خەيرلىك دۇئا قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى

دوكتور مۇھەممەد مۇھەممەد داۋۇد

مەرۇپ ئەلكەرخىي ھەزرەتلىرى([1]) دەجلە دەرياسى بويىدا ھەمراھلىرى بىلەن ھەمسۆھبەت بولۇپ ئولتۇرغىنىدا، يانلىرىدىن شاراب ئىچىشكەن ھالەتتە نەغمە – ناۋا قىلىشىپ يۈرگەن بىر تۈركۈم ياشلار ئۆتۈپ قالدى، ھەمراھلىرى مەرۇپ ئەلكەرخىيگە: «بۇلار گۇناھ ئۆتكۈزۈش بىلەن ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلىۋېتىپتۇ، ئۇلارغا بەددۇئا قىلسىلا» دېيىشتى، بىراق مەرۇپ ئەلكەرخىي ئىككى قولىنى دۇئاغا كۆتۈرۈپ: «ئى ئاللاھ! سېنىڭ ئۇلارنى مۇشۇ دۇنيادا شاد – خۇرام قىلغىنىڭ كەبى ئاخىرەتتىمۇ شاد – خۇرام قىلىشىڭنى تىلەيمەن» دەپ ئۇلار ئۈچۈن ياخشى دۇئا قىلىشقا باشلىدى، شۇنىڭ بىلەن ھەمراھلىرى ئۇ زاتنىڭ بۇ ئىشىغا ئېتىراز بىلدۈرۈپ: «بىز سىلىگە ئۇلارغا بەددۇئا قىلسىلا دېسەك، سىلى قوپۇپ ئۇلار ئۈچۈن ياخشى دۇئا قىلغانلىرى نېمىسى؟» دېيىشتى. مەرۇپ ئەلكەرخىي ئۇلارنىڭ بۇ سۆزىگە جاۋابەن: «ناۋادا ئاللاھ تائالا ئۇلارنى ئاخىرەتتە شاد – خۇرام قىلىشنى ئىرادە قىلىپ ئۇلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىپ قالسا ۋە ئۇلارنىڭ يامانلىقىنى تۈزىسە سىلەرگە نېمە زېيىنى؟» دەپ جاۋاب بەردى([2]).

مەرۇپ ئەلكەرخىينىڭ يۇقىرىدا تۇتقان پوزىتسىيەسىدە باشقىلارنى توغرىغا يېتەكلىگۈچى كۆرسەتمىلەر بار بولۇپ، ئەمەلىيەتتە، بۇ كۆرسەتمىلەر باشقىلارنى تۈزەش يولىدا زۆرۈر بولغان تەربىيە ئۇسۇلى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

بۇ كۆرسەتمىلەردىن بىرىنچىسى: نوقۇل خاتالىق ئۆتكۈزگۈچىگە بەددۇئا قىلىشنىڭ خاتالىق سادىر قىلغۇچىنىڭ ئۆز خاتاسىنى تۈزىتىشىگە پايدىسى بولمايدىغانلىقى، ئەكسىچە، ئۆزگىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە تەربىيىلەشتىكى ئاساسلىق ئامىلنىڭ خاتالاشقۇچىنىڭ ئۆز قىلمىشىدىن تەۋبە قىلىۋېلىشى ۋە ئاللاھغا ئاسىيلىق قىلىشتىن پۈتۈنلەي قول ئۈزۈشى ئۈچۈن ياردەمدە بولۇشى كېرەكلىكى بولۇپ، ھەربىر ئاقىل كىشى چوقۇم ئەتراپىدىكى سەلبىي كۆرۈنۈشلەرگە نىسبەتەن پەقەتلا غەزەپلەنگۈچى ۋە نەپرەت ياغدۇرغۇچىغا ئايلىنىپ قالماسلىقى، بەلكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «توغرىنى قىلىشتا ئىزچىل بولۇڭلار، ئىتائەت ئارقىلىق ئاللاھقا يېقىنلىق ئىزدەڭلار»([3]) دېگەن كۆرسەتمىلىرىگە ئەمەل قىلغان ھالدا، پەيغەمبەر يولىنى ئۆزىگە ئۈلگە قىلىپ تىكلىشى زۆرۈردۇر.

چۈنكى، بۈيۈك ئەخلاق ئىگىسى، ئۈممىتىگە مەرھەمەتلىك، كۆيۈمچان ۋە يولباشچى پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدا بىزلەر ئۈچۈن ئېسىل ئۈلگىلەر بار بولۇپ، مىسالغا ئالىدىغان بولساق، ئەينى ۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تائىپلىقلارنى ئىسلامغا دەۋەت قىلغان مەزگىللەردە تائىپلىقلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئېغىر ئەزىيەتلەرنى بەرگەن ئىدى، ئارقىدىن پەيغەمبەر ئەلەيھسسالام بۇ ھەقتە ئاللاھقا ئىلتىجا قىلدى، شۇنىڭ بىلەن جەبرائىل ئەلەيھىسسالام ئاللاھ ھۇزۇرىدىن چۈشۈپ ئەگەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خالىسىلا ئىككى چوڭ تاغنى مۇشرىكلارنىڭ ئۈستىگە يىقىتىپ ئۇلارنى ھالاك قىلىۋېتىدىغانلىقىنى ئېيتقىنىدا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئى بۇرادىرىم جىبرىل، ئۇنداق قىلمىغىن! بەلكى مەن ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلاردىن ئاللاھقا ھىچ نەرسىنى شېرىك قىلماي ئىبادەت قىلىدىغان پەرزەنتلەرنى دۇنياغا كەلتۈرۈپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن»([4]) دېدى.

يېتەكچى پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا بەددۇئا قىلىشقا ئالدىرىمىغان ئىدى، بەلكىدە ئۇ زات يۈكسەك ئەخلاق ئىگىسى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا مەقبۇل قىلىنغۇچى دۇئاسىنى ئۈممىتىگە شاپائەت قىلىش ئۈچۈن قىيامەت كۈنىگە قالدۇرغان ئىدى.

قۇرئان كەرىممۇ يامانلىققا ياخشىلىق بىلەن تاقابىل تۇرۇش خۇسۇسىدا ئۈنۈملۈك چارىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەمدە بىر مۆمىن ئىنسان ناۋادا يامانلىققا ياخشىلىق بىلەن جاۋاب قايتۇرغانلا بولسا، ئۇنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان ياخشى ئاقىۋەت ۋە نەتىجىلەرنىڭ بارلىقىنى بايان قىلغان بولۇپ، مەسىلەن، سىز ئاللاھ تائالانىڭ: «ياخشى ئىش بىلەن يامان ئىش باراۋەر بولمايدۇ، ياخشى خىسلەت ئارقىلىق (يامان خىسلەتكە) تاقابىل تۇرغىن، (شۇنداق قىلساڭ) سەن بىلەن ئۆزىنىڭ ئارىسىدا ئاداۋەت بار ئادەم گويا سىرداش دوستۇڭدەك بولۇپ قالىدۇ»([5]) دېگەن سۆزىگە قۇلاق سالغىنىڭىزدا دېمەككى سىز، مانا مۇشۇ ئۇسۇلنى قوللىنىش ئارقىلىق يامانلىققا ياخشىلىق بىلەن تاقابىل تۇرالىسىڭىز، ئارىدىكى ئۆچ – ئاداۋەتنى مېھىر – مۇھەببەتكە ئايلاندۇرالايسىز.

يۇقىرىقى رىۋايەتتىكى توغرىغا يېتەكلىگۈچى كۆرسەتمىلەرنىڭ ئىككىنچىسى بولسا، گۇناھ ئۆتكۈزۇپ قالغان كىشىلەرگە ئالدىراپ بەددۇئا قىلىش ۋە دائىم دېگۈدەك ئۇلاردىن قاقشاپ يۈرۈشنىڭ ئەمەلىيەتتە، شەيتانغا پاس چىقىرىپ بەرگەنلىك ۋە ئىبلىسنىڭ ئۇلارنى كونترول قىلىۋېلىشىغا ھەمدەمدە بولۇشۇپ بەرگەنلىك بولىدىغانلىقى ۋە ئىشنىڭ توغرىسى بولسا، ئۇلارنىڭ تېزراق ئىنساپقا كېلىشى ئۈچۈن خەيرلىك دۇئالار قىلىش لازىملىقىدۇر.

خاتا كەتكەنلەرنىڭ خاتاسىنى تۈزىتىشىگە ياردەمدە بولغان كىشى، ئاللاھ تەرەپتىن بېرىلىدىغان ساۋاب – ئەجىرنى قولغا كەلتۈرگەن كىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، ئەمما باشقىلارغا توختىماي بەددۇئا ئوقۇيدىغان كىشىگە كەلسەك، ناۋادا ئۇ باشقىلارغا ئىچى يامانلىق قىلىپ بەددۇئا قىلغان بولسا، ئاقىۋەت ئۇنىڭمۇ ئاللاھنىڭ جازاسىغا ئۇچراپ قىلىش ئېھتىماللىقى بار كىشىدۇر، بىر بولسا ئۇ قارشى تەرەپنىڭ ھاقارەت قىلىشىغا ئۇچرايدۇ، يەنە بىر بولسا بەددۇئا قىلغان كىشىنىڭ ئۆزىمۇ ئاقىۋەتتە ئاللاھنىڭ جازاسىغا ئۇچراپ كېتىپ قالىدۇ. بۇ ھەقتە ئىمام مۇسلىمنىڭ رىۋايەت قىلغان تۆۋەندىكى ھەدىسىدە بىز ئۈچۈن ئىبرەت ۋە ساۋاقلار بار. پەيغەمبىرىمىز دەۋرىدە بىر كىشى: «ئاللاھقا قەسەمكى، ئاللاھ تائالا پالانچىنىڭ گۇناھىدىن ئۆتمەيدۇ» دەپ قەسەم ئىچكىنىدە، ئاللاھ تائالا ۋەھىي يولى ئارقىلىق پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا: «پالانچىنىڭ كەچۈرۈم قىلىنمايدىغانلىقى ھەققىدە قەسەم ئىچىدىغانغا كىمكەن ئۇ؟ ئى مۇھەممەد، ئۇنىڭغا ئېيتىپ قويغىن! شەكسىزكى، مەن ئاشۇ پالانچىنىڭ گۇناھىدىن ئۆتتۈم ۋە قەسەم ئىچكەن كىشىنىڭ قىلغان ئەمەللىرىنى بولسا بىكار قىلدىم» دېگەن ۋە بۇ خەۋەرنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە يەتكۈزۈپ قويغان ئىدى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يۇقىرىقى ھەدىستە بىزلەرگە يەتكۈزگەن ئۇشبۇ خەۋىرى، كىشىلەر ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىشتا چەكتىن ئاشۇرۇۋېتىش، باشقىلارغا گۇمان بىلەن قاراش ۋە ئۇلارغا تېزرەك ئاللاھنىڭ ئازابىنىڭ يىغىشىنى تىلەش قاتارلىق ئىشلارنىڭ قىلىنغان ئەمەللەرنىڭ بىكار بولۇپ كېتىشىگە سەۋەب بولىدىغانلىقى ھەتتا بەزىدە مۇشۇ سەۋەب تۈپەيلى، ئادەملەر ئۆزىنىڭ قىلغان ئەمەللىرىنىڭ ساۋابىدىن مەھرۇم قالىدىغانلىقى ۋە گاھىدا ئازابىنىڭ تىزلىشىشى ئۈچۈن قىلىنغان «بەددۇئا» قارشى تەرەپكە ئەمەس بەلكى «بەددۇئا» قىلغان كىشىنىڭ ئۆزىگە يېنىپ قالىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئاللاھ تائالانىڭ بىزلەرگە قىلغان قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇشى بولۇپ، ئىشنىڭ توغرىسى، مۆمىن كىشىنىڭ ھەمىشە يامان يولدىكىلەرنىڭ تۈزۈلۈپ كېتىشى ۋە ھىدايەت تېپىشى ئۈچۈن دائىم خەيرلىك دۇئا قىلىپ تۇرۇشىدۇر.

شۇنىڭدەك باشقىلارنى توغرا يولغا دەۋەت قىلماقچى بولغان كىشىمۇ، قارشى تەرەپ مەيلى خاتالىق ئۆتكۈزگەن كىشى بولسۇن ۋە ياكى ئاسىي – گۇناھكار بولسۇن، تاكى ئۇنى خاتىرجەملىك قىرغىقىغا قۇتۇلدۇرۇپ ئېلىپ چىققانغا قەدەر قولىدىن كېلىشچە ئۆز ياردىمىنى ئايىماسلىقى لازىم.

مەنبە: معروف الكرخي يدعو للعصاة من كتاب مواقف وعبر – للدكتور محمد محمد داود.

تەرجىمىدە: رىدا.
————————————————————————-
([1]) ئىمام ئەلكەرخىي ئىراقتا ئۆتكەن زاھىد، تەقۋادار ئالىملاردىن بولۇپ ھىجرىيە 200 – يىلى ۋاپات بولغان.
([2]) بۇ رىۋايەتنى ئىمام بەيھەقىي «شۇئەبىل ئىمان» ناملىق ھەدىس ۋە خەۋەرلەر توپلىمىدا رىۋايەت قىلىپ كەلتۈرگەن.
([3]) «سەھىھۇل بۇخارىي».
([4]) «سەھىھەين».
([5]) «فۇسسىلەت» سۈرىسى، 34 – ئايەت.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ.