(ھ. 593 – 636 / م. 1197 – 1248)
دوكتور راغىب سەرجانىي
مۇسۇلمان ئالىملار ئالاھىدە بىر سۈپەتكە ئىگە بولغان. ئۇ بولسىمۇ ئۇلارنىڭ ئېنسىكلوپېدىك ئالىم بولۇشىدۇر. ئۇلار ئىلىم – مەرىپەتنىڭ ھەربىر تارمىقىدا كىتاب يازغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە مەلۇم بىر پەن بىلەنلا چەكلىنىپ قالغانلىرى ئاز ئۇچرايدۇ. گەرچە ئۇلارنىڭ بەزىلىرى مۇئەييەن بىر ساھەدە شۆھرەت قازانغان بولسىمۇ، باشقا ساھەلەرنىمۇ پىششىق بىلىش بىلەن بىرگە ئىلىم – مەرىپەتنىڭ خىلمۇخىل تارماقلىرىدا قەلەم تەۋرەتكەن. ئۆسۈملۈكشۇناسلىق ۋە دورىگەرلىك ئىلىملىرىدا كۆزگە كۆرۈنگەن شۇ ئالىملارنىڭ ئەڭ ئاتاقلىقلىرىدىن بىرى تالانتلىق مىسلىسىز ئالىم ئىبنى بەيتاردۇر. ئىبنى بەيتار ئۆسۈملۈكشۇناسلىق ۋە دورىگەرلىكتە تارىخنىڭ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتكەن كاتتا تۆھپىلىرى بىلەن بۇ ئىككى ئىلىمنىڭ بايراقدارلىرىدىن سانىلىدۇ. داڭلىق ھەكىم ئىبنى ئۇسەيبىئە ئۇ توغرۇلۇق مۇنداق دېگەن: «ئۇ ئەڭ كاتتا ھەكىم ۋە ئۆسۈملۈكشۇناس ئالىمدۇر، ئۆسۈملۈكلەرنى تونۇش، تەكشۈرۈش، تەجرىبە قىلىش، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆسىدىغان جايلىرىنى بىلىش، ئۆسۈملۈكلەرنى تۈرلۈك ۋە ھەرخىل ئىسىملىرى بىلەن تونۇشتۇرۇش قاتارلىقلاردا ئۆز زامانىسىنىڭ يېگانىسى ۋە ئەللامىسى ئىدى».
ئىبنى بەيتار كىم؟
تولۇق ئىسمى ئەبۇ مۇھەممەد ئابدۇللاھ ئىبنى ئەھمەد بولۇپ، ھ. ئالتىنچى ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى ئەندەلۇسنىڭ مالاقا شەھىرىدە تۇغۇلغان. تۇغۇلغان يۇرتىغا نىسبەت بېرىلىپ «مالاقىي» دېيىلىدۇ. دادىسى ئۇستا مال دوختۇرى بولغاچ، «مال دوختۇرىنىڭ ئوغلى» دېگەن مەنىدە «ئىبنى بەيتار» دەپ ئاتالغان.
ئۇ كىچىكىدە ۋاقىتلىرىنى يېزىسىغا يېقىن ئورمانلىقتا ئۆتكۈزۈشنى ياخشى كۆرەتتى. شۇڭا، كىچىكىدىنلا ئۇنىڭ كۆڭلىگە تەبىئەتنى ياخشى كۆرۈش ئورناپ كەتكەن بولۇپ، كۈنلەر ئۆتكەنسېرى تەبىئەتكە بولغان سۆيگۈسى ئېشىپ ماڭغان. ئىبنى بەيتار ئۆسۈملۈك ئىلمىغا بولغان سۆيگۈسى نەتىجىسىدە، تۈرلۈك ئۆسۈملۈكلەرنى ۋە تۈرلۈك جانلىقلارنى كۆزەتكەن. ئورمانلىق ئۇنىڭ ئۆسۈملۈك ئىلمىدىكى تۇنجى مەكتىپىنىڭ ئورنىدا بولغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئىبنى بەيتار ئۆسۈملۈك ئىلمىدا زور شۆھرەت قازانغان، ئۆسۈملۈكشۇناس ئەبۇلئابباس ئەھمەد ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى فەرەج ئىشبىلىيغا شاگىرتلىققا كىرگەن. لېكىن، ئىبنى بەيتار ئۇستازىنىمۇ بېسىپ چۈشۈپ، ئىلمىي تەتقىقات ۋە تەجرىبىلەردە ئۆز زامانىسىنىڭ ئالاھىدە ئۆسۈملۈكشۇناسلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالغان.
ئىبنى بەيتارنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى
ئىبنى بەيتار مىسلىسىز ئىلمىي تالانت بىلەن باشقىلاردا ئاز تېپىلىدىغان قالتىس گۈزەل ئەخلاقلارنى ئۆزىدە مۇجەسسەملىگەن بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن ئارىلاشقان ۋە ياشاپ كۆرگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ بۇ تەرىپىگە گۇۋاھلىق بەرگەن. شۇلاردىن بىرى ئىبنى ئەبۇ ئۇسەيبىئە بولۇپ، ئۇ: «مەن ئۇنىڭدىن سۈپەتلەپ بولغىلى بولمايدىغان، ھەيران قالارلىق دەرىجىدە ياخشى ھەمراھلىق، يۈكسەك ئادەمگەرچىلىك، تېگى ئېسىللىك، گۈزەل ئەخلاق، پەم – پاراسەت، ۋە مەردلىكنى كۆردۈم» دېگەن.
ئىبنى بەيتارنىڭ ئىلمىي سەپەرلىرى
ئىبنى بەيتارنىڭ كۆڭلى دائىم ئىلىمغا تەلپۈنەتتى. شۇڭا، ئۇ يىگىرمە ياش چاغلىرىدا ئىلىم ئۆگىنىش ئۈچۈن سەپەر قىلدى. ئۇ بۇ يولنىڭ جاپالىرىغا بەرداشلىق بېرىپ، گرېتسىيە، رىم، مەغرىب، ماراكەش، ئالجىرىيە ۋە تۇنىسلارنى كەزدى. ئاندىن سەپەرلىرىنى يەنە داۋاملاشتۇرۇپ، ئانتاكيادىن ئۆتۈپ كىچىك ئاسىياغا، ئۇ يەردىن سۇرىيەگە، ئاندىن ھىجاز، غەززە، قۇدۇس، بېيرۇت ۋە مىسىرغا باردى. ئۇ شۇ ئەللەرنىڭ ئالىملىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تۈرلىرى، ئالاھىدىلىكلىرى ۋە پايدىلىرى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇ كىتاب – ئەسەرلەرنى ئوقۇش بىلەنلا بولدى قىلماستىن، ئۆسۈملۈكلەرنى ئۈنگەن يەرلىرىگە بېرىپ تەتقىق قىلاتتى، بەلكى تېخى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆسىدىغان زېمىنلىرىنىمۇ تەتقىق قىلاتتى. بۇ ھەقتە ئىبنى ئەبۇ ئۇسەيبىئە: «مەن دەمەشق سىرتىدا ئۇنىڭ بىلەن بىرگە نۇرغۇن ئۆسۈملۈكلەرنى ئۈنگەن يېرىگە بېرىپ كۆزدىن كەچۈردۈم» دەيدۇ.
شۇنىڭدىن كېيىن ئىبنى بەيتار كامىل شاھنىڭ دەۋرىدە مىسىردا تۇرۇپ قالدى. كامىل شاھ ئۇنى سەكسەنخالتىلارنىڭ رەئىسى قىلىپ تەيىنلىگەن بولۇپ، يەككە دورىلاردا ۋە ئۆسۈملۈكلەردە كامىل شاھ ئۇنى تايانچ قىلغانىدى. ئۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئىبنى بەيتار سالىھ شاھ نەجمىددىن ئەييۇبقا خىزمەت قىلدى. ئىبنى بەيتار ئۇنىڭ كۆپ ئالقىشىغا ۋە قوللىشىغا ئېرىشكەنىدى.
ئىبنى بەيتارنىڭ ئىلمىي ئىجادىيەتلىرى
ئىبنى بەيتار ھېچنېمىگە تايانمايلا يېڭىلىق ياراتقان ئەمەس، بەلكى ئۆزىدىن ئىلگىرى ئۆتكەن ئۆسۈملۈكشۇناس ۋە دورىگەر ئالىملارغا تايانغان. ئۇ ئۇلارنىڭ كىتابلىرىنى ئوقۇغان ھەم ئۆزى ئېلىپ بارغان تەجرىبە ۋە كۆزدىن كەچۈرۈشلەرگە بىنائەن، ئۇلارنىڭ كۆز قاراشلىرىغا رەددىيەمۇ بەرگەن. بۇنى ئىبنى بەيتارنىڭ سەپەرلىرىدە ئۇنىڭغا ھەمدەم بولغان ئىبنى ئەبۇ ئۇسەيبىئە تەكىتلىگەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئۇنىڭ ھۇزۇرىدا دىئوسكورىدېسنىڭ كىتابىدا سۆزلەنگەن دورىلارنى شەرھلەپ يازغان يەشمىسىنى ئوقۇدۇم، ئوقۇش جەريانىدا ئۇنىڭ مول ئىلمى ۋە پەم – پاراسىتىنى بايقىدىم. بىز دىئوسكورىدېس، گالىنۇس، غافىقىيلارنىڭ كىتابلىرى ۋە مۇشۇ پەندىكى باشقا كاتتا كىتابلارغا ئوخشاش يەككە دورىلار ھەققىدە يېزىلغان ئەسەرلەرنى قېشىمىزغا ئەكەلدۈرەتتۇق». ئىبنى بەيتارنىڭ ئۆز ئىلمىنى مۇشۇنداق تۈرلۈك مەنبەلەردىن ئالغانلىقىنى كۆرىمىز. ئۇ گىرېكلارنىڭ ۋە باشقا ئىلگىرىكى ئالىملارنىڭ تەرجىمە قىلىنغان كىتابلىرىنى ئوقۇيتتى. بۇنىڭدا ئۇنىڭ فارسچە ۋە گىرېكچىگە ئوخشىغان بىرقانچە تىلنى بىلىشىنىڭ ياردىمى بولاتتى.
ئىبنى بەيتار بۇنىڭ بىلەنلا بولدى قىلماستىن، مۇشۇ ساھەدىكى مۇسۇلمان ئالىملارنىڭ يازغان كىتابلىرىنىمۇ ئوقۇدى. ئىبنى سىنا، ئىدرىسىي، ئۆسۈملۈكشۇناس ئىبنى ئابباسنىڭ يازغان ئەسەرلىرىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، پۇختا ئىگىلىدى ۋە ئۇ ئەسەرلەردىكى تۇتۇق نۇقتىلارنى شەرھلىدى. گەرچە ئۇ ئىلگىرىكىلەرنىڭ كىتابلىرىدىن پايدىلانغان بولسىمۇ، كۆپىنچە ھاللاردا ئۇ كىتابلار ئۇنىڭ تۈزىتىش ۋە تەنقىدلەش ئوبيېكتى بولاتتى.
مانا بۇ، راملاندۇنى «ئەرەب ئالىملىرىنىڭ ياۋروپا مەدەنىيىتىگە قوشقان ھەسسىسى / إسهام علماء العرب في الحضارة الأوربية» ناملىق كىتابىدا: «ئىبنى بەيتارنىڭ ئۆسۈملۈك ئىلمى ساھەسىدىكى تۆھپىلىرى دىئوسكورىدېستىن تارتىپ ھ. 10 – ئەسىرگىچە بولغان ئىلگىرىكى جىمى ئالىملارنىڭ تۆھپىلىرىنى بېسىپ چۈشىدۇ» دېيىشكە ئۈندىگەن ئىدى. شۇنىڭدەك، ئىتالىيەلىك شەرقشۇناس Ado Meili «ئەرەبلەرنىڭ ئىلىمى ۋە ئۇنىڭ دۇنياۋى ئىلىم – پەننىڭ تەرەققىياتىغا كۆرسەتكەن تەسىرى / العلم عند العرب وأثره في تطور العلم العالمي» ناملىق كىتابىدا: «ئىبنى بەيتار ئىسلامدىكى ئۆسۈملۈكشۇناسلار ۋە دورىگەرلەرنىڭ ئەڭ كاتتىسىدۇر. مەلۇمكى، ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئۆزىدىن ئىلگىرىكىلەرنىڭ كىتابلىرىغا تايانغان. ئۇنىڭ ئومۇمىي كىتابلىرى زور ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلغان» دېگەن.
ئىبنى بەيتارنىڭ باشلامچى ئەسەرلىرى توغرىسىدا سۆزلەشتىن بۇرۇن، ھ. ئالتىنچى ۋە يەتتىنچى ئەسىردىكى تىبابەت ئىلمىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۇنىڭ دورىگەرلىك بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە بىر قۇر كۆز يۈگۈرتۈشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. چۈنكى، ئىنسان ئۆز دەۋرىنىڭ مەھسۇلى بولغان ئىكەن، بۇ تەرەققىياتنىڭ ئىبنى بەيتارنىڭ ئىجادىيەتلىرىگە تەسىرى بار، ئەلبەتتە. بۇ ئىككى ئەسىردە نۇرغۇنلىغان دوختۇرخانىلار قۇرۇلغان ۋە ئىبنى نەفىسنىڭ قان ئايلىنىشنى بايقىشىغا ئوخشاش يېڭى تېببىي بايقاشلار بارلىققا كەلگەن. شۇنىڭدەك يەنە، دورىگەرلىك بىلەن تىبابەت ئوتتۇرىسىدىمۇ قويۇق مۇناسىۋەت بارلىققا كەلگەن بولۇپ، دوختۇر بولغان كىشى دورىلىرىنى ئۆزى تەييارلايتتى. بۇنىڭ ئىسپاتىنى ئىبنى سىنادىن كۆرەلەيمىزكى، ئۇ «قانۇن» دېگەن كىتابىنىڭ بەزى بۆلەكلىرىنى كېسەل داۋالاشتا تايىنىدىغان مۇھىم دورىلارنىڭ تەتقىقاتىغا ئاجراتقان. ئىبنى بەيتارنىڭ ئۆسۈملۈك ۋە دورىگەرلىك ئىلمىدىكى باشلامچى ئەسەرلىرى مانا مۇشۇنداق ئەۋزەل بىر شارائىتتا بارلىققا كەلگەن. شۇ ئەسەرلىرىدىن بىرى ئۇنىڭ «ئەلجامىئۇ لىمۇفرەداتىل ئەدەۋىييە ۋەلئەغزىيە / الجامع لمفردات الأدوية والأغذية» دېگەن كىتابىدۇر. ئۇ بۇ ئەسەرىنى ئۆسۈملۈك، ئوت – چۆپ ۋە دورا تەتقىقاتىغا ئاساس سۈپىتىدە، تەجرىبە ۋە كۆزدىن كەچۈرۈشكە تايانغان ئەمەلىي تەتقىقاتلاردىن كېيىن يېزىپ چىققان. كىتابىنىڭ بېشىدا ئىزدىنىشلىرىدا قوللانغان مېتودىنى مۇنداق دەپ تونۇشتۇرغان: «كۆرۈش ۋە تۇتۇش بىلەن جەزملەشكەن، ئۆز قۇلىقىم بىلەن ئاڭلاپ ئىسپاتلانغاننى ئالدىم. ماھىيەت ۋە تەسىر كۈچى جەھەتتە توغرىغا خىلاپ بولغاننى تاشلىدىم ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلمىدىم».
ئىبنى بەيتار «ئەلجامىئۇ لىمۇفرەداتىل ئەدەۋىييە ۋەلئەغزىيە / الجامع لمفردات الأدوية والأغذية» ناملىق كىتابىدا ئۇشبۇ كىتابنى تۈزۈشتىكى مەقسەتلىرىنى بايان قىلغان بولۇپ، شۇ بايانلىرىدىن ئۇنىڭ تەتقىقاتتىكى ئۇسلۇبى، نەقىل ئالغاندىكى ئىلمىي مەسئۇلىيەتچانلىقى، ھۆكۈملەرنىڭ توغرا بولۇشى ئۈچۈن تەجرىبىگە تايانغانلىقى ئايدىڭلىشىدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «كېچە – كۈندۈز ئېھتىياج چۈشكەندە، داۋاملىق ئىشلىتىلىدىغان ئوزۇقلۇقلار ۋە يەككە دورىلار ھەققىدە كەڭ توختىلىش بىلەن بىرگە، كىشىلەرگە پايدىلىق چوڭ – كىچىك ئىشلارنىمۇ سۆزلىدىم. كىتابىمدا دىئوسكورىدېسنىڭ ‹ئەلماقالاتۇل خەمس / المقالات الخمس› دېگەن كىتابىدا كەلگەننىڭ ھەممىسىنى ئۆز تېكىستى بىلەن بايان قىلدىم. شۇنىڭدەك يەنە، گالىنۇسنىڭ ‹ئەلماقالاتۇس سىتتۇ / المقالات الست› دېگەن كىتابىدا كەلگەننىڭ ھەممىسىنىمۇ شۇنداق قىلدىم. ئاندىن ئۇ ئىككىسىنىڭ سۆزلىرىگە ئۇلار دېمىگەن، ئۆسۈملۈك، مەدەن ۋە ھايۋانات دورىلار توغرىسىدىكى يېڭى زامان ئالىملىرىنىڭ سۆزلىرىنى قاتتىم ۋە شۇلارنىڭ ھەربىرىدە سۆزنى دېگۈچىسىگە نىسبەت بەردىم ھەم توغرا دەپ قارىغىنىمنى دەپ ئۆتتۈم».
ئىبنى بەيتار كىتابىدا يەككە دورىلارنى ئېلىپبە تەرتىپى بويىچە تىزغان بولۇپ، دورىلارنىڭ ئىسىملىرىنى قوللىنىلىۋاتقان تىللار بىلەن بايان قىلغان. بېلگىيەلىك تارىخچى ۋە دورىگەر گېئورگې سارتون بۇ كىتاب ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «ئىبنى بەيتار ئەسەرى («ئەلجامىئۇ فىلئەدەۋىييەتىل مۇفرەدە») نى قولاي ئىزدىگىلى بولسۇن ئۈچۈن ئېلىپبە ھەرپلىرى تەرتىپى بىلەن رەتلەپ چىققان ۋە دورىلارنىڭ ئىسىملىرىنى ھەرخىل تىللاردا كەلتۈرگەن. ياۋروپا ئالىملىرى بۇ ئەسەرگە ياۋروپا گۈللىنىش دەۋرىگە قەدەر تايانغان».
شۇنداقلا ئىبنى بەيتار يەنە دورىلارنىڭ ئۆسىدىغان جايلىرىنى، ئۈنۈملىرىنى ۋە ئېلىپ بېرىلغان تەجرىبىلىرىنى يازغان. كىتابىدا يەنە دورىلارنىڭ پۈتۈن چۈشەندۈرۈشلىرى، ئۆسۈملۈكلەرنى ساقلاش ۋە بۇنىڭ ئۆسۈملۈكلەردىكى ئاكتىپ ماددىلارغا ۋە ئوزۇقلۇق تەركىبلەرگە بولغان تەسىرىگە ئائىت كۆز قاراشلىرىنى پۈتكەن.
ئىبنى بەيتارنىڭ كىتابى نۇرغۇن ساندىكى دورىلارنىڭ تەپىسىلىي چۈشەندۈرۈشلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئۇنىڭدىكى دورىلارنىڭ سانى ئۆسۈملۈك، ھايۋانات ۋە مەدەن تۈرلۈك 1400 خىل دورىغا يېتىدۇ. ئۇلاردىن 300ى ئۇنىڭ خاس ئىجادىيىتى بىلەن بارلىققا كەلگەن يېڭى دورىلاردۇر. ئۇ 150 دىن كۆپرەك ئەسەرگە تايانغان بولۇپ، ئۇلاردىن يىگىرمىسى گىرېكچە ئەسەرلەردۇر. ئۇ بۇ دورىلارنىڭ ھەننىۋاسىنىڭ تېببىي خۇسۇسىيەتلىرى ۋە ئۈنۈملىرىنى، دورا سۈپىتىدە ياكى ئوزۇقلۇق سۈپىتىدە قانداق ئېستىمال قىلىشنى بايان قىلغان.
ئۇنىڭ «ئەلجامىئۇ فىلئەدەۋىييەتىل مۇفرەدە / الجامع في الأدوية المفردة» دېگەن بۇ كىتابى نەچچە تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ، تا كېيىنكى دەۋرلەرگىچە ياۋروپا ئۇنېۋىرسىتېتلىرىنىڭ كۆپىنچىسىدە دەرسلىك قىلىنغان ئىدى. بىر نەچچە تىلدا كۆپ قېتىم بېسىلغان بولۇپ، 1874 – يىلى مىسىردا ئەرەبچە تۆت قىسىم قىلىنىپ بېسىلغان. بۇ كىتابنىڭ خېلى جىق قوليازمىلىرى بار بولۇپ، دۇنيادىكى بىرقانچە كىتابخانا ۋە مۇزېيلارغا تارالغان.
ئىبنى بەيتارنىڭ ئىلمىي ئىجادىيەتلىرىدىن سانىلىدىغان يەنە بىر كىتابى بار بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ «ئەلمۇغنىي فىلئەدەۋىييەتىل مۇفرەدە / المغني فى الأدوية المفردة» ناملىق كىتابىدۇر. ئۇ بۇ كىتابىنى 20 بۆلەككە بۆلگەن بولۇپ، تېۋىپ بولغان كىشى بىھاجەت بولالمايدىغان دورىلارنىڭ تەتقىقاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. بەدەندىكى ھەربىر ئەزاغا ماس كېلىدىغان دورىلار ئاددىي شەكىلدە تېۋىپلارغا، تېۋىپلىق ئۆگەنگۈچىلەرگە پايدىلىق ۋە ئىخچام تەرىقىدە رەتلەنگەن.
ئىبنى بەيتارنىڭ ئىلمىي ئۇسلۇبى تەنقىدچىلىك ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولغان بولۇپ، ئۇ بۇنىڭدا ئوبيېكتىپلىقنى ۋە ئىلمىي ئادىللىقنى چىڭ تۇتقان. بۇ تەرىپى ئۇنىڭ ئۆزىدىن ئىلگىرىكى ئالىملار، تېۋىپلار ۋە دورىپۇرۇشلارنىڭ قاراشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشىدىن ئايدىڭلىشىدۇ. ئىبنى بەيتار ئۇلارنى بىرقانچە ئىشتا تەنقىد قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ تەنقىدى ئىجابىي بولغانىدى. ئۇ توغرا يولدىن ۋە ئالىملارنىڭ ساغلام مېتودىدىن چەتنىگەنلىكى ئېنىق بولغان ياكى ئۆزى تايانغان ئىلمىي ئۆلچەملەرگە چۈشمىگەن قاراشلارنى رەت قىلاتتى. ئۇ رەت قىلىپلا كۇپايىلەنمەستىن، بەلكى شۇ قاراش ئىگىلىرىگە ھەقىقەتكە قارا چاپلىغانلىقى ئۈچۈن قاتتىق تەنقىد ياغدۇراتتى.
ئۇنىڭ تەنقىدچىلىكىنىڭ ئەڭ چوڭ دەلىلى «ئەلئىبانە ۋەلئىئلام بىما فىلمىنھاج مىنەلخەلەل ۋەلئەۋھام / الإبانة والإعلام بما في المنهاج من الخلل والأوهام» ناملىق كىتابىدۇر. ئىبنى بەيتار ئۇنىڭدا ئىبنى جەزلە (ۋاپاتى ھ. 493، م. 1100) نىڭ دورا، ئوزۇقلۇق ۋە ئىچىملىكلەر ھەققىدە يازغان كىتابى «مىنھاجۇلبايان فىيما يەستەئمىلۇھۇل ئىنسان / منهاج البيان فيما يستعمله الإنسان» نى تەنقىدلىگەن بولۇپ، ئىبنى جەزلەنىڭ خاتالىقلىرىنى ۋە دورىلارنىڭ ئىسىملىرىدىكى غەلەتلىرىنى ئەسكەرتكەن. ئۇ مۇقەددىمەسىدە مۇنداق دەيدۇ: «مەقسەتكە كەلسەك، بەزى ياخشى نىيەتلىك كىشىلەر مەندىن ئوت – چۆپ ۋە يەككە دورىلار ھەققىدە يېزىلغان بىر كىتابنى قولۇمغا ئېلىپ ئۇنىڭدا دېيىلگەن دورىلارنى تەكشۈرۈپ كۆرۈشۈمنى، ئۇنىڭدا يۈز بەرگەن ئارىلاشتۇرىۋېتىش ۋە خاتالىقلارنى ئېنىقلىشىمنى، دورا ئىسىملىرى ۋە پايدىلىرىدا بولۇپ قالغان ناتوغرىلىقلارنى ئۇقتۇرۇشۇمنى تەلەپ قىلدى. نەتىجىدە، مەن بۇ مەقسەتتە توغرا جەزمىيەتكە، ماددىي تەجرىبە ۋە مۇئەييەنلەشكەن ئىلىمغا تايانغان ھالدا بىر ماقالىنى يېزىپ چىقتىم».
ئۇنىڭ يەنە بۇ توغرىدا «شەرھۇ ئەدۋىييە كىتاب دىيسكورىيدىس / شرح أدوية كتاب ديسقوريدس» دەپ بىر كىتابى بار. بۇ كىتاب ئەرەبچە، سىريانچە، گىرېكچە ۋە بەربەرچە بىر قامۇستىن ئىبارەتتۇر. ئىبنى بەيتار ئۇنىڭدا ئۆسۈملۈك ۋە ھايۋانات تۈرىدىكى دورىلارنى شەرھىلىگەن. ھەم يەنە ئۇنىڭ «ئەلئەفئالۇل غەربىييە ۋەلخەۋاسسۇل ئەجەبىييە / الأفعال الغريبة والخواص العجيبة»، («مىيزانۇت تەبىيب / ميزان الطبيب»، «ئەلئەقرابازىين / الأقرباذين»، «رىسالە فى تەداۋىس سۇمۇم / رسالة في تداوي السموم») دەپ كىتابلىرى بار.
(ئۇنىڭ ئۇتۇقلىرىدىن بىرى، ئۇ راكنى داۋالايدىغان مۇھىم ئۆسۈملۈك دورىلارنىڭ بىرىنى بايقاپ چىققان بولۇپ، ئۇ دورا بولسىمۇ سۇلۇ (dandeliyon) ئۆسۈملۈكىدۇر.)
غەرب ئالىملىرىنىڭ ئۇ توغرىسىدىكى قاراشلىرى
نۇرغۇنلىغان غەرب ئالىملىرى ئىبنى بەيتارنىڭ ئىلمىي تالانتىغا گۇۋاھلىق بەرگەن بولۇپ، گېرمانىيەلىك شەرقشۇناس سىگرىد ھۇنكە مۇنداق دەيدۇ: «ئىبنى بەيتار ئۆسۈملۈك ئىلمىدا ئەرەبلەرنىڭ ئەڭ كاتتا تالانت ئىگىلىرىدىندۇر. ئۇنىڭ ‹ئەلجامىئۇ / الجامع› دېگەن كىتابى ئۆز دەۋرىنىڭ بارلىق ئىلىملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئويغاق بىر ئىلمىي ئەقىلدىن ئېتىلىپ چىققان قالتىس سوۋغىدۇر. چۈنكى، ئاپتور ئىلگىرىكىلىرىدىن ئېرىشكەن 150 مەنبەنى ئىنچىكە تەتقىق قىلىش ۋە ئىلغاش بىلەنلا كۇپايىلەنمەستىن، بەلكى تېببىي ئۆسۈملۈكلەرنى ئىزدەش ئۈچۈن ئالەمنى كېزىپ چىققان، ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ جەزم قىلغان ۋە تەجرىبىلەرنى يۈرگۈزگەن. ئاخىرىدا، ئۇ كىتابىدا سۆزلەنگەن 1400 خىل دورىدىن 300 خىل دورىنى كەشپ قىلىپ چىققان، شۇنداقلا دورىلارنىڭ ئىسىملىرى، ئىشلىتىش ئۇسۇللىرى ۋە ئۇ دورىلارنىڭ ئورنىنى باسالايدىغان باشقا نەرسىلەرنى تىلغا ئالغان. بۇلارنىڭ ھەممىسى بىزگە بۇ تالانتلىق كىشىنىڭ كاللىسىنىڭ قانچىلىك ئىشلەيدىغانلىقىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدىغان پاكىتلاردىن ئىبارەتتۇر».
شۇنىڭدەك، شەرقشۇناس ماكس مېيېرھۇف ئۇنى سۈپەتلەپ: «ئۇ ھەقىقەتەن ئۆسۈملۈك ئىلمىدا نامى خاتىرىلەنگەن ئەڭ بۈيۈك ئەرەب يازغۇچىدۇر» دېگەن. گېئورگې سارتون ئۇنىڭ «ئەلجامىئۇ فىلئەدەۋىييەتىل مۇفرەدە / الجامع في الأدوية المفردة» ناملىق كىتابىنىڭ قىممىتىنى ئېتىراپ قىلىپ: «ئوتتۇرا ئەسىردە مۇشۇ ماۋزۇدا يېزىلغان ئەڭ ياخشى كىتابتۇر، بەلكى دىئوسكورىدېسدىن تارتىپ 16 – ئەسىرنىڭ يېرىمىغۇچە بولغان ئارىلىقتىكى ئۆز تۈرىنىڭ ئەڭ كاتتا مەھسۇلىدۇر» دېگەن.
ۋاپاتى
ئىبنى بەيتار (ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!) ھ. 646 (م. 1248) – يىلى دەمەشقتە ۋاپات بولغان. ئۇنىڭ قالدۇرغان ئىزلىرى ئۇنىڭ نادىر ئىلمىي تالانتىنىڭ شاھىدى سۈپىتىدە، تا بۈگۈنگىچە داۋاملىشىپ كەلمەكتە.
مەنبە: https://islamstory.com (ابن البيطار.. عبقرية علمية نادرة)
تەرجىمىدە: مۇھەممەد قاۋۇل قاراخانىي