ئافرىقا قىتئەسى فاتىھى ئەبۇ بەكرى ئىبنى ئۆمەر لەمتۇنىي

(ھىجرىيە ? – 480 / مىلادىيە ? – 1087)

 

«ئاللاھقا دەۋەت قىلغان كىشىدىنمۇ گۈزەل سۆزلۈك ئادەم بارمۇ؟»

                                                            _ «قۇرئان كەرىم»

 

ئاللاھ يولىغا دەۋەت قىلىش نېمىدېگەن گۈزەل – ھە!

ئاللاھ يولىغا دەۋەت قىلىشتىن ئىبارەت بۇ ئەمەل دەۋەتچىنىڭ ياخشىلىقلىرىنى ھەتتا ئۆلگەندىن كېيىنمۇ داۋاملاشقۇچى قىلىدۇ. چۈنكى، دەۋەتچى ئۆز دەۋىتى بىلەن تىككەن ئۇرۇقلار مېۋە بېرىدۇ – دە، ئۇ قەبرىدە بولسىمۇ ئۇنىڭ تۈگىمەس زاپاس ياخشىلىقلىرىغا ئايلىنىدۇ. شۇڭا، ئاللاھ تائالا: ﴿ئاللاھقا دەۋەت قىلغان كىشىدىنمۇ گۈزەل سۆزلۈك ئادەم بارمۇ؟﴾ دېگەن. بۇ بۈيۈك كىشىنىڭ قىسسىسى دەۋەتنىڭ گۈزەللىكىنىڭ جانلىق مىسالىدۇر.

قىسسىمىز شەيخ ئابدۇللاھ ئىبنى ياسىننىڭ جامائىتىگە قوشۇلغان ئامازىغ لەمتۇنە قەبىلىسىدىن باشلىنىدۇ. بۇ قەبىلىنى ئابدۇللاھ ئىبنى ياسىنغا ئەگەشكەن، نامى ئۆچمەس شەيخ يەھيا ئىبنى ئۆمەر لەمتۇنىي ۋاپات بولۇشتىن بىر قانچە كۈن بۇرۇن مۇرابىتۇنلار توپىغا كىرگۈزگەنىدى. شۇ چاغدا قەبىلىنىڭ رەھبەرلىكىگە ئۇنىڭ ئەبۇ بەكرى ئىبنى ئۆمەر لەمتۇنىي ئىسىملىك بىر قېرىندىشى ئىگە بولغان. ئۇ شەيخ ئابدۇللاھ ئىبنى ياسىن (ئۇنىڭغا ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!) نىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن، پۈتۈن مۇرابىتۇنلار جامائىتىنىڭ رەھبىرى بولۇپ، مورىتانىيەنىڭ جەنۇبى ۋە سىېنېگالنىڭ يىراق شىمالىدىكى مۇرابىتۇنلار جامائىتىنىڭ رەھبىرىگە ئايلاندى. شۇنىڭ بىلەن ئەبۇ بەكرى لەمتۇنىي مورىتانىيە ۋە سېنېگالنىڭ ھەر تەرەپلىرىدە ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشقا ۋە ئامازىغ قەبىلىلىرىنى توغرا ئىسلامغا يېتەكلەشكە باشلىدى. نەتىجىدە، ئۇ يەردىكى كىشىلەر مۇرابىتۇنلار جامائىتىگە قوشۇلدى ۋە بۇ مۇجاھىد جامائەتنىڭ سانى ئارتىپ، ساناپ بولغىلى بولمايدىغان سانغا يەتتى. شەيخ ئەبۇ بەكرى ئىبنى ئۆمەر لەمتۇنىينىڭ ھاكىمىيىتى باشلىنىپ ئىككى يىلدىن كېيىن، ھىجرىيە 453 – يىلى شەيخ ئەبۇ بەكرى سېنېگالنىڭ جەنۇبىدا ئىككى مۇسۇلمان تائىپىنىڭ ئۇرۇشۇپ كېتىشكە ئاز قالغانلىقىنى ئاڭلىدى – دە، ئۇ يەردىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىنى ئەپلەشتۈرۈش قويۇش ئۈچۈن، يېڭى قۇرۇلغان كىچىك مۇرابىتۇنلار دۆلىتىنىڭ رەھبەرلىكىنى تاغىسىنىڭ ئوغلىغا تاپشۇرۇپ، سانى 14 مىڭغا يېتىدىغان مۇرابىتۇنلار ئەركەكلىرىنىڭ يېرىمىنى باشلاپ ماڭدى. شەيخ سېنېگالدىكى مۇسۇلمانلار ئۇرۇشۇشتىن ئىلگىرى ئۇلارغا يېتىشىۋالدى. لېكىن، ئۇ سېنېگالنىڭ جەنۇبىدا تېخىچە دەرەخ ۋە بۇتلارغا ئىبادەت قىلىۋاتقان كىشىلەرنى كۆرۈپ ھەيران قالدى. شۇنىڭ بىلەن شەيخ ئۇلارنى ئىسلامغا چاقىردى ۋە ئۇلارغا ئىسلامنىڭ ئادالەت، ئىنسانلار ئارا باراۋەرلىككە چاقىرىدىغانلىقىنى چۈشەندۈردى. نەتىجىدە، ئافرىقىلىقلار بىرلا ۋاقىتتا ئەقىل ۋە قەلبلەرنى ئوۋلايدىغان ھەيران قالارلىق بۇ دىنغا قىزىقتى. شۇنىڭدىن كېيىن، شەيخ يېڭى دۆلىتىگە قايتماقچى بولدى – يۇ، ئەمما دەۋەت سۆيگۈسى مەنسەپ سۆيگۈسىدىن ئۈستۈن كەلدى. شۇنىڭ بىلەن شەيخ ئەبۇ بەكرى ئىبنى ئۆمەر لەمتۇنىي ئافرىقا ئورمانلىقلىرىغا ئىچىكىرىلەپ كىرىشنى داۋام قىلىپ، ئافرىقىدىكى قەبىلىلەرنى ئاللاھنىڭ دىنىغا دەۋەت قىلدى ھەمدە مۇرابىتۇنلاردىن يەتتە مىڭ ئەسكەر بىلەن مۇسۇلمانلارنى ئېزىلگەن خەلقلىرىگە دەۋەت ئېلىپ بېرىشىدىن توسقان بۇتپەرەس پادىشاھلارغا ئۇرۇش ئاچتى. ئافرىقىلىقلار ئاللاھنىڭ دىنىغا توپ – توپ ھالدا كىردى. مۇجاھىد شەيخ ئەبۇ بەكرى ئىبنى ئۆمەر لەمتۇنىينىڭ بىر ئافرىقىلىق ئادەمنى ئىسلامغا كىرگۈزگەندىكى خۇشاللىقى يەر يۈزىدىكى ئەڭ چوڭ بىر ئىمپېراتورنىڭ ۋە ئىنسانىيەت تونۇغان ئەڭ كاتتا بىر زەردارنىڭ خۇشاللىقىنىمۇ بېسىپ چۈشەتتى. مۇجاھىد شەيخ ئىزچىل ئافرىقىلىقلارنى ئىسلامغا چاقىرىپ، ئۆزىنىڭ تاغىسىنىڭ ئوغلىغا تاشلاپ قويغان تاج – دۆلىتىنىمۇ ئۇنتۇدى. شەيخ ئافرىقىنىڭ ئورمان ۋە ئويمانلىرىدا ئۈزلۈكسىز ئاللاھنىڭ دىنىنى تارقاتتى، ئاللاھ ئۇ ئارقىلىق بىر ئادەمنى ئەمەس، بىر دۆلەتنىمۇ ئەمەس، بەلكى نۇرغۇن دۆلەتلەردىكى خەلقلەرنى ھىدايەتكە باشلىدى. ئۇ دۆلەتلەر: سېنېگال، كامېرۇن، نېگىرىيە، گانا، بېنىن، سيېررا لېئونې، لىبېرىيە، گابون، گامبىيە، نىگېر، چاد، مالى، ۋىنېيە، گۋىنېيە بىسسائۇ، ئېكۋاتور گۋىنېيىسى، بۇركىنا فاسو، ئوتتۇرا ئافرىقا، توگو، پىل چىشى قىرغىقى، كونگو قاتارلىقلار.

شەيخ ئەبۇ بەكرى ئىبنى ئۆمەر لەمتۇنىي ئون بەش يىلىنى ئاللاھقا دەۋەت قىلىش بىلەن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، ھىجرىيە 468 – يىلى يېرىم مىليون كىشىلىك ئافرىقىلىق ئەسكەر بىلەن قايتتى. ئۇ ئافرىقا ئورمانلىقلىرىغا تۇنجى قېتىم يەتتە مىڭ كىشى بىلەن كىرگەنىدى. شەيخ ئەبۇ بەكرى تاغىسىنىڭ ئوغلى بىنا قىلىپ، ئۆزىنىڭ پايتەختى قىلغان ماراكەشكە يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، يەتتە مىڭ ئەسكەر بىلەن چۆلدە قالدۇرۇپ كەتكەن تاغىسىنىڭ ئوغلىنىڭ پۈتۈن ئامازىغ قەبىلىلىرىنى مۇرابىتۇنلار دۆلىتىگە قوشقانلىقىنى، بۇنىڭ بىلەنلا بولدى قىلماستىن، بەلكى شەيخ ئەبۇ بەكرىنىڭ يوقلۇقىدا ئۇنىڭ رولىنى ئۆتەپ، شىمالىي ئافرىقىدىكى ئىنسانلارنى ئاللاھنىڭ توغرا دىنىغا چاقىرىپ، مورىتانىيە، مەغرىب، ئالجىرىيە ۋە تۇنىسلارنى مۇرابىتۇنلار دۆلىتىگە قوشقانلىقىنى، مۇجاھىد شەيخ ئابدۇللاھ ئىبنى ياسىن شىمالىي سېنېگالنىڭ يىراق بىر ئورمانلىقىدا، ئاددىي بىر چېدىردىن چىقىپ قۇرۇپ چىققان مۇرابىتۇنلار دۆلىتىنىڭ ئەمدىلىكتە شەرقتە تۇنىستىن باشلاپ غەربتە گۋىنېيە بىسسائۇغىچە، شىمالدا ئالجىرىيەدىن باشلاپ جەنۇبتا گابونغىچە سوزۇلغانلىقىنى كۆرۈپ ھەيران قالدى.

شۇ يەردە، ماراكەشتە بۇ مۇجاھىد نەۋرە تۇغقانلار ئۇزاق ئايرىلىشتىن كېيىن قوچاقلىشىپ كۆرۈشتى ۋە شەيخ ئابدۇللاھ ئىبنى ياسىن ئۆزلىرىگە تەۋھىد دەۋىتىنى ئېلىپ كېلىشتىن بۇرۇن ئۆزلىرىنىڭ قانداق ھالەتتە ئىكەنلىكىنى، ئۆزلىرىنىڭ شەيخىنىڭ كونا بىر چېدىردا كىشىلەرگە تەۋھىدنى قانداق ئۆگەتكەنلىكى، كىشىلەر ئۇنىڭ ئۆيىگە ئوت قويىۋەتكەندىن كېيىن دەۋەت يولىدا ئەزىيەتلەرگە قانداق بەرداشلىق بەرگەنلىكى، چۆلدە كىشىلەر ئۇنى قانداق ئۇرۇپ قوغلىغانلىقى، ئۇنىڭ يەنىلا دەۋەت يەتكۈزۈشتىن ئۈمىد ئۈزمىگەنلىكى قاتارلىقلارنى بىرمۇ – بىر ئەسلەشتى ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئەمدىلىكتە ئافرىقا تونۇغان ئەڭ چوڭ بىر ئىمپېرىيەگە ئىگە بولغانلىقلىرىغا قارىدى – دە، شۇ ھامان بۇ ئىككى مۇجاھىدنىڭ كۆزلىرىدىن ياشلار تاراملىدى.

شۇ چاغدا ئاجايىپ بىر ئىش بولدى…

مۇجاھىد شەيخ ئەبۇ بەكرى ئىبنى ئۆمەر لەمتۇنىي ئىسلام ئۈممىتىنىڭ تارىخىدىن باشقا ھەرقانداق بىر تارىختا كۆرۈلمەيدىغان بىر ئىشنى قىلدى. شەيخ ئەبۇ بەكرى ھەقىقەتەن ئىمپېرىيەنىڭ ھوقۇقىنى قولىغا ئېلىشنى رەت قىلدى ۋە ئۆزىنىڭ داۋاملىق ئاللاھقا دەۋەت قىلىشى ئۈچۈن، ھاكىمىيەتنى تاغىسىنىڭ ئوغلىغا قالدۇرۇشنى مۇناسىپ كۆردى. بۇلا ئەمەس، شەيخ ئەبۇ بەكرى خوتۇنىنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا ئۆزىنى ئاللاھنىڭ دەۋىتىگە ئاتىۋەتكەنلىكى، ئاللاھ يولىدا شېھىت بولۇشقا بەل باغلىغانلىقىنى ئېيتتى، شۇنداقلا خوتۇنىغا ئۆزىنىڭ ئۇزاق دەۋەت سەپىرىدە ئۇنىڭغا زۇلۇم سېلىپ قويماسلىقى ئۈچۈن، ئۇنى قويۇپ بېرىشنى نىيەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئاخىرىدا، شەيخ ئەبۇ بەكرى تاغىسىنىڭ ئوغلى بىلەن يىغلىشىپ خوشلاشتى ۋە بۇ ئىككى قەھرىمان ئاخىرقى قېتىم قۇچاقلاشتى. ئاندىن قەھرىمانىمىز يەنە بىر قېتىم ئافرىقا قىتئەسىگە سەپەر قىلىپ، كىشىلەرنى يېگانە ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشقا چاقىردى ۋە ئاللاھ يولىدا كۇپۇر ۋە زۇلۇم پادىشاھلىرى بىلەن جىھاد قىلدى.

شەيخ ئەبۇ بەكرى ئىبنى ئۆمەر لەمتۇنىي ئافرىقا ئورمانلىقلىرىنىڭ بىرىدە دەۋەت ئېلىپ بېرىۋاتقىنىدا، بۇتپەرەس پادىشاھلىرىنىڭ بىر خىيانەت ئوقى كېلىپ، بۇ بۈيۈك ئىنسانىي قەھرىماننىڭ يۈرىكىگە تەگدى ۋە بۇ ئافرىقا فاتىھى ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن شېھىت بولۇپ يىقىلدى. ئىسلام تارىخى قەھرىمان مۇجاھىد شەيخ ئەبۇ بەكرى ئىبنى ئۆمەر لەمتۇنىينىڭ نامىنى نۇرلۇق ھەرپلەر بىلەن بۈيۈكلەر تىزىملىكىگە يازدى. ئابىدجان([1])دا بىر كىشى ناماز ئوقۇسا، داكار([2])دا بىر كىشى ئەزان ئېيتسا، ئۇئاگادۇگۇ([3])دا بىر بالا سەجدە قىلسا، ئاكرا([4])دا بىر مۇسۇلمان زاكات بەرسە، ئۇلارنىڭ ئەجىرلىرىدىن ھېچ نەرسە كېمەيتىلمەستىن، ئىنشائاللاھ، قەھرىمان مۇجاھىد شەيخ ئەبۇ بەكرى ئىبنى ئۆمەر لەمتۇنىيغىمۇ ئۇلارنىڭ ئەجرىلىرىگە ئوخشاش ئەجىر بولىدۇ.

مەنبە: جىھاد تۇربانىينىڭ «مائة من عظماء أمة الإسلام غيروا مجرى التاريخ» ناملىق كىتابى.

تەرجىمىدە: قاراخانىي


([1]) پىل چىشى قىرغىقى جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى ۋە كونا پايتەختى.
([2]) سېنېگالنىڭ پايتەختى.
([3])بۇركىنا فاسونىڭ پايتەختى.
([4]) گانانىڭ پايتەختى.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ