ئىسلام ھەم دىن، ھەم ئىلىم ھەم مەدەنىيەتتۇر

ئىسلام ھەم دىن، ھەم ئىلىم ھەم مەدەنىيەتتۇر

مۇھەممەد ئىقبال نائىتىي ئەننەدۋىي

 

شەكسىزكى، ئىسلام تەبىئىي ۋە تۇغما خاراكتېرلىك دىندۇر. ئۇ ھەرقانداق ياخشىلىق ۋە ئىسلاھ قىلىشقا چاقىرىدۇ. شۇنداقلا ھەرقانداق يامانلىق ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى چەكلەيدۇ. ئۇ جاھىللىق، رەزىللىك، خاتا ئوي – پىكىرلەرگە خاتىمە بەردى ۋە يەنە ئىنسانىيەتنى نەپىس، خاراكتېر، روھ ۋە بەدەنلەرگە زىيان يەتكۈزىدىغان ھەرقانداق نەرسىلەردىن ئاگاھلاندۇردى.

ئۇ ياخشىلىق، توغرا يول ۋە ھىدايەت مەنبەلىرىنى كۆرسىتىپ بەردى. ياخشىلىق ۋە مەنپەئەت بولغان ھەرقانداق نەرسىنى بېكىتىپ بەردى. ھاراق ۋە قىماردىكى مەنپەئەتلەردىن خەۋەر قىلىش بىلەن بىرگە ئۇ ئىككىسىدىن چەكلىدى ۋە ئۇ ئىككىسىدىكى گۇناھنىڭ مەنپەئەتلىرىدىن چوڭ ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿ئى مۇھەممەد! سەندىن ھاراق ۋە قىمار ھەققىدە سورىشىدۇ. سەن ئۇلارغا: «بۇنىڭ ھەر ئىككىسىدە چوڭ گۇناھ ۋە كىشىلەرگە (ئازغىنە) پايدا بار، لېكىن ئۇلاردىكى گۇناھ پايدىسىغا قارىغاندا تېخىمۇ چوڭ» دېگىن﴾(2/«بەقەرە»: 219).

ناۋادا ھاراق ئىچىشنىڭ گۇناھى ۋە زىيىنى چوڭ بولمىسا، ئۇنىڭدىكى مەنپەئەتلەر تۈپەيلىدىن ئۇ ھەرگىزمۇ ھارام قىلىنمىغان ۋە چەكلەنمىگەن بولاتتى. لېكىن، ئۇنىڭدىكى گۇناھ ئىنسان بىلەن شۇ ئىنساننىڭ ئاللاھقا قۇلچىلىق قىلىش ۋە ھەرۋاقىت ئاللاھنىڭ ئەمىر – پەرمانلىرىنى بەجا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت ئىنسان يارىلىشتىكى تۈپكى سەۋەب ئارىسىدا پەردە ھاسىل قىلىپ تۇرىدۇ.

ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿باتىل دىنلاردىن بۇرۇلۇپ ئىسلام دىنىغا يۈزلەنگىن، ئاللاھنىڭ دىنىغا (ئەگەشكىنكى) ئاللاھ ئىنسانلارنى شۇ دىن بىلەن ياراتقان، ئاللاھنىڭ ياراتقىنىدا ئۆزگىرىش بولمايدۇ، بۇ توغرا دىندۇر، لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ﴾(30/«رۇم»: 30).

ھەقىقەتەن ئىسلام دىنى ھازارەتلەر بۇلىقى ۋە مەدەنىيەتلەر مەنبەسىدۇر. ئۇ زېمىن يۈزىدە ياشاپ، ھاياتىنى شۇنىڭدا ئۆتكۈزگەن تۇنجى ئىنسان ئادەم ئاتىمىزنىڭ دىنىدۇر.

ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ پەيغەمبىرى بولغان بۇ تۇنجى ئىنسان ئادەم ئەلەيھىسسالامغا قىيامەت كۈنىگىچە كېلىدىغان بارلىق مەۋجۇداتلارنىڭ ئىسىملىرىنى ئۈگەتتى. بۇ ئىسىملارنىڭ ھەممىدىن تەلىم بېرىش بولسا قانچىلىغان ئەسىرلەر مابەينىدە ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلادلىرى قولغا كەلتۈرگەن ئىلىم – پەن، ئىجادىيەت ۋە كەشپىيات يېڭىلىقلىرىنىڭ ئومۇمىدىن ئىبارەتتۇر.

ئىمام سۇيۇتىي ئۆزىنىڭ «ئەلبۇلغە في ئۇسۇلىللۇغە (البلغة في أصول اللغة)» ناملىق كىتابىدا ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ ﴿ئاللاھ پۈتۈن شەيئىلەرنىڭ ناملىرىنى ئادەمگە ئۆگەتتى﴾(2/«بەقەرە»: 31) دېگەن سۆزىنىڭ تەفسىرى ھەققىدە مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلغان. «ئاللاھ تائالا ئادەم ئەلەيھىسسالامغا ئەرەب تىلى، سىريان تىلى ۋە ئىبرانىي تىلى قاتارلىقلار بارلىق تىللارنى ئۆگەتكىنىدەك، ئۇنىڭغا يەنە ئادەم ئەۋلادلىرى موھتاج بولىدىغان مىڭ خىل ھۈنەرنى ئۆگەتكەن. شەيئىلەرنىڭ ئىسىملىرىنى ھەرخىل تىللار بىلەن بېكىتىپ بەرگەن. ئادەم ئەلەيھىسسالام ئاتىغان ھەرقانداق شەيئىنىڭ ئىسمى قىيامەت كۈنىگىچە ئۇنىڭ ئىسمى بولغان. ئاندىن ئادەم ئەۋلادلىرىدا ھەر تۈلۈك ھۈنەر – كەسىپ ۋە ئوخشىمىغان تىللار تارقىلىپ كەتكەن. بىرقانچىلىغان ئەسىرلەردىن كېيىن پەقەت ھۈنەر – كەسىپلەرلا قالغان، ئاندىن ھەربىر ھۈنەر خۇددى ئىدرىس ئەلەيھىسسالامنىڭ خەتتاتلىق ۋە تىككۈچىلىك ھۈنىرى ۋە داۋۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ تۆمۈر كىيىم ياساش ھۈنىرى دېگەندەك شۇ ھۈنەرنى باشلاپ ئۆزىنىڭ قولىدا تەيىن قىلغان كىشىلەرگە نىسبەت بېرىلگەن.

ئاللاھ تائالانىڭ تۇنجى بولۇپ نازىل قىلغان ﴿ياراتقان پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئىسمى بىلەن ئوقۇغىن﴾(96/«ئەلەق»: 1) دېگەن سۆزى بۇ ئۈممەتنىڭ پۇت تىرەپ تۇرۇشى ۋە گۈللىنىشى پەقەت ئىلىم بىلەنلا ئىنتايىن زىچ باغلىنىشلىق بولۇپ چوقۇم ئۇنىڭ ئاخىرقى نىشانى زېمىندا خەلىفەلىك مەنسىپىگە ئېرىشىش ۋە ئاللاھنىڭ بەندىلىرىنى ئاللاھ بىلەن باغلاش بولغاندىلا ئاندىن ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئاساستا نازىل بولغان.

﴿ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىڭ پەرىشتىلەرگە: «مەن يەر يۈزىدە خەلىفە (يەنى، ئورۇنباسار) يارىتىمەن» دېدى. پەرىشتىلەر: «يەر يۈزىدە بۇزۇقچىلىق قىلىدىغان، قان تۆكىدىغان (شەخسنى) خەلىفە قىلامسەن؟ ھالبۇكى بىز سېنى پاك دەپ مەدھىيەلەيمىز، مۇقەددەس دەپ مەدھىيەلەيمىز» دېدى. ئاللاھ: «مەن ھەقىقەتەن سىلەر بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى بىلىمەن» دېدى﴾(2/«بەقەرە»: 30).

بۇنىڭدىن ئىنساننىڭ يارىلىش سەۋەبى بولغان ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش پەقەت ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىش، ئاللاھنى ئۇلۇغلاش ۋە ئاللاھقا ھەمد ئېيتىش بىلەنلا چەكلەنمەي بەلكى بۇنىڭ ھەممىسىدىن ھالقىپ، ئوخشىمىغان ھايات ساھەلىرى ۋە قىزىپ كەتكەن جەڭ مەيدانلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلىنىدۇ. مۇئمىن ئىنسان ـ زېمىننى گۈللەندۈرۈشتىكى ئاساستۇر.

بۇ بۈيۈك مەسئۇلىيەت ۋە ئەڭ چوڭ ئامانەت مۇسۇلمانلارنى يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئالدىغا ئىلگىرىلەشتە تۈرتكە بولغىدەك ھېچقانداق كۈچ – قۇۋۋىتى بولمىغان ھاياتنىڭ ئىنتايىن چەت بۇلۇڭ – پۇشقاقلىرىدا ياشىماستىن بەلكى ئاللاھقا دەۋەت قىلىشتىكى قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش ۋە بارلىق ئىشلارنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە ئاسانلاشتۇرۇش ئۈچۈن شارائىت يارىتىپ بېرىدىغان ئىلىم – مەرىپەتنى لازىم تۇتۇشقا چاقىرىدۇ. ئاللاھنىڭ زېمىندىكى خەلىفەلىكى ئىنسان بارلىق ئىشىنى پەقەت ئاللاھقا تاپشۇرغاندىلا ئاندىن ئەمەلىيلىشىدۇ.

ئۇستاز مۇھەممەد رەشىد ئۆزىنىڭ «تەفسىرى مەنار (تفسير المنار)» ناملىق مەشھۇر تەفسىر كىتابىدا خىلافەت ئايەتىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئىنساننىڭ بۇ قۇۋۋەت (يەنى، ئەقلى) بىلەن ھەرقانداق تەييارلىقى چەكلەنمەيدۇ، ئۇنىڭ قىزىقىشلىرى ۋە ئىش – ئەمەللىرىگە چەك قويۇلمايدۇ. ئۇ ئىنسان يەككە ھالەتتە ئاجىز بولسىمۇ، ئەمما ئۆزئارا بىرلەشكەن ھالەتتە ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن كائىناتتا ھېچقانداق بەلگىلىمىسىز نۇرغۇن ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىدۇ. ئاللاھ تائالا ئىنسان ئۆزىنىڭ يارىلىش سىرلىرىنى بىلىشى ئۈچۈن ئۇنىڭغا بۇ تەبىئىي قابىلىيەت ۋە ئەقىل – پاراسەت ئاتا قىلىپ، ئۇنى زېمىندا پادىشاھ قىلغىنىغا ئوخشاش ئەمەلىيەتلىرى ۋە ئەخلاقلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ تۇرىدىغان ئەھكام ۋە شەرىئەتلەرنىمۇ ئاتا قىلغان، ئۇ، بۇ ئارقىلىق شەخسلەر ياكى گۇرۇھلارنىڭ بىر – بىرىگە زۇلۇم قىلىشقا چەك قويغان. بۇ قۇۋۋەت ئىنساننىڭ مۇكەممەل يېتىلىشىگە ياردەم قىلىدۇ. چۈنكى، ئۇ، ئاشۇ ئالاھىدىلىكلەرنىڭ ھەربىرى بولغان ئەقىلنى يېتەكلىگۈچى ۋە تەربىيەت قىلغۇچىدۇر. بۇ سەۋەبتىن، ئۇنى زېمىنىدىكى ئۆزىنىڭ خەلىفەسى قىلدى، ئۇ ئىنسان مەخلۇقاتلار ئىچىدە خەلىفە بولۇشقا ئەڭ لايىقتۇر(1).

«قۇرئان كەرىم»دىكى كۆپلىگەن ئايەتلەرگە ئەقىل كۆزىمىز بىلەن نەزەر سالساق ۋە چوڭقۇر تەپەككۇر قىلساق ئاللاھ تائالانىڭ مۇئمىن ئىنساننى زېمىندىكى ھەرقانداق شەيئىنى باشقۇرۇپ تۇرىدىغان سەۋەب ۋە ۋاسىتىلەرنى تۇتۇشقا چاقىرغانلىقىنى بىلەلەيمىز.

ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿كۆرمەمسەنكى، ئاللاھ بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇردى. ئۇنىڭ بىلەن تۈرلۈك، رەڭگارەڭ مېۋىلەرنى چىقاردى، (شۇنىڭدەك ئاللاھ تاغلارنى ياراتتى) تاغلارنىڭ ئاق، قىزىللىرى، ھەر خىل رەڭدىكى يوللۇقلىرى ۋە قاپقارىلىرىمۇ بار. شۇنىڭدەك ئىنسانلارنى، ھايۋانلارنى، چارپايلارنىمۇ خىلمۇخىل رەڭلىك قىلىپ ياراتتى، ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئىچىدە ئاللاھتىن پەقەت ئالىملارلا قورقىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، (بەندىلىرى ئىچىدە تەۋبە قىلغانلارنى) مەغفىرەت قىلغۇچىدۇر﴾(35/«فاتىر»: 27، 28).

بۇ ئايەت كەرىمە ئالىملار»نىڭ كىملىكىنى ئىزاھلاپ بەرگەن. شۇنداقلا، تاغلار ۋە ئۇنىڭ رەڭلىرى ۋە تۈرلىرىنى تونۇتۇش، مېۋىلەر ۋە ئۇنىڭ خىللىرى ۋە قىسىملىرىنى تونۇتۇش ۋە ئىنسانلار، چارپايلار ۋە ھايۋانلارنى ھەرخىل رەڭ ۋە تۈرلۈك قىسىملىرى بىلەن تونۇتۇشقا ئالاقىدار ئىلىم ۋە مەرىپەتلەرنىڭ قۇرئانىي ئىلىملەر قاتارىغا كىرىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بەرگەن. مۇسۇلمانلار مانا بۇ قۇرئانىي ئىلىملەر بىلەن زىننەتلەنگەن ۋە ئەقىللىرىگە تەسىر قىلىدىغان ۋە نەپسىلىرىنى يېتەكلەيدىغان دەرىجىدە ئۇنىڭدىن ئوزۇقلانغان.

ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ ئايەتىگە قاراپ باقايلى:

﴿ئۇلار قارىمامدۇكى، تۆگىلەر قانداق يارىتىلدى، ئاسمان قانداق ئېگىز قىلىندى،

تاغلار قانداق تۇرغۇزۇلدى، زېمىن قانداق يېيىتىلدى﴾(88/«غاشىيە»: 17 – 20).

مانا بۇ «قۇرئان كەرىم» كۆرسەتكەن ۋە چاقىرغان شۇنداقلا، ئەگەشكۈچىلىرىنى ئۇنىڭغا قىزىقتۇرغان ھەرتۈرلۈك ئىلىم ۋە مەرىپەتلەردىن ئىبارەتتۇر.

«قۇرئان كەرىم»دىكى ئاللاھنىڭ سالىھ بەندىلىرىنى سۈپەتلەپ كەلگەن مۇنۇ ئايەتلىرىنى تەپەككۇر قىلىپ بېقىڭ:

﴿شۈبھىسىزكى، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشىدا، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ نۆۋەتلىشىپ تۇرۇشىدا ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن، ئەلبەتتە، روشەن دەلىللەر بار. ئۇلار ئۆرە تۇرغاندىمۇ، ئولتۇرغاندىمۇ، ياتقاندىمۇ ئاللاھنى ئەسلەپ تۇرىدۇ، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشى توغرىسىدا پىكىر يۈرگۈزىدۇ. (ئۇلار ئېيتىدۇ) «پەرۋەردىگارىمىز! بۇنى بىكار ياراتمىدىڭ، سەن پاكتۇرسەن، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن﴾(3/«ئال ئىمران»، 190، 191).

ئەمما، ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿ئۇلارغا بىز تاكى ئۇلارغا قۇرئاننىڭ ھەق ئىكەنلىكى ئېنىق بولغۇچە، (ئاسمان – زېمىن) ئەتراپىدىكى ۋە ئۆزلىرىدىكى (قۇدرىتىمىزگە دالالەت قىلىدىغان) ئالامەتلەرنى كۆرسىتىمىز، پەرۋەردىگارىڭنىڭ ھەممە نەرسىنى كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقى (سېنىڭ راستلىقىڭنىڭ دەلىلى بولۇشقا) ئۇلارغا كۇپايە ئەمەسمۇ﴾(41/«فۇسسىلەت»: 53) دېگەن ئايەتى ئىلىم ئېلىشقا ئىنتىلدۈرىدىغان ئوچۇق دەۋەتتۇر. ئۇ ئىلىم چاقىنىڭ توختاپ قالماستىن، بەلكى بۇ قۇرئان ئايەتلىرى نۇرى ئاستىدا ئۈزلۈكسىز ھەرىكەت قىلىش، داۋاملىق ئىلگىرىلەپ تەرەققى قىلىش ۋە ئالدىغا قاراپ يول ئېچىشقا بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كەلگەن خەۋەردۇر. بۇ ئايەت ئاسمانلار، زېمىنلار، تاغلار، دېڭىزلار، دەريالار، ئۆسۈملۈكلەر، چارپايلار، قۇياش، ئاي، يۇلتۇزلار، دېڭىز ۋە قۇرۇقلۇقتىكى مەدەنلەر، بايلىقلار ۋە خەزىنىلەردىن ئىبارەت كائىناتتىكى ئاللاھ تائالانىڭ ئالامەتلىرى ھەققىدە چوڭقۇر تونۇش ھاسىل قىلىش، ئىنچىكە نەزەر سېلىش ۋە تەپەككۇر قىلىش مەسئۇلىيىتىنى مۇسۇلمانلارغا يۈكلەپ قويدى.

ئىلگىرىكى مۇسۇلمانلار ئىلىم – پەن بىلىملىرىنى ئۆگىنىشتە چىڭ تۇرۇپ كەلگەن. ئۇلار ئىلىمنىڭ ھەربىر تارماقلىرىدىن ئۆزىنىڭ تولۇق نېسىۋىسىنى ئالغان. ئۇلار گىرېك بۇتپەرەسلەردىن گرېتسىيە پەلسەپەسىنى، نەستۇرىيلار(2)دىن ئۇلارنىڭ تېبابىتىنى ۋە يەھۇدىيلاردىن پەيغەمبەرلىرى ۋە ئالىملىرى ھەققىدە رىۋايەت قىلغان خەۋەرلىرىنى ئېلىشتا ھېچقانداق دىنىي چەكلىمىگە ئۇچرىمىغان، ئۇلار ئىلىم ئۆگىنىشتە ئۇرۇش ۋە جىھادلاردىكى سىناقلاردىنمۇ ئېغىرراق سىناقلارغا دۇچ كەلگەن.

ھەقىقەتەن، ئىنساننىڭ بۇ ھاياتى دۇنيادىكى بەخت ـ سائادىتى پايدا – مەنپەئەتلەرنى سەۋەبلىرى بىلەن باغلاپ چۈشىنىش ۋە ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ كېرىش يوللىرى ئارقىلىق كىرىش – كىرەلمەسلىكىگە باغلىق. بۇ ئىنچىكە نەزەر سېلىش، چوڭقۇر ئويلاش، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش، بارلىق ئەقلىنى ئىشقا سېلىش ۋە ئىلگىرىكىلەرنىڭ ئەمەللىرىدىن ساۋاق ئېلىش ئارقىلىق مەيدانغا كېلىدۇ.

ئىلىم بولسا ئۈممەت ئۆزىنىڭ ھاجەتلىرىنى تونۇشى ئۈچۈن ۋاسىتىدۇر. مۇسۇلمانلارنى ئىلىم ئۆگىنىشكە قىزىقتۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا تەرغىب قىلىشتا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنۇ سۆزى يېتەرلىكتۇر. «ئىلىم تەلەپ قىلىش ھەربىر مۇسۇلمانغا پەرزدۇر»(3).

شەھەرلەشكەن رايونلارنىڭ تۆتتىن ئۈچ قىسىمىنى مۇسۇلمانلار فەتھى قىلغان، ئۇلار فەتھى قىلغان دۆلەتلەرگە ئىلىم، ھىدايەت، ئادىللىق ۋە بايلىق ئېلىپ كىرگەن ئىدى.

تارىخچى ئالىم ئەرنست رىنان مۇنداق دەيدۇ: «ئىلىم، ئەدەب – ئەخلاق ۋە ھازارەتلەر ئالتە ئەسىر يالغۇز مۇسۇلمانلاردىلا گۈللىنىش ۋە تارقىلىش ئارقىلىق يېڭى بىر مەدەنىيەت ھاسىل قىلغان».

روبىرت بىرفالت Robert Briffault «ئىنسانىيەتنىڭ سانائىتى (The makingof humanity)» ناملىق كىتابىدا مۇنداق دەيدۇ: «ياۋروپا تەرەققىياتىنىڭ ھەرقانداق بىر تەرىپىگە ئىسلام مەدەنىيىتى ئىنتايىن زور تۆھپە قوشقان ۋە مىسلىسىز دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتكەن. مۇسۇلمانلار ئىلىم ـ پەن بىلىملىرىگە باشقىلارغا قارىغاندا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەن ۋە بۇ بەيگە مەيدانىدا شەرەپ قۇچقان ئىدى».

ئۇستاز مۇھەممەد مۇبارەك «رىسالە» ژۇرنىلىدىكى بەزى ماقالىلىرىدا(4) مۇنداق دەيدۇ: «ناۋادا ئىسلام مەدەنىيىتىدىكى ئىلمىي ھەرىكەتلەرنى ئىنچىكە تەكشۈرسەك، بارلىق تەرەپلەردە ئىلمىي خىزمەت ئۈچۈن گۈزەل ئۈلگە بولغان شۇ ئالىملارغا بولغان ئەجەبلىنىش ۋە ئۇلۇغلاش قەلبلەرگە تولۇپ كەتكەن بولاتتى». ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ: «ئىلمىي تەتقىقاتلار ئۈچۈن يېڭىچە تەجرىبىلەرنى ئىشلەش يېڭى ئەسىرلەرگىلا خاس ئەمەستۇر، ئىسلام مەدەنىيىتىمۇ بۇ ساھەدە نامايەندە بولغان. شاكىر ئوغۇللىرى مۇھەممەد، ئەھمەد، ھەسەن ۋە ئەبى رەيھان ئەلبەيرۇنىي قاتارلىق مۇسۇلمان ئالىملار كۆپلىگەن ئىلمىي تەجرىبىلەرنى ئىشلەش ۋە ئۇنى ھەرخىل شەكىللەردە ئېلىپ بېرىشتا سەل قارىمىغان. ئۇلارنىڭ بۇ تەجرىبىلىرىدە تەبىئىي ھادىسىنىڭ شەرت ـ شارائىتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئۆزگىرىشىدە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللارغا قارىتا ئەتراپلىق مۇلاھىزە قىلىشمۇ كەمچىل بولمىغان. شۇنداقلا ئۇلار كۆرۈنەرلىك نەتىجە ۋە توغرا يەكۈن چىقىرىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان ئىدى».

ياۋروپا خەلقلىرى ئىلىم ـ پەن ئۈچۈن توختىماي چېپىپ يۈرگەندە، مۇسۇلمانلار گەرچە خىرىستىيان مۇرىدلىرى قارشىلىشىۋاتقان بولسىمۇ، ئىسلام دىننىڭ تۈرتكىسىدە ئىلىم ـ پەننىڭ يۇقىرى دەرىجىسىگە يېتىپ بولغان، مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ پەزىلىتىگە ھەتتا ئۆزلىرىدىن باشقا تارىخچىلار ۋە ئالىملارمۇ گۇۋاھ بولغان.

پەيلاسوپ دى لامىر «ئاسترونومىيە ئىلمى تارىخى (تارىخ علم الهيئة)» ناملىق كىتابىدا مۇنداق دەيدۇ: «گرېتسىيەلىكلەر ئىچىدە بىلىملىكلەردىن ئىككى ياكى ئۈچنى سانالىساڭ، مۇسۇلمانلار ئىچىدە ناھايىتى كۆپ ساندىكىلەرنى سانالايسەن. ئەمما، خىمىيە جەھەتتە گرېتسىيەلىكلەردىن تەجرىبىلىك بىرەرسىنىمۇ سانالىشىڭ مۇمكىن بولمايدۇ. لېكىن، مۇسۇلمانلاردىن 200 نى سانالايسەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەقىقىي خىمىيە پەقەت مۇسۇلمانلارنىڭ كەشپىياتىدىن ھېسابلىنىدۇ. مۇسۇلمانلار ۋاقىتنىڭ تەقسىماتىنى بىلدۈرىدىغان مىنۇتلۇق سائەتلەرنى ئىشلەتكەن تۇنجى كىشىلەردۇر».

پەيلاسوپ جۇستاف لەبۇن مۇنداق دەيدۇ: «پىكىر ئەركىنلىكىنىڭ توغرا دىندا بولۇش بىلەن قانداق ماس كېلىدىغانلىقىنى دۇنياغا تۇنجى بولۇپ ئۆگەتكەنلەر مۇسۇلمانلاردۇر».

يەنە باشقىسى مۇنداق دەيدۇ: «ئىسلام ئىككى ئەسىر مۇددەت ئىچىدە بىزگە بىر – بىرلەپ ئىسمىنى ئاتاپ بولغىلى بولمايدىغان ئاسترونوملارنى قانداق ئاتا قىلغىنىنى بىلمەيمەن. ۋەھالەنكى، چېركاۋ ياۋروپادا خىرىستىيانلار دۇنياسىغا 12 ئەسىر ھۆكۈمرانلىق قىلىپمۇ بىزگە بىرەر ئاسترونوم تەقدىم قىلالمىدى»(5).

ھەسەن ئىبنۇلھەيسەم (ھ. 354 – 430 / م. 965 – 1040) «نۇر ئىلمى»نىڭ ھەقىقىي مۇتەخەسسىسى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۆزىنىڭ «ئەلمەنازىر (المناظر)» ناملىق كىتابىدا تەتقىقاتتا ئېنىق بىر ئۆلچەمنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە شۇنىڭ بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ ماتېماتىكا ئىلمىنى دەلىل تۇرغۇزۇش ۋە ئىزدىنىش ئۈچۈن ۋاسىتە قىلىشتا كىبلىر ۋە گالىلىنى بېسىپ چۈشكەن.

ئۇنىڭ «ئاي سىلىق شار جىسىم بولۇشى مۇمكىن ئەمەس» دېگەنگە كەلتۈرگەن ئىسپاتى روشەن بىر مىسالدۇر. شۇنداقلا، يۇرۇقلۇقنىڭ سۇنۇشى (ياكى ئەكس ئېتىشى) ھەققىدىكى ئىزاھاتى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. شۇ ھەقتىكى پىكرى نىيۇتۇندىن خېلىلا ئىلگىرى ئىدى. بەلكى، نىيۇتۇننىڭ ئىبنى ھەيسەمنىڭ بۇ ئەمگەكلىرىنى ئىنچىكە تەتقىق قىلغان بولۇشى يىراق ئەمەستۇر. چۈنكى، نىيۇتۇننىڭ يېتەكچى ئۇستازى «بارۇ» بۇ ئەمگەكلەرنى ئالتە ئەسىردىن كېيىن بىلگەن. بۇنىڭدىن سىرت ئىبنى ھەيسەم بۇ ئىلمىي ئەمگەكلىرىنىڭ توغرىلىقىغا تەجرىبە خاراكتېرلىك دەلىللەرنى تۇرغۇزاتتى. غەربنىڭ مۇسۇلمانلاردىن ئالغان بۇ بىر قىسىم ئىلمىي تەتقىقاتلىرى بولۇپ، بۇ ئىلگىرىكى گرېتسىيەلىكلەردە بىلىنمىگەن ئىدى. ئىبنى ھەيسەم يەنە ئۆز ئىسمى بىلەن ئاتالغان مەشھۇر مەسىلىنى تەتقىق قىلغاندىن سىرت، كۆز قۇرۇلمىسىنى توغرا سۈپەتلىگەن، كۆز ۋەھىمىلىرىنى، قانداق كۆرۈشنى تۇنجى تەتقىق قىلغان ئالىمدۇر([6]).^

مانا بۇ، ئاللاھ تائالانىڭ بىزنى زېمىنغا چۈشۈرۈپ ئىزباسار قىلىشتىن ئىبارەت مەقسىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەبىئىي پەن ۋە كائىنات خاراكتېرلىك ئىلىملەردە بىزنىڭ ئەھۋالىمىز.

﴿(ئى مۇھەممەد ئۈممىتى!) سىلەر ئىنسانلار مەنپەئىتى ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسىدىغان ئاللاھقا ئىمان ئېيتىدىغان ئەڭ ياخشى ئۈممەتسىلەر. ئەگەر ئەھلى كىتاب (يەنى، يەھۇدىيلار، ناسارالار) ئىمان ئېيتسا (يەنى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان ۋەھيىگە ئىشەنسە)، ئۇلار ئۈچۈن (دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە) ئەلبەتتە ياخشى بولاتتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە مۇئمىنلەرمۇ بار، ئۇلارنىڭ تولىسى پاسىقلاردۇر﴾(3/«ئال ئىمران»، 110).

ئۇزۇن مەزگىل زالىم پادىشاھلار ھاكىمىيەت ئۈستىگە چىقىۋېلىپ مۇسۇلمانلارغا زۇلۇم سېلىشى ۋە نامدىلا مۇسۇلمان بولغان كىشىلەرنىڭ ئۇلارغا رەھبەرلىك قىلىشى تۈپەيلىدىن مۇسۇلمانلارنىڭ شەنى ئاجىزلاشتى شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئىززەت ـ قۇۋۋىتى يوقالدى، ئۇلار پەسكەش زىياپەتلەردىكى يېتىملارغا ئايلىنىپ قىلىپ غەربكە موھتاج بولۇپ قالدى. غەرب بولسا نېمىنى تەرك قىلىش ۋە نېمىنى ئېلىش، نېمىنى بۇزۇش ۋە نېمىنى تۈزەش ھەققىدە مۇسۇلمانلارنىڭ ئۈلگە ۋە يېتەكچىسىگە ئايلاندى• مۇسۇلمان ئۈممەتلەر ئىچىدە ئەسلىي بولغان شەرىئەت ئىلىملىرى ۋە پايدىلىق بولغان ھازىرقى زامان ئىلىملىرىنى جەملىگەن ئالىملار يوق دېيەرلىكتۇر.

بۇ غەپلەت ۋە سەل قاراش تۈپەيلىدىن مۇسۇلمانلار ئىلمىي يېتەكچىلىك قىلىش، مۇستەقىل پىكىر قىلىش ۋە باشقىلارغا يول كۆرسىتىشتەك ئالىي ماقامىدىن چۈشۈپ كەتتى. بەش ئەسىردىن بۇيان ئۆزلىرىنىڭ خەلقارادىكى ئورنىنى يوقىتىپ خارلىق، قۇلچىلىق، پېقىر – مىسكىنلىك گىردابىغا بېرىپ قالدى. چۈنكى، ئۇلار ئاساسىلىق ئۇلى ئىلىم ۋە ئىزدىنىش بولغان ئىماندىن ۋاز كەچتى. ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿ياراتقان پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئىسمى بىلەن ئوقۇغىن. ئۇ ئىنساننى لەختە قاندىن ياراتتى. ئوقۇغىن، پەرۋەردىگارىڭ ئەڭ كەرەملىكتۇر. ئۇ قەلەم بىلەن (خەت يېزىشنى) ئۆگەتتى. ئىنسانغا بىلمىگەن نەرسىلەرنى بىلدۈردى﴾(96/«ئەلەق»: 1 – 5). ﴿بىلگىنكى، ئاللاھتىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، گۇناھىڭ ئۈچۈن، ئەر، ئايال مۇئمىنلەر ئۈچۈن مەغفىرەت تىلىگىن، ئاللاھ سىلەرنىڭ (بۇ دۇنيادىكى) ھەرىكىتىڭلارنى ۋە (ئاخىرەتتىكى) جايىڭلارنى بىلىدۇ (شۇڭا، ئاخىرەتلىك ئۈچۈن تەييارلىنىڭلار﴾(47/«مۇھەممەد»: 19).

ئەللامە ئەبۇلھەسەن نەدۋىي «دۇنيا مۇسۇلمانلارنىڭ ئارقىدا قېلىشى بىلەن نېمىلەرنى زىيان تارتتى» دېگەن مەشھۇر ئەسىرىدە: «ئىسلام دۇنياسى ئىسلام يۈكلىگەن ۋەزىپىنى ئادا قىلىپ دۇنيانى يېتەكلەي دەيدىكەن، ئۇنىڭ ئىلىم – پەندە، سانائەتتە، تىجارەتتە ۋە ئۇرۇش تېخنىكىسىدا ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك» دېگەن(7).

ئۇستاز ئەدىب ئەھمەد ئەمىن «ئوي ئوۋلىرى (صيد الخاطر)» ناملىق كىتابىدا مۇنداق دەيدۇ: «ھەقىقەت، ئىلىم ـ پەن بىلىملىرىنى غەربتىن ئېلىشتا ھىچ گەپ يوق، بەلكى ئۇ زۆرۈردۇر. تۇرمۇشىمىز پەقەت ئىلىم بىلەن زىننەتلەنگەن ۋە ھازىرىمىزنى ئىسلاھ قىلىپ، كەلگۈسىمىزگە نەزەر سالغاندىلا ئاندىن بەختلىك بولىدۇ. لېكىن، بۇنىڭ بىلەن بىرگە مۇسۇلمانلار ئۆز ـ ئۆزىنى كەمسىتىش تۇيغۇسىغا قارشى تۇرۇپ ئىسلام دىنىدىن غەربلىكلەردە بولمىغان روھىي قۇۋۋىتىنى مىراس ئالغانلىقىنى ۋە ئىسلام تەلىماتلىرىنىڭ پەزلى بىلەن ياۋروپا ئىلىم ـ پەن بىلىملىرىنى ئىنسانىيەتكە ياخشىلىق قىلىش ئۈچۈن ئەڭ ياخشى روھىي رەڭ بىلەن زىننەتلەشكە قادىر بولالايدىغانلىقىنى ھېس قىلىش كېرەك. چۈنكى، دىندىن يىراقلاشقان ئىلىم ـ پەن ئىنسانىيەتنى ھالاك قىلىش ئۈچۈن ئاتوم بومبىسى ياساپ چىقسا، دىن بىلەن بىرلەشكەن ئىلىم ـ پەن ئىنسانىيەتكە ياخشىلىق قىلىشنىڭ زەررىچىلىك يوللىرىنىمۇ قويماي ئېچىپ بېرىدۇ»(8).

بۈگۈنكى كۈندە مۇسۇلمانلار ھازىرقى تۇرمۇش شارائىتلىرىدىن كاتتا بولغان ئەڭ مۇكەممەل ۋە ئەڭ باياشات تۇرمۇشقا يېتىش ئۈچۈن ئەمەل قىلىشقا ھەرىكەتلەندۈرىدىغان يېڭى بىر تىرىلىشقا مۇھتاجدۇر.

مۇجتەھىد ئىماملارغا نەزەر سالغىنىمىزدا، ئۇلار ناۋادا فىقھىي ئىلىملىرىنى ئۆگەنگەن يېرىدە قاتقان ھالەتتە بىر چەكتىلا توختاپ قالغان بولسا، بۈگۈنكى كۈندە مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئىسلام شەرىئىتىدە پەقەت بىرلا مەزھەب بولغان بولاتتى، لېكىن ئۇلارنىڭ مۇستەقىل ئىجتىھاد قىلىشلىرىنىڭ پەزلى بىلەن بىرقانچىلىغان مەزھەب بارلىققا كەلگەن. بۇ مەزھەبلەرنىڭ پۈتۈن ئىسلام ئالىمىدە زاماننىڭ ھەر تۈرلۈك ئېھتىياجلىرىنى قاندۇرىدىغان رەھمەت ۋە كەڭچىلىكنى ھېس قىلىشىمىز ئۈچۈن ھەرۋاقىت يېڭىلىنىپ، تەرەققى قىلىپ تۇرۇشى كېرەك.

دېمەك، ھازىرقى زامان ئىلىم ـ پەن بىلىملىرىگە يېتىش ئۈچۈن، ئىسلام روھىغا تويۇنۇش ۋە ئىسلامنىڭ ئاساسلىرى ۋە تەلىماتلىرىغا چوڭقۇر ئىمان ئېيتىش بىلەن بىرگە ئىتتىك قەدەملەر بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش ئىنتايىن زۆرۈردۇر. ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿ئۇلارغا بىز تاكى ئۇلارغا قۇرئاننىڭ ھەق ئىكەنلىكى ئېنىق بولغۇچە، (ئاسمان – زېمىن) ئەتراپىدىكى ۋە ئۆزلىرىدىكى (قۇدرىتىمىزگە دالالەت قىلىدىغان) ئالامەتلەرنى كۆرسىتىمىز، پەرۋەردىگارىڭنىڭ ھەممە نەرسىنى كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقى (سېنىڭ راستلىقىڭنىڭ دەلىلى بولۇشقا) ئۇلارغا كۇپايە ئەمەسمۇ﴾(41/«فۇسسىلەت»: 53).

مەنبە: https://www.alukah.net/culture/0/49257/

تەرجىمىدە: ئابدۇلھەكىم تارانچى


1. «تەفسىرۇ مەنار»، 1/217.
2. نەستۇرىيلار؛ خىرىستىيان پىرقىلىرىدىن بىرى، بۇلار 431 – يىلدىكى ئىسكەندەرىيە پوپى نەستۇرنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى بولۇپ، بۇ كىشى مۇنداق دېگەن: «مەريەم ئەلەيھىسسالام پەقەت بىر ئىنساننىلا تۇغدى. شۇڭا، ئۇ ئىلاھنىڭ ئانىسى ئەمەس، ئىنساننىڭ ئانىسىدۇر». نەستۇرىيلار ﺋﯩﻳﺴﺎ ئەلەيھىسسالامدا ئىككى تەبىئەت بار دېگەن قاراشنى يەنى ھۇلۇل ئەقدىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. (ئاللاھ بۇلارنىڭ دېگەنلىرىدىن پاكتۇر).
3. ئىبنى ماجە (224).
4. «رىسالە» ژورنىلى، 42 – سان.
5. شەيخ مۇھەممەد ئەبدۇھ: «الإسلام بين العلم و المدنية».
6. مۇستافا نەزىف: «ھەسەن ئىبنى ھەيسەم ۋە ئۇنىڭ تەتقىقات ـ كەشپىياتلىرى»، 1/242. قاھىرە ئۇنىۋېرسىتىتى.
7. «ماذا خسر العالم بانحطاط المسلمين»، 303 – بەت.
8. «ئوي ئوۋلىرى (صيد الخاطر)»، 8/217.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ