شەيخ ئەمىن ئاخۇن داموللام پەيزىۋاتىي

شەيخ ئەمىن ئاخۇن داموللام پەيزىۋاتىي

(ھ. 1305– 1371/ م. 1887 – 1951)

 شەيخ ئەمىن ئىبنى يۈسۈف ئىبنى ئىسھاق ئاخۇن داموللام پەيزىۋات ناھىيەسىدە، ئوتتۇرھال ئائىلىدە تۇغۇلغان. دەسلەپكى دىنىي بىلىملەرنى مەھەللىسىدە ئۆگەنگەن ۋە شۇ جەرياندا «قۇرئان كەرىم»نىڭ يېرىمىنى يادلاپ بولغان. ئاندىن قەشقەرگە كېلىپ ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرغان. شەيخ مەھمۇد ئاخۇن داموللام، شەمسۇددىن داموللام، ئابدۇلقادىر داموللام، سابىت داموللام قاتارلىق شەيخلەردە ئوقۇپ، تۈرلۈك پەنلەردە ئۇلارنىڭ «ئىجازەت»لىرىگە ئېرىشكەن. بولۇپمۇ، ئۇ ئەرەب تىلى جەھەتتە ئالاھىدە كۆزگە كۆرۈنگەن ۋە نوپۇزلۇق ئەدىبلەردىن بولۇپ قالغانىدى. ئۇ «ئىجازەت»لەرنى قولىغا ئالغاندىن كېيىن ئانا يۇرتى پەيزىۋاتقا قايتىپ، پۈتۈن ھاياتىنى ئوقۇ – ئوقۇتۇش ئىشلىرىغا بېغىشلىغان. مەن ھىجرىيە 1364 (م. 1945) – يىلى ئۇنى يوقلاپ بارغىنىمدا، ئۇنىڭ يېنىدا ئۇنىڭ نامىنى، ئىلىم ساھەسىدىكى داڭقىنى ئاڭلاپ ئەتراپتىكى يېزا – قىشلاقلاردىن كەلگەن 800 نەپەردىن كۆپرەك ئوقۇغۇچى بار ئىكەنتۇق. بوستانلىقلار ئوراپ تۇرغان پەيزىۋات يازدا تەرەپ – تەرەپتىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار بىلەن تولۇپ كېتىدىغان بولۇپ، ئۇلار، شەيخنىڭ قولىدا ئەدەبىيات، تىلشۇناسلىق، ئىستىلىستىكا، ئالگېبرا، تەڭلىمە قاتارلىق پەن ۋە تۈرلەرنى ئۆگىنەتتى.

شەيخ ھىجرىيە 1371 – يىلى پەيزىۋاتتا ۋاپات بولغان ۋە شۇ جايغا دەپنە قىلىنغان.

ئاللاھ تائالا شەيخكە رەھمەت قىلغاي!

ئەدىب ئۇستاز مۇھەممەد قاسىم ئەمىن تۈركىستانىينىڭ «بىر قىسىم تۇركىستان سەرخىللىرىنى تونۇشتۇرۇش / الإعلام لبعض رجالات تركستان» ناملىق كىتابىدىن «ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى» تەرجىمە قىلدى.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ