ئىسلام دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ گىگانىتلىرى ئاكا - ئۇكا بارباروسلار

ئىسلام دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ گىگانىتلىرى ئاكا – ئۇكا بارباروسلار

«بىزنىڭ يېنىمىزدا ھازىر ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغۇچى، دىننىڭ ياردەمچىسى ۋە كافىرلارغا قارشى ئىسلام قىلىچى بولغان مۆھتەرەم ۋەزىر خەيرىددىن بار بولدى. ئۇ بىزنىڭ ئەھۋالىمىزنى ۋە بىز ئۇچرىغان قورقۇنچلۇق ئىشلاردىن خەۋەر تاپتى… بىز ئۇنىڭدىن ياردەم سورىۋىدۇق، ئۇ بىزگە ياردەم بەردى ۋە ھەددىدىن ئاشقان كافىرلارنىڭ قولىدىن نۇرغۇن مۇسۇلمانلارنىڭ قۇتۇلۇپ قېلىشىغا ۋاسىتە بولۇپ، ئۇلارنى تىنچ يەرگە — مەۋلانا سۇلتان ھەزرەتلىرىنىڭ قول ئاستىدىكى ۋىلايەتكە يۆتكىدى»

— م. 1541 – يىلى غەرناتە ئاھالىسىنىڭ سۇلتان سۇلايمان قانۇنىيغا ئەۋەتكەن خېتى

 

ئىسلام تارىخىمىز ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا نۇرغۇن خىزمەتلەرنى سۇنۇش بىلەن ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرغان گىگانىتلارغا توشۇقتۇر. لېكىن، تولىمۇ ئەپسۇس، ئۇلار كىتابلارغا مەھبۇس بولماقتا. ھەتتا ئۇلار ئىچىدە بىز ئىسمىنىمۇ ئاڭلاپ باقمىغان ياكى ئىسمىنى ئاڭلىساقمۇ ھەقىقىتىنى چۈشەنمەيدىغان نۇرغۇن شەخسلەر بار. بۇنىڭ ھەممىسى ئۆز تارىخىمىزغا سەل قارىغانلىقىمىز، بۇ قەھرىمانلىرىمىزنى قېزىپ چىقمىغانلىقىمىزغا بېرىپ تاقىلىدۇ. نەتىجىدە غەرب بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، نۇرغۇن تارىخىي شەخسلىرىمىزنىڭ سۈرىتىنى بۇلغىدى. شۇنىڭ بىلەن پارلاق تارىخىمىزغا بىرئاز چاڭ قوندى. لېكىن، تارىخىمىزنى قونۇۋالغان چاڭ – توزانلاردىن تازىلايدىغان ئوغلانلار بارلا بولىدىكەن، ئۇ ھەرگىزمۇ توپا – چاڭ ھالىتىدە قالمايدۇ.

مۇسۇلمانلارنىڭ دۈشمەنلىرىنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ تارىخىنى كۆرۈپ چىقىپ، شەرقشۇناس ۋە تەتقىقاتچىلاردىن ئىبارەت بىر بۆلۈك تارىخ بۇرمىلىغۇچىلارنىڭ تارىخىي ھەقىقەتلەرنى ئاسانلا بۇرمىلىشى ۋە يالغانلارنى ئەۋج ئالدۇرۇشى، كىچىك خاتالىقلارنى يوغىنىتىپ، چوڭ گۇناھ قىلىپ كۆرسىتىشلىرى كۈلكىلىك ۋە ئېچىنىشلىق ئىشلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

ئۇنتۇلغان تارىخ بەتلىرىمىزنى ئوقۇغانسېرى شۇنىڭغا قانائىتىم ئاشتىكى، بىز بىلمەي قېلىۋاتقان تارىخىمىزنى بۇ ئۈممەتنىڭ دۈشمەنلىرى ئوبدان بىلىدىكەن. بۇلار تارىخىمىزنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىدىكەن. ھالبۇكى، بىز ئۇلار قۇرغان قىلتاققا ئىلىنىپتۇق، بىز تارىخىمىزنى ۋە قەھرىمانلىرىمىزنى ئۇنتۇپ، نادانلىق ۋە قالاقلىق ئوچاقلىرىغا چۈشۈپ قاپتۇق.

ئەگەر سىز بۇ يەكۈننى سۇيىقەست نەزەرىيەسىگە زىيادە ئىشىنىپ قالغان بىر يازغۇچىنىڭ تەسەۋۋۇرى خالاس، دەپ ئويلىغان بولسىڭىز، ھوللىۋود ئىشلىگەن دېڭىز قاراقچىلىرى توغرىسىدىكى فىلىملەردىن بىرەر فىلىمنى كۆرۈپ باققان كىشىلەردىن شۇ فىلىملەردە چىقىدىغان ئەڭ مەشھۇر قاراقچىنىڭ ئىسمىنى سوراپ بېقىڭ. ئۇ سىزگە كۆپ ئويلىمايلا، ئەڭ مەشھۇر قاراقچىنىڭ ياغاچ پۇتلۇق، چولاق، يەكچەشمە ۋە قىزىل ساقال قاراقچى — «كارىپ دېڭىز قاراقچىلىرى» فىلىملىرىدە دائىم چىقىدىغان بارباروس ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بېرىدۇ.

بىزنىڭ بىلىپ قېلىشىمىز خالىنىلمايۋاتقان ھەقىقەت شۇكى، ئۇلار بىزگە مۇشۇنداق قورقۇنچلۇق سۈرەتتە تەسۋىرلەۋاتقان بۇ بارباروس ئەسلىدە پۈتكۈل ئىنسانىيەت تارىخىدا ئوخشىشى ئاز كۆرۈلىدىغان بىر ئىسلامىي قەھرىماندۇر، پۈتۈن ھاياتى ئىززەت ۋە نۇسرەت بولغان بىر ئوغلاندۇر، ئاللاھ يولىدىكى مۇجاھىدتۇر، ئۇلار تەسۋىرلىگەندەك قانغا تەشنا قاراقچى ئەمەس ئىدى، بەلكى ئاشۇ جىنايەتچىلەرنىڭ ئەجدادلىرى زۇلۇم قىلغان نەچچە مىڭلىغان مۇسۇلمانلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغان بىر قەھرىمان ئىدى.

ئاكا – ئۇكا بارباروسلارنىڭ قىسسەسى بىز يۇقىرىدا كۆرسىتىپ ئۆتكەن تارىخ ھۇجۇمى نەزەرىيەسىنى تەكىتلەپ بېرىدۇ. بۇ نەزەرىيەنىڭ ماددىلىرىدىن بىرى، قەھرىمانلىرىمىزنىڭ تارىخىنى ئۆچۈرۈش، تارىختا ئەسلا نامى قالماسلىقتۇر. لېكىن، ئۇنىڭدىنمۇ ناچار ۋە ئۇنىڭدىنمۇ پەس يەنە بىر ماددىسى بار، ئۇ بولسىمۇ بۈيۈك ئىسلام قەھرىمانلىرىنى جىنايەتچىلەرگە ياكى قانخورلارغا ئايلاندۇرىۋېتىشتۇر. مەقسەت مەن ۋە سىزنىڭ ئۈلگە چۈشەنچىمىزنى يوقىتىپ قويىشىمىز، ئاندىن ئېڭىمىزغا بۇ ئۈممەتتىن پەقەت جىنايەتچىلەر ۋە قانخورلار چىققان، دېگەننى سىڭدۈرۈشتۇر. ئىنساپ قىلىشقانلىرىدا، سىندىباد، ئالائىددىن ۋە ئەلى باباغا ئوخشاش خىيالىي قەھرىمانلارنى تىكلەپ بېرىدۇ.

قىسسە ئوسمانىيلار سۇلتانى سەلىم بىرىنچىنىڭ ئورۇج ئىسىملىك بىر دېڭىز قوماندانى بىلەن ئۇچرىشىشىدىن باشلىنىدۇ. ئۇ ياۋروپالىق بىر مۇسۇلمان تۈرك قوماندان ئىدى(1). ئوسمانىيلار خەلىفەلىكىنىڭ تۇنجى خەلىفەسى بولغان سەلتەنەتلىك سۇلتان ياۋۇز سەلىم قوماندان ئورۇجقا چېركاۋلارنىڭ زۇلمەتلىك يەر ئاستى ئىسكىلاتلىرىدىن ئەندەلۇس مۇسۇلمانلىرى ئەۋەتكەن ياردەم سوراش خەتلىرىنى كۆرسىتىپ، ئۇنىڭغا ئادەتتە دۇنيادا مۇمكىنسىز بولغان بىر ۋەزىپىنى تاپشۇردى ۋە ئۇنىڭغا بۇ ۋەزىپە ئۈچۈن مۇنداق ئىستىراتىگىيىلىك يوليورۇق بەردى:

1. تۈركىيەدىكى ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ ئەڭ يىراق شەرقىدىن ئەندەلۇستىكى ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ ئەڭ يىراق غەربىگە دېڭىز سەپىرى قىلىپ، ئىسپانىيە، پورتۇگالىيە، ئىتالىيە قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ئەھلىسەلىب قوشۇنلىرىنىڭ پلوتلىرىغا ۋە مۇقەددەس يۇھاننانىڭ كېمىلىرىگە قارشى تۇرۇش.

2. ئەندەلۇس دېڭىز ئەتراپىغا قاشا سېلىۋالغان بارلىق دېڭىز قورغانلىرىنى تېشىپ ئۆتۈپ، ئەھلىسەلىب كاستىليا پادىشاھلىقى تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان ئەندەلۇسنىڭ بىر شەھىرىدە بىخەتەر قىرغاققا چىقىش.

3. ئاشۇ شەھەرنىڭ ئىسپانىيە دېڭىز مۇھاپىزەتچى قىسمىنى يىمىرىپ تاشلاپ، دۈشمەننىڭ مۇداپىئە كۈچىنى پاچاقلاپ تاشلاش ۋە شۇ شەھەرنىڭ كوچىلىرىدىكى ئىسپانىيە قۇرۇقلۇق قىسىملىرىغا قارشى ئۇرۇش ئېچىش.

4. شۇ ئەندەلۇس شەھىرىنى قايتىدىن ئازاد قىلىپ، شەھەر قەلئەلىرى ئۈستىگە ئوسمانىيلار ئىسلام بايرىقىنى قاداش، مەخپىي قىيناش ئۆيلىرىنىڭ ئورنىنى بىلىدىغان كاتولىك پوپلارنىڭ قېچىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، چېركاۋلارغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىش.

5. تېز سۈرەتتە پۈتۈن چېركاۋلارنىڭ زۇلمەتلىك ئىسكىلاتلىرىنى ئىزدەپ، مۇسۇلمانلار قىيىن – قىستاققا ئېلىنغان مەخپىي ئۆيلەرنى تېپىپ چىقىش.

6. مەخپىي قىيناش ئۆيلىرىنى تېپىپ چىققاندىن كېيىن، مۇسۇلمانلارنى ئازاد قىلىش، شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، ئەسىرلەر ئىككى يىلدىن بېرى كۈن كۆرۈپ باقمىغانلىقىنىڭ نەتىجسىدە قارىغۇ بولۇپ قالماسلىقلىرى ئۈچۈن، كۈن پاتقۇچە ئىسكىلاتلاردىن توشۇماسلىق.

7. ئەسىرلەر ئوسمانىيلار ئىسلام كېمىلىرىگە توشۇلۇش، ئۇلارنىڭ ئېچىنىشلىق ئەھۋالغا كېلىپ قالغان جىسمانىي ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈش، ئۇلارنىڭ تىتىلىپ كەتكەن تېرىلىرىنىڭ كۆتۈرۈش جەريانىدا يىرتىلىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش.

8. شەھەرنى تېز سۈرەتتە خالىي قويۇش؛ دۈشمەننىڭ قوشنا شەھەرلەردىن كېلىدىغان ياردەمچى قوشۇنلىرى بىلەن گىرەلىشىپ قالماسلىق ئۈچۈن، پورتتا قىرغاققا چىققاندىن باشلاپ كېمە قوزغىلىشقىچە بولغان ھەرىكەت ئالتە سائەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىك.

9. قاپقاراڭغۇ تۈندە قوزغىلىش، قايتىش سەپىرىدە دۈشمەننىڭ دېڭىز ھەرىكىتىنى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويۇش؛ شۇنىڭغا ئېتىبار بېرىش كېرەككى، بۇ قېتىمقى قايتىش تۈركىيە تەرەپكە بولمايدۇ، بەلكى بىر جەھەتتىن ئەسىرلەرنى ئەڭ تېز سۈرەتتە قۇتقۇزۇش، يەنە بىر تەرەپتىن دۈشمەننىڭ دېڭىز قىسمىنى ئالداش ئۈچۈن باشقا يول بىلەن ئالجىرىيەگە بولىدۇ.

سىز ئىنسانىيەت تارىخىدا بۇ ۋەزىپىدىنمۇ قىيىن ۋە مۇمكىنسىز بولغان بىر ھەرىكەتنى كۆرۈپ باقتىڭىزمۇ، ياكى ئاڭلاپ باقتىڭىزمۇ، ياكى ئوقۇپ باقتىڭىزمۇ؟

ھەيران قالارلىق يېرى، مۇجاھىد قوماندان ئورۇج بۇ ۋەزىپىنى ئۇتۇقلۇق ئورۇنلىدى. بۇنىڭدىنمۇ ھەيران قالارلىقى، ئۇ ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى بۇ خىل ۋەزىپىنى نەچچە قېتىملاپ تەكرار روياپقا چىقاردى. ئەنە شۇ ياۋروپالىق مۇسۇلمان قېرىنداشلار (ئۇلارنى ئاللاھ بارچە ياخشىلىقلار بىلەن مۇكاپاتلىسۇن!) ياۋروپالىق، ئەندەلۇسلۇق نەچچە ئون مىڭلىغان مۇسۇلمانلارنىڭ جانلىرىنى قۇتقۇزدى.

نەتىجىدە، ئىسلام قوماندانى ئورۇجنىڭ نامى پۈتۈن دۇنيا دېڭىزلىرىدا مەشھۇر بولدى، كاتولىك ياۋروپا كوچىلىرىدا بۇ جەسۇر ئوسمانىي دېڭىزچىنىڭ قەھرىمانلىق قىسسەلىرى قورقۇنچلۇق كۆلەڭگە كەبى تارالدى. ئەندەلۇس مۇسۇلمانلىرى بولسا، ئۆزلىرىنى تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ بالايىئاپەتلىرىدىن خالاس قىلغان بۇ قەھرىمانغا بولغان زىيادە ھۆرمەت – ئېھتىرامىدىن، ئۇنى «بابا ئورۇج ياكى بابا ئورۇتس» يەنى ئورۇج ئاتا دەپ ئاتاشتى. ئىتالىيەلىكلەر «بابا ئورۇتس»نى بارباروسقا ئۆزگەرتىۋەتتى، بۇ ئىتالىيانچىدە قىزىل ساقاللىق دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ئاشۇ چۈپرەندىلەرنىڭ فىلىملىرىدە چىقىدىغان قاراقچىلارنىڭ قىزىل ساقاللىق بولۇشىنىڭ سەۋەبى مانا مۇشۇ بولسا كېرەك.

مۇھىمى، قوماندان ئورۇج ئۆزىنىڭ جىھادىدا قېرىنداشلىرى ئىسھاق، ئىلياس ۋە خەيرىددىن دەپ ئاتالغان خىزىرنى ئۆزى بىلەن بىرگە ئېلىۋالاتتى. ئىلياس جىھاد قىلىۋېتىپ شەھىد بولدى. خەيرىددىن ئالجىرىيە ئەللىرىدە ئىسپان ئەھلىسەلىبلىرى بىلەن غالچا ھاكىملارغا قارشى تۇردى. ھالبۇكى، ئورۇج رودوس ئارىلىدا مۇقەددەس يۇھاننانىڭ چەۋەندازلىرىغا ئەسىرگە چۈشۈپ قالدى. لېكىن، قەھرىمان ئورۇج تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز بىر ھەرىكەت بىلەن ئۆزىنى ئازاد قىلدى، ئاندىن يوشۇرۇنچە دېڭىز ئارقىلىق ئىتالىيەگە باردى ۋە ئۇ يەردە ئەھلىسەلىب قوشۇنىنىڭ كېمىلىرىدىن بىرىنى قولغا چۈشۈرۈپ، كېمىدىكى بارلىق ئەھلىسەلىب ئەسكەرلەرنى ئۆلتۈردى. ئاندىن شۇ كېمە ئارقىلىق ئۆزى يالغۇز ئىتالىيەدىن مىسىرغا سەپەر قىلدى ۋە بۇ يېگانە مۇجاھىد ئورۇج ئىسكەندەرىيە پورتىدىن يەنە ئاتلىنىپ، ئۇكىسى خەيرىددىن بىلەن ئۇچرىشىپ، ئىككىسى بىرلىكتە شۇ ئاددىي ۋە ئازغىنە كېمىلىرى بىلەن ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشنى داۋاملاشتۇردى. شۇنىڭ بىلەن ئاكا – ئۇكا بارباروسلار بارلىق دېڭىزچىلارنىڭ ئارىسىدا تاجاۋۇزچى ئەھلىسەلىب كېمىلىرىگە قورقۇنچ سالىدىغان بىر ئىسىمغا ئايلاندى. شۇ چاغدىكى ئەھلىسەلىب ئىسپانىيەگە بېقىندى خائىن ھاكىملارنىڭ بىرى تاجاۋۇزچىلارنىڭ ئالجىرىيەنىڭ تىلىمسان شەھىرىنى قورشىشىغا ياردەملەشتى. لېكىن، قەھرىمان قوماندان ئورۇج ۋ ئۇنىڭ تۈرك، ئالجىرىيەلىك ئەسكەرلىرى قېچىشقا ياكى تەسلىم بولۇشقا ئۇنىماي، ئاللاھنىڭ ئالدىغا قارا يۈز بىلەن ئەمەس، يورۇق يۈز بىلەن بېرىشنى ئەلا بىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئورۇج ئىلگىرى مۇسۇلمانلارنىڭ ئاياللىرى ۋە بالىلىرىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىۋېتىپ، بىر قولىنى يوقىتىپ قويغان بولسا ئەمدى پۈتۈن باتۇرلۇقىنى چىقىرىپ بىر قولى بىلەن ئۇرۇش قىلدى. ئىسپانلار ئۇرۇشىۋاتقان ئادەمنىڭ قوماندان ئورۇج ئىكەنلىكىنى بىلىپ، بىر قولى بىلەن ئۇرۇش قىلىۋاتقان بۇ قەھرىماننى ھەر تەرەپتىن قورشاش ئۈچۈن ھەربىي ياردەملەرنى ئەۋەتتى. ئەھلىسەلىبلەر ئۇنى قىلىچلىرى بىلەن ھەر ياندىن قورشاۋغا ئالغاندىن كېيىن، ئۆزلىرىنىڭ قىلىچلىرى بىلەن ئۇنىڭ جىسمىغا تاشلىنىپ، ئۇنى پارچە – پارچە قىلىشتى.

ئەھلىسەلىبلەر قىلىچلىرىنى ئۇنىڭ يۈرىكىگە سانجىۋاتقان پەيتتە، قوماندان ئورۇج نەزەرىنى ئاسمانغا تىكتى ۋە بارمىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، كۈلۈمىسىرىگەن ھالدا مۇنداق دېگەنچە ئىككى لېۋىنى مىدىرلاتتى: «ئەشھەدۇ ئەللا ئىلاھە ئىللەللاھ، ۋەئەشھەدۇ ئەننە مۇھەممەدەن رەسۇلۇللاھ!».

ئەھلىسەلىب تاجاۋۇزچىلىرى بۇ مۇجاھىدنى ئۆلتۈرۈش بىلەنلا بولدى قىلماي، ئۇنىڭ بېشىنى كېسىپ، بېشىنى كاتولىك ياۋروپا شەھەرلىرىدە سازايى قىلدى. بۇ باش يەنى ئۇلارنىڭ پادىشاھلىرىنىڭ باشلىرىدا قارا كۆلەڭگە بولۇپ كەلگەن بۇ باش ھەرقاچان چېركاۋلارنىڭ يېنىدىن ئۆتسە، چېركاۋلارنىڭ قوڭغۇراقلىرى چېلىناتتى.

قەھرىمان ئورۇج ئۆلتۈرۈلدى…

لېكىن ئورۇجنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن، ئىسلام تۈگىدىمۇ؟ مۇسۇلمانلار ئەھلىسەلىبلەرگە تەسلىم بولدىمۇ؟

ئىسلام ئۈممىتىدە بايراق كۆتۈرىدىغان ئادەم مۇھىم ئەمەس، بەلكى بايراقنىڭ دائىم تىك تۇرۇشى مۇھىمدۇر. ئەگەر ئىسلام ئۈممىتىنىڭ قەھرىمانلىرىدىن بىر قەھرىمان يىقىلغان بولسا، يەنە بىر قەھرىمان تۇغۇلىدۇ. يەنە بىر قەھرىمان بولسىمۇ ئاكىسى ئورۇج باشلىغان جىھاد يولىنى داۋاملاشتۇرۇشقا بەل باغلىغان، قوماندان ئورۇجنىڭ بىر قورساق ئۇكىسى خەيرىددىن بارباروستۇر.

شۇنىڭ بىلەن خەيرىددىن بارباروس كېمىلىرىنى تەييارلاپ، بىۋاسىتە تۇنىسقا يۆنەلدۈردى ۋە شۇ يەردىكى ئىسپانىيە كېمىلىرىنى پاچاقلاپ تاشلاپ، تۇنىسنى ئەھلىسەلىب ۋە ئۇلارنىڭ قۇيرۇقچىلىرىدىن ئازاد قىلدى. ئاندىن مۇجاھىد ئوسمانىي ئەسكەرلىرىنى ئالجىرىيەگە ئېلىپ بېرىپ، ئالجىرىيەنى ئازاد قىلدى. ئۇ بۇنىڭ بىلەنلا بولدى قىلماي، ئىسپانىيەنىڭ بالېئار ئاراللىرىدىكى ئىسپانىيە پلوتىنى ۋەيران قىلغاندىن كېيىن، ئۇ ئاراللارنى ئىشغال قىلدى. پاپا پائۇلۇس ئۈچىنچى رىمدا بۇ قومانداننىڭ ئۇتۇقلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ۋاتىكاندىن كاتولىك ياۋروپانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئومۇميۈزلۈك سەپەرۋەلىك ھالىتى ئېلان قىلدى. نەتىجىدە، تۆۋەندىكىلەردىن تەشكىل تاپقان زور ئەھلىسەلىب ئىتتىپاقى شەكىللەندى:

1. ئىسپانىيە پادىشاھلىقى

2. ۋېنىتسىيە جۇمھۇرىيىتى

3. گېنويە جۇمھۇرىيىتى

4. پاپا دۆلىتى (papal states) نىڭ ھەربىي كېمىلىرى

5. مۇقەددەس يۇھاننا (john the apostle) نىڭ قاراقچىلىرى

60 مىڭچە ئەسكەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان 600 كېمىدىن تەركىپ تاپقان، شۇ ۋاقىتتىكى زېمىن تونۇغان ئەڭ چوڭ پلوت بىر يەرگە كەلدى. پلوتقا ئاندرېئا دورىئا دېيىلىدىغان، ئوتتۇرا ئەسىردە ياۋروپا تونۇغان ئەڭ كاتتا دېڭىز قوماندانى قوماندانلىق قىلغانىدى. مەقسەتلىرى ئوتتۇرا ئاق دېڭىزدا ئىسلامنى پۈتۈنلەي يوق قىلىش ئىدى. ھالبۇكى ئوسمانىيلار قىسىملىرى ئاران 22 مىڭ ئەسكەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان 122 كېمىدىن تەشكىل تاپقانىدى.

ئىككى پلوت ھ. 945، 4 – جامادىيەلئەۋۋەل، م. 1583، 28 – سېنتەبىر پرەۋەزە جېڭىدا ئۇچراشتى. سىز مەن بىلەن بىللە بۇ تارىخنى ئوبدان يادلىۋېلىڭ. ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئۇ كۈن ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ بۈيۈك كۈنلىرىدىن بىرىدۇر، ئۇ كۈن ھەقىقەتەن ئۇنتۇلماس پرەۋەزە ئۇرۇشى كۈنىدۇر، پۈتۈن ئىسلام تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ دېڭىز ئۇرۇشى كۈنىدۇر.

ئەھلىسەلىبلەرنىڭ سان ۋە تەييارلىقلار جەھەتتە ئۈستۈن بولۇشىغا قارىماي، بۈيۈك دېڭىز قوماندانى خەيرىددىن بارباروس ئەھلىسەلىب پلوتلىرىغا ئويلىمىغان يەرلىرىدىن تۇيۇقسىز زەربە بەردى. نەتىجىدە دۈشمەن كېمىلىرى زەربىنىڭ تەسىرىدىن پارچىلىنىپ، ئۇلارنىڭ ئەپسانىۋى قەھرىمانى ئاندرېئا دورىئا بەش سائەتتىن ئارتۇق تۇرالماستىن جەڭ مەيدانىدىن قاچتى. مۇجاھىد ئوسمانىيلار ئىسلام خەلىفەلىكىنىڭ پلوتى چوڭ نۇسرەت قازاندى ۋە خەيرىددىن بارباروس بىرلەشمە ئەھلىسەلىب پلوتىنى پۈتۈنلەي پاچاقلاپ تاشلىدى.

مۇشۇ زور ئىسلام غەلىبىسىدىن كېيىن، ئۇ ئەھلىسەلىب بەگلىكلىرىنىڭ ھەممە تەرەپلىرىگە قورقۇنچ ۋە تەشۋىش تارالدى. مۇجاھىد قوماندان خەيرىددىن بارباروسنىڭ غەلىبە خەۋىرى ھەر ماكاندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ يۇرتلىرىغا يېتىپ، مەككە، مەدىنە، قۇدۇس، بومباي، دەمەشق، قاھىرە، سەمەرقەند قاتارلىق مۇسۇلمان دىيارلارنىڭ مەسجىد مۇنارلىرىدا «ئاللاھۇ ئەكبەر» چوقانلىرى كۆتۈرۈلدى.

خەيرىددىن بارباروسنىڭ شۇ زەپىرىدىن كېيىن، گىگانىت ئوسمانىيلار خەلىفەلىكىگە تەۋە كۈرەشچى ئىسلام دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ پلوتلىرى پۈتۈن دۇنيانىڭ دېڭىز – ئوكيانلىرىدىكى ئەڭ كۈچلۈك دېڭىز ئارمىيەسىگە ئايلاندى. شۇنى بىلسىڭىز كۇپايىكى، بېرىتانىيە، فرانسىيە، گوللاندىيە، دانىيە، سىتسىلىيە، ساردىنىيەگە ئوخشاش دۆلەتلەر شىمالىي ئافرىقا، بولۇپمۇ ئالجىرىيە پورتلىرىنى قارارگاھ قىلغان ئوسمانىيلار ئىسلام پلوتىنىڭ ھىمايىسى ئاستىدىكى ئوتتۇرا دېڭىزدىن كېمىلىرىنىڭ ئۆتۈشىگە رۇخسەت قىلىشى ئۈچۈن، ئىسلام خەلىفەلىكىگە جىزيە ۋە باج تۆلەيدىغان بولغانىدى.

لېكىن گىگانىت خەيرىددىن بارباروس ۋۇجۇدقا چىقارغان بۇ بۈيۈك زەپىرى بىلەن كۇپايىلەندىمۇ؟

ياق، ياق! بارباروس ئىسلام ئۈچۈن كەلتۈرگەن بۇ شانۇشەرەپ بىلەن كۇپايىلەنمەي، ئەندەلۇستىكى مۇسۇلمانلارنى تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ ئازابلاشلىرىدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن زىچ ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ باردى، ئەندەلۇسلۇق مۇسۇلمان پاناھلانغۇچىلارنى توشۇش ئۈچۈن ئوتتۇرا ئاق دېڭىزدا نەچچە رەت سەپەر قىلدى. ئۇ ئۆزى يالغۇز بالىلار، ئاياللار ۋە ياشانغانلار بولۇپ 70 مىڭ مۇسۇلمان ئەر ۋە ئايالنى قۇتقۇزدى. ھەتتا ئەندەلۇس ئەھلى ئۇنىڭ ياخشىلىقىنى ئېتىراپ قىلىش يۈزىسىدىن، ئۇنىڭ ھەقىقىي ئىسمى خىزىرنىڭ ئورنىغا «خەيرىددىن (دىننىڭ ياخشىلىقى)» دېگەن ئىسىمنى قوللاندى. شۇنداقلا، ئوسمانىيلار خەلىفەسى سەلىم I ئۇنى پۈتۈن دۇنيا دېڭىزلىرىدا جىھاد قىلغۇچى ئوسمانىي ئىسلام پلوتلىرىنىڭ باش ئەمىرى قىلىپ تەيىنلىدى.

مانا بۇلار بىزنىڭ ئۇنتۇلغان قەھرىمانلىرىمىزدۇر. لېكىن، ئۇلار ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ئەمدى ھەرگىزمۇ ئۇنتۇلمايدۇ. ئۈممەت دۈشمەنلىرى يېزىپ بەرگەن نەرسىلەرنى ئوقۇپ يۈرىدىغان زامان ئاللىقاچان ئۆتتى. ئەمدى تارىخىمىزنى ئۆزىمىز يازىدىغان ۋاقىت كەلدى.

 

مەنبە:

جىھاد تۇربانىي: «مائة من عظماء أمة الإسلام غيروا مجرى التاريخ (تارىخ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتكەن ئىسلام ئۇلۇغلىرىدىن 100 شەخس)».

بىلال ئەبۇلخەيرنىڭ «من عمالقة آل عثمان 101» ناملىق كىتابى.

 

تەرجىمىدە: مۇھەممەد قاۋۇل قاراخانىي

—————————–
1. بەزى تارىخچىلار بارباروسلارنىڭ نەسەبىنى ئالبانلارغا نىسبەت بەرگەن بولسىمۇ، يەنە باشقا تارىخچىلار تۈركلەرگە نىسبەت بەرگەن. بۇ يەردە ئىككىنچى قاراش تاللاندى. چۈنكى، كۆپىنچە مەنبەلەر ئۇلارنىڭ تۈرك كۆكىدىن ئىكەنلىكىگە ئىشارە قىلىدۇ. ھەمدە خەيرىددىن ئۆزىنىڭ ئەسلىمىسىدە ئۆزىنىڭ دادىسىنىڭ ئىسمىنى «ئەبۇ يۈسۈف نۇرۇللاھ ياقۇب ئاغا تۈركىي» دەپ يازغان.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ