قارىلانغان قاراقۇش

قارىلانغان قاراقۇش

(ھىجرىيە  – 597 / مىلادىيە  – 1200)

 

بىرنەچچە ئاي ئىلگىرى سىلەرگە بىر قىسسىنى سۆزلەپ بەرگەنىدىم. قىسسىدە كەڭ تارقالغان بىر خاتالىقنى تۈزىتىپ، ناھەق قارىلانغۇچىنى ئاقلىغانىدىم. يەنى مۇتەنەببىي([1])نىڭ يالغانلىرىنى رەت قىلىپ، تارىخچىلارنىڭ ئادىل پادىشاھ كافۇر([2]) ۋە سەيفۇددەۋلە([3]) ھەققىدىكى ھەق قاراشلىرىنى بايان قىلغانىدىم. مۇتەنەببىي كافۇرنى كىچىك كۆرسەتكەن بولۇپ، ئەمەلىيەتتە ئۇ بۈيۈك ئىدى. سەيفۇددەۋلەنى بولسا ئەڭ ئادىل پادىشاھ قىلىپ كۆرسەتكەن بولۇپ، ئەمەلىيەتتە ئۇ جەڭگە ماھىر بولسىمۇ زالىم ھۆكۈمدارلاردىن ئىدى.

مەن بۈگۈن سىلەرگە خۇددى كافۇر زالىم شېئىرنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كەتكەندەك، تۆھمەتخور ئەدەبىياتنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كەتكەن بىر كىشى ھەققىدە سۆزلەپ بەرگىلى كەلدىم. ئۇ بولسىمۇ قاراقۇشتۇر.

بىچارە قاراقۇش ھەر زامان ۋە ھەر ماكاندىكى كىشىلەرنىڭ تىللىرىدا ھەربىر چىرىك ھۆكۈمدارنىڭ تىمسالىغا ئايلىنىپ كەتكەن. ھەرقاچان كىشىلەر بىرەر ھۆكۈمنى زالىملىق ۋە چىرىكلىك بىلەن سۈپەتلىمەكچى بولسا، «بۇ قاراقۇشنىڭ ھۆكمى» دەپ سۈپەتلەيدىغان بولۇپ كەتكەن.

ئۇلار ئۇنىڭ تارىخىنى بۇرمىلاشنىڭ ئۈستىگە ئىسمىنىمۇ بۇرمىلاپ، «قاراقۇش»نىڭ ئورنىغا «قاراقاش» دېگەن. قاراقۇش تۈركچە بۈركۈت دېگەن بولىدۇ.

قاراقۇشنىڭ – ئەي ئەزىزلەر! – ئىككى خىل سۈرىتى بار بولۇپ، بىرى راست تارىخىي سۈرىتى، يەنە بىرى ئۇنىڭ رىقابەتچىلىرىدىن بولغان بىر دۈشمىنى سۈرەتلىگەن رومان سۈرىتى.

ھەيران قالارلىقى، ھەقىقىي تارىخىي سۈرەت ئۆچۈرۈلگەن ۋە ئۇنتۇلغان. ساختا خىيالىي سۈرەت بولسا ساقلىنىپ قالغان. نەتىجىدە، قاراقۇش تىلغا ئېلىنسىلا، كىشىلەر ئۇنىڭغا تۆھمەت بىلەن چاپلاپ قويۇلغان شۇ ئەجەبلىنەرلىك ھېكايىلەرنى، شۇ غارايىب ھۆكۈملەرنى ئەسكە ئالغان.

قاراقۇش كىم؟

ئۇ ئىسلام قەھرىمانى سالاھىددىن ئەييۇبىينىڭ قوماندانلىرىدىن بىرى بولۇپ، سالاھىددىننىڭ ئەڭ ئىخلاسمەن ۋە ئەڭ يېقىن ياردەمچىلىرىدىن ئىدى. ئۇ مۇزەپپەر قوماندان ئىدى، ئىشەنچلىك ئەسكەر ئىدى ۋە تەڭدىشى يوق ھەربىي ئېنژېنىر ئىدى.

ئۇ ھەربىي ئادەمنىڭ كامىل مىسالى ئىدىكى، بىرەر بۇيرۇقنى تاپشۇرۇپ ئالسا، قارشىلىقسىز، ئويلانماستىن ۋە ئاقساتماستىن ئىتائەت قىلاتتى. بىر ئىشقا بۇيرۇق قىلسىمۇ، ئەسكەرلىرىنىڭ ئېتىراز بىلدۈرمەستىن، ئويلانماستىن ۋە كېچىكتۈرمەستىن تولۇق ئىتائەت قىلىشىنى تەلەپ قىلاتتى.

ئۇ ئىشەنچلىكلىكىدە بىر مۆجىزە ئىدى. فاتىمىيلار تەختلىرىنىڭ زاۋالىنىڭ يېقىنلاشقانلىقىنى ھېس قىلغاندا، قەسىرنىڭ خەزىنىلىرىنى بۇزۇپ چېچىپ، كۆتۈرۈشكە يېنىك ۋە باھاسى يۇقىرى نەرسىلەرنى ئېلىپ كېتىشكە باشلىغان. قەسىر كىچىك بىر شەھەر ئىدىكى، فاتىمىي خەلىپىلىرى بىرنەچچە ئەسىر جەريانىدا ساناپ تۈگەتكۈسىز قىممەتلىك ئەسەرلەرنى، بايلىقلارنى ۋە ئېسىل بويۇملارنى بۇ كىچىك شەھەرگە دۆۋىلىگەنىدى. ناۋادا ئون ئوغرى بولۇپ، تۇيدۇرماي ئۇ بايلىقلاردىن يانچۇقلىرىغا پاتقۇزالىغۇدەك ئالالىسىزە، ھەممىسى ئۆمۈر بويى باي بولۇپ ئۆتەتتى-دە.

سالاھىددىن قاراقۇشنى ساراينى ساقلاشقا ۋەكىل قىلدى. قاراقۇش شۇنداق قارىۋىدى، دۇنيادا تەڭدىشى يوق ئۈنچە-مارجانلار، نادىر زىبۇزىننەتلەر، جام ۋە ئاسما چىراغلار، ئالتۇن يىپ بىلەن توقۇلغان بىساتلار، بۇنىڭدىن سىرت نەچچە رەتلە([4]) ئالتۇننى، كەم ئۇچرايدىغان ياقۇت ۋە جاۋاھىراتنى ۋە ئاجايىپ سەنئەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان فاتىمىيلار تەختى كۆز ئالدىدا نامايان بولدى.

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئابىد ئادەمنىمۇ ئېزىقتۇرىۋېتەلەيدىغان، ھەر خىل مىللەتلەردىن بولغان ساھىبجامال دېدەكلەر بار ئىدى.

ئۇنى نە ساھىبجاماللار، نە پۇل-ماللار ئېزىقتۇرالىدى. ئۇ ئامانەتكە ۋاپا قىلىپ، ئۆزى ئۈچۈن ھېچ نەرسىنى ئالمىدى ھەم ھېچكىمنىمۇ ئالدۇرمىدى.

سالاھىددىننىڭ دەۋرىدە بارلىققا كەلگەن ئاڭ كاتتا ھەربىي ئىنشائاتلارنى قاراقۇش قۇرغان. مىسىرغا بېرىپ، مۇقەتتەمدىكى شەھەرگە قاراپ تۇرغان باغداش قەلئەنى زىيارەت قىلساڭلار، شۇنى بىلىپ قېلىڭلاركى، بۇ قەلئە، بەلكى بۇ ھەربىي شەھەر قاراقۇشنىڭ ئەسەرلىرىدىن بىرىدۇر. بۈگۈنگىچە ساقلىنىپ قالغان ئەسەرلىرىدىن قاھىرە سېپىلىنى كۆرسەڭلار، بىلىڭلاركى، شۇ سېپىللارنى سالغان ۋە ئۇنىڭ ئىچىگە جامە قوپۇرغان ھەم قەلئەگە ھەيران قالارلىق قۇدۇق كولىغان كىشى قاراقۇشتۇر.

سالاھىددىننىڭ ۋارىسلىرى ئارىسىدا ئىختىلاپ يۈز بېرىپ، ئۇرۇش چىققىلى تاس قالغان چاغدا، ئۇلارنى توسقان ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىنى تۈزىگەن قاراقۇش ئىدى.

(ھەلەب ئەمىرى) ئەلئەزىز ئەييۇبىي ئۆلۈش ئالدىدا تەختنى توققۇز ياشلىق ئوغلى مەنسۇرغا ۋەسىيەت قىلغان چاغدا، قاراقۇشنى بالىسىنىڭ ۋەسىيسى، بالىسىنىڭ ئىشلىرىنى يۈرۈتكۈچى (ئاتابەگ) قىلغان ئىدى. چۈنكى ئۇ ئەلنى ئىسلاھ قىلغان، خەلقنى رازى قىلغان ئادىل ھۆكۈمدار ۋە كەسكىن ئەمىر ئىدى.

مانا بۇ قاراقۇشتۇر. ئۇنىڭ نامىنى بۇلغىغان بۇ داغ نەدىن كەلگەن؟ ئۇنىڭ گۈزەل سۈرىتىنى كىم خۇنۈكلەشتۈرگەن؟

بۇ ھەقىقەتەن – ئەي ئەپەندىلەر! – ئەدەبىياتنىڭ جىنايىتى.

مۇتەنەببىي كافۇرنى ھەجۋىيلەشتۈرۈپ، ئۇنىڭغا ئۇنىڭ ھەقىقىي يۈزىدىن باشقا بىر يۈزنى كىيگۈزۈپ قويغان بولسا، ئىبنى مەمماتى قاراقۇشنى ھەجۋىيلەشتۈرۈپ، ئۇنىڭغا ئۇنىڭ ھەقىقىي يۈزىدىن باشقا بىر يۈزنى كىيگۈزۈپ قويغان.

نەتىجىدە، كىشىلەر بۇ ئىككى يۈزدىن پەقەت ھېيت كۈنلىرى بالىلار تاقىۋالىدىغان قەغەز يۈزلەرگە ئوخشاش بۇ ساختا يۈزنى كۆرگەن.

بۇ ئىبنى مەمماتى ئۇستا يازغۇچى ۋە پىتنىخور بىر ئەدىبتۇر. ئۇ سالاھىددىننىڭ دىۋانىدا خىزمەتچى ئىدى. چوڭ ئەمەلدارلارمۇ ئۇنىڭدىن قورقۇپ ئۆزىنى قاچۇراتتى ۋە پات-پات ئۇنىڭغا دوستلۇق ئىزھار قىلىپ ياكى سوۋغا بېرىپ خۇشامەت قىلاتتى. لېكىن قاراقۇش نە خۇشامەتنى ۋە نە مادارانى ئۇقمايدىغان ھەربىي ئادەم بولغاچقا، ئۇنىڭغا پەرۋا قىلمايتتى ۋە ئۇنىڭ يامانلىقىدىن قورقمايتتى. ئۇ بىلمىگەن ئىدىكى، قەلەمنىڭ ئۇچى نەيزىنىڭ ئۇچىدىنمۇ كۈچلۈك ئىدى، نەيزىنىڭ زەربىسى ئادەمنى يا جاراھەتلەندۈرىدۇ، ئادەم ئاز ئۆتمەي ساقىيىدۇ، ياكى ئادەمنى ئۆلتۈرىدۇ، تۈگەيدۇ. ئەمما قەلەمنىڭ زەربىسى ئادەمنى شۇنداق جاراھەتلەندۈرىدۇكى، ئادەم ساقايمايدۇ، ئۆلۈپ كەتسىمۇ ئۇنىڭ ئەلىمىدىن قۇتۇلالمايدۇ.

ئىبنى مەمماتى كىچىك بىر رىسالە يازغان بولۇپ، رىسالىسىگە «الفاشوش في أحكام قراقوش» دەپ ئىسىم قويغان ۋە بۇ ھېكايىلەرنى توقۇپ، قاراقۇشقا چاپلاپ قويغان.

كىشىلەر ئۇ ھېكايىلەرگە ئىشەنگەن ۋە تارىخنى ئۇنتۇغان.

ھەقىقىي قاراقۇش ئۆلگەن، يالغان قاراقۇش ياشىغان. خۇددى شۇنىڭدەك تارىخىي كافۇر ئۆلگەن، مۇتەنەببىينىڭ كافۇرى ياشىغان. شۇنىڭدەك رېئاللىقتىكى ئەنتەرە ئۇنتۇلغان، قىسسىدىكى ئەنتەرە تونۇلغان.

مانا بۇ – ئەي ئەپەندىلەر! – ئەدەبىياتنىڭ كۈچى. ئى ئەدىبلەر! بۇ كۈچنى ناھەق يوللارغا ئىشلىتىشتە ئاللاھتىن قورقۇڭلار. ئى ئىنسانلار! ئەدىبلەرنىڭ ساختىلىقلىرى بىلەن ئالدانماڭلار([5]).

 

مەنبە: شەيخ ئەلى تەنتاۋىنىڭ «رجال من التاريخ» ناملىق كىتابى.

تەرجىمىدە: قاراخانىي

([1]) داڭلىق ئەرەب شائىرى (مىلادىيە 915 – 965).
([2]) مىسىردا قۇرۇلغان تۈرك ئىخشىدىيلار دۆلىتى ھۆكۈمدارلىرىدىن بىرى (مىلادىيە 905 – 968).
([3]) ھەلەب ئەمىرلىكى (ھەمەدانىيلار) نىڭ ھۆكۈمدارى (مىلادىيە 915 – 967).
([4]) مىسىرنىڭ كونا ئۆلچەم بىرلىكى.
([5]) يېقىنقى دەۋردە يېزىلغان ئەدەبىي ئەسەرلەردىن مەسىلەن جورجى زەيداننىڭ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان رومان-ئەسەرلىرىمۇ مۇشۇ تىپقا كىرىدىغان بولۇپ، بۇ رومان-ئەسەرلەردە ئىسلام تارىخى ۋە ئىسلام مەشھۇرلىرىنىڭ تەرجىمىھالى ئېغىر بۇرمىلانغان ۋە خۇنۈكلەشتۈرۈلگەن.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ