سىرلار ئاچقۇچى

دوكتور سالمان ئەۋدە

قىزچاق لىزمۇراينىڭ سەرگۈزەشتىلىرىنى ئوقۇغانمۇسىز؟

ئۇ بىلايىر، گورباچىۋ، دالاي لامالار بىلەن بىرلىكتە لېكسىيەگە قاتناشقان.

ئۇنى ئاتا – ئانىسى تاشلىۋەتكەن بولۇپ، ئاچارچىلىقتىن مۇز پارچىسى ۋە چىش پاستىلىرىنى يېيىشكە مەجبۇر بولغان ئىدى.

ئوقۇش باشلانغاندا ئۇنىڭ تاپشۇرۇق دەپتىرىگە بېشىدىن پىتلار چۈشۈپ تۇراتتى.

دادىسى زەھەرلىك چېكىملىك ئىزدەپ چىقىپ كەتكەندە، دادىسىنى كۈتۈپ تالاي كېچىلەرنى كىرپىك قاقماي ئۆتكۈزگەن ئىدى.

ئۇ دەرستە ئالدىنقى قاتاردا بولغانلىقتىن ھارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇنىڭ ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرۇشى ئۈچۈن ئۇنى ئىقتىسادىي ياردەم ۋە تۇرالغۇ بىلەن تەمىنلىگەن ئىدى.

ئۇ بىر چەتكە قېقىلغۇچىدىن ھەممەيلەنگە ئىلھام بېرىدىغان بىرىگە ئايلاندى.

مۇشۇنداق مۆجىزىگە تولغان بىر ھايات قىسسىسىنى ئاڭلىغىنىڭىزدا ياكى شۇ خىل ھاياتنى كۆرگىنىڭىزدە قەلبىڭىز لەرزىگە كەلمەي قالمايدۇ. دەرھال ئۆزىڭىزنى ۋە جاپا – مۇشەققەتلىرىڭىزنى ئۇنىڭ بىلەن سېلىشتۇرۇشقا، ئۇنىڭ ھايات يولى ئۈستىدە ئىزدىنىشكە باشلايسىز.

سەھىپىلەرگە پۈتۈلگەن ياكى سۆزلەنگەن سۆزلەر ھەرگىزمۇ جانسىز سۈرەت ياكى قۇرۇق شوئار ئەمەس، بەلكى ئۇ روھقا ۋە ھاياتلىققا ئىگە. ئۇ ھەرگىزمۇ ئۆلۈك ھەرپلەر ئەمەس، بەلكى ئۇ قۇلاق ئاڭلايدىغان، ئەقىل چۈشىنىدىغان، قەلب يايرايدىغان جاراڭلىق ئاۋاز.

بەزى قىسسىلەر، تېكىستلەر ۋە سۆزلەر سىزنىڭ بىر قىسمىڭىزغا ئايلىنىپ ۋۇجۇدىڭىزغا سىڭىپ كېتىدۇ. نامراتلىق، ئازاب – ئوقۇبەت، سەرگەردانلىق شۇنداقلا بايلىق، ياشلىق، شان – شۆھرەت قاتارلىقلار ئۇزۇن داۋاملاشمايدۇ، بىلىم ۋە ھەقىقىي زېرەكلىك ئەبەدىيلىككە ئىگە. كىتابقا ئىنساندەك، ئوقۇشلۇقلارغا ھاياتلىققا تولغان ئالەمدەك مۇئامىلە قىل.

ئالەم كاتتا بىر كىتاب، ئۇنى بەرپا قىلغۇچى بولسا ھەممە شەيئىنى مۇكەممەل ياراتقان ئاللاھتۇر. شەيئىلەر بولسا ئېلىپبە ھەرپلىرى، كىم ئۇنىڭغا يۈزلەنسە ئۇنىڭدىن پايدا ئالالايدۇ. سىز مۇشۇ كاتتا كىتابنىڭ بىر ھەرپى، ئىرادىگە كەلگىنىڭىزدە بۇ كىتابتىن قۇدرىتىڭىزنىڭ يېتىشىچە كۆپ ھوسۇل ئېلىڭ.

كۆز، قۇلاق، تەسەۋۋۇر، قەلب قاتارلىقلار سىزدەك زېرەك بىر كىشىنىڭ ئوقۇش قوراللىرى. بۇلاردىن قەلبىڭىزنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا ئىز سالىدىغانلىرىنى تاللاڭ. مانا بۇ، ئىنسانىيەت ئالىمىگە كىرىشنىڭ ئىشىكىدۇر.

دادىنىڭ بالىنىڭ چىرايىنى تونۇشى، ئاشىقنىڭ مەشۇقىنىڭ تۇيغۇلىرىنى ھېس قىلىشى، دېھقاننىڭ زىرائەتلەرنى بىلىشى ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەس. ئاقىللار باشقىلارنى بىلىشتىن ئاۋۋال ئۆزىنى بىلىدۇ.

بىر ئۇستاز مۇنداق دېگەن: «كىتابقا تائامنى يالماپ يۇتقاندەك ئەھمىيەت بەرگىن! ئۇنىڭ ئۈچۈن خۇددى بىر سۆڭەكنى يەۋېتىپ، تاشلاپ بېرىلگەن يەنە بىر سۆڭەكنى مۇھاپىزەت قىلغان ئىتتەك بولغىن!»

شۇ كۈندىن باشلاپ مەن مەھكەم تاقالغان ئۆي ئىچىدە بولساممۇ يالغۇزلۇق ھېس قىلىپ باقمىدىم.

كىتاب ئوقۇش بىر ھۇزۇر، باشقا ھۇزۇرلىنىشلار يوقالغاندا بۇ ھۇزۇر تېخىمۇ داۋام قىلىدۇ ۋە ئارتىدۇ. كىتاب ئوقۇيدىغان ئىنسان، ئۇ ھاياتلىققا تولغان ئىنسان. ھەقىقىي كىتاب ئوقۇش دېگەن قۇرۇش، چۇۋۇش، قوراشتۇرۇش، قايتىلاش، رەتلەش ۋە تەھلىل قىلىش بىلەن بىرىكىپ كەتكەن ئوقۇشتۇر.

كىتابنى خۇشاللىق ۋە ئازابلارنىڭ ماھىيىتىنى يېشىپ بېرىدىغان كان، دەپ بىلىپ كەلدىم. ئۇ مېنى ئېغىرچىلىق ئالىمىدىن كەڭرىلىك ۋە ئازادىلىككە چىقاردى.

كىچىكىمدە كىتاب بىلەن سائەتلەرچە خۇشاللانغىنىمدەك ھازىرمۇ كىتابنى ئەڭ چوڭ خۇشاللىقىم ۋە ئەڭ ئېسىل سوۋغا دەپ قارايمەن. كۆپچىلىككە كىتاب ئوقۇپ بېرىش ئۇلارنى غىزالاندۇرغانغا ئوخشايدۇ.

فىرانكىفورد كوچىسىدا بىر كۇتۇپخانا بار، ھەرقانداق بىر يولۇچى ئۇ يەرگە كىرىپ كىتاب ئوقۇيالايدۇ ۋە ئېلىپ كېتىپ ئوقۇيالايدۇ، ئۇنىڭدىن سىرت ئۇنىڭ ھەرقانداق يېرىگە خالىغان تىلدىكى كىتابنى قوشۇپ قويالايدۇ.

كىشىلەرگە ئىشىنىش كېرەك، ئۇلار رىقابەتسىزلا خوجايىن بولالىشى مۇمكىن، ئۇلارنىڭ ئەقلىگە ۋە توغرا – خاتانى ئايرىيالايدىغانلىقىغا ئىشىنىش كېرەك.

بالىلارنىڭ رەسىملىك ھېكايە كىتابلارنى چىن دىلىدىن بېرىلىپ ئوقۇشى، تەلىم – تەربىيەنىڭ ئۈنۈم بېرىش جەريانىدۇر.

ئانىسىغا ياكى باشقا بالىلارغا ھەرپلەرنى يېشىپ بېرىش، شۇ بالىغا نىسبەتەن مۇھىم بىر بايقاشقا ئوخشايدۇ. كىچىك ۋاقتىمدا لوزۇنكىدىكى خەتلەرنى ئوقۇشقا بۇيرۇلدۇم، ئۇنى تېز سۈرئەتتە ئوقۇغان ۋاقتىمدا خۇددى ئاڭلاش ۋە كۆرۈشتىن باشقا يېڭى بىر ھېس – تۇيغۇنى بايقىغاندەك بولغان ئىدىم.

ئىمتىھان مەيدانىغا كىرىشتىن ئىلگىرى كىتابقا ئەڭ ئاخىرقى قېتىم كۆز يۈگۈرتىدىغان ئوقۇغۇچى كىتاب بىلەن قايتا كۆرۈشمەيدىغاندەك خوشلىشىدۇ، ئۇ كىتابنى تاماملىمىدى. ياق، بەلكى ئۇ كىتابنى تېخى باشلىمىدى.

مەنبە:   فك السحر! – د. سلمان بن فهد العودة – http: //www. islamtoday. net

تەرجىمىدە: شەھرىزات.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ