تۇغقاندارچىلىق مۇسۇلماننىڭ ھاياتىدىكى قوشۇمچە بىر ئىش بولماستىن، بەلكى ئىسلام رىسالىتىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىشلارنىڭ بىرىدۇر.
شەرقىي رىم قەيسەرى ھېراكلىيۇس ئەبۇ سۇفيان ئىبنى ھەرب([1])تىن ــ ئۇ تېخى مۇشرىك ئىدى ــ ئۆزىنى پەيغەمبەر ئېلان قىلغان كىشىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە سورىغان سوئاللىرى ۋە ئۇنىڭ بەرگەن جاۋابلىرىنىڭ ئىچىدە شۇلار بار ئىدى:
ھېراكلىيۇس:
ــ ئۇ پەيغەمبەر سىلەرنى نېمىگە بۇيرۇيدۇ؟
ئەبۇ سۇفيان:
ــ بىزنى ناماز ئوقۇشقا، زاكات بېرىشكە، تۇغقاندارچىلىققا ئەھمىيەت بېرىشكە ۋە ئىپپەتلىك بولۇشقا بۇيرۇيدۇ ــ دېدى([2]).
ئەمر ئىبنى ئەبەسە([3]) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن پەيغەمبەرلىكىنىڭ غايىلىرى ھەققىدە سوئال سورىغان ۋاقىتتا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ تائالا مېنى ئۇرۇق ـ تۇغقانلارغا سىلە ـ رەھىم قىلىشقا، بۇتلارنى چېقىپ تاشلاشقا ۋە ئاللاھقا ھېچقانداق بىر نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەي ئىبادەت قىلىشقا (چاقىرىشقا) ئەۋەتتى» دېدى([4]).
شەيتان ئۇرۇق – تۇغقانلار ئارىسىغا پىتنە – پاسات تېرىغاندا، ئۇلارنىڭ ئارىلىرىدىكى ئالاقە بۇزۇلىدۇ ۋە ياخشىلىقنى ئۈزۈپ تاشلايدۇ، بۇنىڭغا يول قويماسلىق، بەلكى ئارىلارنى ياخشىلاش ۋە ئىجىل – ئىناق بولۇش ئۈچۈن پۈتۈن تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىش، تاشلىشىپ كەتكەن تۇغقانلار بىلەن يارىشىۋېلىش ۋە ئاللاھنىڭ مۇنۇ سۆزىگە ئەمەل قىلغۇچىلاردىن بولۇشىمىز ئۈچۈن، قەلبلەر ۋە ھېس – تۇيغۇلار يۇمشايدىغان ئىتائەت ۋاقىتلىرى ۋە ياخشى زامانلارنى غەنىيمەت بىلىشىمىز كېرەك. ﴿ئۇلار ئاللاھ ئالاقىلىشىشنى بۇيرۇغانلار بىلەن ئالاقىلىشىدۇ، ئاللاھتىن قورقىدۇ، قاتتىق ھېساب ئېلىنىشتىن قورقىدۇ﴾(رەئد: 21).
تۇغقاندارچىلىقنى ياخشىلاش ــ تەقۋالىق ۋە ئاللاھ تائالادىن قورقۇش بىلەن زىننەتلەنگەن قەلبنىڭ گۈزەللىكىدۇر ۋە ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە ياخشى ئەخلاق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ كۆرۈنۈشىنى ئىسلاھ قىلغانلىقنىڭ دەلىلىدۇر.
خەدىچە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇرۇق – تۇغقانلىرى، ئائىلە – تاۋابىئاتى ۋە قولۇم – قوشنىلىرىغا قىلغان گۈزەل مۇئامىلىسىنى كۆرۈپ، ئۇ زاتقا نازىل بولغاننىڭ راستتىنلا ئاللاھتىن كەلگەن ۋەھىي ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەنىدى.
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ۋەھىي چۈشۈشكە باشلىغاندا ناھايىتى قاتتىق قورقۇپ ۋە چۆچۈپ كەتكەنلىكتىن خەدىچە ئانىمىزغا:
ــ مېنى يۆگەپ قويۇڭلار! مېنى يۆگەپ قويۇڭلار! مېنى چۈمكەپ قويۇڭلار! مېنى چۈمكەپ قويۇڭلار! ــ دېگەن ۋاقتىدا، خەدىچە رەزىيەللاھۇ ئەنھا:
ــ ئۇنداق دېمىگىن! ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئاللاھ سېنى ھەرگىز يامان كۈنگە قويمايدۇ. چۈنكى، سەن خىش ـ ئەقرىبالارغا سىلە ـ رەھىم قىلىسەن؛ ئاجىز ـ بىچارىلەرنىڭ يۈكىنى كۆتۈرۈشۈپ بېرىسەن؛ يوقسۇللارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىسەن؛ مېھمانلارنى ياخشى كۈتۈۋالىسەن؛ بېشىغا كۈن چۈشكەنلەرگە ياردەم قىلىسەن، ــ دېيىش ئارقىلىق پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قورقۇنچىنى يەڭگىللەتكەن ئىدى([5]).
دېمەك، تۇغقاندارچىلىقنى ياخشىلاش ئاللاھ تائالاغا يېقىنلاشتۇرىدىغان پەزىلەتلىك ئىبادەتتۇر. بىر كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ:
ــ ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! ماڭا مېنى جەننەتكە يېقىنلاشتۇرىدىغان ۋە جەھەننەمدىن ئۇزاقلاشتۇرىدىغان بىر ئەمەلنى كۆرسىتىپ قويسىلا، ــ دېگەنىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە:
ــ ئاللاھقا ھېچنىمىنى شېرىك كەلتۈرمەستىن ئىبادەت قىل، نامازنى (ۋاقتىدا) ئوقۇ، زاكاتنى (جايىدا) بەر ۋە تۇغقاندارچىلىقنى ياخشى قىل، ــ دەپ جاۋاب بەردى. ئۇ ئادەم قايتىپ كەتكەن ۋاقىتتا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شۇنداق دېدى:
ــ ئەگەر ئۇ كىشى بۇيرۇلغان ئىشلارغا چىڭ ئېسىلسا جەننەتكە كىرىدۇ([6]).
تۇغقاندارچىلىقنى ياخشىلاش مەڭگۈلۈك بەخت – سائادەت باغچىسى بولمىش جەننەتكە ئېلىپ بارىدىغان ئەڭ ئاسان يولدۇر، ئەكسىچە قىلىش دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ھالاكەتكە ئېلىپ بارىدىغان تۇيۇق يوللارنىڭ بىرىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇرۇق – تۇغقانلار بىلەن تاشلىشىپ كېتىش يەر يۈزىدە پاساتچىلىق قىلىش بىلەن بىرلىكتە بايان قىلىندى: ﴿سىلەر (ئىسلامدىن) يۈز ئۆرۈسەڭلار زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلارسىلەرمۇ ۋە تۇغقانلىرىڭلارنى تاشلاپ قويارسىلەرمۇ؟ ئەنە شۇلار ئاللاھ لەنەت قىلغان كىشىلەردۇركى، ئۇلارنى (ھەقنى ئاڭلاشتىن) گاس قىلدى، (ھىدايەت يولىنى كۆرۈشتىن) كور قىلدى﴾(مۇھەممەد: 22 – 23).
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇرۇق ـ تۇغقاندارچىلىق سىلە ـ رەھىمنى ئۈزگەن كىشىنى ئازابتىن قورقۇتۇپ: «سىلە ـ رەھىمنى ئۈزگۈچى جەننەتكە كىرمەيدۇ» دېگەن([7]).
نۇرغۇنلىغان كىشىلەر تاشلىشىپ كېتىشنى كىچىك ساناپ ھەپتىلەر، ئايلار، بەلكى ئۇزۇن يىللار ئۆتۈپ كەتسىمۇ ئۇ گۇناھتىن قايتمايدۇ. يېقىن ئۇرۇق – تۇغقىنى بىلەن قىلغان خۇسۇمەتلىرىنىڭ قىيامەت كۈنى پۈتكۈل شەيئىلەرنىڭ خوجىسى بولغان زاتنىڭ ئالدىدا خۇسۇمەتلىشىشكە ئايلىنىدىغانلىقىدىن غەپلەتتە ياشايدۇ.
ھەدىس شەرىفتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«شەك ـ شۈبھىسىزكى، ئاللاھ مەخلۇقاتلارنى يارىتىپ بولغاندىن كېيىن، رەھىم (تۇغقاندارچىلىق) ئورنىدىن تۇرۇپ:
ــ بۇ سىلە ـ رەھىمنى ئۈزۈشتىن پاناھ تىلىگۈچىنىڭ ئورنىمۇ؟ ــ دەپ سورىغانىدى، ئاللاھ:
ــ ھەئە، ساڭا رىئايە قىلغان كىشىگە رەھمىتىمنى يەتكۈزسەم، سېنى ئۈزگەن كىشىدىن رەھمىتىمنى ئۈزسەم رازى بولامسەن؟ــ دېدى. رەھىم:
ــ ئەلبەتتە رازى بولىمەن، ــ دەپ جاۋاب بەردى. ئاللاھ:
ــ ئۇنداق بولسا، بۇ ھەق ساڭا بېرىلدى، ــ دېدى». رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «ئەگەر خاھلىساڭلار: ﴿سىلەر (ئىسلامدىن) يۈز ئۆرۈسەڭلار زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلارسىلەرمۇ ۋە تۇغقانلىرىڭلارنى تاشلاپ قويارسىلەرمۇ؟ ئەنە شۇلار ئاللاھ لەنەت قىلغان كىشىلەردۇركى، ئۇلارنى (ھەقنى ئاڭلاشتىن) گاس قىلدى، (ھىدايەت يولىنى كۆرۈشتىن) كور قىلدى﴾(مۇھەممەد: 22 – 23) دېگەن ئايەتنى ئوقۇڭلار» دېدى([8]).
شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تائالا تۇغقاندارچىلىقنى ياخشىلىغان كىشىگە ياخشىلىق ئاتا قىلىدۇ ۋە شۇ ياخشىلانغان تۇغقاندارچىلىق كۆڭۈل راھىتىنى ئېلىپ كېلىدۇ. لېكىن، تۇغقاندارچىلىقنى پىتنە – پاساتسىز، تالاش – تارتىشسىز ساپ ھالەتتە داۋاملاشتۇرۇشقا ۋە ياكى پىتنە – ئىغۋا، دەتالاشلار تۇغۇلغاندا ئىككى تەرەپنىڭ ئارىسىنى ئوڭشاپ ئەسلىدىكى ھالىتىگە قايتۇرۇشقا زور تىرىشچانلىقلار كېتىدۇ. شۇڭلاشقا، ئىككى تەرەپنىڭ ئارىسىنى ئوڭشاپ قويغان كىشى ئىتائەت ۋە ئېھساننىڭ ئەڭ يۇقىرى ماقامىنى قولغا كەلتۈرگەن بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿ئۇلارنىڭ يوشۇرۇن سۆھبىتىنىڭ تولىسىدا ياخشىلىق يوقتۇر، پەقەت سەدىقىگە ياكى ياخشىلىققا ۋەياكى كىشىلەرنى ئەپلەشتۈرۈشكە بۇيرۇغان كشىلەر(نىڭ يوشۇرۇن سۆھبىتى) بۇنىڭدىن مۇستەسنا. كىمكى ئۇ (ئىش)لارنى ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى تىلەش يۈزىسىدىن قىلىدىكەن، ئۇنىڭغا بۈيۈك ئەجىر ئاتا قىلىمىز﴾(نىسا: 114).
رامازان بۇ خىل ئەپلەشتۈرۈش ۋە تۇغقاندارچىلىقنى ياخشىلاشنىڭ ئەڭ ياخشى زامانىدۇر.
رامازان ياخشىلىق، تۇغقاندارچىلىق، ئائىلە – تاۋابىئات ۋە ئۇرۇق – تۇغقانلار بىلەن بولغان ئالاقىلەرنى ياخشىلاش مەۋسۇمىدۇر. بولۇپمۇ تەلەپ قىلىنغان ياخشىلىق ۋە مەقسەت قىلىنغان سىلە – رەھىم ئاتا – ئانىغا ئالاقىدار بولغاندا تېخىمۇ شۇنداق بولغاچقا، ئاتا – ئانىنى قاقشىتىش، ئۇلاردىن ئۇزاقلىشىش ياكى ئاللاھ تائالا بۇيرۇغاندەك ياخشىلىق قىلماسلىق گۇناھنىڭ ئەڭ يامىنى ۋە ئەڭ ئېغىرىدۇر.
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿پەرۋەردىگارىڭ پەقەت ئۇنىڭ ئۆزىگىلا ئىبادەت قىلىشىڭلارنى ۋە ئاتا – ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلدى. ئۇلارنىڭ بىرى يا ئىككىلىسى سېنىڭ قول ئاستىڭدا بولۇپ ياشىنىپ قالسا، ئۇلارغا ئۇھ دېمىگىن (يەنى مالاللىقنى بىلدۈرىدىغان شۇنچىلىك سۆزنىمۇ قىلمىغىن)، ئۇلارنى دۆشكەلىمىگىن، ئۇلارغا ھۆرمەت بىلەن يۇمشاق سۆز قىلغىن. ئۇلارغا كامالى مېھرىبانلىقتىن ناھايىتى كەمتەرانە مۇئامىلىدە بولغىن ۋە: «ئى پەرۋەردىگارىم! ئۇلار مېنى كىچىكلىكىمدە تەربىيەلىگىنىدەك ئۇلارغا مەرھەمەت قىلغىن» دېگىن﴾(ئىسرا: 23 – 24). ئۇشبۇ ئايەتتە ئاللاھ تائالا ئاتا – ئانىنىڭ ئەڭ تۆۋەن ھوقۇقلىرىنى تىلغا ئېلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئەڭ يۇقىرى ھوقۇقلىرىنى تەكىتلەيدۇ.
ئاتا – ئانىسىنى قاقشاتقۇچى پەرزەنت رامازان يېتىپ كەلسىمۇ تەۋبە قىلىۋالماي، ئۇشبۇ «قۇرئان كەرىم» ۋە ھەدىسلەرنىڭ دەلىللىگەن شېرىكتىن كېيىنكى ئەڭ چوڭ گۇناھتا ئەزۋەيلىسە، قايسى روزىسى ئۇنىڭغا نەپ بېرەر – ھە؟! قايسى كېچىلىك ئىبادىتى ئۇنىڭغا مەنپەئەت قىلار؟! ئەجەبا ئۇ، ئاللاھ تائالانىڭ ئاتا – ئانىغا ياخشىلىق قىلىشنى تەۋھىد بىلەن بىللە بايان قىلىپ: ﴿پەرۋەردىگارىڭ پەقەت ئۇنىڭ ئۆزىگىلا ئىبادەت قىلىشىڭلارنى ۋە ئاتا – ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلدى﴾ دېگىنىنى ئۇنۇتتىمۇ؟
يەنە كېلىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ ئاتا – ئانىنى قاقشىتىش بىلەن ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشنى بىللە تىلغا ئېلىپ، ساھابەلەرگە قايتا – قايتا ئۈچ قېتىم:
ــ مەن سىلەرگە چوڭ گۇناھلارنىڭ ئەڭ چوڭلىرىدىن خەۋەر بەرمەيمۇ؟ ــ دېگەن ئىدى، ساھابەلەر:
ــ ماقۇل، خەۋەر بەرسىلە، يا رەسۇلۇللاھ! ــ دېدى. رەسۇلۇللاھ:
ــ ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش ۋە ئاتا – ئانىنى قاقشىتىش، ــ دەپ تىك ئولتۇردى([9]).
ياخشىلاڭ ئەي روزىدار قېرىندىشىم! ئاتا – ئانىڭىزغا ھەمراھ بولۇشنىڭ سۈپىتىنى ۋە ئۇرۇق – تۇغقانلىرىڭىزغا قىلغان مۇئامىلىلىرىڭىزنى ياخشىلاڭ! شۇندىلا روزىڭىزمۇ ياخشى بولغۇسى.
ئەگەر رامازان سىزگە قۇچاق ئاچقاندا ئاتا – ئانىڭىزنىڭ بىرسى ياكى ھەر ئىككىسى ھايات بولسا، ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلمەي قېلىپ، روزىڭىزنى زايە قىلماڭ. ئەكسىچە، ئاتا – ئانىڭىزنى ھەركۈنى يوقلاپ، كۆڭلىنى ئېلىڭكى سىزگە ياخشىلىقلار يېغىشقا باشلىسۇن. چۈنكى، جەننەتكە كىرىش ئۇ ئىككىيلەننىڭ رازىلىقى بىلەن بولىدۇ، بولۇپمۇ ئانىڭىزنىڭ رازىلىقى تېخىمۇ مۇھىمدۇركى، ئۇ ئۇلۇغ ئىنساننىڭ رازىلىقىسىز جەننەت سىزگە قارىمايدۇ. ئانىغا ئەزىيەت بەرگۈچى جەننەتنىڭ پۇرىقىنىمۇ پۇرىيالمايدۇ.
بىر كىشى كېلىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن جىھادقا قاتنىشىشىنى تەلەپ قىلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭدىن:
ــ ئاناڭ ھاياتمۇ؟ ــ دەپ سورىغاندا، ئۇ كىشى:
ــ ھەئە، ــ دەپ جاۋاب بەردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا:
ــ ئۇنداق بولسا، ئۇنىڭ خىزمىتىدىن ئايرىلمىغىن! چۈنكى، جەننەت ئانىلارنىڭ تاپانلىرىنىڭ ئاستىدا، ــ دېدى([10]).
مادامىكى، رامازان تائەت – ئىبادەتلەرنى كۆپ قىلىشنىڭ ئېيى بولغانىكەن، ئۇنداقتا تۇغقاندارچىلىقنى ياخشىلاشقا باھانە – سەۋەب كۆرسەتمەستىن ئالدىراش ۋە نەتىجىسىنىمۇ كۆرۈنەرلىك ياخشى چىقىرىش كېرەك. قىسمەن كىشىلەر ئۇرۇق – تۇغقانلىرىنى تاشلاپ ياتلىشىپ كېتىشتە قارشى تەرەپنىڭ ئەۋۋەل يوقاپ كەتكەنلىكىنى باھانە قىلىشىدۇ. ئەپسۇس، ئۇلار خاتالاشتى:
بىرىنچىدىن، يامانلىققا ياخشىلىق بىلەن جاۋاب قايتۇرماي، يامانلىققا يامانلىق بىلەن جاۋاب قايتۇرۇپ خاتالاشتى؛
ئىككىنچىدىن، تۇغقاندارچىلىقنى ئۈزۈپ، گۇناھتا قارشى تەرەپ بىلەن ئوخشاش بولۇپ خاتالاشتى؛
ئۈچىنچىدىن، ئۈزۈلگەن تۇغقاندارچىلىقنى ئۇلاشقا تىرىشماي، ئۇلۇغ رامازان ئېيىنى باشقا ۋاقىتلار بىلەن باراۋەر قىلىپ قويۇپ خاتالاشتى؛
تۆتىنچىدىن، ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «تەڭگەتەڭ يوقلاپ تۇرغۇچى تۇغقانچىلىق رىشتىسىنى تۇتاشتۇرغان ھېسابلانمايدۇ. تۇغقانچىلىق رىشتىسىنى تۇتاشتۇرغۇچى بولسا باشقىلار تەرىپىدىن ئۈزۈۋېتىلگەن رىشتىنى ئۇلىغان ئادەمدۇر»([11]) دېگەن سۆزىگە پەرۋا قىلماي، «تۇغقاندارچىلىقنى ئۈزۈپ قويغان كىشىگە بىز ئۇلىساقمۇ، ئۇ ئۇلىمايدۇ» دەپ تۇرۇۋېلىپ خاتالاشتى.
ئۇرۇق – تۇغقانلىرى بىلەن ئالاقىسىنى ئۈزۈپ، «ئۇلار مۇشۇنىڭغا لايىق ئىدى» دەپ تۈرلۈك باھانە – سەۋەبلەر كۆرسىتىدىغان بەزى قىسمەن كىشىلەردىن باشقا، يەنە شۇنداق كىشىلەر باركى، ئۇلار، گەپ يېمەس ۋە تاشيۈرەك ئۇرۇق – تۇغقانلىرى تەرىپىدىن رەت قىلىنغان ۋاقىتتا يۈزلىرى قىزىرىشتىن قورقىدىغان كىشىلەردۇر.
بىر رىۋايەتتە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا بىر كىشى كېلىپ:
ــ ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! مېنىڭ تۇغقانلىرىم بار. مەن ئۇلارغا سىلە ـ رەھىم قىلىپ تۇرىمەن. بىراق، ئۇلار ماڭا سىلە ـ رەھىم قىلمايدۇ. مەن ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىپ تۇرىمەن، بىراق ئۇلار ماڭا يامانلىق قىلىدۇ. مەن ئۇلارغا مېھرىبانلارچە مۇئامىلە قىلىمەن، لېكىن ئۇلار ماڭا نادانلارچە مۇئامىلە قىلىدۇ، ــ دېگەنىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:
ــ ئەگەر سەن ھەقىقەتەن ئېيتقانلىرىڭدەك قىلغان بولساڭ، ئۇلارنىڭ گۇناھى ئۆزىگە، لېكىن سەن بۇ ئىشنى داۋام قىلىپلا تۇرساڭ، ئاللاھ تەرەپتىن بىر قوغدىغۇچى سەن بىلەن ھەمىشە بىللە بولۇپ، سېنى ئۇلاردىن قوغدايدۇ، ــ دېدى([12]).
ئى ئاللاھ! ئاتا – ئانامغا قىلغان ياخشىلىقىمنى قوبۇل قىلغىن، ئۇلار مېنى كىچىكلىكىمدە تەربىيەلىگىنىدەك، ئۇلارغا مەرھەمەت قىلغىن. تۇغقاندارچىلىقنى ياخشىلىغانلىرىمىزغا رەھىم – شەپقەت قىلغىن. ئىنسانلارنىڭ ئارىسىنى ياخشىلىشىمىز ئۈچۈن، بىزنىڭ ئەھۋالىمىزنى ياخشىلاپ بەرگىن! … ئامىن!
مەنبە: دوكتور ئابدۇلئەزىز مۇستافا كامىل: «روزىنىڭ روھى ۋە مەنىلىرى».
ئەرەبچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن يۈسۈف
نەشر قىلغۇچى: ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى
([1]) ئەبۇ سۇفيان سەخر ئىبنى ھەرب ئىبنى ئۇمەييە ئەلئۇمەۋىي ئەلقۇرەشىي (أَبُو سُفْيَانَ صَخْرُ بنُ حَرْبِ بنِ أُمَيَّةَ الأُمَوِيُّ القُرَشِيُّ، ھ. بۇرۇن 57 – ھ. 31 / م. 566 – 567 – 652) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ــ مەككەدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان، قۇرەيشنىڭ كاتتىۋاشلىرىدىن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ خانىملىرىدىن ئۇممۇ ھەبىبە ئانىمىزنىڭ ۋە «ئۇمەۋىيلەر دۆلىتى»نىڭ قۇرغۇچىسى مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئاتىسى. مەككە فەتىھ بولغاندا مۇسۇلمان بولغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى نەجرانغا ۋالىي قىلغان. كېيىن مۇسۇلمانلار بىلەن بىللە غازاتلارغا قاتناشقان. بىر كۆزى «تائىف غازىتى»دا، يەنە بىر كۆزى «يەرمۇك ئۇرۇشى»دا قۇيۇلۇپ كەتكەن. ــ ت.
([2]) بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، 4553 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 1733 – ھەدىس.
([3]) ئەبۇ نۇجەيھ ئەمر ئىبنى ئەبەسە ئىبنى خالىد ئىبنى ھۇزەيفە ئەسسۇلەمىي (عَمْرُو بنُ عَبَسَةَ بنِ خَالِدِ بنِ حُذَيْفَةَ السُّلَمِيُّ) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ــ دەسلەپتە مۇسۇلمان بولغان ساھابەلەردىن. ھەربىي قوماندان. «يەرمۇك ئۇرۇشى»دا قوماندان بولغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان ۋە خەلىپە ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ دەۋرىدە (م. 644 – 656) شامدا ۋاپات بولغان زات. ــ ت.
([4]) «مۇسلىم»، 832 – ھەدىس.
([5]) بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، 4954 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 160 – ھەدىس.
([6]) «مۇسلىم»، 13 – ھەدىس.
([7]) بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، 5984 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 2556 – ھەدىس.
([8]) بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، 5987 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 2554 – ھەدىس.
([9]) بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، 5976 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 87 – ھەدىس.
([10]) «نەسائىي»، 3104 – ھەدىس. ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
([11]) «بۇخارىي»، 5991 – ھەدىس.
([12]) «مۇسلىم»، 2558 – ھەدىس.