىۋەتلەرنى كۆزدە تۇتۇپ ئىقتىدارسىز نادانلارغا ئەمەل تۇتقۇزۇشى ھالال بولمايدۇ.

«قۇرئان كەرىم» يۇقىرىقى ئىككى ئاساسلىق سۈپەتنى باشقىچە ئىپادىلىگەن. مىسىر پادىشاھى بىلەن يۈسۈف ئەلەيھىسسالام ئوتتۇرىدىكى بىر دىئالوگدا مۇنداق كەلگەن: ﴿ئۇ: «سەن بۈگۈن بىزنىڭ ئالدىمىزدا ھەقىقەتەن مەرتىۋىلىك، ئىشەنچلىك ئادەمسەن» دېدى. يۈسۈف: «مېنى زېمىن (مىسىر) نىڭ خەزىنىلىرىنى باشقۇرۇشقا قويغىن! مەن ھەقىقەتەن ئوبدان ساقلىيالايدىغان، بىلىملىك ئادەممەن» دېدى﴾(12/«يۈسۈف»: 54 – 55). دېمەك، يۈسۈف ئەلەيھىسسالام ئۆزىنى لاياقەتلىك دەپ قاراپ، پادىشاھقا مۇھىم مەنسەپكە ئۆزىنى نامزات كۆرسىتىپ تەكلىپ سۇندى. ئۇ بولسىمۇ پۈتۈن خەزىنىگە مەسئۇل ۋەزىرلىك بولۇپ، بۇ ھازىرقى زاماندا مالىيە، ئىقتىساد، دېھقانچىلىق ۋە پىلانلاش مىنىستىرلىقلىرى ۋە كومىتېتلىرىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭدا ئىككى ئاساسلىق سۈپەت تېپىلىدۇ: ساقلاش ۋە ئىلىم. ساقلاش ئەمىنلىكنى كۆرسەتسە، ئىلىم كۈچنى كۆرسىتىدۇ.

شەرتلەرنى تولۇق ھازىرلىغانلار بار تۇرۇپ، بۇ ئىككى ئامىلنى ياكى بىرسىنى تولۇقلىماسلىق چوڭ خىيانەتتۇر. بۇ نۇقتا بەزى ھەدىسلەردە مۇنداق تىلغا ئېلىنغان: «كىمكى بىر توپقا بىر كىشىنى باش قىلسا، ۋەھالەنكى، ئۇ توپتا ئاللاھ تائالانى ئۇنىڭدىنمۇ ياخشى رازى قىلىدىغان بىرى بولسا، ئاللاھقا، پەيغەمبىرىگە ۋە مۇئمىنلەرگە خىيانەت قىلغان بولىدۇ»(5).

يەزىد ئىبنى ئەبى سۇفيان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن مۇنداق دېگەنلىكى نەقىل قىلىنىدۇ: ئەبۇبەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مېنى شامغا ئەمەلدار قىلىپ ئەۋەتكەندە، ماڭا: «ئى يەزىد! سېنىڭ ئۇرۇق – تۇغقانلىرىڭ بار. بەلكى سەن ئەمەل تۇتقۇزۇشتا ئۇلارنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ قېلىشىڭ مۇمكىن. بۇ مەن سېنىڭدىن ئەنسىرەيدىغان ئەڭ يامان ئىش. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: ‹كىمكى مۇسۇلمانلارنىڭ بىرەر ئەمىلىنى تۇتۇپ، مۇسۇلمانلارغا بىرسىنى يېقىنلىق يۈزىسىدىن باشلىق قىلىپ تەيىنلەپ قويسا، ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ لەنىتى بولىدۇ. ئاللاھ ئۇنىڭدىن نە تەۋبە قوبۇل قىلىدۇ، نە تۆلەم›» دېگەن(6).

ھەقىقەتەن، مۇھىم مەنسەپلەرنى ئىشەنچسىز ۋە لاياقەتسىزلەرگە تۇتقۇزۇش ئۈممەتنىڭ مەۋجۇدىيىتىنى ۋە كەلگۈسىنى تەھدىت ئاستىدا قويىدىغان، ئۇنى بوھرانلىق ۋە ۋەيرانلىققا يېقىنلاشتۇرىدىغان خەتەرلىك ئىشتۇر.

«سەھىھۇل بۇخارىي»دىكى مۇنۇ ھەدىس بۇنى تەكىتلەيدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر ئولتۇرۇشتا كىشىلەرگە سۆز قىلىۋاتاتتى. بىر ئەئرابىي كېلىپ:

— قىيامەت قاچان بولىدۇ؟ — دەپ سورىدى. رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا جاۋاب بەرمەي سۆزلەۋەردى. بەزىلەر: «رەسۇلۇللاھ ئەئرابىينىڭ سۆزىنى ئاڭلىدى – يۇ، ئۇنى ياقتۇرمىدى» دېسە، بەزىلەر: «ئۇنى ئاڭلىمىدى» دېيىشتى. رەسۇلۇللاھ سۆزلەپ بولغاندىن كېيىن:

— قىيامەت توغرۇلۇق سورىغۇچى قېنى؟ — دېدى. ھېلىقى ئەئرابىي:

— مانا مەن، يا رەسۇلۇللاھ! — دېدى. رەسۇلۇللاھ:

— ئامانەت زايە قىلىنسا قىيامەتنى كۈتسەڭ بولىدۇ، — دېدى. ئەئرابىي:

— ئامانەتنى زايە قىلىش قانداق بولىدۇ؟ — دەپ سورىدى. رەسۇلۇللاھ:

— ئىش شۇ ئىشنىڭ ئەھلى بولمىغان ئادەملەرگە تاپشۇرۇلغان چاغدا قىيامەتنى كۈتسەڭ بولىدۇ، — دېدى(7).

رەئىييەتنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلماي تۇرۇۋېلىش

ئىسلامنىڭ سىياسىي نەزەرىيەسىدە «ھۆكۈمدار ئۈممەتنىڭ ۋەكىلى ۋە ياللانما ئىشچىسى» دەپ قارالغاچقا، ئۇنىڭ خەلقتىن ئۆزىنى ئۈستۈن تۇتۇشى، زۇلۇمغا ئۇچراش ۋە ھەققىنى تەلەپ قىلىش قاتارلىق ئىشلاردا ئۇلارنىڭ دەردىنى ئاڭلىماي، ھاجىتىنى راۋا قىلماي ئىشىكىنى تاقىۋېلىشى ھەرقانداق ئەھۋالدا قەتئىي جائىز بولمايدۇ. چۈنكى، ئەقىلدىمۇ، ئۆرپ – ئادەتتىمۇ، ئىنسان تەبىئىتىدىمۇ ۋە شەرىئەتتىمۇ ياللانغۇچىنىڭ ياللىغۇچىسىغا چوڭچىلىق قىلىشى، ۋەكىلنىڭ مۇۋەككىلىنىڭ ئىشىنى تاشلاپ قويۇشى قەبىھ ئىش ھېسابلىنىدۇ.

بۇ سەۋەبتىن، رەئىييەتنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلماي، ئۇلارنىڭ دەرد – شىكايەتلىرىگە قۇلاق سالماي تۇرۇۋالغان ھۆكۈمدارلارغا قاتتىق ئازاب ۋەدە قىلغان ئېنىق ھەدىسلەر كەلگەن. مەسىلەن، ئەبۇ مەريەم ئەلئەزدىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دەيدۇكى: «مەن مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قېشىغا كىردىم. ئۇ:

— ئى ئەبى مەريەم! سېنى بۇ يەرگە قايسى شامال ئۇچۇرۇپ كەلدى؟ — دەپ سورىغان ئىدى، مەن:

— پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن بىر ھەدىس ئاڭلىغانىدىم، ئۇنى ساڭا ئېيتىپ بېرەي، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ‹ئاللاھ تائالا بىراۋنى مۇسۇلمانلارنىڭ بىرەر ئىشىغا مەسئۇل قىلسا، ئاندىن ئۇ ئۇلارنىڭ ئىستەكلىرىنى، قىيىنچىلىقلىرىنى ۋە ئېھتىياجلىرىنى ھەل قىلىپ بەرمىسە، ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ ئىستەكلىرىنى، قىيىنچىلىقلىرىنى ۋە ئېھتىياجلىرىنى ھەل قىلىپ بەرمەيدۇ› دېگەن، — دېدىم. مۇئاۋىيە بۇ ھەدىسنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئىنسانلارنىڭ ئېھتىياجلىرىنى ھەل قىلىپ بېرىشكە مەخسۇس بىر ئادەم تەيىنلىدى»(8).

يەنە بىر رىۋايەتتە: «ئاللاھ تائالا بىراۋنى مۇسۇلمانلارنىڭ بىرەر ئىشىغا مەسئۇل قىلسا، ئاندىن ئۇ ئىشىكىنى مىسكىنگە، مەزلۇمغا ۋە ھاجەتمەنگە تاقىۋالسا، ئاللاھ تائالامۇ ئۇ ئەڭ قاتتىق ھاجەتمەن بولغان چاغدا، رەھمىتىنىڭ دەرۋازىلىرىنى ئۇنىڭغا تاقىۋالىدۇ» دېگەن(9).

دۆلەت رەئىسى رەئىييەتنىڭ ھاجىتىنى بىرمۇبىر ئۆزى راۋا قىلىشى ۋاجىپ ئەمەس، چۈنكى بۇ ۋەزىپىنى ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى ئادالەتپەرۋەر، پۇقراپەرۋەر ئەمەلدارلار ئورۇندىسا بولىدۇ. مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇ شۇنداق قىلغان ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىش تۇتۇپ مۇسۇلمانلارنىڭ ھاجىتىنى قامداشقا بىر كىشىنى ۋەكىل تەيىنلىگەن.

زۇلۇم قىيامەت كۈنى قاتمۇقات زۇلمەتتۇر

ئىسلام دىنى زۇلۇمنى قاتتىق ھارام قىلىدۇ. قانداقسىگە ئۇنداق قىلمىسۇن، ئاللاھ تائالا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى تۇرۇقلۇق زۇلۇمنى ئۆزىگە ھارام قىلىۋەتكەن تۇرسا، بەندىلىرىگە ھارام قىلماسمۇ؟! ئاللاھ تائالا ھەدىس قۇدۇسىيدا مۇنداق دەيدۇ: «ئى بەندىلىرىم! مەن زۇلۇمنى ئۆزۈمگە ھارام قىلدىم، ئۇنى سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىمۇ ھارام قىلدىم، شۇڭا ھەرگىز بىر ـ بىرىڭلارغا زۇلۇم قىلماڭلار!»(10) «قۇرئان كەرىم» زالىملارغا دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ ئازابىنى، ئاللاھنىڭ ۋە خالايىقنىڭ نارازىلىقىنى ۋەدە قىلغان ئايەتلەرگە تولغان. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿ئاللاھ ھەقىقەتەن زۇلۇم قىلغۇچىلارنى دوست تۇتمايدۇ﴾(42/«شۇرا»: 40)، ﴿زالىملار ھەقىقەتەن مەقسىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ﴾(6/«ئەنئام»: 21)، ﴿ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھەقىقەتەن ھىدايەت قىلمايدۇ﴾(5/«مائىدە»: 51)، ﴿ئۇلار زۇلۇم قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن، ئەنە ئۇلارنىڭ ئۆيلىرى (ئادەمزاتتىن) خالىي بولۇپ قالدى﴾(27/«نەمل»: 52)، ﴿زالىملارنىڭ قىلمىشلىرىدىن ئاللاھنى بىخەۋەر دەپ ئويلىمىغىن! ئۇلارنى جازالاشنى (شۇ كۈننىڭ دەھشىتىدىن) كۆزلەر چەكچىيىپ قالىدىغان كۈنگىچە (يەنى قىيامەت كۈنىگىچە) كېچىكتۈرىدۇ﴾(14/«ئىبراھىم»: 42).

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسىلام زالىملارنى ئاللاھنىڭ ئاخىرەتتىكى ئازابىدىن ئاگاھلاندۇرغان ۋە: «زۇلۇم قىيامەت كۈنى قاتمۇقات زۇلمەتتۇر» دېگەن(11). يەنە ئۇلارنى ئاللاھ تائالانىڭ دۇنيادىكى غەزىپى بىلەن ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ زالىمنى بىر مۇددەت قويۇپ بېرىدۇ. ئۇنى تۇتقان چاغدا ھەرگىز قويۇۋەتمەيدۇ» دېگەندىن كېيىن: ﴿پەرۋەردىگارىڭ زالىم يۇرتلار (ئاھالىسى) نى ھالاك قىلسا، ئەنە شۇنداق ھالاك قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ ئازابى ھەقىقەتەن تولىمۇ قاتتىقتۇر﴾(11/«ھۇد»: 102) دېگەن ئايەتنى ئوقۇغان.

زۇلۇمنىڭ ئەڭ قاتتىقى كۈچلۈكنىڭ ئاللاھتىن باشقا ھېچبىر ياردەمچى تاپالمايدىغان ئاجىزغا سالغان زۇلمىدۇر. ئاللاھ تائالا بۇنداق كۈچلۈك زالىمنى كۆزىدىن قاچۇرمايدۇ. بۇنداق ئاجىز مەزلۇمدىنمۇ ياردىمىنى ئايىمايدۇ. ئۇنىڭ شىكايىتىنى ئاڭلايدۇ، دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىدۇ، ۋاقىت ئۇزىراپ كەتسىمۇ ئۇنىڭغا زۇلۇم سالغان زالىمدىن ئىنتىقامىنى ئېلىپ بېرىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەزرىتى مۇئازنى يەمەنگە ئەۋەتكەندە، ئۇنىڭغا مۇنداق تاپىلىغان: «مەزلۇمنىڭ قارغىشىدىن ساقلانغىن! چۈنكى ئاللاھ بىلەن ئۇنىڭ دۇئاسى ئارىسىدا پەردە بولمايدۇ»(12).

يەنە بىر ھەدىستە: «مەزلۇمنىڭ دۇئاسى، گەرچە ئۇ فاسىق بولغان تەقدىردىمۇ، ئىجابەت بولىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ فاسىقلىقى ئۆزىگىدۇر» دېگەن(13).

يەنە بىر ھەدىستە: «ئاللاھ مەزلۇمنىڭ دۇئاسىنى يۇقىرىغا ئۆرلىتىپ، ئۇنىڭغا ئاسمان دەرۋازىلىرىنى ئاچىدۇ ۋە: ‹ئىززىتىم بىلەن قەسەمكى، بىر مەزگىلدىن كېيىن بولسىمۇ، ساڭا ئەلبەتتە ياردەم بېرىمەن› دەيدۇ» دېگەن(14).

زۇلۇمنىڭ ھاراملىقى ۋە گۇناھى، ئەگەر زۇلۇم ھۆكۈمداردىن رەئىييەتكە سېلىنغان بولسا، تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ. چۈنكى، ئاللاھ تائالا رەئىييەتنى ئۇنىڭ قولىغا تاپشۇرغان، ئۇنى رەئىييەتنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا، ئۇلارنىڭ كىچىكلىرىگە ئاتا، چوڭلىرىغا قېرىنداش، ياشانغانلىرىغا بالا بولۇپ، ئۇلارغا رەھىمدىل ۋە شەپقەتلىك بولۇشقا بۇيرۇغان تۇرسا، ئۇ پادىچى بولۇشنىڭ ئورنىغا بۆرە، مۇھاپىزەتچى بولۇشنىڭ ئورنىغا قاراقچى بولۇپ قالسا قانداق بولىدۇ؟! پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئون كىشىنىڭ باشلىقىمۇ قىيامەت كۈنى باغلانغان ھالدا ئېلىپ كېلىنىدۇ. ئۇنى يا (ئۆزىنىڭ) ئادالىتى بوشىتىدۇ، ياكى زۇلمى تېخىمۇ چىڭ باغلىۋېتىدۇ» دەيدۇ(15).

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: «مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇشۇ ئۆيۈمدە مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم: ‹ئى ئاللاھ! كىمكى ئۈممىتىمنىڭ بىرەر ئىشىغا ئىگە بولۇپ، ئاندىن ئۇلارغا قىيىنچىلىق تۇغدۇرسا، سەنمۇ ئۇنىڭغا قىيىنچىلىق تۇغدۇرغىن! كىمكى ئۈممىتىمنىڭ بىرەر ئىشىغا ئىگە بولۇپ، ئاندىن ئۇلارغا يۇمشاق مۇئامىلە قىلسا، سەنمۇ ئۇنىڭغا يۇمشاق مۇئامىلە قىلغىن!›»(16)

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋىدالىشىش ھەجىدە ئونمىڭلىغان ھاجىلار قاراپ ۋە ئاڭلاپ تۇرغان چاغدا ئومۇم ئىنسانلارغا قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېگەن: «بىر – بىرىڭلارنىڭ جېنىغا، مېلىغا ۋە يۈز – ئابرۇيىغا چېقىلىش سىلەرگە خۇددى بۇ كۈن، بۇ جاي ۋە بۇ ئاينىڭ ھۆرمىتىنى ساقلىماسلىق ھارام قىلىنغاندەكلا ھارامدۇر»(17).

كىشىلەرنىڭ مال – مۈلكىگە، جانلىرىغا، تەنلىرىگە، ھەققى – ھۆرمىتىگە ۋە ئىپپەت – نومۇسىغا تاجاۋۇز قىلىش ئېنىق زۇلۇم بولۇپ، ئىسلام ئۇنى ھارام قىلىۋەتكەن. شۇڭا، ھۆكۈمدارنىڭ كىشىلەرنىڭ مال – مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىشقا، ئۇلارنى قىيناشقا ۋە ئۇلارنى ئېنىق بىر جىنايەتسىز جازاغا تارتىپ ئازار بېرىشكە ھەققى يوق. شەكسىزكى، مۇئمىننىڭ ئۇچىسى «چەكلەنگەن رايون»دۇر. شۇڭا، ئاللاھنىڭ شەرىئىتىدە بۇ «چەكلەنگەن رايون»غا پەقەت ئۇ (جازاغا) لايىق بولغاندىلا «بۆسۈپ كىرىش»كە بولىدۇ. ھەدىستە: «كىمكى بىر مۇسۇلماننىڭ ئۇچىسىنى ناھەق يالىڭاچلىسا، قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ ئالدىغا ئۇ زاتنىڭ غەزىپىگە يولۇققان ھالدا بارىدۇ»(18) دېيىلگەن.

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە بىر ھەدىستە مۇنداق دېگەن: «كىمكى زۇلۇم قىلىپ بىر قامچا سالسا، قىيامەت كۈنى ئۇنىڭدىن قىساس ئېلىنىدۇ»(19).

گۇناھ ئۇرغان ۋە قىينىغانلار بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ. چۈنكى، ئىسلام ئۇنىڭغا يېقىندىن ياكى يىراقتىن قاتناشقان ھەرقانداق كىشىنى شېرىك قىلىدۇ. ھەتتا قىيناش مەيدانلىرىغا ئىختىيارىي ياكى مەجبۇرىي قاتنىشىپ قالغان، لېكىن ئۇنى يا تىلى بىلەن، يا دىلى بىلەن ئەيىبلىمىگەنلەرمۇ ئوخشاش. ئەسلىدە بۇ ئىماننىڭ ئەڭ ئاجىز دەرىجىسىدۇر.

ئاللاھنىڭ غەزىپى چۈشكىنىدە، زالىملارغىلا چۈشمەستىن، بەلكى ئۇلارنىمۇ ۋە ئۇلار بىلەن بىللە ئۇلارنىڭ سالغان زۇلمىغا سۈكۈتتە تۇرغان، ياخشى مەۋقەدە تۇرالايدىغان تۇرۇقلۇق ئۇلارنىڭ زوراۋانلىقىغا ۋە ناھەق زۇلۇم سېلىشىغا سەلبىي مەۋقەدە تۇرغانلارنىمۇ ئېلىپ كېتىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى زۇلۇم قىلغانلارنىڭ بېشىغا كېلىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدىغان بالا – قازادىن ساقلىنىڭلار! بىلىڭلاركى، ئاللاھنىڭ ئازابى قاتتىقتۇر﴾(8/«ئەنفال»: 25).

بۇنداق قىيىن – قىستاققا ئۇچرىغانلار مۇسۇلمان بولسۇن ياكى كافىر بولسۇن ئوخشاشتۇر. ھەكىم ئىبنى ھىزام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئوغلى ھىشام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ رىۋايەت قىلىشىچە، ئۇ شام دىيارىدا ئاپتاپتا تۇرغۇزۇپ قويۇلۇپ، باشلىرىغا ياغ تۆكۈلگەن بىرقانچە دېھقاننىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ قالغان. ئۇ: «بۇ نېمە ئىش؟» دەپ سورىغاندا، ئۇنىڭغا: «بۇلار باج تۆلىمىگەنلىكى ئۈچۈن، قىيىن – قىستاققا ئېلىنىۋاتىدۇ» دېيىلگەن. يەنە بىر رىۋايەتتە: «جىزيە تۆلىمىگەنلىكتىن» دېيىلگەن. بۇنى ئاڭلىغان ھىشام ئۇلارغا: «گۇۋاھلىق بېرىمەنكى، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: ‹كىشىلەرنى دۇنيادا (ناھەق) ئازابلايدىغانلارنى ئاللاھ تائالا ئازابلايدۇ› دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان» دېگەن ۋە ئەمىرنىڭ ھۇزۇرىغا كىرىپ، ئۇنىڭغا بۇ ھەدىسنى سۆزلەپ بەرگەندە، ئۇلارنى قويۇپ بېرىشكە بۇيرۇق قىلغان(20).

ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىر كۈنى مۇسۇلمانلار جامائەسىگە خۇتبە ئوقۇپ:

— مەن ئەمىرلەرنى سىلەرنى ئۇرۇپ – دۇمبالىشى ياكى ماللىرىڭلارنى ئېلىۋېلىشى ئۈچۈن تەيىنلىمىدىم. ئۇلارنى سىلەرگە دىنىڭلارنى ۋە سۈننەتنى ئۆگىتىشكە ئەۋەتتىم. كىمكى بۇنىڭدىن باشقا مۇئامىلىگە ئۇچرىسا، ماڭا شىكايەت قىلىپ كەلسۇن، ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، مەن ئۇنىڭ قىساسىنى مەسئۇل كىشىدىن ئېلىپ بېرىمەن، — دېدى. ئارىدىن ئەمر ئىبنى ئەلئاس چاچراپ ئورنىدىن تۇرۇپ:

— ئەگەر مەلۇم بىر مۇسۇلمان ئەمەلدار ئۆزىنىڭ تەۋەسىدىن بىرەر ئادەمنى ئەدەپلەپ قويسا، سەن ئۇنىڭغىمۇ ئۇنىڭدىن قىساس ئېلىپ بېرەمسەن؟ — دېگەنىدى. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ:

— جېنىم ئىلكىدە بولغان زاتنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، ئەلبەتتە ئۇنىڭ قىساسىنى ئېلىپ بېرىمەن، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆزىدىنمۇ باشقىلارنىڭ قىساسىنى ئېلىپ بەرگەنلىكىنى كۆرگەن ئىدىم. ئاگاھ بولۇڭلار! مۇسۇلمانلارنى ئۇرۇپ ئۇلارنى خارلىماڭلار! ئۇلارنىڭ ھەقلىرىنى بەرمەي تۇرۇۋېلىپ ئۇلارنى كۇفۇرلۇققا زورلىماڭلار! — دېدى(21).

دېمەك، ئىنسانلار جىنايەتلىرى ئىسپاتلانمىغۇچە بىگۇناھتۇر. مانا بۇ باشقا قانۇنلار بۇنى بىلىشتىن بۇرۇنلا ئاللاھنىڭ شەرىئىتى مۇئەييەنلەشتۈرگەن پرىنسىپتۇر. لېكىن، مۇستەبىت زالىملارنىڭ قانۇنىدا بولسا، ئىنسانلار بىگۇناھلىقى ئىسپاتلانمىغۇچە، جىنايەتچى ھېسابلىنىدىغانلىقى ئەسلىي قائىدەدۇر.

كىشىلەر بىگۇناھ بولغان ئەھۋالدا، ئۇلارنى ئۇرۇش ۋە قىيىن – قىستاققا ئېلىش جائىز ئەمەس. يەنە ئۇلارنى قورقۇتۇپ قويۇش، يېرىم كېچىلەردە ئۆيلىرىگە باستۇرۇپ كىرىپ ئۇلارنىمۇ ۋە بالىچاقىلىرىنىمۇ بىللە قورقۇتۇشمۇ جائىز ئەمەس. چۈنكى، ھەربىر كىشىنىڭ بىرەر جىنايەت سادىر قىلمىغانلا بولسا، ئۆز توپىدا خاتىرجەم ياشاش ھەققى بولىدۇ. ئۇنداق بولمىغان ئەھۋالدا، ئۇنى قورقۇتۇش ئېغىر زۇلۇم بولىدۇ.

نۇئمان ئىبنى بەشىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇ: بىز بىر كۈنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن بىللە كېتىۋاتقىنىمىزدا، ئارىمىزدىن بىر كىشى تۆگىسى ئۈستىدە مۈگدەپ قالغانىكەن، بەزى كىشىلەر چاقچاق قىلىپ، ئۇنىڭ ئوقدىنىدىن بىر ئوقنى ئېلىۋاپتۇ. مۈگدەپ قالغان ئادەم ئۇيقۇسىنى ئېچىپ قورقۇپ كەتتى. بۇنى كۆرگەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «مۇسۇلماننىڭ مۇسۇلماننى قورقۇتۇشى دۇرۇس بولمايدۇ» دېگەنىدى(22).

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇسۇلماننىڭ قەلبىگە چاقچاق تەرىقىسىدە بولسىمۇ قورقۇنچ ۋە ئەندىشە سېلىشتىن توسقان تۇرسا، كىشىلەر زۇلمىدىن قورققان پېتى يېتىپ، قورققان پېتى تاڭ ئاتقۇزىدىغان زومىگەرلەرنىڭ گۇناھى نېمە بولماقچى؟!

 ئومۇمنىڭ مال – مۈلكىنى يەۋېلىش ھارامدۇر

مۇسۇلمان ھۆكۈمدارنىڭ ۋە ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى ئەمەلدار كادىرلارنىڭ دۆلەتنىڭ مال – مۈلكىدىن ئىش ھەققى ۋە ھاجىتىنى راۋا قىلىدىغان مىقداردىن ئارتۇق ئېلىشى جائىز بولمايدۇ. ئاممىنىڭ مال – مۈلكىنى شەخسىي مەنپەئەتى، ئۇرۇق – تۇغقانلىرى ۋە يېقىن – يورۇقلىرى ئۈچۈن سەرپ قىلىۋېلىشى بولسا ئاللاھ، ئاللاھنىڭ رەسۇلى ۋە مۇسۇلمانلار رازى بولمايدىغان مۇنكەردۇر.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام زالىملارنىڭ قول – چوماقچىلىرىدىن ئادا – جۇدا بولغان

مۇسۇلمان كىشىنىڭ بىرەر زالىم ھۆكۈمدارنىڭ قولچومىقى بولۇپ قېلىشى ھارامدۇر. زالىمنىڭ ياردەمچىلىرى گۇناھتا ۋە ئاللاھنىڭ غەزىپىگە لايىق بولۇشتا ئۇنىڭ شېرىكلىرىدۇر. چۈنكى، ئۇلار زالىمنىڭ تۇتقان قولى، ئاتقان ئوقى ۋە قورقۇتىدىغان كۈچىدۇر.

ئۇلارنىڭ غالچا، قۇيرۇق بولغانلىقى ئۇلارنى مەسئۇلىيەتتىن قۇتۇلدۇرالمايدۇ. ئۇلارنىڭ قىلىدىغىنى بۇيرۇقلارنى ئىجرا قىلىش ۋە سىزىلغان سىزىقتا مېڭىشتۇر. قانداقلا بولمىسۇن، ئۇلار زورلانمىغان ۋە ئىختىيارلىقى بولغان ئەھۋالدا، قىلغان – ئەتكەنلىرىگە مەسئۇل ئىنسانلاردۇر.

ئاللاھ تائالا پىرئەۋن ۋە ھامانغا غەزىپى ۋە ئازابىنى چۈشۈرگەن چاغدا، ئۇلار بىلەن بىللە ئۇلارنىڭ قوشۇنلىرى ۋە ئەگەشكۈچىلىرىنىمۇ بىللە ئېلىپ كەتكەن. ئۆزىنىڭ كىتابىدا ئۇلارغا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە لەنەت قىلغان: ﴿شۈبھىسىزكى، پىرئەۋن، ھامان ۋە ئۇلارنىڭ قوشۇنلىرى گۇناھكارلاردىن ئىدى﴾(28/«قەسەس»: 8)، ﴿بىز پىرئەۋننى ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرىنى جازالىدۇق، ئۇلارنى دېڭىزغا تاشلىۋەتتۇق، (ئى مۇھەممەد!) زالىملارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا (ئىبرەت كۆزى بىلەن) قارىغىن. بىز ئۇلارنى دوزاخقا ئۈندەيدىغان پېشۋالار قىلدۇق (يەنى ئۇلارنى بىز دۇنيادا گۇمراھلار ئەگىشىدىغان كۇفرىنىڭ باشلىقلىرى قىلدۇق)، قىيامەت كۈنى ئۇلار ياردەمگە ئېرىشەلمەيدۇ. ئۇلارغا بۇ دۇنيادا لەنەتنى ئەگەشتۈردۇق، قىيامەت كۈنى ئۇلار ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن يىراق قىلىنغۇچىلاردۇر﴾(28/«قەسەس»: 40 – 42). ئۇ قوشۇن ۋە ئەگەشكۈچىلەرنىڭ گۇناھى پىرئەۋننىڭ بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى: ﴿ئۇلار پىرئەۋننىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇندى، پىرئەۋننىڭ بۇيرۇقى توغرا ئەمەس ئىدى. پىرئەۋن قىيامەت كۈنى باشلامچىلىق بىلەن ئۆز قەۋمىنى دوزاخقا باشلاپ كىرىدۇ، ئۇ جاي نېمىدېگەن يامان!﴾(11/«ھۇد»: 97 – 98)

ئاللاھ تائالا ھۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمى بولغان ئادقا مۇشۇ سەۋەب تۈپەيلى ئازاب نازىل قىلغان: ﴿ئەنە شۇ ئاد قەۋمى پەرۋەردىگارىنىڭ مۆجىزىلىرىنى ئىنكار قىلدى، ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە ئاسىيلىق قىلدى، ھەربىر ئۇچىغا چىققان تەرسا، شەپقەتسىزنىڭ بۇيرۇقىغا ئەگەشتى﴾(11/«ھۇد»: 59). پىرئەۋننىڭ قەۋمى ھەققىدە ئاللاھ تائالا: ﴿قەۋمىنى گوللىغانلىقتىن، قەۋمى ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلدى، ئۇلار ھەقىقەتەن فاسىق قەۋم ئىدى﴾(43/«زۇخرۇف»: 54) دېگەن.

بۇ سەۋەبتىن، زالىملار ۋە زوراۋان ئەمىر – ئۆمەرالارنىڭ غالچا ۋە قولچۇماقچىلىرىنىڭ قىلمىشلىرى قاتتىق ئەيىبلەنگەن. ئومۇمەن، ھەرقانداق زالىمغا ھەمكارلاشقۇچى ئەيىبلەنگەن.

مەسىلەن، جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق رىۋايەت قىلغان: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كەئب ئىبنى ئۇجرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا:

— ئاللاھ سېنى ئەخمەق ئەمىرلەرنىڭ شەررىدىن ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن! — دېگەن. ئۇ:

— ئەخمەق ئەمىرلەر دېگەننىڭ مەنىسى نېمە؟ — دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:

— مەندىن كېيىن كېلىدىغان ئەمىرلەر بولۇپ، ئۇلار مېنىڭ يولۇمدا ماڭمايدۇ، سۈننىتىمنى تۇتمايدۇ. كىمكى ئۇلارنىڭ يالغان – ياۋىداقلىرىغا ئىشەنسە ۋە ئۇلارنىڭ زۇلۇملىرىغا ياردەملەشسە، ئەنە شۇلار مەندىن ئەمەس، مەنمۇ ئۇلاردىن ئەمەسمەن. ئۇلار مېنىڭ ھەۋزىمگىمۇ سۇ ئىچكىلى كېلەلمەيدۇ؛ كىمكى، ئۇلارنىڭ يالغان – ياۋىداقلىرىغا ئىشەنمىسە، قىلغان زۇلۇملىرىغا ياردەملەشمىسە، ئەنە شۇلار مەندىندۇر، مەنمۇ ئۇلاردىنمەن. ئۇلار ھەۋزىمگىمۇ سۇ ئىچكىلى كېلەلەيدۇ، — دېگەن»(23).

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زالىملارنىڭ يانتاياقلىرىدىن ئادا – جۇدا بولغانلىقى بىرقانچە سەھىھ ھەدىسلەردە كەلگەن. ئەلبەتتە، «قۇرئان كەرىم»مۇ ئاگاھلاندۇرغان: ﴿زالىملارغا مايىل بولماڭلار! دوزاخ ئازابىغا قالىسىلەر، سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا ھېچ ياردەمچى يوقتۇر، ئاندىن كېيىن ھېچ ياردەمگە ئېرىشەلمەيسىلەر﴾(11/«ھۇد»: 113).

ئۇلارغا مايىل بولۇش «ئۇلارغا ياغلىمىچىلىق قىلىش، قىلغان – ئەتكەنلىرىگە رازى بولۇش ۋە ئۇلارغا مايىللىق ھېس قىلىش» دەپ تەفسىر قىلىنغان. بۇنىڭ ئاقىۋىتى ئاللاھ تائالانىڭ ئۇنىڭغا ئىگە چىقىشىدىن ۋە ياردىمىدىن مەھرۇم قېلىش بولۇپ، بۇ ئىككى نەرسىدىن مەھرۇم قالغان كىشىنىڭ باشقا ئىگە – چاقىسى ياكى ياردەمچىسى بولمايدۇ.

زالىم ھۆكۈمدارلاردىن يۈز ئۆرۈشكە، ئۇلارنىڭ دەرۋازىسىدىن نېرى كېتىشكە ۋە ئۇلارغا ماسلىشىشتىن يىراق تۇرۇشقا ئەڭ مۇناسىپ كىشىلەر بولسا خالايىقنى ھەقكە چاقىرىشتا، ياخشىلىققا تەرغىب قىلىپ ۋە بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسۇشتا پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسىنى مىراس ئالغان ئۆلىمالاردۇر. مۇبادا ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى ھاكىملار زۇلۇم سېلىپ، ئاللاھنىڭ شەرىئىتىدىن چەتنەپ كەتسىمۇ، يەنىلا ھاكىملارغا خۇشامەتچىلىك ۋە ئۇلارغا ماسلىشىشقا ئايلىنىپ قالسا، ئۇلار ھەقىقەتەن ئامانەتكە خىيانەت قىلغان ۋە ئۈممەتنى پىتنىگە سالغان بولىدۇ. مانا بۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزنى ئاگاھلاندۇرغان يامان ئاقىۋەتتۇر. مەسىلەن، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «شۈبھىسىزكى، مېنىڭ ئۈممىتىمدىن نۇرغۇن كىشى دىندا ئالىم بولىدۇ، ‹قۇرئان›نى تىلاۋەت قىلىدۇ. ئۇلار: ‹بىز باشلىقلارنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇلارنىڭ مال – دۇنياسىغا ئېرىشىمىز، لېكىن دىنىمىزنى ئۇلارنىڭ تەسىرىدىن ئۇزاق تۇتىمىز› دەيدۇ. ئەمما، ئەمەلىيەتتە ئۇنداق بولمايدۇ. تىكەنلىك دەرەختىن تىكەندىن باشقا ھېچنېمە چىقمىغىنىدەك، ئۇلارغا يېقىنلاشسا، (ئۇلاردىن) گۇناھتىن باشقا ھېچنەرسە چىقمايدۇ»(24). دېمەك، ئۇلار يولدىن چىقىپ كەتكەن ئاشۇ زالىملارغا يېقىن تۇرۇشتىن ۋە ئۇلار بىلەن ئولتۇرۇپ – قوپۇشتىن گۇناھ – مەئسىيەتنىلا قولغا كەلتۈرەلەيدۇ.

ئىسلام دەستۇرىنى چىڭ تۇتۇپ ماڭىدىغان، ئۇنىڭ چەك – چېگراسىغا رىئايە قىلىدىغان ۋە ئۇنىڭ قانۇنىنى ئىجرا قىلىدىغان سالىھ ھاكىمغا كەلسەك، گەرچە بىرقىسىم شەخسىي مەنپەئەتلەر زايە قىلىۋېتىلىپ، ئۇنىڭ بەزىبىر سىياسەتلىرىگە رازى بولمىغان، پارچە – پۇرات مەسىلىلەردە خاتا قىلىپ سالغان تەقدىردىمۇ، بىرەر مۇسۇلماننىڭ ئىسيانكارلىق قىلىشى، ئۇنىڭغا قىلغان بەيئەتىدىن يېنىۋېلىشى ھالال بولمايدۇ. بەزىبىر ئەھكاملارنى ئىجرا قىلىشتا ۋاقىتلىق سەل قاراش ياكى بەزىبىر جەھەتلەردە يولدىن چەتنەپ كېتىش يۈز بەرگەن ئەھۋالدا، ئۇنىڭغا ئىسيان ئېلان قىلسا ياكى قورال تەڭلىسە، ياكى قوزغىلاڭ ئوتىنى ئۇلغايتسا ھالال بولمايدۇ. چۈنكى، بىرەر ئىشقا نارازى بولغانلا كىشى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ ئىسيانكارلىق قىلسا مۇباھ بولىۋېرىدىغان بولسا ئىدى، دۆلەتنىڭ مۇقىملىقى، ئۈممەتنىڭ بىرلىكى ۋە پۈتۈن توپلۇقنىڭ بىخەتەرلىكى تەۋرەپ كېتىشى، بەلكى پۈتۈنلەي غۇلاپ چۈشۈشى مۇمكىن. مانا بۇ پادىشاھلارنىڭ ئەمەل بېرىشتە يېقىنلىرىنى ئالدىنقى ئورۇندا قويۇش ۋە بەزىبىر يولسىزلىق قىلىشقا ئوخشىغان قىلمىشلىرىغا سەۋر قىلىشقا بۇيرۇغان ھەدىسلەرنىڭ مەزمۇنىدۇر. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن: «كىمكى باشلىقىنىڭ بىرەر ئىشىنى يامان كۆرسە، سەۋر قىلسۇن! چۈنكى، سۇلتاننىڭ ئەمرىدىن بىر غېرىچ يىراقلاشقان ھالدا ئۆلگەن كىشى جاھىلىيەت دەۋرىنىڭ ئۆلۈمىدە ئۆلگەن بولىدۇ»(25) دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان.

مۇنكەرنى ئۆزگەرتىش ۋاجىپتۇر. لېكىن، ئۇنى ئۆزگەرتىش ئۇنىڭدىنمۇ چوڭ بىر مۇنكەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولسا، يامانلىقنىڭ يولىنى تاقاش، ئىككى زىياننىڭ يەڭگىلرەكىنى تارتىش ۋە ئىككى پايدىنىڭ كىچىكرەكىدىن ۋاز كېچىش جەھەتتىن، ئۇنىڭغا ۋاقىتلىق سۈكۈت قىلىپ تۇرۇش ۋاجىپتۇر.

ھەزرىتى مۇسا ئەلەيھىسسالام ھەزرىتى ھارۇن ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆزى يوق چاغدا قەۋمىنىڭ سامىرىي ئۇلارغا ياساپ بەرگەن موزايغا چوقۇنۇشىغا سۈكۈتتە تۇرغانلىقىنى ئەيىبلىگەن: ﴿مۇسا ئېيتتى: «ئى ھارۇن! ئۇلارنىڭ ئازغانلىقىنى كۆرگەن چېغىڭدا ماڭا ئەگىشىشتىن نېمە توسالغۇ بولدى؟ مېنىڭ بۇيرۇقىمغا خىلاپلىق قىلدىڭمۇ؟» ھارۇن ئېيتتى: «ئى قېرىندىشىم! مېنىڭ ساقىلىمنى ۋە چېچىمنى تارتمىغىن! مەن ھەقىقەتەن سېنىڭ، ‹ئىسرائىل ئەۋلادىنى بۆلۈۋېتىپسەن، سۆزۈمگە دىققەت قىلماپسەن› دېيىشىڭدىن قورقتۇم»﴾(20/«تاھا»: 92 – 94).

دېمەك، ھارۇن ئەلەيھىسسالام جامائەتنىڭ بىرلىكىنى ساقلاپ قېلىش يۈزىسىدىن بىرىنچى چوڭ مەسئۇل قايتىپ كەلگۈچە، بۇ چوڭ مۇنكەرگە ۋاقتىنچە سۈكۈتتە تۇرۇشنى ۋە ئۇ قايتقاندا ئاندىن بىرلىكتە پىتنىنىڭ يىلتىزىنى قۇرۇتۇشقا مۇناسىپ چارە – تەدبىرلەرنى ئېلىشنى توغرا تاپقان.

ئىسلام شەرىئىتى مانا مۇشۇ نۇقتىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ بىرەر مۇنكەرنى ئۆزگەرتىشتە ئۇنىڭدىنمۇ چوڭىدىن ئەنسىرىگەن ئەھۋالدا، سۈكۈتتە تۇرۇشنى جائىز قىلغان. بۇ ئەلبەتتە، ئىشنىڭ ماھىيىتى ئىسلامنىڭ ئاساسلىق ئەھكاملىرىنى ئېنىقلا تاشلاپ چىقىپ كېتىش دەرىجىسىگە يەتمىگەن ئەھۋالدا شۇنداق بولىدۇ.

 

«ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام» دېگەن كىتابىدىن ئېلىندى.


1. «مۇسلىم»، 107 – ھەدىس. بۇ ھەدىسنى ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان.
2. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، 7150 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 142 – ھەدىس.
3. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، 7198 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 1688 – ھەدىس. بۇ ھەدىسنى ئەبۇ سەئىد ۋە ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلغان.
4. «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 24414 – ھەدىس. باھا بەرگۈچىلەر: «سەھىھ» دېگەن. «ئەبۇ داۋۇد»، 2932 – ھەدىس؛ «نەسائىي»، 4204 – ھەدىس؛ «سەھىھۇ ئىبنى ھىببان»، 4494 – ھەدىس. شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «سەھىھ» دېگەن. بۇ ھەدىسنى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلغان.
5. ئىبنى ئەبى ئاسىم: «سۈننەت»، 1502 – ھەدىس. ھاكىم: («ئەلمۇستەدرەك»، 7123 – ھەدىس) «سەنەدى سەھىھ» دېگەن. ئىبنۇلمۇلەققىننىڭ نەقىل قىلىشىچە، زەھەبىي: «سەنەدىدىكى ھۈسەين ئىبنى قەيس زەئىف راۋىيدۇر» دېگەن. ئالبانىي: («ئەسسىلسىلەتۇززەئىفە»، 4545 – ھەدىس) «زەئىف» دېگەن.
6. «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 21 – ھەدىس. باھا بەرگۈچىلەر: «زەئىف» دېگەن. ھاكىم: («ئەلمۇستەدرەك»، 7124 – ھەدىس) «سەنەدى سەھىھ» دېگەن. زەھەبىي: «سەنەدىدىكى بەكر دېگەن كىشىنى دارەقۇتنىي رىۋايىتى قوبۇل قىلىنمايدىغان راۋىي دېگەن» دېگەن. ئالبانىي: («ئەسسىلسىلەتۇززەئىفە»، 6652 – ھەدىس) «زەئىف» دېگەن.
7. «بۇخارىي»، 59 – ھەدىس.
8. «ئەبۇ داۋۇد»، 2948 – ھەدىس. تىرمىزىي: (1332 – ھەدىس) «غەرىب ھەدىس» دېگەن. ئالبانىي: («غايەتۇل مەرام»، 424 – ھەدىس) «سەھىھ» دېگەن.
9. «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 15651- ھەدىس. باھا بەرگۈچىلەر: «سەھىھ لىغەيرىھى» دېگەن.
10. «مۇسلىم»، 2577 – ھەدىس. بۇ ھەدىسنى ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان.
11. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، 2447 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 1579 – ھەدىس. بۇ ھەدىسنى ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلغان.
12. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، 1496 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 19 – ھەدىس. بۇ ھەدىسنى ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلغان.
13. «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 8795 – ھەدىس. باھا بەرگۈچىلەر: «سەنەدى زەئىف» دېگەن. «مۇسنەدۇ تەيالىسىي»، 2330 – ھەدىس؛ «مۇسنەدۇ شىھاب»، 315 – ھەدىس. مۇنزىرىي («ئەتتەرغىب»، 3 – توم، 130 – بەت)، ھەيسەمىي («مەجمەئۇززەۋائىد»، 10 – توم، 230 – بەت) ۋە ئىبنى ھەجەر («فەتھۇل بارىي»، 3 – توم، 360 – بەت) لەر: «سەنەدى ھەسەن» دېگەن. بۇ ھەدىسنى ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان. ئىمام ئەلمۇناۋىي («فەيزۇلقەدىر»، 3 – توم، 526 – بەت) مۇنداق دەيدۇ: «‹پاسىق› دېگەن سۆزدىن كافىر مەقسەت قىلىنىشى ئېھتىماللىقىمۇ، ئاسىي مۇسۇلمان مەقسەت قىلىنىشى ئېھتىماللىقىمۇ بار. ‹مەزلۇملارنىڭ دۇئاسى ئىجابەت بولىدۇ› دەپ ئېتىقاد قىلىش كېرەك، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ دۇئاسىنى سەن خاھلىغان چاغدا ئەمەس، بەلكى ئۆزى خاھلىغان چاغدا ئىجابەت قىلىدىغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلغانلىقى ئۈچۈن، دۇئانىڭ ھازىرلا نەتىجىسى كۆرۈلمىگەنلىكى بۇ ھەدىسكە زىت كېلىپ قالمايدۇ».
14. «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 8043 – ھەدىس. باھا بەرگۈچىلەر: «ھەسەن بىشەۋاھىدىھى ۋە تۇرۇقىھى» دېگەن. تىرمىزىي: (3598 – ھەدىس) «ھەسەن ھەدىس» دېگەن. «ئىبنى ماجە»، 1752 – ھەدىس. بۇ ھەدىسنى ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان.
15. تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇل ئەۋسەت»، 6225 – ھەدىس؛ بەززار: «مۇسنەد»، 8492 – ھەدىس. ھەيسەمىي: («مەجمەئۇززەۋائىد»، 9036 – ھەدىس) «بەززار بۇ ھەدىسنى ئىككى سەنەد بىلەن رىۋايەت قىلغان، تەبەرانىي ئۇنى بىرىنچى سەنەد بىلەن رىۋايەت قىلغان، بەززارنىڭ بىرىنچى سەنەدىنىڭ راۋىيلىرى سەھىھ توپلاملىرىنىڭ راۋىيلىرىدۇر» دېگەن. ئالبانىي: («سەھىھۇتتەرغىب»، 2200 – ھەدىس) «سەھىھ» دېگەن. بۇ ھەدىسنى ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان.
16. «مۇسلىم»، 1828 – ھەدىس.
17. «بۇخارىي»، 1742 – ھەدىس. بۇ ھەدىسنى ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلغان.
18. تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇل كەبىر»، 8 – توم، 116 – بەت ۋە «ئەلمۇئجەمۇل ئەۋسەت»، 2339 – ھەدىس. مۇنزىرىي («ئەتتەرغىب»، 3706 – ھەدىس)، ھەيسەمىي («مەجمەئۇززەۋائىد»، 10521 – ھەدىس) لەر: «سەنەدى ياخشى» دېگەن. ئىبنى ھەجەر: («فەتھۇل بارىي»، 12 – توم، 85 – بەت) «سەنەدىدە گەپ بار» دېگەن. ئالبانىي: («ئەسسىلسىلەتۇززەئىفە»، 1275 – ھەدىس) «زەئىف» دېگەن. بۇ ھەدىسنى ئەبۇ ئۇمامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان.
19. «مۇسنەدۇ بەززار»، 9446 – ھەدىس؛ تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇل ئەۋسەت»، 1445 – ھەدىس. مۇنزىرىي («ئەتتەرغىب»، 3460 – ھەدىس)، ھەيسەمىي («مەجمەئۇززەۋائىد»، 18413 – ھەدىس) لەر: «سەنەدى ھەسەن» دېگەن. بۇ ھەدىسنى ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان.
20. «مۇسلىم»، 2613 – ھەدىس.
21. «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 286 – ھەدىس. باھا بەرگۈچىلەر: «ئەبۇ فىراس دېگەن راۋىي ئەننەھدىي بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئەبۇ نەزرە مۇنزىر ئىبنى مالىكتىن باشقىلار ھەدىس رىۋايەت قىلمىغان. ئۇنى ئىبنى ھىبباندىن باشقىلار ئىشەنچلىك دەپ قارىمىغان. ئەبۇ زەرئە: ‹ئۇنى تونۇمايمەن› دېگەن» دېگەن. بۇ رىۋايەتنىڭ سەنەدىنى شەيخ ئەھمەد شاكىر: «ھەسەن» دېگەن.
22. تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇل كەبىر»، 21 – توم، 116 – بەت. مۇنزىرىي («ئەتتەرغىب»، 4243 – ھەدىس)، ھەيسەمىي («مەجمەئۇززەۋائىد»، 10529 – ھەدىس) لەر: «راۋىيلىرى ئىشەنچلىك» دېگەن. بۇ ھەدىسنىڭ يەنە بىر ۋارىيانتىنى («ئەبۇ داۋۇد»، 5004 – ھەدىس) ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
23. «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 14441 – ھەدىس. باھا بەرگۈچىلەر: «ئىمام مۇسلىم شەرتىگە ئاساسەن سەنەدى سەھىھ» دېگەن. «سەھىھۇ ئىبنى ھىببان»، 1723 – ھەدىس. ئالبانىي: («سەھىھۇتتەرغىب»، 2242 – ھەدىس) «سەھىھ لىغەيرىھى» دېگەن.
24) «ئىبنى ماجە»، 255 – ھەدىس. ئالبانىي: «زەئىف» دېگەن.
25. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، 7053 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 1849 – ھەدىس.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ