ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ئۈزۈكى سالدۇرسا ناماز دۇرۇس بولمامدۇ؟!

ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ئۈزۈكى سالدۇرسا ناماز دۇرۇس بولمامدۇ؟!

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، جەمئىيىتىمىزدە ئايال كىشى ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ئۈزۈكى سالدۇرسا ناماز دۇرۇس بولمايدۇ دەيدىغان قاراشلار پەيدا بولۇپ قاپتۇ، بۇنىڭ ئاساسى بارمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانا جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت – سالاملار بولسۇن.

ئۈزۈك سالدۇرغان تەقدىردە، ئۈزۈك سالدۇرغانلىق جەھەتتىن نامازغا تەسىرى يوق، پەقەتلا ئۈزۈك ھەيزنى ئېگىز – پەس قىلىۋېتىپ قالسا شۇ تەرەپتىن نامازغا تەسىرى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

ئادەتتە، ئۈزۈك ھەيز مەزگىلىدە سېلىنىدۇ، سالغاندىن كېيىن ھەيز ئادەتتىكىدەك نورمال مۇددەت كېلىپ ئۈزۈلمەي ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا ئون تۆت كۈنگىچە داۋاملاشسا چاتاق يوق، ھەممىسى ھەيز ھېسابلىنىپ بۇ جەرياندا ناماز ئوقۇمايدۇ. لېكىن، بەزىدە قان بىر ئۈزۈلۈپ يەنە بىر كېلىپ قالىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، ئاياللار ھەيز قېنى بىلەن ئادەتتىكى تومۇر قېنىنى ئايرىيالىشى مۇمكىن. ھەيز قېنى كەلسە تاكى توختىغۇچە ناماز دۇرۇس بولمايدۇ. تومۇردىن كەلگەن ئەھۋالدا، ئايالنىڭ ئادىتىگە قارايمىز، ئالتە ياكى يەتتە كۈن ئادەت كۆرىدىغان بولسا، شۇ كۈنلەردىن كېيىن كەلگىنى تومۇر قېنى بولسا، شۇ ئالتە ياكى يەتتە كۈندىن كېيىن ھەر بىر ناماز ۋاقتىدا يېڭى بىر تاھارەت ئېلىپ ناماز ئوقۇيدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

2011. 1. 14

«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 69 – نومۇرلۇق پەتۋا.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ