شېرىكچىلىكتىكى زىياننى كىم قانچىلىك تارتىدۇ؟

شېرىكچىلىكتىكى زىياننى كىم قانچىلىك تارتىدۇ؟

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك ئۇستاز! مەن 2016 – يىلى 5 – ئايدا بىر دوستۇم بىلەن شېرىكلىشىپ دۇكان ئاچقان. دوستۇم 53360 دوللار، مەن 14500 دوللار، جەمئىي 67860 دوللار مەبلەغ سالغان. دوستۇم بۇيەردە بولمىغانلىقى ئۈچۈن دۇكاننى مەن ئاچىدىغان، پايدا – زىياننىڭ ئۈچتىن ئىككىسى ماڭا، ئۈچتىن بىرى دوستۇمغا بولىدىغانغا پۈتۈشكەن. دۇكاننى ئېچىپ بەش ئايدىن كېيىن ئازراق ئىش بىلەن دوستۇمغا دەپ قويۇپ دۇكاننى ئاكام ئېچىپ تۇرىدىغان بولۇپ چەتئەلگە چىقىپ ئۈچ ئايدىن كېيىن قايتىپ كېلىپ دۇكاننى ئۆزەم ئاچتىم . كېيىن تىجارەتتە زىيان چىقىپ دۇكاننى تاقىۋەتتۇق. چىققان زىياننى دېيىشكىنىمىز بويىچە مەن ئۈچتىن ئىككىسىنى تۆلەيدىغان. دوستۇم ئۈچتىن بىرىنى تۆلەيدىغان بولۇپ ئايرىشتۇق. دوستۇمنىڭ ئېشىپ قالغان ئارتۇق پۇلىسى مەندە قەرز قالدى. دېيىشكىنىمىز بويىچە بۇ زىياننى ئىككىمىز ئارىسىدا يۇقىرىدا دېيىلگەندەك ئايرىدۇق. بۇ ئايرىشىمىز شەرىئەتكە ئۇيغۇن بوپتۇمۇ؟ ئەگەر شەرىئەتكە ئۇيغۇن بولمىغان بولسا توغرىسىنى دەپ بەرسىلە. ئاللاھ رازى بولسۇن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

بىر تەرەپ پۇل، يەنە بىر تەرەپ پۇل ۋە كۈچ چىقارغان بۇ شېرىكچىلىكنى ئىككى تەرەپ پۇل ۋە تەڭ كۈچ چىقىرىدىغان شېرىكچىلىك تۈرىگە كىرگۈزسەكمۇ، پايدا چىقسا ئىككى تەرەپ پۈتۈشكەن بويىچە، زىيان چىقسا سالغان سەرمايە بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. بۇنىڭدا بارلىق ئالىملار بىردەك قاراشتا.

ئىمام ئىبنى قۇدامە ئېيتقانكى: «شېرىكچىلىكتىن كېلىپ چىققان زىياننى ھەربىر شېرىك سالغان سەرمايە مىقدارى بويىچە تارتىدۇ، ئەگەر ئىككى شېرىكنىڭ سالغان سەرمايىلىرىنىڭ مىقدارى تەڭمۇتەڭ بولسا، زىياننى ئىككىيلەن تەڭمۇتەڭ تارتىدۇ. ئىككى ئۈلۈشى بىر تەرەپتىن، بىر ئۆلۈشى بىر تەرەپتىن بولسا، زىياننىمۇ شۇ ئۈلۈش بويىچە تارتىدۇ. بۇنىڭدا ئالىملار ئوتتۇرىسىدا باشقىچە قاراش بارلىقىنى بىلمەيمىز. ئىمام ئەبۇ ھەنىفە، شافىئىي ۋە باشقىلار شۇنداق قارايدۇ».(1)

ئىمام ئىبنى ئابىدىن: «زىياننى سالغان سەرمايە مىقدارىدىن پەرقلىق شەرت قىلىشنىڭ ئىناۋەتسىزلىكىدە كۆز قاراش ئوخشاشماسلىقى يوق» دېگەن.(2)

تېخىمۇ ئىنچىكىلەپ قارايدىغان بولساق، سوئالدىكى شېرىكچىلىك بىر تەرەپ پۇل چىقىرىپ، بىر تەرەپ كۈچ چىقىرىدىغان پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكى (مۇزارەبە) دائىرىسىگە كىرىدۇ، چۈنكى دۇكان ئاچقۇچى ئۆزىنىڭ 14500 دوللار پۇلىنى، مەبلەغ سېلىپ كۈچ چىقارمىغان شېرىكتىن ئالغان 53360 دوللارغا قېتىپ تىجارەت قىلغان ۋە ئومۇم پايدا – زىياننىڭ ئىككى ئۈلۈشىنى ئۆزى ئالىدىغانغا، بىر ئۈلۈشىنى شېرىكى ئالىدىغانغا، كېلىشكەن. ئەمدى بۇ كېلىشىم شەرتلىرىنى شەرىئەتتىكى پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكى شەرتلىرىگە تەتبىقلىغىنىمىزدا، بۇ كېلىشىمنىڭ پايدىنى ئۈلۈشۈشتىكى قىسمى شەرىئەتكە ئۇيغۇن، زىياننى ئۈلۈشۈشكە كېلىشكەن قىسمى شەرىئەتكە خىلاپ ۋە ئىناۋەتسىز چىقىدۇ. چۈنكى، بۇ تۈرلۈك شېرىكچىلىكتە پايدا ئىككى تەرەپ كېلىشكەن بويىچە بولىدۇ. ئەمما، زىيان پەقەت پۇل ئىگىسىگىلا بولىدۇ. «زىياننىڭ بىر قىسمىنى كۈچ ئىگىسى تارتىدۇ» دەپ شەرت قىلىپ، كېلىشىم تۈزگەن پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكى بارلىق ئىسلام ئۈممىتىنىڭ ئىجمائسىغا زىت بولغانلىقى ئۈچۈن توغرا بولمايدۇ.(3)

دېمەك، كۈچ چىقارغۇچى 14500 دوللىرىنىڭ زىيىنىنى تارتىدۇ. ھەرگىزمۇ 53360 دوللارغا ئالاقىدار زىياننىڭ بىر قىسمىنى تارتمايدۇ.

بۇنىڭغا ئاساسەن، مەزكۇر سوئالدا بايان قىلىنغان شېرىكچىلىك ئەھۋالىدا زىياننى ھەربىر شېرىكنىڭ سالغان مەبلەغ پىرسەنتىدىن ئاز ياكى كۆپ تارتىش ھەققىدىكى بۇرۇنقى شەرت ئىناۋەتسىز بولۇپ، زىيان ھەربىر شېرىك سالغان سەرمايىنىڭ پىرسەنتى بويىچە بولىدۇ. يەنى دۇكان ئاچقۇچى ئۆزىنىڭ 14500 دوللىرىنىڭ زىيىنىنى، مەبلەغ سېلىپ كۈچ چىقارمىغان شېرىك 53360 دوللىرىنىڭ زىيىنىنى تارتىدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1440، 11 – مۇھەررەم / م. 2018، 21 – سېنتەبىر

———————–
1. ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 5/22.
2. ئىبنى ئابىدىن: «راددۇل مۇھتار»، 4/305.
3. ئىبنى رۇشد: «بىدايەتۇل مۇجتەھىد»، 2/226؛ ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 5/184؛ ئىبنى ئابىدىن: «مېنھەتۇل خالىق / منحة الخالق على البحر الرائق»، 8/282؛ ئىبنى ھەزم: «ئەلمۇھەللا»، 9/247؛ دوكتور زۇھەيلىي: «ئەلفىقھۇل ئىسلامىي ۋە ئەدىللەتۇھۇ»، 4/837.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ