رامازاندىكى زىكىرلىرىڭىز

رامازاندىكى زىكىرلىرىڭىز

بەندىنىڭ قەلبىدىكى ئىمان گاھ كۈچىيىدۇ، گاھ زەئىپلىشىدۇ. ئىماننىڭ كۈچىيىشى ئىتائەت بىلەن بولسا، زەئىپلىشىشى گۇناھ – مەئسىيەتتىن بولىدۇ.

ئىتائەت ئەمەللىرىنىڭ ئىچىدە، ئاللاھنىڭ زىكىرىدىنمۇ ئەۋزەلرەك بىر ئەمەل بولمىسا كېرەك. چۈنكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

ــ سىلەرگە ئەمەللىرىڭلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىنى، رەببىڭلارنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ قىممەتلىك بولغىنىنى، دەرىجەڭلارنى ئەڭ ئۈستۈن قىلىدىغىنىنى، ئالتۇن – كۈمۈش سەدىقە قىلىشىڭلاردىن ۋە دۈشمىنىڭلارغا ئۇچرىشىپ، بىر – بىرىڭلارنى ئۆلتۈرۈشۈڭلاردىنمۇ ياخشىراق ئىشتىن خەۋەر بېرەيمۇ؟ ــ دېگەندە، ساھابەلەر:

ــ بولىدۇ، يا رەسۇلۇللاھ! ــ دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:

ــ ئۇ بولسىمۇ ئاللاھنى ئەسلەشتۇر، ــ دېدى([1]).

ئاللاھنى ئەسلەش ئىماننى يېڭىلايدۇ ۋە كۈچلەندۈرىدۇ. قەلبلەرنى تازىلاپ، دات بېسىپ كېتىشتىن ياكى گۇناھتىن قارىداپ كېتىشتىن ئىلگىرىكى پاك ھالىتىگە قايتۇرىدۇ.

ئاللاھ تائالا ئىمان ئەھلىنى رەببىنى زىكىر قىلىشقىلا بۇيرۇماستىن، بەلكى كۆپلەپ زىكىر قىلىشقا بۇيرۇپ: ﴿ئى مۇئمىنلەر، ئاللاھنى كۆپ ياد قىلىڭلار. ئۇنىڭغا ئەتىگەن ئاخشامدا تەسبىھ ئېيتىڭلار، (چۈنكى بۇ ئىككى ۋاقىتتا پەرىشتىلەر چۈشۈپ تۇرغانلىقتىن، ۋاقىتلارنىڭ ئەۋزىلى ھېسابلىنىدۇ)﴾(ئەھزاب: 41 – 42) دېگەن ۋە ﴿مەقسىتىڭلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن، ئاللاھنى كۆپ ياد ئېتىڭلار﴾(جۇمۇئە: 10) دېگەن.

ئاللاھ تائالا ھەرقانداق ۋاقىتتا ئۆزىنى كۆپ ئەسلىگەن كىشىنى: ﴿ئۇلار ئۆرە تۇرغاندىمۇ، ئولتۇرغاندىمۇ، ياتقاندىمۇ ئاللاھنى ئەسلەپ تۇرىدۇ﴾(ئال ئىمران: 191) دەپ ماختايدۇ.

ئاللاھ تائالا زىكىر ئېيتقۇچىلارغا گۇناھلارنى مەغپىرەت قىلىش بىلەن بىرگە بۈيۈك ئەجىر بېرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿ئاللاھنى كۆپ زىكىر قىلغۇچى ئەرلەر ۋە كۆپ زىكىر قىلغۇچى ئاياللارغا ئاللاھ مەغپىرەت ۋە كاتتا ساۋاب تەييارلىدى﴾(ئەھزاب: 35).

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كۆپ زىكىر قىلغۇچىلارنى «ئالدىغا ئۆتۈپ كەتكۈچىلەر» دەپ خەۋەر بېرىپ: «مۇفەررىدلەر ئىلگىرلەپ/ئۈزۈپ كەتتى» دېگەنىدى. شۇندا ساھابە كىراملار:

ــ مۇفەررىدلەر كىملەر؟ ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ــ دەپ سوراشتى. ئاللاھ رەسۇلى ئەلەيھىسسالام:

ــ ئۇلار ئاللاھنى كۆپ زىكىر قىلغۇچى ئەرلەر ۋە ئاياللار، ــ دەپ جاۋاب بەردى([2]).

مۇفەررىدلەر دېگەن سۆز «مُفَرِّد» سۆزلۈكىنىڭ كۆپلۈكى بولۇپ، «ئىنسانلار بىلەن مۇئامىلە قىلىۋاتقان تەقدىردىمۇ، قەلبى ۋە تىلى بىلەن ئاللاھنى ئەسلەپ ئاللاھ بىلەن خالىي بولغۇچى» دېگەن مەنىدىدۇر.

شۇل بائىس زىكىر پۈتۈن ئەمەللەرنىڭ روھىدۇر ۋە ئەڭ ئۇلۇغىدۇر. ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇ: ﴿ئاللاھنى ياد ئېتىش ھەممىدىن (يەنى ئۇنىڭدىن باشقا ھەممە ئىبادەتتىن) ئۇلۇغدۇر، ئاللاھ قىلىۋاتقان (ھەممە) ئىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ﴾(ئەنكەبۇت: 45).

ئىلىم ئەھلىلىرى بۇ ئايەتنىڭ مەنىسىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھنى زىكىر قىلىش ھەرقانداق ئىشتىن ئۇلۇغدۇر. چۈنكى، زىكىر كۆپىنچە ئىتائەت ئەمەللىرىدىكى ئاساسلىق مەقسەتتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىتائەتنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى، سىرى ۋە روھى سانىلىدۇ».

زىكىر ئىتائەت ئەمەللىرىنىڭ ئەڭ ئۇلۇغى بىلەن بىرلەشتۈرۈلدى. كەلىمەتۇ تەۋھىد ــــ «لا ئىلاھە ئىللەللاھ» بىر زىكىردۇر. ھەتتا زىكىرلەر ئىچىدىكى ئەڭ ئەۋزىلىدۇر.

ناماز زىكىر بىلەن بىرلەشتۈرۈلدى: ﴿مېنى زىكىر قىلىش ئۈچۈن ناماز ئوقۇغىن﴾(تاھا: 14).

ھەج زىكىر بىلەن بىرلەشتۈرۈلدى: ﴿سىلەر ھەجگە ئائىت ئىبادەتلەرنى ئادا قىلغاندىن كېيىن، ئاللاھنى ئاتا – بوۋاڭلارنى پەخىرلىنىپ ياد ئەتكەندەك ياكى ئۇنىڭدىنمۇ زىيادە ياد ئېتىڭلار﴾(بەقەرە: 200).

جىھاد زىكىر بىلەن بىرلەشتۈرۈلدى: ﴿ئى مۇئمىنلەر، (مۇشرىكلەردىن) بىر جامائەگە (يەنى دۈشمەن قوشۇنىغا) ئۇچراشقان چېغىڭلاردا ساباتلىق كۆرسىتىڭلار، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھنى كۆپ ياد ئېتىڭلار﴾(ئەنفال: 45).

شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تائالا دىنىنى قوغدىغۇچى ئالىملارنىڭ ئالامىتىنى زىكىر قىلغۇچىلار دەپ بېكىتتى. بەلكى ئۇلارنى زىكىر ئەھلى دەپ ئاتىدى: ﴿ئەگەر بۇنى بىلمىسەڭلار، زىكىر ئەھلىدىن (ئەھلى ئىلىمدىن) سوراڭلار﴾(ئەنبىيا: 7).

ئاللاھنىڭ زىكرىدىن غەپلەتتە قېلىش مەھرۇم قېلىش ۋە زىيان تارتىشنىڭ ئالامىتىدىندۇر: ﴿سىلەر ئاللاھنى ئۇنتۇغان، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئۇلارغا ئۆزلىرىنى ئۇنۇتتۇرغان كىشىلەردەك بولماڭلار، ئەنە شۇلار پاسىقلاردۇر﴾(ھەشر: 19).

بىر ئىنسان تىلىدا ھەم دىلىدا ئاللاھنىڭ زىكرىنى دائىم قىلماي تۇرۇپ غەپلەتتىن، مەھرۇم قېلىشتىن، نادانلىقتىن، كەمچىلىكتىن ۋە زىيان تارتقۇچىلىقتىن قۇتۇلالمايدۇ. مۇئاز ئىبنى جەبەل([3]) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئېيتقانكى: «ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلۇشتا ئاللاھنىڭ زىكرىدىنمۇ ئۈنۈملۈكرەك بىر قۇتۇلۇش يولى يوقتۇر»([4]). نەپسىمىزنىڭ زىكىرنى كۆپ قىلىشقا ئۆزلۈكىدىن ھەرىكەتكە ئۆتۈشى ئۈچۈن تىلىمىزنى ھەر زامان زىكىر قىلىشقا كۆندۈرۈش ۋە چېنىقتۇرۇشىمىز زۆرۈردۇر. شۇندىلا ياخشىلىقلارنى كۆپ قىلغىلى ۋە ئىماننى زىيادە قىلغىلى بولىدۇ.

بىر كىشى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇ زاتقا:

ــ ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى، ئىسلامنىڭ ھۆكۈملىرى ماڭا جىق كۆرۈنۈپ كەتتى، چىڭ ئېسىلىپ مېڭىشىم ئۈچۈن، ماڭا بىرلا ئىشنى تەۋسىيە قىلسىلا، ــ دېگەنىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە:

ــ تىلىڭ ھەمىشە ئاللاھنى زىكىر قىلىش بىلەن نەمدەلسۇن، ــ دېدى([5]).

دىللارنىڭ ياشنىشى، ۋاقىتلارنىڭ بېزىلىشى ئۈچۈن كۈندىلىك زىكىرنى داۋاملاشتۇرۇشتىنمۇ كۆپرەك تىل نەمدىلىنىدىغان باشقا بىرنەرسە بولمىسا كېرەك. «قۇرئان كەرىم»دىن كۈندىلىك، ھەپتىلىك ياكى ئايلىق ئوقۇشقا تېگىشلىك ۋەزىپىلەرنى داۋاملاشتۇرۇش قەلبنى ئىلاھىي ۋەھىيدە نۇرلاندۇرۇشنى ئارزۇ قىلغان كىشى ئۈچۈن مۇھىم بىر ئىشتۇر. كېچە ۋە كۈندۈزلۈك بەلگىلەنگەن زىكىرلەر مۇئمىن ئۈچۈن غەپلەتنىڭ پەردىلىرىنى يىرتىپ، ئالدىراشچىلىقنىڭ كىشەنلىرىنى پاچاقلايدىغان ياخشى قورالدۇر.

ئىنسان كۆپىنچە، ۋاقتىنى قەدىرلىمىگەنلىكتىن ياكى پىلاندا يوق ئىشلار سەۋەبىدىن كۈندىلىك زىكىرلەرنى تاشلاپ قويىدۇ ياكى بەزىسىنى ئۇنتۇپ قالىدۇ. ئىماننى يېڭىلاپ تۇرغۇچى ياخشىلىقنىڭ يولىدىن چەتنەپ كەتمەسلىكىمىز ئۈچۈن بۇلاردىن ساقلىنىشىمىز كېرەك.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كېچىلىك ۋە كۈندۈزلۈك زىكىرلەرنى پەيغەمبەرلىك يۈكلىرى، ئۈممەتنىڭ سىياسىي ئېغىرچىلىقلىرى ۋە ئىسلام دەۋىتىنى يەتكۈزۈشتىكى جەبر – مۇشەققەتلەر ئىچىدىمۇ ھېچ ئۈزۈپ قويماستىن قانداق داۋام قىلغانلىقىنى ئۇنۇتماسلىقىمىز كېرەك.

﴿ئەتىگەن ئاخشامدا پەرۋەردىگارىڭنىڭ نامىنى ياد قىلغىن. كېچىنىڭ ئاز قىسمىدا ئۇنىڭغا سەجدە قىل، كۆپ قىسمىدا ئۇنىڭغا تەسبىھ ئېيت﴾(ئىنسان: 25 – 26).

مۇبارەك رامازان ئېيىنىڭ كۈندۈزلىرى ۋە كېچىلىرىدە دۇنيا ئىشلىرى ۋە باشقا تۈرلۈك ئامىللارنىڭ پۈتۈن ۋاقىتلىرىمىزنى ئىگىلەپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، كۈندىلىك پروگراممىلىرىمىزنى تەرتىپكە سېلىشقا ناھايىتى ياخشى پۇرسەتلەر باردۇر. كۈندىلىك پروگراممىلىرىمىزنى رامازاننىڭ بېشىدىن تارتىپ تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىشىمىز ئۈچۈن زىكىرگە باشقا ئىشقا تەسىر كۆرسەتمەيدىغان، باشقا ئىشمۇ ئۇنىڭغا تەسىر كۆرسەتمەيدىغان مۇۋاپىق ۋاقىت ۋە مۇۋاپىق ئورۇن ھازىرلىيالىشىمىز مۇمكىن. مەسىلەن: بامداتتىن ئىلگىرى ئىستىغپار، بامداتتىن كېيىن تەسبىھ ئېيتىپ، كۈن چىققانغا قەدەر ئەتىگەنلىك زىكىرلەر ئۈچۈن ئولتۇرالىشىڭىز مۇمكىن. كۈن چىقىپ، قۇربىڭىزنىڭ يېتىشىچە چاشگاھ نامىزى([6]) ئوقۇغىنىڭىزدىن كېيىن، كۈندىلىك خىزمەتلىرىڭىزنى روھلۇق ھالەتتە داۋام قىلىشىڭىز ئۈچۈن ئازراق ئۇخلىۋېلىشىڭىزغا پۇرسەت بولىدۇ. كۈندىلىك خىزمەتلىرىڭىزدىن كېيىن، كۈن پېتىشتىن ۋە ئىپتاردىن ئىلگىرى ئاخشاملىق زىكىرلەر ئۈچۈن پۇرسەت تاپالىشىڭىز مۇمكىن. دېمەككى، رامازان روزا، كېچىلىك ناماز، سېخىيلىق ۋە باشقا خىلمۇخىل ئىبادەتلەرنىڭ مەۋسۇمى بولغىنىدەك زىكىرنىڭمۇ ھەم مەۋسۇمىدۇر.

رامازان ئېيىدىكى كۈندۈزلۈك ۋە كېچىلىك زىكىرلەرنىڭ رولى ناھايىتى چوڭدۇر. ئۇ ساپلىق، ئېغىر – بېسىقلىق ۋە خۇشۇئدىن ئىبارەت باشقا ۋاقىتلاردا تاپقىلى بولمايدىغان مەنىۋىي روھلارنى قولغا كەلتۈرىدۇ. ئەگەر رامازاندىكى زىكىرلەرنىڭ پەزىلەت ۋە ئەجىردە باشقا ۋاقىتتىكى زىكىرلەرگە ئوخشىمايدىغانلىقىدىن ئىبارەت مەزكۇر ئارتۇقچىلىقى يۇقىرىقىلارغا قوشۇلغىنىدا قانداق بولۇپ كېتەر – ھە؟!

ئىبراھىم نەخەئىي([7]) مۇنداق دەيدۇ: «رامازاندىكى بىر كۈنلۈك روزا باشقا ۋاقىتتىكى مىڭ كۈنلۈك روزىدىن ئەۋزەلدۇر؛ رامازاندىكى بىر تەسبىھ باشقا ۋاقىتتىكى مىڭ تەسبىھتىن ئەۋزەلدۇر؛ رامازاندىكى بىر رەكئەت ناماز باشقا ۋاقىتتىكى مىڭ رەكئەت نامازدىن ئەۋزەلدۇر»([8]).

ئاللاھنى تىلى ۋە دىلى بىلەن ئەسلەيدىغان كىشى ئىمانىنى يېڭىلاپ تۇرغاندەك، مۇناپىقلىقتىن ئادا – جۇدالىقىنىمۇ يېڭىلاپ تۇرىدۇ. چۈنكى، مۇناپىقلار ئاللاھنى ئەڭ ئاز ئەسلەيدىغان كىشىلەردۇر: ﴿ئۇلار ناماز ئۈچۈن تۇرغاندا، خۇش ياقماسلىق بىلەن تۇرىدۇ، كىشىلەرگە كۆرسىتىش ئۈچۈن ئوقۇيدۇ، ئاللاھنى پەقەت ئازغىنا ياد ئېتىدۇ﴾(نىسا: 142). مۇئمىنلەر زىكىر ئېيتىش ۋە شۈكۈر قىلىش بىلەن مۇناپىقلاردىن پەرقلىق بولۇشقا بۇيرۇلغان. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئاللاھنىڭ زىكرىنى كۆپ قىلسا، مۇناپىقلىقتىن ئادا – جۇدا بولغان بولىدۇ»([9]).

ئاللاھ تائالانىڭ بىزلەرگە ئاتا قىلغان رەھمەتلىرىدىن بىرى شۇكى، بەندىلەرنىڭ ئۆزىنى ياد ئېتىپ زىكىر قىلىش – قىلماسلىقتا ئارىسالدى بولماسلىقى ۋە غەپلەتتە قالغىنىدا شەيتانغا ئەل بولۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، بىر بۆلۈك زىكىرلەرنى پەرز قىلدى. مەسىلەن، ناماز: ﴿شۈبھىسىزكى، ناماز مۇئمىنلەرگە ۋاقتى بەلگىلەنگەن پەرز قىلىندى﴾(نىسا: 103)، ﴿مېنى زىكىر قىلىش ئۈچۈن ناماز ئوقۇغىن﴾(تاھا: 14).

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پەرزدىن باشقا نامازلارغىمۇ بۇيرۇپ تەكىتلەنگەن سۈننەت قىلدى. بۇ نامازلار پەرز قىلىنغان زىكىرلەردە (نامازلاردا) يۈز بېرىپ قالىدىغان كەمتۈكلۈكنى تولۇقلايدىغان نەفلە ئىبادەتلەردۇر.

بۇ نەفلە نامازلار غەپلەتنىڭ ئۇزۇن سۈرمەسلىكى ئۈچۈن، پەرز نامازلارنىڭ ئالدى – كەينىدە ئوقۇلىدىغان قىلىندى. بۇ نامازلارنى بەدەن ئەزالىرى قەلب بىلەن بىرلىكتە ئادا قىلىدۇ. يۇقىرىقىلاردىن باشقا كېچە بىلەن كۈندۈزدە ھەممە ۋاقىتلاردا زىكىرلەر يولغا قويۇلدى، بۇلاردىن پەرز نامازدىن كېيىنكىلىرى تېخىمۇ تەكىتلەندى.

نامازخان ئۈچۈن ھەر پەرز نامازدىن كېيىن 33 قېتىم تەسبىھ، 33 قېتىم ھەمد، 33 قېتىم تەكبىر ئېيتىش ئاندىن زىكىرنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى بولغان «لا ئىلەھە ئىللەللاھ» بىلەن 100 قېتىم تەسبىھ ئېيتىش يولغا قويۇلدى.

بامدات بىلەن ئەسىردەك پەرز نامازلاردىن كېيىن نەفلە ناماز ئوقۇش دۇرۇس بولمايدىغان ۋاقىتلاردا زىكىرنى تىلدا كۆپ قىلىش يولغا قويۇلدى. ئاللاھ تائالا كۆپلىگەن ئايەتلەردە بۇ ھەقتە توختالغان: ﴿ئۇنىڭغا ئەتىگەن – ئاخشامدا تەسبىھ ئېيتىڭلار﴾(ئەھزاب: 42)؛ ﴿ئەتىگەن – ئاخشامدا پەرۋەردىگارىڭنىڭ نامىنى ياد قىلغىن﴾(ئىنسان: 25)؛ ﴿گۇناھىڭغا ئىستىغپار ئېيتقىن، ئاخشىمى ۋە ئەتىگىنى پەرۋەردىگارىڭغا ھەمد بىلەن تەسبىھ ئېيتقىن﴾(غافىر: 55) ۋە ﴿كۈن چىقىشتىن ئىلگىرى، كۈن پېتىشتىن بۇرۇن، كېچە ۋاقىتلىرىدا ۋە كۈندۈزنىڭ دەسلەپكى ۋە ئاخىرقى ۋاقىتلىرىدا پەرۋەردىگارىڭغا تەسبىھ ئېيتقىن (يەنى ناماز ئوقۇغىن) ۋە ھەمد ئېيتقىن﴾(تاھا: 130).

شۇڭلاشقا بۇ ئىككى ۋاقىتنىڭ، يەنى بامدات بىلەن ئەسىرنىڭ ۋە ئۇ ئىككىسىدىن كېيىنكى ۋاقىتلارنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدە كۆپلىگەن ئايەت ۋە ھەدىسلەر كەلگەن. بامدات مالائىكىلەر ھازىر بولىدىغان نامازدۇر: ﴿(كۈندۈزنىڭ ۋە كېچىنىڭ پەرىشتىلىرى) چوقۇم بامدات نامىزىدا ھازىر بولىدۇ﴾(ئىسرا: 78). كۈچلۈك كۆزقاراشتا ئاللاھ تىلغا ئالغان ئوتتۇرا ناماز ئەسىر نامىزىدۇر: ﴿(بەش) نامازنى بولۇپمۇ ئوتتۇرا نامازنى (يەنى ناماز دېگەرنى) داۋاملاشتۇرۇڭلار (يەنى پۈتۈن شەرتلىرى بىلەن ۋاقتىدا تولۇق ئادا قىلىڭلار)، ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا (يەنى نامازدا) ئىتائەتمەنلىك بىلەن تۇرۇڭلار﴾(بەقەرە: 238).

مەزكۇر ئىككى نامازغا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «سالقىن ۋاقىتتىكى ناماز» دەپمۇ نام بەرگەن: «كىمكى ئىككى سالقىن ۋاقىتتىكى ناماز (بامدات بىلەن ئەسىر) نى ئوقۇسا جەننەتكە كىرىدۇ»([10]).

بۇ ئىككى ناماز نامازلارنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى ۋە ئۇ ئىككىسىدىن كېيىنكى ۋاقىت «قۇرئان» ئوقۇش، ئۆگىنىش – ئۆگىتىش ۋە پايدىلىق ئىلىم تەلەپ قىلىشقا ئوخشاش ھەرقانداق بىر زىكىر ئۈچۈن ۋاقىتلارنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى ۋە ئەڭ ياخشىسىدۇر. لېكىن، (33 قېتىمدىن) تەسبىھ، ھەمد ۋە تەكبىر ئېيتىش، ئاللاھنى ئۇلۇغلاش، ئىستىغپار ئېيتىش ۋە كېچە – كۈندۈزنىڭ زىكىرلىرى ئۈچۈن بۇ ئىككى نامازدىن كېيىن يەنى كۈن چىقىشتىن ۋە كۈن پېتىشتىن ئىلگىرىكى ۋاقىت ئەڭ مۇناسىب ۋە ئەڭ ياخشى ۋاقىتتۇر.

غەپلەتتە يېتىۋەرمەڭ! ئى روزىدار قېرىنداشىم! رامازان ئېيىدىكى بۇ پەزىلەتلىك ۋاقىتلارنى غەنىيمەت بىلىڭ. بۇ ۋاقىتلاردا كېلىدىغان ئۇيقۇنىڭ شېرىن لەززىتى ياكى سوھۇر ۋە ئىفتار ھازىرلىقلىرىغا ئوخشاش ئىشلار بىزنى ئاللاھنىڭ زىكرىدىن غەپلەتتە قويماسلىقى ئۈچۈن، ھوشيار بولۇشىمىز كېرەك.

ئى قېرىندىشىم! كېچە ۋە كۈندۈزنىڭ زىكىرلىرى ۋە قىلىشقا ئادەتلەنگەن ئىبادەتلىرىڭىزنىڭ مۇكاپاتىنى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا تاپىسىز، شۇ زىكىرلەرنى تاشلاپ قويماي داۋاملاشتۇرۇڭ! تىلىڭىزنى زىكىرلەرگە كۆندۈرۈڭ ۋە زىكىرلەر ئۈچۈن ۋاقىت ئاجرىتىڭ! تىلەيمىزكى، ئاللاھ تائالا سىزنى ۋە بىزنى رەببىنى كۆپ زىكىر قىلغۇچىلارنىڭ قاتارىغا يازغاي.

ــ قانداق قىلغاندا بىر كىشى كۆپ زىكىر قىلغۇچىلاردىن بولالايدۇ؟ ــ دەپ سورالغاندا، ئىمام ئەمر ئىبنى سالاھ([11]) مۇنداق دەپ جاۋاپ بەرگەنىكەن:

ــ كىشى سەھىھ ھەدىسلەردە بايان قىلىنغان ئەتىگەن ۋە ئاخشامنىڭ زىكىرلىرىنى ۋە كېچە – كۈندۈزنىڭ ئەمەللىرى ھەققىدە يېزىلغان كىتابلاردا بايان قىلىنغان خىلمۇخىل ۋاقىت ۋە شارائىتلاردا قىلىشقا تېگىشلىك زىكىرلەرنى ئۈزۈلدۈرمەي داۋام قىلغان ۋاقتىدا ئاللاھ تائالانى كۆپ زىكىر قىلغۇچىلاردىن بولالايدۇ([12]).

 

ئى ئاللاھ! سېنى زىكىر قىلىشىمىزغا، ساڭا شۈكۈر قىلىشىمىزغا ۋە ساڭا گۈزەل ئىبادەت قىلىشىمىزغا ياردەم بەرگىن، بىزنى غاپىللاردىن قىلمىغىن!… ئامىن!

 

مەنبە: دوكتور ئابدۇلئەزىز مۇستافا كامىل: «روزىنىڭ روھى ۋە مەنىلىرى».

ئەرەبچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن يۈسۈف

نەشر قىلغۇچى: ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى


([1]) «تىرمىزىي»، 3377 – ھەدىس؛ «ئىبنى ماجە»، 3790 – ھەدىس. ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
([2]) «مۇسلىم»، 2676 – ھەدىس.
([3]) ئەبۇ ئابدۇرراھمان مۇئاز ئىبنى جەبەل ئىبنى ئەمر ئەلئەنسارىي ئەلخەزرەجىي (مُعَاذُ بنُ جَبَلِ بنِ عَمْرٍو الأَنْصَارِيُّ، ھ. بۇرۇن 18 – ھ. 18 / م. 604 – 639) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ــ 18 يېشىدا مۇسۇلمان بولۇپ، ئىككىنچى «ئەقەبە بەيئىتى»گە، «بەدر غازىتى»غا ۋە ئۇندىن كېيىنكى بارلىق غازاتلارغا قاتناشقان ساھابە. ساھابەلەر ئىچىدىكى ھالال – ھارام ئەھكاملىرىنى ئەڭ ياخشى بىلىدىغان فەقىھ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەرىپىدىن يەمەنگە ئەۋەتىلگەن. ــ ت.
([4]) «تىرمىزىي»، 3377 – ھەدىس.
([5]) «تىرمىزىي»، 3375 – ھەدىس؛ «ئىبنى ماجە»، 3793 – ھەدىس. ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
([6]) چاشگاھ نامىزى (صَلاَةُ الضُّحَى): قۇياش نەيزە بويى كۆتۈرۈلگەندىن باشلاپ تىكلەشكەنگە قەدەر ئوقۇلىدىغان كۈندۈزگە تەۋە نەپلە نامازدۇر. ئىككى رەكئەتتىن سەككىز رەكئەتكىچە ئوقۇلىدۇ. پەزىلىتى كاتتا بولغان بۇ نامازنىڭ ھۆكمى مۇستەھەپ ۋە سۈننەت بولۇپ، «سالاتۇل ئەۋۋابىين (ئىتائەتمەنلەر نامىزى)»، «سالاتۇل ئىشراق (كۈن يورۇش نامىزى)» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ــ ت.
([7]) ئەبۇ ئىمران ئىبراھىم ئىبنى يەزىد ئەننەخەئىي ئەلكۇفىي (إِبْرَاهِيْمُ بنُ يَزِيْدَ بنِ قَيْسٍ النَّخعِيّ الكُوْفِيُّ، ھ. 39 ياكى 47 – 96 / م. 659 ياكى 667 – 715) ــ تابىئىن. قىرائەت ئالىمى ۋە كاتتا فەقىھ. ــ ت.
([8]) ئابدۇرراھمان ئەلئاسىمىي: «ۋەزائىفۇ رامازان»، 15 – بەت.
([9]) بەيھەقىي: «شۇئەبۇل ئىمان»، 571 – ھەدىس.
([10]) بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، 574 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 635 – ھەدىس.
([11]) تەقىييۇددىن ئەبۇ ئەمر ئىبنى سالاھ، ئوسمان ئىبنى ئابدۇرراھمان ئىبنى ئوسمان ئەششەھرەزۇرىي (عُثْمَان بنُ عَبْدِ الرَّحْمَنِ بنِ عُثْمَانَ، أَبُو عَمْرٍو بنِ الصَلَاحِ الشَّهْرَزُورِيُّ، ھ. 557 – 643 / م. 1161 – 1245) ــ مۇھەددىس ۋە شافىئىي فەقىھ، ئەسەرلىرى: «مۇقەددىمەتۇ ئىبنى سالاھ»، « پەتۋالار»، «تاباقاتۇلفۇقاهاﺋ» ۋە باشقىلار. ــ ت.
([12]) ئىبنى سالاھ: «فەتاۋا ۋە مەسائىلۇ ئىبنى سالاھ»، 1 – توم، 150 – بەت.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ