(ھىجرىيە ؟ – 198 مىلادىيە ؟ – 813)
سۆزىمىز ئېرىق – ئۆستەڭلارمۇ تېنەپ قالىدىغان جىلغىلار بىلەن قارلىق چوققىلار ئارىسىدا پىنھان قالغان، شەرقتىكى لىۋان ئېگىزلىكىدىن ئەمەس، بەلكى غەربتىكى ئەندەلۇس چوققىلىرىدىن ئوتتۇرا دېڭىزغا نەزەر تاشلاپ تۇرغان، خىلۋەت بىر تاغلىق كەنتتىكى تاغنىڭ قورام تاشلىرى ئۈستىدە كائىناتنىڭ گۈزەللىكىنى تاماشا قىلىش ۋە ھۇزۇرلىنىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى قوشنىسىنىڭ ئۆز يېرىگە تاجاۋۇز قىلغانلىقىنى قازىغا ئەرز قىلىش ئۈچۈن، نامىنى ئاڭلىغان بولسىمۇ ئەمما كۆرۈپ باقمىغان كاتتا شەھەرگە، خەلىپىلىك يۇرتىغا، زېمىننىڭ پايتەختى بولمىش قۇرتۇبەگە قانداق بېرىشنى ئويلاپ ئولتۇرغان بىر ئادەمدىن باشلىنىدۇ.
ئۇ ئۆزىگە يول كۆرسىتىدىغان ۋە بۇ سەپەردە ئۆزىگە ھەمراھ بولىدىغان بىر كىشىنى ئۇچرىتىپ قېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە قۇرتۇبە شەھەر دەرۋازىسى ئالدىغا يېتىپ كەلدى. ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا مەسجىدنىڭ پېشايۋانلىرى، گۈمبەزلىرى نامايان بولۇپ، ساراي قوۋۇقلىرى كۆرۈندى. بۇ ھەشەمەتنى، بۇ كاتتىلىقنى كۆرۈپ، ھەيرانلىقىغا ھەيرانلىق قوشۇلۇپ، قايان مېڭىشنى ئۇقالماي قالدى. ئەتراپتىكى كىشىلەر ئۇنىڭ ھەيرانلىقىنى كۆرۈپ، خالىسانە يول كۆرسىتىپ قويۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى ۋە ئۇنى شەھەر رەستىلىرىگە باشلاپ باردى. ئۇ ئۇلاردىن مەھكىمىنى كۆرسىتىپ قويۇشنى تەلەپ قىلدى ۋە مەھكىمىگە كىرگەندىن كېيىن: «قازى نەدە؟» دەپ سورىۋىدى، ئۇلار ئۇنى قازىنىڭ ئالدىغا ئەكىرىپ قويدى. ئۇ ئۇزۇن چېچىنى ئوتتۇرىدىن ئايرىۋالغان، ئۈستىگە قىزىل رەڭلىك كۆينەك كىيىۋالغان، ئىككى كۆزىدىن سۈرمىنىڭ، ئىككى قولىدىن خېنىنىڭ ئىزلىرى كۆرۈنۈپ تۇرغان، پۇتىغا ياغاچ كەش كىيىۋالغان بالىلارچە قىياپەتتىكى بىر ياشنى كۆرۈپ، تۇرۇپ قالدى. قايتىپ چىقىپ، ئۇلارغا:
– ماڭا قازىنى كۆرسىتىپ قويۇڭلار، – دېدى.
– مانا مۇشۇ قازى، – دېدى ئۇلار قازىغا ئىما قىلىپ. ئۇ غەزەپ بىلەن:
– مېنى ياقا يۇرتلۇق كۆرۈپ زاڭلىق قىلىۋاتامسىلەر؟ مەن سىلەردىن قازىنى سوراۋاتسام، سىلەر ماڭا بىر شاللاق رەققاس (ئۇسسۇلچى) نى كۆرسىتىۋاتىسىلەرغۇ! – دېدى – دە، ئۇلارنى تاشلاپ مەسجىدكە _ ئىسلام مەسجىدلىرىنىڭ ئەڭ كەڭرىسى بولغان قۇرتۇبە مەسجىدىگە باردى. گەرچە ئەندەلۇس خاراب بولغاندىن كېيىن ئۇ مەسجىدمۇ تەڭ خاراب بولغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئىزنالىرى تا بۈگۈنگىچە كۆرگەن ئادەملەرنى ھاڭ – تاڭ قالدۇرۇپ كەلمەكتە. ئۇ دەۋر ئىسلامنىڭ ئەندەلۇستىكى ئەڭ ئېسىل دەۋرى ئىدى، ھەكەم ئىبنى ھىشام ھۆكۈم سۈرۈۋاتاتتى. قۇرتۇبە مەسجىدىنىڭ كۆركەم، سەلتەنەتلىك ۋە ئىلىم – ئىبادەت بىلەن ئاۋات چاغلىرى ئىدى. ئۇ زامانلاردا جاھاننى تەرەققىي تاپقان ئىككى دۆلەت بۆلۈشۈۋالغان ئىدى: شەرقتە مۇسۇلمان دۆلەت – ئابباسىيلار دۆلىتى، غەربتە مۇسۇلمان دۆلەت – ئۇمەۋىيلەر دۆلىتى. ياۋروپالىقلار بولسا بۇ ئىككى دۆلەتكە نىسبەتەن خۇددى بۈگۈنكى فرانسىيە ۋە بىرىتانىيەگە بېقىنغان ئوتتۇرا ئافرىقا ئەللىرىگە ئوخشىشىپ كېتەتتى.
***
بۈگۈن جۈمە ئىدى. ئۇ نامازنى كۈتكەچ، قاتار كەتكەن تۈۋرۈكلەرنى، رەتلىك ئەگمىلەرنى، نەپىس سەنئەت ۋە شانلىق سەلتەنەتنى كۆرۈپ ئولتۇردى. نامازنىڭ ۋاقتى بولۇپ خۇتبە يېقىنلاشقاندا، مىغ – مىغ ئادەملەرنىڭ ئىمامغا يول ئېچىپ، ئۇنى ھۆرمەت – ئېھتىرام بىلەن قارشى ئېلىۋاتقانلىقىنى كۆردى. ئۇ شۇنداق قارىۋىدى، رەققاس دەپ ئويلىغان ھېلىقى قازىنى كۆردى. قازى ئۇ بايا كۆرگەن بالىلارچە قىياپەتتە كېلىپ، مۇنبەرگە چىقىپ، پايدىلىق ئىلىم ۋە تەسىرلىك نەسىھەتكە تولغان، ئەڭ قالتىس، ئەڭ پاساھەتلىك، ئەڭ ئۆتكۈر بىر خۇتبىنى سۆزلىدى. ئاندىن كشىلەرگە ئىمام بولۇپ، چىن قەلبىدىن چۈشىنىپ ئوقۇۋاتقاندەك قىرائەت قىلدى. نەتىجىدە، قازى ئۆزىنىڭ خۇتبىسى ۋە قىرائىتى بىلەن ئۇنىڭغا يوغان سەللىلىك، كەڭ تونلۇق ۋە ئۇزۇن ساقاللىق خەتىب – ئىماملار بېرەلمىگەن تەسىرنى بەردى.
ناماز تۈگىگەندىن كېيىن، ئۇ يېنىدىكى بىرىگە قاراپ، ئىككىلىنىپ ۋە تارتىنىپ تۇرۇپ:
– ناخشىچىلاردەك كىيىم كىيىۋېلىپ، زاھىتلاردەك گەپ قىلىدىغان بۇ ئادەم كىم؟ – دەپ سورىدى. كىشىلەر ئۇنىڭ ھەيرانلىقىدىن ھەيران قېلىپ سورىدى:
– ئۇنى تونۇمامسەن؟
– ياق، مەن بۇ يۇرتلۇق ئەمەس.
– بۇ كىشى ئەندەلۇسنىڭ باش قازىسى، شەيخۇلئىسلام، ئەندەلۇستىكى ئەڭ چوڭ مەسجىدنىڭ خەتىبى مۇھەممەد ئىبنى بەشىر بولىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بۇ كىشىنىڭ پەزىلەتلىرى ۋە ھېكايىسىنى سۆزلەپ بېرىشكە باشلىدى.
***
ئۇلار ئۇنىڭغا سۆزلەپ بەرگەن بۇ قازىنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى شۇكى، بىر كۈنى (ئەندەلۇس پادىشاھى) ھەكەمنىڭ تاغىسى قازىغا بىر پۇقرانىڭ ئۈستىدىن دەۋا سۇنۇپتۇ. دەۋاگەر ئۆزىنىڭ قازىدىمۇ بولمىغان يۇقىرى ئورنى ۋە پادىشاھ بىلەن يېقىن مۇناسىۋىتى بارلىقىنى ئويلاپ تۇرغان ئىكەن، توساتتىن قازى ئۇنىڭغا:
– دەۋالىشىدىغان ئادىمىڭنىڭ ئۇدۇلىدا تۇر، مەن سوئال سورىمىغۇچە گەپ قىلما، – دەپتۇ. دەۋاگەر دەۋاسىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن، جاۋابكارغا:
– سەن نېمە دەيسەن؟ – دەپتۇ. جاۋابكار:
– ئۇنىڭ مەندە ھېچبىر ھەققى يوق، ئاللاھ قازىنى ئىسلاھ قىلىپ بەرگەي! – دەپتۇ. قازى دەۋاگەرگە:
– پاكىتىڭنى كەلتۈر، – دەپتۇ.
– دېگەنلىرىم يەتمەمدۇ؟ – دەپتۇ دەۋاگەر قازىغا.
– ئەگەر يەتسە ئىدى، سەندىن پاكىت تەلەپ قىلمايتتىم. پاكىت! – دەپتۇ قازى. دەۋاگەر:
– ئازراق مۆھلەت بەرسىلە، – دەپ، ئەندەلۇسنىڭ ھۆكۈمدارى بولغان جىيەنى ھەكەم ئىبنى ھىشام ئىبنى ئابدۇررەھمان داخىل ئۇمەۋىينىڭ قېشىغا بېرىپتۇ ۋە ئۇنىڭغا دەپتۇ:
– مېنىڭ پالانچىدا مۇنداق ھەققىم بارلىقىنى بىلىسەنغۇ؟
– ھەئە، بىلىمەن.
– مەن ئۈچۈن گۇۋاھلىق بەرگەن بولساڭ.
– قازىنى سەنمۇ بىلىسەن. ئۇنىڭ مېنىڭ گۇۋاھلىقىمنى قوبۇل قىلماسلىقىدىن ئەنسىرەيمەن.
– قازىلىققا ئۇنى سەن بەلگىلىگەن تۇرساڭ، قانداقمۇ ئۇنداق قىلالىسۇن؟!
– يەنە دېسەم يەنە شۇ، ئۇنىڭ مېنىڭ گۇۋاھلىقىمنى قوبۇل قىلماسلىقىدىن ئەنسىرەيمەن، – دەپتۇ ھەكەم. تاغىسى:
– ئۇنداقتا، ماڭا كىم گۇۋاھلىق بېرىدۇ؟ – دېگەندىن كېيىن، پادىشاھ ئىككى فەقىھ كىشىنى چاقىرتىپ، ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئۆزىنىڭ گۇۋاھلىقىنى يېزىپتۇ ۋە گۇۋاھلىقىغا ئىككىسىنى شاھىت قىلىپ:
– بۇنى قازىغا ئاپارغىن، ئەمما مەن ئۇنىڭ قوبۇل قىلماسلىقىدىن ئەنسىرەيمەن، – دەپتۇ.
سوت كۈنى كېلىپ، قازى ئۇنىڭغا:
– پاكىتىڭنى كەلتۈر، – دېگەن ئىكەن، ئۇ قازىغا پادىشاھنىڭ گۇۋاھلىقىنى كۆرسىتىپتۇ. قازى:
– مەن ئۇنىڭ گۇۋاھلىقىنى قوبۇل قىلمايمەن، – دەپتۇ. پادىشاھنىڭ تاغىسى ئاچچىقتىن يېرىلاي دەپ قاپتۇ ۋە جىيەنىنىڭ قېشىغا بېرىپ:
– سەن بۇ ئەلنىڭ پادىشاھىدۇرسەن، قازى سېنىڭ گۇۋاھلىقىڭنى رەت قىلدى. سېنىڭ نە ھۆرمىتىڭ، نە سۇلتانلىقىڭ قالدى؟ – دەپتۇ. ھەكەم كۈلۈپ كېتىپ:
– ئەي تاغا! مەن ساڭا دېمىدىممۇ؟! قازى سالىھ ئادەم، ئاللاھ يولىدا ھېچبىر مالامەتچىنىڭ مالامىتىدىن قورقمايدۇ، نېمە قىلىش كېرەك بولسا شۇنى قىلىدۇ. ئاللاھ ئۇنى مۇكاپاتلىغاي! – دەپتۇ. تاغىسى:
– ئۇنى ئەمىلىدىن قالدۇر، – دەپتۇ، ھەكەم:
– ئاللاھ ساقلىسۇن! مەن ئۇنىڭدەك بىرىنى ئەمىلىدىن قالدۇرسام، مۇسۇلمانلارغا خىيانەت قىلغان بولىمەن. مەن مەسئۇلىيىتىمنى ئادا قىلىپ، سەن ئۈچۈن گۇۋاھلىق بەردىم. گۇۋاھلىقنى قوبۇل قىلىش ياكى رەت قىلىش قازىنىڭ ھوقۇقى، – دەپتۇ.
شۇ ئىشتىن كېيىن قازىدىن: «نېمە ئۈچۈن پادىشاھنىڭ گۇۋاھلىقىنى رەت قىلدىڭ؟» دەپ سورالغانىكەن، قازى سورىغۇچىغا: «ئەي نادان! مەن ئۇنىڭ (پادىشاھنىڭ) ئادىللىقىدا بىرەر نۇقسان بارلىقى ئۈچۈن رەت قىلمىدىم. لېكىن، جاۋابكار بولغان ئادەمدىن گۇۋاھچى ھەققىدە نېمە دەيدىغانلىقى (ئېتىرازى بار – يوقلۇقى) سورىلىشى لازىم، ئەگەر مەن پادىشاھنىڭ گۇۋاھلىقىنى قوبۇل قىلسام، كىممۇ ئۇنىڭ گۇۋاھلىقىغا تىل تەگكۈزەلەيتتى؟» دەپتۇ.
ئەي ئەپەندىلەر! قاراڭلار، پادىشاھلىرىمىز قانداق ئىكەن؟ قازىلىرىمىز قانداق ئىكەن؟
***
ئۇلارنىڭ سۆزلەپ بەرگەنلىرىدىن يەنە بىرى شۇكى، بىر كۈنى بىر پۇقرا قازىغا ئىبنى فۇتەيس دەيدىغان بىر ۋەزىر ئۈستىدىن ئەرز قىپتۇ. ۋەزىرنىڭ ئەندەلۇستا زور كۈچى ۋە نوپۇزى بار ئىكەن. قازى دەۋاگەردىن پاكىتىنى سورىغان ئىكەن، ئۇ گۇۋاھچىلىرىنى كەلتۈرۈپتۇ. قازى ھېلىقى ۋەزىر يوق يەردە گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقىنى ئاڭلاپتۇ ھەمدە ۋەزىرگە گۇۋاھچىلارنى ئېيتماپتۇ ۋە ئۇلارنىڭ كىملىكلىرىنىمۇ بىلدۈرمەپتۇ، ئاندىن ۋەزىرنىڭ زىيىنىغا ھۆكۈم قىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ۋەزىر (ئەندەلۇس پادىشاھى) ھەكەمگە شىكايەت قىپتۇ. قازى ھازىر بوپتۇ. ھاكىم قازىغا سوئال تەرىقىسىدە ئىما قىلغانىكەن، قازى مۇنداق دەپتۇ: ئىبنى فۇتەيس ئۆزىگە زىيانلىق گۇۋاھلىق بەرگەنلەرنى بىلسە بولىدىغان ئادەملەردىن ئەمەس. چۈنكى، ئۇ گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقىنى قارىلاشقا چارە تاپالمىسا، ئۇلارنىڭ جان – ماللىرىغا زىيان يەتكۈزۈش ۋە ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن ھوقۇقىنى ئىشلىتىشتىن يانمايدۇ. شۇنداق بولۇپ قالسا، كىشىلەر گۇۋاھلىق بېرىشنى رەت قىلىپ، كىشىلەرنىڭ ماللىرى نابۇت بولۇپ كېتىدۇ.
ئەپەندىلەر، بۇ پىرىنسىپ دەۋرىمىزدىكى ئىسپات قانۇنىغا تېخى يېڭىدىن كىرگۈزۈلدى. ئۇنى تۈزگەنلەر ئۆزلىرىنى ئىسلام فىقھىسىدا يوق يېڭى بىر نەرسىنى ئوتتۇرىغا قويغاندەك ئويلاپ قالدى. ئەمەلىيەتتە، ئۇنى مانا بۇ ئىسلام قازىسى مۇھەممەد ئىبنى بەشىر بۇندىن 1200 يىل بۇرۇن يەنى ھىجرىيە ئىككىنچى ئەسىردە بېكىتىپ بولغان.
(باشتىكى سۆزىمىزگە قايتساق) ھېلىقى يىراق يېزىدىن كەلگەن سەھرالىق ئادەم سوراپتۇ:
– قازى نېمىشقا بۇنداق قىياپەتتە يۈرىدۇ؟ _ ئۇلار ئېيتىپتۇ:
– ئۇنىڭ ئۆزىدىن نېمە ئۈچۈنلۈكى سورالغان ئىكەن، ئۇ دەپتۇكى، «مالىك ئىبنى ئەنەس ماڭا مۇنداق ھەدىس سۆزلەپ بەرگەن: ›مۇھەممەد ئىبنى مۇنكەدىر (ئۇ قارىيلارنىڭ سەردارى ئىدى) نىڭ ئۇزۇن چېچى بار ئىدى، مەدىنە فەقىھى ھىشام ئىبنى ئۇرۋە قىزىل رەڭلىك كىيىم كىيەتتى، مۇھەممەد ئىبنى قاسىم شايى كىيىم([1]) كىيەتتى‹»([2]).
سەھرالىق ئادەم بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، قازىنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا دەۋاسىنى سۇنۇپتۇ ھەم قازىدىكى تەسۋىرلەپ بەرگۈسىز ئادالەت، پاكلىق ۋە كەسكىنلىكنى كۆرۈپ، خۇداگۇي، ئىبادەتكار ئالىمنىڭمۇ گاھىدا ئۇسسۇلچى ياكى ناخشىچىنىڭ سىياقىدا بولۇپ قالىدىغانلىقىنى، ئالدامچى ھىيلىگەر دەججالنىڭمۇ گاھىدا خۇداگۇي، ئىبادەتكار ئالىمنىڭ سىياقىدا بولۇپ قالىدىغانلىقىنى، شەكىل ۋە كۆرۈنۈشنىڭ ئەمەس، بەلكى نىيەت ۋە ئەمەلنىڭ ھېسابقا ئېلىنىدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ نەزىرىنىڭ تار، تەپەككۇرىنىڭ چەكلىك ئىكەنلىكىنى، تاشقى قىياپەتكە ئېسىلىۋېلىپ، ئۇنىڭ ئارقىسىدىكى مۇئامىلە ۋە ئىش – ھەرىكەتنى دەڭسەپ كۆرمىگەنلىكىنى چۈشىنىپ يېتىپتۇ.
مەنبە: شەيخ ئەلى تەنتاۋىينىڭ «رجال من التاريخ» ناملىق كىتابى.
تەرجىمىدە: قاراخانىي
([1]) يۇڭ ئارىلاش يىپەك مەقسەت.
([2]) كىيىم – كىچەكنىڭ ھۆكمى ئۆرپ – ئادەتكە باقىدۇ. ئەندەلۇس ئەھلى قازىنىڭ نوپۇزى ۋە دىيانىتى ئۈچۈن بۇنداق كىيىنىشىنى يامان كۆرمىگەن. ئەمما ئادىمىيلىككە دەخلى يەتكۈزۈپ، كىشنىڭ ھەيۋىتىنى يوق قىلىدۇ، دەپ قارىلىدىغان يۇرتتا قازى بولغان كىشىنىڭ ئۇنداق كىيىنىشى توغرا ئەمەس.