(ھ. 761 – 805 / م. 1360 – 1403)
تارىخ بەتلىرى ۋە تارىختىكى بىر – بىرىگە ئوخشىشىپ كېتىدىغان كۆپلىگەن ھادىسىلەر بىزگە ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى دۈشمەنلىكنىڭ خاراكتېرىنى ئېچىپ بەرمەكتە، شۇنداقلا ھەق بىلەن باتىل ئارىسىدىكى ئەبەدىي كۈرەشنىڭ قانچىلىك تەڭسىزلىكىنى ۋە باتىلنىڭ چوقۇملا كۇفۇرلۇقنى جاكارلاپ، دىنسىزلىق ۋە كافىرلىق شوئارىنى كۆتۈرۈپ چىقمايدىغانلىقى، گاھىدا باتىلنىڭ ئەسكەرلىرى ئىچىدە مۇسۇلمانلارنىڭ ئاتلىرى بىلەن ئاتىلىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ كىيىمى بىلەن كىيىنىپ ۋە بۇ توغرا دىنغا مەنسۇبلۇق شەرىفىنى دەۋا قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ بارلىقىنى ئېچىپ بەرمەكتە.
بۇ تۈرلۈك دۈشمەنلەر ئىسلامغا ۋە مۇسۇلمانلارغا ئەڭ چوڭ خەتەردۇر ۋە ئەڭ چوڭ زەرەردۇر. بۇ تۈرلۈك دۈشمەنلەرگە ئەڭ ۋەكىللىك قىلىدىغانلار راپىزىي شىئەلەر بولۇپ، ئۇلار ئىسلامغا ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى ئورەك كولىغان ۋە كولاۋاتقانلاردۇر. ئۇلارنىڭ دۈشمەنلىكى ۋە غالچىلىقى ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا كۆپلىگەن مۇسىبەت ۋە بالالارنى ئېلىپ كەلدى.
راپىزىيلار ۋە ئۇلار بىلەن بىر يولدىكىلەرنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى ئەسىرلەر بويى ئىسلام دۈشمەنلىرى بىلەن ئىتتىپاقلاشقانلىقىدۇر. قەدىمدە ئۇلار موڭغۇللار بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، ئىسلام خىلافەتىنى يوقىتىش ئۈچۈن، ئۇلارنى خىلافەتنىڭ مەركىزى باغدادقا كىرگۈزگەن بولسا، ھازىر ئەڭ چوڭ شەيتان ئامېرىكا بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، ئامېرىكىنى ئافغانىستانغا ۋە ئىراققا كىرگۈزدى. قەدىمدىكى ۋە ھازىردىكى كۆپلىگەن خەۋەرلەر ۋە ھادىسىلەر بۇ راپىزىيلارنىڭ ئومۇمەن مۇسۇلمانلارغا، خۇسۇسەن ئەھلىسۈننەتكە قانچىلىك ئۆچ ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
نۆۋەتتىكى قەھرىمانىمىز بۈيۈك بىر قوماندان بولۇپ، ئۇنىڭ ياۋروپا لىنىيىسىدە كاتتا ئىزلىرى ۋە فەتھلىرى بار ئىدى. شۇ جەھەتتىن، راپىزىيلارنىڭ قەلبلىرىدە بۇ باتۇر قەھرىمانغا قارىتا زەھەر قاينايتتى. ئۇلار ئۇنى ياۋروپادا ئىسلام يېيىشتىن ئىبارەت نىشانىدىن يىراقلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئۇنىڭغا سۇيىقەست قىلدى. مانا بۇ ئىش ئەسىرلەر ئارا راپىزىيلار بىلەن ھەرقانداق ئىسلام دۈشمىنى ئوتتۇرىسىدىكى مۇستەھكەم ئالاقىنىڭ خاراكتېرىنى روشەنلەشتۇرۇپ بېرىدۇ.
ئىسلام چاقماقى
ئوسمانىيلار دۆلىتى ھ. 699 – يىلى قۇرۇلغاندىن تارتىپ كۆپ جىھادلارنى قىلغان جىھادپەرۋەر دۆلەت ئىدى. دۆلەتنىڭ نىشانى كونىستانتىنوپولنى فەتھ قىلىش ئىدى. بۇ نىشانغا يېتىشنىڭ ۋاسىتىسى ھەرگىزمۇ سۆھبەت ئۈستىلىدە ئولتۇرۇپ، تىنچلىق كېلىشىمى تۈزۈش ئەمەس، بەلكى ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىش ئىدى. شۇڭا، بۇ جىھادپەرۋەر دۆلەتنىڭ سۇلتانلىرى مۇشۇ نىشانغا ئۇيغۇن ئەخلاقىي، دىنىي ۋە ئىمانىي سەۋىيەدە ئىدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى جىھادنى سۆيەتتى، ئىمانى چوڭقۇر، ناھايىتى باتۇر، ھىممەتلىك ۋە ئىرادىلىك ئىدى.
مۇشۇ نىشان سايىسىدە ۋە شۇ بۈيۈك خىسلەتلەر قوينىدا جەسۇر قەھرىمانىمىز بايەزىد ھ. 761 – يىلى دۇنياغا كەلدى. ئۇ ئوسمان ئوغلى ئورخان ئوغلى مۇراد I ئوغلى بايەزىدتۇر. ئۇ ئوسمانىيلار دۆلىتىنىڭ تۆتىنچى سۇلتانىدۇر. تېگى ئېسىل، نەسەبى پاك، تەربىيەسى ساغلام بولغانلىقتىن، قەھرىمانىمىز بايەزىد بۇ ئىشلارنىڭ ھەقىقىي نامزاتى سۈپىتىدە مەيدانغا كەلدى. ئۇ راستتىنلا ئىسلامغا چىڭ ئېسىلىدىغان ئالىيجاناب ۋە مەرد ئىدى، ئىنتايىن ئوت يۈرەك، ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشقا ناھايىتى قىزغىن ئىدى. ئۇ ھەرىكىتىنىڭ چاققانلىقى، دۈشمەنلىرىگە شىددەتلىك زەربە بېرىدىغانلىقى بىلەن ئىلگىرىكى سۇلتانلاردىن ئالاھىدە پەرقلىنىدىغان بولغاچقا، «چاقماق»، تۈركچە «يىلدىرىم» دەپ لەقەملەنگەن. ئۇنىڭ تىلغا ئېلىنىشى بىلەنلا ئومۇمەن ياۋروپالىقلارنىڭ، خۇسۇسەن كونىستانتىنوپوللۇقلارنىڭ كۆڭۈللىرىگە قورقۇنچ چۈشەتتى.
بايەزىد ھ. 791 – يىلى بۈيۈك قەھرىمان دادىسى مۇراد I كوسوۋو جېڭىدا شەھىد بولغاندىن كېيىن ھاكىمىيەت تەختىگە چىقتى. ئۇنىڭ بۇ ھاكىمىيىتى قەھرىمانى مۇراد I نىڭ سۇيىقەستكە ئۇچرىشى بىلەن قاتتىق ئەلەم چەككەن مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ياخشى باشلىنىش ۋە خۇش بېشارەت ئىدى، مۇراد I نى ئۆلتۈرگەن كۈنلىرى «ئىسلامنى تۈگەشتۇردۇق» دەپ ئويلىغان ئىسلام دۈشمەنلىرى ئۈچۈن بولسا قاتتىق غەم – ئەندىشىنىڭ سېگنالى ئىدى. ئۇلار بىلىشمىگەن ئىدىكى، مۇسۇلمانلارنىڭ ھالى خۇددى شائىر ئېيتقاندەك ئىدى:
بىرى كەتسە بىرى كەلمەك جاھاننىڭ ئىشى،
دېگىنىگە ئەمەل قىلماق ئېسىلنىڭ ئىشى.
بىرىنچى نىشان
ئاناتولىيە رايونى ياكى كىچىك ئاسىيا دائىما ھەربىر سۇلتاننىڭ يۈرۈش قىلىش نىشانى بولغان ئىدى. چۈنكى، بۇ رايون نۇرغۇن كىچىك بەگلىكلەرگە بۆلۈنگەن بولۇپ، ئۇ رايوننى شۇ يەردىكى مۇسۇلمانلارغا باش بولۇۋالغان ھەر خىل بەگلەر سورايتتى. سۇلتان مۇراد I نۇرغۇن ۋاسىتىلەر بىلەن ئاناتولىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈشكە كۈچىگەن بولسىمۇ، ئۇتۇق قازىنالمىغىلى تاس قالغان ئىدى. ھەتتا بىر قېتىم ئىش بۇزۇلۇپ، بۇ بەگلەر ئوسمانىيلارغا قارشى قوزغىلىپ، نۇرغۇنلىغان ئاۋارىچىلىقلارنى تېرىغان ئىدى. ئۇلارنىڭ تەكرار ئىسيانلىرى ئوسمانىيلارنىڭ تىرىشچانلىقلىرىنىڭ ياۋروپا ئۇرۇشىدىن بۇرۇلۇپ كېتىشىگە، ياۋروپالىقلارنىڭ ئەركىن نەپەس ئېلىشىغا سەۋەب بولغان ۋە ياۋروپالىقلارنىڭ ئوسمانىيلار بىلەن ئۇرۇشۇشى ئۈچۈن تەكرار ئەھلىسەلىب ئىتتىپاقلىرىنى تەشكىللىشىگە پۇرسەت يارىتىپ بەرگەن ئىدى.
ھ. 793 – يىلى بايەزىد مەنتەشە، ئايدىن، ساروخان بەگلىكلىرىنى بۇ بەگلىكلەرنىڭ ئاھالىلىرىنىڭ قىزىقىشىغا بىنائەن ئۇرۇشسىزلا ئۆزىگە قوشۇشقا مۇۋەپپەق بولدى. بۇ بەگلىكلەرنىڭ بەگلىرى ئىسفاندىيار (جاندار ئوغۇللىرى) بەگلىكىگە سىغىندى. شۇنىڭدەك يەنە قارامان بېگى ئالائىددىن پۈتۈن ئىگىلىكلىرىنىڭ قولدىن كېتىشى ئورنىغا بىر قىسىم ئىگىلىكلىرىنى ئۇنىڭغا كېچىپ بەردى. بۇ ئالائىددىن سۇلتان مۇراد I نىڭ كۈنلىرىدە ۋاپاسىزلىق ۋە خىيانەت بىلەن، جىنايەت ئىشلىرى بىلەن تونۇلغان ئىدى. بۇ ئادەمنىڭ بايەزىدنىڭ ياۋروپادا جىھاد قىلىش ھەلەكچىلىكىدىن پايدىلىنىپ، بايەزىدكە يەنە بىر قېتىم ئاسىيلىق قىلىشى يىراق ئەمەس ئىدى. ئەمەلىيەتتىمۇ بۇ ئالائىددىن ئوسمانىيلار مۇداپىئەچى قوشۇنلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئوسمانىيلارنىڭ چوڭ قوماندانلىرىنى ئەسىرگە ئالدى ۋە بەزى زېمىنلارنى قايتۇرىۋالدى. نەتىجىدە، بايەزىد چاقماق تېزلىكىدە قايتىپ كېلىپ، ئالائىددىنغا چاقماقتەك ھۇجۇم باشلىدى ۋە ئۇنىڭ بىرلىكىنى يىمىرىپ تاشلاپ، پۈتۈن قارامان بەگلىكىنى ئوسمانىيلار دۆلىتىگە قوشتى. ئۇنىڭغا ئەگىشىپ، سىۋاس ۋە توقات بەگلىكلىرىنىمۇ قوشتى. ئاندىن بايەزىد قاچقۇن بەگلەرنىڭ پاناگاھىغا ئايلانغان ئىسفاندىيار بەگلىكىگە ئاتلىنىپ، ئىسفاندىيار بېگىدىن ئاسىيلارنى تاپشۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. ئىسفاندىيار بېگى ئۇنىمىغاندىن كېيىن، بايەزىد ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنىڭ يۇرتىنى ئۆزىگە قوشتى. ئارقىدىن بۇ بەگ ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرى دەۋر زوراۋانى تىمۇرلەڭگە سىغىندى. بۇ ئىشنىڭ كېيىنچە قاتتىق تەسىرى كۆرۈلگەنىدى.
چاقماقنىڭ ياۋروپانى سوقۇشى
بايەزىد ئىچكى ئىشلارنى رەتلەش ۋە ئاناتولىيەنىڭ ئىسيانلىرىنى تۈگىتىش قاتارلىقلاردىن بىكار بولغاندىن كېيىن ياۋروپا تەرەپكە يۈزلەندى ۋە ئۇ يەردىكى تۇنجى جىھاد قەدىمىنى سېرىبلار بىلەن دوستانە ئالاقە ئورنىتىش ئارقىلىق باشلىدى. ئوقۇرمەن بۇ ئىتتىپاقلىقنى غەلىتە ھېس قىلىشى مۇمكىن. چۈنكى، سېرىبلار مۇسۇلمانلارنى ئەڭ قاتتىق دۈشمەن كۆرىدىغان كىشىلەردىن ئىدى، ھېلىھەممۇ شۇنداق. ئۇلار يەنە مۇسۇلمانلارغا قارشى بالقان ئەھلىسەلىب ئىتتىپاقىنىڭ قۇرۇلۇشىغا سەۋەبچى بولغان ھەمدە بايەزىدنىڭ دادىسى مۇراد I شۇ سېرىبلارغا قارشى ئۇرۇشتا ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى. مۇشۇ سەۋەبلەرنىڭ ھەممىسى ئۇلار بىلەن ئىتتىپاقلىشىشنى چەكلەشكە يېتەتتى. لېكىن، چاقماق بايەزىدنىڭ دانا بىر قارىشى بار ئىدى. ئۇ بولسىمۇ، سېرىبلار بىلەن ئىتتىپاقلىشىش سېرىبلارنى شۇ چاغدىكى ياۋروپا پادىشاھلىرىنىڭ ئەڭ كۈچلۈكى بولغان ۋە ئەھلىسەلىبكە ھامىيلىق رولىنى ئۆتەۋاتقان ۋېنگىرىيە ئىمپېرىيەسى بىلەن ئوسمانىيلار دۆلىتى ئوتتۇرىسىدا كۈچلۈك توسۇقنىڭ ئورنىدا قىلاتتى. ۋېنگىرىيە بىلەن سېرىبلار ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە يىرىك ئىدى. بايەزىد دىققىتىنى غەرب ۋە ئوتتۇرا ياۋروپاغا مەكەزلەشتۈرۈش ۋە كونىستانتىنوپولنى فەتھ قىلىش ئۈچۈن بۇ ھالەتتىن پايدىلاندى. مانا بۇ پايدا – مەنپەئەتنى سېلىشتۇرۇپ كۆرۈش فىقھىسى بولۇپ، مۇسۇلمان ھۆكۈمدار بۇنىڭغا ھەردائىم موھتاج بولىدۇ. بۇ فىقھىدىن ئاللاھ ئەززە ۋەجەللە ھارام قىلغاننى ھالال قىلغانلىق ياكى مۇھەببەت ۋە نەپرەت ئەقىدىسىگە دەخلى يەتكۈزگەنلىك چۈشىنىلمەيدۇ. بەلكى بۇ مۇئەييەن مەزگىللىك مۇئەييەن نىشانغا خىزمەت قىلىدىغان ۋاقىتلىق كېلىشىملەرنىڭ تۈرىدىندۇر. يەنى بۇنداق كېلىشىملەر ئاللاھ يولىدىكى جىھاد شەرىئىتىنى ھەرگىزمۇ بىكار قىلىۋەتمەيدۇ. ئۇ كېلىشىملەر ھۇدەيبىييە كېلىشىمىگە ئوخشايدۇ.
بايەزىد سېرىبلار بىلەن ئىتتىپاقلىشىشتىن زور بىر غايىنى كۆزلىگەن ئىدى. ئۇ بولسىمۇ ئوتتۇرا ياۋروپا ۋە كونىستانتىنوپولغا دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈش. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇ بۇلغارىيەگە قاقشاتقۇچ زەربە بېرىپ، ھ. 797 – يىلى بۇلغارىيەنى فەتھ قىلدى ۋە بۇلغارىيە شۇ ۋاقىتتىن ئېتىبارەن ئوسمانىيلار دۆلىتىگە قارام بىر بەگلىككە ئايلاندى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ياۋروپا كۆپلىگەن ئەللەرنى بىر – بىرلەپ فەتھ قىلغان ئىسلام چاقماقى ئاستىدا قورقۇپ تىترەيدىغان ھالغا كەلدى.
ئىززەت كۈنلىرى
سۇلتان بايەزىدنىڭ دەۋرىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىززىتى كىشىلەرگە ساھابەلەر (ئۇلارغا ئاللاھنىڭ رازىلىقى بولسۇن!) نىڭ ۋە ئۇلارنىڭ يولىدا ماڭغان سەلەفلەر، بۈيۈك قوماندانلارنىڭ كۈنلىرىنى ئەسلەتكۈدەك دەرىجىدە يۈكسەك چوققىغا يەتكەن ئىدى. ئىسلام چاقماقى بايەزىد ۋىزانتىيە ئىمپىراتورى مانۇئىل II گە كۆپلىگەن شەرتلەرنى تاڭغان چاغدا، بۇ ئىززەت ۋە كاتتىلىق تېخىمۇ چېكىگە يەتكەن ئىدى. ئۇ شەرتلەردىن:
1. ۋىزانتىيەدىكى مۇسۇلمان پۇقرالارنىڭ دەۋا ئىشلىرىنى ئايرىش ئۈچۈن كونىستانتىنوپولدا بىر ئىسلامىي مەھكىمە قۇرۇش ۋە مۇسۇلمان قازىلارنى تەيىنلەش.
2. كونىستانتىنوپولدا چوڭ بىر مەسجىد ياساش ۋە مەسجىدتە جۈمە كۈنلۈكى مىسىردىكى ئابباسىيلار خەلىفەسىگە، ئاندىن سۇلتان بايەزىدكە دۇئا قىلىش.
3. كونىستانتىنوپولدىكى مۇسۇلمان ئاھالىلەر ئۈچۈن شەھەر ئىچىگە 700 تۇرالغۇ سېلىش.
4. ئالتە مىڭ كىشىلىك ئوسمانىيلار قىسمىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن گالاتا رايونىنىڭ يېرىمىنى بوشىتىپ بېرىش.
5. ۋىزانتىيە دۆلىتىگە تېڭىلغان جىزيەنى ئارتتۇرۇش.
6. شەھەر سىرتىغا جايلاشقان ئۈزۈم ۋە كۆكتات مەيدانلىرىغا يېڭىدىن ھەقلەرنى بېكىتىش.
بۇ شەرتلەرگە قارىغان ئادەم ۋىزانتىيە ئىمپىراتورى مانۇئىلنىڭ نەقەدەر خار ئورۇنغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى كۆرەلەيدۇ. بۇ ئىمپىراتور ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقىنى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ كۈچلۈكلىكىنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن، بۇ شەرتلەرنى قوبۇل قىلدى ۋە كونىستانتىنوپولدا ئەزان سادالىرى ياڭرىدى.
ئەھلىسەلىب ئىتتىپاقى ۋە نىكوپولىس جېڭى
بۇلغارىيەنىڭ يىقىلىشى ۋە مانۇئىلنىڭ يۇقىرىقى شەرتلەرنى قوبۇل قىلىشى پۈتۈن ياۋروپالىقلارغا، بولۇپمۇ ۋېنگىرىيە پادىشاھى سىگىسمۇند ۋە پاپا بونىفاس IX غا كۈچلۈك ئاگاھلاندۇرۇش سېگنالى ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىككىسى چېقىۋاتقان ئوسمانىي چاقماقلىرىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، يېڭى ئەھلىسەلىب ئىتتىپاقى تەشكىللەشنى ئىرادە قىلدى. سىگىسمۇند ئىمكانقەدەر خىلمۇخىل ئىرقلاردىن كۆپ ئادەم قاتناشتۇرۇش ئارقىلىق بۇ ئىتتىپاقنىڭ ھەجمىنى زورايتىپ خەلقئارالاشتۇرۇشقا كۈچىدى. نەتىجىدە گىرمانىيە، فرانسىيە، ئەنگىلىيە، شوتلاندىيە، شېۋىتسارىيە، ئىتالىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن 120 مىڭ جەڭچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان زور ئىتتىپاق مەيدانغا كەلدى. ئىتتىپاققا ۋېنگىرىيە پادىشاھى سىگىسمۇند قوماندانلىق قىلدى.
ھ. 800 – يىلى زور ئەھلىسەلىب قوشۇنى ھەرىكەتلەندى. لېكىن، بالدۇرلا ئۇلاردىن مەغلۇبىيەت ۋە زەئىپلىك ئالامەتلىرى كۆرۈلدى. چۈنكى، قوشۇن قوماندانى سىگىسموند باشقا قوشۇن قوماندانلىرىدىن ھېچكىمنىڭ نەسىھىتىگە قۇلاق سالمايدىغان مەغرۇر ئەخمەق ئىدى. شۇنىڭ بىلەن جەڭ ئىستىراتىگىيەسى ھەققىدە قاتتىق ئىختىلاپ يۈز بەردى. سىگىسمۇند ئوسمانىيلار قوشۇنلىرى كەلگۈچە كۈتۈشنى تاللىدى، قالغان قوماندانلار دەرھال ھۇجۇم باشلاشنى توغرا كۆردى. نەتىجىدە ئۇلار سىگىسمۇندنىڭ رايىغا باقماي، دانۇب دەرياسىنى بويلاپ، بالقاننىڭ شىمالىدىكى نىكوپولىس شەھىرىگە يېتىپ كەلدى.
ئەھلىسەلىب شەھەرگە كىرە – كىرمەيلا ئىسلام چاقماقى بايەزىد ۋە ئۇنىڭ 100 مىڭ جەڭچىسى گويا يەردىن ئۈنۈپ چىققاندەكلا ئاشكارا بولدى. ئۇنىڭ ئاشكارا بولۇشى ئەھلىسەلىبنىڭ قەلبلىرىگە قورقۇنچ ۋە ئەندىشە چۈشۈرۈشكە يېتەرلىك ئىدى. نەتىجىدە ئەھلىسەلىبكە ئېغىر مەغلۇبىيەت چۈشتى، ھەتتا جەڭنىڭ ئالدىدا «ئەگەر بىزگە ئاسمان – پەلەك ھۇجۇم قىلسىمۇ، نەيزىلىرىمىز بىلەن توسۇپ قالىمىز» دەپ غادايغان سىگىسمۇند كىچىك مەپىگە ئۆزىنى تاشلاپ، قورقۇنچاق چاشقان كەبى بەدەر تىكىۋەتتى. ھالبۇكى ئۇنىڭ يېڭىلگەن قوشۇنى ئۇنىڭ ئارقىسىدا ئېچىنىشلىق مەغلۇبىيەتنىڭ ئازابلىرىنى تېتىپ قالدى.
ئالتۇندىن قىممەتلىك سۆزلەر
نىكوپولىس جېڭى مۇسۇلمانلار ئۈچۈن بۈيۈك زەپەرنىڭ يۈزىنى ئاچتى. بۇ زەپەرنىڭ پۈتۈن ئىسلام دۇنياسىغا كاتتا تەسىرى بولدى. فەتھ خۇش خەۋىرى جىمى مۇسۇلمان ماكانلارغا يەتتى. بايەزىد ئىسلام دۇنياسىنىڭ چوڭ ھۆكۈمدارلىرىغا فەتھتىن خەۋەر بېرىپ ئەلچىلەرنى ئەۋەتتى ھەمدە نۇسرەتنىڭ ماددىي دەلىلى سۈپىتىدە نۇرغۇن خىرىستىيان ئەسىرلەرنى ھەدىيە قىلىپ يوللىدى. بايەزىد قاھىرەدىكى ئابباسىيلار خەلىفەسىگە ئۇنىڭدىن «رۇم سۇلتانى» ئۇنۋانى بېرىشىنى تەلەپ قىلىپ ئادەم ئەۋەتتى. بايەزىد بۇ ئۇنۋاننى پۈتۈن ياۋروپانى فەتھ قىلغۇچە ياۋروپا جىھادىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنىڭ دەلىلى قىلغانىدى. خەلىفە ئۇنىڭغا قوشۇلدى. شۇنىڭدىن كېيىن نۇرغۇن مۇسۇلمانلار كۈچلۈك ۋە مۇزەپپەر ئوسمانىيلار دۆلىتى جايلاشقان ئاناتولىيە يۇرتلىرىغا سەلدەك ئاقتى.
بۇ جەڭدە كۆپلىگەن خىرىستىيان قوماندانلار ۋە ئەمىرلەر بايەزىدكە ئەسىرگە چۈشكەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا گىراف نېۋېرس دېگەن ئەمىرمۇ بار ئىدى. ئۇ ئوسمانىيلار بىلەن قايتا ئۇرۇشماسلىققا قاتتىق قەسەم ئىچىۋىدى، دىنىدىن پەخىرلەنگۈچى، نىشانىنىڭ قەدرىنى بىلگۈچى مۇسۇلمان قوماندان بايەزىد ئۇنىڭغا: «بۇ قەسىمىڭگە ۋاپا قىلماسلىقىڭغا رۇخسەت قىلىمەن، مەن بىلەن يەنە ئۇرۇشساڭ مەن رازى. چۈنكى، مەن ئۈچۈن پۈتۈن ياۋروپا خىرىستىيانلىرى بىلەن ئۇرۇشۇش ۋە ئۇلار ئۈستىدىن غەلىبە قازىنىشتىنمۇ سۆيۈملۈك ھېچنەرسە يوق» دېدى. ئاندىن ئۇ بارلىق ياۋروپا، بەلكى پۈتۈن دۇنيا خىرىستىيانلىرىنى چۆچۈتكەن مۇنۇ مەشھۇر سۆزىنى دېدى: «ئاللاھ خاھلىسا ئىتالىيەنى فەتھ قىلىمەن. مۇقەددەس پېترۇس مەيدانىدا مۇشۇ ئارپىنى ئېتىمغا يېگۈزىمەن». يەنى ئۇنىڭ ئىرادىسى ۋە نىشانى پەقەت كونىستانتىنوپولنى فەتھ قىلىشتىلا توختاپ قالمايتتى. قېنى ھازىرقى مۇسۇلمانلاردىكى بۇ خىل ئىززەت ۋە ھىممەت؟
بايەزىد چوڭ نىكوپولىس جېڭىدا ئەھلىسەلىب ئىتتىپاقى ئۈستىدىن قولغا كەلتۈرگەن قالتىس نۇسرەتتىن كېيىن، بالقان رايونىدا ئوسمانىيلارنىڭ قەدىمى مۇستەھكەملەندى، سىلاۋيان خەلقلىرى ئىسلام ھاكىمىيىتىگە بويسۇندى. بوسنىيە، بۇلغارىيە ئوسمانىيلار دۆلىتى چېگرىسى ئىچىگە كىردى. سۇلتان بايەزىد ئەھلىسەلىب ئىتتىپاقىغا ھەربىي ياردەم بەرگەن مورا يېرىم ئارىلى (ھازىرقى گېرىتسىيە) ھۆكۈمدارلىرىنى جازالىدى. بايەزىد ئەھلىسەلىب قالدۇق قوشۇنلىرىنى قوغلاش ئۈچۈن ۋە ئۇلارنىڭ يەنە بىر قېتىم توپلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ياۋروپانىڭ ئوتتۇرىسىغا ئوسمانىي قوشۇنلىرىنى ماڭغۇزدى.
ئوسمانىيلار دۆلىتىنىڭ بىرىنچى ۋە ئەڭ يۈكسەك نىشانىغا يول ھازىرلىغان بۇ ھەربىي ئورۇنلاشتۇرۇشلاردىن كېيىن، بايەزىد دىققىتىنى كونىستانتىنوپولغا قاراتتى. كونىستانتىنوپول ئىمپىراتورى مانۇئىل مۇسۇلمانلارغا قارشى ئەھلىسەلىب قوشۇنىغا ياردەم بەرگەن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بايەزىد شەھەرنى قورشاشنى، تا فەتھ قىلمىغۇچە قايتماسلىقنى قارار قىلدى. نەتىجىدە ئۇ كونىستانتىنوپولغا ھۇجۇم باشلاپ، شەھەرنى قاتتىق قامال قىلدى ۋە پۈتۈن كۈچى بىلەن شەھەرگە بېسىم چۈشۈردى. ئاخىرىدا، شەھەر يىقىلاي دەپ قالغان ئىدى، لېكىن ئۇشتۇمتۇت بايەزىد ئويلىمىغان يەردىن نېمە ئۈچۈندۇر قامالنى بوشىتىپ، ئالدىراپ – تىنەپ ئاناتولىيەگە قايتتى.
تىمۇرلەڭ رافىزىي
ھ. 8 – ئەسىردە دۇنيانىڭ ھەر خىل جايلىرىدا يېڭى ئىسلامىي كۈچلەر پەيدا بولۇشقا باشلىدى. كىچىك ئاسىيادا ئوسمانىيلار دۆلىتى، مىسىر، شام ۋە ھىجازدا مەملۇكىيلار دۆلىتى، ماۋەرائۇننەھر (تۈركىستان) ئەللىرىدە مۇسۇلمان موڭغۇل دۆلىتى پەيدا بولدى.
ئاخىرقى بۇ موڭغۇل دۆلىتىگە پەقەت نامدىلا ئىسلامغا مەنسۇب بولغان بىر ئادەم رەھبەرلىك قىلاتتى. ئۇ بولسىمۇ، موڭغۇللارنىڭ ھ. 7 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئىسلام دۇنياسىنى باسقاندىكى قىرغىنچىلىقلىرىنى قايتا ئەسلەتكەن جىنايەتچى زالىم تىمۇرلەڭدۇر. تىمۇرلەڭ راپىزىي شىئە مەزھەبى بىلەن ئۆسكەن ۋە كىچىكىدىن تارتىپ ئەھلىسۈننەتنى يامان كۆرۈش قان – قېنىغا سىڭىپ كەتكەن ئىدى. ئۇنىڭ پۈتۈن ئىشلىرى مۇسۇلمانلارغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ۋە پەقەت مۇسۇلمانلارغىلا زىيان سالغان ئىدى. ئۇنىڭ قوشۇنلىرى پەقەت مۇسۇلمانلارنىڭ يۇرتلىرىنىلا بەرپات قىلغان ئىدى. ئۇ ئىسلام دۈشمەنلىرىنىڭ قولىدىكى ئويۇنچۇققا ئايلانغان بولۇپ، ئىسلام دۈشمەنلىرى ئۇنى خاھلىغان يەردە، خاھلىغان چاغدا مۇسۇلمانلارغا قارشى قوللىناتتى. تىمۇرلەڭ زېمىنلىرىنى كېڭەيتىپ، ھىندىستاندىكى دېھلىدىن شامدىكى دەمەشىققىچە، شىمالدىكى ئارال دېڭىزىدىن جەنۇبتىكى ئەرەب دېڭىز قولتۇقىغىچە جايلارنى ئىگىلىگەنىدى ۋە مۇسۇلمان دېھلى پادىشاھلىقى، مۇسۇلمان شىمال موڭغۇللىرى پادىشاھلىقى، ئىراق موڭغۇل پادىشاھلىقىغا ئوخشاش نۇرغۇن كۈچلۈك ئىسلامىي پادىشاھلىقلارنى ۋەيران قىلغان ئىدى. ئۇ قان تۆكۈش ۋە جاھانگىرلىق تەمەسىدە ئۆزىدىن ئىلگىرىكى چېڭگىزخاننى دورىغان ئىدى. ئۇ بۇنىڭ ھەممىسىنى بىر رافىزىي (شىئەلىك) شوئارى ئاستىدا قىلغان بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ «بۇلانغان ئەھلى بەيتنىڭ ھەققىنى قايتۇرۇپ ئېلىش» ئىدى.
بۇ خىل تەبىئەت، بۇ خىل ئازغۇن ئەقىدە ۋە مۇسۇلمانلارغا قارىتا بۇ خىل ئۆچمەنلىككە ئىگە بىر ئادەمنىڭ كۈچلۈك ئوسمانىيلار دۆلىتى بىلەن سوقۇش چىقىرىشى ناھايىتى تەبىئىي ئىش ئىدى. نىكوپولىس جېڭى ۋە كونىستانتىنوپول قامالىدىن كېيىن بايەزىدنىڭ يۇلتۇزىنىڭ پارلىشىدىن تۇغۇلغان ھەسەت ئۇنىڭ قەلبىنى يېگەن ئىدى ۋە ھەر جايدا كىشىلەرنىڭ ئوسمانىيلارنى ماختىشىدىن ئاچچىقلىناتتى. تىمۇرلەڭنىڭ (ئوسمانىيلار بىلەن ئۇرۇشۇشىدىكى) كۆرسەتكەن باھانىلىرى ئومۇمەن تارازىدا ئولتۇرمايدىغان باھانىلەر بولۇپ، ئىسلامغا ۋە مۇسۇلمانلارغا كەلتۈرگەن پاجىئەلىرى ۋە زىيانلىرىنى ئاقلىيالمايدۇ.
بايەزىدنىڭ ئۆلۈشى ۋە ئوسمانىيلار دۆلىتىنىڭ ئاجىزلىشى
يۇقىرىدا دېگىنىمىزدەك، بايەزىد ناھايىتى قېنى قىزىق ۋە شىجائەتلىك، جەڭ مەيدانلىرىدا ھەرىكىتى ناھايىتى چاققان ئىدىكى، جەڭ مەيدانلىرىدا بىرقانچە نۇقتىدا ۋە خىلمۇخىل يۆنىلىشتە چاقماقتەك ھەرىكەتلىنەتتى. بۇ گۈزەل ۋە ئېسىل خىسلەتلەردۇر. لېكىن، بۇ خىل خىسلەتلەر گاھىدا ئالدىراقسانلىققا، ئارقىدىن يېڭىلىشقا باشلاپ قالىدۇ. ئۇنىڭ قوشۇنلىرى كۆپلىگەن جەڭلەرگە كىرگەن ۋە خىلمۇخىل تەرەپلەردە ئىزچىل ئوخشاش سۈرەتتە ھەرىكەت قىلغان بولۇپ، بۇ ھال ئۇنىڭ ئەسكەرلىرىدە چارچاش، زېرىكىش ۋە ئەھلى – يۇرتنى سېغىنىشلارنى پەيدا قىلغان ئىدى. جىنايەتچى تىمۇرلەڭ بايەزىدنى ئەنقەرە تۈزلەڭلىكىدە تىركىشىشكە سۆرەپ كىرگەندە، ئۇ ئىشنىڭ بۇ تەرىپىنى بىلمىگەن ۋە مۆلچەرلىمىگەن ئىدى.
تىمۇرلەڭ سانى 800 مىڭ دەپ مۆلچەرلىنىدىغان قوشۇنلىرى بىلەن ئىلگىرىلەپ، سىۋاسنى باستى ۋە بايەزىدنىڭ ئوغلى ئەرتۇغرۇل قوماندانلىق قىلىۋاتقان مۇداپىئەچى قوشۇننى يوق قىلىپ، ئەرتۇغرۇلنى ئېچىنىشلىق ئۆلتۈردى. شۇنىڭ بىلەن، بايەزىد كونىستانتىنوپولدىن قامالنى بوشىتىپ، ئۇزۇن قامالنىڭ نەتىجىسىدە ھېرىپ چارچىغان قوشۇنىنى باشلاپ، ناھايىتى تېزلىكتە قايتتى. بايەزىدنىڭ بۇ قېتىمدىكى تېزلىكى ئۇنىڭغا مۇسىبەت بولغان ئىدى. ئۇ ماكاننى ياخشى تاللىيالمىغان ھەم تىمۇرلەڭنىڭ قوشۇنىغا ئوخشاش ۋەھىمىلىك زور بىر قوشۇن بىلەن ئۇچرىشىش ئۈچۈن ياخشى تەييارلىق قىلالمىغان ئىدى. ئارقىدىن بايەزىدنىڭ قوشۇنىدىكى موڭغۇل ئەسكەرلەرنىڭ ھەم يېڭىدىن فەتھ قىلىنغان ئاناتولىيە بەگلىكلىرى ئەسكەرلىرىنىڭ قېچىپ، شۇ بەگلىكلەرنىڭ بەگلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تىمۇرلەڭنىڭ قوشۇنىغا قېتىلىشى بىلەن بالا – قازا يۈزلەندى. مەزكۇر بەگلەر بەگلىكلىرى يىقىلغاندا، تىمۇرلەڭنىڭ قېشىغا قېچىپ بېرىۋالغان بەگلەر ئىدى. نەتىجىدە، بايەزىد مەغلۇب بولۇپ، ئەسىرگە چۈشتى.
تىمۇرلەڭ ئەڭ ناچار ۋە ئەڭ يامان كىشىلەردىن ئىدى. ئۇ بايەزىدنى ئەسىر ھالىتىدە خورلاشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، ھەتتا ئۇنىڭ بايەزىدنى بىر قەپەسكە سولاپ، شەھەرلەردە سازايى قىلغانلىقى ئېيتىلغان. بەزى تارىخچىلار بۇ رىۋايەتنى يالغانغا چىقارغان بولسىمۇ، ئەسىرلەرنى خورلاشقا ئادەتلەنگەن ۋە بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرى مەشھۇر بولغان بۇ زالىم ئادەمگە نىسبەتەن بۇ ئانچە يىراق ئىش ئەمەس. بايەزىدنىڭ ئەسىرلىككە چۈشۈپ قالغانلىقى قەلبى ئىمانىي قىزىقلىق بىلەن تولغان بۇ ئوت يۈرەك جەسۇر قەھرىماننىڭ روھىيىتىگە قاتتىق تەسىر قىلغان ئىدى. نەتىجىدە، ئۇ ئۆزىنىڭ ھالىغا ۋە زەربىگە ئۇچرىغان دۆلىتىگە جىق قايغۇرغانلىقتىن، ئاستا – ئاستا غەم بىلەن تۈگىشىپ، ھ. 805 – يىلى ئەسىرلىكتە ۋاپات بولدى. ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن! پۈتۈن ياۋروپا خىرىستىيانلىرى ۋە دۇنيادىكى بارلىق ئىسلام دۈشمەنلىرى ئۇنىڭ ئۆلۈمى ئۈچۈن خۇشاللاندى.
پايدىلانغان مەنبەلەر:
1. الدولة العثمانية فى التاريخ الحديث.
2. تاريخ الدولة العلية.
3. الدولة العثمانية المفترى عليها.
4. عوامل نهوض وسقوط الدولة العثمانية.
5. أطلس تاريخ الإسلام .
6. موسوعة التاريخ الإسلامى.
7. شذرات الذهب.
8. الضوء اللامع.
مەنبە: شەرىف ئابدۇلئەزىز زۇھەيرىينىڭ «أبطال سقطوا من الذاكرة (ئەستىن چىقىپ كەتكەن قەھرىمانلار)» ناملىق كىتابى.
تەرجىمىدە: مۇھەممەد قاۋۇل قاراخانىي