ئاللاھ نازىل قىلغان بويىچە ھۆكۈم قىلىش ۋە ئادالەتنى بەرپا قىلىشتا بىپەرۋالىق قىلماسلىق

ئاللاھ نازىل قىلغان بويىچە ھۆكۈم قىلىش ۋە ئادالەتنى بەرپا قىلىشتا بىپەرۋالىق قىلماسلىق

ھۆكۈمدار ۋە رەئىييەت مۇناسىۋەتلىرىدە

ئاللاھ نازىل قىلغان بويىچە ھۆكۈم قىلىش ۋە ئادالەتنى بەرپا قىلىشتا بىپەرۋالىق قىلماسلىق

ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي

ھەربىر مۇسۇلمان ھۆكۈمدارنىڭ ئاللاھ نازىل قىلغان بويىچە ھۆكۈم قىلىش، ئاللاھ رەسۇلىغا نازىل قىلغان ئېنىق كۆرسەتمىلەرگە رىئايە قىلىپ، ئۇنى مەيلى چوڭ بولسۇن ياكى كىچىك بولسۇن، ئۇچرىغان ھەرقانداق مەسىلىلەردە يېتەكچى ۋە يولىنى يورۇتۇپ بەرگۈچى چىراغ قىلىپ مېڭىش، ئۇنىڭغا كۆڭۈل كۆزى بىلەن قاراش ۋە توغرا سۆز، دانا قاراشلار بىلەن مەسلىھەت بېرىدىغان ياردەمچى ئەئيانلارنى تېپىپ ئىشلىتىش مەجبۇرىيىتى بار. چۈنكى، ئادالەت سەلتەنەتنىڭ ئاساسى، ياخشى ھۆكۈمدارلىقنىڭ تۈۋرۈكىدۇر. ياخشى دۆلەت مۇسۇلمان بولمىسىمۇ ئادالەتنى ئاساس قىلغان دۆلەتتۇر. ناچار دۆلەت مۇسۇلمانلىقنى دەۋا قىلسىمۇ ئادالەتتىن چەتنەپ كەتكەن دۆلەتتۇر.

شۇل بائىس، «قۇرئان كەرىم» ئادالەتنىڭ شەخس، ئائىلە، توپ، ئۈممەت ۋە ئىنسانىيەتتىكى بارلىق كۆرۈنۈشلىرى ۋە نامايەندىلىرىگە ئالاھىدە ئېتىبار بەرگەن.

قارايدىغان بولساق، «قۇرئان كەرىم» بىرەر پەزىلەتلىك ئەمەلگە ياكى ياخشى ئىشقا بۇيرۇغان بولسا، ئادالەت ئۇنىڭ بىرىنچىسى بولماي قالمايدۇ. مەسىلەن، ئاللاھ تائالانىڭ ﴿شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئادىل بولۇشقا، ياخشىلىق قىلىشقا ۋە خىش – ئەقرىبالارغا سىلە – رەھىم قىلىشقا بۇيرۇيدۇ﴾(16/«نەھل»: 90) دېگەن ئايىتى؛ ئەگەر ئىككى ئىشقا بۇيرۇغان بولسا، بىرى ئادالەت بولماي قالمايدۇ. مەسىلەن، ئاللاھ تائالانىڭ ﴿شۈبھىسىزكى، ئاللاھ سىلەرنى ئامانەتلەرنى ئىگىسىگە قايتۇرۇشقا، كىشىلەر ئارىسىدا ھۆكۈم قىلغاندا ئادىل ھۆكۈم قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، ئاللاھ سىلەرگە نەسىھەت قىلغان ئىشلار نېمىدېگەن ياخشى! ئاللاھ ھەقىقەتەن ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر﴾(4/«نىساﺋ»: 58) دېگەن ئايىتى؛ ئەگەر بىر ئىشقا بۇيرۇغان بولسا، ئۇ ئادالەت بولماي قالمايدۇ. مەسىلەن، ئاللاھ تائالانىڭ ﴿ئېيتقىنكى، «پەرۋەردىگارىم ئادىل بولۇشقا بۇيرۇدى»﴾(7/«ئەئراف»: 29) دېگەن ئايىتى.

«قۇرئان كەرىم» ئاللاھ تائالانىڭ ئىنسانىيەتكە نازىل قىلغان ساماۋى ئەلچىلىكلىرىنىڭ نىشانى ئادالەتنى بەرپا قىلىش ياكى «قۇرئان كەرىم» ئۇسلۇبى بويىچە ئېيتقاندا، ﴿ئىنسانلار ئادالەتنى بەرپا قىلسۇن!﴾ ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿بىز ھەقىقەتەن پەيغەمبەرلىرىمىزنى روشەن مۆجىزىلەر بىلەن ئەۋەتتۇق ۋە ئۇلار بىلەن بىللە، ئىنسانلار ئادالەتنى بەرپا قىلسۇن دەپ، كىتابنى، قانۇننى چۈشۈردۇق﴾(57/«ھەدىد»: 25).

بۇ ئايەتتىن، نېمە ئۈچۈن ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرلىرىنى بېشارەت بەرگۈچى ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ئەۋەتكەن؟ نېمە ئۈچۈن ئۇلارغا ھىدايەتكە باشلىغۇچى كىتابلارنى ۋە تۈرلۈك ئۆلچەملەرنى نازىل قىلغان؟ دېگەن سوئاللارنىڭ جاۋابىنى تاپالايمىز. بۇلارنىڭ ھەممىسى پەقەتلا ﴿ئىنسانلار ئادالەتنى بەرپا قىلسۇن!﴾ ئۈچۈندۇر. «قۇرئان كەرىم»نىڭ ﴿ئىنسانلار ئادالەتنى بەرپا قىلسۇن!﴾ دەپ گۈزەل ئىپادىلىشىگە قارىمامسىز! پەيغەمبەرلەرنىڭ ئۇلارغا ئۆگىتىدىغانلىرىنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇھىمى، ئۆزئارا ئادالەتنى قانداق بەرپا قىلىشتۇر.

بۇنىڭ مەنىسى، كىشىلەر ئۆزئارا ياخشى مۇئامىلە قىلىشىشى، ئاجىزنى يۆلەپ، زالىمغا قارشى ھەق ئىگىسىگە ياردەم بېرىشى، يېتىم بالىلارنىڭ بېشىنى سىلىشى، تۇل ئاياللارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشى، ياخشىلىق ۋە تەقۋادارلىققا ياتىدىغان ئىشلاردا ئۆزئارا ھەمكارلىشىشى، گۇناھ – مەئسىيەتتە ھەمكارلاشماسلىقى، قېرىندىشىغا يامان نىيەتتە بولماي ياخشى نىيەتتە بولۇشى، ھەممەيلەن خۇددى تاغاقنىڭ چىشىغا ئوخشاش تەڭ – باراۋەر بولغاچقا، باشقىلارغا تەكەببۇرلۇق قىلماسلىقى كېرەك، دېگەنلىكتۇر.

ھۆكۈمران كىشىمۇ رەئىييەتتىن بىرى، خالاس! شۇغىنىسى، ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز ئېيتقاندەك، ئاللاھ ھۆكۈمراننىڭ يۈكىنى ئېغىرراق قىلغانلا يېرى بار.

ئادالەت بارلىق كىشىلەردىن تەلەپ قىلىنىدۇ. جىمى ئىنسانىيەتنىڭ پەرۋەردىگارى ئادالەتنى ئۇلاردىن شەخسىي تۇرمۇشلىرىدا ۋە ئۆزئارا مۇئامىلىلىرىدە ۋۇجۇدقا چىقىرىشنى تەلەپ قىلغان، لېكىن ئادالەت تەلەپ قىلىنىدىغانلارنىڭ ئەڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغىنى، خەلققە ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان ئەمىر – ئۆمەرا ھاكىملاردۇر. بۇنىڭ سەۋەبى، ئۇلارنىڭ ھەربىرى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سەھىھ ھەدىسلىرىدە مەدھىيەلىگەن ئادالەتلىك ھاكىملاردىن بولۇشقا، شۇنداقلا ھەق ۋە ياخشى ئىشلارغا ھەمدەم بولۇش، كۈچىگە تايىنىپ ئاجىزنى بوزەك قىلغان زالىملار ۋە مال – دۇنيا توپلىغۇچىلارغا قارشى پېقىر ۋە ئاجىزلارنىڭ تەرىپىنى تۇتۇش قاتارلىقلاردا ئۈممەتى مۇھەممەدكە ئۆرنەك بولۇشقا تىرىشىشى ئۈچۈندۇر.

دېمەك، ئادالەتلىك ھاكىم دېگىنىمىز، ئاللاھ بىلەن بەندىلىرى ئوتتۇرىسىدا تۇرۇپ، ئاللاھنىڭ قانۇنىنى ئىجرا قىلىدىغان، رەئىييەت ئارىسىدا شەرىئەت بويىچە ھۆكۈم قىلىدىغان كىشىدۇر. شۇنداق بولغاندا، بىرىنىڭ ھەققىنى ئېلىپ بېرىشتە، ئۇنىڭ ئالدىدا كۈچلۈك كىشى ئاجىز، ئاجىز كىشى كۈچلۈك ھېسابلىنىدۇ.

ئاللاھ تائالا مۇقەددەس كىتابلىرىنى — ئۇنىڭ ئاخىرقىسى «قۇرئان كەرىم» — مۇزېيلەردە قويۇپ قويۇشقا ياكى تاملارنى بېزەش ئۈچۈن ئېسىپ قويۇشقا، ياكى تەۋەررۈك قىلىپ ساقلاشقا نازىل قىلمىغان. بەلكى ئۇنى ئادالەتنى بەرپا قىلىپ، زۇلۇمنى يوقىتىش، ئۈممەتنى بىرلەشتۈرۈش، ھەق – ناھەقنى ئايرىش، كىشىلەر نىشاننى ئېنىق كۆرەلمەي گاڭگىراپ قالغاندا، ئوتتۇرىدىكى دەتالاشنى يوقىتىش ئۈچۈن نازىل قىلغان. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿بىز كىتابنى (يەنى «قۇرئان»نى) پەقەت سېنىڭ كىشىلەرگە ئۇلار (دىنىدىكى) دەتالاش قىلىشقان نەرسىلەرنى بايان قىلىپ بېرىشىڭ ئۈچۈن، ئىمان ئېيتىدىغان قەۋمگە ھىدايەت ۋە رەھمەت بولسۇن ئۈچۈنلا نازىل قىلدۇق﴾(16/«نەھل»: 64)، ﴿ئىنسانلار بىر ئۈممەت (يەنى ھەق دىندا) ئىدى (كېيىن ئۇلارنىڭ بەزىسى ئىمان ئېيتىپ، بەزىسى ئىمان ئېيتماي ئىختىلاپ قىلىشتى)، ئاللاھ خۇشخەۋەر بەرگۈچى، ئاگاھلاندۇرغۇچى پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتى؛ كىشىلەرنىڭ ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىلىرى ئۈستىدە ھۆكۈم چىقىرىش ئۈچۈن، ئۇلارغا ھەق كىتابنى نازىل قىلدى﴾(2/«بەقەرە»: 213) ۋە ﴿بۇ «قۇرئان» ھەقىقەتەن ئەڭ توغرا يولغا باشلايدۇ، ياخشى ئىشلارنى قىلىدىغان مۇئمىنلەرگە ئۇلارنىڭ چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىدىغانلىقى بىلەن خۇشخەۋەر بېرىدۇ﴾(17/«ئىسراﺋ»: 9).

سىز بىر دۆلەت رەئىسىنىڭ پۇقرالار ھەققىدە چۈشۈرگەن بىر ئۇقتۇرۇشىنى خىيالىڭىزغا كەلتۈرۈپ بېقىڭ! ئۇنى ئىجرا قىلىدىغانلار ئۇنى قەستەنلىك بىلەن تاشلاپ قويۇپ ئۇنىڭغا قاتتىق توسقۇنلۇق قىلسا، بۇ ئۇ رەئىسنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرغانلىق، ئۇنىڭ ھۆكمىگە ئىسيانكارلىق قىلغانلىق ۋە ئۇنىڭ بىلەن دۈشمەنلەشكەنلىك بولماي نېمە؟!

شۇنداق، ئاللاھنى ھېچبىر مەخلۇققا قىياس قىلىشقا بولمايدۇ، ئەلبەتتە. ئۇنداقتا ئىنسانىيەتنىڭ پەرۋەردىگارى، خالايىقلارنىڭ پادىشاھى، بارچە بەندىلەرنىڭ ئىلاھى بولمىش زات ئۆزىنىڭ كۆرسەتمىلىرى بىلەن ھاياتنى رەتكە سېلىش ئارقىلىق ئۇلارنى توغرا يولدىن ئادىشىپ كېتىشتىن ساقلاش، ئۇنىڭ بىلەن ئىنسانىيەتكە ھۆكۈم قىلىپ سائادەتكە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن مەسۇم ئەلچىسىنى كىتابى بىلەن ئەۋەتسە، بۇنى ئىجرا قىلىدىغان ھۆكۈمرانلار خۇددى ئۇنىڭدىن تامامەن بىخەۋەردەك ئاللاھنىڭ كىتابىنى چۆرۈپ تاشلىۋېتىپ، ئاللاھنىڭ قانۇن – بەلگىلىمىلىرىنى تىڭشىماس بولۇۋالسا، تۇرمۇشلىرىدا ئىنسانلار پەيدا قىلغان قانۇن – بەلگىلىمىلەرنى ھۆكۈمران قىلسا قانداق بولغىنى؟! ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿(مۇناپىقلار) «ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرگە ئىمان ئېيتتۇق ۋە ئىتائەت قىلدۇق» دېيىشىدۇ، ئاندىن ئۇلاردىن بىر جامائە شۇنىڭدىن (يەنى ئىماننى دەۋا قىلغاندىن) كېيىن، (شەرىئەت ھۆكمىدىن) يۈز ئۆرۈيدۇ، ئۇلار (ھەقىقەتتە) مۇئمىن ئەمەس. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا (پەيغەمبەر) ھۆكۈم چىقىرىش ئۈچۈن، ئۇلار ئاللاھنىڭ ۋە پەيغەمبەرنىڭ (ھۆكمىگە) چاقىرىلسا، ئۇلاردىن بىر جامائە (پەيغەمبەرنىڭ ئالدىغا ھازىر بولۇشتىن) باش تارتىدۇ. ئەگەر ھەقىقەت ئۇلارنىڭ تەرىپىدە بولىدىغان بولسا (رەسۇلۇللاھنىڭ  ھەق ھۆكۈم چىقىرىدىغانلىقىنى بىلىدىغانلىقلىرى ئۈچۈن)، پەيغەمبەرگە بويسۇنغان ھالدا كېلىشىدۇ. ئۇلارنىڭ دىللىرىدا (مۇناپىقلىق) ئىللىتى بارمۇ؟ يا) مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىدىن) گۇمانلىنامدۇ؟ يا ئاللاھنىڭ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ئۇلارغا ئادىل بولماسلىقىدىن قورقامدۇ؟ ياق، ئۇلار (رەسۇلۇللاھنىڭ ھۆكمىدىن باش تارتقانلىقلىرى ئۈچۈن) زالىمدۇر. (پەيغەمبەر) مۇئمىنلەرنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىش ئۈچۈن، ئۇلار ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە چاقىرىلغان چاغدا ئۇلار: «ئاڭلىدۇق ۋە ئىتائەت قىلدۇق دېيىشلىرى كېرەك، مانا شۇنداق كىشىلەر مەقسەتكە ئېرىشكۈچىلەردۇر. ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلغان، ئاللاھتىن قورققان ۋە ئۇنىڭغا تەقۋادارلىق قىلغان كىشىلەر بەختكە ئېرىشكۈچىلەردۇر﴾ (24/«نۇر»: 47 – 52).

ھەقىقەتەن بۇ ئىش ئىسلامغا مەنسۇپ بولغان، ئۇنىڭ ئەھكاملىرى ئاللاھتىن كەلگەن دەپ ئېتىقاد قىلغان، ئاللاھنىڭ ئىلمى ۋە ھېكمىتىگە، شۇنداقلا بارلىق بەلگىلىمىلىرىدە بەندىلىرىگە ئېھسان قىلىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن بىر كىشى سادىر قىلىدىغان چوڭ گۇناھلارنىڭ ئەڭ چوڭى، ھاراملارنىڭ ئەڭ يامىنىدۇر. بۇ ۋەجدىن، «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئاللاھ نازىل قىلغان بويىچە ھۆكۈم قىلماسلىقنى كۇفۇرلۇق (ئاللاھتىن تېنىش) ياكى زالىملىق، ياكى پاسىقلىق (ئىتائەتتىن چىققانلىق) دەپ ھېسابلىغانلىقى ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەس. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿كىملەركى ئاللاھ نازىل قىلغان ئايەتلەر بويىچە ھۆكۈم قىلمايدىكەن، ئۇلار كافىرلاردۇر﴾(5/«مائىدە»: 44)، ﴿ئاللاھ نازىل قىلغان ئايەتلەر بويىچە ھۆكۈم قىلمىغانلار زالىملاردۇر﴾(5/«مائىدە»: 45)، ﴿ئاللاھ نازىل قىلغان ئايەتلەر بويىچە ھۆكۈم قىلمىغانلار پاسىقلاردۇر﴾(5/«مائىدە»: 47).

كۇفۇرلۇق، زالىملىق ۋە پاسىقلىق بىر – بىرىگە يېقىن، بەلكى «قۇرئان»نىڭ ئىپادىلىشىدە بىر – بىرىگە ئوخشاش سۈپەتلەردۇر. چۈنكى، ئاللاھقا كۇفۇرلۇق قىلغان كىشى ئۆزىگە زۇلۇم سالغان ۋە پەرۋەردىگارىنىڭ ئىتائىتىدىن چىقىپ كەتكەن (پاسىقلىق قىلغان) بولىدۇ. شۇڭا، «قۇرئان كەرىم»دە مۇنداق كەلگەن: ﴿كافىرلار زۇلۇم قىلغۇچىلاردۇر﴾(2/«بەقەرە»: 254). ﴿شىرك كەلتۈرۈش ھەقىقەتەن ئېغىر زۇلۇمدۇر﴾(31/«لوقمان»: 13). ﴿ئۇلارنى پەقەت پاسىقلارلا ئىنكار قىلىدۇ﴾(2/«بەقەرە»: 99). ﴿شۇ ۋەدىدىن كېيىن كافىر بولغانلار ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققۇچىلاردۇر﴾(24/«نۇر»: 55).

ئاللاھ تائالا ئىبلىس ھەققىدە: ﴿ئىبلىس جىنلاردىن ئىدى. ئۇ پەرۋەردىگارىنىڭ ئىتائىتىدىن چىقتى﴾(18/«كەھف»: 50) ۋە: ﴿ئىبلىس باش تارتتى، تەكەببۇرلۇق قىلدى، ئۇ كافىرلاردىن بولۇپ كەتتى﴾(2/«بەقەرە»: 34) دېگەن.

يۇقىرىقى ئايەتلەر ئەھلى كىتابلار ھەققىدە نازىل بولغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئىبارىلىرى يەھۇدىي – خرىستىياننىمۇ، مۇسۇلماننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىدا شەك يوق. ئاللاھ تائالانىڭ بىرنەچچە ئايەتتە ئاللاھنىڭ نازىل قىلغىنى بويىچە ھۆكۈم قىلمىغان يەھۇدىي ياكى خرىستىياننى كۇفۇرلۇق، ياكى زالىملىق، ياكى پاسىقلىق بىلەن سۈپەتلەپ، مۇسۇلماننىڭ ئاللاھ نازىل قىلغان ھىدايەت ۋە ھەقنى چۆرۈپ قويۇپ ئۆزىنىڭ ياكى باشقا ئىنسانلارنىڭ نەپسى خاھىشى بويىچە ھۆكۈم قىلىشىغا رۇخسەت قىلىشى ھەرگىزمۇ ئەقىلگە سىغمايدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿ئاللاھ ۋەھيى قىلغان توغرا يولنى قويۇپ نەپسى خاھىشىغا ئەگەشكەن كىشىدىنمۇ ئازغۇن ئادەم بارمۇ؟ ئاللاھ ھەقىقەتەن زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ﴾(28/«قەسەس»: 50). ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرىگە مۇنداق خىتاب قىلغان تۇرسا، مۇسۇلماننىڭ نەپسى خاھىشى بويىچە ھۆكۈم قىلىشىغا رۇخسەت قىلىشى قانداقمۇ ئەقىلگە سىغسۇن؟ ﴿بىز ساڭا ئۆزىدىن ئىلگىرىكى (ساماۋى) كىتابلارنى ئېتىراپ قىلغۇچى ۋە ئۇلارغا شاھىت بولغۇچى ھەق كىتابنى (يەنى «قۇرئان»نى) نازىل قىلدۇق. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئاللاھ ساڭا نازىل قىلغان «قۇرئان» بويىچە ھۆكۈم قىلغىن! ساڭا كەلگەن ھەقتىن بۇرۇلۇپ، ئۇلارنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشمىگىن!﴾(5/«مائىدە»: 48)

ئاندىن كېيىنكى ئايەتتە مۇنداق دەيدۇ: ﴿ئۇلار (يەنى يەھۇدىيلەر ۋە ناسارالار) نىڭ ئارىسىدا ئاللاھ ساڭا نازىل قىلغان بويىچە ھۆكۈم قىلغىن! ئۇلارنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشمىگىن! ئۇلارنىڭ ئاللاھ ساڭا نازىل قىلغاننىڭ بىرقىسمىدىن سېنى ۋاز كەچتۈرۈشىدىن ساقلانغىن! ئەگەر ئۇلار يۈز ئۆرۈسە، بىلگىنكى، ئۇلارنىڭ بىرقىسىم گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن ئاللاھ ئۇلارنى جازالاشنى ئىرادە قىلىدۇ. شەك – شۈبھىسىزكى، كىشىلەردىن نۇرغۇنى پاسىقتۇر. ئۇلار جاھىلىيەت دەۋرىنىڭ ھۆكمىنى تەلەپ قىلامدۇ؟ (ئاللاھقا) چىن ئىشىنىدىغان قەۋمنىڭ نەزەرىدە ھۆكۈمدە ئاللاھتىنمۇ ئادىل كىم بار؟!﴾(5/«مائىدە»: 49، 50)

ھۆكۈم پەقەت ئىككىدۇر: ئاللاھنىڭ ھۆكمى ياكى جاھىلىيەت ھۆكمى. ئاللاھنىڭ ھۆكمى دېگىنىمىز، ئاللاھ كىتابىدا ياكى رەسۇلىنىڭ تىلىدا نازىل قىلغان بويىچە ھۆكۈم قىلىش؛ جاھىلىيەت ھۆكمى بولسا ئىگىلىرى تۈرلۈك نام – ئاتاقلارنى قويۇۋېلىشىدىن قەتئىينەزەر، ئىنسانلارنىڭ نەپسى خاھىشى بويىچە ھۆكۈم قىلىشتۇر. مەخلۇقنىڭ قانۇنىغا مۇراجىئەت قىلىش ئۈچۈن، خالىق ئاللاھ نازىل قىلغان ۋە ياراتقان شەرىئەت بويىچە ھۆكۈم قىلىشقا توسالغۇ بولىدىغان ھەرقانداق ھۆكۈم، ئۇ مەيلى ئۆز نەپسى خاھىشىغا ياكى باشقىلارنىڭكىگە ئەگىشىش بولسۇن، ئازدۇرغۇچى نەپسى خاھىشقا ئەگىشىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس! ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرىگە مۇنداق دېگەن: ﴿ئەگەر ئۇلار ساڭا جاۋاب بەرمىسە، بىلگىنكى، ئۇلار پەقەت ئۆزلىرىنىڭ نەپسى خاھىشىغىلا ئەگىشىدۇ، ئاللاھ ۋەھيى قىلغان توغرا يولنى قويۇپ نەپسى خاھىشىغا ئەگەشكەن كىشىدىنمۇ ئازغۇن ئادەم بارمۇ؟ ئاللاھ ھەقىقەتەن زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ﴾(28/«قەسەس»: 50). ﴿ئاندىن سېنى بىز دىن ئىشىدا (روشەن) بىر يولدا قىلدۇق، شۇ يولغا ئەگەشكىن، بىلمەيدىغانلار (يەنى مۇشرىكلەر) نىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشمىگىن! شۈبھىسىزكى، (ئۇلارنىڭ گۇمراھلىقىغا ماسلىشىدىغان بولساڭ) ئۇلار سەندىن ئاللاھنىڭ (ئازابى) دىن ھېچنەرسىنى دەپئى قىلالمايدۇ، شۈبھىسىزكى، (دۇنيادا) زالىملارنىڭ بەزىسى بەزىسىگە دوستتۇر، ئاللاھ تەقۋادارلارنىڭ دوستىدۇر﴾(45/«جاسىيە»: 18 – 19).

ئاللاھ نازىل قىلغان بويىچە ھۆكۈم قىلىش دىنىمىزدىكى قوشۇمچە بىر ئىش ياكى ئىسلامدىكى مۇستەھەپ ئىش ئەمەس. بەلكى ئىمان ۋە ئىسلامنىڭ تەقەززاسى! «بىر ئاللاھتىن باشقا ھەق مەبۇد يوق، مۇھەممەد ئاللاھنىڭ ئەلچىسى» دەپ گۇۋاھلىق بېرىشنىڭ ئەمەلىي ئىپادىسىدۇر.

ئەگەر ئىسلامدىن باشقىنى دىنىم، «قۇرئان»دىن باشقىنى ھايات قانۇنىم، مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن باشقىنى يولباشچىم دەيدىغان ئىش بولسا، كىشىنىڭ ئاللاھنى پەرۋەردىگار، «قۇرئان»نى ھايات قانۇنى ۋە مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى دەپ ئىمان ئېيتىشىنىڭ مەنىسى بولمايدۇ. ﴿ئېيتقىنكى، «ئاللاھ سىلەرگە روشەن كىتاب نازىل قىلغان تۇرسا، ئاللاھتىن غەيرىي ھۆكۈم قىلغۇچىنى تەلەپ قىلامدىم؟»﴾(6/«ئەنئام»: 114) ﴿ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى بىرەر ئىشتا ھۆكۈم چىقارغان چاغدا، ئەر، ئايال مۇئمىنلەرنىڭ ئۆز ئىشىدا ئىختىيارلىقى بولمايدۇ، كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىغا ئاسىيلىق قىلسا، ھەقىقەتەن ئۇ ئوپئوچۇق ئازغان بولىدۇ﴾(33/«ئەھزاب»: 36).

ئاللاھ تائالا ئۆز ئارىسىدىكى دەتالاشقا ئاللاھنىڭ ئەلچىسى چىقارغان ھۆكۈمگە رازى بولماي، تاغۇتنىڭ ھۆكمىگە رازى بولغان قەۋمدە «ئىمان يوق» دەپ ئۆزىنىڭ پەرۋەردىگارلىق سۈپىتى بىلەن قەسەم قىلغان. ئاللاھنىڭ ھۆكمىنى رەت قىلغان ھەرقانداق ھۆكۈم تاغۇت ھۆكمىدۇر. ئاللاھ نازىل قىلغاندىن باشقىچە قىلىنغان ھۆكۈممۇ جاھىلىيەتتۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ ئايەتلىرىنى ئوقۇپ چىقايلى: ﴿ساڭا نازىل قىلىنغان كىتابقا (يەنى «قۇرئان»غا) ۋە سەندىن بۇرۇن نازىل قىلىنغان كىتابلارغا (يەنى تەۋراتقا ۋە ئىنجىلغا) ئىمان كەلتۈردۇق دەۋالغان كىشىلەر (يەنى مۇناپىقلار) نى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇلار ئەرزىنى تاغۇتنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بارماقچى بولۇۋاتىدۇ؛ ھالبۇكى، ئۇلار تاغۇتنى ئىنكار قىلىشقا بۇيرۇلغان، شەيتان ئۇلارنى چوڭقۇر ئازدۇرۇشنى خاھلايدۇ. ئۇلار (يەنى مۇناپىقلار) غا: «ئاللاھ نازىل قىلغان كىتاب تەرەپكە ۋە پەيغەمبەر تەرەپكە كېلىڭلار!» دېيىلسە، مۇناپىقلارنىڭ سەندىن قاتتىق يۈز ئۆرۈگەنلىكىنى كۆرىسەن﴾(4/«نىساﺋ»: 60 – 61). ئۇندىن كېيىن ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿(ئى مۇھەممەد!) پەرۋەردىگارىڭ بىلەن قەسەمكى، ئۇلار (يەنى مۇناپىقلار) ئۆز ئارىسىدىكى دەتالاشقا سېنى ھۆكۈم چىقىرىشقا تەكلىپ قىلمىغۇچە، ئاندىن سېنىڭ چىقارغان ھۆكمىڭگە ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكى قىلچە غۇم بولسىمۇ يوقالمىغۇچە ۋە ئۇلار پۈتۈنلەي بويسۇنمىغۇچە ئىمان ئېيتقان بولمايدۇ﴾(4/«نىساﺋ»: 65).

بۇ تۈرلۈك بايان قىلىش، قەسەم قىلىش ۋە تەكىتلەشلەردىن كېيىن ئېنىق ئايرىيالماي قېلىش، باشقىچە چۈشىنىۋېلىش، ئۆزرە ئېيتىش ۋە باھانە كۆرسىتىشكە ئورۇن قالامدۇ؟!

ئاللاھ نازىل قىلغان بويىچە ھۆكۈم قىلىشتىن باش تارتىش ئەگەردە ئېنىق كۇفۇرلۇق بولمىسا، ئۇ ئېنىق زۇلۇم سېلىش ۋە ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىقىشتۇر. ئاللاھ نازىل قىلغاندىن يۈز ئۆرۈش بىلەن ئۇنى كۆزگە ئىلماسلىق ياكى مەسخىرە قىلىش، ياكى ھازىرقى تۇرمۇشىمىزنى توغرا يۈزلەندۈرۈشكە، ئۇنىڭدا ئادالەتنى بەرپا قىلىشقا يارايدىغانلىقىدا شەكلىنىش؛ ئۇنىڭ ئەھكاملىرىنى قالاقلىق، ئۆتمۈشكە قايتىش بىلەن ياكى باغرى تاشلىق ۋە ۋەھشىيلىك بىلەن قارىلاش؛ ئىنسانلارنىڭ بېكىتىۋالغان قانۇنلىرى تېخىمۇ توغرا، تېخىمۇ ئادىل دېيىش قاتارلىقلار بىرگە جەم بولسا، مانا بۇ كىشىنى ئىسلام دائىرىسىدىن، مۇسۇلمانلار قېتىدىن چىقىرىپ ئۇنىڭغا مۇرتەدلىك ئەھكاملىرىنى ئىجرا قىلىشقا سەۋەب بولىدىغان ئوپئوچۇق كۇفۇرلۇقنىڭ دەل ئۆزى بولىدۇ.

ئاللاھ بەلگىلىگەن ئېغىر جازالارنى ئىجرا قىلماسلىق

ئىسلامدىكى ئەڭ چوڭ ھارام ئىشلارنىڭ بىرى، ھۆكۈمدارنىڭ ئاللاھ بەلگىلىگەن ئېغىر جازالاردىن بىرەرسىنى ئىجرا قىلىش شەرتلىرى تولۇق تېپىلغان، باشقا ئېھتىماللىقلار يوق تۇرۇقلۇق، باشقا سەۋەبتىن ئەمەس، بەلكى پەقەتلا نەپسى خاھىشىغا ئەگىشىپ، ئىجرا قىلماسلىقىدۇر. مەسىلەن، ئوغرىنىڭ ئوغرىلىق جىنايىتى مۇتلەق جەزملەشكەن بولسىمۇ قولى كېسىلمەيدۇ؛ زىناخور ئېنىق زىنا قىلمىشىنى سادىر قىلغان بولسىمۇ قامچىلانمايدۇ؛ ھاراقكەش ئوچۇق – ئاشكارا ھاراق ئىچسىمۇ ئۇنىڭ مويىغا تېگىلمەيدۇ؛ ئەنە شۇ تەرىقىدە ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنى ئەدەبلەش، قايتا سادىر قىلماسلىقى ۋە باشقىلارنىڭمۇ ئۇنىڭدەك قىلىپ سېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بەلگىلىگەن جازالىرى ئىجرا قىلىنماي قالىدۇ. ئەسلىدە بۇ جازا يامان يولدا مېڭىۋەرمەسلىكى ئۈچۈن جىنايەتچىنىڭ ئۆزى ئۈچۈنمۇ ۋە شۇ يامانلىقنىڭ مۇسۇلمانلار جامائەسى ئارىسىدا قاقشالغا تۇتاشقان ئوتتەك يامراپ كەتمەسلىكى ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن پايدىلىق ئىدى.

ھەممىگە ئومۇم بولغان بۇ پايدىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ھۆكۈمدارنىڭ ئادالەتنى بەرپا قىلغان بىر كۈنى ئاتمىش يىللىق ئىبادىتىدىن ئەۋزەل. زېمىندا ھەق ئىجرا قىلىنغان بىر جازا ئۇنىڭغا ياغقان قىرىق كۈنلۈك يامغۇردىن پايدىلىق»(1) دەپ تەسۋىرلىگەن.

جەمئىيەتنى زىناخورلار بىلەن ھاراقكەشلەر ئىگىلەپ كەتسە، ھەممە نەرسىنى لۈكچەكلەر بىلەن ئوغرىلار بۇلاپ – تالاپ كەتسە، ئۇ چاغدا يامغۇر، زېمىن ۋە دەل – دەرەخلەرنىڭ نېمە قىممىتى بولسۇن؟!

ئاللاھ بەلگىلىگەن ئېغىر جازالارنى ئىجرا قىلماسلىق چوڭ گۇناھلاردىن بولۇپ، بىر كىشى بۇ شەرئىي ۋە ئىلاھىي جازالارنى باغرى تاشلىق، ۋەھشىيلىك ۋە ئىنساننىڭ قەدىر – قىممىتىنى قىلمايدىغان قالاقلىق بىلەن قارىلىغان ئەھۋالدا، بۇ گۇناھ ئېغىرلىشىپ ئېنىق كۇفۇرلۇققا بېرىپ قالىدۇ.

ئۇلارنىڭ بۇ تۈرلۈك سۆزلىرى «ئاللاھ بۇ دەۋرگە مۇناسىپ جازانى بىلەلمىگەن، ئۇ جازاغا لايىق بولمىغان كىشىلەرنى جازالايدۇ» دېگەن يەرگە بارىدىغان بولۇپ، نەتىجىدە بۇ ئېغىر جازالارنى بەلگىلىگەن زات ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالانى «بىلمەسلىك ۋە باغرى تاشلىق» بىلەن قارىلايدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇلار دەۋاتقان بۇ گەپلەردىن شەكسىز پاكتۇر.

ئۇلار جىنايەتچىنى جەمئىيەتتىكى شەخسلەرگە زىيانلىق تەرىقىدە ئەركىلىتىشنىڭ رەھىمدىللىك ئەمەسلىكىنى بىلەلمەي قالغان. ھەقىقىي رەھىمدىللىك دېگەن، جىنايەتچىمۇ جىنايەتنى تاشلاپ ئەدەبلەنگەنگە قەدەر، باشقىلارمۇ ئۇنىڭدىن ئىبرەت ئېلىپ قولىنى يىغقانغا قەدەر ئۇنىڭغا قاتتىق قوللۇق قىلىشتا.

كۆيۈمچان، سەمىمىي ئاتا ئۆچ ئېلىش ياكى باغرى تاشلىق قىلىپ ئەمەس، بەلكى تەربىيەلەش ۋە ئەدەبلەش يۈزىسىدىن ئۆزىنىڭ كۆز قارىچۇقى بولمىش پەرزەنتىنى ئۇرۇپ سېلىشى مۇمكىن.

بىمارمۇ ئەگەر ئۇنى داۋالىغان دوختۇر سەمىمىي مەسلىھەت بەرسە، ئائىلىسى ۋە يېقىنلىرى رازى بولغان تەقدىردە، جىسمىنىڭ باشقا قىسمىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن بىر ئەزاسىنى كېسىپ ئېلىۋېتىش ياكى قورسىقىنى يېرىپ داۋالاشقا رازى بولىدۇ. بۇنى ئۆرپ -ئادەتمۇ، ئەخلاقمۇ توغرا تاپىدۇ.

ئۇنداقتا ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلىرىگە ئۇلارنىڭ ھوشىنى يىغدۇرىدىغان، ئۇلارنى يولدىن چىقىپ كېتىشلىرىنىڭ ئاقىۋىتىدىن قورقۇتىدىغان مۇناسىپ ئېغىر جازالارنى بەلگىلىشىنى نېمە ئۈچۈن قوبۇل قىلالمايمىز؟! ھالبۇكى، ئۇ زات بەندىلىرىنى ئوڭشايدىغاننىمۇ، بۇزىدىغاننىمۇ ئوبدان بىلگۈچىدۇر: ﴿ئاللاھ بۇزغۇچى ۋە تۈزىگۈچىنى بىلىپ تۇرىدۇ﴾(2/«بەقەرە»: 22). يەنە كېلىپ ئاللاھ تائالا ئۇلارغا ھەرقانداق بىر ئانا بوۋىقىغا كۆيۈنگەندىنمۇ بەكرەك كۆيۈمچاندۇر: ﴿ئاللاھ كىشىلەرگە ھەقىقەتەن مېھرىباندۇر، ناھايىتى كۆيۈمچاندۇر﴾(2/«بەقەرە»: 143).

شەيخۇلئىسلام ئىبنى تەيمىييە مۇنداق دەيدۇ: «شۇنى بىلىش كېرەككى، شەرئىي ئېغىر جازالارنىڭ ئىجرا قىلىنىشى ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلىرىگە قىلغان رەھمىتىدۇر. شۇڭا، ئېغىر جازالارنى ئىجرا قىلىشتا ھۆكۈمدار ھېچكىمدىن قورقۇپ قالمايدىغان دەرىجىدە كەسكىن بولۇشى، ئۇنىڭ مەقسىتى ئۆچ ئېلىۋېلىش ياكى خالايىققا ھۆكۈمرانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويۇش بولماستىن، بەلكى پەرزەنتىنى رۇسلاش ئۈچۈن كۆيۈنۈپ ئەدەبلىگەن ئاتىغا ئوخشاش، كىشىلەرنى يامان ئىشلاردىن توسۇپ قېلىش ئارقىلىق ئۇلارغا كۆيۈنۈشتىن ئىبارەت بولۇشى كېرەك»(2).

جىنايەتچىگە مېھىر – شەپقەت قىلىش نامى بىلەن ئاللاھنىڭ بەلگىلىگەن جازالىرىنى ئىجرا قىلماسلىق ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلۇغ ماقامىدىن تەپ تارتماسلىق بولۇپلا قالماي، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ زىيىنى بەدىلىگە جىنايەتچىگە چاكىنىلىق بىلەن يان بېسىشتۇر. چۈنكى، جىنايەتچى ئۇنىڭ مال – مۈلكىنى ئوغرىلاپ ئۆيىنى ۋەيران قىلىۋېتىشى، ھەققى – ھۆرمىتىگە، ئائىلە – تاۋابىئاتىغا تاجاۋۇز قىلىشى، ھەتتا ئادالەتنىڭ جازاسىدىن قۇتۇلۇپ قېلىش ئۈچۈن زىيانغا ئۇچرىغۇچىنىڭ بوينىنى ئۈزۈۋېتىشى مۇمكىن.

ئەجەبلىنەرلىك يېرى، ئۇلار بۇ گەپنى «ئىنسانىيەت» دەۋاسى ئاستىدا قىلىشىدۇ. خۇددى جىنايەتچىنىڭ ئۆزىلا ئىنسان، ئۇنىڭ جىنايىتىنىڭ قۇربانى بولغان شەخس ۋە ئائىلىلەر ئىنسان ئەمەستەك. ئۇلار بۇ ئىشى بىلەن جىنايەتچىنى قوغدىغاندەك قىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنى كەمسىتىدۇ. يەنى ئۇلار جىنايەتچىنى ئۆز قىلمىشى ۋە جىنايىتىدىن مەسئۇل بىر ئىنسان قاتارىدا كۆرمىگەندۇر. چۈنكى، ئۇلار ئۇنى ئۆز ئىرادىسىنى يوقاتقان، مۇھىت ۋە ئادەت بويىچە بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا مەجبۇر بولۇپ قالغان، جەمئىيەتنىڭ چوڭ ماشىنىسىدىكى بىر چىشلىق چاق خالاس، دەپ قارايدۇ. ئىنساننىڭ ئالاھىدىلىكى بولغان جاۋابكارلىق سۈپىتىدىن مەھرۇم قىلىدىغان بۇ تەقدىرچىلىك نېمىدېگەن قەبىھ – ھە!

بۇنىڭدىن سىرت، ئۇلارنىڭ بۇ جىنايەتچىگە «ئىنسانپەرۋەرلىك» نامى ئاستىدا ھېسداشلىق قىلىشى، ئامانلىقى تەھدىتكە ئۇچرىغان، خاتىرجەملىكى بۇزۇلغان، ئىپپەت – نومۇسى دەپسەندە قىلىنغان ۋە جىنايەت قۇربانى بولغان بىر جەمئىيەتكە كۆزىنى يۇمۇۋېلىشتۇر. بۇ جەمئىيەتنىڭ قوغدىلىشى كېرەك بولغان ھۆرمىتى، ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك بولغان ھەققى يوقمۇ؟! «ئەركىنلىك» نامى بىلەن شەخسنى خاھلىغىنىنى قىلىشقا قويۇپ بېرىش مۇھىممۇ ياكى پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئامانلىقى مۇھىممۇ؟!

شەخسنىڭ ئەركىنلىكى بىلەن جەمئىيەتنىڭ بىخەتەرلىكى ئوتتۇرىسىدىكى تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاشتىن ئىبارەت بۇ چوڭ ھەقىقەتنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنۇ ھەدىسى شۇنداق ئېنىق تەسۋىرلەپ چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ: «ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىنى ئىجرا قىلغۇچى بىلەن خىلاپلىق قىلغۇچىنىڭ مىسالى شۇنداق بىر قەۋمكى، ئۇلار بىر كېمىگە ئورۇنلىشىشتا (ئۆزئارا) چەك تاشلاپ، بىر تۈركۈمى كېمىنىڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىگە، يەنە بىر تۈركۈمى كېمىنىڭ ئاستىنقى قەۋىتىگە ئورۇنلاشقان. ئاستىدىكىلەر سۇ ئىشلەتمەكچى بولسا، ئۈستىدىكىلەرنىڭ يېنىغا چىقاتتى. شۇڭا، ئۇلار: ‹ئەگەر بىز مۇشۇ جايىمىزدىنلا بىر تۆشۈك ئېچىۋېلىپ، ئۈستىدىكىلەرنى ئاۋارە قىلمىغان بولساق ياخشى بولاتتى› دېيىشكەن. ئەگەر ئۈستىدىكىلەر ئۇلارنى قىلماقچى بولغان ئىشنى قىلىشقا قويۇپ بەرسە، ئۇلار ھەممىسى ھالاك بولۇپ كېتىدۇ. ئەگەر ئۇلارنى قىلدۇرماي توسۇۋالسا، ئۆزلىرىمۇ قۇتۇلۇپ قالىدۇ، ئاسىتىدىكىلەرمۇ قۇتۇلۇپ قالىدۇ»(3).

ئاللاھ بەلگىلىگەن ئېغىر جازالارنى ئىجرا قىلىش پەرزلىكى ئۆزگەرمەسلىك جەھەتتىن ناماز بىلەن زاكاتقا ئوخشىسا، باشقىلارغا پايدىسى يېتىدىغانلىقى جەھەتتىن جىھاد بىلەن دەۋەتكە ئوخشاش ئىبادەتتۇر. جىھاد ئۈممەتنى سىرتتىن مۇداپىئە قىلسا، ئېغىر جازالار ئىچىدىن ھىمايە قىلىدۇ. لېكىن، ئېغىر جازالار شەرتلىرى تولۇق تېپىلىپ، ئۇنىڭغا توسالغۇ بولىدىغان شەك – شۈبھىلەر يوقالمىسا ئىجرا قىلىنمايدۇ. ئەگەر جىنايەتنىڭ ئىسپاتلىنىشىدا بىرەر شۈبھە بولسا، جازا پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالىدۇ ياكى يەڭگىللەيدۇ. ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلغان ھەدىستە مۇنداق كەلگەن: «بەلگىلەنگەن ئېغىر جازالارنى كۈچۈڭلارنىڭ يېتىشىچە مۇسۇلمانلاردىن كۆتۈرۈۋېتىڭلار! ھەرقانداق بىر چىقىش يولى بولسا، ئۇنى قويۇپ بېرىڭلار! سوتچىنىڭ خاتالىشىپ كەچۈرۈم قىلىپ قېلىشى خاتالىشىپ جازالاپ قالغىنىدىن ياخشىدۇر»(4).

شۇڭلاشقا، ئۆمەر فارۇق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئاچارچىلىق يىلى موھتاجلىقتىن ئىبارەت كۈچلۈك بىر سەۋەب بولغاچقا، ئوغرىلىققا بەلگىلەنگەن جازانى توختىتىپ قويغان. بۇ «ھەزرىتى ئۆمەر بىرەر سەۋەب تۈپەيلى ئاللاھ بەلگىلىگەن ئېغىر جازانى ئەمەلدىن قالدۇردى» دېگەنلىك بولمايدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭ ياكى ھېچكىمنىڭ بۇنىڭغا ھوقۇقى يەتمەيدۇ. ئۇ پەقەتلا شەرتلىرى تولۇق تېپىلمىغاچقا، ئېغىر جازانى ئىجرا قىلمىغان.

ئاللاھ بەلگىلىگەن ئېغىر جازالارنى ئىجرا قىلىشتا تىلىۋېلىش ياكى يۈز – خاتىرە قىلىش يوق

ئاللاھ بەلگىلىگەن ئېغىر جازالارنى ئىجرا قىلماسلىق ھارام بولىدىكەن، ئۇنى ئىجرا قىلماسلىققا ئېلىپ بارىدىغان ھەرقانداق ئىش ئوخشاشلا ھارامدۇر. ئېغىر جازالارنى ئىجرا قىلىشتا تىلىۋېلىشمۇ شۇنىڭ قاتارىدىن بولۇپ، مۇسۇلمان كىشىنىڭ بىرەر ئېغىر جازا توغرىسىدا تىلىۋېلىشى ياكى تىلىۋېلىنىشىنى قوبۇل قىلىشى ھالال بولمايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمنىڭ تىلىۋېلىشى ئاللاھ بېكىتكەن جازالاردىن بىرەر جازانى ئىجرا قىلىشنى توسۇپ قالىدىكەن، ئاللاھ ئەززە ۋەجەللەگە قارشى چىققان بولىدۇ. كىمكى بىلىپ تۇرۇپ بىر ناھەق ئىشتا دەۋالىشىدىكەن، ئۇنىڭدىن قولىنى تارتمىغۇچە ئاللاھنىڭ غەزىپى ئىچىدە بولىدۇ»(5).

جەمئىيەتلەرنى ۋەيران قىلىدىغان ئەڭ خەتەرلىك ئەھۋاللارنىڭ بىرى، ئاللاھنىڭ چەك – چېگراسىغا تاجاۋۇز قىلغان ئابرۇيلۇق كىشىلەرنىڭ ئۇلارنى بەلگىلەنگەن ئېغىر جازادىن قوغداپ قالىدىغان كىشىلەرنى تاپالىشى ۋە يۈز – ئابرۇيسىز، تىلىۋالغۇچىسىز ئاجىزلارغىلا جازا ئىجرا قىلىنىشىدۇر. بۇ تۈرلۈك سىنىپىي ۋە ئىجتىمائىي ئايرىمىچىلىق قېرىنداشلىق، ئادالەت ۋە باراۋەرلىك دىنى بولغان ئىسلام ئەڭ قاتتىق ئاگاھلاندۇرغان ئەڭ خەتەرلىك ئەھۋالدۇر.

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىدۇكى، قۇرەيشلىكلەر بەنى مەخزۇم جەمەتىدىن ئوغرىلىق قىلىپ قالغان بىر ئايال ھەققىدە باش قاتۇرۇپ: «كىم بۇ ئايال ئۈچۈن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە سۆز قىلىشقا پېتىنالايدۇ؟» دېيىشىپ ئاخىرى: «بۇنىڭغا رەسۇلۇللاھ بەكمۇ ياخشى كۆرىدىغان ئۇسامە ئىبنى زەيدتىن باشقىسى پېتىنالمايدۇ» دېيىشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇسامە رەسۇلۇللاھقا بۇ توغرىدا سۆز قىلىۋىدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئاللاھنىڭ بەلگىلىگەن جازالىرىدىن بىرىنى ئىجرا قىلماسلىق ئۈچۈن بىرىنى تىلىۋالماقچىمۇسەن؟» دېدى. ئاندىن ئورنىدىن تۇرۇپ نۇتۇق سۆزلەپ: «سىلەردىن ئىلگىرىكىلەرنى ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئابرۇيلۇق ئادەملەر ئوغرىلىق قىلسا، ئۇنىڭغا جازا يۈرگۈزمەي، ئاجىز – بىچارىلىرى ئوغرىلىق قىلسا، ئۇنىڭغا جازا يۈرگۈزگەنلىكى ھالاك قىلىۋەتكەن. ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ناۋادا مۇھەممەدنىڭ قىزى فاتىمە ئوغرىلىق قىلغان بولسا ئىدى، ئەلبەتتە مەن ئۇنىڭ قولىنى كەسكەن بولاتتىم» دېدى(6).

دېڭىز دولقۇندەك شاۋقۇنلاپ، گۈلدۈرمامىدەك گۈلدۈرلىگەن بۇ نۇتۇق ئارقىلىق ئىسلام پەيغەمبىرى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم، خۇددى مەجبۇرىيەت ۋە ۋەزىپىلەردە قىلغىنىدەك، جازالاردىمۇ باراۋەرلىك ئۇلىنى بەرپا قىلغان.

ئوچۇق – ئاشكارا جىنايەت بولمىسا، جازالاشمۇ بولمايدۇ

ئاللاھ بەلگىلىگەن ئېغىر جازالار كۆرۈنۈشتە جىنايەتچىلەرگە ۋە يامان نىيەتلىك كىشىلەرگە قاتتىق قوللۇقتەك كۆرۈنسىمۇ، ئۇنى ئىجرا قىلىش ۋاجىپ ھەم پەرز بولغان ئىكەن، بىگۇناھ بىر ئىنساننى جازالاش ياكى لايىق بولمىغان باشقا بىرەر جىنايەت بىلەن جازالاش ھەرقانداق ئەھۋالدا قاتتىق ھارامدۇر. بۈگۈنكى كۈندە قارايدىغان بولساق، كۆپلىگەن ھۆكۈمدارلار زىناخور، مەست، ئوغرىلارغا ۋە شۇنداقلا، پاك ئاياللارغا بوھتان چاپلىغۇچىلارغا قارىتا ئاللاھ بەلگىلىگەن ئېغىر جازالارنى بەك ئېغىر ۋە زىيادە قاتتىق دېگەن باھانە بىلەن ئىجرا قىلمايدۇ. لېكىن، ئۇلار گاھىدا ئاساسسىز گۇمان بىلەن، گاھىدا بىگۇناھ بولسىمۇ ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى چىققانلىقى ياكى قارشى چىقىش ئېھتىمالى بارىدا ئازغىنە شەكلىنىپلا قالسا، مىڭلىغان كىشىلەرنى تۈرمىلەرگە قاماپ تاشلاپ، ئۇلارنى تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن قاتتىق قىينايدۇ، ماللىرىنى مۇسادىرە قىلىدۇ ھەتتا ئۆيۋاقلىرىنى خانۇمان قىلىدۇ. ئۇلار بىگۇناھ كىشىلەرنى قولغا ئېلىشتىن ياكى بىر كىشىنىڭ قىلمىشى تۈپەيلى بىر توپ بىگۇناھ كىشىلەرنى قولغا ئېلىشتىن يانمايدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋىدالىشىش ھەجىدە جاكارلىغاندەك، ئىنسانلارنىڭ ھەققى – ھۆرمىتىگە، مال – مۈلكىگە، جان ۋە تەنلىرىگە چېقىلىش ھارامدۇر. بۇلار ئاللاھ بەلگىلىگەن چەك – چېگرالارغا تاجاۋۇز قىلىنغاندا، ئاندىن مۇباھ بولىدۇ. ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دە تالاق قىلىنغان ئاياللار ھەققىدە مۇنداق دېگەن: ﴿كىمكى ئاللاھنىڭ قانۇنىدىن ھالقىپ كېتىدىكەن، ئۆزىگە زۇلۇم قىلغان بولىدۇ﴾(65/«تالاق»: 1).

«ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام» دېگەن كىتابىدىن ئېلىندى.

————————————————————————
1. تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇل كەبىر»، 11 – توم، 337 – بەت ۋە «ئەلمۇئجەمۇل ئەۋسەت»، 4765 – ھەدىس؛ بەيھەقىي: «شۇئەبۇل ئىمان»، 7379 – ھەدىس. بۇ ھەدىسنى ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلغان. ئىمام مۇنزىرىي («ئەتتەرغىب»، 3304 – ھەدىس) ۋە ئىراقىي («تەخرىجۇ ئەھادىيسى ئىھياﺋ»، 448 – ھەدىس) لار: «ھەسەن» دېگەن. ئالبانىي: («ئەسسىلسىلەتۇززەئىفە»، 989 – ھەدىس) «زەئىف» دېگەن.
2. ئىبنى تەيمىييە: «ئەسسىياسەتۇششەرئىييە»، 79 – بەت.
3. «بۇخارىي»، 2493 – ھەدىس. بۇ ھەدىسنى نۇئمان ئىبنى بەشىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلغان.
4. تىرمىزىي (1424 – ھەدىس) بۇ ھەدىسنىڭ ھەم رەسۇلۇللاھنىڭ ھەدىسى سۈپىتىدە (مەۋسۇل) ھەم ساھابىنىڭ سۆزى سۈپىتىدە (مەۋقۇف) رىۋايەت قىلىنغانلىقىنى، ساھابىنىڭ سۆزى (مەۋقۇف) ئىكەنلىكى سەھىھرەك ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان. بىز كىتابىمىزدا ساھابىنىڭ سۆزى (مەۋقۇف) نى ئاساس قىلدۇق. ھاكىم: («ئەلمۇستەدرەك»، 4 – توم، 384 – بەت) «سەھىھ» دېگەن. ئىمام زەھەبىي ئىمام نەسائىينىڭ «يەزىد ئىبنى زىياد شاملىق راۋىي بولۇپ، رىۋايىتى قوبۇل قىلىنمايدۇ» دېگەنلىكىنى نەقىل قىلغان. ئالبانىي: («ئەسسىلسىلەتۇززەئىفە»، 2197 – ھەدىس) «زەئىف» دېگەن.
5. «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 5385 – ھەدىس. باھا بەرگۈچىلەر: «سەنەدى سەھىھ» دېگەن. «ئەبۇ داۋۇد»، 3597 – ھەدىس؛ «ئىبنى ماجە»، 2320 – ھەدىس. ھاكىم: («ئەلمۇستەدرەك»، 2 – توم، 72 – بەت) «سەنەدى سەھىھ» دېگەن، زەھەبىيمۇ بۇنى ماقۇللىغان. ئالبانىي: («ئەسسىلسىلەتۇسسەھىھە»، 437 – ھەدىس) «سەھىھ» دېگەن. بۇ ھەدىسنى ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلغان.
6. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، 3475 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 1688 – ھەدىس.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ.