شىجائەتلىك قانۇنشۇناس ئىبنى قەييىم ئەلجەۋزىييە

(ھ 691 _ 751 / م 1292 _ 1350)

 

«دىنىي يولباشچىلىق سەبىر ۋە يوقسۇزلۇق بىلەن قولغا كېلىدۇ. (بۇ يولدا) ماڭغۇچىلارنىڭ ئالغا ئىنتىلدۈرىدىغان ۋە يۈكسەلدۈرىدىغان ھىممىتى، ئەقىل كۆزىنى ئاچىدىغان ۋە يېتەكلەيدىغان بىلىمى بولۇشى كېرەك».

_ ئىبنى ھەزم

 

ئىبنى قەييىم ئەلجەۋزىييە تەقلىدچىلىككە جەڭ ئېلان قىلغان، ئوي – پىكىرنى ئازاد قىلىشقا چاقىرىق قىلغان، مەنپەئەتلىنىش نەزەرىيەسىنى ياۋروپادىن 500 يىل بۇرۇن شەكىللەندۈرگەن ئىمامدۇر. ئۇنىڭ ئىسمى ئۇستازى ئىبنى تەيمىيەنىڭ ئىسمى بىلەن باغلىنىشلىق. لېكىن، ئۇ مۇستەقىل ھالدا كۆزگە كۆرۈنگەن، ئىبنى تەيمىيە ئىچكىرىلەپ كىرمىگەن يېڭى ساھەلەرگە ئىچكىرىلەپ كىرگەن، يېڭى مەزمۇنلارنى قوشقان. شۇنداق! ئۇ ئىبنى تەيمىيەگە ياردەم قىلغان، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە تۈرمىگە كىرگەن، ئۇنىڭ كىتابلىرىنى رەتلەپ ئىلمىنى تاراتقان. ئۇ كۆزقارىشى ئوچۇق، مۇستەقىل پىكىرلىك بىرى ئىدى. ئۇنىڭ يېزىقچىلىقتىكى ئەڭ گەۋدىلىك ئارتۇقچىلىقلىرى بولسا ئەتراپلىق، مۇكەممەل پىكىر يۈرگۈزىدىغانلىقى، كەڭ قورساق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقى، روشەن ۋە مول مەزمۇنلۇق ھالدا ئىپادىلەشكە كۈچەيدىغانلىقى قاتارلىقلاردۇر. ئۇ ئۆز دەۋرىدىكى مەشھۇر كىتابلارنىڭ ھېچبىرىنى تەنقىد ئۈستىلىگە قويماي، خاتالىق ياكى ھەقىقەتلىرىنى بايقىماي قالمىغان. ئۇنىڭ تەسەۋۋۇپ ۋە زاھىدلىققا كۈچلۈك مايىللىقى بار ئىدى، قەلەمنىڭ جاسارىتى، ئىلىمنىڭ پايانسىزلىقىنى تونۇغان ئىدى، نامىزى ۋە تىلاۋىتى كۆپ، ئەخلاقى گۈزەل، مۇلايىم ئىدى، ھەسەت قىلمايتتى، ئاداۋەت تۇتمايتتى. رۇكۇ – سەجدىدىن ئۇزۇنغىچە بېشىنى كۆتۈرمەيتتى، «دىنىي يولباشچىلىق سەبىر ۋە يوقسۇزلۇق بىلەن قولغا كېلىدۇ. (بۇ يولدا) ماڭغۇچىلارنىڭ ئالغا ئىنتىلدۈرىدىغان ۋە يۈكسەلدۈرىدىغان ھىممىتى، ئەقىل كۆزىنى ئاچىدىغان ۋە يېتەكلەيدىغان بىلىمى بولۇشى كېرەك» دېگەنگە ئىشىنەتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئىلمىي مېتودىنى مۇنۇ بىر قانچە كەلىمىلەر بىلەن سۈرەتلەپ بەرگەن: «ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە ھەقىقەتنىڭ پېيىدە بولۇش، ئۇنىڭغا ئېرىشىش ئۈچۈن بارلىقىنى بېغىشلاش ۋاجىپ».

ئۇنىڭ قارىشىچە، ئالىم دېگەن مۇتەئەسسىپ بولمايدۇ. ئۇ مۇتەئەسسىپلىكنى ئەيىبلەيدۇ، كىم دېگەن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر توغرا قاراشنى قوبۇل قىلىدۇ. ئۆزىنىڭ تەتقىقاتىدا تېمىلار بويىچە تەتقىق قىلىش مېتودىنى قوللىنىدۇ. توغرا قاراشنى تاشلاپ مەيلى ئىمامى ئىبنى ھەنبەل بولسۇن ياكى ئۇستازى ئىبنى تەيمىيە بولسۇن، ھېچكىمنىڭ قارىشىغا مۇتەئەسسىپلىك قىلمايدۇ. ئۇ تېخى بەزى ۋاقىتلاردا بۇ ئىككىسىنىڭ قاراشلىرىغا قوشۇلمايدۇ ۋە ئۆزى توغرا دەپ قارىغان قاراشنى ئاشكارا جاكارلايدۇ.

ئۇ تەقلىدچىلىك ۋە تەقلىدچىلەرنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ، ھېچقانداق دەلىلگە تايانمىغان كۆزقاراش ئىگىلىرىگە قاتتىق تېگىدۇ ۋە ئىجتىھاد قىلىشقا، ساھابە – تابىئىنلار ۋە مۇجتەھىد ئىماملارنىڭ كۆزقاراشلىرىدىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ، شەرىئەتنىڭ روھىنى بايقاش ۋە شەرىئەتنى ئاساسىي مەنبەلەردىن چۈشىنىشكە ئىنتىلىشكە چاقىرىدۇ. ئەھكاملارغا تەدبىر ئىشلەتكۈچىلەرگە ۋە بىدئەتچىلەرگە ئېتىراز بىلدۈرىدۇ، ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى پاش قىلىدۇ، تەتقىقاتلىرىغا ھۇجۇم قىلىدۇ، كۆزقاراشلىرىنى خاتاغا چىقىرىدۇ.

ئىبنى قەييىم گۈزەل ئەخلاقلىق، قەلبى ساغلام، بامدات نامىزىدىن كېيىن تا كۈن چىققۇچە ئورنىدا ئاللاھنى زىكىر قىلىپ ئولتۇراتتى دەپ سۈپەتلەنگەن. ئۇ (بۇ يولدا) ماڭغۇچىلارنىڭ ئالغا ئىنتىلدۈرىدىغان ۋە يۈكسەلدۈرىدىغان ھىممىتى، ئەقىل كۆزىنى ئاچىدىغان ۋە يېتەكلەيدىغان بىلىمى بولۇشى كېرەك، دەپ قارايتتى. ئۇ ھ 712 – يىلى دىمەشقتە ئىبنى تەيمىيە بىلەن ئۇچراشقان ۋە تا ۋاپات بولغانغا قەدەر ئۇنىڭدىن ئايرىلمىغان. ئۇنىڭ بىلەن بىللە قەلئەگە قامالغان، قامچىلانغان تۆگىنىڭ ئۈستىدە سازايى قىلىنغان. 728 – يىلى ئىبنى تەيمىيە ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئاندىن ئازادلىققا چىققان. شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ تا 751 – يىلى ۋاپات بولغانغا قەدەر، ئىسلامىي مەپكۇرىنى غايەت زور ئىلىم ۋە ھەقىقەتەن ئىجادىي تۆھپە قوشقان رەي (كۆزقاراش) «شىرنە»سى بىلەن بېيىتقان.

ئۇنىڭ ساپاسى ۋە ئىلمىنى ئەڭ گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدىغان تەرىپى فىقھى ساھەسىدىكى ئىجتىھادى بولۇپ، ئۇنىڭ قولىدا فىقھىنىڭ قۇرۇلمىسىنى بېيىتىش روياپقا چىققان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئېتىبار بېرىش كېلىشىم تۈزگۈچى ئىككى تەرەپنىڭ كېلىشىملەر ۋە ئىش – ھەرىكەتلەردە ئەركىن بولۇش مەسىلىلىرىدە كېلىشىملەرنىڭ تاۋۇشلىرى ۋە كۆرۈنۈشلىرىگە ئەمەس، ماھىيەتلىرى ۋە مەقسەتلىرىگە خاستۇر. مەقسەت كېلىشىمنىڭ روھى ۋە ئۇنىڭ توغرىلىغۇچىسى، (ياكى) ئەمەلدىن قالدۇرغۇچىسى. كېلىشىملەردە مەقسەتنى ئېتىبارغا ئېلىش ئۇنىڭ تاۋۇشلىرىنى ئېتىبارغا ئېلىشتىن كۆپ ئەلا. چۈنكى، كەلىمىلەرنىڭ ئۆزى مەقسەت ئەمەس (بەلكى مەنىسى مەقسەت)، كېلىشىملەردىكى مەقسەت بولسا، كۆزلەنگەن مەقسەتنىڭ دەل ئۆزى شۇ. شەرئى قائىدە – پىرىنسىپلار كېلىشىملەردە ئېتىبارغا ئېلىنىدىغىنىنىڭ مەقسەت ئىكەنلىكىنى، كېلىشىمنىڭ توغرا ياكى ناتوغرا، ھالال ياكى ھارام بولۇشىغا تەسىر كۆرسىتىدىغىنىنىڭمۇ مەقسەت ئىكەنلىكىنى دەلىللەپ تۇرۇپتۇ. كېلىشىم قىلغۇچى ئىككى تەرەپ ئەگەر كېلىشىمنى كۆڭلىگە پۈككىنىنىڭ ئەكسىچە تۈزۈشكەنلىكلىرىنى ئاشكارىلىسا، ھېساب قىلىنىدىغىنى كېلىشىمدىن كۆزلەنگەن كۆڭۈلگە پۈككەن مەقسەتتۇر. ئۇ ئىككىسى قەلبلىرىدىكىگە ئاللاھنى گۇۋاھ قىلغان. شۇڭا، كېلىشىم قىلىنغاندا مەقسەتلىرىنى ئاشكارىلىمىغانلىقى ئۇلارغا ھېچقانداق تەسىر كۆرسەتمەيدۇ».

ئىبنى قەييىم ئەلجەۋزىييە فىقھىنىڭ ھاياتنىڭ قانۇنى ئىكەنلىكى، ھاياتنىڭ بولسا ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىدىغانلىقى، شۇڭا سالاھىيەتلىك تەتقىقاتچىنىڭ توغرا مەنىنى كۆزلىشى كېرەكلىكىگە قەتئىي ئىشىنەتتى. شەرىئەتنىڭ روھىغا تايىناتتى. شۇڭلاشقا، بىر قىسىم مەسىلىلەر توغرىسىدا ئۆز دەۋرىدە قاپيۈرەكلىك ھېسابلىندىغان، ھېچكىم ئېغىزىدىن چىقىرىشقا جۈرئەت قىلالمىغان قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويغان. يەنە بىر قىسىم مەسىلىلەردە شەرىئەتنىڭ ئېلاستىكىلىقى ۋە تەرەققىي قىلش، مەدەنىيلىشىش بىلەن ماس قەدەمدە ماڭالايدىغان ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ كەڭرى پىكىر يۈرگۈزگەن. بۇ ئارقىلىق ھازىرقى زامان قانۇن نەزەرىيەسىگە ئوخشاپ قالىدىغان نەزەرىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇلارنىڭ بېشىدا بىرىنچى بولۇپ ئېشىنچا كۈچلەردىن مەنپەئەتلىنىش نەزەرىيەسى، كېلىشىم ئەركىنلىكى پىرىنسىپى، گۇۋاھلىق قىممىتىنى ئۆلچەش ۋە ئىقرارنىڭ بۆلۈنمەسلىكى، زىيانلىق قەرز كېلىشىمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش پىرىنسىپى، ھۆكۈمنىڭ زامان، ماكان ۋە ئەھۋالنىڭ ئۆزگىرىشىگە بېقىپ ئۆزگىرىش پىرىنسىپى نەزەرىيەسى قاتارلىقلار كېلىدۇ.

ئۇ بۇ ئارقىلىق ئىسلام شەرىئىتىنىڭ ئۆتمۈشتىمۇ ۋە ھازىرمۇ مەدەنىيلىشىش بىلەن تەڭ قەدەمدە ئىلگىرىلەش ۋە كەلگۈسىدىكى ھەر قانداق تەرەققىيات بىلەن ماس قەدەمدە مېڭىش ئىقتىدارى بارلىقىنى يورۇتۇپ بەرگەن.

ئىبنى قەييىم ئىجتىھاد قىلىشقا، ئىجما ۋە قىياسقا تايانغان كۆزقاراشلاردا ئازادە يول تۇتۇشقا چاقىرىق قىلغان. بۇ ھەنەفىيلەرنىڭ نەزىرىدىكى ئىستىھسان([1])، مالىكىيلەرنىڭ نەزىرىدىكى مەسالىھۇل مۇرسەلە([2])، غەززالىينىڭ نەزىرىدىكى ئىستىسلاھ([3])، شافىئىيلارنىڭ نەزىرىدىكى ئىستىسھاب([4])تۇر. ئىبنى قەييىم پەتىۋانى ئۆزگەرتىدىغان، زامان، ماكان، ئەھۋال، مۇھىت، ئۈنۈم قاتارلىقلارنىڭ ئۆزگىرىشىگە بېقىپ ئۆزگىرىدىغان بىر ھادىسىگە دۇچ كېلىدۇ ۋە مۇنداق دەيدۇ: «شەرىئەتنىڭ ئۇل – ئاساسلىرى ھېكمەت ۋە بەندىلەرنىڭ دۇنيا – ئاخىرەتلىك پايدا – مەنپەئەتلىرىنى نىشان قىلغان. ئادىللىق دېگەنمۇ، رەھمەت دېگەنمۇ، پايدا – مەنپەئەت دېگەنمۇ، ھېكمەت دېگەنمۇ مانا مۇشۇ».

ئىبنى قەييىم سۈننەتنىڭ قۇرئانغا نىسبەتەن تۇتقان ئورنىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: «سۈننەت قۇرئانغا پۈتۈنلەي ماس كېلىدۇ. ئۇ قۇرئان (دا كەلگەن مەزمۇن) نى يا تەكىتلەيدۇ، يا قۇرئاندا دېيىلمەكچى بولغاننى بايان قىلىپ بېرىدۇ. يا قۇرئان سۈكۈت قىلغان ھۆكۈمنى ئوچۇقلايدۇ».

ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ: «سۈننەت ناۋادا قۇرئانغا قارىمۇقارىشى كېلىپ قالسا ئەمەل قىلىنمايدۇ. بۇ، بۇ سۈننەتنىڭ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننىتى ئەمەسلىكىنى روشەن دەلىللەيدۇ. چۈنكى، قۇرئان ۋە سۈننەت (نىڭ ھەر ئىككىلىسى) رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئېغىزىدىن چىققان».

ئىبنى قەييىىم ئەقىدە، ئەھكام ھەمدە بۇلارغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى يىغىنچاق ۋە تەپسىلىي تونۇش ئۈچۈن، قۇرئان ۋە ئۇنىڭ تەپسىرى بولغان سۈننەتتىن باشقا يول يوق ئىكەنلىكىنى؛ قۇرئان مۇقەررەرلەشتۈرگەن، سۈننەت ئىزاھلىغانلارنى كەلگىنى بويىچە قوبۇل قىلىشىمىز، ئۇنى چۈشىنىش، يېشىش ۋە يەكۈنلەشتە ئەقىلگە پەقەت شۇ ئىبارىلەر تەلەپ قىلغان مىقداردىلا ھوقۇق بېرىشىمىز كېرەكلىكىنى؛ قۇرئاندىكى «ئۈست»، «ئىستىۋا (ئۈستىدە قارار ئالدى، ئۆرلىدى…)»، «چۈشۈش»، «غەزەپلىنىش»، «ياخشى كۆرۈش»، «قول» دېگەنلەرگە ئوخشاش كەلىمىنىڭ زاھىرى كۆزدە تۇتۇلغان مەنىگە مۇخالىپ كېلىدىغان جايلارغا ئىمان ئېيتىشىمىز، ئاللاھ تائالا ﴿ئۇنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى پەقەت ئاللاھ بىلىدۇ﴾ دېگەن بولغاچقا، ماھىيىتىنى ئاللاھقا ھاۋالە قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى بايان قىلىدۇ.

ئىبنى قەييىمنىڭ قۇرئاننى چۈشىنىشتىكى مېتودى ئۇستازى ئىبنى تەيمىيەنىڭ مېتودىنىڭ نەق ئۆزى بولۇپ، ئۈچ ئېلېمېنتتىن تەركىب تاپقان:

1. بىر جايدا مۈجمەل، يەنە بىر جايدا تەپسىلىي كەلگەن ئايەتلەرنى ئايەت بىلەن تەپسىرلەش.

2. قۇرئاندا ئۆز – ئۆزىنى تەپسىرلىگۈدەك ئايەت كەلمىگەن جايلارنى قۇرئاننىڭ شەرھلىگۈچىسى بولغان سۈننەت بىلەن تەپسىرلەش.

3. نە ئايەت، نە سۈننەت كەلمىگەن جايلاردا ساھابىلەرنىڭ سۆزلىرىگە مۇراجىئەت قىلىش.

ئىبنى قەييىم تۆۋەندىكىگە بىر قانچە مەسىلىلەر ئۈستىدە مەركەزلىك ھالدا توختالغان:

1. تەقلىدچىلىك ۋە قاتماللىققا جەڭ ئېلان قىلىش.

2. ئەھكاملارغا تەدبىر ئىشلىتىش.

ئۇ ئىجتىھادنىڭ ۋاجىپلىقى، تەقلىد قىلىشنىڭ ھاراملىقى قاتارلىق مەسىلىلەرگە يېتۈك ئىلمىي رەۋشتە يۈزلەنگەن، بۇ ھەقتە تۇنجى بولۇپ كونكرېت تەتقىقات ئېلىپ بارغان ۋە «ئېئلامۇل مۇۋەققىئىين» ناملىق كىتابىدا 70 بەتتىن ئاشىدىغان بىر بۆلەك[5]تە مەخسۇس توختىلىپ، تەقلىدچىلىكنىڭ ھېچقانداق ئاساسى يوقلۇقىدىن ئىبارەت كۆزقارىشىنى دەلىللەش ئۈچۈن، 81 دانە ئەقلىي ۋە نەقلىي دەلىللەرنى كەلتۈرگەن. ئاخىرىدا كۆزدە تۇتۇۋاتقان ھارام تەقلىدچىلىكنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئۈچ تۈرلۈك بولىدىغانلىقىنى يەكۈنلىگەن:

1. ئاللاھ نازىل قىلغاننى تاشلاپ قويۇپ، ئۇنىڭغا ئېتىبار بەرمەي، ئاتا – بوۋىلىرىغا تەقلىد قىلىش بىلەن كۇپايىلىنىش.

2. تەقلىد قىلىنىشقا سالاھىيىتى توشىدىغان – توشمايدىغانلىقىنى بىلمەيدىغان كىشىگە تەقلىد قىلىش.

3. تەقلىد قىلىنغۇچىنىڭ سۆزىگە قارىمۇقارىشى دەلىل – ئىسپاتلار بار بولسىمۇ تەقلىد قىلىۋېرىش.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ نازىل قىلغانغا ئەگىشىشكە بار كۈچىنى چىقارغان، بىلمەي قالغان قىسمەن جايلاردا بىلىدۇ دەپ قارىغان بىرىگە تەقلىد قىلغان كىشىگە كەلسەك، بۇ خىلدىكى تەقلىد ئەيىبلەنمەيدۇ، بەلكى مۇئەييەنلەشتۈرۈلىدۇ».

ئىبنى قەييىم ئىدىيەنى ئازاد قىلىشقا چاقىرغان، قاتماللىققا قارشى چىققان، تەقلىدچىلىككە جەڭ ئېلان قىلىپ ئىجتىھاد قىلىشقا تەشەببۇس قىلغان. ئۇنىڭ بۇ چاقىرىقى ھەرقايسى مەزھەپلەرنىڭ مۇتەئەسسىپ ئېقىملىرىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىگە قارىتا ئەمەلىي رەددىيە بولۇپ قالغان. بۇ خىل ئېقىم ئاللىقاچان ئەقىللەرنى كونتىرول قىلىپ، ئۆلىمالارنىڭ ۋەزىپىسىنى ئىلگىرىكى ئالىملارنىڭ پەتىۋالىرىنى تەكرارلاپلا يۈرۈشكە چەكلەپ قويغان. بۇلار ئىلگىرىكى ئالىملارغا تەقلىد قىلىشتا شۇ دەرىجىگە يېتىپ بارغانكى، ئۇلارنىڭ پەتىۋالىرىنى ھەتتا قۇرئان ۋە سۈننەتنىمۇ سالىدىغان ئۆلچەم سۈپىتىدە ئېتىبارغا ئالىدىغان بولۇپ كېتىشكەن. ھەددىدىن ئاشۇرۇۋەتكەنلەر تەقلىدچىلىكتە مانا مۇشۇنداق چەككە يەتكەن بولۇپ، ئىماملىرىنىڭ پەتىۋالىرىنى قۇرئان ۋە سۈننەتتىنمۇ بەكرەك ئەتىۋارلايدىغان بولۇپ كېتىشكەن. ھالبۇكى، توغرىسى، ئۇ پەتىۋا – ھۆكۈملەر قۇرئان ۋە سۈننەتتىن ئېلىنىشى، ئۇ ئىككىسىگە بويسۇنۇشى كېرەك ئىدى.

ئۇ قۇرئان ۋە سۈننەتتىن يىراقلاشقان، تەقلىد قىلىشتا ئىزىپ كەتكەن بۇ كۈچلۈك دولقۇنغا قارشى تۇرۇشتا سەمىمىيلىك بىلەن چىڭ تۇرۇپ، ئەقىلنى تەقلىدنىڭ بويۇنتۇرۇقىدىن ئازاد قىلىشقا چاقىرىپ ماڭدى. ئۆز دەۋرىدىكى مەسىلە ۋە ئىدىيەلەرنى قۇرئان بىلەن ئۆلچەپ زىت كەلگەنلىرىگە قارشى چىقتى. تەقلىدچىلىكنىڭ ئاساسسىز ئىكەنلىكىگە پاكىت كۆرسەتتى، ساھابىلەرنىڭ تەتقىقات مېتودىنى بايان قىلىپ بەردى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «تەقلىد قىلغان كىشى ئالىم سانالمايدۇ، چۈنكى ئىلىم دېگەن دەلىل ئاساسىدا قولغا كەلگەن مەرىپەتتۇر. تەقلىدنىڭ بولسا ھېچقانداق دەلىلى يوق. شۇڭا، ئۇ ئىلىم قاتارىدىن ھېسابلانمايدۇ، تەقلىد قىلغۇچىمۇ ئالىم سانالمايدۇ»،

ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ: «قارىغۇلارچە تەقلىد قىلىشنىڭ شەرىئەتتە ھېچقانداق ئاساسى يوق. ئىجتىھاد قىلىش كۈچى يەتكەن ھەممە ئالىمغا ۋاجىپ».

ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ: «ساھابىلەر تەقلىدچىلىكنى ئەيىبلەپ، تەقلىد قىلغان كىشىنى ‹ماقۇلجان› دەپ ئاتايتتى».

ئۇ تەقلىدچىلەرنىڭ كىم نېمە دېسە شۇنىڭغا باش لىڭشىتىدىغانلار ئىكەنلىكىنى، دەلىلدىن خەۋەرسىز تەقلىد قىلىشتىن ھەزەر ئەيلەش كېرەكلىكىنى تەكىتلەيدۇ.

ئۇ ئەھكاملارغا تەدبىر ئىشلىتىشنى ئەيىبلەيدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئاشكارا قارشى چىقىپ: «ئىماملار ئەھكاملارغا تەدبىر ئىشلىتىشنى ئەيىبلىگەن. چۈنكى، بۇ ئاللاھ بېكىتكەن پەرزلەرنى، مۇسۇلمانلارنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى ساقىت قىلىۋەتكەنلىك ۋە ئاللاھ ھارام قىلغاننى ھالال ساناش ئۈچۈن ھىيلە ئىشلەتكەنلىكتۇر» دەيدۇ ۋە ئەھكاملاردا تەدبىر ئىشلىتىشنى مۇتلەق چەكلەيدۇ.

ئۇ ئەھكاملارغا تەدبىر ئىشلىتىشنى شەرئى پىرىنسىپنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ياكى شەرئى بىر مەنپەئەتكە زىيان سېلىش دەپ سۈپەتلەيدۇ. ئۇنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرغۇچى بولغانلىقى ئۈچۈن رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئۇ، بۇ تۈرلۈك تەدبىر ئىشلىتىشنى ئوچۇق بايان قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭ ئاساسسىز ئىكەنلىكىگە دەلىللەرنى كەلتۈرىدۇ، مۇباھ ھېسابلىنىدىغان تەدبىر ئىشلىتىش بىلەن ھارام ھېسابلىنىدىغان تەدبىر ئىشلىتىشنى ئايرىپ مۇئامىلە قىلىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىدا شەرىئەتتە ئەھكاملارغا تەدبىر ئىشلىتىش ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ:

1.     ھەممە مەزھەپلەردە مۇباھ بولغان شەرئى تەدبىر ئىشلىتىش.

ئۇ، بۇ سۆزى ئارقىلىق «ھەقىقەتنى ئىسپاتلاش، ياكى زۇلۇمنى يوقىتىش، ياكى ئېھتىياج بولغانلىقتىن ئاسانلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ھۈنەر ئىشلىتىپ، مۇئەييەن بىر ئىش ئۈچۈن بېكىتىلگەن شەرئى ئۇسۇلنى ئالماشتۇرۇپ باشقا ھالەتتە ئىشلىتىش»نى كۆزدە تۇتىدۇ.

2.     شەرىئەتتە مۇستەھكەم بېكىتىلگەن ئەھكاملارنى كۆرۈنۈشتە توغرا، ئەمما ماھىيەتتە بىھۇدە ھېسابلىنىدىغان ئىش – ھەرىكەتلەر ئارقىلىق باشقا ئەھكامغا ئالماشتۇرۇۋېتىش.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئەھكاملارغا تەدبىر ئىشلىتىشنى مۇباھ دېيىش شەرىئەت ساھىبىنىڭ مەقسىدىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇۋەتكەنلىكتۇر. شۇڭا، پۈتۈن شەرئى ئەھكاملارنىڭ ھەممىسى ئارقىلىق كۆزلەنگەن پايدا – مەنپەئەت ھېسابلىنىدىغان شەرىئەتنىڭ نىشانىغا دەخلى – تەرۇز يەتكۈزىدىغان ۋاسىتە ۋە ئۇسۇللارنى چەكلەش ۋاجىپ بولىدۇ.

ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ: «ئەھكاملارغا تەدبىر ئىشلىتىش دىن بىلەن ئويناشقانلىقتۇر. چۈنكى، بۇ ھارامنى ھالال قىلىپ، ھالالنى ساقىت قىلىۋېتىدۇ. بۇ ساھابىلەردىن كېيىن مەيدانغا كەلگەن، ساغلام ئەقىل توغرا تاپمايدىغان، دىنغا قارشى چىقىش ھېسابلىنىدىغان بىر ئىشتۇر».

مەقسەتلەرگە مۇئەييەن سەۋەب ۋە يول بىلەنلا يەتكىلى بولىدىغان بولغاچقا، بۇ يول ۋە سەۋەبمۇ مەقسەتكە تەۋە دەپ ئېتىبارغا ئېلىنىدۇ. شۇڭا، ھارام قىلىنغان ۋە ئاسىيلىق سانىلىدىغان ئىشلارغا ئېلىپ بارىدىغان ۋاسىتىلەرنىڭ مەكروھلۇقى ۋە ئۇلاردىن مەنئىي قىلىش ئۇلارنىڭ نىشانغا ئېلىش بېرىشى ۋە نىشان بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى قاتارلىقلارغا بېقىپ بولىدۇ. دېمەك، مەقسەتكە ئېلىپ بارىدىغان ۋاسىتە مەقسەت جۈملىسىدىندۇر. بۇ نۇقتىدىن، ھەرئىككىلىسى ئوخشاشلا مەقسەتتۇر. بىراق، بىرى نىشان سۈپىتىدىكى مەقسەت بولسا، يەنە بىرى ۋاسىتە سۈپىتىدىكى مەقسەتتۇر. شۇڭا، ئەگەر ئاللاھ تائالا بىر شەيئىنى ھارام قىلسا ۋە بۇ شەيئىگە ئېلىپ بارىدىغان نۇرغۇن يول ۋە ۋاسىتىلەر بار بولسا، بۇ ھارام قىلىشنىڭ تولۇق كاپالەتكە ئىگە بولۇشى، تەكىتلىنىشى، ئۇنىڭ چېگراسىغا يېقىنلىشىپ قېلىشتىن چەكلىنىشى ئۈچۈن، بۇ يول ۋە ۋاسىتىلەرنىمۇ ھارام قىلىدۇ. ئەگەر ئۇ ھارامغا ئېلىپ بارغۇچى ۋاسىتە ۋە ئۇسۇللارنى مۇباھ قىلسا ئىدى، بۇ ئەلۋەتتە ھارامنى ئەمەلدىن قالدۇرۇۋەتكەنلىك، نەپسنى ئۇنىڭغا كۈشكۈرتكەنلىك بولۇپ قالغان بولاتتى. ھالبۇكى، ئاللاھ تائالانىڭ ھۆكمى ۋە ئىلمى بۇنداق بولۇشقا قەتئىي يول قويمايلا قالماستىن، پادىشاھلارنىڭ سىياسىتىمۇ بۇنىڭغا ھەرگىز يول قويمايدۇ. دوختۇرلارمۇ شۇنداق، ئۇلار كېسەلنى تەلتۆكۈس داۋالاش ئۈچۈن بىمارنى شۇ كېسەلگە ئېلىپ بارىدىغان بارلىق يول ۋە ئۇسۇللاردىن مەنئىي قىلىدۇ. ئۇنداق قىلمىغاندا تۈزىمەكچى بولغان نەرسىنى بۇزۇپ قويىدۇ. ئەھۋال بۇنداق ئىكەن، ھېكمەت، پايدا – مەنپەئەت ، تاكامۇللۇق ئەكىلىشنىڭ ئەڭ يۈكسەك دەرىجىسىدە بولغان بۇ مۇكەممەل شەرىئەت سىزنىڭچە قانداق قىلىدىغاندۇ؟!

ئىبنى قەييىمنىڭ كۆزقارىشىنىڭ خۇلاسىسى شۇكى، ئەھكاملارغا تەدبىر ئىشلىتىش شەرىئەتنىڭ مەقسىدىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇۋېتىدۇ.

ئەھكاملارغا مۇباھ دېيىلمەيدىغان تەدبىر ئىشلىتىشنىڭ بىر تۈرى، ئۇنىڭ نەزىرىدە، قوشنىدارچىلىق ھوقۇقىدىن يەكۈنلەپ چىقىرىلغان تەدبىر ئىشلىتىشتۇر. ئۇ مۇنداق قارايدۇ: قوشنىدارچىلىق ھوقۇقى زىياننى يوقۇتۇش ئۈچۈن يولغا قويۇلغان. ناۋادا بۇ ھوقۇقنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئۈچۈن ھىيلە ئىشلىتىش يوللۇق بولسا ئىدى، بۇ، شەرىئەتنىڭ مەقسىدىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنىڭ تايىنىدىغان دەلىلى بولغان ۋە يوقۇتۇش مەقسەت قىلىنغان زىيان كېلىپ چىققان بولاتتى.

ئىبنى قەييىم ئاشكارا جاكارلىغان فىقھى نەزەرىيەلەرنىڭ ئەڭ مۇھىمى «ياخشى نىيەتلىك ئارىلاشقاقنىڭ خىزمىتىنى قىممەتكە ئىگە قىلىش نەزەرىيەسى» (بۇنى دوكتور سۈبھى مەھمەسانى ئۆز ئەسەرلىرىدە شەرھلىگەن) بولۇپ، بۇ نەزەرىيەنى غەرب قانۇنچىلىقى تېخى ئەمدىلەتىن تونۇدى ۋە بۇنى ئۆزىمىز بايقىدۇق دەپ ئويلاپ قالدى. ئەمەلىيەتتە، بۇ ھەقتىكى بايانلار 5 ئەسىر بۇرۇنلا ئىبنى قەييىمنىڭ كىتابىدا مەۋجۇت ئىدى.

شۇنىسى مەلۇمكى، ئىسلام شەرىئىتىنىڭ ئاساسىي قائىدە – پىرىنسىپلىرى ھېچكىمنىڭ باشقىلارنىڭ مال – مۈلكىدە ئىگىسىنىڭ ياكى مەسئۇل كىشىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ تەسەررۇپ قىلىشىغا بولمايدۇ دەپ قارايدۇ. بۇ قائىدىگە خىلاپ ھالدا تەسەررۇپ قىلغانلارنى «ئارىلاشقاق (ئاقساقال، يېتىم ئاقساقال، ئالدى پەش) دەپ ئاتايدۇ. ھەرقايسى مەزھەپ ۋە قانۇنلار ئارىلاشقاقنىڭ تەسەررۇپلىرىنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا ھەر خىل قاراشلاردا بولۇپ كەلدى. ئۇلاردىن ئارىلاشقاقنىڭ تەسەررۇپلىرى مال ئىگىسىنىڭ رازىلىقىغا قاراشلىق بولۇپ، ئىجازەت بەرسە ھېساب بولىدۇ ۋە كېيىنكى ئىجازەت دەسلەپكى ۋاكالەتكە ئوخشايدۇ دېگەن ئېتىبار بىلەن ئىجرا قىلىنىدۇ؛ ناۋادا مال ئىگىسى ئىجازەت بەرمىسە تەسەررۇپ ئىناۋەتسىز دەپ قارىلىپ بۇنداق ئىش يۈز بەرمىگەندەك مۇئامىلە قىلىنىدۇ. بۇ ئۇسۇلنى ئەنگىلىيە قانۇنى قاتارلىق غەرب قانۇنلىرى قوللانغان.

ئىبنى قەييىم بولسا ئارىلاشقاقنىڭ تەسەررۇپلىرىنىڭ گەرچە مال ئىگىسى رۇخسەت قىلمىغان تەقدىردىمۇ، مال ئىگىسىگە پايدىلىقلا بولسا ھېساب بولىدىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىدۇ. بۇ نەزەرىيە فىرانسىيە قانۇنىغا كىرگۈزۈلگەن.

ئىبنى قەييىم مۇنداق دەيدۇ: «باشقا بىرىنىڭ مەلۇم بىر مەجبۇرىيىتىنى ئۇنىڭ ئورنىدا ئادا قىلىپ قويغان كىشىنىڭ ئۇنى ئىگىسىدىن تەلەپ قىلىش ھوقۇقى بولىدۇ. شۇڭا، ئەگەر بىر كىشى باشقا بىرىنىڭ قەرزىنى رۇخسىتىسىز تۆلەپ قويغان بولسا، بۇ (قەرزدارغا) ئىئانە قىلىۋەتكەن ھېسابلانمايدۇ. ئۇنىڭ تۆلەپ قويغان قەرزنى قەرزداردىن تەلەپ قىلىش ھوقۇقى بولىدۇ. چۈنكى، باشقىلارنىڭ قەرزىنى ئۇنىڭ ئورنىدا ئادا قىلىپ قويۇپ ياخشىلىق قىلغان كىشىنىڭ ياخشىلىقىنى زايە قىلىۋېتىش، ئۇنىڭ بۇ ياخشىلىقىدىن ئېرىشكىنىنىڭ مېلىنىڭ زايە بولۇپ كېتىشى ۋە ‹ياخشىلىققا يامانلىق› بولۇشى لىللا ۋە ئادىل بولغان توغرا نەتىجە بولمايدۇ».

ئىبنى قەييىم بۇنىڭدا «راھمان» سۈرىسىدىكى ﴿ياخشى ئىش قىلغۇچى پەقەت ياخشى مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ﴾[6] دېگەن ئايەتكە تايىنىدۇ. ئۇ بىر قانچە جايدا ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەلنىڭ يات بىر كىشىنىڭ باشقىلارنىڭ زىرائىتىنى ئىگىسى يوق ئەھۋالدا ئىگىسىنىڭ ئورنىدا ئىش ھەققى ۋە چىقىمىنى زىرائەت ئىگىسىنىڭ ئۈستىگە ئالىدىغانلىق شەرتى بىلەن ئورۇپ قويۇشىغا رۇخسەت قىلغانلىقىغا ئىشارەت قىلىدۇ. ئەگەر ئىگىسىنىڭ كېسەل بولۇپ قالغانلىقى ياكى باشقا يەرگە كەتكەنلىكى سەۋەبلىك زىرائەت ئورۇلمىسا، ئەلۋەتتە، ھالاك بولۇپ زىيان بولىدۇ.

مانا بۇ «ياخشى نىيەتلىك ئارىلاشقاقنىڭ خىزمىتىنى قىممەتكە ئىگە قىلىش نەزەرىيەسى»دۇر.

ئۇنىڭ يەنە خىراجەت قىلىش ئەركىنلىكى پىرىنسىپى، گۇۋاھلىقنىڭ قىممىتى ۋە ئىقرارنىڭ بۆلۈنمەسلىك، زىيانلىق قەرز كېلىشىملىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش پىرىنسىپى ھەمدە يۇقىرىدا ئېيتقىنىمىزدەك ھۆكۈمنىڭ زامان ۋە ماكاننىڭ ئۆزگىرىشىگە بېقىپ ئۆزگىرىش پىرىنسىپى قاتارلىق باشقا نەزەرىيەلىرىمۇ بار.

ئىبنى قەييىم ئەلجەۋزىييە دېگەن نام بىلەن مەشھۇر بولغان شەمسۇددىن ئەبۇ ئابدۇللاھ مۇھەممەد ئىبنى بەكرى ئىبنى ئەييۇب ئىبنى سەئد زارىئىي دىمەشقى ھىجرىيە 691 – يىلى تۇغۇلغان ۋە بىر ئۆمۈر ئىلىم بىلەن شۇغۇللانغان. بۇ جەرياندا ئىلىمگە بارلىقىنى بېغىشلىغان، بەزى ئىسلامىي قائىدە – پىرىنسىپلارنى ئوتتۇرىغا قويغان، مۇئەتتىلەلەرگە (ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرىنى ئىنكار قىلىدىغانلارغا)، جەھمىييەلەرگە («ئىنسان پۈتۈنلەي تەقدىرنىڭ ئىلكىدە بولۇپ، ھېچقانداق ئىشتا ئىختىيارى بولمايدۇ» دەپ قارايدىغانلارغا) ۋە ناتوغرا قاراشتىكىلەرگە رەددىيە بەرگەن. پۈتۈن ھاياتىنى ئىسلام توغرىسىدا شەك – شۈبھە قوزغايدىغانلارنىڭ تۈرلۈك شەك – شۈبھىلىرىگە رەددىيە بېرىش بىلەن ئۆتكۈزگەن. تەقلىدچىلەر، قاتماللار ۋە ئەھكاملارغا ھەردائىم تەدبىر ئىشلەتكۈچىلەرگە جەڭ ئېلان قىلغان. ئۆز دەۋرىدىكى ئېقىم، مەزھەپ، كىتاب دېگەندەكلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆزىنىڭ مېتودىغا سېلىشتۇرغان ۋە ئاللاھنىڭ كىتابى بىلەن ئۆلچەپ چىققان. بۇنىڭدا چاغداش كىشىلەرنىڭ ئالدىغا مەۋجۇت مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ مۇكەممەل جاۋابىنى قويۇشنى، ئىسلامىي ئىدىيەنى ھەرخىل ھاۋايى – ھەۋەس ۋە بولمىغۇر قاراشلارنىڭ تەسىرىدىن تازىلاشنى مەقسەت قىلغان.

ئۇنىڭ نىشانى خاتا پىكرىي رامكىلارنى بۇزۇپ تاشلاش، ئىسلامىي جەۋھەر پىكىرلەرنى قۇرئان ۋە سەھىھ سۈننەت بايرىقىدىن ئىبارەت بىرلا بايراق ئاستىغا مۇجەسسەملەش، مۇسۇلمانلارنى بىرلىكىنى پارچىلىۋەتكەن مەزھەپ ئىختىلاپلىرىنى چۆرۈپ تاشلاپ پىكىردە ئىتتىپاقلاشتۇرۇش ئىدى. شۇڭا، مۇئتەزىلەلەرنىڭ، ئەشئەرىيلەرنىڭ، شۇنداقلا باشقىلارنىڭ ئاللاھنىڭ كىتابىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان قاراشلىرىنى قوبۇل قىلىش ئۇنىڭ نەزىرىدە خاتالىق ھېسابلانمايتتى. ئۇ ئۇلارنىڭ قاراشلىرىنى دەلىللىرى بىلەن تەپسىلىي نەقىل قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى تەمكىنلىك بىلەن ئىلمىي يوسۇندا ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنازىرە قىلاتتى. ئۇ قاراشلاردىن دىن، ئەقىل، فىترەت قاتارلىقلارغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىرىنى رەت قىلاتتى. ئۇنىڭغا كۈچلۈك ئىپادىلەش، نەزەر دائىرىسى كەڭ بولۇش قاتارلىق ئىقتىدارلار ئاتا قىلىنغان بولۇپ، قەلىمى ئىنتايىن مول ھوسۇللۇق ئىدى. تەقىييۇددىن سۇبۇكى: «ئىبنى قەييىمگە سۆزگە ئىنتايىن باي بولۇش نېمىتى ئاتا قىلىنغانىدى» دېگەن.

ئىبنى قەييىم ئىبنى تەيمىيەنىڭ ئىزىنى بېسىپ، ئىسلامىي ئەقىدىلەرنى يامىشىۋالغان تەۋرىنىش، شەك – شۈبھە قاتارلىقلاردىن ئازاد قىلىش ئارقىلىق سەلەپلەرنىڭ ئەقىدىسى[7]نى قوغدىغان.

سەلەپلەرنىڭ مەزھىبى ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرىنى تەئۋىل قىلىش[8]نى توغرا دەپ قارىمايدۇ. بىراق، ئاللاھنىڭ ھالىتى نامەلۇم ئىككى كۆزى بار دەپ قارايدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «تەئۋىل قىلىش ئىختىلاپنىڭ مەنبەسى. ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا ۋە رەسۇلى ھېچقاچان ‹تەئۋىل قىلىش›نى كۆزدە تۇتمىغان، كۆزدە تۇتقانلىققىمۇ ھېچقانداق دەلىل يوق».

ئۇ مۇنداق دەپ قارايدۇ: دۇنيا خەلقى تەئۋىل قىلىش سەۋەبلىكلا ئىختىلاپلىشىپ قالغان، چوڭ – كىچىك پىتنە – پاسات، قالايمىقانچىلىقلارمۇ پەقەت تەئۋىل قىلىش سەۋەبلىك مەيدانغا كەلگەن. پىتنىدە مۇسۇلمانلارنىڭ قانلىرىمۇ تەئۋىل سەۋەبلىك ئاققان. بۇ ئۈممەتمۇ تەئۋىل سەۋەبلىك 73 پىرقىگە بۆلۈنۈپ كەتكەن. پەيلاسوپلۇق دەۋاسى قىلغۇچىلار، قەرامىتىلەر، باتىنىيلار قاتارلىق ئىسلامنىڭ دۈشمەنلىرىمۇ ئىشنى تەئۋىل بىلەن باشلىغان.

ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ تاتارلارنىڭ قىلىچلىرىنى مۇسۇلمانلارنىڭ دىيارلىرىغا تەئۋىل سەۋەبلىك ھۆكۈمران قىلغان»[9].

ئىبنى قەييىم خىلمۇخىل شۈبھىلەرگە دۇچ كەلگەن ۋە ئۇلار ھەققىدە كىتاب تۈزگەن:

·       «ھىدايەتۇل ھەيارا مىنەليەھۇد ۋەننەسارا». بۇ كىتابتا يەھۇدى – ناسارالارنىڭ كۆزقاراشلىرىدىكى خاتا تەرەپلەر كۆرسىتىپ بېرىلگەن.

·       «ئەسسەۋائىقۇل مۇرسەلە فىلجەھمىييە ۋەلمۇئەتتىلە». بۇنىڭغا بەزى ئوبزورلار يېزىلغان.

ئۇنىڭ مۇھىم فىقھى كىتابلىرى:

·       «ئېئلامۇل مۇۋەققىئىين ئەن رەببىل ئالەمىين».

·       «ئەتتۇرۇقۇل ھەكىيمە فىسسىياسەتىش شەرئىييە ۋەلفەتەۋا».

ئۇنىڭ بۇلاردىن باشقا يەنە ھەرخىل تېمىلار ھەققىدە يېزىلغان نۇرغۇن كىتاب ۋە ئەسەرلىرى بار.

ئۇستاز ئىۋەدۇللاھ جاد ھىجازى مۇنداق دەيدۇ: «ئىبنى قەييىم (ۋە ئۇستازى ئىبنى تەيمىيە) ئىسلام دىيارلىرىنىڭ ئارقىدا قېلىشى ۋە ئەرەب ئەقلىيىتىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى ئۇلارنىڭ ئىختىلاپقا چۈشۈپ قېلىشى، دىيارلىرىغا كەڭ تارالغان مەزھەپلەر سەۋەبلىك ئەقىدىدە بۆلۈنۈش يۈز بېرىشى، ئالدىنقىلارنىڭ تۇتۇپ ماڭغان يولىغا ئىزدىنىپ باقماستىنلا قارىغۇلارچە تەقلىد قىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئىسلام دىيارلىرىدىكى سىياسىي، ئىجتىمائىي چۈشكۈنلۈكلەرنىڭ سەۋەبى مانا مۇشۇ ئىختىلاپتۇر. شۇڭا، بىز ئىتتىپاقلىشىشقا، پىرىنسىپال مەسىلىلەردە سۆزنى بىرلەشتۈرۈشكە، شاخچە مەسىلىلەردە ھەممە مەزھەپلەردىكى ئەڭ توغرا، قۇرئان ۋە سۈننەتكە ئەڭ ئۇيغۇن كېلىدىغاننى تاللاشقا چاقىرىق قىلىمىز، دەيدۇ».

ئىبنى قەييىم ئىسلام شەرئىتىگە چوڭقۇر نەزەر سالالىغان، ئۇنىڭ مەقسەت – غايىلىرى ھەققىدە ئىزدەنگەن (بۇ ئۇنىڭ ئەڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك كۆزقارىشىدۇر) تالانتلىق، سالاھىيەتلىك فەقىھتۇر. ئۇ چىن قەلبىدىن سەمىمىي، ئىبادەتكار، ئەھلى تەسەۋۋۇپ بىرى ئىدى. ئىبنى تەيمىيە تەسەۋۋۇپ ئىلىملىرىنى خاتالىقلاردىن ئازاد قىلغان. ئۇنى بىلىش، ئۇنىڭدىن زوقلىنىش، ئۇنىڭغا مۇئامىلە قىلىش… قاتارلىقلارغا قۇرئان ۋە سۈننەت نۇرى ئاستىدا بىر قاتار توغرا ئۆلچەملەرنى بېكىتىپ چىققان. ئۇ ھەقىقىي سوپىلىق قۇرئان ۋە سۈننەتكە ئەمەل قىلىش دەپ قارايتتى. شەرىئەتنى زاھىرىي ۋە باتىنىي، دەپ دەۋا قىلغۇچىلارنى ئەيىبلەيتتى، ھەقىقىي بىلىش ماقامىغا يېتىپ بولغانلىقىنى دەۋا قىلىپ شەرىئەت تەكلىپلىرىنى ساقىت بولۇپ كەتتى، دەپ بىلجىرلايدىغانلارغا ھۇجۇم قىلاتتى.

ئىبنى قەييىم: «ئاللاھقا يېقىنلىشىش كەلىمە تەييىبە بىلەن، ياخشى ئەمەللەر بىلەن بولىدۇ. مانا بۇ ئاللاھقا يېقىنلىشىشتىكى شەرىئەتكە ئۇيغۇن بولغان ئۇسۇلدۇر» دەيدۇ ۋە خاتا بولغان يېقىنلىشىش ئۇسۇلى چۈشەنچىسىنى رەت قىلىپ يەنە مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ تائالا دۇنيا -ئاخىرەتتە ياخشىلىقلارغا نائىل بولۇشنى ئاقىۋەتنى شەرتكە، كېلىپ چىقىشنى ئامىلغا، نەتىجىنى سەۋەبكە باغلىق قىلغاندەك ئەمەللەرگە باغلىق قىلغان. قۇرئاندا بۇنداق جايلار كۈرمىڭ».

ئۇ: «قۇرئان ئەقىلنى، سېزىمنى، فىترەتنى، ئىنسان تەبىئىتىنى قوللىغان. ئاللاھ بىلەن بەندە ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق توسۇق يوقلۇقىنى ئېلان قىلغان. قەبرىدىكىلەرنى شېپى كەلتۈرۈپ ئۇلاردىن ئۆزلىرىنى قۇتۇلدۇرۇۋېلىشىنى تەلەپ قىلىپ دۇئا قىلىشنى رەت قىلغان» دېگەن ۋە يەنە: «بۇلار قايسى نۇقتىدىن بولمىسۇن سەۋەب – نەتىجە دائىرىسىگە قەتئىي كىرمەيدۇ» دېگەن.

 

تەرجىمىدە: بىلىميار

مەنبە: ئەنۋەر جۇندىينىڭ «نوابغ الإسلام» دېگەن كىتابى.

———————————————————
[1] ئىستىھسان دېگىنىمىز، ھەنەفىي مەزھەپنىڭ قارىشىدا، بىر قىياسنى تاشلاپ ئۇنىڭدىن جانلىقراق (يەنە) بىر قىياسنى ئېلىشتىن ئىبارەت. _ دوكتور ئابدۇلئەزىر رەھمەتۇللاھنىڭ «پەتىۋالار مەجمۇئەسى» 1 – توم، 125 – پەتىۋا.
[2] مەسالىھۇل مۇرسەلە _ شەرىئەت ساھىبى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن ھېچقانداق ھۆكۈم يولغا قويمىغان ۋە ھېچقانداق شەرئى دەلىل ئۇنى ئېتىبارغا ئېلىش ياكى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا دالالەت قىلمىغان مەنپەئەت. _ ئابدۇلۋاھھاب خەللاف: «ئىلمۇ ئۇسۇلۇل فىقھى (فىقھى پىرىنسىپلىرى ئىلمى)»، 84 – بەت.
[3] ئىستىسلاھ _ فىقھى ئەھكاملارنى مەسالىھۇل مۇرسەلەنىڭ تەقەززاسىغا بىنائەن قۇرۇپ چىقىش. _ مۇھەممەد مەئرۇف ئەددەۋالىيبىي: «ئەلمەدخەل ئىلە ئىلمى ئۇسۇلىل فىقھى (فىقھى پىرىنسىپلىرى ئىلمىدىن دەسلەپكى ساۋات)»، 258 – بەت.
[4] ئىستىسھاب _ بىر شەيئىگە تا ئۆزگەرتىشنى تەقەززا قىلىدىغان دەلىل كەلگەنگە قەدەر ئەسلىدىكى ھالىتى بويىچە ھۆكۈم قىلىش ياكى ئىلگىرىكى ھۆكۈمنى تا ئۆزگەرتىشكە دەلىل كەلگەنگە قەدەر ھازىرمۇ كۈچكە ئىگە دەپ بىلىش. _ ئابدۇلۋاھھاب خەللاف: «ئىلمۇ ئۇسۇلىل فىقھى (فىقھى پىرىنسىپلىرى ئىلمى)»، 61 – بەت.
[5] «ئېئلامۇل مۇۋەققىئىين» 5 – جىلد، 128 _ 297 – بەتكىچە.
[6] «رەھمان» سۈرىسى، 60 – ئايەت.
[7] سەلەپلەرنىڭ ئەقىدىسى ئاللاھنى، پەرشتىلىرىنى، كىتابلىرىنى، ئەلچى – پەيغەمبەرلىرىنى، ئاللاھ تەرەپتىن كەلگەن ۋە ئىشەنچلىك راۋىيلار ئاللاھنىڭ ئەلچىسىدىن نەقىللىگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى ئېتىراپ قىلىش، بۇلاردىن ھېچبىرىنى رەت قىلماسلىق؛ ئاللاھ تائالا بىر، يەككە، يېگانە، ھەممە موھتاج بولىدىغان، ھەمراھ ۋە بالىدىن خالىي زات؛ مۇھەممەد ئۇنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى، جەننەت ھەق، دوزاخ ھەق، قىيامەتنىڭ قايىم بولۇشىدا قەتئىي شەك يوق، ئاللاھ قەبرىدىكىلەرنى قايتا تىرىلدۈرىدۇ، جەننەت ۋە دوزاخ ھازىرمۇ مەۋجۇت، دەپ ئېتىقاد قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.
[8] تەئۋىل قىلىش _ كەلىمىنىڭ يېقىن مەنىسىنى قويۇپ، يىراق مەنىسىنى قوبۇل قىلىش.
[9] ئىبنى قەييىم: «ئېئلامۇل مۇۋەققىئىين» 3 – جىلد، 468 _ 469 – بەتلەر. ئۇستاز ئىۋەدۇللاھ جاد ھىجازىنىڭ ئىبنى قەييىم ھەققىدە يازغان كىتابىغا مۇراجىئەت قىلىڭ.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ.