چېچىنىيە يېقىنقى زامان مۇستەقىللىق ئىنقىلابىنىڭ رەھبىرى شەھىد جەۋھەر دودايىف

چېچىنىيە يېقىنقى زامان مۇستەقىللىق ئىنقىلابىنىڭ رەھبىرى شەھىد جەۋھەر دودايىف

(ھ. 1363 – 1416 / م. 1944 – 1996)

 

ئاپتورى: ياسىر مەھمۇد

 

شەھىد جەۋھەر دودايىف 1944 – يىلىنىڭ دەسلەپكى كۈنلىرى چېچىنىيەنىڭ يالھۇ دېگەن يېزىسىدا تۇغۇلغان. ھاياتىنىڭ دەسلەپكى 13 يىلىنى رۇسلار تەرىپىدىن تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە مەجبۇرىي يوسۇندا سۈرگۈن قىلىنغان، كۆپىنچىسى ھايات – ماماتلىق يولىنىڭ گىرۋىكىگە كېلىپ قالغان 500 مىڭ نەپەر چېچەنلەر بىلەن بىرلىكتە ئەينى ۋاقىتتىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قازاقىستان سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتىدە ئۆتكۈزگەن. ئۇنى ئاللاھ تائالا بۇ سۈرگۈندە كېيىنچە تارىختا مەڭگۈ ياشايدىغان ئىنقىلابنىڭ يېتەكچىسى بولسۇن، ئاللاھنىڭ يولىدا، ۋەتىنىنىڭ مۇستەقىللىقى يولىدا شەھىد بولسۇن، دەپ ساقلاپ قالغانىكەن.

دودايىف بالىلىقىنى قازاقىستاننىڭ شىيمكەنت شەھىرىدە قاتتىق نامراتلىق ۋە ئاچارچىلىق قاپلىغان ئىنتايىن ناچار مۇھىتتا ئۆتكۈزگەن. ئۇ ئانىسىنىڭ زېرىكمەي – تېرىكمەي سۆزلەپ بېرىدىغان چېچىنىيە ھەققىدىكى ھېكايىلىرى بىلەن شۇ ۋاقىتتا سوۋېت ئىتتىپاقىدا پۈتۈن ئوي – پىكىر ۋە دىنىي قىممەت قاراشلارنى بوغۇۋالغان زۇلمەت ئىچىدىكى نۇر كەبى روھلۇق مۇسۇلمان بولۇپ چوڭ بولغان. 1957 – يىلى چېچەن ۋە ئىنگۇشلۇقلار يۇرتلىرىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇ چېچىنىيەنىڭ ئىنگۇشىيادىكى كەچلىك مەكتەپتە ئوقۇشنى باشلىغان ۋە ئېلېكتر كەسپىنى ئۆگەنگەن. ئاندىن ۋلادىكاۋكازدىكى ئېلېكترون كەسپىنى ئوقۇشقا باشلاپ ئىككىنچى يىلى يەنى 1962 – يىلى ھاۋا ئارمىيە ئۇچقۇچىلىق مەكتىپىگە يۆتكىلىپ، 1966 – يىلى بۇ مەكتەپنى پۈتتۈرگەن. 1971 – 1974 – يىللىرى گاگارىن ھاۋا ئارمىيە قورال – ياراغ ئاكادېمىيەسىدە ئوقۇغان. ئاندىن ئەلا خانىم بىلەن ئۆيلەنگەن.

دودايىف سوۋېت ئارمىيەسى تەركىبىدە ئافغانىستان ئۇرۇشىغا قاتناشقان ۋە ئارمىيەنىڭ بالتىق ئېستونىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى تاللىنغا مەركەزلەشكەن ئىستىراتېگىيەلىك بومباردىمانچى قىسمىغا باشلىق بولغان. ئۇ شۇ ۋاقىتلاردا ئېستونىيەلىك مۇستەقىلچىلەرگە ئاشكارا ھېسداشلىق قىلغان. ھەتتا ئۆزى باشچىلىق قىلىۋاتقان قىسىمنىڭ بازىسىنىڭ ئالدىدا ئېستونىيەنىڭ بايرىقىنى لەپىلدەتكەن ۋە ئېستونىيەدىكى بىگۇناھلارنى بومباردىمان قىلىش بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىشنى: «مەن ئۆيلىرىنى، يۇرت – ماكانلىرىنى قوغداۋاتقان بىگۇناھلارنى نېمىدەپ بومباردىمان قىلغۇدەكمەن!» دەپ رەت قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن بۇيرۇققا بويسۇنمىغان ئاسىي گېنېرال دەپ ئاتالغان. ئېستونىيە دودايىفنى ئۇنىڭغا كەلگەن ئېستونىيە تېلېۋىزىيەسى ۋە پارلامېنتىنى تاقىۋېتىش قاتارلىق بىرقانچە بۇيرۇقلارنى قەستەن بىلمەسكە سېلىپ ئېستونىيەلىكلەرنىڭ تەرىپىنى ئالغان ۋە ئېستونىيەدىكى ھاۋا قىسمىنى چېكىندۈرۈپ كېتىپ سوۋېت ئارمىيەسىگە ئىستىپانامىسىنى تاپشۇرۇپ بەرگەندە ئوبدانلا تونۇغان ئىدى.

شۇ ۋاقىتلاردا چېچىنىيەدىكى ۋەزىيەت جىددىيلىشىۋاتقان ئىدى. چۈنكى، يانداربايىف ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرى چېچىنىيەنىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن ئىنقىلاب تەشكىللەۋاتاتتى. دودايىفنىڭ بولسا بۇ ئىشلاردىن خەۋىرى بار ئىدى. ئۇ يانداربايىفنىڭ تەكلىپى بىلەن 1990 – يىلىنىڭ ماي ئېيىدا سىياسەت بىلەن شۇغۇللىنىش ئۈچۈن چېچىنىيەنىڭ پايتەختى غەرۇزنىغا كېلىپ، چېچەنلەرنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئايرىم مۇستەقىل جۇمھۇرىيەت سۈپىتىدە ئىدارە قىلىنىشى كېرەكلىكىگە چاقىرىق قىلىدىغان بىرەسمىي ئۆكتىچىلەرنىڭ ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولۇپ سايلانغان. 1991 – يىلى ئۆكتەبىردە دودايىف خەلقئارا نازارەتچىلەر گۇرۇپپىسى نازارەت قىلغان سايلامدا، سايلامغا ئاۋاز بەرگۈچىلەرنىڭ %85 نىڭ قوللىشى بىلەن چېچىنىيە ئىشكىرىيا جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان ۋە جۇمھۇرىيىتىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئايرىىلىپ مۇستەقىل بولغانلىقىنى جاكارلىغان. دودايىفنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى بولسا پۈتۈن كاۋكاز خەلقىنىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىدى. 1992 – يىلى باشلانغان ئابخازىيە ئۇرۇشىدا كاۋكاز خەلقىنىڭ ئىتتىپاقىلىقىنى قوللاش ئۈچۈن، شامىل باسايىفنىڭ قوماندانلىقى ئاستىدا ئۆزىنىڭ جەڭچىلىرىنى ئەۋەتكەن.

موسكىۋا بولسا قاتتىق ئەنسىزلىك ئىچىدە كاۋكازدا بولۇۋاتقان بۇ ئىشلارنى كۆزىتىۋاتاتتى. شۇڭا، دودايىف رايوندىكى بارچە خەلقلەرنى كاۋكاز دۆلەتلىرىنىڭ بايرىقى ئاستىدا رۇسىيە ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىدىن قۇتۇلۇشقا چاقىرىق قىلاتتى.

رايوندا جەڭ سىگناللىرى ياڭراشقا باشلىغاندا دودايىف رۇسىيە ھۆكۈمىتى بىلەن سۆھبەتلىشىشكە كۈچىدى، سۆھبەت چېچنىيەنىڭ ھازىرقى تاتارىستانغا ئوخشاش سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى ئاپتونومىيە تۈزىمىدە قېلىشى بىلەن نەتىجىلەندى. لېكىن، سوۋېت ئىتتىپاقى بارلىق تەكلىپلەرنى رەت قىلدى ۋە دودايىفنى كۆزدىن يوقاتماقچى بولدى. ئۇلار ئاۋۋال ئۆزلىرىنىڭ ئىچكى قىسىمدىكى جاسۇسلىرى ئارقىلىق مۇستەقىللىق پىلانىنى بىتچىت قىلىشقا ئۇرۇندى، ئەمما مەقسىتىگە يېتەلمدى. چۈنكى، دودايىف ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرى ياققان ئىنقىلاب پىلتىسى چېچىنىيەنى، بۇلۇڭ – پۇچقاقلىرىغا قەدەر قاپلىغان بولۇپ، پۈتۈن كاۋكازنى قاپلىشى پەقەت ۋاقىت مەسىلىسى بولۇپ قالغان ئىدى. بۇ مەزگىلدە رۇسىيەنىڭ تېگى چېركەس بولغان ئەدلىيە ۋەزىرى كالمۇك يۇۋرا بىر دوستىغا: «خەۋپسىزلىك كېڭىشىمىز بۇ ئۇرۇشنى باشلاشنى قارار قىلدى، بۇنداق قىلمايمۇ ئامال يوق ئىدى. چۈنكى، ئۇلار بۇ كىچىك ئۇرۇشتىكى غەلىبىسىنىڭ ئىچكى قىسىمدىكى سىياسىي ۋەزىيەتنى قايتىدىن تەڭپۇڭلاشتۇرىدۇ دەپ قارايتتى. بۇ قارارغا ئاساسەن، رۇسىيە ئارمىيەسى چېچىنىيەگە كىرىدۇ» دېگەندىن كېيىن ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىدۇ.

دودايىف رۇسىيەنىڭ مۇداپىئە مىنىستىرى پاۋىل گراچېۋغا زورلۇق كۈچى ئىشلەتمەسلىككە قوشۇلغاندىن بەش كۈن كېيىن يەنى 11 – دېكابىر رۇسىيە ئارمىيەسى چېچىنىيەگە بېسىپ كىرىدۇ، رۇس ئارمىيەسىنى ياخشى بىلىدىغان دودايىف ئۇلارنى «كۈتىۋالىدۇ» ۋە ئۇلارغا ئۇلارنىڭ مەڭگۈ ئېسىدىن چىقمىغۇدەك ساۋاق بېرىپ قويۇش ئۈچۈن رۇسىيەگە قارشى جىھاد ئېلان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «‹غەلىبە قىلدۇق› دېگەن سۆزنى قىلالىشىڭلار ئۈچۈن، پۈتۈن دۇنيادىكى چېچەنلەرنى ئۆلتۈرۈۋېتىشىڭلار كېرەك. ناۋادا بىرەر چېچىنىيەلىك قېپقالسا ئەۋلاد قالدۇرۇپ سىلەر بىلەن جەڭ قىلىدۇ – دە، بىز يېڭىۋالىمىز. ئۇلارنىڭ بىزنى ئۆلتۈرۈشكە، قوغلىۋېتىشكە، ئۇستىخانلىرىمىزنى تانكىلىرى بىلەن ئېزىۋېتىشكە تامامەن ئىمكانىيىتى بار، ئەمما ئۇلار بىزنىڭ ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىق روھىمىزنى مەڭگۈ يوقىتىۋېتەلمەيدۇ».

دودايىف 1996 – يىلى 21 – ئاپرېل چېچىنىيەنىڭ جەنۇبىدىكى گىخچۇ يېزىسىدا دۇما پارلامېنتىدىكى بىر پارلامېنت ئەزاسى بىلەن بولغان تېلېفۇن ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغاندىن كېيىن سىمسىز تېلېگراف ئاپپاراتى ئىشلىتىۋاتقاندا رۇسىيەنىڭ رازۋېدكا ئايرۇپىلانى تەرىپىدىن ئورنى بايقىلىپ قېلىپ لازىر نۇرلۇق راكېتا بىلەن شەھىد قىلىنىدۇ. بۇ ئاللاھنىڭ ئۇنىڭ داۋاملىق شەھىد بولۇشنى تىلەپ قىلغان دۇئاسىنى ئىجابەت قىلغانلىقىدىندۇر، ئەلبەتتە. ئۇ داۋاملىق شەھىد بولۇشنى ئارزۇ قىلىپ: «شەھىد بولۇشنى ئىستەيمەن، چۈنكى بۇ ئەڭ يۈكسەك، ئەڭ يۇقىرى مەرتىۋە. مەن ۋەتىنىمنىڭ مۇستەقىللىقى، خەلقىمنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن، تا نەپىسىمدىن قالغانغا قەدەر جەڭگە ھازىر ھالەتتە تۇرىمەن» دەيتتى. ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى ئۇنىڭ شەھىد قىلىنغانلىقىنى ئىسپاتلىغان مەنبەلەرنىڭ تۇنجىسى بولۇپ، ئۇلار بۇنىڭ ئىنقىلابنىڭ ۋە چېچىنىيەدىكى ھەممە ئىشنىڭ ئاخىرلىشىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان. بىراق، بۇ شەھىد ئۆز خەلقىگە ھەقىقەتنى مۇستەملىكە دۆلەتلىرى مەڭگۈ تېگىگە يېتىپ بولالمايدىغان شەكىلدە چۈشەندۈرۈپ بەرگەن. شۇڭا، خەلق ئۆز شەھىدلىرىنىڭ يولىدا مېڭىشنى داۋاملاشتۇرغان. رۇسلارغا قارشى بۇ جەڭ باشلانغىلى ئىككى يىل بولغان ۋە بۇ «كىچىك ئۇرۇش» سەۋەبلىك 150 مىڭ چېچىنىيەلىك شەھىد بولغاندىن كېيىن رۇسلارنى مەغلۇپ قىلغان.

شەھىد جەۋھەر دودايىف ھەقىقىي رەھبەر بولۇپ، ھېچقاچان پۇل – مال، ھوقۇق – مەنسەپ تەمەسىدە بولمىغان. ۋەتىنىدىن چىقىپ كېتىپ چەتئەلدە ئارامخۇدا ياشىشى ئۈچۈن بېرىلگەن پۇل – مالنى ئەسلا قوبۇل قىلمىغان. ئۇ ئىنتايىن كەمتەر ئىدى. جەڭدىن بۇرۇن بىر مۇخبىرنىڭ قوشۇنىدا قانچىلىك گېنېرال بارلىقى ھەققىدىكى سوئالىغا: «ھەربىر چېچنىيەلىك بىر گېنېرال، مەن پەقەت مىليوننىڭ ئىچىدىكى بىرى، خالاس» دەپ جاۋاب بەرگەن. ئۇ ئىنتايىن جەسۇر بولۇپ، چېچنىيەنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىپ تېلېگرامما يوللىغان. رۇسىيەدىن قورقۇپ رەت قىلغان دۆلەتلەرگە ئۇ: «سىلەر بىزنى ئېتىراپ قىلمىساڭلار، بىزمۇ سىلەرنى ئېتىراپ قىلمايمىز» دېگەن.

چېچىنىيە بۇ بۈيۈك رەھبىرىنى ئەسلا ئۇنۇتمايدۇ. چېچنىيە مۇستەقىللىق ئۇرۇشىدا 300 مىڭدىن ئارتۇق شەھىد بەردى. مىڭلىغان چېچەنلەر ھېلىھەم سۈرگۈندە تۇرۇپتۇ. ئۇلار بۇ رەھبىرىنى ھەرگىز ئۇنۇتمايدۇ. چېچنىيەلىكلەر ھازىرمۇ مۇستەقىللىقى ۋە ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتىدۇ. ئەگەر بۇ جەڭ نېمىشقا بۇنچىۋالا ئۇزۇن ۋاقىتتىمۇ توختىمايدۇ، دەپ سورىساڭلار، مەزكۇر شەھىدىمىزنىڭ تىلى بىلەن مۇنداق جاۋاب بېرىمىز: «بىر كۈن بولسىمۇ شان – شەرەفى بىلەن ياشاش قۇل بولۇپ 100 يىل ياشىغاندىن مىڭ ئەلا».

 

مەنبە: https://www.ihh.org.tr/ar/news/legendary – leader – of – independent – chechnya – dzhokhar – dudayev – 829

تەرجىمىدە: بىلىميار

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ