رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋاپات بولۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىدىكى كېسىلىدە كېسىلى ئېغىرلىشىپ كەتتى، كىشىلەرگە (ئىمام بولۇپ) ناماز ئوقۇپ بېرىش ئۈچۈن ئورنىدىن تۇرالمىدى. ئورنىدا يېتىپ تۇرۇپ:
— ئەبۇبەكرىنى بۇيرۇڭلار، كىشىلەرگە (ئىمام بولۇپ) ناماز ئوقۇپ بەرسۇن، — دېدى.
ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ كۆڭلى نازۇك ئادەم ئىدى. ئۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھايات ۋاقتىدىمۇ ھەم ۋاپاتىدىن كېيىنمۇ ھەمراھى، جاھىلىيەت دەۋرىدىمۇ ھەم ئىسلامىيەت دەۋرىدىمۇ دوستى بولۇپ، ئايالى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ دادىسى ئىدى. ئۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ كېسىلى سەۋەبىدىن تاغدەك غەم – قايغۇغا مۇپتىلا بولغانىدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:
— ئەبۇبەكرىنى بۇيرۇڭلار، كىشىلەرگە ناماز ئوقۇپ بەرسۇن،—دەپ بۇيرىغىنىدا ئۇنىڭ يېنىدا تۇرغانلاردىن بىرى مۇنداق دېدى:
— ھەقىقەتەن ئۇنىڭ كۆڭلى نازۇك، سېلىنىڭ ئورۇنلىرىدا تۇرۇپ كىشىلەرگە ناماز ئوقۇپ بېرەلمەيدۇ. (يەنى ئاسان تەسىرلىنىپ، ئاسان يىغىسى تۇتىدىغانلىقى ئۈچۈن بۇنى قىلالمايدۇ، دېمەكچىدى.)
رەسۇلۇللاھ بۇنى بىلەتتى. ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بولۇپمۇ بۇنداق ئورۇنلاردا كۆڭلى نازۇك، ئاسان يىغىسى تۇتىدىغان ئادەم ئىدى. لېكىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆزىدىن كېيىن خەلىفەلىككە ئۇنىڭ ھەقلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەنىدى. يەنى مەن بولمىسام، ئەبۇبەكرى بۇ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ، دېمەكچىدى. رەسۇلۇللاھ بۇيرۇقىنى تەكرارلاپ:
— ئەبۇبەكرىنى بۇيرۇڭلار، كىشىلەرگە ناماز ئوقۇپ بەرسۇن، — دېدى. ئاخىرى ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ كىشىلەرگە ناماز ئوقۇپ بەردى.
ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ كۆڭلى نازۇك بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ سۈرى بار بولۇپ، بەزىدە ئاچچىقى يامان ئىدى، بۇ ئۇنى تېخىمۇ ھۆرمەتلىك قىلغانىدى. سەپدىشى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇنىڭغا مىجەزىگە قارىتا مۇئامىلە قىلاتتى.
ساھابەلەرگە قاراڭ، ئۇلار رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن خەلىفە سايلاش ئۈچۈن بەنى سائىدەنىڭ قورۇسىغا يىغىلدى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا مۇھاجىرلارمۇ، ئەنسارىيلارمۇ بار ئىدى. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئىككىسى بىرلىكتە شۇ قورۇغا باردى.
ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: بىز بەنى سائىدەنىڭ قورۇسىغا باردۇق. بىز ئولتۇرغاندىن كېيىن ئەنسارىيلاردىن بىرى كەلىمە شاھادەتنى ئېيتىپ، ئاللاھقا لايىق رەۋىشتە ھەمدۇسانا ئوقۇغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى:
— مەقسەتكە كەلسەك، بىز ئاللاھنىڭ (دىنىنىڭ) ياردەمچىلىرىمىز، ئىسلامنىڭ زور قوشۇنىمىز. ئى مۇھاجىرلار جامائىتى! سېلەر بولساڭلار (مەككىدىكى) قەۋمىڭلاردىن بىزنىڭ يېنىمىزغا كۆچۈپ كەلگەن، بىزگە نىسبەتەن ئاز سانلىق كىشىلەرسىلەر. سىلەر بىزنى ھەقلىق بولغان ئىشىمىزدىن بىر ياققا قايرىپ قويۇپ، ئۇ ئىشنى بىزدىن تارتىۋالماقچى بولۇۋاتىسىلەر.
ئۇ سۆزىنى توختىتىپ جىم بولغان ۋاقىتتا سۆز قىلىشنى ئويلىدىم. كۆڭلۈمدە ئۆزۈم قانائەت قىلغۇدەك سۆزلەرنى ئالدىنئالا تەييارلىۋېلىپ، ئۇلارنى ئەبۇبەكرىنىڭ ئالدىدا ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇنىڭ غەزىپىنى بىر ئاز بولسىمۇ پەسەيتمەكچى بولدۇم. شۇنىڭ بىلەن ئەمدى سۆز قىلاي دەپ تۇرۇشۇمغا ئەبۇبەكرى: «ئالدىرىماي تۇرغىن!» دېدى. مەن ئۇنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قويۇشنى خاھلىمىدىم. شۇنداق قىلىپ ئەبۇبەكرى سۆز قىلدى. ئۇ مەندىن تېخىمۇ بىلىملىك، تېخىمۇ ئېغىر بېسىق ئىدى. ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئۇ مېنىڭ سۆزلىمەكچى بولغانلىرىمنىڭ بىرىنىمۇ قالدۇرماي، ئۇلارنى تېخىمۇ چىرايلىق، تېخىمۇ پاساھەتلىك سۆزلەر بىلەن ئىپادىلەپ، سۆزىنى ئاخىرلاشتۇردى. ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «سىلەر ئۆزۈڭلارنى سۈپەتلىگەن سۈپەتلەرگە كەلسەك، سىلەر ھەقىقەتەن ئۇلارغا لايىقسىلەر. لېكىن ئەرەبلەر بۇ ئىش (خەلىفەلىك) نى قۇرەيش قەبىلىسىدىن باشقىسىغا لايىق دەپ قارىمايدۇ. چۈنكى، قۇرەيش قەبىلىسى نەسەب ۋە قەبىلە جەھەتتە ئەرەبلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر. مەن سىلەرگە بۇ ئىككى كىشىنى نامزات قىلىپ كۆرسىتىمەن. سىلەر قايسىسىنى خاھلىساڭلار، شۇنىڭغا بەيئەت قىلىڭلار» دەپ مېنىڭ قولۇمنى ۋە ئەبۇ ئۇبەيدە ئىبنى ئەلجەرراھنىڭ قولىنى تۇتتى. ئەبۇبەكرى شۇ ۋاقىتتا ئىككىمىزنىڭ ئارىسىدا ئولتۇرغان ئىدى. ماڭا ئۇنىڭ ئاخىرقى سۆزىلا ياقمىدى. ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئوتتۇرىغا ئېلىپ چىقىلىپ، كاللامنىڭ ئېلىنىشى، مېنى بىرەر گۇناھقا يېقىنلاشتۇرۇپ قويمىسىلا، ئارىسىدا ئەبۇبەكرى بولغان خەلقكە خەلىفە بولۇشۇمدىن سۆيۈملۈكرەك ئىدى.
شۇ ئارىدا ئەنسارىيلاردىن بىرى:
— مەن مەسلىھەت سېلىنىپ، مەسلىھەتى قوبۇل قىلىنىدىغان كىشىمەن. بىزدىن بىر، سىلەردىن بىر خەلىفە بولسۇن، ئى قۇرەيش جامائىتى! — دېدى.
ئۆمەر مۇنداق دەيدۇ: شۇنىڭ بىلەن ۋاراڭ – چۇرۇڭ كۆپىيىپ، ئاۋازلار يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشكە باشلىدى. ئىختىلاپ بولۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ:
— ئى ئەبۇبەكرى! قوللىرىنى بەرسىلە، — دېدىم.
ئۇ قولىنى بېرىۋېدى، ئۇنىڭغا بەيئەت قىلدىم. ئاندىن مۇھاجىرلار، ئاندىن ئەنسارىيلار بەيئەت قىلدى.
شۇنداق، ھەر بىر كىشىنىڭ ئاچقۇچى بار. سىز ئۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ قەلب ئىشىكلىرىنى ئاچالايسىز، ياخشى كۆرۈشىنى قولغا كەلتۈرەلەيسىز، ئۇلارغا تەسىر كۆرسىتەلەيسىز. سىز بۇنى كىشىلىك ھاياتتىن بايقىيالايسىز. خىزمەتداشلىرىڭىزنىڭ «مۇدىرنىڭ ئاچقۇچى پالانچى كىشى. سىلەرگە بىرەر نەرسە لازىم بولسا، ئۇنى سىلەر ئۈچۈن تەلەپ قىلىپ بېرىدىغان ياكى مۇدىرنى قايىل قىلىپ بېرىدىغان قىلىڭلار» دېگەنلىكىنى ئاڭلىمىدىڭىزمۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئۆزىڭىزنىڭ ئىقتىدارلىرىنى كىشىلەرنىڭ قەلبلىرىنى ئاچىدىغان ئاچقۇچ قىلىپ، باشقىلارغا قۇيرۇق ئەمەس، باش بولمايسىز؟
شۇنداق، ئالاھىدە ئادەم بولۇڭ! ئانىڭىزنىڭ، دادىڭىزنىڭ، ئايالىڭىزنىڭ، بالىڭىزنىڭ (قەلبىنىڭ) ئاچقۇچىنى ئىزدەڭ، مۇدىرىڭىزنىڭ، خىزمەتداشلىرىڭىزنىڭ قەلبىنىڭ ئاچقۇچىنى بىلىڭ. بۇ ئاچقۇچلارنى بىلىشنىڭ بىزگە پايدىسى بولىدۇ، ھەتتا ئۇلارغا نەسىھەتنى مۇناسىپ ئۇسۇلدا ياخشى قىلالىساق، نەسىھەتلىرىمىزنىمۇ قوبۇل قىلىدىغان قىلىدۇ. چۈنكى، كىشىلەرگە نەسىھەت قىلىش ئۇسۇلى ئوخشىمايدۇ، ھەتتا ئۇلارنىڭ قىلغان خاتالىقلىرىنى ئىنكار قىلىشىمۇ تېخىمۇ شۇنداق.
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە قاراڭ، ئۇ بىر كۈنى ساھابەلىرى بىلەن سۆزلىشىپ ئولتۇراتتى. بىر ئادەم مەسجىدكە كېرىپ ئوڭ -سولغا قاراشقا باشلىدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سورۇنىغا بېرىپ ئولتۇرماي، مەسجىدنىڭ بىر بۇلۇڭىغا باردى. كىيىمىنى ھەرىكەتلەندۈرۈشكە باشلىدى. ئەجەبا، ئۇ نېمە قىلماقچىدۇ؟ ئۇ كىيىمىنىڭ ئالدى تەرىپىنى كۆتۈرۈپ، ھېچنىمە بولمىغاندەك كىچىك تەرەت قىلىپ ئولتۇردى.
ساھابەلەر بۇ ئىشقا ھەيران بولۇپ، سەپرايى ئۆرلەپ:
— مەسجىدكىمۇ كىچىك تەرەت قىلغان بارمۇ؟! — دېيىشتى. ئورۇنلىرىدىن سەكرەپ تۇرۇپ ئۇنىڭ يېنىغا بارماقچى بولۇشتى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇلارنى تىنچلاندۇرۇپ، ئۇلارنىڭ غەزىپىنى پەسەيتىپ:
— ئۇنىڭغا دەخلى قىلماڭلار، ئالدىراتماڭلار، كىچىك تەرىتىنى تولۇق قىلىۋالغىلى قويۇڭلار، — دەپ تەكرارلىدى. ساھابەلەر ئۇ ئادەمگە قاراپ تۇراتتى. بەلكىم ئۇ ئۇلارنىڭ ئۆزىگە قىلماقچى بولغان ئىشلىرىدىن خەۋەرسىز بولۇشى مۇمكىن ئىدى. ئۇ كىچىك تەرىتىنى قىلىۋەردى. بۇ ئىش، يەنى مەسجىدكە كىچىك تەرەت قىلىش رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ كۆز ئالدىدا بولغان، رەسۇلۇللاھ بولسا ساھابەلىرىنى تىنچلاندۇرغانىدى. بۇ نېمىدېگەن كەڭ قورساقلىق-ھە!
ئۇ ئادەم كىچىك تەرىتىنى قىلىپ بولۇپ، كىيىمىنى تۈزەشتۈرۈپ بولغان چاغدا رەسۇلۇللاھ ئۇنى سىلىقلىق بىلەن چاقىردى. ئۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئالدىغا كېلىپ تۇردى. رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا سىلىقلىق بىلەن:
— بۇ مەسجىدلەر بۇنىڭ ئۈچۈن سېلىنمىغان، بەلكى ناماز ئوقۇش ۋە قۇرئان ئوقۇش ئۈچۈن سېلىنغان…، — دەپ قىسقىلا قىلىپ نەسىھەت قىلدى. ئۇ ئادەم بۇنى چۈشىنىپ رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىدىن ئايرىلدى.
ناماز ۋاقتى بولغاندا ئۇ ئادەم كېلىپ، جامائەتكە قوشۇلۇپ ناماز ئوقۇدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ساھابەلىرىگە ئىمام بولۇپ «اللَّهُ أَكْبَرُ» («ئاللاھۇ ئەكبەر») دەپ نامازنى باشلىدى. قىرائەت قىلىپ بولغاندىن كېيىن رۇكۇ قىلدى. رۇكۇدىن بېشىنى كۆتۈرگەن ۋاقىتتا «سَمِعَ اللهُ لِمَنْ حَمِدَهُ» («سەمىئەللاھۇ لىمەن ھەمىدەھ») دېۋىدى، ئىقتىدا قىلغۇچىلار: «رَبَّنَا وَلَكَ الْحَمْدُ» «رەببەنا ۋەلەكەلھەمد» دېدى. لېكىن بۇ ئادەم بۇنىڭغا قوشۇپ: «اللَّهُمَّ ارْحَمْنِي وَمُحَمَّدًا وَلا تَرْحَمْ مَعَنَا أَحَدًا» («ئى ئاللاھ! ماڭا ۋە مۇھەممەدكە رەھمەت قىلغىن، بىز بىلەن بىرگە ھېچكىمگە رەھمەت قىلمىغىن!») دېدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇنى ئاڭلاپ قالدى. نامازنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن جامائەتكە بۇرۇلۇپ قاراپ، ئۇلاردىن بۇ سۆزنى كىمنىڭ دېگەنلىكىنى سورىدى. ئۇلار ئۇ ئادەمنى ئىشارەت قىلدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنى چاقىردى. ئۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئالدىغا كېلىپ تۇردى. قارىغۇدەك بولسا، ئۇ ھېلىقى ئادەمنىڭ ئۆزى ئىكەن. رەسۇلۇللاھنى ياخشى كۆرۈش ئۇ ئادەمنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر ئورناپ كەتكەچكە، ئاللاھنىڭ رەھمىتىنىڭ پەقەت ئىككىسىگىلا بولۇشىنى ئارزۇ قىلغانىدى. رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا تەلىم بېرىپ:
— كەڭرى رەھمەتنى تارلاشتۇرۇۋالدىڭىز، — دېدى. يەنى ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىزنىڭ ھەممىمىزگە ۋە پۈتۈن ئىنسانلارغا يېتىپ ئاشىدۇ، شۇڭا ئۇنى ماڭا ۋە ئۆزىڭىزگىلا خاس قىلىۋالماڭ، دېمەكچىدى.
قاراڭ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭ كۆڭلىنى قانداق ئۇتتى؟ چۈنكى، ئۇ ئادەم سەھرادىن كەلگەن بولۇپ، ئىلىمدە ئەبۇبەكرى، ئۆمەر، مۇئاز ۋە ئەممارلارنىڭ دەرىجىسىگە يەتمەيتتى. شۇڭا، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭغا قانداق مۇئامىلە قىلىشنى بىلەتتى. بۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭغا باشقىلارغا ئوخشاش كايىمىغانىدى.
دوكتور مۇھەممەد ئەرىفىينىڭ «استمتع بحياتك» ناملىق كىتابىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: پىنھان