تارىختىكى كاتتا تۈرك ئالىملارنىڭ بىرى ئىمام قاسىم ئىبنى قۇتلۇبۇغا

تارىختىكى كاتتا تۈرك ئالىملارنىڭ بىرى ئىمام قاسىم ئىبنى قۇتلۇبۇغا

(ھىجرىيە 802 – 879 / مىلادىيە 1399 – 1474)

 

مۇھەممەد پازىل قاراخانىي

 

ئىسلام شەرىئىتى ئۆز نۇرىنى زېمىن يۈزىگە چاچقان تۇنجى كۈندىن باشلاپ، بۇ شەرىئەت كانىنى قازغۇچىلار بىر – بىرلەپ نامايان بولۇشقا باشلىغانىدى. بىرىنىڭ ئىزىنى بىرى بېسىپ داۋاملىشىپ كەلگەن بۇ ئىلىم كارۋىنىدا تالايلىغان ئىلىم شەيدالىرى كۆمۈلۈپ قالغان بولسا، يەنە نۇرغۇنلىرىنى تارىخ ئۆز سەھىپىسىگە يازدى. بۇ ئىلىم كارۋىنىغا قېتىلىپ، تارىخقا نامىنى يازدۇرغان ئەنە شۇ ئىلىم شەيدالىرىنىڭ بىرى، ئىلاھىي تەقدىرنىڭ ھەر تۈرلۈك ئەلگەكلىرىدىن تاسقىلىپ ئۆتۈپ، ھاياتلىقنىڭ ئاچچىق مەنزىرىلىرىنى ئۆزىنىڭ گۈزەل قەلبى بىلەن تاماشا قىلالىغان، تۈركلەردىن چىققان بۈيۈك مۇھەددىس ۋە فەقىھ، ئىمام قاسىم ئىبنى قۇتلۇبۇغا بۈگۈنكى ئۇشبۇ ماقالىمىزنىڭ باش قەھرىمانى بولىدۇ.

ئۆسۈپ يېتىلىشى

تولۇق ئاتىلىشى فەقىھ مۇھەددىس، ھافىز مۇفتى، تارىخچى، ئەللامە ئىمام ئەبۇلئەدل زەينىددىن قاسىم ئىبنى قۇتلۇبۇغا ئىبنى ئابدۇللاھ جەمالىي سۇدۇنىي مىسرىي. ئۆزى قاسىم ھەنەفىي دەپ تونۇلغان بولۇپ، بەزى كىتاب – مەنبەلەردە «ئەللامە قاسىم» ياكى «شەيخ قاسىم» دەپ تىلغا ئېلىنىدۇ.

قاسىم ئىبنى قۇتلۇبۇغا مىسىر مەملۇكىيلار دۆلىتىنىڭ 26 – سۇلتانى ناسىر فەرەج ئىبنى بەرقۇقنىڭ دەۋرىدە، ھىجرىيە 802 – (مىلادىيە 1399 -) يىلى مۇھەررەم ئېيىدا قاھىرەدە تۇغۇلغان. ئەييۇبىيلار دۆلىتى بولسۇن ياكى مەملۇكىيلار دۆلىتى بولسۇن، ھەر ئىككىلىسى دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا ئوتتۇرا ئاسىيا تۈرك ئىرقلىرىدىن نۇرغۇن قۇللارنى ئەسكەرلىككە ياللىغان بولۇپ، شۇ چاغدىكى دۆلەتنىڭ چوڭ ئەمەلدارلىرىدىن بىرى بولغان جامالىددىن سۇدۇن دېگەن ئادەم ئىمام قاسىمنىڭ دادىسى قۇتلۇبۇغانى ئەسكەرلىككە ياللاپ مىسرغا ئەكەلدۈرگەن ۋە كېيىن قۇللۇقتىن ئازاد قىلىۋەتكەن. شۇڭلاشقا، قاسىم ۋە دادىسى قۇتلۇبۇغا[1] شۇ كىشىگە مەنسۇپ قىلىنىپ، «جامالىي»، «سۇدۇنىي» دەپ ئاتالغان.

قاسىم تۇغۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا، دادىسى تۈگەپ كېتىپ يېتىم قالغان. تۇرمۇشنىڭ سىناقلىرى ئۇنى گۈدەكلىكىدىن تارتىپلا جان ساقلاش ئۈچۈن تىرىكچىلىك قىلىشقا مەجبۇرلىغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ تىككۈچىلىكنى ئۆگىنىپ، شۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغان. ئاخىرىدا، ئۇ ئاپئاق رەختنى قارا يىپ بىلەن تىكسىمۇ، قارا يىپ كۆرۈنۈپ قالمىغۇدەك دەرىجىدە، ئۇستا بىر تىككۈچىگە ئايلانغان. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، ئۇ «قۇرئان كەرىم» يادلىغان ھەم بەزى مەنبە تېكىستلەرنىمۇ يادلىغان. ئۇ يادلىغانلىرىنى شەيخ ئىز ئىبنى جامائە[2]گە تىڭشىتاتتى. ئۇنىڭدا بالدۇرلا ئالاھىدە زېرەكلىك ئالامەتلىرى نامايان بولغانىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ پۈتۈنلەي ئىلىم ئۆگىنىشكە يۈزلەندى ۋە ئۆز يۇرتىنىڭ ئالىملىرى ئارىسىدا قاتراپ يۈرۈپ، خىلمۇخىل پەنلەردىن ئوزۇقلىنىپ، ئىلىم بۇلاقلىرىدىن شەربەتلەر ئىچىشكە باشلىدى.

ئۇنىڭ ئىلىمگە ۋە ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ سۆھبىتىگە بولغان ئىشتىياقى كۈنسېرى ئاشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇستازى تاج نوئمانىي (ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ۋە باغدادنىڭ قازىسى) بىلەن شامغا سەپەر قىلىپ، ئۇ يەردە ھىجرىيە 816 – يىلى 14 يېشىدا «ئىجازە ئاممە»[3]گەئېرىشتى. ئۇ 18 ياشقا كىرمەي تۇرۇپلا كىتاب يېزىشقا يۈزلەنگەن بولۇپ، بۇ كەم ئۇچرايدىغان بىر ئىشتۇر. ئۇ ئىزچىل تىرىشىپ ئىلىم ئۆگىنىپ، داڭقى چىقىپ، نامى تارالغان ۋە شەيىخلىرى (ئۇستازلىرى) ئۇنىڭغا ئاپىرىن ئېيتقان. شۇنداقلا، كۈچلۈك ئەستە ساقلاش قابىلىيىتى بىلەن تونۇلۇپ، ئىلىم كۆكىدە پارلىغان.

ئۇستازلىرى

شەيخ قاسىم رەھىمەھۇللاھنىڭ نۇرغۇن شەيخلىرى ۋە ئۇستازلىرى بولغان بولۇپ، ئۇلار ئارىسىدا داڭلىق ئالىملار ۋە چوڭ مۇھەققىقلەرمۇ بار. بۇ ئۇنىڭ ئۆز دەۋر ئالىملىرى ئارىسىدىكى ئورنىنىڭ يۈكسەكلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ ئۆز ئۇستازلىرى ۋە شۇ دەۋردىكى باشقا ئالىملار ھەققىدە يازغان «مشايخ شيوخ العصر (مەشايىخۇ شۇيۇخىلئەسر)» ناملىق كىتابى ئۇنىڭ ماشايىخلىرىنىڭ نەقەدەر كۆپلۈكىنىڭ دەلىلىدۇر. ئەپسۇس، بۇ كىتابى بىزگە يېتىپ كېلەلمىگەن بولسىمۇ، بۇ ماقامدا، ئۇنىڭ تەرجىمىھالىنى يازغانلارنىڭ ئۇنىڭ ئىلىم ئالغان ئۇستازلىرى ھەققىدە دېگەنلىرى يېتەرلىكتۇر.

ئۇنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك ئۇستازلىرىدىن بىرى ئەللامە، مۇجتەھىد كامال ئىبنى ھۇمام سىۋاسىي ھەنەفىي (ۋاپاتى ھىجرىيە 852) دۇر. قاسىم ئىبنى قۇتلۇبۇغا بۇ ئۇستازىدىن تا ئۇستازى ھىجرىيە 852 – يىلى ۋاپات بولغۇچە ئايرىلماي، كۆپىنچە ئىلمىنى ئۇنىڭدىن ئالغان. ئۇنىڭدىن فىقھى، فىقھى قائىدە – پىرىنسىپلىرى قاتارلىق تۈرلۈك ئىلىملەرنى ئۆگەنگەن.

ئۇنىڭ ئۇستازلىرىدىن يەنە داڭلىق ھافىز، ئەللامە ئەھمەد ئىبنى ئەلى ئىبنى ھەجەر ئەسقەلانىي (ۋاپاتى ھىجرىيە 852) مۇ بار. ئۇنىڭدىن ھەدىس ۋە ھەدىس ئىلمى ھەم فىقھى ئۆگەنگەن. ھافىز ئىبنى ھەجەر ئۇنى: «ئىمام، ئەللامە، مۇھەددىس، فەقىھ ۋە ھافىز» دەپ سۈپەتلىگەن. ئىمام سەخاۋىي «الضوء اللامع (ئەددەۋئۇل لامىئ)» ناملىق كىتابىدا ئۇنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: «قاسىم ئىبنى قۇتلۇبۇغا شەيخىمىز (ئىبنى ھەجەر) گە شەيخىمىزنىڭ كىتابى ‹الإيثار بمعرفة رواة الآثار(ئەلئىيسار بىمەئرىفەتى رۇۋاتىلئاسار)›[4] دېگەن كىتابىنى ئوقۇپ بەرگەندە، ئۇستازىمىز ئۇنى ‹پەزىلەتلىك شەيخ، تەڭداشسىز كامىل مۇھەددىس› دەپ سۈپەتلىگەن ۋە مۇنداق دېگەن: ‹ماڭا ئوقۇپ بەردى ۋە مەندىن يېزىۋالدى. ئۇ ماڭا پايدا يەتكۈزۈپ، (كىتاب توغرىسىدا) بىر قىسىم يەرلەرنى ئەسكەرتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ يەرلەر كىتابقا كىرگۈزۈلۈپ، كىتابقا نۇر قوشۇلدى›. شەيخىمىز كىتاب بېشىدىكى ‹قېرىنداشلارنىڭ بەزىسى مەندىن ‹كتاب الآثار (كىتابۇل ئاسار)›نىڭ راۋىيلىرىنى باھالاپ بېرىشىمنى ئىلتىماس قىلغانىدى، مەن دەرھاللا ماقۇل كۆردۈم ۋە تەكلىپ بېرىشىگىلا خوپ دېدىم› دېگەن سۆزىدىن ئۇنى كۆزدە تۇتقان ئىدى».

ئۇستازلىرىدىن يەنە تارىخچى، ئەللامە ئەبۇلئابباس ئەھمەد ئىبنى ئەلى تەقىي مەقرىزىي (ۋاپاتى ھىجرىيە 845) بار. مەقرىزىي «درر العقود الفريدة (دۇرەرۇلئۇقۇدۇل فەرىيدە)» دېگەن كىتابىدا قاسىم ئىبنى قۇتلۇبۇغانى زىكىر قىلىپ، ئۇنى ماختىغان.

ئۇستازلىرىدىن يەنە باغداد قازىسى تاجىددىن ئەھمەد ئىبنى مۇھەممەد نومانىي فەرغانىي (ۋاپاتى ھىجرىيە 834) بار. قاسىم ئىبنى قۇتلۇبۇغا دەسلەپكى ئىلىم ئوقۇش مەزگىلىدە ئۇنىڭ بىلەن بىللە شامغا سەپەر قىلىپ، ئۇ يەردە ئۇنىڭدىن ئىلىم ئالغان ۋە ئۇنىڭدىن خارەزمىينىڭ «جامع مسانيد أبي حنيفة (جامىئۇمەسانىيد ئەبى ھەنىيفە)» دېگەن كىتابىنى رىۋايەت قىلغان ھەم ئۇنىڭدا ئىبنى سالاھنىڭ «علوم الحديث (ئۇلۇمۇل ھەدىس)»نى ۋە باشقا كىتابلارنى ئوقۇغان. ھىجرىيە 823 – يىلى ئۇستازى ئۇنىڭغا ئىجازەت بەرگەن.

تەجۋىد ئىلمىنى «زاھىرىيە بەرقۇقىيە مەدرىسىسى»نىڭ ئىمامى، قىرائەت ئۇستازى شەمسىددىن مۇھەممەد ئىبنى ئەھمەد زەراتىتىي ھەنبەلىيدە، تەپسىر ئىلمىنى ئالائىددىن بۇخارى (مۇھەممەد ئىبنى مۇھەممەد ئالائىددىن بۇخارى ئەجەمىي ھەنەفىي) دا ئوقۇغان.

ھەدىس ۋە ھەدىس بىلىملىرى ئوقۇغان ئۇستازلىرى شەمسىددىن ئىبنى جەزرىي، شىھابىددىن ۋاسىتىي، زەين زەركەشىي، شەمس ئىبنى مىسرىي، بەدر ھۇسەين بۇسىرىي، ناسىرىددىن فاقۇسىي، تاج شەربىشىي، ئىز ئىبنى جامائە ۋە ئائىشە ھەنبەلىيە قاتارلىقلار.

ئەقىدە ئىلمى ئوقۇغان ئۇستازلىرى ئالائىددىن بۇخارى، بىساتىي مالىكىي، سەئد ئىبنى دەيرى قاتارلىقلار.

فىقھى ئوقۇغان ئۇستازلىرى كامال ئىبنى ھۇمام، تاجىددىن ئەھمەد فەرغانىي، ئالائىددىن بۇخارى، ئىبنى ھەجەر، قارىئۇلھىدايە سىراجىددىن، مەجد رۇمىي، نىزام سىرامىي، ئىز ئىبنى ئابدۇسسالام باغدادىي، ئابدۇللەتىف كىرمانىي قاتارلىقلار.

فىقھى ئۇسۇل – قائىدىلىرى ئوقۇغان ئۇستازلىرى كامال ئىبنى ھۇمام، سىراجىددىن قارىئۇلھىدايە، شەرەف سۇبكىي، ئالائىددىن بۇخارى قاتارلىلار. مىراس ۋە ھېساب ئىلمى ئوقۇغان ئۇستازلىرى ناسىرىددىن بارەنبارىي، ئىبنى مەجدىينىڭ شاگىرتى سەييىد ئەلى ۋە باشقىلار.

شەيخ قاسىم بەيتۇلمۇقەددەسنى ۋە شامنى زىيارەت قىلغان. شۇنداقلا، كۆپ قېتىم ھەجگە بېرىپ، ئىككى ھەرەم ئالىملىرىدىنمۇ ئىلىم ئالغان.

خۇلاسە: ئۇ ئەرەب تىلى، قىرائەت، تەپسىر، ھەدىس، راۋىيلارنى تەكشۈرۈش، فىقھى، فىقھى ئۇسۇل – قائىدىلىرى، مەنتىق، ئىلمىكالام ۋە باشقا تۈرلۈك ئىلىملەردە ۋايىغا يەتكەن.

شاگىرتلىرى

ئەللامە قاسىم ياشلا پەتىۋا بېرىش ۋە دەرس ئۆتۈشكە تۇتۇش قىلغان بولۇپ، نۇرغۇن ئۇستازلىرى ئۇنىڭ پەتىۋا ۋە دەرس بېرىشىگە ئىجازەت بەرگەن. شۇنىڭدىن كېيىن كۆپلىگەن يۈز – ئابرويلۇق كىشىلەر ھەرخىل پەنلەردە ئۇنىڭدىن دەرس ئالغان.

ئىمام سەخاۋى ئۇنىڭ ئەڭ كۆزگە كۆرۈنگەن شاگىرتلىرىدىن بىرى بولۇپ، دادىسى بىلەن بىرگە ئۇنىڭدىن ھەدىس ئاڭلىغان. سەخاۋىنىڭ دادىسى ئۇنىڭ بىلەن كونا ئۈلپەتداشلاردىن بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن يېقىن ئۆتەتتى، ئۇنى چوڭ بىلەتتى ۋە: «ئۇنىڭ يادلىغانلىرى نېمانچە كۆپ، ئۇنىڭ سۆھبىتى نېمانچە گۈزەل» دەيتتى.

ئۇنىڭ شاگىرتلىرى تۆۋەندىكىچە: شەمسىددىن مەغرىبىي، ئەبۇ ئىسھاق خوجەندى، ئىبنى ئىسمائىل جەۋھەرىي، بەدرىددىن تولۇنى، بەدرىددىن قاھىرىي، ئىبنى ئەينىي، ئالائىددىن سەكەندەرىي، ئىبنى سەيرەفىي، ئىبنى غەزال ۋە باشقىلار. تارىخچى ئىبنى ئىماد «الشذرات (ئەششەزەرات)» ناملىق كىتابىدا: «ئۇنىڭدىن نۇرغۇنلار ئىلىم ئالغان بولۇپ، ساناپ تۈگەتكۈسىزدۇر» دېگەن.

ئۇنىڭ سۈپەتلىرى ۋە قىلغان بەزى خىزمەتلىرى

ئەللامە قاسىم ئۆزىنىڭ كەمتەرلىكى، زاھىتلىقى ۋە تەقۋادارلىقى بىلەن مەشھۇر بولغان. ئۇنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى شۇ دەرىجىدە يۇقىرى ئىدىكى، ئالتە «سەھىھ ھەدىس توپلىمى» ۋە باشقا توپلاملارنىڭ تېكىستلىرى ۋە راۋىيلىرىنى كىتابقا قاراپ باقماستىنلا ئايرىۋالالايتتى. كىشىلەر ئۇچرىغان مەسىلىلىرىدە ئۇنىڭدىن پەتىۋا سورايتتى. ئۇ مۇدەررىسلىك بىلەن شۇغۇللانغان بولۇپ، خازىندار جانبەگ جەدداۋى ئۇنى ئۆزى سالغان مەدرىسنىڭ باش شەيخى قىلىپ تەيىنلىگەن ئىدى. ئۇزۇن ئۆتمەي، شەيخۇنىيە خانىقاسىنىڭ باش شەيخلىكىگە تەيىنلەنگەن.

ئۇنىڭ ئاغىنىسى، مۇئەييىدىيە خانىقاسىنىڭ باش شەيخى سەيفىددىن ھەنەفىي (ھىجرىيە 800 – 881) ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ تارلىقى، ناھايىتى موھتاجلىقتا ياشاۋاتقانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، خانىقادا تۇرۇش تەكلىپىنى بەرگەندە ئۇنىمىغان ئىدى. قاسىم ئىبنى قۇتلۇبۇغانىڭ بۇ ئاغىنىسىمۇ تۈرك ئالىملاردىن بولۇپ، تولۇق ئىسىمى مۇھەممەد ئىبنى مۇھەممەد ئۆمەر ئىبنى قۇتلۇبۇغا بەكتەرىي بولۇپ، ئىككىسى كامال ئىبنى ھۇمامدا ساۋاقداش بولۇپ ئوقۇغان. ئىمام سۇيۇتىي ئۇستازلىرى قاتارىدا ئۇنىمۇ سانىغان ئىدى.

قاسىم ئىبنى قۇتلۇبۇغا ئۆزىنىڭ دەرىجىسىگە لايىق مەنسەپلەرگە ئېرىشەلمىگەن ئىدى. ھەتتا ھەممە جەھەتتە ئۇنىڭدىن تۆۋەن تۇرىدىغانلار مۇدەررىسلىك قىلىدىغان مەدرىسلەردە مۇدەررىسلىك قىلىشقىمۇ نائىل بولالمىغانىدى. شۇنداقتىمۇ ئۇ ئالىي ھىممەتلىك ئالىيجاناب كىشى ئىدى، كىشىلەردىن قېچىپ يۈرمەي مۇنازىرە سورۇنلىرىغا، ئالىملار سۆھبىتىگە كەمتەرلىكى ۋە يۈكسەك ئەخلاقى بىلەن ھازىر بولاتتى.

ئۇنىڭ شاگىرتى ئىمام سەخاۋىي «الضوء اللامع (ئەددەۋئۇل لامىئ)» ناملىق كىتابىدا مۇنداق دەيدۇ: «ئەللامە ئىمام قاسىم ئىبنى قۇتلۇبۇغا تۈرلۈك پەنلەردىن تولۇق خەۋەردار، ئەدەبىيات ۋە ئۇنىڭغا ئالاقىدار كۆپ نەرسىلەرنى بىلىدىغان، ئۆز مەزھىپىنىڭ مەسىلىلىرىنى ئۇجۇر – بۇجۇرىغىچە ئۇقىدىغان ۋە بۇ جەھەتتە ئىلغار، تىلى راۋان، مۇنازىرىگە ۋە رەقىبىنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلاشقا ئۇستا بولۇپ، كاللىسى قەلىمىدىن ئۆتكۈر ئىدى، ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇستازلىرى بولغان تەقدىردىمۇ تەنقىدلەۋېرەتتى. ناھايىتى كەمتەر، تەكەللۇپنى ياخشى كۆرمەيدىغان، ئىنتايىن ئاق كۆڭۈل، بەردەم، ئىلىم توغرۇلۇق مۇزاكىرىلىشىشكە، ئىلمىي پايدا يارىتىشقا، پۇختا بىلەلمىگەن مەسىلىلىرىدە ئۆزىدىن تۆۋەن كىشىلەردىنمۇ سوراپ بىلىۋېلىشقا ئامراق ئىدى. شەيخ قاسىم رەھىمەھۇللاھ پېقىرلىق ۋە يوقسۇللۇقنىڭ دەردىنى جىق تارتقان بولۇپ، ئالىملارنىڭ ئادىتىكىدەك ئۆزىنىڭ سەۋرى ۋە ئۈمىدۋارلىقى بىلەن ئۇنىڭ ئۈستىدىن غالىب كەلگەنىدى. ئۇ پەسلەرچە ياشاشتىن ۋە ياغلىمىچىلىق كىرلىرىدىن يىراق ھالدا، سەدىقە – پوشكاللارغا تايىنىۋېلىشنى رەت قىلىپ، مەردانە ھايات كەچۈرگەنىدى. گاھىدا پادىشاھ، ئەمىرلەردەك كاتتا كىشىلەر ئۇنى يوقلاپ كېلىپ سوۋغا – سالاملارنى بەرسە، ئۆزىنى ئويلاپ ئۇنىڭدىن پايدىلىناي دېمەي، ئۇنى باشقىلارغا سەرپ قىلىۋېتىشكە ئالدىرايتتى، ئەمەلىيەتتە، ئۇنىڭ بالا – چاقىسى كۆپ ۋە بالىلىرىنى ئۆيلەندۈرۈشكە ئېھتىياجى بار ئىدى. شۇنداق تۇرۇپ ئۇ ئىلىم ئۆگىنىش، ئىلىم ئەھلى بىلەن پىكىرلىشىش، كىتاب يېزىش قاتارلىقلاردا كەم ئۇچرايدىغان ھىممەت ساھىبى ئىدى».

زەيلەئىي، ئىراقىي، ئىبنى ھەجەر قاتارلىق ھافىز ئىماملارنىڭ ھەدىس ئىلمىدىكى ئورنى ھەممەيلەنگە مەلۇمدۇر. بىز ئىمام قاسىمنىڭ ئۇلار ۋاقىپلىنالمىغان بەزى قىيىن مەسىلىلەرنى يەشكەنلىكىنى كۆرىمىز. ئۇ «منية الألمعي (مۇنيەتۇل ئەلمەئىي)» دېگەن كىتابى ئارقىلىق زەيئەلەئىينىڭ «ھىدايە» دېگەن كىتابىنىڭ ھەدىسلىرىنى تەكشۈرۈشتىكى كەتكۈزۈپ قويغان تەرەپلىرىگە تولۇقلىما بەرگەن. «إتحاف الأحياء بما فات من تخريج أحاديث الإحياء (ئىتتىھافۇل ئىھيائى بىمافاتە مىن تەخرىجى ئاھادىيسىل ئىھيا)» دېگەن كىتابى ئارقىلىق، ئىراقىينىڭ «إحياء علوم الدين (ئىھيائۇ ئۇلۇمىددىن)»نىڭ ھەدىسلىرىنى تەكشۈرۈشتىكى كەتكۈزۈپ قويغان تەرەپلىرىگە تولۇقلىما بەرگەن. ئىبنى ھەجەرنىڭ «نصب الراية (نەسبۇررايە)»نى ئىخچاملاپ يازغان كىتابى «الدراية (ئەددىرايە)»گە ھاشىيە يېزىپ تولۇقلىما بەرگەن.

مۇھەققىق ئىمام كامال ئىبنى ھۇمامنىڭ فىقھى ئىلمىدىكى ئورنى مەشھۇردۇر. ئۇ ۋاپاتىدىن كېيىن ئەللامە قاسىم ئىبنى قۇتلۇبۇغانى ئۆزىگە ئىزباسار قىلىپ تاللىغانىدى. ئەللامە كەشمىرىي «فيض الباري (فەيدۇلبارى)»دا مۇنداق دەيدۇ: ئىبنى ھۇمامنىڭ ۋاپاتى يېقىنلاشقاندا، كىشىلەر ئۇنىڭدىن ئۆزىدىن كېيىن ئورنىغا كىمنى قويىدىغانلىقىنى سورىۋىدى، ئۇ: «ئەللامە قاسىم ئىبنى قۇتلۇبۇغانى» دېگەن.

ئەللامە قاسىم مەزھەپتىكى كۈچلۈك كۆز قاراشنى تۇتۇشقا، قارىغۇلارچە تەقلىدچىلىك قىلماسلىققا چاقىرغان ئىدى. مۇھەققىقلارنىڭ تۈگەنچىسى ئىبنى ئابىدىن شەيخۇلئىسلام ئەلى مەقدىسىينىڭ «ئىبنى ھۇمام مۇجتەھىدلىك مەرتىۋىسىگە يەتكەن» دېگەن سۆزىنى نەقىل قىلغاندىن كېيىن: «ئەللامە قاسىممۇ شۇ جامائە ئەھلىدىن» دېگەنىدى.

قاسىم ئىبنى قۇتلۇبۇغانىڭ ئالىملار ئارىسىدىكى ئورنىنى كۆرسىتىدىغان ماختاش ۋە ئالقىشلار كۆپ بولۇپ، بىز مۇشۇنىڭ بىلەن كۇپايىلىنىمىز.

ئەسەرلىرى

ئۇنىڭ ئەسەرلىرى 90 دىن ئاشىدىغان بولۇپ، ئۇ مەلۇم بىر تۈردىلا كىتاب يازماستىن، بەلكى ئىلىملەرنىڭ جىمى ساھەلىرى بويىچە كىتاب يازغان.

قۇرئان ۋە قۇرئان بىلىملىرى ھەققىدىكى كىتابلىرى:

1.     «تعليق على قطعة تفسير البيضاوي».

2.     «غريب القرآن».

3.     «القراءات العشر».

4.     «رسالة في شرح البسملة».

5.     «جواهر القرآن».

تەخرىج ئىلمىگە ئالاقىدار كىتابلىرى:

تەخرىج ئىلمىگە ئالاقىدار 18 كىتابى بار بولۇپ، بىر قىسمى مۇنۇلار:

1.     «بغية الرائد في تخريج أحاديث شرح العقائد النسفية».

2.     «تخريج أحاديث كنز الوصول إلى علم الأصول».

3.     «التعريف والإخبار بتخريج أحاديث الاختيار».

4.     «تخريج أحاديث شرح مختصر القدوري».

5.     «تخريج أحاديث تفسير أبي الليث السمرقندي».

6.     «تخريج أحاديث جواهر القرآن للغزالي».

7.     «منية الألمعي فيما فات في تخريج أحاديث الهداية للزيلعي».

راۋىيلار ۋە راۋىيلار ئىلمى ھەققىدىكى كىتابلىرى 20 بولۇپ، تۆۋەندىكىلىرى بىلەن كۇپايىلىنىمىز:

1.     «تاج التراجم في طبقات الحنفية».

2.     «الاهتمام الكلي بإصلاح ثقات العجلي».

3.     «تراجم مشايخ المشايخ».

4.     «حاشية على التقريب لابن حجر».

5.     «الثقات ممن لم يقع في الكتب الستة».

6.     «حاشية على المشتبه لابن حجر».

7.     «زوائد رجال الموطأ».

8.     «رجال مسند أبي حنيفة لابن المقرئ».

9.     «زوائد رجال مسند الشافعي».

ھەدىس ۋە ھەدىس ئىلىملىرى ھەققىدە 18 كىتابى بار بولۇپ، بىر قىسمى مۇنۇلار:

1.     «الأمالي على مسند أبي حنيفة على أبواب الفقه».

2.     «حاشية على نزهة النظر لابن حجر».

3.     «زوائد سنن الدارقطني على الستة».

4.     «تعليق على مسند الفردوس».

5.     «شرح مصابيح السنة للبغوي».

6.     «عوالي أبي جعفر الطحاوي».

7.     «حاشية على شرح الألفية للعراقي».

8.     «شرح منظومة ابن الجزري في علوم الحديث».

9.     «شرح كتاب جامع المسانيد لأبي المؤيد الخوارزمي».

فىقھىگە ئائىت ئەسەرلىرى 46 ئەسەر بولۇپ، بىر قىسمى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەتتۇر:

1.     «الفتاوى القاسمية».

2.     «إجازة الإقطاع».

3.     «جامعة الأصول في الفرائض».

4.     «حكم الإسلام في لحوم الخيل».

5.     «رسالة في التراويح والوتر».

6.     «الأصل في بيان الفصل والوصل».

7.     «شرح مختصر الطحاوي في الفروع».

8.     «شرح في فرائض الكافي».

9.     «طلاق المريض زوجته».

10.  «القول القائم في بيان تأثير حكم الحاكم».

فىقھى ئۇسۇل – قائىدىلىرى ھەققىدىكى كىتابلىرى:

1.     «الأجوبة عن اعتراض العز ابن جماعة عن أصول الحنفية».

2.     «تحرير الأنظار في أجوبة ابن العطار».

3.     «حاشية على شرح تنقيح الأصول لنقرة كار».

4.     «شرح الورقات لإمام الحرمين».

5.     «خلاصة الأفكار شرح مختصر المنار لابن حبيب».

6.     «حاشية على شرح منار الأنوار لابن مالك».

سىيرەت ۋە تارىخ ھەققىدىكى كىتابلىرى:

1.     «تلخيص السيرة النبوية لمغلطاي».

2.     «حاشية على مشارق الأنوار من صحاح الأخبار المصطفية للإمام الصنعاني».

3.     «منتقى من درر الأسلاك في قضاة مصر».

4.     «تلخيص دولة الأتراك».

ئىلمىكالام ھەققىدىكى كىتابلىرى:

1.     «المسامرة بشرح المسايرة لابن الهمام».

2.    «شرح منار النظر في المنطق لابن سينا».

ئەرەب تىلىغا ئائىت كىتابلىرى:

1.     «حاشية على حاشية التفتازاني».

2.     «فصول اللسان».

3.     «مختصر تلخيص المفتاح في البلاغة».

4.     «تعليقة على الأندلسية في العروض».

5.     «شرح مخمس العز ابن عبد العزيز الديريني».

تەنقىد ۋە ئوبزور ھەققىدىكى كىتابلىرى:

1.     «الأجوبة على اعتراضات ابن أبي شيبة على أبي حنيفة».

2.     «تبصرة الناقد في كيد الحاسد في الدفع عن أبي حنيفة».

ۋاپاتى

شەيخ قاسىم تېنى ساغلام، تىمەن ئىدى. كېيىن قېرىلىقىدا ئۇزۇن يىل كېسەل ئازابى تارتىپ، ھىجرىيە 879 – يىلى رەبىئۇلئاخىر ئېيىنىڭ 4 – كۈنى (مىلادىيە 1474 – يىلى) پەيشەنبە ۋاپات بولدى. ئەتىسى ماردانىي جامەسى ئالدىدا قازىكالان ۋەلىييۇددىن ئاسيۇتىي نۇرغۇن جامائەت بىلەن ئۇنىڭ نامىزىنى چۈشۈردى ۋە بابۇلمەشھەد قەبرىستانلىقىغا، ئاتا – ئانىسى ۋە بالىلىرىنىڭ يېنىغا دەپنە قىلىندى. كىشىلەر ئۇنىڭدەك بىر ئالىمنى يوقىتىپ قويغانلىقىغا ئېچىندى.

ئەللامە قاسىم 77 يىللىق مۇبارەك ئۆمرىنى مانا مۇشۇنداق ئىلىم ۋە تەلىم باغرىدا ئۆتكۈزگەن بولۇپ، ئۇ ئەرەب بولمىغانلارنىڭمۇ شەرئى ئىلىم چوققىلىرىغا يېتەلەيدىغانلىقىدا ھەممەيلەنگە گۈزەل بىر ئۈلگە بولغانىدى. ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلغاي ۋە باشقا ئالىملار بىلەن بىرگە كەڭرى جەننەتلىرىدىن ئورۇن بەرگەي!

 

پايدىلانغان مەنبەلەر

1.     الضوء اللامع» للسخاوي – دار الجيل بيروت.

2.     مجموعة رسائل العلامة قاسم بن قطلوبغا – دار النوادر.

3.    منية الألمعي فيما فات في تخريج أحاديث الهداية للزيلعي بتحقيق وتقديم محمد زاهد الكوثري – مكتبة الخانجي.

4.    http://masjidsalahudin.com/?p=1611


[1] قۇتلۇبۇغا تۈركچە ئىسىم بولۇپ، قۇتلۇق ئەركەك دېگەن مەنىدە.
[2] ئۆز دەۋرىدىكى چوڭ ئالىملاردىن ۋە قازىكالان بولغان كىشى.
[3] ھەدىس ئىلىمىدىكى بىر ئاتالغا بولۇپ، ئۇستازنىڭ شاگىرتىغا ئۆزىدىن ئاڭلىغان بارلىق ھەدىسلەرنى رىۋايەت قىلىشقا ئىجازەت بېرىشى.
[4] ئىبنى ھەجەرنىڭ مۇھەممەد ئىبنى ھەسەن شەيبانىينىڭ «كتاب الآثار» دېگەن كىتابىدا سۆزلەنگەن راۋىيلارنى باھالاش ئۈچۈن يازغان كىتابى.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ