شەيخ ئىسمائىل خاتىب ئاخۇنۇم

شەيخ ئىسمائىل خاتىب ئاخۇنۇم

(ھ. 1308– 1368/ م. 1890 – 1948)

بۇرھانىددىن دېگەن كىشىنىڭ ئوغلى شەيخ ئىسمائىل خاتىب ئاخۇنۇم قەشقەر شەھرىنىڭ شەرق تەرىپىگە توغرا كېلىدىغان مارالبېشىدا ھىجرىيە 1308 – يىلى تۇغۇلغان. بۇ يۇرت قەشقەر شەھرىدىن تەخمىنەن 250 كىلومېتىر يىراقلىقتا بولۇپ، شانلىق تارىخقا ئىگە، ئىسلام ئىنقىلابى قەھرىمانلىرى كۆپ چىققان بىر يۇرت ئىدى. ئىسمائىل خاتىب ئاخۇنۇم كىچىكىدىن باشلاپ ئۆسمۈرلۈك كۈنلىرىنى مۇشۇ يۇرتتا كىتاب ئارىسىدا ئۆتكۈزگەن ئىدى. كېيىن قەشقەرگە كېلىپ پەزىلەتلىك، ئېسىل ئالىملارنىڭ قولىدا تەربىيەلەنگەن ۋە ھىجرىيە 1333 – يىلى «ئىجازەتنامە»گە ئېرىشكەن. ئۇ تولىمۇ زېرەك، چىچەن، زېھنى ئۆتكۈر كىشى بولۇپ، ناھايتى تېزلا تەفسىرشۇناس، ھەدىسشۇناس، فىقھشۇناس بولۇپ قالىدۇ. ئۇ كىندىك قېنى تۆكۈلگەن ئانا يۇرتىدا بىر مەزگىل «ۋەقف ئىدارىسى»دا خىزمەت قىلغان. 1354 – يىلى ئۇزۇن مەزگىل داۋاملاشقان ئىلمىي گۈللىنىشكە ئوقۇتقۇچى سۈپىتىدە ھەسسە قوشقان. 60 يېشىدا ئۆز ئۆيىدە دىنىي تەلىم – تەربىيە ئىشلىرىنى باشلىغان. ھالبۇكى بۇ ۋاقىتتا شەيخنىڭ يېشى چوڭىيىپ قالغان، تېنى ئورۇقلاپ ئاجىزلاشقان، مىزاجى بۇزۇلۇپ مىجەزى ئىتتىكلەشكەن ئىدى. شۇنداقتىمۇ ئۇ يەنىلا ئىرادىلىك، ئىدارە قىلىش ئىشلىرىدا تەجرىبە ۋە توغرا پىكىر ئىگىسى ئىدى.

ئۇ ئۇزۇن مەزگىل مارالبېشى جامىئەسىدە خاتىبلىق قىلغان بولۇپ، ئاۋازى ياڭراق، ئۇرغۇلۇق چىقىدىغان، سۆزمەن كىشى ئىدى.

رەھمەتلىك شەيخ ئىسمائىل خاتىب ئاخۇنۇم ھىجرىيە 1368 – يىلى ئانا يۇرتىدا ۋاپات بولغان ۋە شۇ جايغا دەپنە قىلىنغان. ئاللاھ تائالا مەرھۇمغا رەھمەت قىلسۇن، مەغپىرەت قىلسۇن، ئۇنىڭ تەۋبىلىرىنى قوبۇل قىلسۇن، ئاخىرەتلىكىنى ياخشى قىلسۇن!

ئەدىب ئۇستاز مۇھەممەد قاسىم ئەمىن تۈركىستانىينىڭ «بىر قىسىم تۇركىستان سەرخىللىرىنى تونۇشتۇرۇش / الإعلام لبعض رجالات تركستان» ناملىق كىتابىدىن «ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى» تەرجىمە قىلدى.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ