خەتنە توي مەرىكىسى ھەققىدە چۈشەنچە

خەتنە توي مەرىكىسى ھەققىدە چۈشەنچە

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! دىيارىمىزدا ئوغۇل بالىلارنىڭ يەتتە ياش ئەتراپىدا خەتنىسىنى قىلغاندىن كېيىن ئۇرۇق – تۇغقان ۋە تونۇش – بىلىشلەرنى چاقىرىپ «سۈننەت توي» ياكى «خەتنە توي» قىلىشىدۇ. مېھمانلار سوۋغا ئېلىپ كېلىشىدۇ. بەزىلەر بۇنى بىدئەت دېسە، يەنە بەزىلەر سۈننەت دېيىشىدىكەن. زادى قايسسىغا ئەگىشىمىز؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابى ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

كۈچلۈك قاراشتا ئوغۇل بالىنىڭ خەتنىسىنى قىلىش تەرك قىلسا بولمايدىغان ۋاجىب ئەمەلدۇر. تەرك قىلىشقا بولمايدىغان سۈننەت ئەمەل دەپ قارىغانلارمۇ بار. قانداقلا بولمىسۇن، خەتنە دېگەن مۇسۇلمانچىلىقنىڭ نىشانىسى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى نامازنىڭ دۇرۇس بولۇشىغا شەرت قىلىنغان تازىلىق جەھەتتىنمۇ زۆرۈر ئىش بولغاچقا، تەرك قىلىشقا بولمايدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «قەدىمىي سۈننەت بەشتۇر: خەتنە قىلىش، ئەۋرەت تۈكلىرىنى چۈشۈرۈش، قولتۇق تۈكلىرىنى يۇلۇش، بۇرۇتنى قىرقىش ۋە تىرناقلارنى ئېلىش» دېگەن(1).

قەدىمىي سۈننەت: يەنى بۇرۇندىن تارتىپ پەيغەمبەرلەر تۇتۇپ كېلىۋاتقان يولدۇر.

خەتنە قىلىشنىڭ ۋاقتىنى بېكىتىدىغان ئېنىق بىر دەلىل يوق. لېكىن، ئالىملارنىڭ بايانلىرىغا قارايدىغان بولساق، ئالىملار خەتنىنى بالا بالاغەتكە يەتمەستە قىلىۋەتسە جائىز هەم مۇستەھەبلىكىگە، شۇنداقلا بالاغەتكە يەتكەندىن كېيىن ۋاجىبلىقىغا بىردەك قاراشقا كەلگەن.

لېكىن، بالاغەتكە يەتمەستە ۋاجىبمۇ، ئەمەسمۇ؟ بۇ مەسىلىدە قاراشلار ئوخشاش ئەمەس. ئىمام نەۋەۋىي قاتارلىق بەزى ئالىملار: «خەتنە قىلىش بالا بالاغەتكە يەتكەندىن كېيىن ۋاجىب بولىدۇ، چۈنكى شەرئىي تەكلىپلەر بالاغەتكە يېتىشتىن بۇرۇن ۋاجىب بولمايدۇ. لېكىن، ئاتىسى بالىسى بالاغەتكە يېتىشتىن بۇرۇن خەتنىسىنى قىلىۋېتىشى مۇستەھەب» دەپ قارايدۇ.

سەئىد ئىبنى جۇبەير دېدى: «ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن:

— نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋاپات بولغان چاغدا ئۆزلىرى كىمدەك بار ئىدىلە؟ — دەپ سورىلىۋىدى، ئۇ:

— ئۇ كۈنلەردە خەتنە قىلىنغان ئىدىم، — دېدى». راۋىيلەردىن بىرى: «ئۇلار ئادەتتە ئوغۇل بالىنى بالاغەتكە يەتمىگۈچە خەتنە قىلىشمايتتى» دېدى(2).

ھاكىم بىلەن بەيھەقىي رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەسەن ۋە ھۈسەين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ خەتنىسىنى تۇغۇلۇپ يەتتىنچى كۈنلىرى قىلغان» دەپ كەلگەن(3).

ئىمام ئىبنۇلقەييىم قاتارلىق بەزى ئالىملار: «بالا بالاغەتكە خەتنىسى قىلىنغان ھالەتتە يېتىشى ئۈچۈن بالاغەتكە يېتىشتىن بۇرۇن خەتنە قىلىش ۋاجىبتۇر، بۇ يەردىكى ۋاجىبلىق بالىغا ئەمەس، بالىنىڭ ئاتىسىغىدۇر» دەپ قارايدۇ(4).

بۇنىڭغا ئاساسەن، بالا بالاغەتكە يېتىپ بولغۇچە خەتنىسىنى قىلىۋېتىش لازىم.

تېز ساقىيىش، ئاغرىق ھېس قىلماسلىق ۋە باشقا تەرەپلەرنى كۆزدە تۇتسا، بالا كىچىك ۋاقتىدىلا خەتنىسىنى قىلىۋېتىش ياخشى.

يەنە مۇنداق دېيىشمۇ مۇمكىن: بالا يەتتە ياشقا كىرگەندە غىزالىنىش، ھاجەت قىلىش ۋە كىيىنىش قاتارلىق ئىشلاردا ئۆز ھاجىتىدىن ئۆزى چىقالايدىغان بولىدۇ، شۇ چاغدا تەربىيە قىلىش ۋە ئەدەب – قائىدە ئۆگىتىش ۋاقتى كېلىدۇ. نامازغىمۇ شۇ چاغدا بۇيرۇلىدۇ، خەتنە تاھارەت ئۈچۈن زۆرۈر، ئۇنداق بولغان ئىكەن، خەتنىسىنى شۇ چاغدا قىلىش مۇستەھەبتۇر.

ئالىملاردىن يەتتىنچى كۈنى قىلىشنى مۇستەھەب دەيدىغانلارمۇ، سەككىزىنچى كۈنى مۇستەھەب دەيدىغانلارمۇ، ناماز ئوقۇشقا بۇيرۇلىدىغان يەتتە ياشتىن ئون ياشقىچە ئارىلىقتا مۇستەھەب دەيدىغانلارمۇ بار. گەرچە ھەنەفىي مەزھەبتە بىر قاراشتا: «نامازغا بۇيرۇش تەكىتلەنگەنلىكى ئۈچۈن ئون ياشقا كىرگەندە مۇستەھەب» دېيىلسىمۇ، ھەنەفىيلەرنىڭ مۆتىۋەر قارىشىدا خەتنە ئۈچۈن ۋاقىت بېكىتىش يوق. كۆپچىلىك ئالىملار: «يەھۇدىيلەرگە ئوخشاپ قالماسلىق ئۈچۈن يەتتىنچى كۈنى خەتنە قىلىش مەكرۇھ» دەپ قارىغان. خەتنىسى قىلىنغاندەك تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ خەتنىسى قىلىنمايدۇ. چالا خەتنىسى قىلىنغاندەك تۇغۇلغانلارنىڭ خەتنىسى قىلىنىدۇ(5).

ھازىر دوختۇرلار بوۋاق تۇغۇلغان ھامان ياكى بىرىنچى ھەپتىسىدە قىلىۋېتىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ. چۈنكى، بۇ چاغدا بوۋاق ئاغرىق ھېس قىلىپ كەتمەيدۇ. بەزى دۆلەتلەردە دوختۇرلار: «بالا قىرىق كۈنگە كىرگەن چاغلاردا خەتنىسىنى قىلىۋېتىشنى مۇۋاپىق» دەپ قارايدۇ. «تۆت ئايلىق بولغاندىن كېيىن چوقۇم قىلىۋېتىش كېرەك» دەيدىغانلارمۇ بار.

قانداقلا بولمىسۇن، بۇ مەسىلىدە مۇئەييەن بىر ۋاقىت بېكىتىلمىگەن بولغاچقا، تېببىي ۋە ئىجتىمائىي جەھەتتىن بالىغا ۋە ئائىلىسىگە مۇۋاپىق بىر چاغدا قىلسا بولىدۇ.

ئاساسلىق سوئالنىڭ جاۋابىغا قايتساق، خەتنە قىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن تاماق تەييارلاپ زىياپەت بەرسە، ئىسراپ قىلمىغان ھالدا خەتنە توي مەرىكىسى قىلسىمۇ بولىدۇ. كۆپچىلىك ئالىملار توي مەرىكىسى قىلىشنى مۇستەھەب دەپ قارايدۇ(6). چۈنكى، خەتنە توي مەرىكىسى جاھىلىيەت دەۋرىدە بار بولۇپ، ئىسلامىيەت ئۇنى چەكلىۋەتمىگەن. ئۇنى يا چەكلەش، يا تەشەببۇس قىلىش ھەققىدە بىرەر ھەدىس كەلمەي، شۇ ھالىتىدە قويۇپ قويغان. بۇ ئارقىلىق ئومۇمەن مۇباھ دائىرىدە ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن. لېكىن، سەلەفلىرىمىزدىن بەزى ئىش – ئىزلار كەلگەن بولۇپ، ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما قاتارلىق ساھابەلەرنىڭ خەتنە توي مەرىكىسى قىلغانلىقى مۇستەھەبلىكنى كۆرسىتىدۇ.

سالىم: «ئاتام ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مەن بىلەن نۇئەيمنىڭ خەتنىسىنى قىلىپ، بىز ئۈچۈن بىر قوچقار سويدى. بىز شۇ چاغدا ›بىزگە بىر قوچقار سويدى‹ دەپ داملانغان ئىدۇق» دېگەن(7).

سەئىد ئىبنى ئابدۇلئەزىز ئېيتىدۇ: «مەكھۇل نافىئتىن:

— ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما بالىسىنى خەتنە قىلغانلارنىڭ زىياپىتىگە بارامتى؟ — دەپ سورىۋىدى، ئۇ:

— ھەئە، — دەپ جاۋاب بەردى»(8).

مۇسا ئىبنى مۇغىيرە ئەلجۇمەھىي: «ئاتام خەتنەمنى قىلىپ زىياپەتكە ئەتاﺋ ئىبنى ئەبى راباھنى چاقىرغان…» دېگەن(9).

ئىمام ئىبنى تەيمىييە رەھىمەھۇللاھمۇ بۇ توغرىدا سورالغىنىدا: «خەتنە توي زىياپىتى جائىزدۇر، خاھلىغانلار قىلىدۇ، خاھلىغانلار قىلمايدۇ» دەپ جاۋاب بەرگەن(10).

دېمەك، خەتنە توي قىلىشنى دىنىمىز ئالاھىدە تەشەببۇس قىلمىغان بولسىمۇ، ئۇيغۇرلاردىكى خەتنە توي ئادىتى سەلەفلىرىمىزنىڭ ئىش – ئىزلىرىغا ئۇيغۇن كېلىدۇ. شۇنداقلا بۇ ئادەت ئىسلامنىڭ ئالاھىدە بىر سۈننىتى ۋە ئالامىتى بولغان خەتنە قىلىش پائالىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. شۇڭا، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن جامائەتنى زىياپەت قىلىش مۇستەھەب ئىش.

خەتنە توي قىلغاندا مەجبۇرىي پۇل يىغىپ خىجىل قىلىش ۋە ئىسراپخورلۇق قاتارلىق چەكلەنگەن ئىشلار يۈز بېرىدىغان بولسا، بۇ سەۋەبتىن چەكلىنىدۇ.

بۇ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك يەنە «بۆشۈك توي» مەرىكىسى قىلىش ئۈستىدىمۇ توختىلىپ ئۆتەيلى:

بۆشۈك تارىختىن بۇيان دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بوۋاقلار ئۈچۈن ئالاھىدە لايىھەلىنىپ ياسالغان ۋە ئىشلىتىلىپ كېلىنگەن بوۋاق كارۋېتى بولۇپ، ئۇيغۇر، ئۆزبېك قاتارلىق تۈركىي خەلقلەر ئارىسىدا كەڭ ئومۇملاشقان. ئۇنى ئەرەبچە «مەھد / مھد» دەپ ئاتايدۇ. بۇ سۆز ئەرەبچىدە «تىنچ ۋە سۈكۈناتتا ئارام ئېلىشى ئۈچۈن بوۋاققا تەييارلانغان جاي» دېگەن مەنىدە. ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ بوۋاق چېغىدا كىشىلەرگە سۆز قىلغان ھالىتى «ئانىسىنىڭ قۇچىقىدا»، «يېتىشقا راسلانغان جايدا»، «ئىلەڭگۈچتە» ۋە «بۆشۈكتە» دەپمۇ تەفسىر قىلىنغان(11). «سەھىھ» ھەدىستە «پەقەت ئۈچ بوۋاقلا بۆشۈكتە تۇرۇپ سۆزلىگەن»لىكى بايان قىلىنغان(12). بۇ ھەدىستىكى «بۆشۈك»تىنمۇ ئۇيغۇرچىدىكى بۆشۈك كۆزدە تۇتۇلۇش ئېھتىمالى بار(13).

ئۇيغۇرلارنىڭ ئادىتى بويىچە، ياتلىق قىلىنغان قىزنىڭ تۇنجى تۇغۇتى ئۆز ئاتا – ئانىسىنىڭ ئۆيىدە بولىدۇ. ئۇنىڭ قىرىقى توشقاندا بوۋاقنى بۆشۈككە سېلىشتىن ئىلگىرى قىزنىڭ ئاتا – ئانىسى ئۆز ئائىلىسىدە «بۆشۈك توي» مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ. مېھمانلار ئۇزاپ كەتكەندىن كېيىن قۇدىلار كېلىن بىلەن نەۋرىسىنى يۆتكەپ ماڭىدۇ. قىسقىسى، «بۆشۈك توي»نىڭ ماھىيىتى سالامەت يەڭگىۋالغان كېلىننى ئۆز ئۆيىگە يۆتكەپ كېلىشتىن ئىبارەت بولغان بىر خىل مۇراسىمدۇر.

بۇ مۇراسىمدا بەزى جايلاردا بۆشۈك ھويلىدىن چىقاردا ئۇنىڭغا ئىسىرىق سالىدۇ، كېلىن بىلەن بوۋاقنىڭ بېشىدىن ئىسرىق ئۆرۈيدۇ.

لېكىن، دىنىمىزدا «بۆشۈك توي»غا ئالاقىدار بىرەر كۆرسەتمە كەلمىگەن. بۇ جەھەتتىن بۇ پەقەتلا ئۆرپ – ئادەتكە ئالاقىدار ئىش بولىدۇ. ئۇنىڭدا ئىسىرىق سېلىش ۋە ئىسراپخورلۇق قىلىشقا ئوخشىغان دىنىمىز چەكلىگەن ئىشلار بولىدىغان بولسا چەكلىنىدۇ. بولمىسا جائىز.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / توغرىسىنى ئاللاھ بىلۇر.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1440، 5 – مۇھەررەم / م. 2018، 15 – سېنتەبىر


1. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (5889)؛ مۇسلىم (257).
2. بۇخارىي (6299).
3. بەيھەقىي: «ئەسسۈنەنۇل كۇبرا»، (17341)؛ ئىبنۇلمۇلەققىن («ئەلبەدرۇل مۇنىر»، 8 – ج، 751 – بەت): «سەھىھ» دېگەن. ئىراقىي («‹ئىھيائۇ ئۇلۇمىددىن›دا كەلگەن ھەدىسلەرنىڭ تەخرىجى»، 2 – ج، 332 – بەت): «زەئىف» دېگەن.
4. نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 1 – ج، 371 – بەت؛ ئىبنۇلقەييىم: «تۇھفەتۇل مەۋدۇد»، 181 – بەت.
5. ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت ﻓ. ﺋﯧ.»، 19 – ج، 28 – 30 – بەت.
6. ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت ﻓ. ﺋﯧ.»، 19 – ج، 31 – بەت.
7. بۇخارىي: «ئەلئەدەبۇل مۇفرەد»، (1246)؛ ئىبنى ئەبى شەيبە (17455). ئالبانىي: «سەنەدى زەئىف» دېگەن بولسىمۇ، ئىمام بۇخارىينىڭ بۇ رىۋايەتنى «خەتنە مەرىكىسىگە تەكلىپ قىلىش بابى»دا كەلتۈرگەنلىكى، شۇنداقلا باشقا بىر بابقا «خەتنە مۇناسىۋىتى بىلەن ئويۇن – تاماشا قىلىش» دەپ تېما قويغانلىقى ۋە ئۇنى جاكارلاشنى قۇۋۋەتلەيدىغان ھەدىس رىۋايەت قىلغانلىقى ئۇنى ھەسەن دېيىشنى كۈچلەندۈرىدۇ. قاراڭ: سەخاۋىي: «ئەلمەقاسىدۇل ھەسەنە»، 1 – ج، 72 – بەت.
8. فاكىھىي: «ئەخبارۇ مەككە»، 3 – ج، 22 – بەت.
9. ئىبنى ئەبىددۇنيا: «ئەلئىيال»، 2 – ج، 786 – بەت. سەنەدى «سەھىھ».
10. ئىبنى تەيمىييە: «مەجمۇئۇل فەتاۋا»، 2 – ج، 206 – بەت.
11. «تەفسىرۇ ئەلبەھرۇل مۇھىت»، 6 – ج، 177 – بەت؛ «ئەددۇررۇل مەنسۇر»، 5 – ج، 508 – بەت؛ ئەلۇسىي: «رۇھۇل مەئانىي»، 16 – ج، 88 – بەت.
12. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (3436)؛ مۇسلىم (2550).
13. ئەينىي: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 16 – ج، 24 – بەت.

 

ئاۋازلىق نۇسخىسى:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ