ئاسترونوم ئەمىر ئۇلۇغ بەگ

ئاسترونوم ئەمىر ئۇلۇغ بەگ

(ھىجرىيە 796 _ 853 / مىلادىيە 1393 _ 1449)

مۇھەممەد تورغاي شاھرۇخ ئۇلۇغ بەگ ھىجرىيە 796 – (مىلادىيە 1393 -) يىلى سۇلتانىيەدە تۇغۇلغان. ھىجرىيە 810 – (مىلادىيە 1407 -) يىلى دادىسى ئۇنى خۇراساننىڭ بىر بۆلىكىنىڭ ئەمىرلىكىگە تەيىنلىگەن. كېيىن دادىسى سەمەرقەندلىكلەردىن تۈركىستاننى تارتىۋالغاندىن كېيىن ئۇنى ئۇ يەرگە ۋالىيلىققا تەيىنلىگەن.
ئۇلۇغ بەگ ئەدەبىيات، تەبىئىي پەن ۋە گۈزەل – سەنئەت تۈرىدىكى بىلىملەرگە قاتتىق ئىشتىياقى بار بىرى ئىدى. «قۇرئان كەرىم» ۋە شېئىرىيەت تەتقىق قىلغان، كىتاب يازغان. بولۇپمۇ ئاسترونومىيىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەن. ئۇنىڭ يەنە گېئومېتىرىيە ۋە مېمارچىلىققا زوقى بار ئىدى.
ئۇلۇغ بەگ سىياسىي ۋە ھەربىي ئشىلاردا باشقا بىلىملەرگە ماھىر بولغاندەك ئانچە بەك ماھىر ئەمەس ئىدى. شۇڭا، ئۇ ھىجرىيە 850 – (مىلادىيە 1447 -) يىلى دادىسىغا ۋارسلىق قىلىپ تەختكە چىققاندىن باشلاپ كەينى – كەينىدىن سىياسىي ۋە ھەربىي سىناقلارغا دۇچ كەلگەن. نەتىجىدە، ئوغلى ئابدۇللەتىف ئۇنىڭغا ئۆكتە قوپقان ۋە دادىسى ئۇلۇغ بەگ بىلەن قېرىندىشىنى مەغلۇپ قىلغان. ئابدۇللەتىف دادىسى ئۇلۇغ بەگنى يالغان سوتتا سوتلاپ بولغاندىن كېيىن ھىجرىيە 853 – (مىلادىيە 1450 -) يىلى بىر پارس قۇلنىڭ قولى ئارقىلىق قەتلى قىلغان.
ئالىملار ئۇلۇغ بەگ بىلەن ئوغلى ئابدۇللەتىف ئارىسىدىكى خۇسۇمەتنىڭ سەۋەبىنىڭ ئۇلۇغ بەگنىڭ مۇنەججىملىك قىلغانلىقى ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ. ئېيتىلىشىچە، يۇلتۇزلار ئوغلى ئابدۇللەتىفنىڭ ئۇنىڭغا قارشى چىقىدىغانلىقى ۋە ئۇنى ئاغدۇرۇۋېتىدىغانلىقىغا دالالەت قىلغاندىن كېيىن ئۇ ئوغلىنى ئۆزىدىن يىراق تۇتۇشنى مۇناسىپ كۆرىدۇ. بۇ سەۋەبلىك ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا سوغۇقچىلىق يىلتىز تارتىدۇ. بەزىلەر: ئوغلىنى ئۆزىدىن يىراق تۇتقانلىقنىڭ ئۆزىلا ئىككسىىنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ يامانلىشىپ كېتىشىنىڭ بىردىنبىر سەۋەبى ئەمەس. بۇ يەردە يەنە سەل قاراشقا بولمايدىغان باشقا سەۋەبلەرمۇ بار. ئۇلۇغ بەگ تۇرباب ۋەقەسىنى سۈپەتلىگەندە ئوغلى ئابدۇللەتىفنىڭ ئىسمىنىڭ ئورنىغا يەنە بىر ئوغلى ئابدۇلئەزىزنىڭ ئىسمىنى قويغان، دېگەن. يەنە «دادىسى ئوغلىغا ھىراتتا مۇھاپىزەت قىلىۋاتقان قورال – ياراغ ۋە مال – مۈلۈكلەرنى ئوغلىغا قايتۇرۇپ بېرىشنى رەت قىلغانلىقى سەۋەب بولغان» دېگۈچىلەرمۇ بار.
ئۇنىڭ گېئومېتىرىيە ۋە مېمارچىلىققا بولغان قىزىقىشى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ، سەمەرقەندنى ھەيۋەتلىك ئىمارەتلەر بىلەن بېزىگەن. ئۇ جايغا گۈمبىزى دۇنيا بويىچە ئەڭ ئىگىز خانىقادىن بىرنى سالغان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۇلۇغ بەگ مەسجىدى، شاھ زەندە مەسجىدى قاتارلىقلارنى سالغان.
ھىجرىيە 828 – (مىلادىيە 1425 -) يىلى ئۇلۇغ بەگ ھەيۋەتلىك تۆت مۇنار ئوراپ تۇرىدىغان 40 تۈۋرۈكلۈك بىر قەسىر بىنا قىلىپ، ئۇنى مەرمەر بىلەن بېزىگەن. ئۇنىڭ تەختى قويۇلغان زال ئىنتايىن كەڭ بولۇپ، 8 گەزدە 15 گەز كېلەتتى. ئۇنىڭدا يەنە ئىنتايىن بەدىئىي فارفۇر كاھىشلار بىلەن بېزەلگەن ھامماملىرى بار مەدرىسە بىنا قىلغان. ئۇنى ئىدارە قىلىشنى قازى زادەرۇمىيغا تاپشۇرغان.
ئاسترونومىيە ھەققىدە
ئۇلۇغ بەگ ھىجرىيە 832 – (مىلادىيە 1429 -) يىلى سەمەرقەندتە بىر رەسەتخانا بىنا قىلغان بولۇپ، بۇ رەسەتخانا ئۆز زامانىسىدا دۇنيانى ھەيران قالدۇرىدىغان قۇرۇلۇشلارنىڭ بىرى ھېسابلىناتتى.
ئۇ سەلاھۇددىن ئەليەھۇدىينى ئۈچ قاشانىيلىقلار بىلەن بىرگە رەسەتخانىنى باشقۇرۇش ئىشلىرىغا قويغان. ئۇلار: قازى زادە دېگەن نامى بىلەن مەشھۇر ھەسەن چەلەبىي، غىياسۇددىن جەمشىد، مەئىينۇددىن ئەلقاشانى. ئۇلۇغ بەگمۇ ئۇلار بىلەن بىرگە ئىشلەيتتى.
رەسەتخانا كوللېكتىپى رەسەت ئۈچۈن يېپيېڭى ۋە ئىنتايىن ئەسقاتىدىغان بىر سايماننى ياساپ چىققان. ئۇلۇغ بەگ ھادىسىلەرنىڭ لىنىيىسىنى بەتلىيمۇسنىڭ بېكىتكىنى بويىچە ھېسابلىغاندا ئۆزىنىڭ كۆزىتىشى بىلەن ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقىنى بايقىغان ۋە بەتلىيمۇسنىڭ ئۆلچىمىنى تۈزىتىشنى مەقسەت قىلىپ «الزيج السلطاني» دېگەن كىتابنى يېزىپ چىققان. بۇ بىر ماقالىلار توپلىمى بولۇپ، بۇ توپلام ھەققىدە «كشف الظنون» ناملىق كىتاب مۇنداق دېگەن: «… ئۇ كىتاب تۆت ماقالىدىن تەركىب تاپقان: بىرىنچىسى، تارىخلارنى بىلىش ھەققىدە. بۇ بىر مۇقەددىمە ۋە بەش بابتىن تەركىب تاپقان. ئىككىنچىسى، ۋاقىتلارنى ۋە ئۆرلىگۈچىلەرنى ھەر ۋاقىت بىلىش. بۇ 22 باب. ئۈچىنچىسى، پىلانېتىلارنىڭ ئوربىتىسى ۋە ئورنىنى بىلىش. بۇ 23 باب. تۆتىنچىسى، مۇنەججىملىك پائالىيەتلىرى. بۇ 2 باب. بۇ كىتاب زەيج لەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى ۋە توغرا چىقىش ئېھتىماللىقى ئەڭ يۇقىرى كىتابتۇر».
ئۇلۇغ بەگ ئۆزىنىڭ زەيجىنى بۇنى تۈزۈپ چىقىشىغا تۈرتكە بولغان سەۋەبنى ۋە كىمنىڭ ياردەمدە بولغانلىقىنى بايان قىلغان بىر مۇقەددىمە بىلەن باشلىغان بولۇپ، بۇ مۇقەددىمە بىر ئاز گۇڭگا ۋە چېگىش. بۇنى سەدېللوت تەرجىمە قىلىپ 1847 – يىلى پارىژدا ئىككى توملۇق قىلىپ نەشر قىلغان.
بۇ جەدۋەللەر ياۋروپادا زىلزىلە قوزغىغان. ئوكېسفوردتىكى جون ھېبرېز بۇنىڭغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بەرگەن. بىرىتانىيەدىكى بارلىق قوليازمىلىرى تەكشۈرۈلگەندىن كېيىن ئەرەبچە ۋە پارسچە يانئىزاھ قوشۇلغان.
بۇ زەيجنىڭ ئۇلۇغ بەگ تەرىپىدىن ئەرەبچە يېزىلغانلىقى، ياكى پارسچە يېزىلغانلىقى، ياكى تۈركچە يېزىلغانلىقى ھەققىدە تالاش – تارتىش بار. پارسچە يېزىلغان ۋە ھىجرىيە 841 – (مىلادىيە 1438 -) يىلى پۈتتۈرۈلگەنلىكى ئېيتىلىدۇ. ئۇلۇغ بەگ ئۇ كىتابىغا كىرگۈزگەن يۇلتۇزلارنىڭ ھەممىسىنى كۆزەتمىگەن. ئۇ ئۇزۇنلۇق ۋە كەڭلىكنى ئۆلچەشتە بەتلىيمۇسقا تايانغان، شۇنداقلا ئۇ مۇنەججىملىكتە سەل ئاشۇرۇۋەتكەن دەپ قارىلىدۇ. سەدېللوت مۇنداق دېگەن: «مۇنەججىملىك شەرقتە مەن تەرجىمە قىلغان كىتاب بىلەن خاتىمىلەنگەن».
بۇ زەيجنى نۇرغۇن ئاسترونوملار شەرھىلىگەن. ئۇلار: مەھمۇد ئىبنى مەريەم دېگەن نام بىلەن مەشھۇر بولغان مەۋلا مەھمۇد ئىبنى مۇھەممەد ھىجرىيە 904 – (مىلادىيە 1499 -) يىلى پارسچە شەرھلەپ، سۇلتان بەيازىدقا تەقدىم قىلغان ۋە «دستور العمل في تصحيح الجدول (دەستۇرۇلئەمەل فىتەسھىھۇل جەدۋەل)» دەپ ئاتىغان.
مەۋلانە ئەلى قوشچىمۇ شەرھىلىگەن. بۇنى مىسىرلىق مۇھەممەد ئىبنى ئەبۇلفۇتۇھ سۇفى ئىخچاملىغان. بەزىلەر ئۇنى: ئۇ روشەنلەشتۈرۈش ۋە بايان قىلىپ بېرىش بىلەن ئەمەس، گېئومېتىرىيىچە دەلىل – پاكىتلار بىلەنلا چەكلەنگەن. ئۇنى ئۈمەۋىيلەر جامىسىدىكى ئابدۇراھمان سالىھى ئەلمۇقىت ‹تذكرة الفهيم في عمل التقويم (تەزكىرەتۇل فەھىيم فىيئەمەلىت تەقۋىم)› دېگەن نامدا ئەرەبچىلەشتۈرگەن» دېگەن.
سەدېللوت ئۇلۇغ بەگنىڭ خىزمەتلىرى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ئەرەبلەردىن مىراس قالغان ئاسترونومىيىلىك خىزمەتلەرىنىڭ زۆرۈر تولۇقلىمىسى ئىدى». ئۇلۇغ بەگنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىنكى بىر قانچە ئەسىر شەرق ۋە غەربتە بۇ زەيجگە ئەمەل قىلىنىپ كېلىنگەنىدى.
ئۇلۇغ بەگ ترىگونومېتىرىيىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بەرگەن. «ئۇنىڭ يانچۇقلاردىكى جەدۋەللىرى بۇ ئىلىمنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ياردەم بەرگەن».
ئۇ يەنە ماتېماتىكىنىڭ باشقا تارماق پەنلىرىگە، بولۇپمۇ گېئومېتىرىيىگە ئىنتايىن زور دەرىجىدە ئەھمىيەت بەرگەن. ئۇ بۇ ھەقتە ئىنتايىن كۆپ خىزمەتلەرنى قىلغان. نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارنى يەڭگەن. ئۇنىڭ كەچمىشلىرىدىن شۇ ئايان بولىدۇكى، ئۇ دىققەت – ئېتىبارىنى پەقەت ئاسترونومىيىگە، كۆزىتىشكە، ماتېماتىكىغلا قاراتمىغان. بەلكى، ئۇ يەنە بىر مەشھۇر فىقھىشۇناس بولۇپ، «قۇرئان كەرىم» تەتقىق قىلىش، يادلاش ۋە يەتتە خىل قىرائەت بويىچە تەجۋىدلىك ئوقۇش قاتارلىقلار بىلەنمۇ مەشغۇل بولغان. ئۇنىڭ يەنە شېئىرغا ھەۋىسى ۋە تالانتى بار ئىدى. شائىرلارنى ئۆزىگە يېقىن تۇتاتتى. ئۆزىگە مەخسۇس بىر شائىر تەيىنلىگەنىدى.

مەنبە: موسوعة عباقرة الاسلام في الفلك والعلوم البحرية وعلم النبات وعلم الميكانيكا.

تەرجىمىدە: بىلىميار

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ