نېمە ئۈچۈن ئىككى ئادەم بىر سورۇندا مۇنازىرىلەشسە ئۇلارنىڭ مۇنازىرىسى جېدەل – ماجىرا بىلەن ئاياغلىشىدۇ، باشقا ئىككى ئادەم مۇنازىرىلەشسە ئۇلارنىڭ مۇنازىرىسى خۇشاللىق ۋە رازىلىق بىلەن ئاياغلىشىدۇ؟ چۈنكى بۇ مۇنازىرىلىشىش ماھارىتىدۇر.
نېمە ئۈچۈن ئىككى ئادەم ئوخشاش خۇتبىنى ئوخشاش سۆزلەر بىلەن سۆزلىسىمۇ، ئۇلارنىڭ بىرسىنىڭ خۇتبىسىنى ئاڭلاۋاتقانلارنىڭ ئەسنەش بىلەن ئۇخلاش ئارىسىدا تۇرىدىغانلىقىنى، مەسجىدنىڭ جەينامازلىرىنى ئوينايدىغانلىقىنى ياكى ئولتۇرۇش ھالىتىنى نەچچە قېتىملاپ ئۆزگەرتىدىغانلىقىنى، ئەمما يەنە بىرسىنىڭ خۇتبىسىنى ئاڭلاۋاتقانلارنىڭ بولسا كۆزلىرىنى مىتمۇ قىلماي ياكى دىققىتىنىمۇ چاچماي قىزىقىپ، تەسىرلىنىپ تۇرۇپ ئاڭلاۋاتقانلىقىنى كۆرىسەن؟ چۈنكى بۇ خۇتبە سۆزلەش ماھارىتىدۇر.
نېمە ئۈچۈن بىر ئادەم سورۇندا سۆزلىسە سورۇندىكىلەر ئۇنىڭغا قۇلاق سېلىپ ئاڭلاپ، تىكىلىپ ئولتۇرىدۇ، ئەمما يەنە بىرى سۆزلىسە سورۇندىكىلەر باشقا گەپلەر بىلەن ياكى تېلېفونلىرىدىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇش بىلەن مەشغۇل بولىدۇ؟ چۈنكى بۇ سۆزلەش ماھارىتىدۇر.
نېمە ئۈچۈن بىر ئوقۇتقۇچى مەكتىپىنىڭ كارىدورىدا ماڭسا، ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئوقۇغۇچىلار ئولىشىۋېلىپ، بىرى ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشسە، يەنە بىرى ئۇنىڭدىن مەسلىھەت سورايدىغانلىقىنى، ئۈچىنچى بىرىنىڭ بىرەر مەسىلىسىنى ئېيتىدىغانلىقىنى، مۇبادا ئىشخانىسىدا ئولتۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارغا كىرىشكە رۇخسەت قىلسا بىردەمدىلا ئىشخانىسىنىڭ توشۇپ كېتىدىغانلىقىنى، ھەممە ئوقۇغۇچىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئولتۇرۇشنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى، ئەمما يەنە بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ مەكتىپىدە يالغۇز ماڭىدىغانلىقىنى، مەكتىپىنىڭ مەسجىدىدىن يالغۇز چىقىدىغانلىقىنى، ھېچقانداق ئوقۇغۇچىنىڭ ئۇنىڭغا خۇشاللىق بىلەن يىقىنلىشىپ كۆرۈشمەيدىغانلىقىنى ياكى دەرتلىرىنى تۆكۈپ مەسلىھەت سورىمايدىغانلىقىنى، مۇبادا ئىشخانىسىنى كۈن چىققاندىن تارتىپ كۈن پاتقىچە، كېچە – كۈندۈز ئاچسىمۇ، يەنىلا ئوقۇغۇچىلاردىن ھېچكىمنىڭ ئۇنىڭغا يېقىنلاشمايدىغانلىقىنى ياكى ئۇنىڭ بىلەن ئولتۇرۇشقا قىزىقمايدىغانلىقىنى كۆرىسەن؟ نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى بۇ كىشىلەر بىلەن مۇئامىلە قىلىش ماھارىتىدۇر.
نېمە ئۈچۈن بىر كىشى بىر ئاممىۋى سورۇنغا كىرسە باشقىلار ئۇنى ئوچۇق چىراي قارشى ئالىدۇ ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئۇچراشقانلىقىدىن خۇشال بولىدۇ، ھەممە ئادەم ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ، ئەمما يەنە بىر كىشى كىرسە كىشىلەر ئۇنىڭ بىلەن ئادەت ياكى ئەدەب يۈزىسىدىن سوغۇق بىر شەكىلدىلا كۆرۈشۈپ قويىدۇ، ئۇ ئولتۇرىدىغان بىرەر ئورۇن ئىزدەپ ئۇياق – بۇياققا قارايدۇ، ھېچكىم ئۇنىڭغا ئورۇن بوشىتىپ بەرمەيدۇ ياكى يېنىدا ئولتۇرۇشقا چاقىرمايدۇ؟ نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى بۇ قەلبلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە كىشىلەرگە تەسىر كۆرسىتىش ماھارىتىدۇر.
بىر دادا ئۆيىگە كىرسە بالىلىرىنىڭ چىرايى ئېچىلىپ، ئۇنىڭ يېنىغا خۇشال بولۇپ كېلىدۇ، ئەمما ئىككىنچى بىر دادا بالىلىرىنىڭ يېنىغا كىرسە بالىلىرى ئۇنىڭغا پەرۋامۇ قىلمايدۇ؟ چۈنكى بۇ بالىلار بىلەن مۇئامىلە قىلىش ماھارىتىدۇر.
مەسجىدلەردىكى، توي – تۆكۈنلەردىكى ۋە باشقا يەرلەردىكى ئەھۋاللارمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بولىدۇ.
كىشىلەرنىڭ باشقىلار بىلەن مۇئامىلە قىلىش ئىقتىدارى ۋە ماھارىتى پەرقلىق بولىدۇ، باشقىلارنىڭ مۇئامىلە قىلىش ئۇسۇلىمۇ ھەم شۇنداق. كىشىلەرگە تەسىر كۆرسىتىش ۋە ئۇلارنىڭ ياخشى كۆرۈشىنى قولغا كەلتۈرۈش تەسەۋۋۇر قىلغىنىڭدىنمۇ ئاساندۇر. مەن مۇبالىغە قىلمايۋاتىمەن. چۈنكى، مەن بۇنى نەچچە قېتىملاپ تەجرىبە قىلىپ، شۇنى بايقىدىمكى، كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ قەلبلىرىنى ئاددىي ئۇسۇل ۋە ماھارەتلەر بىلەن ئوۋلىغىلى بولىدىكەن. بۇنىڭ ئۈچۈن شۇ ئۇسۇل ۋە ماھارەتلەرنى ئەمەلىيەتتە قوللىنىپ، مەشىق قىلىپ، پۇختا قىلالايدىغان بولۇش كېرەككەن. گەرچە بىز ھېس قىلمىساقمۇ، كىشىلەر بىزنىڭ مۇئامىلە قىلىش ئۇسۇلىمىزنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىكەن.
مەن ئون ئۈچ يىلدىن بۇيان ھەربىي فاكۇلتېتنىڭ مەسجىدىدە ئىمامەتچىلىك ۋە خەتىبلىك قىلىۋاتىمەن… مەسجىدكە بېرىش يولۇم بىر دەرۋازىدىن ئۆتىدۇ، ئۇنى ئېچىش ۋە يېپىش ئىشلىرىغا مەسئۇل بىر ئامانلىق ساقلىغۇچى بار. مەن ئۇنىڭ يېنىدىن ئۆتكىنىمدە ئۇنىڭغا كۈلۈمسىرەپ، قولۇم بىلەن ئىشارەت قىلىپ سالام بېرىشكە ئەھمىيەت بېرەتتىم. نامازدىن كېيىن ئۆيگە قايتىش ئۈچۈن ماشىنامغا چىقاتتىم. كۆپىنچە چاغلاردا تېلېفونۇم ناماز ۋاقتىدا كەلگەن تېلېفون ۋە ئۇچۇرلار بىلەن توشۇپ كېتەتتى. بىر قېتىم تېلېفوندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇشقا بېرىلىپ كېتىپ، ئۇ ئادەم ئىشىكنى ئاچقان چاغدا، كۆزۈم تېلېفوندا بولۇپ قاپتۇ. ئۇنىڭغا تەبەسسۇم قىلىشقا دىققەت قىلماي ئۇنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىپ قاپتىمەن. بىر كۈنى دەرۋازىدىن چىقىۋاتقان چېغىمدا ئۇ ئادەم مېنى تۇيۇقسىز توختىتىپ:
— ئى شەيخ، سىلى مەندىن خاپا بولۇپ قالدىلىمۇ؟! — دېدى. مەن ئۇنىڭغا:
— نېمىشقا بۇنداق دەيدىلا؟ — دېدىم. ئۇ:
— سىلى كىرگەن چاغدا خۇشال ھالدا تەبەسسۇم قىلىپ، سالام بەردىلە، ئەمما چىققان چاغدا تەبەسسۇممۇ قىلمىدىلا، خۇشالمۇ بولمىدىلا!! — دېدى.
ئۇ ئادەم ئاددىي بىر ئادەم ئىدى. ئۇ بىچارە ماڭا ئۆزىنىڭ مېنى ياخشى كۆرىدىغانلىقى ۋە مېنى كۆرۈش بىلەن خۇشال بولىدىغانلىقىغا قەسەم قىلىشقا باشلىدى. مەن ئۇنىڭغا ئۈزرە ئېيتىپ، مەشغۇل بولۇپ قىلىش سەۋەبىمنى بايان قىلدىم.
كېيىن ھەقىقەتەن شۇنى بايقىدىمكى، بىز بەزى ئىشلارغا ئادەتلىنىپ كېتىشمىز بىلەن ئۇلار بىزنىڭ تەبىئىتىمىزدىن بولۇپ كېتىدىكەن. بىز ئۇلاردىن غەپلەتتە قالساقمۇ، كىشىلەر ئۇنىڭغا دىققەت قىلىدىكەن.
بىر شولا
پۇل – مالنى كىشىلەرنى يوقىتىپ قولغا كەلتۈرمە. چۈنكى كىشىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش پۇل – مالنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ يولىدۇر.
دوكتور مۇھەممەد ئەرىفىينىڭ «استمتع بحياتك» ناملىق كىتابىدىن تەرجىمە قىلىندى.
تەرجىمە قىلغۇچى: پىنھان