دۇنيا بەخت - سائادىتى ۋە ئاخىرەت نىجاتلىقى ئىمان نېئمىتىدۇر

دۇنيا بەخت – سائادىتى ۋە ئاخىرەت نىجاتلىقى ئىمان نېئمىتىدۇر

ئىمان ئىنسان ھاياتىنى ھەممە تەرىپى يېشىللىققا پۈركەنگەن بوستانلىققا ئايلاندۇرىدۇ. مۇئمىن ئۆزىنى خۇددى سۇلىرى ئېقىپ تۇرغان، گۈل – چېچەككە پۈركەنگەن باغچىدا تۇرۇۋاتقاندەك، شۇ باغچىنىڭ دەل – دەرەخلىرىنىڭ سايىلىرى ۋە مېۋە – چېۋىلىرىدىن بەھرىلىنىۋاتقاندەك، بۇ دۇنيادا ھېچقانداق جاپا – مۇشەققەت تارتمىغاندەك ھېس قىلىدۇ.

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئاللاھقا كۈچلۈك مۇئمىن ئاجىز مۇئمىندىن ياخشىراق ۋە سۆيۈملۈكرەكتۇر» دەيدۇ. يەنە بىر ھەدىستە: «مۇئمىن كىشىنىڭ ئەھۋالىغا قاراڭلار! ئۇنىڭ ھەممە ئىشى ياخشىلىقتۇر. ئەگەر ئۇنىڭغا بىرەر خۇشاللىق كەلسە، ئاللاھقا شۈكۈر ئېيتىدۇ. ئەگەر بىرەر زىيان – زەخمەتكە دۇچ كەلسە، ئۇنىڭغا سەۋر قىلىدۇ. مانا بۇ مۇئمىنلەرگىلا خاس پەزىلەتتۇر» دېگەن.

دېمەك، مۇئمىن ھەردائىم ئاللاھنىڭ نۇرىنى ۋە تەقدىر ھېكمىتىنى ھېس قىلىپ يېتەلەيدۇ. مەيلى خۇشاللىق ياكى غەم – قايغۇدا بولسۇن، ئاللاھنىڭ ئەمرىگە بويسۇنۇپ، ئاللاھ رىزالىقىنى ئىزدەپ، بېرىلىدىغان ئەجر – ساۋابنى كۆزلەيدۇ. ھەتتا ئاللاھ تائالانىڭ مۇئمىننىڭ پۇتىغا سانجىلغان تىكەننىڭ ئاغرىقىنى، ئۇنىڭ بىرقىسىم گۇناھلىرىنىڭ كەففارىتى ئورنىدا ھېسابلاپ مەغفىرەت قىلىۋېتىدىغانلىقىغا شەكسىز ئىشىنىدۇ.

بۇ نېمىدېگەن چوڭ ئىلتىپات – ھە! بۇ ھەقىقەتەنمۇ كاتتا نېئمەتتۇر. شۇڭا، باشقىلار مال – دۇنيا يىغىش بىلەن بەند بولسا، مۇئمىن بەندە خۇددى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ساھابەلىرى مال – دۇنيا يىغىشتا ئەمەس، بەلكى سالىھ ئەمەل ۋە ياخشىلىقلارنى قىلىشتا بەسلەشكەندەك، ياخشى ئەمەللەرنى تالىشىپ تۇرۇپ قىلىدۇ. بۇ ھەقتە ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن كەلگەن بىر ھەدىستە، ساھابەلەر پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە:

— ئى رەسۇلۇللاھ! بايلار ئەجر – ساۋابتا كەمبەغەللەردىن ئېشىپ كەتتى. ئۇلار بىزگە ئوخشاش ناماز ئوقۇيدۇ، روزا تۇتىدۇ، ماللىرىنىڭ ئاشقىنىنى سەدىقە قىلىدۇ، — دەپ، ئۆزلىرىنىڭ شۇ ئەجر – ساۋابلارغا ئېرىشەلمىگەنلىكىدىن ھەسرەتلىنىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىگەندە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇلارغا تەسەللى بېرىپ ۋە ياخشىلىق دەرۋازىلىرىنى كۆرسىتىپ:

— ئاللاھ سىلەرگىمۇ سەدىقە قىلىدىغان پۇرسەتلەرنى بەرمىدىمۇ؟ ھەربىر تەسبىھ («سۇبھانەللاھ» دېيىش)، ھەربىر تەھلىل («لا ئىلاھە ئىللەللاھ» دېيىش)، ھەربىر تەكبىر («ئاللاھۇ ئەكبەر» دېيىش)، ھەربىر تەھمىد («ئەلھەمدۇلىللاھ» دېيىش) ۋە ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسۇش سەدىقە ئەمەسمۇ؟ — دەيدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ساھابەلەر پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قېشىغا ئىككىنچى قېتىم قايتا كېلىپ:

— ئى رەسۇلۇللاھ! قېرىنداشلىرىمىز سىلى كۆرسەتكەن ياخشىلىق يوللىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن بىز قىلغاندەك قىلىۋاتىدۇ، — دېۋىدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— ئۇ ئاللاھنىڭ پەزلى – مەرھەمىتى، ئۇنى خاھلىغان كىشىگە بېرىدۇ، — دېدى.

ساھابەلەرنىڭ ئەھۋالىنى بايان قىلىپ بەرگەن ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە، بەزى ساھابەلەر سەدىقە قىلىدىغان نەرسە تاپالماي قالاتتى، شۇنداق ئەھۋالدا ئاللاھ ئۇلارنى كەچۈرگەن بولسىمۇ، ئۇلار قانداق قىلاتتى؟ ئۇلاردىن بىرى مۇنداق دەيدۇ: «ئارىمىزدا كۈچى بارلار ھامماللىق قىلاتتى». بۇ ھەرگىزمۇ كۆپرەك پۇل تېپىپ، باياشات ياشاش ئۈچۈن ئەمەس ياكى خەزىنىلىرىنى مال – دۇنياغا تولدۇرۇش ئۈچۈنمۇ ئەمەس ۋەياكى بۈگۈنكى زاماندا كىشىلەر ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيدىغان كەلگۈسى ئۈچۈنمۇ ئەمەس، بەلكى ئاللاھ يولىدا سەدىقە قىلىدىغان بىرەرنەرسە تېپىش ئۈچۈنلا ئىدى.

ئۇلار نېمىدېگەن ئېسىل ئادەملەر – ھە! ئۇلاردىكى غايىلەر نېمىدېگەن يۈكسەك – ھە!

ئۇلارنىڭ نەزەرىدە بەخت – سائادەت دېگەن ئاللاھ ئۈچۈن بارلىقىنى بېغىشلاش، مۇسۇلمان قېرىندىشىنى قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئەگىشىشتۇر.

بۈگۈنكى كۈندە كىشىلەرنىڭ يالغانچىلىق، پىتنە – پاسات، خائىنلىق، مەسئۇلىيەتسىزلىك، غەيۋەت – شىكايەت ۋە سۇخەنچىلىك پاتقىقىغا بارغانسېرى پېتىپ كېتىشى كىشىنى چۆچۈتىدۇ.

ئەي مۇئمىن قېرىندىشىم! تىلىڭىز دائىم ئاسمان – زېمىننىڭ ئىگىسى بولغان ئاللاھنى زىكىر قىلىش ۋە تەسبىھ ئېيتىش بىلەن بەند بولسۇن. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەركۈنى 70 قېتىم ياكى 100 قېتىم مەغفىرەت تىلەپ تۇرغاندەك، سىزمۇ ئاللاھتىن گۇناھلىرىڭىزغا مەغفىرەت تىلەپ تۇرۇڭ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «تىلىڭ ھەمىشە ئاللاھنى زىكىر قىلىپ تۇرسۇن» دېگەن نەسىھەتىنى ئېسىڭىزدە چىڭ ساقلاپ، ئاللاھنى كۆپ زىكىر قىلىڭ! باشقىلار ئويۇن – تاماشا، ئازغۇنلۇقتا ئادىشىپ يۈرگەندە، سىز قۇلىقىڭىزنى، تىلىڭىزنى، دىلىڭىزنى قۇرئان – كەرىم تىلاۋىتىدىن بەھرىمەن قىلىڭ! كۆكسى – قارنىڭىزنى كەڭ تۇتۇپ، قەلبىڭىزنى پاكلاڭ، دۇنيانىڭ شاۋقۇن – سۈرەنلىرى ئىچىدە، باتىل سۆزلەر كۆپىيىپ كەتكەن بۈگۈنكىدەك كۈنلەردە تىلىڭىز قۇرئان كەرىم ئايەتلىرىدە نەم تۇرسۇن.

مۇسۇلمان كىشى ھەمىشە باشقىلاردىن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ، چۈنكى ئۇ ئاللاھنى زىكىر قىلىشنى تاشلاپ قويمايدۇ. ئومۇميۈزلۈك تەكىتلىنىپ كەلگەن ئىلاھىي كۆرسەتمىنىڭ مەقسەت – مۇددىئاسىنى ھېس قىلالايدۇ. بۇ ئىلاھىي بۇيرۇقنىڭ ئومۇمىيلىقىنى: «ئى مۇئمىنلەر! ئاللاھنى كۆپ ياد ئېتىڭلار»(33/«ئەھزاب»: 41) دېگەن ئايەتى كەرىمە بايان قىلىپ بېرىدۇ. يەنى ئاللاھنى زىكىر قىلىشنىڭ چەك – چېگرىسى، ئاخىرقى نۇقتىسى ۋە مۇئەييەن ۋاقتى بولمايدۇ. بەلكى كېچە – كۈندۈزدە، ئەتىگەن – ئاخشامدا ۋە ھەرقانداق ۋاقىتتا ئاللاھنى زىكىر قىلىپ تۇرۇڭ. ھەر كۈنىڭىزنى ئاللاھنى زىكىر قىلىش بىلەن باشلاڭ، شۇندىلا ئاللاھ سىزگە ئۆز رازىلىقىغا ئېلىپ بارىدىغان يول ۋە دۇنيا بەخت – سائادىتىگە ئېلىپ بارىدىغان مول رىزىققا مۇيەسسەر قىلىدۇ. كۈنىلىرىڭىزنىمۇ دائىم ئاللاھنى زىكىر قىلىپ ئاخىرلاشتۇرۇڭ، شۇندىلا، ئاللاھ پەزلى – مەرھەمىتى ئاستىدا ئەمىنلىككە ئىگە بولۇپ، خاتىرجەم تاڭ ئاتقۇزىسىز.

شۇنداقلا يەنە باشقىلار جىن – شەيتانلارنىڭ ئەسىرىگە ئايلانغاندا، يەنى ئۇلارنىڭ بەزىلىرىگە جىن تەگكىنىدە، بەزىلىرى شەيتاننىڭ چاڭگىلىغا چۈشۈپ قالغىنىدا، سىز بۇ ئىشلاردىن ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ساقلىنىپ قالىسىز. بۇ نېمىدېگەن بەخت! نېمىدېگەن كاتتا نېئمەت! نېمىدېگەن زور ئىلتىپات – ھە!

ئەي مۇئمىن قېرىندىشىم! بەزى كىشىلەر كېچىلىرىنى بىھۇدە شاۋقۇن – سۈرەن، گۇناھ – مەئسىيەت، تېتىقسىز چاقچاقلار ۋە شەھۋانىي فىلىملەرگە بېرىلىش بىلەن ئۆتكۈزۈۋاتقان شۇ دەقىقىلەردە، سىز ھاياتلىقنىڭ شاۋقۇنلىرىدىن كېچىنىڭ جىمجىتلىقىغا يۈزلىنىڭ. خۇددى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «پەرۋەردىگارىمىز كېچىنىڭ ئاخىرقى ئۈچتىن بىرىدە دۇنيا ئاسمىنىغا چۈشۈپ: ›تىلەك تىلىگۈچىلەر بارمۇ؟ ئىجابەت قىلىمەن، گۇناھلىرىدىن تەۋبە قىلغۇچىلار بارمۇ؟ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىمەن، گۇناھلىرىغا مەغفىرەت تىلىگۈچىلەر بارمۇ؟ مەغفىرەت قىلىمەن‹ دەيدۇ ھەمدە بۇ مەرھەمەت ھەر كېچىسى شۇنداق بولىدۇ» دەپ بايان قىلىپ بەرگىنىدەك ئەڭ زور ئىلتىپاتلار ئاتا قىلىنىدىغان پەزىلەتلىك ۋاقىت – سائەتلەردە ئاللاھقا يۈزلىنىپ بىرنەچچە رەكئەت ناماز ئوقۇڭ.

خوش، ئۇنداقتا ئاۋۇ غەپلەتتە قالغانلار ۋە ئاسىي گۇناھكارلار بۇ ئىلتىپاتلاردىن قانداقمۇ بەھرىمەن بولالىسۇن؟!

ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئەلۋەتتە، ئۇلار بۇ ئىلتىپاتلاردىن جەزمەن مەھرۇم قالىدۇ.

ئەمما، سىز كېچىلىك نامازنى، سەھەردىكى تەسبىھ – دۇرۇدلارنى قولدىن بەرمىسىڭىز ھەمدە ئاشۇ پەزىلەتلىك ۋاقىتلاردا ھەقىقىي چىن ئىخلاس بىلەن ياش تۆكەلىسىڭىز، قۇرئان تىلاۋەت قىلىش، ئاللاھنى زىكىر قىلىش ۋە دۇئا – ئىستىغفارنى داۋاملاشتۇرالىسىڭىز، دېمەك سىز پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «سالام قىلىشنى ئومۇملاشتۇرۇڭلار، پېقىر – مىسكىنلەرگە تائام بېرىڭلار، سىلە – رەھىمنى ئۇلاڭلار، كېچىلىرى باشقىلار ئۇخلاۋاتقاندا ناماز ئوقۇڭلار، شۇندىلا پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ جەننىتىگە تىنچ – ئامان كىرىسىلەر» دېگەن ۋەدىسىگە ئېرىشىدىغان ئەڭ تەلەيلىك ۋە نېسىۋىلىك ئادەم بولۇپ ھېسابلىنىسىز.

چىرايلىرى تۇتۇلغان، قوشۇمىسى تۈرۈلگەن ھالدا ئۇيقۇلىرىدىن ئويغانغان كىشىلەرنىڭ ھالى نېمە بولار؟!

ھەقىقىي مۇئمىن دېگەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بايان قىلىپ بەرگىنىدەك، قەلبى ئىسلامغا ئېچىلغان، ھەر كۈنىنى يۇقىرىقىدەك ئىبادەت ۋە ئاللاھ بىلەن مۇناجاتلىشىش بىلەن باشلايدىغان كىشىدۇر. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دەيدۇكى: «ئۇخلىغان ۋاقتىڭلاردا شەيتان سىلەرنىڭ گەدىنىڭلارغا ئۈچ تۈگۈن سالىدۇ، ھەربىر تۈگۈندە ‹ئۇخلاۋەرگىن! كېچە تېخى ئۇزۇن› دەيدۇ. ئەگەر ئويغانسا ۋە ئاللاھنى زىكىر قىلسا بىر تۈگۈن يېشىلىدۇ، ئاندىن ئورنىدىن تۇرۇپ تاھارەت ئالسا ئىككىنچى تۈگۈن يېشىلىدۇ، ناماز ئوقۇسا ھەممە تۈگۈن يېشىلىدۇ – دە، روھلۇق تاڭ ئاتقۇزىدۇ، ئەگەر ئۇنداق قىلمىسا، روھى چۈشكۈن، ئىزىلەڭگۈ ھالدا تاڭ ئاتقۇزىدۇ».

ئەي مۇئمىن قېرىندىشىم! قولىڭىزدا بەخت – سائادەتنىڭ ئاچقۇچى، كۆز ئالدىڭىزدا بولسا خاتىرجەملىك ۋە ئاسايىشلىق ئېلىپ كېلىدىغان، مەنىلىك ھاياتقا ئېرىشتۈرىدىغان، ئەڭ چىرايلىق سۆزلەر ۋە ئەڭ ياخشى سالىھ ئەمەللەر بىلەن ئورالغان نۇرغۇنلىغان ياخشىلىقلار ۋە پۈتمەس – تۈگمەس بايلىقلار تۇرۇپتۇ. بۇ نېمىدېگەن ئالاھىدە ئىمتىياز! نېمىدېگەن چوڭ سالاھىيەت – ھە! بۇ سالاھىيەت مۇئمىننى ئاللاھنىڭ شەرىئىتىنى تۇتۇپ ماڭمىغان ھەرقانداق ئادەمدىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدۇ.

ئەگەر بىز بۇ نېئمەتلەرگە سەل قاراپ قەدرىگە يەتمىسەك، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ناماز ھەققىدە: «مېنىڭ خۇشاللىقىم نامازدىدۇر» دەپ كۆرسەتكەن ئىبادەتتىكى ھۇزۇر – ھالاۋەتنى ھېس قىلالمىساق، ئاخىرىدا بۇ نېمەتلەردىن مەھرۇم بولساق، ھالىمىز نېمە بولۇپ كېتەر؟!

دېمەك، بۈيۈك بەخت، ئەڭ زور خۇشاللىق، ھەقىقىي قەلب شادلىقى، چىن يۈزلىنىش ۋە ھۇزۇر – ھالاۋەت مانا مۇشۇ ئىبادەتلەردىدۇر.

ئۇنداقتا، كىممۇ ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان، قەلبى سۆيۈنىدىغان نەرسىلەرگە ئىنتىلمەيدۇ؟! ئېنىقكى، ئىنسان ئۇلارنى ئۇچراتسا جەزمەن ئىنتىلىدۇ ۋە ئۆزىنى ئۇنىڭغا ئېرىشىشكە ئاتىۋېتىدۇ. ھەتتا ئۇنىڭ ئۈچۈن بارلىقىدىن كېچىدۇ. شۇڭا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىرەر كۆڭۈلسىزلىككە يولۇقسا دەرھال نامازغا كىرىشەتتى – دە، شۇندىلا بىر خىل خاتىرجەملىك ۋە بەخت – سائادەتنى ھېس قىلىپ، قەلبىدە يېڭىدىن بىر مۇستەھكەم ئىشەنچ پەيدا بولاتتى. شۇڭا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئەي بىلال! بىزنى ناماز بىلەن ئارام ئالدۇرغىن» دەيتتى.

قېنى، ئۇنداقتا بىزمۇ ئاللاھقا بويسۇنۇش، ئىتائەت قىلىش ۋە ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىش سايىسىدە بۇ ھاياتنىڭ كىشىنى بىئارام قىلىدىغان تۈگىمەس شاۋقۇنلىرىدىن ئارام ئالايلى!

چۈنكى، بۇ، ئىنشائاللاھ، دۇنيادا بەخت – سائادەتكە، ئاخىرەتتە نىجاتلىققا ئېرىشتۈرگۈچى يولدۇر.

مەنبە: دوكتور ئەلى ئۆمەر بادەھدەھنىڭ «ئاللاھ بىلەن مۇناجاتلىشىش ۋە ئىبادەتنىڭ ھۇزۇر – ھالاۋىتى (لذة المناجاة وحلاوة العبادة)» دېگەن نۇتقى. https://forum.rjeem.com/t138772.html

تەرجىمىدە: زۇمەر.

2012. 02. 24

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ