سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، مەن مەلۇم ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسىمەن، مەن ئادەتتە ساقال قويمايمەن، لېكىن ناتونۇشلار بىلەن پاراڭلىشىپ قالغاندا، ئۇلار مەندىن نېمە ئىش قىلىدىغىنىمنى سورىسا، مەن ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىكەنلىكىمنى دېگەندە، ئۇلار «نېمىشقا ساقال قويمايسەن؟ بۇ رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتى تۇرسا؟» دەيدۇ. مۇشۇ توغرۇلۇق پىكىر بەرگەن بولسىلا! ئاللاھ رازى بولسۇن.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانالار جانابى ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ساقال قويغان، تولۇق چۈشۈرۈۋەتمىگەن. ئەسھابلەرمۇ شۇنداق قىلغان. ئالىملار ساقال قويۇشنىڭ ئىسلام تەلەپ قىلغان پەزىلەتلىك ئىش ئىكەنلىكىدە ئىتتىپاق. لېكىن، ساقالنى قويۇش ياكى چۈشۈرۈۋېتىش ھۆكمىدە تۆۋەندىكىدەك بىرقانچە قاراشتا بولغان:
بىرىنچى قاراش: ساقال قويۇش ۋاجىب، چۈشۈرۈۋېتىش ھارام.
بۇلار مۇنداق دەلىل كەلتۈرگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «مۇشرىكلارغا خىلاپ ئىش قىلىڭلار! ساقاللارنى قويۇۋېتىپ، بۇرۇتلارنى چۈشۈرۈۋېتىڭلار» دېگەن(1). يەنە: «بۇرۇتلارنى پاك – پاكىز چۈشۈرۈۋېتىپ، ساقاللارنى قويۇۋېتىڭلار» دېگەن(2). يەنە: «بۇرۇتلارنى قىرقىپ، ساقاللارنى قويۇپ، ئاتەشپەرەسلەرگە خىلاپ ئىش قىلىڭلار!» دېگەن(3).
مۇشۇنىڭغا ئاساسەن، بۇ ھەدىسلەردىكى «ساقاللارنى قويۇۋېتىڭلار» دېگەن بۇيرۇق ۋاجىبلىقنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارىشىدۇ.
ئومۇم ھەدىسلەرگە كۆز يۈگۈرتىدىغان بولساق، «ۋاجىب» دېگەن قاراشتىكىلەر دەلىل قىلغان ھەدىستىكى «مۇشرىكلەرگە خىلاپ ئىش قىلىڭلار» دېگەن بۇيرۇق ۋاجىبلىقنى كۆرسەتمەيدۇ. چۈنكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «يەھۇدىي، ناسارلار (ئاق چاچ – ساقاللىرىنى) بويىمايدۇ، سىلەر (بوياپ) ئۇلارغا قارشى ئىش قىلىڭلار»(4)، «بۇ ئاق چاچلارنى ئۆزگەرتىۋېتىڭلار! يەھۇدىي – ناسارالارغا ئوخشىۋالماڭلار!» دېگەن(5).
بۇ ھەدىسلەردىمۇ يەنە: «يەھۇدىي – ناسارالارغا خىلاپ ئىش قىلىڭلار!»، «يەھۇدىي – ناسارالارغا ئوخشىۋالماڭلار!» دېگەن بۇيرۇق تۇرۇقلۇق، سەلەفلەر چاچ – ساقالنى بوياشنىڭ ۋاجىب ئەمەسلىكىدە بىرلىككە كەلگەن، بەزى ئەسھابلەر بويىغان، يەنە بەزىلەر بويىمىغان. بۇيرۇق دېگەن بەزىدە ۋاجىبلىقنى، بەزىدە مۇستەھەبلىكنى بىلدۈرىدۇ. شۇڭا، ساقال قويۇش ھەققىدىكى بۇيرۇقمۇ ۋاجىبلىقنى بىلدۈرمەيدۇ.
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە: «يەھۇدىيلەرگە خىلاپ ئىش قىلىڭلار! ئۇلار كەش – ئۆتۈكلىرى بىلەن ناماز ئوقۇمايدۇ» دېگەن(6).
بارلىق ئالىملارنىڭ نەزەرىدە كەش – ئۆتۈكلەر بىلەن ناماز ئوقۇش ۋاجىب ئەمەس.
يەنە: «بىزنىڭ روزىمىز بىلەن ئەھلى كىتابنىڭ روزىسىنىڭ پەرقى سوھۇرلۇق يېيىشتۇر» دېگەن(7). ئالىملار ئەھلى كىتابقا خىلاپ ئىش قىلىش ئۈچۈن، سوھۇرلۇق يېيىشنى ۋاجىب دەپ قارىمايدۇ. سوھۇرلۇق يېمىگەن كىشى ئەھلى كىتابقا خىلاپ ئىش قىلمىغانلىقى ئۈچۈن گۇناھكارمۇ بولمايدۇ، روزىسىمۇ توغرا بولىۋېرىدۇ.
يۇقىرىقى ھەدىسلەردىكى بۇيرۇقلارنىڭ ھەممىسى «مۇشرىكلەرگە خىلاپ ئىش قىلىش»تىن ئىبارەت بىرلا سەۋەبنى كۆرسەتكەن بولغاچقا، باشقىلىرىدا مۇستەھەب بولۇپ قېلىپ، ساقالدىلا ۋاجىب بولۇپ قالمايدۇ. ھەدىسلەردە بۇ تۈرلۈك مىساللار نۇرغۇن.
بۇنى تېخىمۇ تەكىتلەيدىغىنى شۇكى، ساقالنى قويۇۋېتىش ھەققىدىكى بۇيرۇق دائىما بۇرۇتنى چۈشۈرۈش (بەزى رىۋايەتلەردە قىسقارتىش) بۇيرۇقى بىلەن بىللە كەلگەن. شۇنداق تۇرۇقلۇق، بۇرۇتنى چۈشۈرۈش (ياكى قىسقارتىش) بارلىق ئالىملارنىڭ قارىشىدا ۋاجىب ئەمەس، سۈننەت ۋە مۇستەھەب.
بۇ قاراشتىكىلەر دەللىللىرىنىڭ ۋاجىبلىققا پۇت تىرەپ تۇرالمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، ساقالنى چۈشۈرۈشنىڭ ھاراملىقىنى «ئەر كىشىنىڭ سۈرىتىنى ئۆزگەرتىۋېتىش» دېگەن بىر سەۋەبنى ئوتتۇرىغا قويغان. لېكىن، ساقال چۈشۈرمەسلىكنىڭ سەۋەبىنى پەيغەمبىرىمىز بېكىتىۋەتكەن بولغاچقا، بۇنىڭغا باشقىچە سەۋەب كۆرسىتىش ئورۇنسىزدۇر.
يەنە بەزىلەر «ساقالنى چۈشۈرۈۋېتىش ئاياللارغا ئوخشىۋالغانلىق» دەپمۇ سەۋەب كۆرسىتىپ باققان. لېكىن، بۇ سەۋەبمۇ يۇقىرىقىدەك ھەدىستە بېكىتىلگەن سەۋەب ئورنىغا سەۋەب كۆرسىتىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ناۋادا ئۇنداق بولىدىغان بولسا، ئاياللارغا ئوخشاپ قالماسلىق ئۈچۈن ئەرلەرنىڭ چاچنى چۈشۈرۈۋېتىشى ۋاجىب بولۇپ قالغان بولاتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاياللارغا ئەرلەردەك ساقال چىقىپ ئۇلار ساقاللىرىنى چۈشۈرۈپ تۇرىدىغان بولسا ئىدى، ئاندىن ئوخشىۋېلىش دېگەن نەرسە مەۋجۇد بولاتتى.
ئىككىنچى قاراش: ساقال قويۇش سۈننەت، مۇستەھەب، چۈشۈرۈۋېتىش مەكرۇھ. بۇ قازى ئىياز، نەۋەۋىي، غەززالىي، ئىبنى قۇدامە ۋە شەۋكانىي قاتارلىق ئالىملار تۇتقان قاراش.
بۇلار: «(مۇنۇ) ئون ئىش قەدىمىي سۈننەتتىندۇر: بۇرۇتنى قىرقىش، ساقالنى قويۇۋېتىش…»(8) دېگەن ھەدىسنى دەلىل كەلتۈرگەن.
بۇلارنىڭ قارىشىچە، بۇ ھەدىستە ساقال قويۇش تەرغىب قىلىنغان سۈننەت ئەمەللەر قاتارىدا سانالغان.
بۇ ھەدىسنىڭ ئۆزىنى ساقال قويۇش ۋاجىب دېگەن ئالىملارمۇ دەلىل قىلغان. لېكىن، بۇ ھەدىسنىڭ سەھىھلىكىگە مۇھەددىسلەر بىرلىككە كەلمىگەن. چوڭقۇرلاپ تەكشۈرسەك سەنەدى زەئىف ۋە ئىللەتلىك چىقىدۇ(9). «سەھىھ» دېگەن ئالىملارنىڭ قارىشىنى ھېساب قىلغان تەقدىردىمۇ ياكى «زەئىف ھەدىسلەرنى پەزىلەتلىك ئەمەللەردە ئېلىشقا بولىدۇ» دېگەن تەقدىردىمۇ ئۇنىڭ مەزمۇنىدىن ساقال قويۇشنىڭ مۇستەھەبلىكى چىقىدۇ، ۋاجىبلىقى چىقمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ئون ئىشنىڭ كۆپىنىڭ سۈننەتلىكىدە ئالىملار بىردەك قاراشتا. قالغىنىنىڭ ۋاجىبلىقىدا بىردەكلىك يوق.
مەزكۇر ھەدىس زەئىف بولسىمۇ، لېكىن رەسۇلۇللاھنىڭ ساقال قويغانلىقى ۋە ساقال قويۇشقا بۇيرۇغانلىقى ساقال قويۇشنىڭ سۈننەت ۋە مۇستەھەبلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
ئۈچىنچى قاراش: ساقال قويۇش – قويماسلىق ئادەت ۋە مۇھىتقا مۇناسىۋەتلىك ئىش. بۇيرۇق دېگەن بەزىدە ۋاجىبلىقنى كۆرسەتسە، يەنە بەزىدە ياخشىراقىغا يېتەكلەش ئۈچۈنمۇ بولىدۇ. غەيرى دىندىكىلەرگە ئوخشاپ قېلىش دىنىي مەسىلىلەردە بولسا ئاندىن ھارام بولىدۇ. ئەمما، ئۆرپ – ئادەتكە مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردا ھارام ياكى مەكرۇھ بولمايدۇ. بولۇپمۇ ئوخشىۋېلىش نىيىتى بولمىغان ئەھۋالدا پەقەتلا ئوخشاپ قېلىش بولىدۇ.
يۇقىرىقى ساقال قويۇش مەسىلىسىدىكى ئۈچ خىل قاراش ئىچىدە «ساقال قويۇش سۈننەت ۋە مۇستەھەب» دېگەن قاراش دەلىل جەھەتتىن ئەڭ ئورۇنلۇقتۇر.
بۇ يەردە ئىككى نۇقتىنى تەكىتلەش مۇۋاپىق:
بىرى: ساقال قويۇشتىن ئىبارەت سۈننەت، مۇستەھەب ئىشنى ئىمكانىيەت تېپىلىپ، ساقال سەۋەبىدىن تۈرلۈك بېسىملارغا ئۇچرىمايدىغان ئازادە شارائىتتا ۋە جەمئىيەتلەردە قىلسا بولىدۇ. ساقال قويغانلىق سەۋەبىدىن ئىشىدىن، مەكتىپىدىن قوغلىنىدىغان ياكى دەۋەت پائالىيەتلىرىنى ياكى باشقا مۇھىمراق ئىشلىرىنى قىلىشتا تۈرلۈك ئاۋارىچىلىقلارغا ئۇچرايدىغان بولسا، قويمىسىمۇ بولىدۇ.
«قۇرئان كەرىم»دىمۇ قىيىن شارائىتتا ئىمانىنى يوشۇرغان كىشىنى ئالاھىدە ماختىغان، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ نۇئەيم ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىنى يوشۇرۇشقا بۇيرۇغان. ئىسلام بىلەن ئىماننى يوشۇرۇش ئۇنىڭ شەكلى ۋە تاشقى كۆرۈنۈشىنى يوشۇرغاندىن ئېغىر. شۇڭا، قاراشلار ئوخشاش بولمىغان بۇنداق مەسىلىلەردە باشقىچە قاراش ۋە شارائىتتىكىلەرنى ئازغۇن، پاسىق دەپ ھاقارەتلەشنىڭ ئۆزى مۇسۇلمانلار سېپىنى پارچىلاشنى كۆزلەۋاتقان دىن دۈشمەنلىرىنىڭ ئىشىنى قولايلاشتۇرۇشتىن باشقا ئىش ئەمەس.
يەنە بىرى: ساقال قويۇش ئورۇندىلىدىغان تۆۋەن چەك. ئالىملار ساقالنىڭ بىر قىسمىنى ئېلىۋەتسە بولىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن بولسىمۇ، قانچىلىك ئېلىۋەتسە ساقال قويغان بولىدىغانلىقىدا قاراشلىرى ئوخشاش ئەمەس. سەلەفلەردىن بەزىلەر: «سىقىمدىن ئاشقىنىنى ئېلىۋەتسە ساقال قويغانلىق بولىدۇ» دېسە، بەزىلەر: «ھەج – ئۆمرەدىن باشقا چاغدا ساقالغا چېقىلسا بولمايدۇ» دېگەن. يەنە بەزىلەر مەلۇم چەك قويماستىن: «قىسقا بولسىمۇ قويۇلسا، ساقال قويغانلىق بولىدۇ» دەپ قارىغان. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى بىر سىقىمغا يەتمىگەن بولسىمۇ، ئالاھىدە ئۇزىراپ كەتكەن جايلىرىنى، يان تەرەپلىرىنى ئېلىۋېتىشكە رۇخسەت قىلغان.
«ھەج – ئۆمرەدىن باشقا چاغدا ساقالغا چېقىلسا بولمايدۇ» دېگەن قاراش ئىنتايىن زەئىف قاراشتۇر. چۈنكى، ئىھراملىق ھالەتتە چاچ ئېلىش چەكلەنگەن بولۇپ، ساقالمۇ بۇ ھەقتە چاچ قاتارىدا. يەنە سەلەفلەرنىڭ ئادەتتىكى چاغلاردىمۇ ساقالغا چېقىلىدىغانلىقى نەقىل قىلىنغان. بۇنىڭدىن مەلۇم بولىدۇكى، مۇشرىكلەرگە خىلاپ ئىش قىلىش، ئۇلاردەك پاكىز چۈشۈرۈۋەتمىسە، بىرەر سانتى قويۇش بىلەن بولسىمۇ ۋۇجۇدقا چىقىدۇ.
ئەلۋەتتە بىر سىقىم بىلەن بەلگىلەش بەزى سەلەفلەرنىڭ ئىجتىھادى بولۇپ، بۇ دېگەنلىك «بىر سىقىمدىنمۇ ئاز قويۇش ساقالنى چۈشۈرۈۋەتكەنلىك بولىدۇ» دېگەنلىك ئەمەس. بەزى سەلەفلەر بىر سىقىم دەپ بېكىتمەستىن «مەلۇم مىقداردا ساقال قويسا جائىز» دېگەن.
﴿ئاندىن ئۇلار كىرلىرىنى تازىلىسۇن﴾(22/«ھەج»: 29) دېگەن ئايەتتىكى كىرلەرنى تازىلاشنى ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما: «شەيتانغا تاش ئېتىش، قان قىلىش، چاچ چۈشۈرۈش ۋە قىسقارتىش، بۇرۇت، تىرناق ۋە ساقالدىن ئېلىش» دەپ تەفسىرلىگەن(10).
ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ھەج ياكى ئۆمرە قىلسا، ساقىلىنى قاماللاپ تۇتۇپ ئېشىپ قالغىنىنى ئېلىۋېتەتتى(11). ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇ ساقىلىنى سىقىمداپ، ئارتۇقىنى ئېلىۋېتەتتى. قاسىم ئىبنى مۇھەممەد چېچىنى ئالدۇرغاندا، ساقال – بۇرۇتلىرىنىمۇ ياسىتاتتى. ئىبراھىم نەخەئىي: «ئۇلار (ئەسھاب كىرام) ساقالنىڭ ئەتراپىدىن ئېلىپ ياسىتاتتى» دېگەن(12).
دېمەك، سەلەفلەر ساقالنى قويغاندىن كېيىن بىر قىسمىنى ئېلىشنىڭ جائىزلىقىدا بىردەك قاراشتا. قانچىلىك ئېلىشتا بىردەك قاراشتا ئەمەس. ئۇلاردىن «ساقالنى ئېلىۋېتىش مەكرۇھ» دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنمىغان. كېيىنكى ئالىملارنىڭمۇ بۇ ھەقتە قاراشلىرى پەرقلىق. ئۇلارمۇ «ساقالغا چېقىلىش جائىز ئەمەس» دەپ باقمىغان. بەزىلىرى: «بەك ئۇزىرىغان قىسمىنى ئېلىۋېتىدۇ» دېسە، بەزىلىرى: «ئېلىشنىڭ مەلۇم چېكى يوق» دەپ قارايدۇ. يەنە ئىمام تەبەرىيدەك بەزى ئالىملار سەلەفلەر ئارىسىدىكى ساقالنىڭ ئۇزۇنلۇقى توغرىسىدىكى قاراش پەرقىنى بايان قىلغاندىن كېيىن، «ئەل ئىچىدىكى ئۆرپ – ئادەتتە ئەيىبلەنمەيدىغان دەرىجىدە ئالسا بولىدۇ» دەپ ئۆلچەم بېكىتكەن(13).
ساقال قويۇشقا بۇيرۇغان ھەدىسلەردىكى مۇخالىپەت قىلىشتا كۆزدە تۇتۇلغان مۇشرىكلەر ئاتەشپەرەستلەر بولۇپ، ئۇلار ساقاللىرىنى پاكىز چۈشۈرۈۋېتەتتى. ساقالنى قىسقا بولسىمۇ قويۇش بىلەنمۇ ئۇلارغا مۇخالىپەت قىلىش ھاسىل بولىدۇ.
شۇڭا بەزى ئالىملار: «چەكلەنگىنى ئەجەملەردەك پاكىز چۈشۈرۈۋېتىش» دېگەن(14).
ئىخچاملىساق، «ساقال قويۇش سۈننەت، مۇستەھەب» دېگەن ئىككىنچى قاراشنى تاللىغىنىمىزدا، ساقالنى بىر قىسمىنى ئېلىپ قىسقارتىپ چىرايلىق تەڭشەپ ياساپ تۇرسا بولىدۇ. پۈتۈنلەي چۈشۈرۈۋېتىش مەكرۇھ. بوينى بىلەن مەڭزىگە ئۆسكىنى ساقال دائىرىسىگە كىرمەيدىغان بولغاچقا، ئۇنى تىغدا چۈشۈرۈۋەتسە بولىدۇ.
جەمئىيەت شارائىتى يار بەرسە، بېسىمغا ئۇچرىمايدىغان بولسا، ئىسلام ئىلىملىرىنى ئوقۇيدىغان تالىبلار، ئەھلى ئىلىملەر رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننىتىنى قولدىن بەرمەسلىكى، تەقى – تۇرقىدا، يۈرۈش – تۇرۇشىدا مۇستەھەب بولغاننى تۇتۇشتا ئاۋامۇنناسقا ئۈلگە بولۇشى لايىقتۇر.
ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / توغرىسىنى ئاللاھ بىلۇر.
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ھ. 1432، 24 – جامادىيەلئەۋۋەل / م. 2011، 28 – ئاپرېل
1. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (5892)؛ مۇسلىم (259). بۇ ھەدىستىكى «أَحْفُوا» دېگەن سۆز «الإحفاء» دېگەن سۆزدىن تۈرلىنىپ چىققان بولۇپ، ئۇ «پۈتۈنلەي ئېلىۋېتىش، غىرداپ ئېلىۋېتىش، تېرىنىڭ كۆرۈنۈپ تۇرۇشى» دېگەندەك مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. شۇڭا يالىڭاياق كىشىنى (حاف) دەيمىز. بۇخارىي «كىيىم – كېچەكلەر بۆلۈمى»، «بۇرۇتنى قىسقارتىش» بابىدا كېلىشىچە: «ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما بۇرۇتىنى تېرىسىنىڭ ئاقلىقى كۆرۈنگىدەك قىلىپ چۈشۈرۈۋېتىپ، ماۋۇ ئىككىنى (بۇرۇت بىلەن ساقال ئارىلىقىنى) مۇ ئالاتتى». بۇ مۇئەللەق رىۋايەتنى ئەسرەم «ئەسسۈنەن» دە، تاھاۋىي «شەرھۇ مەئانىل ئاسار»، (6568) دا سەنەدلىك رىۋايەت قىلغان. تاھاۋىينىڭ يەنە بىر رىۋايەتى («شەرھۇ مەئانىل ئاسار»، 6570) دە: «بۇرۇتىنى يۇلۇۋەتكەندەك پاك – پاكىز ئالاتتى» دەپ كەلگەن. شەۋكانىي: «(الإحفاء) غىرداپ ئېلىۋېتىشنى بىلدۈرىدۇ. ‹ئەسسىھاھ›، ‹ئەلقامۇس›، ‹ئەلكەششاف› ۋە بارلىق لۇغەت كىتابلىرىدا شۇنداق» دېگەن. بۇخارىيدىكى مۇشۇ (أَحْفُوا) ۋە (انْهَكُوا) دېگەن بۇيرۇقلارمۇ شۇنى كۆرسىتىدۇ. يەنە ئىبنى ئۆمەر، ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرىي، جابىر، راﻓﯩﺌ ئىبنى خەدىج، ئەبۇ ئۇسەيد، سەلەمە ئىبنى ئەكۋەﺋ ۋە ئەبۇ راﻓﯩﺌ قاتارلىق نۇرغۇن ساھابە كىراملارنىڭمۇ بۇرۇتلىرىنى پاك – پاكىز ئېلىۋەتكەنلىكى تاھاۋىي ۋە باشقىلار سەنەدى بىلەن رىۋايەت قىلغان. بۇنىڭغا ئاساسەن، ئىمام ئەبۇ ھەنىفە ۋە شاگىرتلىرى، ئىمام شافىئىي ۋە شاگىرتلىرى، شۇنداقلا ئىمام ئەھمەد قاتارلىق كۆپچىلىك ئالىملار: «پاكىز ئېلىۋېتىش قىسقارتقاندىن ئەۋزەل» دەپ قارىغان. يەنە قىسقارتىش ۋە قىرقىش ھەققىدە باشقا «سەھىھ» ھەدىسلەرمۇ كەلگەن. دېمەك، بىر قىسمىنى ئېلىۋېتىش بىلەن تېگىدىن ئېلىۋېتىشتىن ئىبارەت ھەر ئىككى خىل ئۇسۇل سەھىھ يول بىلەن كەلگەندۇر. بىر قىسمىنى ئېلىۋېتىپ، قىرقىش ئەۋزەل دېگەن قاراشنى تۇتۇپ، «سەھىھەين»دىكى ئوي ئېلىۋېتىش ھەققىدىكى ھەدىسلەرنى ئۆز قارىشىغا بويسۇندۇرۇپ تەرجىمە قىلىشقا بولمايدۇ. بۇ ھەقتە يەنە قاراڭ: جاسساس: «ئەھكامۇل قۇرئان»، 1 – ج، 84 – بەت؛ ئىبنۇلقەييىم: «زادۇلمەئاد»، 1 – ج، 181 – بەت؛ ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 10 – ج، 335 – بەت؛ ئەينىي: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 22 – ج، 26 – 43 – بەت؛ موللا ئەلى قارىي: «مىرقاتۇلمەفاتىيھ»، 8 – ج، 272 – بەت؛ شەۋكانىي: «نەيلۇل ئەۋتار»، 1 – ج، 142 – بەت؛ مۇسا شاھىن لاشىن: «فەتھۇلمۇنئىم»، 2 – ج، 176 – بەت.
2. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (5893)؛ مۇسلىم (259).
3. مۇسلىم (260).
4. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (3462)؛ مۇسلىم (2103).
5. تىرمىزىي (1752). تىرمىزىي: «ھەسەن، سەھىھ».
6. ئەبۇ داۋۇد (652). ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
7. ئەبۇ داۋۇد (2345). ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
8. مۇسلىم (261).
9. بۇ ھەدىس «سەھىھۇ مۇسلىم»دە كەلگەن بولسىمۇ، ئىمام ئەھمەد قاتارلىق كۆپچىلىك مۇھەددىسلەر راۋىيلەردىن مۇسئەب ئىبنى شەيبەنى «مۇنكەرۇل ھەدىس» دەپ قارىغان. دارەقۇتنىيمۇ مۇسلىمنىڭ بۇ ھەدىسنى «سەھىھ» دەپ قارىغىنىنى توغرا تاپمىغان. قاراڭ: ئۇقەيلىي: «ئەززۇئەفائۇل كەبىر»، 4 – ج، 196 – بەت؛ مىززىي: «تەھزىبۇل كامال»، 28 – ج، 32 – بەت؛ دارەقۇتنىي: «ئەلئىلزامات»، 340 – بەت.
10. ئىبنى ئەبى شەيبە (15673).
11. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (5892)؛ مۇسلىم (259).
12. ئىبنى ئەبى شەيبە (25992، 25996)؛ بەيھەقىي: «شۇئەبۇلئىمان»، (6438).
13. قازى ئىياز: «ئىكمالۇل مۇئلىم»، 2 – ج، 36 – بەت؛ ئەينىي: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 22 – ج، 46 – بەت.
14. زۇرقانىي: «مۇۋەتتا شەرھى »، 4 – ج، 426 – بەت.
ئاۋازلىق نۇسخىسى:

