غەرب ئەللىرىدىكى ئىسلامىي جەمئىيەتلەر

مەن پارىژ مەسجىدىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇ يەردە بىر نەچچە لېكسىيە سۆزلىدىم، شۇنداقلا مەسئۇل كىشىلەر بىلەن سۆزلىشىپ، ئۇلارنىڭ بىر قىسىم مەسىلىلىرى ھەققىدە ئىزدىنىپ ماددىي ۋە ئەدەبىي ئىشلىرى توغرىسىدا قىسقىچە بىر ئوي پىكىر ھاسىل قىلغان بولدۇم.

مەن جۈمە خۇتبىسى ئوقۇۋېتىپ نامازدا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ سەپلىرىگە قارىغىنىمدا، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ بار بولسا بارلىقى، يوق بولسا يوقلىقى بىلىنمەيدىغان ئادەتتىكى كىشىلەر قاتلىمىغا تەۋە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. بۇ ھەقىقەتەن ئۆز دىنىنىڭ پائالىيەتلىرىنى جانلاندۇرۇش ۋە مەشئەللىرىنى نۇرلاندۇرۇشقا ئۆزلىرىنى بېغىشلىغان دىن سۆيەر مۇسۇلمان خەلق ئاممىسىنىڭ ئېسىل بىر كۆرۈنۈشى ئىدى.

ئەمما، ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ ئەھۋاللىرىنى بىلىگىنىمدە كۆڭلۈم يېرىم بولۇپ، بىئارام بولدۇم. ئەسلىدە، ئۇلار ئوخشىمىغان جەمئىيەتلەرنىڭ ئەزالىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىلىرىدا ئۇزۇنغا سوزۇلغان دەتالاش ۋە جېدەل – ماجىرالار يامرىغان ئىكەن.

(ئارىدىن) بىر دوستۇم ماڭا: جەمئىيەتلەرنىڭ كۆپ بولغىنىنىڭ ھېچ بىر زىيىىنى يوققۇ، دېدى. مەن ئۇنىڭغا جاۋابەن مۇنداق دېدىم: توغرا! جەمئىيەتلەرنىڭ تۈرلىرى كۆپ بولسا ھېچ بىر زىيىنى يوق. مەسىلەن، ئەرەب تىلى تەلىم – تەربىيە جەمئىيىتى، ياشلارغا كۆڭۈل بۆلۈش جەمئىيىتى، تەنتەربىيە جەمئىيىتى، مۇساپىرلار نىكاھ ئىشلىرىنى قولايلاشتۇرۇش جەمىيىتى، دۆلەت ئىچى – سىرتىغا ساياھەت ئورۇنلاشتۇرۇش جەمئىيىتى، خىرىستىيان تەشۋىقاتچىلىرى ۋە شەرقشۇناسلارنىڭ شۈبھىلىرىنى تەتقىق قىلىش جەمئىيىتى، فىرانسىيەدىكى پارتىيە – ئورگانلارنى زىيارەت قىلىش جەمئىيىتى. . . دېگەندەك.

ئەمما سانى چەكلىك بولغان بۇ مۇسۇلمانلار جامائىتىنىڭ سەلەف ۋە خەلەف (بۇرۇنقىلار ۋە كېيىنكىلەر)، (سىياسىي) ھەرىكەتچى ۋە سوپى، مالىكىي ۋە ھەنەفىي، شىئە ۋە سۈننىي، ئەرەب ۋە ئەجەم. . . دېگەندەك گۇرۇھلارغا بۆلۈنۈشى ئاقىۋىتى قورقۇنۇچلۇق بولغان بالايى – ئاپەتتۇر. ھازىر ئۇنىڭ زىيىنى كۆزگە ئېلىنمىسا، بەلكى كەلگۈسىدە ھەممەيلەننى خانىۋەيران قىلىۋېتىشى مۇمكىن.

مەن ئىلگىرى بۇ يېڭى دەۋرگە ئۆتمۈشتىكى بۇ يامان ئىللەتلەرنى سۆرەپ كىرىشتىن ئاگاھلاندۇرغان ئىدىم، ھېلىھەم ئاگاھلاندۇرىۋاتىمەن.

بىلىشىمچە، ياۋرۇپالىقلار ئارىسىدا ئەسلا قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان شەھۋانىيلىقلار ئومۇملاشماقتا. بىراق، بۇ شەھۋانىيلىقلار شۇنچىۋالا قاباھەتلىك بولسىمۇ، ئىنسانلارنى ھالاك قىلىشتىكى زىيىنى يەنىلا مەنسەپپەرەسلىك، شۆھرەتپەرەسلىك ۋە كىشىلەرنىڭ مەككار، ياۋۇز كىشىلەر رەھبەرلىك قىلىدىغان ئۇششاق جامائەتلەرگە بۆلۈنۈپ كېتىشىنىڭ زىيىنىغا يەتمەيدۇ.

بىر دوستۇم ماڭا بۇ يەردە جەمئىيەت قۇرماقچى بولۇۋاتقان بەش نەپەر كىشىنىڭ بارلىقىنى، بىرىنىڭ مەن باش رەئىس دېسە، ئىككىنچىسىنىڭ مەن مۇئاۋىن باش رەئىس دەيدىغانلىقىنى، ئۈچىنچىسىنىڭ مەن باش ۋەكىل دېسە، تۆتىنجىسىنىڭ مەن باش نازارەتچى دەيدىغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى. مەن ئۇنداقتا بەشىنچىسى: «مەن باش ئەزا دېيىشى كېرەككەن – دە» دېدىم (كىنايە قىلىپ).

ھەقىقەتەنمۇ بالىلارچە ئىستەكلىرىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن مەنسەپلەرگە ئىنىتلىپ، نۇرغۇنلىغان تەشكىلاتلارنى پەيدا قىلىش روھىي قۇرغاقچىلىق ۋە ئەقلىي نامراتچىلىقلاردىن كېلىپ چىقىدۇ، ئەلۋەتتە.

مەن ياۋروپادىكى ھەربىر دۆلەتتە ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزلىرى مېھمان بولۇپ چۈشكەن خەلقنىڭ _ شەكىل ۋە ئوبيېكت جەھەتتىن _ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. ئۇلار بۇ ھالەتكە پەقەت تەلىم – تەربىيە، مەدەنىيەت – ساپا ۋە يۈرۈش – تۇرۇش جەھەتتە ھەيران قالارلىق بىر نەمۇنە بولغان ۋاقىتتىلا ئېرىشەلەيدۇ. مانا شۇ ۋاقىتتىلا ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە تەرەققىياتىدا ئۈمىد تۇغۇلىدۇ.

ئىسلام قەلب كېسەللىكلىرىنى ئىنتايىن يامان كۆرىدۇ، شۇنداقلا ئۇنى جىسمانىي كېسەللىكلەردىنمۇ كۆپ زەرەرلىك ۋە يامان ئاقىۋەتلىك دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە، كۆزنىڭ كورلۇقى قەلبنىڭ كورلىقىدىن، چىراينىڭ كۆرۈمسىزلىكى روھىيەتنىڭ كۆرۈمسىزلىكىدىن يەڭگىلرەكتۇر.

مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىر ھەدىسىدە، ئىنساننىڭ قەدرى – قىممىتى ۋە تۆھپىسىنى چۈشۈرىدىغان، يۈكسەك مەرتىۋىدىكى زات بىلەن ئاۋام – خەلق ئارىسىدا توسقۇنلۇق قىلىدىغان بىرقانچە قەلب كېسەللىكلىرىدىن پاناھ تىلىگەنلىكىنى كۆرگەن ئىدىم.

بۇ ھەدىس ھەدىس توپلاملىرىدا سەھىھ ھالەتتە تۆۋەندىكىدەك كەلگەن: «ئى ئاللاھ! ساڭا سىغىنىپ غەم – ئەندىشىدىن ۋە قايغۇدىن پاناھ تىلەيمەن، ساڭا سىغىنىپ ئاجىزلىقتىن ۋە ھورۇنلۇقتىن پاناھ تىلەيمەن، ساڭا سىغىنىپ قورقۇنچاقلىقتىن ۋە بېخىللىقتىن پاناھ تىلەيمەن، ساڭا سىغىنىپ قەرزگە بوغۇلۇپ قېلىشتىن ۋە دۈشمەن ئالدىدا بىچارە بولۇپ قېلىشتىن پاناھ تىلەيمەن».

بۇ ھەدىستە سەككىز تۈرلۈك كېسەل تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، بۇلار كېسىۋېتىلىشى تېگىشلىك بولغان ناچار دەرەخنىڭ شاخلىرىدۇر. چۈنكى، بۇ كېسەللىكلەرنىڭ ھەربىرى خەتەرلىك بولۇپ، ئەگەر ھەممىسى بىللە بولۇپ قالسا، بۇنىڭ زىيىىنىنى قانداقمۇ تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولسۇن؟!

بىز بۇ سەككىز تۈرلۈك كېسەللىكلەرنىڭ ھەربىرىگە تېز – تېز نەزەر تاشلاپ چىقايلى:

1. غەم – ئەندىشە. بۇ، قەلبنىڭ بىئاراملىقنى قوزغايدىغان نەرسىلەر بىلەن مەشغۇل بولۇپ، ئۇلارنى يوقىتالماسلىقىدۇر. غەم – ئەندىشىلىك كىشىنىڭ يېرىم كۈچى پالەچ ھالدا بولغانلىقى ئۈچۈن، ھاياتقا پەقەت قالغان يېرىم كۈچى بىلەنلا يۈزلىنىدۇ.

2. قايغۇ. بۇ، نەپسنىڭ كۈچلۈك دەرت – ئەلەم ئالدىدا مەغلۇب بولۇپ، ھاياتقا ئىزچىل سارغايغان خازان سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىشىدۇر. قايغۇلۇق كىشى ئۈمىدسىزلىك زىندانىنىڭ مەھكۇمى، دەرت – ئەلەملىرىنىڭ قۇربانىدۇر. بۇنداقلارنىڭ قولىدىن بۈيۈك ئىشلارنىڭ روياپقا چىقىشى كەمدىن – كەم ئۇچرايدۇ.

3، 4. ئاجىزلىق ۋە ھورۇنلۇق. بۇ ئىككىسى مېنىڭ نەزەرىمدە، ئۈچىنچى دۇنيا (ئەللىرى) دىكى ئاپەتلەردىندۇر. سىز (بۇ ئەللەردە) ئىشنى تولۇق، ياخشى قىلالايدىغان بولسىمۇ، قول ئۇچىدىلا يېرىم – يارتا، ناچار قىلىپ قويىدىغان، ئەتراپىدا يا ئوقى يېتىپ بارالايدىغان جايدا سۇ تۇرسىمۇ، «يامغۇر تىلەش نامىزى» ئوقۇشنى ئويلىشىدىغان كىشىلەرنى كۆرىشىڭىز مۇمكىن.

مەن (بۇ ئەللەردە) ئەخلەت يېنىدا ئۇنى تازىلىۋىتىشنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈپ قويماستىن پۇتىنى بىر – بىرىگە مىنگەشتۈرۈپ بەخىرامان ئولتۇرۇۋاتقان ياكى ئەتراپىدا سۇ ئېقىۋاتقان بۇزۇلغان بىر جۈمەك بولسىمۇ، ئۇنى ئوڭشاپ قويۇشنى ئويلاپمۇ باقمايۋاتقان كىشىلەرنى كۆردۈم.

بۇ دەسلەپتە شەخسنىڭ روھىيىتىدە پەيدا بولۇپ، كېيىنچە جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىغا كېڭىيىپ بارىدىغان بىر ئەبگالىقتۇر، ئەلۋەتتە. قارايدىغان بولساق، مۇنبەت زېمىن ئۈستىدە ياشاۋاتقانلار نامرات ياكى تەپەككۇرى بوغۇلغان (پەردىلەنگەن) خەلقلەر بولۇپ، ئەجنەبىيلەر ئۇلارنىڭ تۇپرىقىدىن تۈرلۈك قاتتىق – سۇيۇق يەر ئاستى بايلىقلىرىنى قېزىپ چىقىرىۋىلىش ئۈچۈن دەرۋازىلىرىنى (ئۆچرەتتە تۇرۇپ) ئۇرماقتا. . .

5، 6. قورقۇنچاقلىق ۋە بېخىللىق. بۇلار بىر – بىرىدىن ئايرىلالمايدىغان ئىككى تۈرلۈك ئاپەتتۇر. مەسىلەن، پۇل – مېلىغا بېخىللىق قىلغان كىشى (ئەلۋەتتە) جېنىغىمۇ بېخىللىق قىلىدۇ؛ جېنىغا بېخىللىق قىلمىغان كىشى پۇل مېلىغىمۇ بېخىللىق قىلمايدۇ. (پۇل – مېلىغا بېخىللىق قىلغان ۋە جېنىغا بېخىللىق قىلغان) ئىككى تۈرلۈك كىشىنىڭ ھەر ئىككىلىسى ئالىيجاناپ ھاياتنىڭ تەمىنى تېتىيالمايدۇ. « (پالانى) قېچىپ كېتىپتۇ! ئاللاھ لەنەت قىلسۇن!» دېگەن ئاتاقنى «ئۆلۈپ كېتىپتۇ! ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!» دېگەن شەرەپتىن ياخشىراق دەپ قاراپ، ئۆزىنىڭ قېچىشىغا باھانە كۆرسىتىدىغان توخۇ يۈرەك كىشىلەر ياكى ئار – نومۇسى ۋە ئۆزىنى خار قىلىش بەدىلىگە بايلىق توپلايدىغان بېخىل كىشىلەر بۇ خىل تەمنى قانداقمۇ تېتىيالىسۇن؟!

7، 8. قەرزگە بوغۇلۇپ قېلىش ۋە دۈشمەن ئالدىدا بىچارە بولۇپ قېلىش. بىز بۇ يەردە قانداقتۇر بىر ئۆتكۈنچى ھەۋەسنىڭ كەينىگە كىرىپ، قايتۇرۇپ بېرىشكە ئاجىز تۇرۇپ قەرز ئېلىشنىڭ ئوغرىلىقنىڭ بىر تۈرى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈشنى ياخشى دەپ قارايمىز. چۈنكى، ئوغرىمۇ باشقىلارنىڭ مال – مۈلۈك ھوقۇقىغا سەل قارايدۇ ۋە ئۆزىنىڭ شەخسىي ئېھتىياجىنى قامداشنىلا ئويلايدۇ (ئەمەسمۇ؟!). ئەقىلگە ئۇيغۇن بولمىغان بىرەر سەۋەبنى كۆرسىتىپ قەرز ئالغان ھەرقانداق كىشىمۇ بۇنىڭغا ئوخشايدۇ.

ئەمما دۈشمەن ئالدىدا بىچارە بولۇپ قېلىش بولسا، ئۈلۈمنى ئۇنىڭدىن ئەۋزەل كۆرىدىغان ئالىيجاناپ كىشىلەرنىڭ ھاياتىنى غەشلەشتۈرىدىغان بىر مۇسىبەتتۇر. ھۆر كىشىنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ مۇسىبەتلىرىدىن بىرى دۈشمىنىگە ئامالسىز دوستلۇق ئىزھار قىلىشىدۇر.

ئىنسانلارنى توغرا يولغا باشلايدىغان، قەلب كېسەللىكلىرىگە شىپالىق رېتسىپلارنى بېرىدىغان پەيغەمبەرلىك ساھىبى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئاللاھنىڭ رەھمىتى بولسۇن! ئى ئاللاھ! سەن ھىدايەت قىلغان كىشىلەر قاتارىدا بىزلەرگىمۇ ھىدايەت ئاتا قىلغىن! سەن خاتىرجەم قىلغان كىشىلەر قاتارىدا بىزلەرنىمۇ خاتىرجەم قىلغىن!

شەيخ مۇھەممەد غەززالىنىڭ «ئاچچىق ھەقىقەت» ناملىق كىتابىدىن تەرجىمە قىلىندى.

تەرجىمىدە: بېشارەت

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ.