ئىككى زىناخورنىڭ نىكاھلىنىشى

ئىككى زىناخورنىڭ نىكاھلىنىشى

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك ئۇستاز! بىر مۇسۇلماننىڭ ئايالى ئۆيلەنگەن بىرسى بىلەن كېچە – كېچىلەپ يوقاپ كېتىدىكەن. ئېرى شۇ سەۋەبلىك تالاق قىلىپتۇ. بۇ ئايال ئىددەت مەزگىلىدىمۇ يەنىلا ھېلىقى كىشى بىلەن دائىم بىللە يۈرىدىكەن، بۇ ئايالنىڭ ئاتىسى ۋە ئاكىلىرى نومۇسقا چىدىماي ئۇ ئىككىسىنى ئۇرۇپتۇ، ئۇلار بولسا: «بىزدە ھېچقانداق گۇناھ يوق، كىم گۇناھكار ئاللاھ ئايرىيدۇ، بىز ئىككىمىز چوقۇم نىكاھلانمىساق بولمايدىغان ئەھۋالدا. شۇڭا، نىكاھىمىزنى ئۇقۇپ قويۇڭلار» دەپتۇ. بۇ ئىككىسىنىڭ يۇقىرىقى قىلمىشلىرىنىڭ ئىسلامدا ھۆكمى نېمە؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

بۇ ئايالنىڭ سادىر قىلغىنى زىنا، ئەرگە خىيانەت ۋە مۇقەددەس رىشتىنى بۇزۇش جىنايىتىدۇر. بۇ ئاخىرەتتە ھالاكەتكە يولۇقتۇرىدىغان، دۇنيادىمۇ قاتتىق جازاغا دۇچار قىلىدىغان ئېغىر ۋە قەبىھ جىنايەتتۇر.

ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «بىر ئادەم رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن:

— يارەسۇلەللاھ! قايسى گۇناھ ئاللاھنىڭ نەزەرىدە ئەڭ چوڭ؟ — دەپ سورىۋىدى، رەسۇلۇللاھ:

— ئاللاھ سېنى ياراتقان تۇرۇقلۇق ئۇنىڭغا شېرىك كەلتۈرۈشۈڭ، — دېدى.

— ئۇندىن قالسىچۇ؟، — دەپ سورىۋىدى،

— سەن بىلەن بىللە تاماق يېيىشىدىن ئەنسىرەپ بالاڭنى ئۆلتۈرۈۋېتىشىڭ، — دېدى.

— ئۇندىن قالسىچۇ؟ — دەپ سورىۋىدى،

— قوشناڭنىڭ ئايالى بىلەن زىنا قىلىشىڭ، — دېدى. شۇ چاغدىلا بۇلارنى تەستىقلاپ بۇ ئايەت نازىل بولدى: ﴿ئاللاھ بىلەن بىللە باشقا بىر مەبۇدقا ئىبادەت قىلمايدىغانلار، ئاللاھ ئۆلتۈرۈشنى ھارام قىلغان جاننى ناھەق ئۆلتۈرمەيدىغان، زىنا قىلمايدىغانلار، كىمىكى ئاشۇلارنى قىلىدىكەن، ئۇ جازاغا ئۇچرايدۇ. ئۇنىڭغا ئازاب – ئوقۇبەت ھەسسىلىنىدۇ﴾(25/«فۇرقان»: 68).(1)

بۇ ئەھۋالدىكى زىنانىڭ دۇنيادىكى جازاسى چالما – كېسەك قىلىشتۇر. لېكىن، چالما – كېسەك جازاسىنى قازى ياكى ھاكىم ئىجرا قىلىدىغان بولغاچقا، شەخسلەر ئىجرا قىلالمايدۇ.

بۇ ئىككى زىناخور تەۋبە قىلمىغان ئەھۋالدا بىر قىسىم ئالىملار ئۇلار بىر – بىرى بىلەن نىكاھلىنالمايدۇ، دەپ قارايدۇ. يەنە بىر قىسىم ئالىملار نىكاھلانسا بولىدۇ، دەپ قارايدۇ.

زىنا قىلغان ئەر بىلەن نىكاھ قىلماقچى بولسىمۇ بۇرۇنقى ئەردىن ئىددىتىنى تولۇق تۈگىتىپ بولغاندىن كېيىن زىنادىن بىر ھەيز مۇددەت ئىددەت تۇتۇۋېتىپ ساقايغاندىن كېيىن ئاندىن نىكاھى قىلىنىدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1432، 14 – جامادىيەلئاخىر / م. 2011، 17 – ماي

«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 121 – نومۇرلۇق پەتۋا.


1. «بۇخارىي»، (7532).

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ