تېلېفۇن ئىشلىتىشنىڭ ئەدەپ – قائىدىلىرى

«ئاللاھ ئاسماندىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى (كامالى) پەزلىدىن سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەردى. بۇنىڭدا ھەقىقەتەن (قۇدرىتى ئىلاھنى) تەپەككۇر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى ۋە بىرلىكىنى كۆرسىتىدىغان) روشەن دەلىللەر بار»([1]).

ئاللاھ تائالا ئىنساننى يارىتىپ، ئۇنىڭغا ئەقىل نېمىتىنى ئاتا قىلدى، شۇنداقلا ئۆز قۇدرەت خاھىشى بىلەن زېمىندىكى بارلىق نەرسىلەرنى ئۇنىڭغا بويسۇندۇرۇپ بەردى، ئىنسانغا ئەقىل – پاراسەت ئاتا قىلغان ئۇ زات ھەقىقەتەنمۇ پاكتۇر.

«(ئاللاھ) ئىنسانغا بىلمىگەن نەرسىلەرنى بىلدۈردى»([2]) ئاللاھنىڭ پەزلى – مەرھەمىتى بىلەن ئىنسانىيەت «تېلېفۇن» دەپ ئاتىلىدىغان، ئەگەر جايىدا ئىشلەتسە پايدىسى زور بولىدىغان، جىددىي پەيتلەردە ئۇنىڭغا موھتاج بولىدىغان، ھېس – تۇيغۇلارنى يەتكۈزۈپ، يىراقنى يېقىنلاشتۇرۇپ، غېرىپ ئانىلارغا ئوغۇل – قىزلىرىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىتىش ئارقىلىق پىراق ئوتىنى ئۆچۈرىدىغان، كېسەل، يارىدارلارنى جىددىي قۇتقۇزىدىغان، ئوت ئاپەتلىرى ۋە ھەرخىل جىنايى قىلمىشلارنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان، كۈچ، ۋاقىت، پۇل تېجەيدىغان ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ھەرخىل ئىقتىدارلارغا ئىگە ئاجايىپ بىر ئەسۋابنى كەشىپ قىلدى.

تېلېفۇننىڭ ئۆزىگە خاس ئىشلىتىش ئەدەپ – ئەھكاملىرى بار. چۈنكى، ئۇنىڭ ئىجابىي ۋە سەلبىي تەرەپلىرى بولۇپ، ئەگەر ئۆز ئورنىدا مۇۋاپىق ئىشلىتىلسە ئۇ بىر نېمەت، ئەگەر ئۆز جايىدا ئىشلىتىلمىسە ئۇنداقتا، ئۇ بالايىئاپەتتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

ئاللاھ ئىنسانىيەت ئەقلىنى ئۇنى ياساشقا يېتەكلەش ئارقىلىق بىزگە ئاتا قىلغان بۇ بۈيۈك نېمەتنىڭ شۈكرىسىنى لايىقىدا ئادا قىلىشىمىز ئۈچۈن، بىز چوقۇم ئۇنى ئاللاھ تائالا رازى بولىدىغان، بىزگە دۇنيا – ئاخىرەتلىك مەنپەئەت ئېلىپ كېلىدىغان ئىشلار ئۈچۈنلا ئىشلىتىشىمىز كېرەك. بۇ مەقسەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۆۋەندىكىدەك بىر نەچچە تۈرلۈك ئىشلارغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك.

بىرىنچى: تېلېفۇن ئالاقىسى چوقۇم تېجەشلىك، قىسقا بولۇشى كېرەك. تېلېفۇن قىلغۇچى تەرەپ پۇلنى ئىسراپ قىلماسلىقى، گېپىدە نورمال بولۇشى، قانداقتۇر ئۇزۇن ئەھۋال سوراش بىلەن گەپنى ئۇزارتىۋەتمەسلىكى كېرەك. چۈنكى، سۆزنىڭ ياخشىسى ئاز بولۇپ ساز بولغىنىدۇر. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ ئۈچ ئىشىڭلاردىن غەزەپلىنىدۇ. سىلەرنىڭ مىش – مىش پاراڭلارنى كۆپ قىلىشىڭلاردىن، باشقىلاردىن كۆپ تىلىشىڭلاردىن، پۇل – مالنى بۇزۇپ – چېچىشىڭلاردىن غەزەپلىنىدۇ»([3]).

ئىككىنچى: تېلېفۇندا سۆزلىشىشنىڭ ئەدەپ – ئەخلاقلىرى قاتارىدىن تېلېفۇندا يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ۋارقىراپ سۆزلەشمەسلىك، بولۇپمۇ ئاتا – ئانا ۋە ئاتا – ئانا ئورنىدىكى كىشىلەرگە نىسبەتەن ئالاھىدە ئېھتىرام بىلدۈرۈپ سۆزلەشكەندە ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك، چۈنكى بۇنداق قىلىش ئارىدىكى ھۆرمەت، مۇھەببەتنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ئاۋازىڭنى پەسلەتكىن»([4]).

ئۈچىنچى: تېلېفۇن قىلغۇچى تەرەپ قارشى تەرەپنى «مېنى تونۇدۇڭمۇ؟ مەن كىم؟» دېگەندەك سۆزلەر بىلەن قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويماسلىق كېرەك. تېلېفۇن قىلغۇچى تەرەپ قارشى تەرەپكە ئاكتىپلىق بىلەن ئۆزىنى تۇنۇشتۇرۇپ، قارشى تەرەپنى ھەرەج تارتقۇزىدىغان ھەرقانداق ئۇسلۇبلاردىن يىراق بولمىقى لازىم. بۇ ھەقتە جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۆيىگە كېلىپ ئۇنى چاقىردىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «كىم؟» دەپ سورىۋىدى، مەن: «مەن» دەپ جاۋاب قايتۇردۇم، شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «مەن! مەن!» دېگەن پېتى ئۆيىدىن چىقتى([5]).

تۆتىنچى: تېلېفۇن قىلغۇچى تەرەپ ئەگەر قارشى تەرەپ تېلېفۇننى ئالمىسا ياكى ئالغان تەقدىردىمۇ گەپنى قىسقىلا قىلىپ تېلېفۇننى قويۇۋەتسە، ئۇ توغرىسىدا گۇماندا بولماسلىقى، چوقۇم قارشى تەرەپنىڭ ئەھۋالىنى نەزەردە تۇتۇشى كېرەك. قارشى تەرەپكە بەلكىم ئاغرىقتۇر ياكى مەسجىدتە بولۇشى مۇمكىن، بەلكىم قەبرىستانلىق ياكى سۇخانىلارغا ئوخشاش تېلېفۇن قوبۇل قىلىش بىئەپ ئورۇنلاردا بولسا كېرەك دېگەندەك ئۈزرىلەرنى ئىزدەش كېرەك. ئەگەر تېلېفۇننى ئالمىسا قايتا – قايتىلاپ تېلېفۇن قىلىۋەرمەسلىك، بەلكى ئارىدىن مەلۇم ۋاقىت ئۆتكۈزۈپ ئاندىن تېلېفۇن قىلىش كېرەك.

بەشىنچى: تېلېفۇن قىلغۇچى تەرەپ قارشى تەرەپنىڭ ئەھۋالىنى كۆزدە تۇتۇپ قارشى تەرەپكە مۇناسىپ ۋاقىتنى تاللاش كېرەك. يېرىم كىچىدە ياكى ئارام ئېلىش، ئۇخلاش ۋاقىتلىرىدا زۆرۈرىيەتسىز تېلېفۇن قىلماسلىقى كېرەك.

ئالتىنچى: مۇسۇلمان چوقۇم باشقىلارغا چاقچاق قىلىپ ياكى خاتا تېلېفۇن قىلىپ قېلىشتىن ئالاھىدە ئېھتىيات قىلمىقى لازىم. قانچىلىغان خاتا ئۇرۇلۇپ قالغان تېلېفۇن، خاتا ئەۋەتىلىپ قالغان ئۇچۇرلار گۇمانلارنى قوزغاپ ئائىلىلەرنى ۋەيران قىلغان ھە! بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئى مۆمىنلەر! ئەگەر سىلەرگە بىر پاسىق ئادەم بىرەر خەۋەر ئېلىپ كەلسە، (ئىشنىڭ ھەقىقىتىنى) بىلمەستىن بىرەر قەۋمنى رەنجىتىپ قويۇپ، قىلمىشىڭلارغا پۇشايمان قىلىپ قالماسلىقىڭلار ئۈچۈن، (ئۇ خەۋەرنى) ئېنىقلاپ كۆرۈڭلار»([6]).

يەتتىنچى: مەسجىدكە كىرگەن نامازخانلارنى ئېلىشتۇرۇپ ئۇلارنىڭ نامىزىنى بۇزماسلىق، نامازدىكى خۇشۇنى بۇزۇپ ئەزىيەت يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن تېلېفۇننى تاقىۋېتىش، ئەگەر ئۇنتۇپ قېلىپ تاقاقسىز قالغان بولسا تېلېفۇن كېلىپ قالغان ئەھۋالدا دەرھال تاقىۋېتىش ياكى ئاۋازىنى ئېتىۋېتىش كېرەك. شۇنداقلا باشقىلارمۇ تېلېفۇننى تاقاشنى ئۇنتۇپ قالغانلارغا نىسبەتەن ئۇلارنىڭ ئۆزرىسىنى قوبۇل قىلىپ يۇمشاق سۆزلەر بىلەن نەسىھەت قىلىشى كېرەككى، ھەرگىزمۇ ئۇنىڭغا ئاھانەت قىلىدىغان، كۆڭلىنى ئاغرىتىدىغان قۇپال سۆز – ھەرىكەتلەردىن ساقلىنىشى كېرەك. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «سىلەرگە رەسۇلۇللاھ ئەلۋەتتە ياخشى ئۈلگىدۇر». ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: بىر ئەئرابىي كېلىپ، مەسجىدنىڭ ھويلىسىغا سىيدى، شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر ئۇنى تارتىشقىلى تۇردى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇلارغا: «ئۇنى قۇيۇۋېتىپ، ئۇ سىيگەن يەرگە بىر چېلەك سۇ قۇيۇۋېتىڭلار، سىلەر ئاسانلاشتۇرغۇچى قىلىپ ئەۋەتىلدىڭلاركى، ھەرگىزمۇ تەسلەشتۈرگۈچى قىلىپ ئەۋەتىلگىنىڭلار يوق» دېدى([7]).

سەككىزىنچى: تېلېفۇن قوڭغۇرىقى ئۈچۈن ناخشا – مۇزىكىلارنى تەڭشەپ قويماسلىق كېرەك. چۈنكى، بۇ ھارام نەرسىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ قېلىشى، شۇنداقلا باشقىلارغا ئەزىيەت بېرىپ قويۇشى مۇمكىن. بولۇپمۇ، مەسجىد قاتارلىق ئاممىۋى سورۇنلاردا بۇ خىل ناخشا – مۇزىكىلارنىڭ قۇيۇلۇشى تېخىمۇ يامان كۆرۈلىدۇ.

توققۇزىنچى: باشقىلارنىڭ تېلېفۇنىنى ئوغۇرلۇقچە ئاڭلاش ياكى ئۇلارنىڭ رۇخسىتىسىز تېلىفۇنىنى ئاختۇرۇش، ئۇچۇرلارنى ئوقۇۋېلىش ھارام. چۈنكى، بۇنداق قىلىش ئۇلارغا قىلىنغان خىيانەت ۋە ئۇلارنى رەسۋا قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

بۇخارىي ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «باشقىلارنىڭ گەپ – سۆزلىرىنى ئوغۇرلۇقچە ئاڭلىۋالماڭلار، باشقىلارنىڭ ئەيىب – نۇقسانلىرىنى تېپىشقا ئۇرۇنماڭلار».

ماشىنا ھەيدەۋېتىپ تېلېفۇندا سۆزلىشىش قاتناش ھادىسىسى يۈز بېرىشنىڭ ئەڭ چوڭ سەۋەبلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان بولۇپ، مىڭلىغان كىشىلەرنىڭ بېشىغا چىقتى. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ئۆزۈڭلارنى ھالاكەتكە تاشلىماڭلار»([8]).

بۇ ئاجايىپ ئەسۋابنى نۇرغۇن كىشىلەر ياخشىلىق ئۈچۈن ئىشلەتكەن بولسا، بىر قىسىم بۇزۇق كىشىلەر جىنايەت سادىر قىلىش، زەھەرلىك چېكىملىك سودىسى، ياشلارنى قايمۇقتۇرۇش قاتارلىق يامان ئىشلار ئۈچۈن ئىشلىتىۋاتىدۇ. مانا بۇ قىلمىشلار زېمىندا پەيدا بولغان پىتنە – پاسات، بۇزغۇنچىلىقنىڭ ئەڭ چوڭ سەۋەبى بولۇپ قالماقتا. ئاللاھ تائالا بۇ بۇزغۇنچىلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى بىلەن ئۇرۇش قىلىدىغانلارنىڭ، يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغانلارنىڭ جازاسى شۇكى، ئۇلار ئۆلتۈرۈلۈشى ياكى دارغا ئېسىلىشى ياكى ئوڭ قوللىرى ۋە سول پۇتلىرى كېسىلىشى ياكى سۈرگۈن قىلىنىشى كېرەك. بۇ (يەنى، جازا) ئۇلار ئۈچۈن بۇ دۇنيادا رەسۋالىق (ئېلىپ كەلگۈچىدۇر)، ئاخىرەتتە ئۇلار چوڭ ئازابقا دۇچار بولىدۇ»([9]).

تېلېفۇننى يامان يولغا ئىشلىتىشنىڭ جۈملىسىدىن بەزى قەلبىدە مەرەز بار نىجىس كىشىلەرنىڭ تېلىفۇن ئارقىلىق چاكىنا، ھاياسىز مەزمۇنلارنى، ئادەملەرنى ھالاكەتكە تاشلايدىغان قەبىھ نەرسىلەرنى تارقىتىشى ۋە باشقىلارنىڭ ئەۋرەتلىرىنى ئېچىپ تاشلىشى بولۇپ، بۇ ئارقىلىق نۇرغۇن ئەۋرەتلەر ئېچىلىپ قېلىپ، نۇرغۇن غاپىل ئاياللارنىڭ رەسۋالىقلىرى ئاشكارىلىنىپ، پاھىشە – مۇنكەرلەر يېيىلىپ، بۇزۇقچىلىق تارىلىپ كىشىلەرنىڭ ئىززەت – ئابرويى دەپسەندە قىلىندى ۋە باشقىلارنىڭ كونتىروللىقى ئاستىغا چۈشۈپ قالدى. قانچىلىغان قىزلارنىڭ ئەۋرەتلىرى ئۆزلىرى تۇيمايلا خالايىق ئالدىدا ئاشكارە بولۇپ تارقىلىپ يۈردى. قانچىلىغان ئائىلىلەر بۇ سەۋەبتىن ۋەيران بولدى. جىنايى قىلمىشلار، بۇزۇقچىلىقلار، ئۇياتسىزلىقلار سۈرەتكە تارتىلىپ كەڭ تارقىتىۋېتىلدى.

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنبەرگە چىقىپ يۇقىرى ئاۋاز بىلەن مۇنداق دېدى: «ئېغىزىدىلا مۇسۇلمان بولۇپ، ئىمان قەلبىگە سىڭمىگەن ئى خالايىق! مۇسۇلمانلارغا ئەزىيەت بەرمەڭلار، ئۇلارنى ئەيىبلىمەڭلار، ئۇلارنىڭ ئەۋرەتلىرىنى (ئەيىب – نۇقسانلىرىنى) ئىزدىمەڭلار، كىمكى مۇسۇلمان قېرىندىشىنىڭ ئەۋرىتىنى ئىزدەيدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭ بۇ قىلمىشىغا قارىتا جازا بېرىدۇ، كىمكى ئاللاھ ئۇنىڭ بۇ قىلمىشىغا قارىتا جازا بېرىدىكەن، ئۇ ئۆزىنىڭ مىنىدىغان تۆگىسىنىڭ قورسىقىغا مۆكۈنىۋالغان تەقدىردىمۇ، ئاللاھ ئۇنى چوقۇم رەسۋا قىلىدۇ»([10]).

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «مۆمىنلەر ئۈستىدە يامان سۆزلەرنىڭ تارىلىشىنى ياقتۇرىدىغان ئادەملەر، شۈبھىسىزكى، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە قاتتىق ئازابقا قالىدۇ، ئاللاھ (سىرلارنى ۋە نىيەتلەرنى) بىلىپ تۇرىدۇ، سىلەر بىلمەيسىلەر»([11]).

ئەگەر بىرەرسى بىرەر پارچە سۈرەت تارقاتسا بۇ سۈرەت بىرىدىن بىرىگە تارقىلىپ مىليونلىغان كىشىلەرگە يېتىپ بارىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلار قىيامەت كۈنى ئۆزلىرىنىڭ گۇناھلىرىغا تولۇق جاۋابكار بولۇشلىرى ۋە ئۆزلىرى تەرىپىدىن بىلمەستىن ئازدۇرۇلغانلارنىڭ بىر قىسىم گۇناھلىرىغا ئۆزلىرى جاۋابكار بولۇشلىرى ئۈچۈن (يۇقىرىقى بوھتان سۆزلەرنى قىلدى)، ئۇلارنىڭ جاۋابكار بولىدىغىنى نېمىدېگەن يامان!»([12]).

ئى مۇسۇلمانلار! شۇنى بىلىپ قېلىڭلاركى، ھەقىقەتەن گۇناھ – مەئسىيەتلەر سۇدا، ھاۋادا، زىرائەت، مېۋە – چىۋە، تۇرالغۇلاردا ۋە باشقىلاردا بۇزغۇنچىلىق پەيدا قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ئىنسانلارنىڭ قىلغان گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن، قۇرۇقلۇقتا ۋە دېڭىزدا ئاپەت يۈز بەردى، ئاللاھ ئۇلارنى تەۋبە قىلسۇن دەپ قىلمىشلىرىنىڭ بىر قىسمىنىڭ (جازاسىنى) ئۇلارغا تېتىتتى»([13]).

دۇنيا ئاخىرەتتىكى بارلىق يامانلىقلارنىڭ، ھەر خىل كېسەللەرنىڭ ھەممىسى گۇناھ – مەئسىيەت سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. پىتنە – پاسات، بالايىئاپەتلەرنىڭ ھەممىسى گۇناھ – مەئسىيەت سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. شۇ سەۋەبلىك گۇناھ – مەئسىيەت قايسىبىر دىياردا ئومۇميۈزلۈك تارقىلىدىكەن، ئۇ دىيار ھالاك بۇلىدۇ؛ قايسىبىر قەلبكە يېتىدىكەن، ئۇنى ھەقتىن قارىغۇ قىلىدۇ؛ قايسىبىر بەدەنگە يېتىدىكەن، ئۇنى ئازابلايدۇ؛ قايسىبىر مىللەتكە يېتىدىكەن، ئۇ مىللەتنى خار – زەبۇن قىلىدۇ؛ قانداق بىر روھقا يېتىدىكەن، ئۇنى ۋەيران قىلىدۇ.

ئاللاھ ھەرگىزمۇ تەۋبە قىلغۇچىنى، ئىستىغپار ئېيتىپ تۇرغۇچىنى ئازابلىمايدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلار ئىستىغپار ئېيتىپ تۇرغان چاغدا ئاللاھ ئۇلارغا ئازاب قىلمايدۇ»([14]).

كىمكى ئۆزىنىڭ مەئسىيەتلىرىدىن تەۋبە قىلىپ، ئاللاھقا يۈزلەنمەيدىكەن، ئۇ چوقۇم پۇشايمان قىلىدۇ.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلارنىڭ (يەنى، كاپىرلارنىڭ) بىرىگە ئۆلۈم كەلسە ئېيتىدۇكى، «پەرۋەردىگارىم! مېنى (دۇنياغا) قايتۇرغىن، مەن قويۇپ كەلگەن مال – مۈلكۈم بىلەن ياخشىلىق قىلىشىم مۇمكىن»([15]).

مۇھەممەد ئەبۇ ئەجىيلەنىڭ «آداب الهاتف المحمول» ناملىق خۇتبىسىدىن قىسقارتىپ تەرجىمە قىلىندى. https://ar.islamway.net/article

تەرجىمىدە: sabri007

—————————-
([1]) «جاسىيە» سۈرىسى، 13 – ئايەت.
([2]) «ئەلەق» سۈرىسى، 5 – ئايەت.
([3]) «سەھىھۇ مۇسلىم».
([4]) «لوقمان» سۈرىسى، 19 – ئايەت.
([5]) «سەھىھەين».
([6]) «ھۇجۇرات» سۈرىسى، 6 – ئايەت.
([7]) «سەھىھۇل بۇخارىي».
([8]) «بەقەرە» سۈرىسى، 195 – ئايەت.
([9]) «مائىدە» سۈرىسى، 33 – ئايەت.
([10]) تىرمىزىي، ئەبۇ داۋۇد، ئىمام ئەھمەد ۋە بەيھەقىي قاتارلىقلار رىۋايەت قىلغان بولۇپ، ئىبنى ھەببان «سەھىھ» دەپ باھالىغان.
([11]) «نۇر» سۈرىسى، 19 – ئايەت.
([12]) «نەھل» سۈرىسى، 25 – ئايەت.
([13]) «رۇم» سۈرىسى، 41 – ئايەت.
([14]) «ئەنفال» سۈرىسى، 33 – ئايەت.
([15]) «مۆمىنۇن» سۈرىسى، 99 – ، 100 – ئايەت.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ