قازانلىق تارىخچى مۇراد رەمزى

قازانلىق تارىخچى مۇراد رەمزىي

(ھىجرىيە ؟ – ؟ / مىلادىيە 1854 – 1934)

 

پروفېسسور دوكتور ئەھمەد تەمىر

 

نەسەب شەجەرىسى

داڭلىق تارىخچى مۇھەممەد مۇراد رەمزى 1854 – يىلى 10 – ئاينىڭ 10 – كۈنى تاتارىستان جۇمھۇرىيىتى قازان ئۆلكىسىنىڭ مىنزەلە ۋە چاللى ناھىيىلىرى ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان ئەلمەت يېزىسىدا تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇ باتىرشاھ ئابدۇللاھنىڭ كەنجى ئوغلى بولىدۇ.

مۇراد رەمزى ئەرەبچە يازغان «تلفيق الأخبار وتلقيح الآثار في وقائع قزان وبلغار وملوك التتار» ناملىق كىتابىدا ئۆز نەسەبىنى مۇنداق خاتىرىلىگەن:

«پېقىر مۇرادۇللاھ، باھادىر شاھ ئابدۇللاھنىڭ ئوغلى، باھادىر شاھ ئابدۇللاھ ئادىلشاھنىڭ ئوغلى، ئادىلشاھ ئىسھاقنىڭ ئوغلى، ئىسھاق تۈكەلباينىڭ ئوغلى، تۈكەلباي يانى ئوراسنىڭ ئوغلى، يانى ئوراس مىرزاقۇلنىڭ ئوغلى، مىرزاقۇل باغلاينىڭ ئوغلى، باغلاي مىرداشنىڭ ئوغلى، مىرداش مىمىچنىڭ ئوغلى، مىمىچ مەرقەنىڭ ئوغلى، مەرقە ئابدۇللاھبەكنىڭ ئوغلى، ئابدۇللاھبەك بىكچۇراخاننىڭ ئوغلىدۇر».

مۇراد رەمزىنىڭ مەن ھېلىھەم قولۇمدا ساقلاۋاتقان مەكتۇپلىرىدا ۋە ئوغلى فەھمى مۇراددىننىڭ خاتىرە دەپتەرلىرىدە، ئىسمى بەزىدە «مۇھەممەد مۇراد رەمزى» ۋە يەنە بەزىدە «شەيخ مۇھەممەد مۇراد» ياكى «شەيخ مۇھەممەد مۇراد قازانىي» دەپمۇ قەيت قىلىنىدۇ.

بالىلىق چاغلىرىدا «مەردانشاھ» دەپمۇ ئاتالغان مۇھەممەد رەمزى سىياسىي ماقالە ۋە يازمىلىرىدا، «تۇتى»، «ئاندەلىب»، «ئەبۇلھەسەن»، «ئەكمەل»، «م. م. ر»، «رەمزى»غا ئوخشاش تەخەللۇسلارنىمۇ قوللانغان.

فەھمى مۇرادنىڭ دەپتىرىدە يېزىلغانلىرى بويىچە، بۇ جەمەتنىڭ بوۋىلىرىدىن بىكچۈرەخان، 1600 – يىلنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئارال دېڭىزى ئەتراپلىرىدا سىر ۋە ئامۇ دەريالىرى بىلەن قوشۇپ، ئۆزبىك – تۈركمەن قۇملۇقلىرىنى باشقۇرغان بولۇپ، 1552 – يىللىرى قازاننىڭ چارپادىشاھ تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىشىدىن كېيىن، قازاننى مۇستەملىكىدىن قۇتقۇزۇش مەقسىتىدە قوشۇن تارتىپ، چاللى يېزىسىنىڭ ئۇدۇلىدىكى ساراي بۇرنۇدا قارارگاھ قۇرۇپ، قازانغا ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلانغان ئىكەن.

ئەمما بىكچۈرەخاننىڭ تۇيۇقسىز بولغان ئۆلۈمى سەۋەبلىك قوشۇن تارقىلىپ كەتكەن ۋە خاننىڭ يېقىنلىرى چاللىنىڭ ئەتراپلىرىغا ئورۇنلىشىپ، يەرلىك تاتارلار ۋە باشقۇرتلار بىلەن ئارىلىشىپ كەتكەن ئىكەن.

ئەلمەت ئەتراپىدىكى باشقا يېزىلارنىڭ ئاھالىلىرىمۇ گەرچە ئىمام، مۇئەللىم، تىجارەتچى ۋە دېھقان بولۇپ ياشىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ئاخىرقى ۋاقىتلارغىچە ئۆزىنى مىرزا، مىر، شاھ ۋە بەگ دەپ ئاتىشىدىكەن. مۇراد رەمزى تارىخ توغرۇلۇق كىتاب يېزىۋاتقان ۋاقىتلىرىدا، تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ئانا يۇرتىغا بارغىنىدەك سانكت پېتېربۇرگقىمۇ بارغانلىقىنى ۋە ئارخىپلارنى تەكشۈرۈۋاتقان مەزگىللىرىدە ئۆز نەسەبى ھەققىدە ئېنىق مەلۇماتقا ئىگە بولغانلىقىنى ئېيتىدۇ.

مۇراد رەمزىنىڭ چوڭ دادىسى ئادىلشاھ ئەلمەت يېزىسىنىڭ باشلىقى ۋە ئەتراپتىكى يېزىلارنىڭمۇ باشقۇرغۇچىسى بولۇپ، ئادىللىقى بىلەن ئەتراپقا مەشھۇر كىشى ئىكەن.

ئادىلشاھنىڭ يالغۇز ئوغلى باتۇرشاھ كىچىك ۋاقتىدىلا يېتىم قالغان ۋە ئوقۇيالمىغان بولسىمۇ، ئۇقۇمۇشلۇق ۋە مەدەنىيەتلىك بىر ئايال بىلەن ئۆيلەنگەن بولۇپ، يازمىلاردا ئىسمى ئورنىغا ئۇستازبىكە، مۇئەللىمە، ئابىستەي دەپ ئېلىنغان ئايال دەل مۇراد رەمزىنىڭ ئانىسىدۇر.

ئابىستەي ۋە باتىرشاھ ئىككى ئوغۇل، ئىككى قىز، جەمئىي تۆت پەرزەنتلىك بولغان بولۇپ، دادا تەرەپ نەسەبنىڭ ئاخىرقى ئەزاسى فەھمى مۇھەممەدنىڭ ئەسلىمىسى بويىچە بۇ نەسەبنى مۇنداق كۆرسىتىشكە بولىدۇ: ئادىلشاھ ئوغلى باتىرشاھ ئابدۇللاھنىڭ ئابىستايدىن بولغان بالىلىرى: 1 – ھەسەنشاھ، 2 – رەۋزە، 3 – ھۆسنۈجاھان، 4 – مۇراد رەمزى.

1844 – يىلى تۇغۇلغان ھەسەنشاھ سىياسەتكە بولغان ئىشتىياقى بىلەن مەخپىي تەشكىلاتلارغا قاتناشقانلىقى ئۈچۈن، دوستلىرى بىلەن بىرلىكتە تۇتۇلۇپ سىبىرىيەگە سۈرگۈن قىلىنغان ۋە شۇ يەردە ۋاپات بولغان. مۇراد رەمزى ھەسەنشاھنىڭ ئايالىنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن، ئۇلارنىڭ تۇففاھۇلجانان ئىسىملىك قىزى ۋە مۇبارەك ئىسىملىك ئوغلىنى مەككىگە ئېلىپ كېلىپ، ئۆز ھامىيلىقىغا ئالغان.

تۇففاھۇلجانان ھافىز ئارىف بەختىيار بىلەن توي قىلغان ۋە بۇ كىشى مەككىدە ئالىمجان بەرۇدىينىڭ ۋەخپە ئۆيىگە مۇدىر بولۇپ تەيىنلەنگەن. بۇ ئىككىسىنىڭ ئابدۇللەتىف ۋە مەريەم ئىسىملىك ئىككى پەرزەنتى بولغان. رەۋزە بولسا خەيرۇللاھ بىلەن توي قىلغان ۋە ئىككىسىنىڭ بىر قىز، ئىككى ئوغلى بولغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئوغلىنىڭ ئىسمى بولسا ئابدۇلكەرىمدۇر.

ھۈسنۈجاھان ياقۇب بىلەن ئۆيلەنگەن ۋە ئۇلارنىڭ يۇنۇس، سالىھ، ئەھمەد، خاتىب ۋە پەرىدە ئىسىملىك بەش بالىسى بولغان. مۇھەممەد مۇراد رەمزى شاھمۇھەممەدنىڭ قىزى ئەسما بىلەن ئۆيلەنگەن ۋە توققۇز بالىلىق بولغان. مۇراد رەمزىنىڭ ئانا تەرەپ نەسەبىگە كەلسەك، قولۇمدىكى مەلۇماتلاردا ئۇلار ئۆز ئىسىملىرى ئورنىغا، «ئانا، تاغا» دېگەندەك ئاتالغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئانا تەرەپ نەسەبىدىكى بەزى ئورۇنلار ھازىرغىچە غۇۋا.

مۇراد رەمزىنىڭ تاغىسى ئەلمەت يېزىسى مەدرىسىسىنىڭ ئۇستازى ۋە بۇ مەھەللىنىڭ ئىمامى بولۇپ، مۇرادنىڭ تەربىيە ۋە ئۆسۈپ يېتىلىشىدە چوڭ رول ئوينىغان. ئۇنىڭ ئابىستەي ياكى ئۇستازبىكە دەپ ئاتالغان مۇئەللىمە ئانىسىمۇ تونۇلغان بىر ئالىمە بولۇپ، دادىسى ۋە تاغىلىرىمۇ شۇ ئەتراپتا ئالىملىقى ۋە موللىلىقى بىلەن تونۇلغان.

‏ئۆسمۈرلۈك ھاياتى ۋە ئىلىم تەهسىلى

مۇراد رەمزى خېلىلا كىچىك ۋاقىتلىرىدا، ئانىسى تەرىپىدىن قىزلار ئۈچۈن ئېچىلغان باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇش – يېزىش، قۇرئان ۋە ئاساسىي دىنىي بىلىملەرنى ئۆگەنگەن بولغاچقا، 8 يېشىدا تاغىسى ئاچقان مەدرىسىگە كىرگىنىدە ئۆز تەڭتۇشلىرىدىن سەۋىيە جەھەتتە ئالاھىدە پەرقلىنەتتى.

مۇراد رەمزىنىڭ بۇ قابىليىتىنى كۆرگەن تاغىسى ئۇنىڭغا ئايرىم دەرس ئۆتۈپ بەرگەن، مۇراد رەمزىمۇ قىسقىغىنا ۋاقىتتىلا ئەرەبچە ۋە فىرانسوزچىنى ئۆگىنىپ بولغان.

بىر كۈنى مۇراد رەمزىنىڭ ئۆيىگە تاماققا كەلگەن تاغىسى مۇرادنىڭ ئاتا – ئانىسىغا: «بالاڭلار مەردانشاھقا مەدرىسىمىزدە ئۆگىتىدىغان نەرسە قالمىدى، ئۇ قازان شەھىرىنىڭ چوڭ مەدرىسەلىرىگە بېرىپ ئىلىم تەھسىل قىلىشى كېرەك، شىھابۇددىن ھەزرىتىمگە، قازان شەھىرىنىڭ مەشھۇر مەدرىسەلىرىدىن بولغان ‹شىھابۇددىن ئەل مەرجانى› مەدرىسىسىگە قوبۇل قىلىنىشى ئۈچۈن، تەۋسىيە مەكتۇپى يازدىم، بالاڭلارنى شۇ يەرگە ئەۋەتىڭلار، ئىنشائاللاھ، بۈيۈك ئالىم بولۇپ، سىلەرنىڭ ۋە مىللەتنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلايدۇ» دەيدۇ.

بالىسىنىڭ يېنىدىن بىر سائەت ئايرىلىشقىمۇ چىدىمايدىغان ئانىسى ئابىستاي خانىم ئاكىسىىنىڭ بۇ سۆزىنى ئويلانغاندىن كېيىن: «ئايرىلىشنىڭ ئازابىنى بىز قوبۇل قىلىپ كېتەلىگۈدەكمىز، مېنىڭچە، يەنىلا بارسۇن، بىز بۇنىڭغا قوشۇلىمىز» دەپ جاۋاب بەرگەن.

ئەمما، مۇراد سەپەر تەييارلىقلىرىنى پۈتتۈرۈپ ماشىنىغا چىقىدىغان چېغىدا، ئانىسى ئۇنىڭغا ئېسىلىپ ھۆڭرەپ يىغلىغىنىچە: «يۈرەك پارەم ئوغلۇم، سەن يېزىمىزدىكى ئەڭ ئەقىللىق ۋە تىرىشچان بالا بولغانلىقىڭ ئۈچۈن، بىزنىڭ يېزىدا بىلىم ئېلىشىڭدىن چوڭ مەدرىسەلەردە بىلىم ئېلىشىڭنى لايىق كۆرۈپ، قېشىمىزدىن ئايرىلىشىڭغا رازى بولدۇق، ئۆيىمىزنىڭ جېنى ۋە خوشاللىقى ئىدىڭ، ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە ئىنايىتى ھەردائىم سەن بىلەن بولسۇن! كەمبەغەل، بىلىمسىز ۋە زۇلۇمغا ئۇچرىغان خەلقىمىزنىڭ ئالىملارغا ۋە ياراملىق كىشىلەرگە موھتاج ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇمىغىن، ئۆز يېزاڭنى، سېنى جېنىدىن بەك سۆيىدىغان ئاتا – ئاناڭنى، قېرىنداشلىرىڭنى ئۇنتۇما! ئاقيول بولسۇن ئوغلۇم، ئاللاھنىڭ يېتەكلىشى ۋە ھىدايىتى ئىچىدە بولغىن، ئەگەر بىزنى قايتا كۆرەلمەي قالساڭ، ‹فاتىھە› سۈرىسى ئوقۇپ ئەسلىگىن» دەپ خوشلاشقان.

بۇ خوشلىشىش مۇرادنىڭ ئاتا – ئانىسىنى ئاخىرقى قېتىم كۆرۈشى بولۇپ قالغان. مۇراد ۋەزىيەت ياخشىلانغان ۋاقىتلاردا مەككىدىن يۇرتىغا بىرنەچچە قېتىم بارغان بولسىمۇ، بۇ زىيارەتلەر ئاتا – ئانىسىنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن بولغان.

1869 – يىلىنىڭ كۈز پەسلىدە، 15 ياشلىق مۇراد ئەلمەت يېزىسىدىن ئايرىلىپ، ئۆزى ئىزدەۋاتقان ئىلىم ئېھتىياجىنىڭ قامدىلىشى ئۈچۈن قازانغا يېتىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئۇ ئىزدەپ چىققان ئىلىم ئېھتىياجىنىڭ كاپالەتكە ئىگە بولالمىغانلىقىنى ئېيتىپ، بىر يېرىم يىلدىن كېيىن، ئۇ يەردىن ئايرىلىپ ترويىسكىغا كەلگەن.

ئۇ بۇ يەردە قازاقلار ئىچىدە بىر يېرىم يىلغا يېقىن ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغىنىدىن كېيىن، چوڭ ئۈمىدلەر بىلەن تاشكەنتتىن بۇخاراغا يېتىپ كەلگەن.

تەخمىنەن 1874 – يىلى بۇخاراغا كەلگىنىدىن كېيىن، بۇ يەرنىڭ مائارىپ جەھەتتىن تېخىمۇ قالاق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ قاتتىق ئۈمىدسىزلەنگەن ۋە كېسەل ھالىتىدە قازاقىستانغا قايتىپ، ئۈچ ئاي قىرغىزلار ئارىسىدا ئارام ئېلىپ قايتىدىن ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان.

1875 – يىلى تاشكەنتكە قايتىپ كەلگەن مۇراد رەمزى بۇ قېتىم بۇخاراغا بېرىش ئورنىغا تۈركىيەگە، مىسىرغا ۋە ھىجازغا بېرىشنى قارار قىلغان.

مۇشۇ ۋاقىتلاردا تاشكەنتتە ئولتۇراقلاشقان، قازان شەھىرىدىن بولغان بىر يۇرتدىشىنىڭمۇ دۇكىنىنى سېتىپ تۈركىيەگە كۆچمەكچى بولغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئافغانىستان ۋە ھىندىستاندىن ئۆتۈپ ھىجازغا بېرىشقا كېلىشكەن.

مۇراد رەمزى ۋە يۇرتدىشى ھىندىستاندا ئۈچ ئاي تۇرغىنىدىن كېيىن، 1876 – يىلنىڭ باشلىرىدا بىر ھاجىلار كېمىسى بىلەن ھىجازغا بارغان.

مۇراد رەمزى ئاۋۋال جىددىدىن مەككىگە بېرىپ ھەج قىلغان ۋە كېيىن مەدىنە مەدرىسەلىرىنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ مەدىنىگە كەلگەن. مەدىنىدە باشتا بەشىرا، كېيىن مەھمۇدىيە مەدرىسەلىرىگە كىرىپ، ئۆگىنىش ئىشتىياقى چوڭقۇر بولغان تەپسىر، فىقھى، ئەرەب تىلى، ھەدىس ئىلىملىرىگە ئۆزىنى بېغىشلىغان.

گەرچە كۇتۇپخانا ۋە تۇرالغۇ شارائىتى جەھەتتىن مەمنۇن بولۇۋاتقان بولسىمۇ، مەدرىسىسىنىڭ ۋەخپە ياردىمى بەك ئاز بولغانلىقتىن، مەدىنىدىكى ئوقۇش ھاياتىنىڭ بىرقانچە يىلىنى چوڭ تىرىشچانلىق ۋە كەمبەغەللىك ئىچىدە ئۆتكۈزگەن.

ئوسمانىيلار دۆلىتى ۋە رۇسىيە ئارىسىدىكى ئۇرۇشلار سەۋەبىدىن تۈركىستانغا كېلىدىغان ھاجىلارنىڭ يولى ئۈزۈلگەچكە، ماددىي ياردىمىمۇ توختاپ قالغان، كېيىن يوللار ئېچىلىپ ئىشلار ئىزىغا چۈشكەن.

مۇراد رەمزى ئالدى – كەينى بولۇپ، 1876 – يىلدىن 1880 – يىلغىچە بولغان مەدىنىدىكى تۆت يىللىق ئوقۇش ھاياتىدا، ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە بۈيۈك سۆيگۈ ۋە ھۆرمەت بىلەن ئەسلەپ كەلگەن يۇرتدىشى ۋە ساۋاقدىشى زىيا ئەپەندى، ئابدۇررەشىد ئىبراھىم، سىمىپالانت شەھىرىدىن ئابدۇلھەق يۈسۈف بىلەن تونۇشقان.

1880 – يىللاردا بولسا مۇراد رەمزى ھاجىلار بىلەن بىرگە مەككىگە كەلگەن ۋە ئابدۇررەشىد ئىبراھىمدىن باشقىلىرى ھەجدىن كېيىن، مەدىنىگە قايتىپ كەتكەن ئىدى. ئابدۇررەشىد ئىبراھىم بولسا بەش يىلدىن كېيىن قازانغا قايتقان چېغىدا، ئۇفا ناھىيىسىدىكى شەرىئەت مەھكىمىسىگە قازى بولۇپ تەيىنلەنگەن. پۈتۈن ئىسلام دۆلەتلىرىنى ئايلىنىپ «ئالەمى ئىسلام» ناملىق ئەسەرنى يازغان. رۇسىيەدىكى تۈرك – ئىسلام مەتبۇئاتىنىڭ تۇنجىلىرىدىن بولغان «مىرئات» مەجمۇئەسىنى سانكت پېتېربۇرگتا چىقارغان. ئابدۇررەشىد ئىسلامنى تارقىتىش ئۈمىدى بىلەن بىرنەچچە قېتىم ياپونىيەگە بارغان بولۇپ، ئۇ شۇ يەردە ۋاپات تاپقان.

ئۇنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن مۇھەممەد رەمزى داۋاملىق مەككىدە ئىلىم ئېلىشنى داۋاملاشتۇرغان. بۇ ۋاقىتلاردا مەككىدە مۇرادنىڭ يۇرتلۇقلىرىدىن بىرنەچچە تىجارەتچى ۋە ئوقۇغۇچىدىن باشقا ھېچكىم يوق ئىدى. ئەگەر بۇلارنى تەكشۈرسەك مۇنداق ئىسىملارنى ئۇچرىتىمىز:

1.     ئابدۇراھمان قەدىم بىلەن ئۇكىسى ھارىس ۋە ھۇسەين ئەپەندىلەر.

2.     ئابدۇراھمان جەددىي قاتارلىقلار.

مۇراد رەمزى مەدىنىدىن مەككىگە كەلگەن 1880 – يىللىرىدا ئانىسى ئابستەي خانىمنىڭ ۋاپات بولۇپ كەتكەنلىكى ۋە بىر يىلدىن كېيىن دادىسى باتىرشاھنىڭ ۋاپات بولۇپ كەتكەنلىك خەۋىرىنى ھاجىلاردىن كەلگەن مەكتۇپلار ئارقىلىق ئۇقىدۇ.

ئۇستازلىرى ۋە ئۇستازلىق ۋاقىتلىرى

مۇراد رەمزىنىڭ بالا ۋاقىتلىرىدىلا تارىخقا بولغان قىزىقىشىغا ۋە مىللىي ھېس – تۇيغۇلىرىنىڭ ئويغىنىشىغا ۋە بۇلارنىڭ ئاساسىنىڭ سېلىنىشىغا تۇنجى ئوقۇتقۇچىسى ئانىسى ئابىستاي خانىم سەۋەبچى بولغان ئىدى.

ئانىسىنىڭ ئۇنىڭغا ئېيتىپ بەرگەن ھېكايىلىرى جىن، دىۋە ياكى شەيتانلار بىلەن تولغان ھېكايىلەرگە ئوخشىمايتتى. ئۇ بالىسىغا ئۆتمۈشتىكى داڭلىق كىشىلەرنىڭ، پالۋانلارنىڭ، ئىسلام ۋە تۈرك قەھرىمانلىرىنىڭ تارىخىنى سۆزلەپ بېرەتتى ۋە مىللەتنىڭ زالىم مۇستەملىكە كۈچلەرگە قارشى قىلغان جەڭلىرىنى تەسۋىرلەپ بېرەتتى. مۇراد رەمزى قازان ۋە ترويىسكى مەدرىسلىرىدە، باشقۇرت ۋە قازاق دىيارلىرىدا، تاشكەنتتىكى چاغلىرىدا تارىخ كىتابلىرىنى ئوقۇغان، كېيىن بۇخارادىكى تارىخىي ئەسەرلەرنى تەكشۈرۈپ، بۇ جەھەتتىكى بىلىمىنى ئاشۇرغان. تاشكەنتتە تونۇشقان ۋە بۇخاراغىچە سەپەردە بىللە بولغان سەپەردىشى ئالتايلىق گىراي شەيخ ئابدۇلمۆمىن ئىشانمۇ ئۇنىڭ تارىخقا بولغان ئىشتىياقىغا تەسىر كۆرسىتىشتە چوڭ رول ئوينىغان.

مۇراد رەمزى يازمىلىرىدا «مېنىڭ ئەزىز ئاتام» دەپ ئاتايدىغان ۋە ئۇمۇ مۇراد رەمزىنى «ئوغلۇم» دەپ ئاتايدىغان بۇ كىشى 1880 – يىللىرى ھەجگە كەلگەن ۋاقتىدا، ئۇلار قايتىدىن ئۇچرىشىپ، يىللار بۇرۇن باشلانغان تارىخ مۇنازىرىلىرىنى مەككىدە داۋام قىلغان ئىدى.

ئۇ مەدىنىدىكى ئۇستازلىرى ھەققىدە كۆپ سۆزلىمىگەن بولسىمۇ، ئەمما بىرقانچە رەت شەيخ مۇزھەرنى تىلغا ئالغان.

يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ تەكشۈرسەك، مەككىدىكى ئۇستازلىرىدىن ئەسسەييىد مۇھەممەد سالىھ زۇۋاۋى، شەيخ ئابدۇلھەمىد داغىستانىي، داموللا نەمەنگانىي ۋە شەيخ ئابدۇرراھمان ساراچلارنى ئۇچرىتىمىز.

مۇراد رەمزى شەيخ ئابدۇلھەمىد ئەپەندى بىلەن مۇھەممەد سالىھ زۇۋاۋىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئوقۇغۇچىلىرى تەرىپىدىن ئۇستاز تەيىنلىنىپ، بۇ ئىككى ئۇستازنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ يىللارچە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان ئىدى.

مۇراد رەمزىنىڭ يازمىلىرىدا شۇ ۋاقىتتىكى يۇرتلۇقلىرى، دوستلىرى ۋە ساۋاقداشلىرى ئايرىم ئىسىم بىلەن تىلغا ئېلىنمىغاچقا، مەن بۇ يەردە ئۆز نەسەبىم بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر قىسمىنى قوشۇپ قويۇشنى توغرا تاپتىم.

تەخمىنەن 1890 – يىلىدىن 1905 – غىچە مەككىدە ئىلىم ئالغان دادام مۇھەممەد رەشىد جارۇللامۇ مۇراد رەمزىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىدىن ئىدى.

ئەسەرلىرى

ئەسلىمىلىرىدە كەلگەن تىزىملىك بويىچە رەمزىنىڭ بېسىلغان ياكى بېسىلمىغان ئەسەرلىرى بۇلاردۇر:

«رەشەهات» (پارسچىدىن ئەرەبچىگە تەرجىمە قىلىنغان)

«ئىمام رەببانىينىڭ مەكتۇباتلىرى» (پارىسچىدىن ئەرەبچىگە تەرجىمە قىلىنغان، ئىككى قىسىم)

«قۇرئان تەپسىرى»

«تلفيق الأخبار وتلقيح الآثار في وقائع قزان وبلغار وملوك التتار»

«مەنشىياتى ھېزبۇرراھمان»

«ئىنساف»

«ھۆرىيەت قەسىدىسى»

«ئەرەب سەرفى»

«ئەرەب نەھۋى»

«ئارۇز»

«تۈركچە قۇرئان تەرجىمىسى»

«تەلفىيقۇل ئەخبارنىڭ تۈركچىسى»

تۈرلۈك ژۇرنال ۋە گېزىتلاردا بېسىلغان ماقالە ۋە يازمىلىرى ۋە ئۇزۇن يىل سۈرگەن تارىخ تەتقىقاتلىرىنىڭ نەتىجىلىرى ئەرەبچە يېزىلغان. ئۇ يەنە «تلفيق الأخبار وتلقيح الآثار في وقائع قزان وبلغار وملوك التتار» ناملىق ئەسەرلەرنى يازغان بولۇپ، بۇ ئەسەرنىڭ مەيدانغا چىقىش سەۋەبى توغرىسىدا مۇراد رەمزى ئوغلىنىڭ قەلىمى بىلەن مۇنداق دەيدۇ:

«رۇسلارنىڭ تارىختىن بۇيان ۋە ھازىرمۇ داۋاملىشىۋاتقان بىز (تۈرك) ۋە مۇسۇلمان مىللەتلەرگە قىلىۋاتقان زۇلۇملىرىنى ئىسلام ئالىمىگە بىلدۈرۈش ئۈچۈن، بۇ تارىخنى ئەرەبچە يازدىم، بۇ ئەسىرىم 1908 – يىلى رۇسىيەنىڭ ئورېنبۇرگ شەھىرىدە ۋاقىت ۋە شۇرا مەتبۇئاتىدا بېسىلدى. مەركىزى سانكت پېتېربۇرگتا بولغان رۇس مۇھەررىرلەر ئىشخانىسى ئاۋۋال بۇ ئەسەرنىڭ بېسىلىشىغا يول قويمىدى. كېيىن تېگى تۈركىي مىللەتلەردىن بولغان، رۇسلار ئارىسىدا چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن پروفېسسورلاردىن ياردەم تەلەپ قىلىشىم بىلەن بۇ ئەسەر بېسىلىپ چىقتى».

يازما مۇشۇ يەردە تۈگىگەنلىكى ئۈچۈن، قانداق بېسىلغانلىقى ھەققىدە بەك كۆپ مەلۇمات يوق بولۇپ، ئىسمى يېزىلمىغان بۇ پروفېسسورنىڭ كاتانوۋ بولۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرى. ئۇنىڭ ۋەسىيىتى بىلەن كىتابخانىسى ھېلىھەم ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن قوغدىلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ نەسەبى پەرىزىمچە موڭغۇل ياكى قالماق ئەمەس، ئالتاي تەرەپلەردىكى تۈركىي مىللەتلەردىن.

مۇراد رەمزى گەرچە سىياسەتنى ياخشى كۆرمىسىمۇ، بۇ يولغا چىقىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى ۋە چارپادىشاھنىڭ قازان، تۈركىستان ۋە تۈركىيەگە قارشى قىلغان ئىستېلا سىياسىتى سەۋەبىدىن رۇسىيەنىڭ ئىچى – سىرتىدا ئۆز ئىسمى ۋە باشقا ئىسىملار بىلەن ماقالە ۋە يازمىلار يېزىپ تۇرغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئەمما يازمىلىرىدا بۇ ماقالىلەرگە دائىر ھېچبىر مەلۇمات يوق.

شۇ ۋاقىتتىكى خەلىپە ئابدۇلھەمىدنىڭ سىياسىي ئۇسلۇبىنى ياخشى كۆرمەيدىغان مۇراد رەمزى ئەينى ۋاقىتتا ئابدۇلھەمىدكە قارشى يېزىلغان مەجمۇئە ۋە گېزىتلارنى مەخپىي يوللار بىلەن ئېلىپ كېلىپ، ئوقۇپ مۇنازىرە قىلغىنىدىن كېيىن يوشۇرۇپ قوياتتىكەن.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بۇنداق ماقالىلەرنى ئوقۇش بىلەن بەزىدە قانائەت ھاسىل قىلماي، ئۆزۈم مەخپىي ناملاردا ماقالە يازاتتىم، شۇنداق قىلىپ گەرچە سىياسەتنى ۋە سىياسىي ھاياتنى ياخشى كۆرمىسەممۇ، مەجبۇرىي ھالدا بۇ يولغا كىرىپ قالدىم، ئەمما نە ئىتتىھاد، نە تەرەققىي، نە ياش تۈرلەر جەمئىيىتىگە قېتىلمىغان ئىدىم» دەيدۇ.

شەرقىي تۈركىستاندا يەرلىشىشى ۋە ۋاپاتى

مۇراد رەمزى ئەھۋالى ياخشىلانغاندىن كېيىن، كۇتۇپخانا ۋە ئارخىپخانىلاردا تارىخقا مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بېرىش ۋە مەلۇمات توپلاش مەقسىتى بىلەن مەككىدىن ئايرىلىپ، ئىستانبۇل، قازان ۋە تۈركىستاننى ساياھەت قىلغان. خاتىرىلەرگە قارىغاندا، 1902 – يىلىدا ئۆزى يالغۇز، 1904 – يىلى ئايالى ۋە ئۈچ بالىسى بىلەن، 1907 ۋە 1909 – يىلى يالغۇز، 1914 – يىلى ئاخىرقى قېتىم پۈتۈن ئائىلىسى بىلەن ساھايەت قىلغان. بۇ ئاخىرقى ساياھەتتە ئايالى ئەسما خانىم بىلەن كىچىك بالىلىرى تەتىش ناھىيەسىنىڭ سەپباشى يېزىسىدا تۇغقانلىرىنىڭكىدە قالغان. مۇراد رەمزى بىلەن چوڭ ئوغلى فەھمى مۇراد تۈركىستانغا بېرىپ، تاشكەنت، بۇخارا، قوقەنت، نەمەنگان، ئەندىجان تەرەپلەرنى ئايلانغان. كېيىن قايتا تەييارلىنىپ، تۈركىيەگە قايتىش مەقسىتى بىلەن ئودەساغا كەلگەن ۋە پاراخوتقا چىقىدىغان كېچىسى شەھەرنىڭ تۈرك ئۇرۇش كېمىلىرى تەرىپىدىن بومباردىمان قىلىنىپ، ئۇرۇش باشلىنىپ كېتىپ رۇسىيەدە قالغان. قايتىپ قازاندا بىر يىل تۇرغاندىن كېيىن، ئورېنبورگ ئەتراپىدا ھاممىسىنىڭ ئوغلى مۇسلىھىددىن نوغايبەك جايلاشقان تۈزتۈبە ناھىيەسىگە كېلىپ، 1915 – يىلىدىن 1917 – يىلىغىچە ئەسىر بولۇپ، رۇس ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بۇ يەردە تۇرۇشقا مەجبۇرلانغان.

1919 – يىلى بەك ئېغىر شەرتلەر ئاستىدا شەرقىي تۈركىستانغا كېلەلىگەن ۋە چۆچەك خەلقىنىڭ زور ياردىمى ۋە ئۈمىدى بىلەن ئۇ يەردە ئىمام ۋە مۇدەررىس بولۇپ، چۆچەكتە ئولتۇراقلىشىپ قالغان([1]). شۇنداق قىلىپ، مۇراد رەمزى 1914 – يىلىدىن كېيىن تۈركىيە ۋە ھىجازغا بىر قېتىممۇ بارالمىغان. 1934 – يىلى چۆچەكتە 80 يېشىدا ۋاپات بولغان ۋە شۇ يەرگە دەپنە قىلىنغان.

 

تۈركچىدىن تەرجىمىدە: بەريان

مەنبە: Türk Tarih Kurumu Belleten. Cilt:L. 1986 Ağustos Sayı:197.

قوشۇمچە:

مۇراد ئەپەندىمنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ھاياتى

مۇراد ئەپەندىم شەرقىي تۈركىستانغا كەلگەندىن كېيىن ئىلىم سۆيەر، ئالىم سۆيەر ئۇيغۇر خەلقى ئۇنىڭ ئالاھىدە ھۆرمىتىنى قىلىپ، ئۇنى چۆچەك شەھرىدىكى قىزىل مەسجىدكە ئىمام قىلغان. مۇراد ئەپەندى ئىماملىق بىلەن بىرگە ئۇيغۇر بازىرى مەسجىدىدىكى دىنىي ۋە پەننىي دەرس ئۆتىلىدىغان مەدرىسىدە مۇدەررىسلىك قىلغان.

چۆچەك شەھرى قويۇق ئىسلام مەدەنىيىتى سىڭگەن چوڭ شەھەرلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ شەھەردە تۇرۇپ قالغانلار ئارىسىدا تاتارلارمۇ خېلى بار ئىدى. قۇربانغالى خالىد (خالىدىي) مۇ بۇ شەھەردە ئۇزۇن مۇددەت ئىماملىق قىلغان([2]).

غەينەتتىنوفنىڭ بايان قىلىشىچە، 1920-يىلى مۇراد مەككىي (رەمزى) شەرقىي تۈركىستاندا راشىد ئىبراھىموف، جىرجىس ھاجى، مۇسا بىكىيىف ۋە موللا قۇربان غالىيىفلارغا ئوخشىغان تاتار مۇھاجىرلىرىنىڭ تونۇلغان سىياسىئونلىرى بىلەن بىرلىكتە سىياسىي پائالىيەت ئېلىپ بارغان([3]).

ئۇيغۇر ئالىملىرى مۇراد ئەپەندىنىڭ ئىلمىگە قايىل بولۇشقان ۋە ئۇنىڭدىن ئىلمىي ئىجازەت ئېلىشنى ئىلىمنىڭ يۇقىرى پەللىسى دەپ قاراشقان. سابىت داموللام، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا، مەمەتئېلى ئەپەندى قاتارلىق مەشھۇر ئالىملار ئۇنىڭدىن تەلىم ئالغان. خىتاي تارىخچىسى نىي يۆ چىڭ «مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا قانداق كىشى» ناملىق كىتابىنىڭ 56 -بېتىدە مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە مۇراد ئەپەندىدىن ئالىي دىنىي تەھسىلات ئىجازىتى ئالغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ.

مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا «شەرقىي تۈركىستان تارىخى» ناملىق كىتابىنىڭ 36 – بېتىدە: «ئۇستازىم مۇراد رەمزىي ئەپەندى ‹تلفيق الأخبار› دېگەن ئەسىرىدە، بەزى زامانىۋىي تارىخ كىتابلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مەيدانغا چىقىشىنى ئۇغۇزخان زامانىسىغا يەنى مىلادىدىن بۇرۇنقى 2850 – يىللىرىغا توغرا كېلىدۇ، دەپ يازغان» دەپ مۇراد ئەپەندىنى «ئۇستازىم» دەپ تىلغا ئالغان.

يالقۇن روزى «مەمەتئېلى ئەپەندى» ناملىق كىتابىنىڭ 72 – بېتىدە، مەمەتئېلى ئەپەندىنىڭ مۇراد ئەپەندىدىن ناھايىتى زور پايدا ئالغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ.

مۇراد ئەپەندى پارىسچىدىن ئەرەپچىلەشتۈرگەن «مكتوبات الامام الرباني» كىتابىمۇ ئۇيغۇر ئۆلىمالىرى ئارىسىغا كەڭ تارقالغان. مەشھۇر دىنىي ئالىم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم خوتەنگە كىرگەن ۋاقتىدا مۇشۇ كىتابتىن ۋەز – نەسىھەت قىلغان. بۇ ۋەز – نەسىھەتنىڭ ئۈنئالغۇ لىنتلىرى كىشىلەر ئارىسىغا تارقالغان.

مۇراد ئەپەندى ئابدۇقادىر داموللام ۋاپاتىغا ئاتاپ «القصيدة اليائية» ناملىق ئۇزۇن بىر مەرسىيە يازغان. بۇ مەرسىيەنىڭ ئاخىرىنى مۇنۇ بېيت بىلەن تاماملىغان:

أعْنِي بذاك الشيخ عبد القادر ال آرتوجي المشهدي الغازيا

تەرجىمىسى:«مەن بۇنىڭدىن ئاتۇش مەشھەتلىك غازى ئابدۇقادىر داموللامنى دېمەكچى».

دېمەك ، مۇراد ئەپەندى ئۇيغۇر مائارىپى ۋە ئالىملىرىغا تەسىر كۆرسەتكەن ۋە ئۇيغۇر جەمىئىتىگە بىر كىشىلىك تۆھپە قوشقان.


([1])بەزى چەتئەل مەنبەلىرىدە چۆچەكنىڭ ئورنىنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ قازاقىستان بىلەن بولغان چېگرىسىغا يېقىن يەردىكى تاچىڭ ئايرىدۇرۇمى جايلاشقان يەر دەپ ئىزاھلىغان. Zhapbasbayeva ZH.M. «Tavarikh-i khamsa-yi sharki» Chetvertaya vsesoyuznaya shkola molodykh vostokovedov. Tezisy. T.1. Istoriya, istochnikovedeniye, istoriografiya.-M., 1986.-S. 190-192
([2]) Zhapbasbayeva ZH.M. «Tavarikh-i khamsa-yi sharki» Kurbangali Khalidi kak istochnik po istorii Kazakhstana // Chetvertaya vsesoyuznaya shkola molodykh vostokovedov. Tezisy. T.1. Istoriya, istochnikovedeniye, istoriografiya.-M., 1986.-S. 190-192
([3]) Gaynetdinov R.B. Tyurko-tatarskaya politicheskaya emigratsiya nachalo XX veka- – 30-ye gody: Istoricheskiy ocherk.-Naberezhnyye Chelny,1997.-S.100-101

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ