ئوسمانىيلار خەلىپىلىكىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە تەسىرى

دوكتور راغىب سەرجانىي

 

ھازىرقى تۈركىيە ئىسلامنىڭ دەسلەپكى ئەسىرلىرىدە تېخى دۆلەت ئەمەس ئىدى. مەشھۇر رىۋايەتلەر تۈركلەرنىڭ ئەسلىي بولغان «ئوغۇز» قەبىلىسىگە قوشۇلۇپ كەتكەن قاي قەبىلىسىنىڭ ئۆز يۇرتىدىن كۆچكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بۇ موڭغۇللارنىڭ تالان – تاراجلىرى سەۋەبىدىن ئىدى. سۇلتان ئالائىددىن بىرىنچىنىڭ قوماندانلىقىدىكى سالجۇق مۇسۇلمان قوشۇنى بىلەن ۋىزانتىيە قوشۇنى ئارىسىدا ئۇرۇش قوزغالغاندا ئۇلار مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىغا قوشۇلدى ۋە ئاللاھ ئەززەۋەجەللەنىڭ پەزلى بىلەن نۇسرەت قازاندى. شۇنىڭ بىلەن سالجۇقلارنىڭ پادىشاھى ئۇلارنى ئاشۇ ماكاندىن يەر – زېمىننى سۇيۇرغال قىلىپ بېرىش بىلەن مۇكاپاتلىدى ۋە ئۇلارنىڭ بېگى ئەرتوغرۇلنى بۇ يېڭى بەگلىككە ئەمىر قىلىپ بەلگىلىدى([1]).

ھىجرىيە 687 – يىلى(مىلادى 1288 – يىلى) ئەرتوغرۇل ۋاپات بولغاندا ئورنىغا ئوسمانىيلار خەلىپىلىكىگە نىسبەت بېرىلگەن ئوغلى ئوسمان ئىبنى ئەرتوغرۇل ۋارىسلىق قىلىدۇ ۋە بەگلىكنى كېڭەيتىپ ئىسلام ئاساسىغا قۇرۇلغان ئىمپېرىيەگە ئايلاندۇرىدۇ. بۇ ئىمپېرىيە ياۋروپاغا ئىسلامنى تارقىتىش ۋە خىرىستىيانلارنىڭ ھۇجۇملىرىغا قارشى مۇسۇلمانلارنى قوغداشتەك مەجبۇرىيەتلەرنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى ۋە سۇلتان مۇھەممەد فاتىھ زامانىغا كەلگەندە ئىستانبۇلنى فەتھى قىلىشتەك كاتتا چوڭ غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى([2]).

خىرىستىيانلارنىڭ سۇيىقەستلىرى ۋە ئوسمانىيلار خەلىپىلىكى

كېيىنچە، بۇ سۇلتانلىق ئىسلام دۇنياسىنى بىر بايراق ئاستىغا ئۇيۇشتۇرۇشقا يۈزلەنگەن خەلىپىلىككە ئايلاندى. ئوسمانىيلار خەلىپىلىكى دەسلەپكى مەزگىللىرىدە شەرق ئەرەبلىرىنى ۋە ئىسلامنى تولۇق ئۈچ ئەسىر مۇستەملىكە ئۇرۇشلىرىدىن قوغداپ كەلدى. يەنى، ھىجرىيە 10 – يىلى (مىلادىيە 16 – ئەسىرنىڭ باشلىرىغا توغرا كېلىدۇ) دىن باشلاپ پورتۇگالىيەنىڭ ۋە شۇنداقلا خىرىستىيان دۇنياسىنىڭ سۇيىقەستىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھىجاز زېمىنىغا سىڭىپ كىرىشىنى توستى. يەنى، ئۇلار مەككىگە يۈرۈش قىلىپ ھەرەم مەسجىدىگە بېسىپ كىرىشنى ۋە كەئبىنى ۋەيران قىلىشنى، ئاندىن ھەربى قوشۇننى مەدىنىگە رەسۇلۇللاھ سەللەلاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قەبرىسىنى ئوغۇرلاشقا ئەۋەتىشنى، ئاخىرىدا بۇ قەبىھ قوشۇننى بەيتۇلمۇقەددەسكە ئەۋەتىپ ئەقسا مەسجىدىنى ئىگىلەشنى، بۇ ئارقىلىق ئىسلامدىكى ئۈچ چوڭ مەسجىدنىڭ پورتۇگالىيەنىڭ قول ئاستىدا بولۇشىنى پىلانلىغان ئىدى([3]). شۇنداقلا ئوسمانىيلار خەلىپىلىكى ئىسلامنى ۋە شىمالىي ئافرىقىدىكى ئەرەب ئاھالىلەرنى ئىسپانىيە ۋە پورتۇگالىيە قوماندانلىقىدىكى شىمالىي ئافرىقا ساھىللىرىدا خىرىستىيان دۆلىتى قۇرۇش خەتىرىدىن ساقلاپ قالدى([4]).

ئوسمانىيلار خەلىپىلىكى ۋە ئۈممەتنىڭ بىرلىكى

ئوسمانىيلار ئۆزىنىڭ باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرگەن ئەرەب دۆلەتلىرى ئارىسىدا باراۋەرلىك ھاسىل قىلدى، بۇ دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى ئۆزىنىڭ ئىسلام دىنىنى، ئەرەب تىلىنى، ئەرەب – ئىسلام مەدەنىيىتىنى، ئۆرپ – ئادەت ئەنئەنىلىرىنى ساقلاپ قالدى. ئوسمانىيلار ئەرەب دۆلەتلىرى ئارىسىدا يېپىق چېگرا ياكى سۈنئىي توسمىلارنى بېكىتمىدى، ئۇلارغا ھەرۋاقىت سەپەر قىلىش ۋە كۆچۈش ئەركىنلىكى، خىزمەت پۇرسىتى بەردى. دەمەشق ئاھالىسىدىن بىرسى باغدات ياكى قاھىرە، قايرەۋاندىن ۋە ياكى باشقا ئەرەب شەھەرلىرىگە بېرىپ شۇ يەردە ياشىماقچى ياكى ئىقتىسادىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانماقچى بولسا كىرىپ – چىقىش ئۈچۈن ئىجازەت ئېلىشقا، تۇرۇش ئۈچۈن ئىقامەتكە ئېھتىياجلىق ئەمەس ئىدى. ھازىرقى زامانىمىزدا بولسا بۇلارنى تەسەۋۋۇرمۇ قىلالمايمىز([5]).

شۇنداق قىلىپ ئوسمانىيلار خەلىپىلىكى مىلادى 13 – ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا موڭغۇللارنىڭ بېسىپ كىرىشى بىلەن ئابباسىيە دۆلىتىنىڭ يىمىرىلىشى ۋە خەلىپىلىكنىڭ پايتەختى بولغان باغداتنىڭ خارابلىشىشى بىلەن پارچىلىنىپ كەتكەن ئەرەب ئىسلام دۇنياسىنى بىرلەشتۈردى. شۇڭا، كۆپ سانلىق تارىخشۇناسلار ئوسمانىيلارنىڭ قولى بىلەن تاماملانغان ئەرەب بىرلىكىنى يېڭى ئەرەب تارىخىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى دەپ قارايدۇ([6]).

ئوسمانىيلار ۋە يەھۇدىيلار

ئوسمانىيلار خەلىپىلىكىنىڭ تۆھپىلىرى ھەققىدە سۆزلىمەكچى بولساق ئۇلارنىڭ يەھۇدىيلارنىڭ پەلەستىنگە يەرلىشىش يولىدىكى قايتا – قايتا ئۇرۇنۇشلىرىغا تۇتقان پوزىتسىيەسىنى تىلغا ئالماي بولمايدۇ. سۇلتان سەلىم بىرىنچى ھىجرىيە 922 – يىلى(مىلادىي 1517 – يىلى) مىسىرنى فەتھى قىلغان ۋاقتىدا يەھۇدىيلارنىڭ سىيناغا كۆچۈپ كىرىشىنى چەكلەش توغرىسىدا جىددىي پەرمان چىقاردى. ئۇنىڭ ئوغلى سۇلايمان قانۇنىي ھىجرىيە 926 – يىلى (مىلادىيە 1520 – يىلى) دادىسىنىڭ ئورنىغا تەخىتكە چىققان ۋاقتىدا دادىسىنىڭ بۇ پەرمانىنىڭ داۋام قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. بۇ ئوسمانىيلار دۆلىتىنىڭ يەھۇدىيلارنىڭ بۇ دائىرىنى ئىگىلەش تەمەسىگە نىسبەتەن سەگەكلىكىنى ۋە بالدۇر ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ([7]).

خىرىستىيانلار بىلەن بولغان ئۇرۇشتىن كېيىن تۈركىيەنىڭ قورشاۋ قىسمى بالقان يېرىم ئارىلىغا يېتىپ بارغاندا ياۋروپالىقلار ئوسمان تۈركلىرىنىڭ ياۋروپاغا بولغان خەتىرىنى ھېس قىلىپ يەتتى. شۇ سەۋەبتىن، ئوسمان ئىسلام خەلىپىلىكى خىرىستىيانلار ۋە يەھۇدىيلاردىن بولغان ئىسلام دۈشمەنلىرىنىڭ نىشانىغا ئايلاندى. ئوسمانىيلار خەلىپىلىكىدە يېتەرسىزلىكلەر كۆرۈلۈۋاتقان ۋاقىتتا بۇ دۈشمەنلەر رەزىل سۇيىقەستلىرىنى پىلانلاشقا باشلىغان ئىدى([8]).

 

مەنبە: الخلافة العثمانية النشأة والنفوذ- أ.د. راغب السرجاني – https://www.islamstory.com

تەرجىمىدە: چۇقان


([1]) محمد فؤاد كوبريلي: «قيام الدولة العثمانية»، 119 – 126 – بەت.
([2]) عبد العزيز الشناوي: «الدولة العثمانية دولة إسلامية مفترى عليها»، 33 – 35 – بەت.
([3]) إسماعيل أحمد ياغي: «الدولة العثمانية في التاريخ الإسلامي الحديث»، 236 – بەت.
([4]) محمد أنيس: «الدولة العثمانية والشرق العربي»، 45 -، 46 – بەت.
([5]) إسماعيل أحمد ياغي: «الدولة العثمانية في التاريخ الإسلامي الحديث»، 239 – بەت.
([6]) عبد العزيز الشناوي: «الدولة العثمانية دولة إسلامية مفترى عليها»، 936 – بەت.
([7]) إسماعيل أحمد ياغي: «الدولة العثمانية في التاريخ الإسلامي الحديث»، 247 – بەت.
([8]) محمد نور الدين: «تركيا الجمهورية الحائرة»، 22 – بەت.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ