ئېيتىلىشچە، بەسرەلىكلەر ئىلىم بىلەن مال – دۇنيانىڭ قايسىسىنىڭ ئەۋزەل ئىكەنلىكى توغرىسىدا تالىشىپ قاپتۇ، ئۇلارنىڭ بىر قىسمى: ئىلىم مال – دۇنيادىن ئەۋزەل، دېيىشسە، يەنە بىر قىسىملىرى: پۇل – مال ئىلىمدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ، دېيىشىپتۇ، ئۇلار بىر – بىرىنى قايىل قىلالماي ئاخىرى بىر ئەلچىنى ساھابەلەردىن ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھۇزۇرىغا ئەۋەتىپتۇ.
ئەلچى ئىبنى ئابباستىن بۇ ھەقتە سوراپتۇ، ئىبنى ئابباس جاۋاب بېرىپ:
— ئىلىم مال – دۇنيادىن ئۈستۈن تۇرىدۇ، —دەپتۇ. ئەلچى:
— ئەگەر ئۇلار مەندىن پاكىت سۈرۈشتە قىلىشسا نېمە دەپ جاۋاب بىرىمەن، — دەپ سورىغىنىدا، ئىبنى ئابباس ئەلچىگە دېگەن ئىكەن:
— ئۇلارغا ئېيتىپ قويغىن! شۈبھىسىزكى، ئىلىم – مەرىپەت پەيغەمبەرلەرنىڭ قالدۇرغان مىراسى، مال – دۇنيا بولسا فىرئەۋنلەرنىڭ قالدۇرغان مىراسىدۇر، ئىلىم – مەرىپەت بولسا سېنى ھەرۋاقىت مۇھاپىزەت قىلىپ تۇرىدۇ، مال – دۇنيانى بولسا سەن مۇھاپىزەت قىلىپ تۇرىسەن، ئاللاھ تائالا مال – دۇنيانى ئۆزى ياقتۇرغان ۋە ياقتۇرمىغان بەندىلىرىگە ئورتاق ئاتا قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئىلىمنى پەقەت ئۆزى ياخشى كۆرگەن بەندىسىگىلا ئاتا قىلغان، ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ سۆزىگە قارىمامسەن؟ «ئىنسانلار (كۇففارلارنىڭ باياشات تۇرمۇشىنى كۆرۈپ كۇفرىغا قىزىقىپ ئۇلارغا قوشۇلۇپ) ھەممىسى (كۇفرىدا) بىر ئۈممەت بولۇپ قالمايدىغان بولسا ئىدى، مەرھەمەتلىك ئاللاھنى ئىنكار قىلغان كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىنىڭ ئۆگزىلىرىنى ۋە ئۇنىڭغا چىقىدىغان شوتىلىرىنى كۈمۈشتىن قىلىپ بېرەتتۇق﴾(43/«زۇخرۇف»: 33). شۇنىڭدەك ئىلىم – مەرىپەت سەرپ قىلىنغانسېرى، خەجلەنگەنسېرى ئازلاپ قالمايدۇ، مال – دۇنيا بولسا خەجلىگەنسېرى، سەرپ قىلغانسېرى ئازلاپ ماڭىدۇ، مال – دۇنيا ساھىبى ئۆلۈپ كەتسە نامىمۇ تەڭ يوقايدۇ، ئەمما ئالىم ئۆلسە ئۇنىڭ نامى ئۆچۈپ قالمايدۇ، چۈنكى مال – دۇنيا ساھىبى ئۆلسىمۇ، ئىلىم ساھىبى ئۆلمەيدۇ، مال – دۇنيا ئىگىسى قىيامەتتە ھەربىر تەڭگىسىنى قانداق تاپقىنىدىن تارتىپ قەيەرگە خەجلىگىنىگە قەدەر ھېساب بېرىدۇ، ئىلىم ئىگىسى بولسا قىلغان ھەربىر سۆزى بەدىلىگە جەننەتتە مەرتىۋىلەرگە ئېرىشىدۇ.
شۇنداق، ئەگەردە چوقۇم تاللاشقا توغرا كەلسە ئەلبەتتە، ئىلىم – مەرىپەت مال – دۇنيادىن ئۈستۈن تۇرىدۇ، بۇنداق بولۇشىدا ھەم شەك يوق، بىراق بۇ ئىلىم ئەلبەتتە، ئۆز ساھىبىغا مەنپەئەت قىلالىغان ۋە باشقىلارغىمۇ مەنپەئەت ئېلىپ كېلەلەيدىغان ئىلىم بولۇشى كېرەك. ئىلىم ئىگىسى بولسا ئىلمىنى باشقىلاردىن يوشۇرماسلىقى ۋە ئىلمىنى ئۆزگىلەردىن ئاياپ بېخىللىق قىلماسلىقى، ئىلمىنى يۈز – ئابروي ياكى سەلتەنەت ئىگىلىرىگە يېتىشىشنىڭ ۋاسىتىسى قىلىۋالماسلىقى ھەمدە ئۆزىنىڭ بىلىمىگە تايىنىپ ئۆزگىلەرگە زىيان سالماسلىقى، ھەقىقەتنى سۆزلەشتە بىرەر ئەيىبلىگۈچىنىڭ تاپا – تەنە قىلىشىدىن قورقۇپ باشقىلارغا ياخشىچاق بولماسلىقى، خۇشامەتگۇيلۇق قىلماسلىقى، بىرەر پىكىرگە ئېھتىياج چۈشكەندە ياكى كېڭەش بولۇنغاندا، باشقىلارغا ياخشى كۆرۈنۈش ئۈچۈن ھەقىقەتنى بۇرمىلىماسلىقى، نەسىھەت ياكى مەسلىھەت بەرگەندە توغرىلىقنى، راستچىللىقنى ئۆزىگە ئۆلچەم قىلىشى زۆرۈر.
ئەگەر بىر كىشىگە ئىلىم ۋە مال – دۇنيا تەڭ ئاتا قىلىنغان بولسا ھەمدە ئۇ كىشىمۇ ئىلىمنىڭ ۋە مال – مۈلۈكنىڭ ھەققىنى تولۇق ئادا قىلغان ۋە ھەر ئىككىسىنىڭ قەدرىگە ئوبدان يەتكەن، ئىلمىنى ۋە مال – مۈلكىنى زۇلۇم ۋە ئادالەتسىزلىكنىڭ قورالى قىلىۋالمىغان، پۇل – مېلى ئارقىلىق باشقىلارغا ياردەم قولىنى سۇنغان ۋە ئىلىم – مەرىپىتى ئارقىلىق ئۆزگىلەرگە نەپ يەتكۈزگەن بولسا، ئۇ كىشى ئىككى ياخشىلىقنى تەڭ قولغا كەلتۈرگەن ۋە ئىككى ئەجىرگە تەڭ ئېرىشكەن بولىدۇ، دىن بىلەن دۇنيانى تەڭ توپلىيالىسا نېمىدېگەن ياخشى ھە!
مەنبە: «مۇتالىئە ۋە ئىبارىلەر» ناملىق كىتاب.
تەرجىمىدە: رىدا.