ياپونىيە فاتىھى ئەلى جەرجاۋىي

ياپونىيە فاتىھى ئەلى جەرجاۋى

(ھ. ? – 1380ھ / م. ? – 1961م)

 

»بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق ياپونلارغا ئىسلامنى چۈشەندۈرىۋىدۇق، ئۇلار ئىسلام كۆرسەتمىلىرىنى ماختاشقان ھالدا، ئىسلامغا توپ – توپ بولۇپ كىرىشكە باشلىدى. بىز ئۇلارغا ئىسلامنى تونۇشتۇرغانسېرى مۇسۇلـمان بولغۇچىلارنىڭ سانى ئېشىپ، جەمئىيتىمىزنىڭ ئاۋازى شەھەرگە ئاجايىب تېز تارقالدى. ئىسلامغا ئەگەشكەنلەردىن ئىسلامغا بولغان مەدھىيەلەرنى ئاڭلايتتۇق، چۈنكى ئىسلام ئۇلارغا ھەق ئىلاھنى كۆرسەتكەن ھەمدە ئۇلارنى جاھالەت زۇلـمىتىدىن ھىدايەت نۇرىغا چىقارغان ئىدى».

— شەيخ جەرجاۋىينىڭ «ياپونىيە سەپىرى» ناملىق كىتابىدىن

مىسىر سەھرالىقلىرى نەقەدەر ئۇلۇغ كىشىلەر – ھە!

مەن مىسىر سەھرالىقلىرىنىڭ بىر قىسىم ئەخلاقسىز رىياسەتچىلەر تەرىپىدىن مەسخىرە ئوبيېكتى قىلىنغانلىقىدىن ئىنتايىن ھەيران قالاتتىم. بولۇپمۇ، ئەرەب ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ مىسىر سەھرالىقلىرى توغرىسىدىكى باياناتلىرىدىن تېخىمۇ ھەيرانلىققا چۆمەتتىم. مېنىڭ بۇ ھەيرانلىقىم مىسىر سەھراسىدىن كېلىپ چىققان شانلىق تارىخنى ئوقۇپ چىققاندىن كېيىن ئاندىن يوقالدى. ئۇلار ھەقىقەتەنمۇ ئادەتتىكى ئادەملەر ئەمەس ئىدى. نۇرغۇن مۇسۇلمانلارغا ناتۇنۇش بولغىنى شۇكى، مىسىر سەھراسى ئىسلام ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان بۈيۈك شەخسلەرنى يېتىشتۈرۈپ بەرگەن. مەن شۇنىڭغا شەكسىز ئىشىنىمەنكى، تارىخ ئويدۇرمىچىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ قولچوماقلىرىنى بۇ بۈيۈك مۇسۇلـمانلارنى مەسخىرە قىلىشقا ئۇرۇنغان. مىسىر سەھرالىقلىرىنىڭ ناپالىئوننىڭ مىسىرغا قىلغان ئەھلىسەلىب يۈرۈشىگە مەغرۇرلارچە قارشى تۇرۇشى دەل شەرەپلىك مىسىرلىقلارغا يۈرگۈزۈلگەن پەسكەش ئاخبارات ھۇجۇملىرىنىڭ سەۋەبىدۇر.

بۇ يەردە ھەممىمىز بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك مۇھىم بىر قائىدە بار. ئۇ بولسىمۇ، بۇ ئۈممەتنىڭ بۈيۈك شەخسلىرى دەل ياۋۇز ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئاساسىي نىشان ئوبيېكتىدۇر. سىز بۇ ئۈممەتتىن بىرەر تارىخىي شەخسنى سەلبىيلەشتۈرۈش ياكى مۇئەييەن بىر گۇرۇھقا قارىتا خۇنۇكلەشتۈرۈشنى كۆرسىڭىز، شۇنى بىلىپ قېلىڭكى، بۇ ئىشتا دەل تارىخ باسقۇنچىلىرىنىڭ مەينەت قولى بار.

1906 – يىلى ئىسلام ئۈممىتىنىڭ ئۇلۇغ شەخسلىرىنىڭ تارىخ «پويىزى» مىسىر سەھراسىدىن ئۆتۈشنى رەسمىي قارار قىلدى. بۈيۈكلەر تارىخ پويىزىنىڭ بۇ قېتىملىق ۋوگزالى مىسىر سەھراسى جەرجا ناھىيسىنىڭ ئۇممۇلقۇرئان يېزىسى بولدى. بۇ يېزىدا «ئەلى جەرجاۋىي» ئىسىملىك بىر ئەزھەر شەيخى بار ئىدى. ئۇ گېزىتتىن بىر خەۋەرنى ئوقۇپ ئىنتايىن ھاياجانلىنىپ كەتتى. خەۋەردىن شەيخكە مەلۇم بولدىكى، ئۆز ۋاقتىدىكى ياپونىيە باش ۋەزىرى كاتسورا خەلقئارالىق دۆلەتلەرگە ھەربىر دۆلەتنىڭ ئۆز دۆلىتىدىكى ئالىم، پەيلاسوپ، قانۇن تۈزگۈچى ۋە دىن ئەھلىلىرىنى توكيو شەھرىدە ئۆتكۈزىلىدىغان خەلقئارالىق چوڭ قۇرۇلتايغا ئەۋەتىشىنى تەلەپ قىلىپ رەسمىي بايانات ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇ باياناتتا قۇرۇلتايغا قاتناشقان ھەربىر دىن ئەھلىنىڭ ئۆز دىنى توغرىسىدا سۆزلەپ، دىنىنى تەپسىلىي تۇنۇشتۇرىدىغانلىقى، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ دىنلاردىن ئۆزىگە ماس كېلىدىغان بىر دىننى تاللاپ رەسمىي دۆلەت دىنى قىلىپ بېكىتىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. ئاخىرىدا يەنە بۇ قۇرۇلتاينى ئېچىشنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۇرۈپ مۇنداق دېيىلگەن: ياپونلار 1905 – يىلى تسوشىيما ئۇرۇشىدا رۇسلار ئۈستىدىن زور غەلىبىگە ئېرىشكەندىن كېيىن، ئەسلى ئېتىقادى بولغان «كۇڭزى تەلىماتى»نىڭ يېڭى تەرەققىيات دەۋرىدىكى ئۇلار ئېرىشكەن يۈكسەك ئەقىل – پاراسەت، ماددىي يۈكسىلىش ۋە ئىلغار مەنىۋىي قىممەت – قاراش قاتارلىقلارغا ئۇيغۇن كەلـمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلغان. شۇنىڭ ئۈچۈن، ياپونىيە ھۆكۈمىتى كۈندىن – كۈنگە يۈكسىلىۋاتقان تارىخىدىكى بۇ ئۇلۇغ تەرەققىيات دەۋرىگە ماس كېلىدىغان يېڭى بىر دىن تاللىماقچى بولغان. بۇ سەھرالىق قەھرىمان خەۋەرنى ئوقۇپ بولۇپلا ئەزھەر شەيخلىرىنىڭ يېنىغا چاپتى، ئۇلارغا مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ دىنىنى دۇنيانىڭ ئەڭ چەت رايونلىرىغىچە يەتكۈزۈش ئۈچۈن بۇ ئالتۇن پۇرسەتتىن ياخشى پايدىلىنىشنى ئېيتىپ، تېزدىن ھەرىكەتكە كېلىشكە سەپەرۋەرلىك قىلدى. ئەگەر ئۇتۇقلۇق بولۇپ قالسا پۈتۈن كائىناتنى ئۆزگەرتىۋېتەلەيدىغان بۇ مۇھىم ۋەزىپىگە كۆڭۈل بۆلۈشنى ئەسكەرتتى. بىراق، كىم بىلسۇن، شەيخ جەرجاۋىي «ئاللاھ خاھلىسا بولۇپ قالار»، «رەببىمىز ئاسان قىلار» دېگەن سۆزلەردىن باشقىنى ئاڭلىمىدى. ئەلى جەرجاۋىي  ئارقىدىنلا ئۆزىنىڭ ‹يولباشچى› ناملىق مەخسۇس گېزىتىدە ئەزھەر ئۆلىمالىرىنى قۇرۇلتاينىڭ ۋاقتى ئۆتۈشتىن ئىلگىرى ھەرىكەتلىنىشكە ئالدىرىتىپ ئومۇمىي چاقىرىق ئېلان قىلدى. يەنىلا ھېچقانداق سادا يوق، «ئىشەنگەن تاغدا كېيىك ياتماپتۇ» دېگەن سۆزنىڭ ھەقىقىتى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاندى. سىزنىڭچە شەيخ ئەلى شۇنىڭدىن كېيىن ئىشىنى ئاللاھقا تاپشۇرۇپ: «ئى ئاللاھ! مەن يەتكۈزىدىغاننى يەتكۈزدۈم، دەپلا بولدى قىلغانمىدۇ؟ ياكى قىلىشىم كېرەك بولغاننى قىلدىم» دەپ باشقىلارنىڭ بوشاڭلىقىغا ئورتاقلاشقانمىدۇ؟

بۇ سەھرالىق پالۋان پۈتۈن ئۈممەتنىڭ يۈكىنى زىممىسىگە ئېلىشقا قەتئىي بەل باغلىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ بارلىق مال – بىساتى بولغان بەش فەددان(1) يېرىنى سېتىش ئۈچۈن كىچىك يېزىسىغا يۈرۈپ كەتتى. ئۇ يەرلىرىدىن كەلگەن پۇلنى ياپونىيەگە قىلىدىغان ئاشۇ تەۋەككۈلچىلىك سەپىرىدە خىراجەت قىلماقچى ئىدى. سەپەر باشلاندى، شەيخ پاراخوتقا چىقىپ ئىسكەندەرىيەدىن ئىتالىيەگە، ئىتالىيەدىن ئەدەن(2)گە، ئەدەندىن ھىندىستاننىڭ بومبايغا، بومبايدىن سىيلان (ھازىرقى ئىسمى سىرلانكا) يېرىم ئارىلىدىكى كولومبو شەھرىگە كەلدى. شەيخ ئۇ يەردىن ئەنگىلىيە تىرانسپورت شىركىتىنىڭ پاراخوتىغا ئولتۇرۇپ سىنگاپورغا باردى، ئۇ يەردىن ھوڭكوڭغا كەلدى. بۇ سەھرالىق قەھرىمان بىر تالاي جاپا – مۇشەققەتلەر بىلەن ئاخىرى ياپونىيەنىڭ يوكوھوما پورتىغا يېتىپ بېرىپ خەتەرلىك دېڭىز سەپىرىنى ئاخىرلاشتۇردى. ياپونىيەدە ئاجايىب ئىش يۈز بەرگەن ئىدى. ئىسلام ئۈممىتىنىڭ ئۇلۇغلۇقىغا قاراڭ! شەيخ كۆردىكى، بۇ قۇرۇلتايغا قاتنىشىش ئۈچۈن باشقا ئىسلام ئەللىرىدىنمۇ نۇرغۇن ئۆلىمالار كەلگەن ئىدى. شەيخ يېتىپ كەلگەندە گىلگىتا شەيخلىرىدىن بىر ھىندى شەيخ، تۇنىس قەيراۋان شەيخلىرىدىن بىر ئەمازىغىي شەيخ، شەرقىي تۈركىستاندىن بىر «چىنلىق» شەيخ ۋە رۇسىيە ئۆلىمالىرىدىن بىر شەيخ… قاتارلىق ئۆلىمالار توكيوغا كېلىپ بولغان ئىدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاشلا ئۆزلىرىنىڭ خاس نەپىقىلىرىگە تايىنىپ كەلگەن ئىدى. ئوسمانىيلارنىڭ باتۇرى، خەلىفە ئابدۇلھەمىد II (ئاللاھ ئۇنى ياخشىلىق بىلەن مۇكاپاتلىسۇن!) تۈرك ئۆلىمالىرىدىن تەشكىللەنگەن چوڭ بىر ئۆمەك ئەۋەتكەن بولۇپ، بۇ دەۋەتچىلەرنىڭ ھەممىسى توپلىنىپ ھەرخىل قىتئەلەردىن كەلگەن مۇسۇلـمانلاردىن تەركىب تاپقان زور ئىسلام ئۆمىكىنى شەكىللەندۈردى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ دەۋىتىنى زىممىسىگە ئېلىپ شەخسەن ياپونىيە ئىمپېراتورىغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن كەلگەن ئىدى. بۇ نېمىدېگەن ئېسىل ئۈممەت – ھە!

قۇرۇلتاي باشلاندى، ھەربىر دىندىكىلەر ئۆز دىنى توغرىسىدا سۆزلەپ، نۆۋەت ئىسلام ئۆمىكىگە كەلدى. ئىسلام ئۆمىكى ياپونىيەلىكلەرگە ھەق دىننىڭ كۆرسەتمىلىرىنى چۈشەندۈرۈپ، ئۇلار چۈشىنەلەيدىغان شەكىلدە ئاددىي، ئىخچام سۆز قىلدى.

ئۇنىڭدىن كېيىن ياپونىيە ئىمپېراتورى ھەربىر ئۆمەككە تەشەككۈر ئېيتىپ، ياپونىيەدە ھەرقايسى دىننىڭ دىنىي ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىنىدىغانلىقىنى، ياپونىيەلىكلەردىن كىم قايسى دىنغا ئەگىشىشنى خاھلىسا چەكلىمىگە ئۇچرىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. جەرجاۋىي  رەھىمەھۇللاھ تەرجىماننى ئېلىپ ئۆمەك بىلەن بىرگە توكيو كوچىلىرىغا چىقىپ دەۋەت ئېلىپ باردى. ئۇلارنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ياپونىيەلىكلەردىن مىڭلىغان كىشى ئۇلارنىڭ قولىدا مۇسۇلـمان بولدى. جەرجاۋىي  كىتابىدا ئۇلار ياپونىيەدە ئېلىپ بارغان ئىشلارنى تەسۋىرلەپ مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر مۇسۇلـمانلار بۇنىڭدىن بۇرۇن ياپونىيەگە ئەلچى ئەۋەتىپ، بىز قوللانغان ئۇسۇل ئارقىلىق دەۋەت ئېلىپ بارغان بولسا، شەكسىزكى، ياپونىيەلىك مۇسۇلـمانلارنىڭ سانى نەچچە مىڭغا ئەمەس، نەچچە مىليونغا يەتكەن بولاتتى. بىزنىڭ قولىمىزدا مۇسۇلـمان بولغانلارنىڭ سانىمۇ تەخمىنەن 12000غا يەتكەن ئىدى».

جەرجاۋىي  ياپونىيە ئىمپېراتورى ئەلـماكىيدونىڭ مۇسۇلـمان بولـماسلىقىنىڭ سەۋەبىنى ئۇنىڭ ئىمپېراتورلۇق تەختىگە بولغان ھېرىسمەنلىكى، شۇنداقلا خەلقى ئۈستىدىكى ھۆكۈمرانلىقىنى يوقىتىپ قويۇشتىن قورقۇپ، ئۇلارنىڭ دىنىغا قارشى چىقالـماسلىقىدىن دەپ كۆرسەتكەن.

جەرجاۋىي  قۇرۇلتاي تۈگىگەندىن كېيىن مىسىرغا قايتتى. ئۇ مىسىرغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن بۇ ئاجايىب سەپەرنى تەسۋىرلەپ، 20 – ئەسىردە يېزىلغان سەپەر خاتىرىلىرى ئىچىدىكى ئەڭ گۈزەل كىتابلاردىن بىرى بولغان «ياپونىيە سەپىرى» ناملىق كىتابىنى يېزىپ چىقتى. جەرجاۋىي  بۇ كىتابىدا، ياپونىيە دەۋەت سەپىرى جەريانىدا ئۇچرىغان ئاجايىب – غارايىپ ۋەقەلىكلەر ۋە قىزىقارلىق ھېكايىلەرنى بايان قىلغان ئىدى.

مانا، سىز مىسىر سەھراسىدىن چىققان بىر ئۈممەت قەھرىمانىنىڭ تارىخىنى ئوقۇپ چىقتىڭىز، بۇنىڭدىن كېيىن يېنىڭىزغا بىرەر ئەقىلسىز كېلىپ «مىسىر سەھرالىقلىرى»نى مەسخىرە قىلىدىغان يۇمۇرلارنى سۆزلەپ بەرسە يەنە قاقاقلاپ كۈلەمسىز؟ ياكى دادىللىق بىلەن: ئاغزىڭنى يۇم، ئۇلار بولسا ھەقىقىي ئىسلام ئوغلانلىرى دەمسىز؟

مەنبە: جىھاد تۇربانىي: «مائة من عظماء أمة الإسلام غيروا مجرى التاريخ (تارىخ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتكەن ئىسلام ئۇلۇغلىرىدىن 100 شەخس)».

تەرجىمىدە: جەۋلان


1. بىر فەددان 4200 كۋادىرات مېتىر، تەخمىنەن 6.3 مو.
2. يەمەننىڭ بىر شەھىرى.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ