(ھ. 1298 – 1356 / م. 1880 – 1937)
1937 – يىلى 5 – ئاينىڭ 10 – كۈنى دۈشەنبە ئەتىگەن مۇسۇلمانلار ئەرەب – ئىسلام ئەدەبىياتىنىڭ پېشۋاسىدىن ئايرىلىپ قالدى. ئۇ قەدىمدىن ھازىرغىچە بولغان ئەرەب يازغۇچىلارنىڭ ئارىسىدا بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان يازغۇچى بولۇپ ھېسابلىنىدىغان مۇستافا سادىق رافىئىي ئىدى. ئۇ مۇسۇلمانلارنى ئۆز خاسلىقىدىن ئايرىۋېتىشنى نىشان قىلغان جەدىدچىلىك داۋرىڭى بازارغا سېىلىنغان قىيىن مەزگىللەردە قەلىمىنى قورال قىلىپ، ئەرەب تىلى ۋە ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى، ئەرەب تىلىنىڭ «قۇرئان كەرىم»نىڭ تىلى ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت ئەسلى ئورنىنى قوغداشقا ئۆز – ئۆزىگە ۋەدە قىلىپ ياشىغان. دېگىنىدەك ئۇ «ئەرەب – ئىسلام بىرىنچى پوزىتسىيەسى» بولغان.
— مەسئۇل مۇھەررىردىن («ئۈممەت ژۇرنىلى»)
ھەقىقەتكە قارشى تۇرغۇچىلار – ئەرەب دۈشمەنلىرى – بۇرۇندىن تارتىپ تا ھازىرغىچە بۇ شەخسنىڭ ئىش – ئىزلىرىنى، قالدۇرغان ئەدەبىي مىراسلىرى ۋە ئۇنىڭ ئىزنالىرىنى پاك – پاكىز يوقىتىشقا ئۇرۇنۇپ كەلدى.
بۇ شەخسنىڭ خاتىرە كۈنىدە مەزكۇر قىسقا ھەجىملىك ماقالە بىلەن بۇ ئەدىبنىڭ ھاياتى ۋە ئەسەرلىرىنىڭ قىسمەن تەرەپلىرىنى يورۇتۇپ بېرىشكە تىرىشىمىز. مۇستافا كامىل مۇنۇ سۆزىنى توغرا ئېيتقانىكەن: «بىر كۈنلەر كېلىدۇكى، رافىئىي خاتىرىلەنگەندە كىشىلەر: ئۇ بايان قېلىپىنىڭ ئەڭ چىرايلىقىدا ‹قۇيۇلغان› قەدىر – قىممىتى يۈكسەك كىشى ئىدى، دېيىشىدۇ»(1).
ئۇنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە ھاياتى
تېگى سۇرىيەلىك، مىسىردا تۇغۇلغان، ۋەتىنى ۋە ئەقىدىسى ئىسلام بولغان رافىئىي 1880 – يىلى 1 – ئايدا نەسەبى ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا تۇتىشىدىغان(2) ئېسىل بىر ئائىلىدە تۇغۇلغان.
دادىسى تەنتادىكى بىر شەرئىي سوتتا سوتچى بولۇپ، رافىئىي تا ۋاپات بولغىچە ئۆمرىنىڭ كۆپ قىسمىنى مۇشۇ جايدا ئۆتكۈزگەن. دادىسى شەيخ ئابدۇرراززاق رافىئىي تەقۋادار، دىندار ۋە ھەقىقەتتە چىڭ تۇرىدىغان كەسكىن ئادەم ئىدى(3). بۇ كەسكىنلىككە كېيىنچە رافىئىي تىل ۋە دىننى قوغداشتا ۋارىسلىق قىلغان. ئۇ ئۆسۈپ يېتىلگەن ئائىلىنىڭ كېلىپ چىقىشى مانا مۇشۇنداق ئېسىل.
رافىئىينىڭ دەسلەپكى تەلىم – تەربىيەسى ئۆز ئۆيىدە ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ئۆيىدە ئىسلام ۋە ئىسلام ئەدەبىياتىنى ئۆگەنگەن، مەلۇم مىقداردا «قۇرئان كەرىم» يادلىغان. كېيىن مەكتەپكە كىرگەن ۋە باشلانغۇچنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئاغرىپ قېلىپ، بىر قۇلىقى ئاڭلاش سېزىمىنى يوقاتقان، يەنە بىر قۇلىقىنىڭ ئاڭلاش سېزىمى تۆۋەنلەپ كەتكەن. 30 ياشقا كىرە – كىرمەيلا، ھەر ئىككى قۇلىقى ئاڭلىماس بولۇپ قالغان. 1899 – يىلى رافىئىي تەلخا شەرئىي سوت مەھكىمىسىگە كاتىبلىققا تەيىنلەنگەن.
ئۇ بىر مەھكىمىدىن يەنە بىر مەھكىمىگە ئالمىشىپ يۈرۈپ، ئورنى ئاخىرى ئۆمرىنىڭ ئاخرىغا قەدەر خىزمەت قىلغان تەنتا سوت مەھكىمىسىدە مۇقىملاشقان.
رافىئىينىڭ ئەدەبىي ھاياتىنىڭ باشلىنىشى
رافىئىي ئەدەبىي ھاياتىنى شېئىر يېزىش بىلەن باشلىغان بولۇپ، شۇ چاغدا ئۇ تېخى ئەمدى 19 ياشقا كىرگەن ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ شېئىر ۋە ماقالىلىرىنى شۇ ۋاقىتلاردا چىقىرىلىدىغان ژۇرناللاردا ئېلان قىلغان. 1900 – يىلى تۇنجى شېئىرلار توپلىمىنى نەشر قىلدۇرغان ۋە ئارقىدىن ئۇلاپلا ئىككىنچى، ئۈچىنچى توپلاملىرىنى چىقارغان. شۇندىن باشلاپ رافىئىي داڭلىق ئەدىبلەر قاتارىغا ئۆتكەن. ئۇنى شەيخ ناسىف ئەليازجىي 1903 – يىلى «الضياء (نۇر)» ژۇرنىلىدا ماختىغان(4).
كېيىن رافىئىي 1908 – يىلى «النظرات (نەزەر سېلىشلار)» ناملىق شېئىرلار توپلىمىنى چىقارغان. ئاندىن مەيلى ئوبزور بولسۇن، مەيلى ئىجادىي بولسۇن، ئەدەبىي يېزىقچىلىققا يۈزلەنگەن. ئۇ «تاريخ آداب العرب (ئەرەب ئەدەبىياتىنىڭ تارىخى)»، «إعجاز القرآن والبلاغة النبوية (قۇرئان كەرىمنىڭ ۋە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ پاساھىتىنىڭ مۆجىزىلىكى)»، «كتاب المساكين (مىسكىنلەرنىڭ كىتابى)» ناملىق كىتابلارنى يازغان. ئۇ «رسائل الأحزان (ھەسرەت مەكتۇبلىرى)»، «السحاب الأحمر (قىزىل بۇلۇت)»، «أوراق الورد (قىزىلگۈل يوپۇرمىقى)» قاتارلىق كىتابلىرى ئارقىلىق ئەرەب ئەدەبىياتىغا تۇنجى بولۇپ يېڭى نەسرىي ژانىردىن بىرنى ئەكىرگەن. ئوبزورچىلىق ساھەسىدە رافىئىي تاھا ھۈسەين ۋە ئۇنىڭ «في الأدب الجاهلي (جاھىلىيەت ئەدەبىياتى توغرىسىدا)» ناملىق كىتابىنى تەنقىد قىلغان «تحت راية القرآن («قۇرئان» تۇغى ئاستىدا)» دېگەن كىتابىنى، شۇنداقلا ئەققادنى تەنقىد قىلغان «على السفود (زىختا)» دېگەن كىتابىنى يازغان. گەرچە يازغانلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئېسىل چىقىدىغان بولسىمۇ، رافىئىينىڭ ئەڭ ئاخىرىدا يازغىنى ئەڭ ياخشى چىققان يازمىلىرى توپلانغان «وحي القلم (قەلەم تەلقىنلىرى)» ناملىق كىتابىغا توپلانغان ماقالىلىرىدۇر.
يۈكسەك ئاڭغا ئىگە ئىكەنلىكى ۋە كلاسسىك كىتابلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقى
رافىئىينىڭ ئىلىم – مەرىپىتى دادىسىنىڭ يېنىدا ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان مەزگىلدە دادىسىنىڭ ئۆگەتكەنلىرى بىلەنلا چەكلىنىپ قالغان. باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا ئۆگەنگەن فىرانسۇز تىلىمۇ سەللا ئەسقاتقاننى ھېسابقا ئالمىغاندا، بۇ ھالەتنى ئۆزگەرتەلمىگەن(5). رافىئىي ئۆزىنىڭ ئىلىم – مەرىپىتىنى ئۆمۈر بويى ئۈزۈپ قويمىغان ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئارقىلىق ئۆزىگە تايىنىپ ئۆستۈرگەن. ئۇ تەرجىمە ئوقۇشلۇقلارنى قوشۇمچە، كىلاسسىك كىتابلارنى ئاساس قىلغان. ئوقۇغان ھەر خىل ئوقۇشلۇقلاردىن كەلگەن ئىچكى ئىلھامى بىلەنلا «تاريخ آداب العرب (ئەرەب ئەدەبىياتىنىڭ تارىخى)»نى يېزىپ چىقىشى ئاللاھنىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن پەزل – مەرھەمىتى ئىدى. بۇ سەئىد ئۇريان رافىئىينىڭ مەكۇر كىتابىغا يازغان تەقرىزىدە ئىشارەت قىلغان مۇنۇ بايانلاردىن ئىبارەت ئىدى: «… رافىئىيدىن سوراي دەپ بولۇپ سورىمىدىم. ئۆزۈم ئۆزۈمگە بىلدۈرمەكچى بولدۇم، ئەمما بىلدۈرەلمىدىم. ئاندىن بۇنى رافىئىينىڭ خاتىرىسى، چاققان ئەستا تۇتۇۋالالايدىغانلىقى بىلەن بىرلەشتۈردۈم ۋە دېدىمكى، ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئۇ يەر – بۇ يەردىن بىلگەن تارقاق مەلۇماتلارنى ئۇنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى خاتىرىلىۋالغانىكەن. ئۇ كىتاب يېزىشنى باشلىغاندا بولسا خاتىرىسى ئەستە ساقلىۋالغان مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلەپتۇ. بۇلارنى ئۇنىڭ ئۆزى ئىچىدىن چىقارمىسا باشقا يەردىن يىغىپ توپلاپ بولالىشى مۇمكىن ئەمەس»(6).
رافىئىي مانا مۇشۇنداق ئۆزىنىڭ كلاسسىك كىتابلارغا بولغان چوڭقۇر چۈشەنچىسى بىلەن ئىچىدىن چىقىرىپ، ئۈچ توملۇق كىتاب يازالىغىدەك ھالەتكە يەتكەن. بۇ پەقەت ئاللاھ تائالانىڭ مۇۋەپپەق قىلىشى ۋە ئەدەبىيات روھىنى بۇ ئۈممەتنىڭ ھاياتىدا يېڭىباشتىن ياشنىتىشقا ياردەم بەرگەنلىكىدىندۇر. رافىئىي «قۇرئان كەرىم» ۋە «ھەدىس شەرىف»نى تەپەككۇر مەنبەسىنىڭ بىرىنچى ۋە ئەڭ يۈكسەك ماقامىغا قويغان. ئۇ، بۇ تىل ۋە بۇ ئۈممەتنى مەدەنىي مىراسلىرى بىلەن يۈكسەلدۈرۈش ئۈچۈنلا ياشىغان. بۇ ئۇنىڭ مەكتۇبلىرىدىن ئايان. ئۇ بىرەيلەنگە يۇمۇرلۇق قىلىپ مۇنداق دېگەن: «مەن كىتاب ۋە ئەسەر يېزىشتا يازغۇچى خۇددى سوت مەھكىمىلىرى مۇشەققەتلىك جىسمانىي ئەمگەكلەرنى قىلىشقا كېسىم چىقارغاندەك، ئۆزىگە ئۆزى جاپالىق ئەدەبىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشقا كېسىم چىقىرىپ ئىجرا قىلمىغۇچە مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدۇ، دەپ قارىمايمەن. شۇڭا، ئۆزىڭىزگە ئىككى – ئۈچ يىل جاھىز، ياكى ئىبنى مۇقەففە، ياكى ئۇلاردىن باشقىلارنىڭ ‹تۈرمە›سىدە جاپا بىلەن مەشغۇل بولۇشقا كېسىم چىقىرىڭ. ‹ئەبۇ زەئبەل› ياكى ‹تۇررە› تۈرمىسى(7) بولسا تېخى ياخشى»(8).
ئەدىب ھەر تۈرلۈك كەلگۈندى ئىدىيەلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، خۇددى سەئىد ئەقل، تاھا ھۈسەين، سەلامە مۇسالار كەبى ئۆزىنىڭ ئەدەبىياتى ۋە ئەدەبىي مىراسلىرىدىن تېنىپ، يات تىلغا مەپتۇن بولۇپ ئۇنى يىلتىز تارتقۇزۇشقا ئۇرۇنغان بىر تۈركۈملەرگە ئوخشاش بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن قوغدىنىدىغان مول ۋە ساپ ئەدەبىي مىراس ئاساسىغا ئىگە بولۇشى كېرەك بولغاچقا، بىز بۇ يەردە رافىئىينىڭ تىل ۋە ئەدەبىيات تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنىڭ ئىلىم – مەرىپىتىنى يۈكسەلدۈرۈشتە كلاسسىك كىتابلارنىڭ ئەڭ مۇھىم ئورۇندا بولۇشىغا تولىمۇ ھېرىسمەن ئىكەنلىكىنى بايقايمىز.
رافىئىي ئۆزلۈكىدىن تانغان مەزكۇر ئەدىبلەرنىڭ چاقىرىقلىرىغا قارشى قاراۋۇللۇقتا تۇرغان. ئۇلار بىلەن ئارىلىرىدا پات – پات ئەدەبىي جەڭلەر بولۇپ تۇراتتى، رافىئىي ئىسلام ۋە ئەرەب تىلىنى قوغداش ئۈچۈن، بۇ جەڭگە ھېچنەرسىدىن قورقماي جان تىكىپ مۇداپىئە قىلىدىغان جەڭچى سۈپىتىدە كىرەتتى، قەلىمى ئۇلارغا نىسبەتەن ئۆتكۈر قىلىچ ئىدى.
رافىئىينىڭ قەلەم كۈرەشلىرى
رافىئىي كونىنى تاشلاپ يېڭىلىققا كۆچۈش چاقىرىقلىرى ئالەمنى بىر ئالغان دەۋردە ياشىغان. ئۇ مەيداندا ئۆزى يالغۇز رەببىگە ۋە ئۇ ئاتا قىلغان ئىلىمگە تايىنىپ مۇستەھكەم تۇرغان. ئۇ بۇ ساھەدىكى ھەر كىشىنى دۇئېلغا چاقىراتتى ۋە ئۆزىنىڭ ئۇلار كونترول قىلىۋالغان كۆپلىگەن گېزىت – ژۇرناللاردىن يىراق بولغان تەنتادا ياشىغىنىغا قارىماي، دائىم ئۇلارنى مات قىلىۋېتەتتى. ئۇ خىزمەت ئورنى بولغان تەنتادىكى سوت مەھكىمىسىدىن ئالىدىغان ئازغىنە مائاشىغا تايىنىپ ياشايتتى. شۇڭا، ئۇنىڭ يېزىقچىلىقىدا ئىككى يۈزلىمىچىلىك قىلغاننى ياكى يالغان قىياپەتلەرگە كىرىۋالغىنىنى كۆرەلمەيمىز. چۈنكى، ئۇ نە مەنسەپ، نە پايدا – مەنپەئەت قوغلاشقان ئەمەس. ئۇ پەقەت رەببىنىڭ رازىلىقىنىلا كۆزلەيتتى. ئەمما، ئەققاد بولسا «مىسىر گېزىتى»گە 1000 جۈنەي مائاش بىلەن گېزىتتە بىر يىل ئىشلەشنى شەرت قىلغان(9).
رافىئىي بۇنداق ئىشلاردىن تولىمۇ يىراق ئىدى، نۇرغۇن يازمىلىرىدا ئىپادە قىلىپ ئۆتكىنىدەك، ۋىجدانى بىلەن مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ئۇنىڭغا نازارەتچى ئىدى. شۇڭا، ئۇ تاھا ھۈسەين، ئەققاد، سەلامە مۇسا، زەكىي مۇبارەك، ئابدۇللاھ ئەفىفىي، بولۇپمۇ ئەققاد ۋە تاھا ھۈسەينلەر بىلەن جەڭگە كىرەتتى. بەزى جەڭلەرگە بەزى شەخسىي ئىستەكلىرى ئۈچۈن كىرگەن دەپ ئەيىبلەنگەنلىكىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئۇ كۆپىنچە ۋاقىتتا ئىسلام ۋە ئەرەب تىلىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن جەڭ قىلاتتى. بۇ جەڭلەردە رافىئىي ئۆزىنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك تەنقىدىي كىتابلىرى بولغان «تحت راية القرآن («قۇرئان» تۇغى ئاستىدا)» ۋە «على السفود (زىختا)» دېگەن ئىككى كىتابىدا قوللانغان تەنقىد مېتودىغا ئاساس سالغان.
رافىئىينىڭ قارىشىدىكى تەنقىد
رافىئىينىڭ غۇرۇرى ۋە ئۆز – ئۆزىگە ئىشەنچى بار ئىدى، بۇ ئۇنىڭ ئاچچىق تەنقىدىدىن مەلۇم. رەھمەتلىك ھېچقاچان ماداراچىلىق، ياسالمىلىق قىلمايتتى. تىلى ئۆتكۈر، كەسكىن ئىدى. دىنغا ھېرىسمەن بولغىنى كەبى تىلغىمۇ ھېرىسمەن ئىدى(10). ئۇ «سەن بۇ دىندا قىلچىلىك ئەيىب تاپالمايسىەن، بولمىسا، ئۇنى بۇ تىلدا تاپقان بولاتتىڭ»(11) دېگەنگە ئىشىنەتتى. شۇڭا، ئۆزىنىڭ تىلى ۋە ئەدەبىياتىنى خۇددى يۈز – ئابرۇيىنى مۇھاپىزەت قىلغاندەك مۇھاپىزەت قىلاتتى، ئۇنىڭغا تىل ئۇزاتقان ھەركىمنىڭ دەككىسىنى بېرەتتى. دىننىڭ ئابرۇيىنى قوغداشتا ھېچكىمنىڭ تاپا – تەنىسىدىن قورقمايتتى. ئۇ «تحت راية القرآن («قۇرئان» تۇغى ئاستىدا)» دېگەن كىتابىنىڭ مۇقەددىمەسىدە ئۆزىنىڭ تۇتۇپ ماڭغان يولىنى بايان قىلىپ، تەنقىدىدە شەخس توغرىسىدا سۆزلەشتىن بۇرۇن ئوي – پىكىرىنىڭ يۈكسەك بولۇشىغا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېگەن: «بىز بۇ كىتابتا پەقەت خەتەرلىك ئىدىيەلەرنى بىتچىت قىلىش ئۈچۈنلا تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز. بۇ خەتەرلىك ئىدىيە كۈنىمىزدە بىز تونۇيدىغان پالانىنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپتۇ. ئەتە بىز بىلمەيدىغان باشقا بىرىنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىشى مۇمكىن. بىز ئۇنىڭغىمۇ، بۇنىڭغىمۇ ئوخشاش رەددىيە بېرىمىز، تونۇمايدىغان كىشىنى تونۇمىغاچقا، تونۇيدىغان كىشىنى تونۇغاچقا، ئايايدىغان ياكى ئاشۇرۇۋېتىدىغان ئىشنى قىلمايمىز»(12).
بىز شۇنداق دېيەلەيمىزكى، رافىئىي بۇ ئىخچام سۆزلىرى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تەنقىد مېتودىنىڭ چەك – چېگراسىنى ئاددىي، چۈشىنىشلىك قىلىپ لىللا ئايرىپ بەرگەن. مەلۇم بىر شەخس ئۇنىڭ نەزەرىدە ئىدىيەسى ئېسىل بولسا قەدىرلىك؛ دىن، تىل ۋە ئۇلارنىڭ مەنبەسى بىلەن زىت بولسا ئېتىبارسىز ئىدى. بۇنىڭدىنمۇ ئۈستۈن تەنقىد مېتودى بارمۇ؟!
رافىئىينىڭ تەنقىدچىلىكى دەسلەپ ئۆز زامانىدا نەشر قىلىنىدىغان گېزىت – ژۇرناللارغا يازغان تەنقىد ماقالىلىرى بىلەن باشلانغان. بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مەشھۇرى 1905 – يىلى «ثريا (يۇلتۇزلار تۈركۈمى)(13)» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «شعراء العصر (چاغداش شائىرلار)»(14) دېگەن ماقالىسى بىلەن گېزىتكە بېرىلگەن ئۇنىۋېرسىتېتقا، ئۇنىڭدىكى ئوقۇتقۇچىلارغا ۋە ئۇنىۋېرسىتېتتا قوللىنىلىۋاتقان ئەدەبىي مېتودقا ھۇجۇم قىلغان ماقالىسىدۇر(15). بۇلاردىن باشقا ئۇنىڭ بىلەن ئارىلىرىدا ئەدەبىي جەڭ بولغان چاغداشلىرى ئارا يېزىلغان باشقا ماقالىلەرمۇ بار. ئۇنىڭ ئەڭ ئوبرازلىق تەنقىدىي ئەسەرى «تحت راية القرآن («قۇرئان» تۇغى ئاستىدا)» دېگەن كىتابى بىلەن «على السفود (زىختا)» دېگەن كىتابىدۇر. ئۇ تاھا ھۈسەين ۋە ئۇنىڭ «الشعر الجاهلي (جاھىلىيەت شېئىرلىرى)» ناملىق كىتابىدا قوللانغان مېتودىنى بىرىنچى كىتابىدا، ئەققادنى ئىككىنچى كىتابىدا تەنقىدلىگەن.
شۇنىڭدەك، بىز يەنە ئۇنىڭ ئەبۇ رەييە (سۈننەتنى ئىنكار قىلغۇچى قۇرئانچىلارنىڭ پېشۋاسى) گە يازغان خەتلىرىدە بۇ تەرەپنى گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدىغان بەزى تەنقىدىي ئالاھىدىلىكلەرنى كۆرىمىز. رافىئىي سۆز ۋە مەنىلەرنى تۈزۈلۈش ۋە ئىجادىيلىق تەرىپىدىن باھالايتتى، سۆز ۋە مەنىلەردىكى ئورۇنسىز تەكرارلاشنى خۇددى قاپىيە تۇراقسىزلىقى ۋە تەلەپپۇزغا قىيىن سۆزلەرنى ئىشلىتىشنى تەنقىدلىگەنگە ئوخشاش تەنقىدلەيتتى(16).
رافىئىي تاھا ھۈسەينگە خۇددى ئەققادقا ئوخشاشلا كەسكىن مۇئامىلە قىلاتتى. بىز رافىئىينىڭ ئەققادقا قارىتىپ يازغان «على السفود (زىختا)» دېگەن كىتابىدا رافىئىينىڭ قەلىمىدىن چىقمىغان بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغان ناھايىتىمۇ قوپال ئىبارىلەرنى كۆرىمىز. ئۇ ئوبزورنىڭ قانداق بولغاندا ئىلمىي بولىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئوبزور دېگەن يازغۇچى ۋە ئۇنىڭ كىتابىنى ماختاپ بىرمۇنچە سۆزلەڭ دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى كىتابنىڭ قىممىتىنى، ئۇنىڭدىكى توغرا ياكى خاتا جايلارنى بايان قىلىپ، ئاندىن ئوقۇرمەننىڭ ئالدىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈن يازغۇچىنى تەتقىقاتىنىڭ يەكۈنى بىلەن قوشۇپ باھالاڭ دېگەنلىكتۇر»(17).
دېمەك، بىز شۇنى يەكۈنلىيەلەيمىزكى، رافىئىينىڭ نەزەرىدىكى تەنقىد ئوقۇرمەننى خاتا ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەپ قويمايدىغان توغرا تەنقىدىي قائىدە – پىرىنسىپلارغا ئاساسلانغان ھالدا، ئوي – پىكىر ۋە تىلنى ساپلاشتۇرىدىغان بولۇشى كېرەك. ئۇ بۇلارنىڭ ھەممىسىگە ئۆزىگە يېتەكچى قىلغان ئىسلامىي ئالاھىدىلىكنى ئۆلچەم قىلىپ رىئايە قىلاتتى.
رافىئىينىڭ ئەدەبىي خاسلىقى
يۇقىرىقى بايانلارغا ئاساسەن بىز رافىئىينىڭ ئەدەبىي خاسلىقىنى شەكىللەندۈرگەن ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكلەرنى بايان قىلىپ بېرەلەيمىز:
بىرىنچى: ئىسلامىي ئالاھىدىلىك
رافىئىينىڭ ئەڭ گەۋدىلىك ئەدەبىي خاسلىقى ئىسلامىي ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇشتۇر. بۇ ئۇنىڭ پۈتۈن ھاياتىدىن مەلۇم. ئۇ چوڭ بولغان ئۆيدە ئۇنىڭغا ئىسلامىي روھ بەخش ئېتىلگەن. ئۇ ھاياتىنىڭ ھەممە باسقۇچلىرىدا بۇ خىل روھ بىلەن ياشىغان. بىز ئۇنىڭ تەنقىدىدە، ئېڭىدا، ئىجادىيىتىدە، مۇھەببەت – نەپرىتىدە ئىسلامىي ئالاھىدىلىك بارلىقىنى كۆرىمىز. ئۇنىڭ يازمىلىرىدا پەقەت رەببىنىڭ رازىلىقىنىلا كۆزلەيدىغانلىقىنى ئەبۇ رەييەگە يازغان – ناخشا قىلىپ ئوقۇلغان – «ربنا إياك ندعو (رەببىمىز ساڭىلا دۇئا قىلىمىز)» ناملىق رىسالەسىدىكى مۇنۇ بايانلىرىدىن بىلىۋالالايمىز: «مەن مۇشۇ مەزمۇنلارنى مۇسۇلمان ئۆسمۈرلەرنىڭ روھىغا سىڭدۈرۈشتىن ئىبارەت چوڭ ئارزۇيۇمنىڭ غېمىدىلا يۈرۈيمەن»(18).
بۇ كىشى شان – شۆھرەت، پۇل – مال، ھوقۇق – مەنسەپ ئۈچۈن يازمىدى. پەقەت ئىسلاملا ئۇنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە يېتەكلىگۈچىسى بولغان ئىدى.
ئىككىنچى: مەزمۇنى ۋە سۆز – ئىبارىلىرى ساغلام
رافىئىينىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇغان ۋە مەنىلىرىگە چوڭقۇر چۆككەن، سۆز – ئىبارىلىرىگە ئىنچىكە دىققەت قىلغان ئوقۇرمەن: بۇ ئادەم 20 – ئەسىردە ئەمەس، جاھىز، ئىبنى مۇقەففە، بەدىيئۇززامانلار بىلەن چاغداش ياشىغانىكەن، دەپ كېتىدۇ. بىز: بۇ سۆز ۋە مەنىلەرگە رافىئىيدىن باشقىسىنىڭ كۈچى يەتمەيدۇ، دېسەك، ھەرگىز ئاشۇرۇۋەتكەن بولمايمىز. ئۇسلۇب، تىل، يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىقلاردا ئۇنىڭغا تەڭداش بولالىغۇدەك چاغداش ئەدىبنىڭ يوقلۇقى بۇنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ. بۇ يەنە ئۇنىڭ دۈشمەنلىرىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىگە سەۋەب بولغان. دەۋرداش ئەدىبلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئۇنىڭغا ھەسەت قىلىپ، چىدىماي دۈشمەنلىك قىلغان. ئۇلارنىڭ بۇ دۈشمەنلىكى رافىئىي ھايات ۋاقتىدىمۇ، ۋاپات بولغاندىن كېيىنمۇ پەسىيىپ قالمىغان. ئۇنىڭ ۋاپاتىدا رەقىبلىرىنىڭ بىرەرسىمۇ ئۆيىگە پەتىگە كەلمىگەن. پەقەت تاھا ھۈسەينلا دادىسىغا تەزىيە تېلېگراممىسى ئەۋەتكەن(19).
ئۈچىنچى: ھەقىقەتتە مۇستەھكەم تۇرۇش
ھەقىقەتتە كۈچلۈك بولۇش رافىئىينىڭ يازمىلىرىدىكى يەنە بىر ئالاھىلىدىلىكتۇر. ئەققاد بىر قېتىم باشقا ئەرەب يازغۇچىلار قوللانغان رافىئىيچە بايان ئۇسلۇبىغا ئوپئوخشاش بايان ئۇسلۇبىغا ئېتىراز بىلدۈرىدىغان تۇرۇپ، رافىئىي قوللانغان ئەينى ئۇسلۇبنى قوللاپ – قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى ئېيتقان(20). ئەمما، بۇ رافىئىينىڭ ئەققادقا قارىتىلغان كېيىنكى ئاچچىق تەنقىدلىرىدىن ھېچنەرسىگە دال بولالمىغان، چۈنكى ئۇ ئەققادنىڭ ئۆزىدىن بەكرەك پىكرىگە ئەھمىيەت بېرەتتى. شۇنىڭدەك، بىز ئۇنىڭ يازمىلىرىدا بىرەرسىگە خۇشامەت قىلغانلىقىنى ياكى بىرەرسىدىن قورققانلىقىنى كۆرەلمەيمىز. چۈنكى، ئۇ ھېچكىمدىن ھېچنەرسە تەمە قىلمايتتى. پادىشاھ شائىرى ئابدۇللاھ ئەفىفىيمۇ ئۇنىڭ قەلىمىدىن ساق قالمىغان. ئىلكىدە ئەڭ ئالىي ھوقۇق بولغان دەسلەپكى «ۋەفد پارتىيەسى»نىڭ كاتىبى سالاھىيىتىدىكى ئەققادتىنمۇ ھېيىقىپ قالمىغان. «على السفود (زىختا)» دېگەن كىتابىدا ئۆز ئۇسلۇبى بويىچە مېڭىۋەرگەن.
مانا بۇلار رافىئىينىڭ ئەدەبىي ئۇسلۇبىنىڭ بىر قىسىم گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكلىرىدۇر. بۇلاردىن باشقا ئالاھىدىلىكلىرىمۇ ئەلبەتتە بار. ئەمما، سەھىپە ئېتىبارى بىلەن مۇشۇنچىلىكى بىلەن كۇپايىلىنىمىز. بۇ ئالاھىدىلىكلەر سەۋەبلىك دۈشمەنلەر ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئەدەبىي ئىزنالىرىنى پاك – پاكىزە يوقىتىشقا ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە.
ئۇلار نېمىشقا ئۇنى تارىخقا كۆمۈۋەتمەكچى بولۇشىدۇ؟
ئىسلام ۋە ئەرەب دۈشمەنلىرى رافىئىي ۋە ئۇنىڭ ئەدەبىي مىراسلىرىنى تارىخقا كۆمۈۋېتىشكە ئۇرۇنۇپ كەلدى ۋە ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. چۈنكى، ئۇ ئەنئەنىۋىلىكنى تاللىغان، ئىسلامنى تاللىغان، ئادىمىيلىكنى تاللىغان؛ چۈنكى، ئۇ قەلەمگە خىيانەت قىلمىغان، خۇشامەت قىلمىغان، پەقەت ۋە پەقەت بۇ دىننىڭ، بۇ دىن نازىل بولغان تىلنىڭ ئۈستۈن بولۇشىنى ئىستىگەن؛ چۈنكى، ئۇ ھەممە جايدىكى بارچە ئاتالمىش جەدىدچىلىك تەشەببۇسچىلىرىغا جەڭ ئېلان قىلغان مەيداندا «ئاللاھنىڭ قىلىچى» بولغان.
بىزنىڭ رافىئىي ھەققىدە يازغانلىرىمىزنىڭ ھەممىسى مۇداپىئە تۈسىدىدۇر. توغرا، رافىئىي دېگەن رافىئىي. ئەمما، بۇ، رافىئىينى ئىزنالىرى بىلەن قوشۇپ تارىخقا كۆمۈۋەتمەكچى بولغان، ئۇنى ھازىرغىچە تەتقىقات ئوبيېكتى دائىرىسىدىن سىقىپ چىقىرىۋەتمەكچى بولغان، ئۇنى يېڭى دەۋر ئەدەبىياتىنىڭ تارىخچىلىرى ۋە پېشۋالىرىغا ئۇنۇتقۇزۇپ ھەتتا تەنقىدلەش ئۈچۈن بولسىمۇ تىلغا ئېلىنىپ قالماسلىقىغا ئۇرۇنۇپ كېلىۋاتقان دىن ۋە تىل دۈشمەنلىرىنىڭ ھېلىھەم مەۋجۇد ئىكەنلىكىنى ئۈممەتنىڭ ئېسىگە سېلىش ئۈچۈندۇر. ئەجەبا، رافىئىي مۇشۇنچىۋالا سەل قارايدىغان ئورۇندىكى شەخسمۇ؟!
بۇ قانداق ئىنساپ؟ بۇ قانداق ئادىللىق؟ بۇ قانداق ئىلمىيلىك؟ رافىئىي ئەققاد، تاھا ھۈسەين ۋە باشقىلار كەبى چاغداش ئەدىبلەر ئېرىشكەن خاتىرىلەشكە ئېرىشىۋاتامدۇ؟
ئەمەلىيەتتە، بۇ پەقەت رافىئىي ۋە ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ئىزنالىرىنى يوقۇتۇشقا ئۇرۇنۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەسقۇ؟! ئەرەب تىلى ۋە ئىسلام ئۈچۈن جان كۆيدۈرىدىغان جىگەرلىكلەر، قېنى سىلەر؟! ئۈممەتنىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى ئىخلاسمەن ئەدىبلىرى، قېنى سىلەر؟! ئۆمۈر بويى ئەرەب تىلى ۋە ئىسلامنى مۇداپىئە قىلىپ ياشاپ مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىدىن قەستەن بىلمەس بولۇۋېلىش، ھەسەت قىلىپ قەستەن ئۇنۇتقان قىياپەتكە كىرىۋېلىش، ئەسەرلىرىنىڭ ئىزناسىنى ۋە مۇستافا سادىق رافىئىي دېگەن ئىسمىنى يوق قىلىۋېتىشكە ئۇرۇنۇشتىن باشقا جاۋابقا ئېرىشەلمىگەن ئەدىبتىن يەنە بىرى بارمۇ؟ ئۇنى ئەسلەيدىغان، ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ تەتقىق قىلىدىغان ۋە پايدىلىنىدىغان، لايىقىدا قەدرىنى قىلىپ ياخشى دۇئالاردا بولىدىغان بىرەرسى زادى يوقمۇ؟
مەنبە: «مجلة الأمة (ئۈممەت ژۇرنىلى)»نىڭ ھ. 1403، شەۋۋال (10 – ئاي) لىق سانى.
تەرجىمىدە: بىلىميار
1. ئابدۇسسالام: «رافىئىي بىلەن مەي»، 5 – بەت.
2. سەئىد ئەريان: «رافىئىينىڭ ھاياتى»، 24 – بەت.
3. يۇقىرىقى مەنبە.
4. ئابدۇسسالام: «رافىئىي بىلەن مەي»، 5 – بەت.
5. سەئىد ئەريان: «رافىئىينىڭ ھاياتى»، 32 – بەت.
6. «ئەرەب ئەدەبىياتىنىڭ تارىخى»، 3/8.
7. مىسىردىكى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن خەتەرلىك دەپ قارالغان سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي جىنايەتچىلەر قامىلىدىغان، ئىنتايىن قاتتىق قوغدىلىدىغان ئىككى تۈرمە — ت.
8. «رافىئىينىڭ رىسالەلىرى»، 54 – بەت.
9. «رافىئىينىڭ رىسالەلىرى»، 190 – بەت.
10. سەئىد ئەريان: «رافىئىينىڭ ھاياتى»، 48 – بەت.
11. يۇقىرىقى مەنبە.
12. « قۇرئان تۇغى ئاستىدا»، 5 – بەت.
13. ياكى ھۈكەر يۇلتۇز – ت.
14. سەئىد ئەريان: «رافىئىينىڭ ھاياتى»، 149 – بەت.
15. ئۇززۇددىن ئەمىن: «مىسىردا ئەدەبىي مۇھاكىمەنىڭ يېتىلىشى»، 127 – بەت.
16. يۇقىرىقى مەنبە، 133 – بەت.
17. ھەسەنەين مەخلۇف: «رافىئىينىڭ ھاياتى ۋە ئەدەبىياتى»، 122 – بەت.
18. «رافىئىينىڭ رىسالەلىرى»، 172 – بەت.
19. سەئىد ئەريان: «رافىئىينىڭ ھاياتى»، 147 – بەت.
20. يۇقىرىقى مەنبە، 183 – بەت.