دوكتور مۇھەممەد ئەيياش ئەلكۇبەيسىي
بۇ كۈنلەردە دىنىي ساھەدىكىلەر ئىچىدە، ۋەز – نەسىھەت سورۇنلىرىدا «بىز فىتنە دەۋرىدىمۇ؟» دېگەن سوئال كۆپ تەكرارلىنىۋاتىدۇ. بۇ سوئال بىر تەرەپتىن چۈشكۈنلىشىش ۋە ئەھمىيەتسىز ھېس – تۇيغۇ ئىپادىلىرىنى بايان قىلىپ بەرسە، يەنە بىر تەرەپتىن دىنىي ئاتالغۇلار ۋە دىنىي ئىبارىلەرگە چۆمۈلگەندەك كۆرۈنسىمۇ، مەسئۇلىيەتتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئارزۇسىنى بايان قىلىپ بەرمەكتە ئىدى. «قۇرئان كەرىم» ۋە «ھەدىس»لەردە كۆپ تەكرارلانغان «فىتنە» كەلىمەسى كۆپىنچە ئىككى خىل مەنىنى بىلدۈرىدۇ.
بىرىنچى: ئىمتىھان ۋە سىناق. بۇ مەنە بەندىلەرنىڭ ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاللاھ تائالا: ﴿سىلەردىن قايسىڭلارنىڭ ئەمەلى ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى سىناش ئۈچۈن ئاللاھ تائالا ئۆلۈمنى ۋە تىرىكلىكنى ياراتتى﴾(67/«مۇلك»: 2) دېگەن. «فىتنە» كەلىمەسى يەنە تۆۋەندىكى ئايەتلەردىمۇ مۇشۇ مەنىدە كەلگەن:
﴿بەزىڭلارنى بەزىڭلار بىلەن سىنىدۇق، سەۋر قىلامسىلەر؟ (يەنى سەۋر قىلىڭلار) ﴾(25/«فۇرقان»: 20).
﴿سىلەرنىڭ ماللىرىڭلار، بالىلىرىڭلار (سىلەرگە ئاللاھ تەرىپىدىن) بىر تۈرلۈك سىناقتۇر﴾(64/«تەغابۇن»: 15). بۇلاردا نە ماختاش ۋە نە ئەيىبلەش مەنىسى ئىپادىلەنمەيدۇ، ماختاش ياكى ئەيىبلەش پەقەتلا سىناققا يولۇققان كىشىنىڭ ئىش – ھەرىكىتىگە قاراپ بولىدۇ.
ئىككىنچى: دىندىن ئېزىش ۋە يېنىش (مەنىسىدە كېلىدۇ). «فىتنە» كەلىمەسى تۆۋەندىكى ئايەتتە مۇشۇ مەنىدە كەلگەن:
﴿ئاللاھ تائالاغا شېرىك كەلتۈرۈش ئۇرۇشتىنمۇ ياماندۇر﴾(2/«بەقەرە»: 217).
ئاللاھ تائالانىڭ مۇشرىكلارنىڭ ھىيلە – نەيرەڭلىرىدىن ئاگاھلاندۇرۇش ھەققىدىكى مۇنۇ ئايىتىدىمۇ مۇشۇ مەنىدە كەلگەن: ﴿ئۇلار سېنى بىز ساڭا ۋەھيى قىلغان قۇرئانغا خىلاپلىق قىلدۇرۇپ، بىزنىڭ نامىمىزدا قۇرئاندىن باشقىنى ئويدۇرۇپ چىقارغۇزۇشقا تاس قالدى﴾(17/«ئىسراﺋ»: 73)
«فىتنە» كەلىمەسىنىڭ بۇ ئىككى خىل مەنىسىگە ئاساسەن، مۇسۇلماننىڭ فىتنە توغرۇلۇق كۆز قارىشى ھەققىدە سوئال سوراشنىڭ ئورنى يوق. بىراق كىشىلەر (ئۆزلىرىگە) باشقىلاردىن ئايرىلىپ تۇرۇشنى، دەۋەت ۋە ئىسلاھاتنى تاشلاپ، تەقدىرگە تەن بېرىشنى، چوڭ جەڭلەر (ھەققىدە) رىۋايەت قىلىنغان ھەدىسلەرنى بەزىبىر ۋەقەلىككە ئۇدۇللاش بىلەن قانائەتلىنىشنى، دەججالنىڭ ياكى مەھدىينىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنى كۈتۈپ تۇرۇشنى جائىز قىلىپ بېرىدىغان فىتنە ھەققىدە سوئال سورىشىدۇ. شۈبھىسىزكى، بۇ خىل پىكىر قىلىش يولى ئاخىرىدا باشقىلارنىڭ دىنىمىزنى، تۇپرىقىمىزنى ۋە مەۋجۇدلۇقىمىزنى ئىستىراتىگىيىلىك نىشان قىلغان پىلانلىرىغا تولۇق بويسۇنۇشقا ئېلىپ بارىدۇ، چۈنكى بىز شاھىد بولۇۋاتقان ۋەقەلىكلەر ئىنسانلارنىڭ پىلانلىشىدىن ۋە كۆزلىگەن نەرسىسىگە ئېرىشىش ئۈچۈن داۋاملىق ھەرىكەت قىلىشىدىن يىراق، تەقدىرگە خاس ۋەقەلىكلەرمۇ ئەمەس. بىز بۇ نۇقتىدىن، كۆپىنچە دىن ۋە ئۇنىڭ مەزمۇنىنى ئۆگىنىشتە ياكى رېئاللىق ۋە ئۇنىڭ شارائىتلىرىنى چۈشىنىشتە، ھېسسىياتقا ۋە ئاساسسىز مەلۇماتلارغا تايىنىپ، پۇختا بولغان ئىلمىي تەتقىقاتلاردىن يىراق، قالايمىقان دىنىي نۇتۇقلار ئوزۇقلاندۇرىۋاتقان بۇ خىل پىكىر قىلىشنىڭ خەتىرىنى چۈشۈنۈپ يېتەلەيمىز. بەزى كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئىجادىيەتلىرىدە بىر – بىرىگە جىپسىلاشمايدىغان، باغلاشمايدىغان قارىمۇقارشى كۆزقاراشلاردىن يۇغۇرۇلغان يات بىر ھۆكۈمنى چىقىرىش ئۈچۈن، ئىمام بۇخارىينىڭ مۇنۇ ھەدىسلىرىنى رىۋايەت قىلىشىدۇ: «ﭘﺎﺕ ﺋﺎﺭﯨﺪﺍ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻣﯧﻠﻰ ﺩﯨﻨﯩﻨﻰ فىتنەلەردىن ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻗﯧﭽﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﺗﺎﻍ ﭼﻮﻗﻘﯩﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﻳﺎﻳﻼﻗﻼﺭﻏﺎ ﮪﻪﻳﺪﻩﭖ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﻮﻱ پادىسى ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ»(1).
«(مۇسۇلمانلار جامائىتى ۋە ئىمامى بولمىسا، ئۇ چاغدا) باشقا پىرقىلەرنىڭ ھەممىسىدىن ئايرىلغىن، دەرەخنىڭ يىلتىزىنى يەپ ياشاشقا توغرا كەلسىمۇ، ئۆلگۈچە ئايرىم ياشىغىن!»(2)
كىم جەمئىيەتنى بىراقلا تاشلاپ ئايرىم ياشىيالايدۇ؟ فىتنەدىن قاچماقچى بولغان مۇئمىنلەردىن قانچىسى بۇ يولدا ماڭغانلارغا قوشۇلالايدۇ؟ ئۇلار ئوغۇل – قىزلىرىنى قانداق تەربىيەلەيدۇ؟ ئۇلار جامائەتچىلىك، جۈمە نامىزى، ئۆمرە ۋە ھەج قاتارلىق ئىبادەتلەرنى قانداق ئادا قىلالايدۇ؟ بۇ، ئون ياكى يىگىرمە، مىڭ ياكى ئىككى مىڭ كىشىگە مۇناسىپ كەلسە، ئۇنداقتا، بىر يېرىم مىلياردتىن ئاشىدىغان مۇسۇلمانلار قەيەرگە كېتىدۇ؟ بۇ ھەدىسلەر باش – ئايىغىدىن ئايرىپ ئۈزۈپلا ئېلىنغان، ئۆز ئورنىدا قويۇلمىغان، ھەتتا ئىسلامنىڭ ئۆزگەرمەس قانۇنلىرىنى ۋە بۈيۈك مەقسەتلىرىنى، ئىسلامنىڭ ھاياتنى تۈزەشتىكى پروگراممىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرالايدىغاندەك بولۇپ قالغان. ئاللاھ تائالا ئىنساننى زېمىندا خەلىفە بولۇش ئۈچۈن يارىتىپ، ئىنساننى ياخشىلىقنى ئومۇملاشتۇرۇشقا، چىرىكلىككە قارشى كۈرەش قىلىشقا بۇيرۇغان، غار – ئۆڭكۈرلەرگە مۆكۈنۈۋېلىشقا ئەمەس. ئاللاھ تائالا: ﴿ياخشىلىققا بۇيرۇيسىلەر ۋە يامانلىقتىن توسىسىلەر﴾(3/«ئال ئىمران»، 110) دېگەن.
ھەدىستە كەلگەنكى: «جىھاد قىلىش تا قىيامەتكىچە داۋاملىشىدۇ (يەنى كۈچكە ئىگە)»، «بىرىڭلارنىڭ قولىدا يەرگە تىكمەكچى بولغان كۆچەت (جىرىم) بولسا، قىيامەتنىڭ ۋاقتى كېلىپ قالغان تەقدىردىمۇ، ئۇنى تىكىۋەتسۇن».
ئىسلام دىنى بىلىم ئۆگىنىش، تىرىشىپ ئەمەل قىلىش، ئۆزىنى ۋە ئۆزگىنى ئىسلاھ قىلىش دىنى بولۇپ، (تەقدىرگە) تايىنىۋېلىش، سۆرەلمىلىك قىلىش، رېئاللىقتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش دىنى ئەمەس.
مەنبە: هل نحن في عصر الفتنة؟ https://islamonline.net/24848
تەرجىمىدە: ئابدۇرراززاق رەجەب
1. «بۇخارىي»، (19).
2. «بۇخارىي»، (3606).