دائىما نۇسرەت قازانغۇچى مەنسۇر ئىبنى ئەبۇ ئامىر

(ھىجرىيە 327 – 392 / مىلادىيە 938 – 1002)

 

ئەندەلۇس تارىخى كۆپلىگەن ئىبرەت ۋە ساۋاتلارنى، ئۇزۇندىن-ئۇزۇن قىسسەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقتىن، قۇرۇماس بۇلاق ۋە قاغجىرىماس ۋادى بولۇپ كەلدى. ئەندەلۇستىكى ئىسلام دۆلىتى ئىسلام دۆلەتلىرى ئىچىدە ئەڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن بولۇپ، سەككىز ئەسىر داۋام ئەتكەن. بۇ جەرياندا سانسىزلىغان يىگىتلەر، قەھرىمانلار ۋە قوماندانلار ئوتتۇرىغا چىققان بولۇپ، ئۇلار ئۆز ۋاقتىدا پۈتۈن ئەھلى جاھانغا تونۇلغان، ئىش-ئىزلىرى نەچچە ئەسىر تىللاردا داستان بولۇپ كەلگەن. لېكىن ئەپسۇس ئۇلارنىڭ ئىش-ئىزلىرى ۋە ئىسلام خىزمىتىدىكى مىسلىسىز ئۇتۇقلىرى ھازىرقى مۇسۇلمانلارنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتتى. شۇڭا ھازىرقى مۇسۇلمانلارغا ئۇلارنىڭ تارىخىنى ئەسلىتىش بىزنىڭ ئۈستىمىگە مەجبۇرىيەت بولۇپ چۈشتى.

مەنسۇر كىم؟

تولۇق ئىسمى مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى ئەبۇ ئامىر مەئافىرىي بولۇپ، بوۋىسى (تارىق ئىبنى زىياد بىلەن بىر سەپتە جىھاد قىلغان) ئاۋۋالقى فاتىھلاردىندۇر، ئۇنىڭ بوۋىسى باتۇر قەھرىمانلاردىن ئىدى. ئۇنىڭ جەمەتى دەسلەپتە يېشىل ئارال (Algeciras) دېگەن يەرگە جايلاشقان. ئۇنىڭ جەمەتى ساپ ئەرەبلەردىندۇر. مۇھەممەد مەرىپەتۋەر ۋە دىيانەتلىك ئائىلىدە ئۆسكەن. دادىسى ئابدۇللاھ ئەھلى ئىلىم ۋە ئەھلى تەقۋالاردىن بولۇپ، ھەدىس ۋە شەرىئەت ئالىمى ئىدى. مۇھەممەد دادىسىنىڭ تەسىرىدە كىچىكىدىن ئىلىم ئۆگەنگەن. ئۆسمۈر ھالىتىدە قۇرتۇبەگە يۆتكىلىپ، ئەبۇ ئەلى قالىي، ئىبنى قۇتىيە، ئەبۇ بەكرى ئىبنى مۇئاۋىيە قۇرەشىيدەك قۇرتۇبەنىڭ چوڭ ئالىملىرىدا ئەدەبىيات ۋە شەرىئەت پەنلىرىنى ئوقۇغان. ئۇنىڭ سۈپەتلىرىگە كەلسەك، بەك زېرەك، ئالغا ئىنتىلىشچان، ئىرادىلىك، كۆپ تالانتلىق، مەرد ۋە ئاق كۆڭۈل ئىدى. ئۇنىڭ نەمۇنە قىلىشقا تېگىشلىك ئەڭ ئوبرازلىق ئارتۇقچىلىقى ئۇنىڭ ئېگىزلىكتە بۇلۇتلار بىلەن ئۈسۈشكۈدەك، كەڭلىكتە زېمىننى تولدۇرغۇدەك ئالىي ھىممىتىدۇر. بىرىنچى ئەسىر يىگىتلىرى (ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن!) نى چىقىرىۋەتكەندە، مۇسۇلمانلارنىڭ قوماندانلىرى ۋە ئېسىللىرى ئىچىدە ئۇنىڭدىنمۇ بەكرەك ھىممەتلىك ۋە ئىرادىلىك بىركىمنىڭ بارلىقى بىلىنمىگەن.

ئۇتۇق قازىنىش باسقۇچلىرى

مەنسۇر ئىبنى ئەبۇ ئامىرنىڭ رەھبەرلىك ۋە ھەر خىل مەنسەپلەرگە ئۆرلىشى ھەققىدە ئويلىنىپ باققان ئادەم ئاجايىپ ئىشلارنى كۆرىدۇ. مەنسۇرنىڭ قىران يىگىت چېغىدا قىلغان تۇنجى ئىشى شۇ بولدىكى، ئۇ قۇرتۇبەدىكى ئوقۇشىغا خىراجەت تېپىش ئۈچۈن، خىلاپەت سارىيىنىڭ يېنىغا ئۇمەۋى خەلىپىسىگە سۇنۇلىدىغان ئەرز-شىكايەتلەرنى يېزىپ بېرىدىغان بىر ئىشخانا ئاچتى. بۇ كىچىك ئىش ئۇنى ساراي خىزمەتچىلىرى ۋە مۇھاپىزەتچىلىرى بىلەن ئالاقە ئورنىتىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بەردى. ئۇلار ئۇنىڭ ئىشلىرىنى ساراي تۆرىلىرىگە، بولۇپمۇ ۋەلىئەھد ھىشام ئىبنى مۇئەييەدنىڭ ئانىسى سۈبھى خانىمغا يەتكۈزدى. نەتىجىدە، سۈبھى خانىم ئۇنىڭغا يېزىقچىلىققا ئائىت بىرقانچە ۋەزىپە تاپشۇردى. مانا بۇ ئىش ئۇنىڭ خەلىپە ھەكەم ئىبنى ئابدۇررەھمان بىلەن ئالاقە قىلىشىغا يول ھازىرلىدى. خەلىپە ئۇنىڭ ئەخلاقى، كەسكىن ئىرادىسى ۋە ئىشلارنى بىجانىدىل ئورۇنلايدىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا ۋەلىئەھد ھىشامنىڭ ئىگىلىكلىرىغا نازارەتچىلىق قىلىش ۋەزىپىسىنى، ئاندىن باش خەزىنە، مىراسخانا باشقۇرۇش ۋە ئۇندىن باشقا مۇھىم مەنسەپلەرنى تاپشۇردى. مەنسۇرنىڭ شۇ چاغدىكى يېشى 27 دىن ئاشمايتتى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ «دۆلەتنىڭ يىگىتى» دەپ لەقەملەندى. ئۇ بۇلارغا (بىرىنچىدىن ئاللاھنىڭ ئىنئامى، ئاندىن قالسا) ئۆزىنىڭ يارقىن تالانتلىرى ۋە قابىلىيىتى بىلەن ئېرىشكەن ئىدى.

مەنسۇر دۆلەتتىكى مۇھىم مەنسەپلەرگە ۋە چوڭ ئىشلارغا ئىگە بولۇپ كەلدى. ئۇ ئۈستۈن پەزىلەتلىرى ۋە گۈزەل سۈپەتلىرى بىلەن ھەممە ئادەمنىڭ نەزىرىنى ئۆزىگە تارتاتتى ۋە ئۇلارنىڭ قەلبلىرىنى سۆيۈندۈرەتتى. ئۇ ھاياتىنىڭ بۇ باسقۇچىدا تېخىمۇ چوڭ بىر ئىشنى روياپقا چىقاردى، يەنى ئۆزىنىڭ كۈچلۈك ئىرادىسى ۋە چىۋەرلىكى بىلەن ئۇمەۋى خانىدانىنىڭ بەزى ئەمەلدارلىرىنىڭ ھەمكارلىقىدىكى بىر قىسىم قۇل سەقالىبەلەر تەرىپىدىن پىلانلانغان سۇيىقەستنى ئوڭۇشلۇق بىتچىت قىلدى. ئۇلار يېڭى خەلىپە ھىشام مۇئەييەدنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇنىڭ ئورنىغا تاغىسى مۇغىرەنى قويۇشنى نىشانلىغانىدى. بۇ ئىش ھىجرىيە 366-يىلى بولغان. نەتىجىدە، مەنسۇر بۇ ئارقىلىق خىلاپەت دۆلىتىنى ھەرقانچە كۈچلۈك ۋە مۇستەھكەم ھۆكۈمرانلىقنىمۇ يىقىتىپ تاشلايدىغان ئىچكى توقۇنۇشلارغا چۈشۈپ قېلىشتىن ساقلاپ قالدى.

ئەندەلۇسنىڭ قىران يىگىتى

مەنسۇر ئىبنى ئەبۇ ئامىرنىڭ خىلاپەتنى ئىچكى توقۇنۇش ۋە ئىختىلاپلاردىن قۇتقۇزۇپ قېلىشتىكى قالتىس رولىدىن كېيىن، ئۇنىڭ ئەندەلۇستىكى ئورنى ئۆستى. خەلىپە ئۇنى ئەندەلۇس دۆلىتىنىڭ ۋەزىرى قىلىپ تەيىنلىدى. شۇنىڭ بىلەن، مەنسۇر ئىبنى ئەبۇ ئامىرنىڭ مەسئۇلىيەتلىرى بۇرۇنقىدىن كۆپ يۇقىرىلىدى. بۇ ھال ئۇنى ئەندەلۇسنىڭ ۋەزىيىتى ۋە كېلەچىكى توغرىسىدا بىرئاز ئويلاندۇردى ۋە ئۇنى ئەندەلۇس دۆلىتىگە خىزمەت قىلىشقا ئۈندىدى. ئۇ ئويلىغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا مۇنۇلار ئايان بولدى:

1. يېڭى خەلىپە ھىشامنىڭ خاراكتېرىنىڭ ئاجىزلىقى، ئۇنىڭ بۇ مۇھىم مەنسەپكە سالاھىيىتى توشمايدىغانلىقى. چۈنكى ئۇ تەڭتۇشلىرى بىلەن ئويناپ يۈرىدىغان كىچىك بىر بالا ئىدى.

2. مۇسۇلمانلارنى ئورۇۋالغان خەتەرلەرنىڭ ئارتىشى. بۇ خەتەرلەر شىمال تەرەپتىن يەنى خىرىستىيان ئىسپانىيەدىن كېلەتتى. ئۇلار ئۇلارنىڭ شانۇشەۋكىتىنى يانجىغان كۈچلۈك خەلىپە ئابدۇررەھمان ناسىرنىڭ ئۆلۈمى بىلەن ئەركىن نەپەس ئالغانلىرىدىن كېيىن، ئۇلارنىڭ خەتىرى زورايغانىدى.

3. قەبىلە سانىنىڭ ئاۋۇشى ۋە مەركىزىي دۆلەتتىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولۇشنى تەمە قىلىدىغان ۋالىيلارنىڭ كۆپىيىشى نەتىجىسىدە، ئەندەلۇس ئىسلام دۆلىتىدە ئىچكى بۆلۈنۈشلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى.

4. جەئفەر مۇسھەفىي ۋە ئۇنىڭ ساقچى باشلىقلىقىنى ئۆتەيدىغان ئوغلى مۇھەممەدكە ئوخشاش بەزى ئەمەلدارلار ۋە ۋەزىرلەرنىڭ چىرىكلىشىشى. بۇ ئىككىسىنىڭ دەۋرىدە چىرىكلىك ۋە پاسىقلىق تارىلىپ، ئامانلىق بۇزۇلغان ۋە ئىشلار قالايمىقانلاشقان ئىدى.

5. قۇل سەقالىبەلەرنىڭ نوپۇزىنىڭ كۈچىيىشى. ئۇلار ئەسلىدە خەلىپە ناسىرنىڭ قۇللىرى بولۇپ، خەلىپە ئۇلارنى سېتىۋېلىپ، مۇھاپىزەتچىلىك، قوشۇن ۋە ئەسكەرلىككە ياللىغان. ئۇلار تەرەققىي قىلىپ، ئەنسىرەشكە تېگىشلىك زور بىر كۈچكە ئايلانغان. ئۇلارنىڭ خىلاپەت سارىيى ئىچىدە نوپۇزى ئارتىپ، نەچچە قېتىم خەلىپە مۇئەييەدكە قارشى ھەربىي ئۆزگىرىش قىلىشنى ئويلىغان.

بۇ سەۋەبلەر مەنسۇر ئىبنى ئەبۇ ئامىرنى دۆلەتنى ئوراپ تۇرغان پۈتۈن بۇ خەتەرلەرگە قانداق تاقابىل تۇرۇش توغرىسىدا چوڭقۇر ئويلاندۇردى. ئاخىرىدا، ئۇ ھەرىكەتكە ئۆتۈشنى، تېزدىن بۇ قىيىن شارائىتلارغا چارە قىلىشنى ۋە ئىشنىڭ تىزگىنىنى قولىغا ئېلىشنى قارار قىلدى. ئۇ تۆۋەندىكىدەك قەدەملەرنى ئالدى:

1.     گۆدەك شەكلىي خەلىپە ھىشام مۇئەييەدنى سارىيىغا نەزەربەند قىلدى ۋە ئىشلارنى مۇستەقىل ئۆزى ئىدارە قىلدى، ئاندىن ئۆزىنى «مەنسۇر ھاجىب» دەپ ئاتىدى. ئۇنىڭ ئالغان بۇ قەدىمى گەرچە كۆپ كىشىلەرنىڭ ئۇنى ئەيىبلىشىنىڭ سەۋەبى بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئەمەلىيەتتە مۇھىم قەدەم ئىدى. چۈنكى يوليورۇق بەرگۈچى ۋە پىلانلىغۇچى بىر باشنىڭ يوقلۇقى پۈتۈن تىرىشچانلىقلارنى كۆككە سورۇيتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، مەنسۇرنىڭ ئۆز ھوقۇقىنى پەقەت ئىسلام خىزمىتىگە ئىشلەتكەنلىكىنى كۆرىمىز.

2.     مەنسۇر ئەندەلۇسنىڭ ھەقىقىي ھۆكۈمدارىغا ئايلانغاندىن كېيىن، ۋەزىر جەئفەر مۇسھەفىي ۋە ئۇنىڭ بالىسى مۇھەممەدنى مەنسەپتىن قالدۇردى ۋە ئىككىسىنى زور پۇل-ماللىرىنىڭ نەدىن كەلگەنلىكى، قانداق زورايغانلىقى ھەققىدە ھېسابقا تارتتى. تەكشۈرۈش ۋەزىر مۇسھەفىينىڭ كۆپلىگەن جىنايەتلىرىنى پاش قىلدى. ئاخىرىدا، ئۇ تۈرمىگە تاشلىنىپ، تۈرمىدە ئۆلدى ۋە شۇنىڭ بىلەن چىرىكلىك دەۋرى ئاياغلاشتى.

3.     كۈچلۈك سەقالىبەلەر مەنسۇرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ نوپۇزىنى تارتىۋېلىشقا ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى تۇيۇپ، جىددىي ھەربىي ئۆزگىرىش قىلىشنى قارار قىلدى ۋە ئۆزلىرىنىڭ بىر قوماندانىنىڭ ئەتراپىغا ئۇيۇشتى. لېكىن سەگەك مەنسۇر ئۇلاردىن چاققان چىقىپ، ئىسياننىڭ باشچىلىرىنى ۋە ھاكىمىنى شىددەت بىلەن تۇتتى ۋە ئۇلارنىڭ بىرلىكىنى پارچىلاپ، ئۇلارنىڭ قايتا توپلىشىۋالماسلىقى ئۈچۈن ئۇلارنى ھەر خىل رايونلارغا چاچتى.

4.     ھىجرىيە 366-يىلى رەجەب ئېيىدا مۇسۇلمانلارنىڭ دىيارلىرىغا ھۇجۇم قىلغان ۋە يەنە ھۇجۇم قىلىشنى پايلاپ تۇرۇۋاتقان خىرىستىيان ئىسپانىيەدىن ئىبارەت تاشقى تەھدىت تۇرسا، دۆلەتكە كۆز تىككەن دۆلەت ئەركانلىرى، يىراق رايونلارنىڭ ۋالىيلىرى ۋە ئاۋۋالقى فەتھ دەۋرىدىن تارتىپ داۋاملىشىۋاتقان كونا ئەرەب گۇرۇھۋازلىقلىرىغا كەلسەك، مەنسۇر ئىچكى ۋە تاشقى ئىككىلى خەتەرگە ئەڭ ئەۋزەل بىر ئۇسۇل بىلەن تاقابىل تۇرۇشنى لايىق كۆردى. ئۇ ئۇسۇل بولسىمۇ، جىھادىي ھەرىكەتلەرنى باشلاش. ئۇ بۇ ئارقىلىق ئەھلىسەلىپنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا رەددىيە بېرەلەيتتى ۋە شۇنىڭ بىر ۋاقىتتا بۇ تەمەگەر ۋالىيلارنى ئىسلام مەسىلىسى بىلەن مەشغۇل قىلاتتى ۋە ئۇلارنىڭ كۈچىنى ئىسلام دۈشمەنلىرىگە قارشى تۇرۇشقا قارىتالايتتى. بۇ ھەرىكەتلەر ئەندەلۇس مۇسۇلمانلىرى ئەھلىسەلىپ ئىسپانىيەگە قارشى قوزغىغان، سەككىز ئەسىرلىك ئەندەلۇس ئىسلام دۆلىتى تارىخىدىكى ئەڭ ئۇتۇقلۇق جىھادىي ھەرىكەت بولغان ئىدى.

دائىما نۇسرەت قازانغۇچى

مەنسۇر ئىبنى ئەبۇ ئامىر ئەھلىسەلىپ ئىسپانىيەگە قارشى جىھادىي ھەرىكەتلىرىنى باشلىغاندىن تارتىپ مۇسۇلمانلارنىڭ قەلبلىرىگە يېڭىدىن بىر روھ كىردى ۋە قەلبلىرىدە قاينام-تاشقىنلىق ۋە قىزغىنلىق لاۋۇلدىدى. ئەندەلۇسقا ھەر يەرلەردىن پىدائىي مۇجاھىدلار ئېقىپ كەلدى. مەنسۇر ئەھلىسەلىپكە قارشى 50 دىن ئارتۇق جەڭگە كىرگەن بولۇپ، ھەممىسىدە نۇسرەت قازاندى ۋە ھېچبىر ۋاقىت ئۇنىڭ بايرىقى يەرگە چۈشمىدى. نەتىجىدە، مۇسۇلمان-كاپىر ھەممە ئادەمنىڭ ئارىسىدا «مەنسۇرغا ئاسماندىن ياردەم بېرىلىۋاتىدۇ» دېگەن قاراش تارالدى. شۇنىسى ھەقكى، مەنسۇر جىھاد سىياسىتىدە ئۈزلۈكسىز داۋاملاشقان ھۇجۇم ۋە ئىشغال ئۇسلۇبىنى قوللانغان. ئۇ بۇ ئۇسلۇبى ئارقىلىق ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى ئەندەلۇس ھۆكۈمدارلىرىدىن ھېچقايسىسى ئويلاپ باقمىغان ياكى قادىر بولالمىغان يىراق بىر غايىنى كۆزلىگەن ئىدى. ئۇ بولسىمۇ، ئەھلىسەلىپ ئىسپانىيە پادىشاھلىقلىرىنى تامامەن بىتچىت قىلىش، ئۇيۇشۇپ كۈچىيىۋاتقان بىرلىكىنى يىمىرىپ تاشلاش، ئاندىن پۈتۈن خىرىستىيان ئىسپانىيەنى مۇسۇلمان زېمىنغا ئايلاندۇرۇش ئىدى. مەنسۇردىن بۇرۇنقى مۇسۇلمانلارنىڭ كۆپىنچە ئۇرۇشلىرى مۇداپىئە ئۈچۈن ۋە خىرىستىيانلارنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىنى قايتۇرۇش ئۈچۈن بولغان ئىدى. مەنسۇرنىڭ دەۋرى كەلگەندە، ئىشلار ئالمىشىپ، جەڭنى باشلىغۇچى دائىما ئۇ بولدى، خىرىستىيانلاردىن قەتئىي سۈلھى-سالا قوبۇل قىلمىدى ۋە تولۇق زەپەردىن باشقىغا قانائەت قىلمىدى. شۇڭلاشقا، ئۇ خالىد ئىبنى ۋەلىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋە تەڭداشسىز ساھابىلەر ئەۋلادىدىن قالسىلا، ئىنسانلار ئىچىدە «دائىما نۇسرەت قازانغۇچى» دېگەن سۈپەتكە ئەڭ ھەقلىق بولغان ئىدى.

مەنسۇرنىڭ ئەھلىسەلىپكە قارشى ئەڭ مەشھۇر ئۇرۇشلىرى تۆۋەندىكىچە:

سانۋىسېنت ئۇرۇشى

بۇ ئۇرۇش ھىجرىيە 371-يىلى بولغان. بۇ ئۇرۇشتا مەنسۇر ئىسپانلارنىڭ ئەڭ كۈچلۈك پادىشاھلىرىدىن تۈزۈلگەن كۈچلۈك بىر ئەھلىسەلىپ ئىتتىپاقىغا تاقابىل تۇرغان. ئۇ پادىشاھلار: لېئون پادىشاھى رامىرو ئۈچىنچى، كاستىليا پادىشاھى فېرناندىز جاستىلا، ناۋار پادىشاھى سانشو قاتارلىقلار. مۇسۇلمانلار خىرىستىيانلار ئۈستىدىن غەلىبە قازىنىپ، ئۇلاردىن ئون مىڭلارچە ئادەم ئۆلتۈرۈلگەن ۋە ئەھلىسەلىپ ئىتتىپاقى پاچاقلانغان.

بارسېلونا جېڭى

بارسېلونا ئىسپانىيەنىڭ ئەڭ چوڭ چېگرىلىدىن بىرىدۇر. ئۇ يەرنى ئاۋۋالقى مۇسۇلمانلار تۇنجى فەتھنىڭ باشلىنىشى بىلەن تەڭ فەتھ قىلغان بولۇپ، بىر ئەسىر مۇسۇلمانلارنىڭ قولىدا تۇرغان، لېكىن ھىجرىيە 185-يىلى قولدىن كەتكەن ۋە نەتىجىدە ئەندەلۇستىكى مۇسۇلمان خەلقنىڭ تېنىگە تىكەن بولغان. ھىجرىيە 375-يىلى مەنسۇر كېلىپ، زور قوشۇنى بىلەن ئۇ يەرگە باستۇرۇپ كىرگەن ۋە شەھەر ئەھلى بىلەن ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدا قاتتىق جەڭ بولغان. شەھەر ئەھلىنىڭ كۆپىنچىسى ئۆلتۈرۈلگەن ۋە مۇسۇلمانلار شەھەرنى تولۇق قولغا چۈشۈرۈپ، بارسېلونا پادىشاھىنى ئەسىرگە ئالغان. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ ئۆلگىچە تۈرمىدە ياتقان. مەنسۇر ئىسپان يېرىم ئارىلىنىڭ بۇ يىراق تەرىپىدىكى خىرىستىيانلارنىڭ كۈچلىرىنى تامامەن يىمىرىپ تاشلىغان ئىدى.

گالسىيا ئۇرۇشى

گالسىيا ئۇرۇشى ئۇ جەڭلەرنىڭ ئەڭ چوڭىدۇر. گالسىيا ئىسپانىيەنىڭ ئەڭ غەربىگە جايلاشقان بولۇپ، شۇ يەردە خىرىستىيان ئىسپانىيەنىڭ كەبىسى، مۇقەددەس مازارى ۋە روھىي رەھبەرلىكىنىڭ سىمۋولى بولغان «سانتىياگو دې كومپېستېلا» شەھىرى بار ئىدى. شۇ شەھەردە ئۇلارنىڭ قارىشىچە زەبەدىي ئوغلى مۇقەددەس ياقۇبنىڭ قەبرىسى بار ئىدى. ھەر يىلى ئۇنىڭ ئۈچۈن بىز بىلىدىغان مەۋلۇتلارغا ئوخشاش زور يىغىلىش مۇراسىملىرى ئۆتكۈزۈلەتتى، ئىسپانىيەنىڭ ھەر يەرلىرىدىن خىرىستىيانلار كېلەتتى. مەنسۇر مۇنداق ئىككى ئىش سەۋەبىدىن زور قوشۇنى بىلەن ئۇ يەرگە ھۇجۇم قىلغان:

1. ئۇ يەر مەنسۇرنىڭ ئىتائىتىدىن چىققان لېئون پادىشاھ-ئەمىرلىرىنىڭ پاناگاھى ئىدى.

2. خىرىستىيان ئىسپانىيەنى جان يېرىدىن ئۇرۇش.

نەتىجىدە، ئەگرى-توقاي باياۋانلار ئارا مۇشەققەتلىك سەپەر ۋە قاتتىق جەڭدىن كېيىن، مۇسۇلمانلار ھىجرىيە 387-يىلى 2-شەباندا شەھەرگە بۆسۈپ كىردى ۋە مۇقەددەس ياقۇبنىڭ قەبرىسىگە تەگمەستىن شەھەرنىڭ كۈلىنى كۆككە سورۇدى. مەنسۇر ئەڭ چوڭ چېركاۋنىڭ قوڭغۇراقلىرىنى ئېلىپ، ئۇنى ئەسىرلەرگە كۆتۈرگۈزۈپ قۇرتۇبەگە ئەكەلدى ۋە بۇ قوڭغۇراقلارنى قۇرتۇبە مەسجىدىنىڭ چوڭ ئاسما چىراغلىرىنىڭ باشلىرىغا ئاستى.

سېرۋېرا ئۇرۇشى

بۇ ئۇرۇش ھىجرىيە 390-يىلى 24-شەباندا بولغان. ئۇ ئۇرۇشتا خىرىستىيان ئىسپانىيە كۈچلىرى مۇسۇلمانلارغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئىتتىپاقلاشقان ۋە ئىككى تەرەپ مېڭىش ناھايىتى تەس بولغان بىر يەردە ئۇچراشقان. مەنسۇر جەڭلىرىدە تۇنجى قېتىم يېڭىلگىلى تاس قالغان، لېكىن مۇسۇلمانلارنىڭ قەھرىمانلىقى، ئۇرۇشتىكى سۇباتلىقى نەتىجىسىدە جەڭ خىرىستىيانلار ئىتتىپاقىنىڭ قورقۇنچلۇق مەغلۇبىيىتى ۋە ئەھلىسەلىپنىڭ كۆپىنچە قوماندانلىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى بىلەن ئاياغلاشقان. مەنسۇر داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەپ، كاستىليانىڭ پايتەختى بۇرگوسنى فەتھ قىلغان.

مەنسۇرنىڭ ۋاپاتى

ئىنسان نېمىنىڭ كويىدا ياشىسا ۋە نېمە بىلەن ئۆتسە، شۇنىڭ بىلەن ئۆلۈشى چوقۇم. مەنسۇر پۈتكۈل ھاياتىنى ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىش بىلەن ئۆتكۈزگەن بولۇپ، ئۇنىڭ مۇجاھىد ئۆلگەن بولۇشى چوقۇم. ئەنە شۇ ئۇنىڭ ئەڭ يۈكسەك ئارمانى ئىدى. شۇڭلاشقا، ئۇ قانداق غازاتقا چىقسا، كېپەنلىرىنى ئېلىۋالاتتى. ھالبۇكى ئۇ بۇ كېپەنلىرىنى ئۆز قولى بىلەن تىككەن ۋە رەختىنى مىراس پۇل-مېلى بىلەن سېتىۋالغان ئىدى. ئاللاھ ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ، ھىجرىيە 392-يىلى رامىزاننىڭ 27-كۈنى سالىم شەھىرىدە ئۇنىڭغا ئەجەل كەلدى ۋە شۇ شەھەرگە دەپنە قىلىندى، شۇنداقلا ئۇ ئاللاھ يولىدا كىرگەن ھەربىر جەڭنىڭ توپىسىمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە دەپنە قىلىندى. ئۇ ئۇزاق جىھادىي سەپىرى داۋامىدا ئۇ توپىلارنى ساقلاپ كەلگەن ئىدى. ئەندەلۇس مەنسۇر ئىبنى ئەبۇ ئامىردەك دىنىغا ۋە ئۈممىتىگە خىزمەت قىلغان، دۈشمەنلىرىنى قان قۇستۇرۇپ، ئەلنى دۈشمەندىن ئەمىن ۋە پاراۋان قىلغان ھېچبىر ھۆكۈمدارنى كۆرۈپ باقمىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ھوقۇقىنى ئىسلامنىڭ مەنپەئەتى ۋە ئۈممەتنىڭ مەنپەئەتىدىن باشقىغا ھەرگىزمۇ ئىشلەتمىگەن ئىدى. بۇ يېگانە قەھرىماننىڭ قەبرە تېشىغا ئۇنى ناھايىتى ئىنچىكە سۈپەتلىگەن ئۇشبۇ ئىككى بېيىت يېزىلغان ئىدى:

ئىزلىرىدىن ئايان بولۇر ئىشلىرى،

ھېس قىلىسىەن كۆز ئالدىڭدا تۇرغاندەك.

چېگرا، بوغاز قاراۋولى مەنسۇر ئۇ،

ئەمدى چىقماس باھادىرلار ئۇنىڭدەك.

 

مەنبە: شەرىف ئابدۇلئەزىز زۇھەيرىينىڭ «أبطال سقطوا من الذاكرة» ناملىق كىتابى.

تەرجىمىدە: قاراخانىي

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ